مېنىڭ بوۋام

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-10-07 18:14:55

مېنىڭ بوۋام ھېكايە مەن كىچىك ۋاقتىمدا چوڭ بولسام «ئۇنداق بولىمەن، بۇنداق بولىمەن» دەيتتىم. چوڭلارنىڭ مەندىن چوڭ بولغاندا نېمە ئىش قىلىش ۋە نېمە بولۇش توغرىسىدىكى سوئاللىرى دائىم دېگۈدەك سور...

    مېنىڭ بوۋام

              ھېكايە  

         

          مەن كىچىك ۋاقتىمدا چوڭ بولسام «ئۇنداق بولىمەن، بۇنداق بولىمەن» دەيتتىم. چوڭلارنىڭ مەندىن چوڭ بولغاندا نېمە ئىش قىلىش ۋە نېمە بولۇش توغرىسىدىكى سوئاللىرى دائىم دېگۈدەك سورىلىپ تۇراتتى. 
       - چوڭ بولساڭ نېمە بولىسەن، بالام؟ - سوراپ قالدى بوۋام. بۇ دادامنىڭ دادىسى بولۇپ يېشى   90 لاردىن ئاشقانىدى. ئۇ ئەينى ۋاقىتلاردا دارىلمۇئەللىمىندە ئوقۇتقۇچى بولغان بولۇپ، تەتۈر قۇيۇننىڭ زەربىسى بىلەن يېزىغا پالانغان. كېيىن دادام چوڭ بولۇپ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ، شەھەردە خىزمەت تېپىپ قالغانىكەن. بۇ چاغلاردا مومامنىڭ سالامەتلىكى ئانچە ياخشى ئەمەس بولۇپ، دادام شەھەردە خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىللەردە مومام ۋاپات بولۇپ كەتكەن ئىكەن. دادام مومامنىڭ يەتتىسىدىن كېيىن بوۋامنى شەھەرگە قايتۇرۇپ ئەكەلگەنىكەن.
       - ئالىم بولىمەن، بوۋا! - دېدىم جاراڭلىق ئاۋازدا.
         بوۋام ئېغىر خۇرسىنىپ قويدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن بىرخىل خۇشاللىق چىقىپ تۇرسىمۇ، ئەمما يەنىلا سۆزۈمگە قايىل بولمىغاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ ئالدىدا بۇنداق سوئال سورىغاندا مېنىڭ جاۋابىمنى ئاڭلاپ، «چوقۇم شۇنداق بولىسەن، سەن مېنىڭ ئۈمىدىم، بالام!» دەيىتتى.
       - بوۋا، سەن مېنىڭ ئالىم بولالايدىغانلىقىمغا ئىشەنمەمسەن؟ - سورىدىم مەن خىيالغا پاتقان بوۋامدىن.
       - ئىشەنمەمدىغان بالام، ساڭا ئىشىنىمەن. ئەمما سەندىن ئەنسىرەيمەن.
         مەن بوۋامنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ تېڭىرقىغىنىمچە ئولتۇرۇپ قالدىم. كاللامدا قانداقتۇر بىر خىيال ئۇچۇپ يۈرەتتى. مەنمۇ ئۆزۈمدىن سەل ئەنسىرەۋاتقاندەك، ئالىم بولۇشقا ئىشەنچىم يوقتەك ھىس قىلماقتا ئىدىم.
       - دادا، كىچىك بالىنىڭ روھىنى چۈشۈرىدىغان گەپ قىلمىساڭچۇ؟ - دېدى يان تەرەپتە تورت قېپىنىڭ ئاغزىنى ئېچىۋاتقان دادام،- مەن ھاياتلا بولىدىكەنمەن، ئۇنى نەگە دېسە شۇ يەرگىچە ئوقۇتىمەن، ئۇ جەزمەن داڭلىق بىر ئالىم بولالايدۇ.
       - سىز دائىم بۇ بالىغا يان باسىسىز،- دېدى تەخسە كۆتۈرۈپ كەلگەن ئاپام،- بوۋىسىنىڭ ئويلىغىنى باردۇ. سىز بىلەن مەن قايسى كەمنىڭ بالىلىرى، بىلەمسىز؟ سىز بىلەن مەن چوڭ قازاننىڭ تامىقىنى يەپ باقمىغان. نۇرغۇن ئىشلارنى چۈشەنمەيسىز. قىينئاتام بولسا، نۇرغۇن جەبر – جاپالارنى تارتقان، ئاچچىق  -چۈچۈك كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن. سىز قيىنئاتىمىزنى يېزىدىن ئۆيىمىزگە ئەكىلىۋالغاندىن بېرى، ھەر قېتىم پىكىرىگە تىرىق چىقىرىپلا كەلدىڭىز. قىينئاتىمىزنىڭ ئويلىغىنى باردە!
         مەن ئاپامنىڭ پىكىرىنى توغرا تاپتىم ۋە بوۋامنىڭ ئويچان كۆزلىرىگە تىكىلدىم.
       - بوۋا، قېنى دەڭە، سىز نېمە ئۈچۈن مەندىن ئەنسىرەيسىز؟
       - بالام، سەن تېخى كىچىك. سەن ھازىر ئۆي، جەمئىيەت، مەكتەپ ئارىسىدىلا يۈرۈيسەن. ھەقىقىي رىئال دۇنيانى چۈشەنمەيسەن، ساڭا مەن، داداڭ، ئاپاڭ مۇنداق كۆيۈنگەن بىلەن جەمئىيەت ئۇنداق مۇئامىلە قىلمايدۇ. تۇرمۇشتا قانداق ياشىشىڭ، قانداق كەسىپنى تاللىشىڭ، قانداق ئادەم بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشىڭ - پۈتۈنلەي ئۆزۈڭنىڭ ئىلكىدىكى ئىش.
        سەن ھەربىر قەدەمنى ناھايىتى ئويلىنىپ باسمىساڭ، خەتەردىن قۇتۇلمىقىڭ تەس. بۇ جەھەتتە سەندە مۇقىم بىر روھىي ھالەت بولۇشى زۆرۈر.
       - بوۋا، بۇنداق روھىي ھالەتنى قانداق شەكىللەندۈرىمەن؟ دەپ سورىدىم بوۋامنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ.
       - چوڭلارنىڭ سۆزىنى زېھىن قويۇپ ئاڭلا، نىمانداق بوۋاڭنىڭ سۆزىنى بۆلىسەن؟ - دېدى ئاپام ماڭا مۇلايىملىق بىلەن.
       - سورىسا ئۆزىنىڭ بوۋىسىدىن سورىدى، كىچىك بالىنىڭ شۇنداق سوراپ تۇرغىنى ياخشى، سەن ئارىلاشما -، دېدى دادام ئاپامغا ئالىيىپ -، ماڭ سەن كىرىپ سەيلەرنى ئۇسسۇپ چىق!
       - بولدى قىلىڭلارچۇ؟ دېدىم مەن ، - بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم، مۇشۇ كۈنۈمدە بولسىمۇ سوقۇشماڭلار، بوۋامنىڭ قورۇنۇپ ئولتۇرغىنىنى كۆرمىدىڭلارمۇ؟
       - دادا، كۆڭلۈڭگە ئالمىغانسەن، ھە! - دېدى دادام بوۋامغا، - مېنىڭ مىجەزىمنى دادام ئوبدان بلىدۇ. شۇڭا دادام مەندىن خاپا بولمايدۇ.
       - دادا، بىلەمسەن؟ ئادەم ياشانغاندا كۆڭلى بەك نازۇك بولىدىكەن، ئۇنداق گەپ قىلساڭ ئەلۋەتتە بوۋامنىڭ كۆڭلىگە كېلىدۇ. گەپ قىلغاندا ئويلىنىپراپ، سەل بوشراق ئاۋازدا قىلساڭمۇ بولىدىغۇ؟ - دېدىم دادامغا تەلمۈرۈپ تۇرۇپ.
       - مانا، منىڭ ئوغلۇم! ئەقىلگە كىرىۋاتىدۇ! سەن جەزمەن ئالىم بولسىەن، بالام! بىزمۇ ئېسىل ئۆيلەرگە كۆچىمىز.
    بوۋا، سۆزىڭىزنى بۆلۈپ قويدۇم، خاپا بولماڭ.
       - ياق بالام، خاپا بولمىدىم، سېنىڭ شۇنداق سوئال سورىشىنىڭى ياخشى كۆرىمەن. چۈنكى ئەجداتلىرىمىز «سورا، سورا، بىلىم ئاپتۇ، ئۇيالغان كېيىن قاپتۇ » دەپ توغرا ئېيتىقان.
    مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم، مەن نۇرغۇنلىغان ئالىملارنى كۆردۈم ھەم كۆرۈپ تۇرۇۋاتىمەن. نۇرغۇنلىرى  ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئىلىم تەھسىل قىلىپ، شۇ يەردىلا خىزمەت قىلىپ قالدى. دېمەك تۇخۇمنى بىز تۇغساق، خەق ئۇنىڭدىن تۇخۇم ئالدى دېگەن گەپ. نېمىشقا قايتىپ كەلمەيدۇ؟ مۇشۇنداق بىچارە ھالىتىمىزنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۇ يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىشى كېرەك ئىدى. چۈنكى خەقلا ئەمەس بىزمۇ ئۇنداق ئالىملىرىمىزغا ئېھتىياجلقتە!
         شۇنى ئېسىڭدە مەھكەم تۇتۇشۇك كېرەككى، بىر ئادەمگە ئالىملىقتىن ئادىمىيلىق مىڭ ئەۋزەلدۇر. ئالىم بولۇش مۇھىم، ئەمما يۈكسەك  ئادىمىلىككە ئىگە بولغان ئالىم بولۇش ھەممىدىن مۇھىم، بالام، ئەمدى سۆزۈمنى چۈشەنگەنسەن!
       - چۈشەندىم، بوۋا! مەن ئەمدى قانداق قىلىشنى ئازراق بىلگەندەك بولدۇم، قەلبىمدە بىر نىشان پەيدا بولدى.
       - دادا، كىچىك بالىغا ئادەم چۈشەنگۈسىز گەپلەرنى قىلماي، چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ ھېكايىسدەك قىززىقارلىق نەرسىلەرنى دەپ بەرسەڭ بولمامدۇ؟ ئادەم ئاڭلىسىمۇ خۇشياقمايدىكەن.
       - ساڭا بۇ گەپلەر خۇشياقمايدۇ-، دېدى بوۋام تەمكىنلىك بىلەن، - ئەمما سەن بۇ نەۋەرەمگە خۇشياقىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن. مەن بۇ گەپلەرنى ھازىر دەپ قويمىسام، كېيىنچە مېنىڭ قەبرەمنى ئاچساڭمۇ بۇنداق گەپلەر چىقمايدۇ. شۇڭا بالا تەربىيىلەشتە ئازراق ئېپىڭ بولسۇن. سەن كىچىكىڭدە قېشىمدا كۆپ تۇرمىغاچقا باشقىلا بىر ئادەم بولۇپ قالدىڭ. ئەمدى ساڭا ئەقىل ئۆگىتىشنىڭ ئورنى يوق، سەنمۇ بىر ئادەم، ئىشنىڭ يولىنى ئاز - تولا ئۇقىسەن. بىلەمسەن؟ بىز چۆچەك ئىچىدە ياشاپ كەلگىلى قانچە ئۇزاق بولدى؟ ئەمدى رىئاللىققا قايىتمىساق، رىئاللىق بىزنى يۈتۈۋېتىدۇ.
           مەن بوۋامنىڭ سۆزلىرىنىڭ تېگىگە يەتكەندەك بولۇپ، بوۋامنىڭ داق باشقان يىرىك قوللىرىنى سۆيدۈم. دادام بولسا قولىدىكى قايسى بىر گېزىتنى ئوقۇپ يەنىلا ئۆزىنىڭ ئىشى بىلەن ئولتۇراتتى. سەل ئۆتكەندىن كېيىن قورۇمىلار ھازىر بولدى. ھەممىمىز قورۇمىلارغا ئېغىز تېگىشتۇق .
           مانا، ھازىر بوۋامنىڭ ۋاپات بولۇپ كەتكىنىگىمۇ 10 نەچچە يىللار بولاي دەپ قاپتۇ. مەنمۇ چوڭ بولدۇم. ئەقىل جەھەتتە ئاق - قارىنى بىلگۈدەك، ئوڭ - سولۇمنى ئايرىغۇدەك بولدۇم. ھازىرقى تەسەۋۋۇرۇمدا  بوۋامنى قىياس قىلىپ باقسام، ھەقىقەتەن ئاقىل كىشى ئىكەن.

     

    ئۇيغۇر تېكىن بلوگىدىن ئېلىنىدى

     


     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مېنىڭ بوۋام ھېكايە ئۇ