گۇناھ-18(ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-09 06:32:57

گۇناھ(18)ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد  ئوغلى قوي توسۇپ يۈرۈپ، يۈگۈرۈشكە ماھىر بولۇپ كەتكەچكە، قۇيۇندەك چېپىپ بېرىپ دەرۋازىنى تاقاپ ئىلمەك سېلىۋالدى. ھىدايەت قارى چىقىش يولىنى توسۇپ قويغان، مۇناپىق ئا...



    گۇناھ(18)
    ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد

     


     ئوغلى قوي توسۇپ يۈرۈپ، يۈگۈرۈشكە ماھىر بولۇپ كەتكەچكە، قۇيۇندەك چېپىپ بېرىپ دەرۋازىنى تاقاپ ئىلمەك سېلىۋالدى. ھىدايەت قارى چىقىش يولىنى توسۇپ قويغان، مۇناپىق ئاتىسىنى مۇت دورىغان، ھەممە ئىشنى بۇزغان بۇ ھاكاۋۇر شۇمنىڭ ئوساللىقىدىن قاتتىق غەزەپلەندى، ئويلىغان مەقسەتكە يېتەلمىگەننىڭ ئۈستىگە”ئوغرى“ دېگەن بۇ ئىنتايىن سەت ھەم قورقۇنچلۇق ئاتاققا قېلىشتىن دەھشەت قورقتى؛ قەلبى ئۆچمەنلىككە تولدى ھەم ئىككىلەنمەيلا تۆمۈر ئارىنى ئۇنىڭغا شىلتىپ كەلدى.”ئوغرى“دىن قورقۇپ كەتكەن چوڭ ئوغۇل ئۆزىنى قاچۇردى، ئەمما ئاپىسى ئارقىدىن ئالۋاستىدەك بەھەيۋەت، پالۋاندەك غەيۇر قىياپەتتە”ئوغرى“نى تىللىغىنىچە ئېتىلىپ كېلىۋاتاتتى:

     


      — قاچىمەن دېمە، قېچىپ باقە قېنى، قېچىپ قۇتۇلغىنىڭنى بىر كۆرەي، خەلقى ئالەم ئالدىدا رەسۋا بولمىغىنىڭنى بىر كۆرەي! ھەي نىياز، چاققان كېلىڭلا، ما ئوغرى قاچاي دەۋاتىدۇ، قېچىپ نەگە بارالايدىكىن قېنى، بىر كۆرۈپ باقايلى! ھەي خالايىق، كۆردۈڭلارمۇ ما پىستەك ئوغرىنى، يۈزىنى ياغلىقتا ئېتىۋاپتۇ تېخى، ھازىرلا يۈزىنى ئېچىپ رەسۋا قىلىۋېتىمەن، بەك سەت رەسۋا قىلىۋېتىمەن! قاچقانغا تويىدۇ ھېلى، يۈزىنى نەدە كۆتۈرۈپ يۈرۈيدىكىن بۇ پىستەك ئوغرى! ۋوي رەسۋا ئوغرى! ئوڭلاپ بىر نان تېپىپ يېيەلمەي خەقنىڭ ئۆيىگە چۈشكەن نومۇسسىز ئوغرى! ئوغرىلىق قىلغۇچە دىۋانىلىق قىلساڭمۇ بىر نان بېرىمىز ھەي ئوغرى، ئالىدىغان نەرسە تاپالماي ئارىنى كۆتۈرۈپ ماڭدىڭمۇ ئوغرى، قويە ئارىنى، چىرايلىقچە قوي!...زەھەرلىك يىلاندەك قوغلاپ كېلىۋاتقان بۇ جاۋىلداق ئايالنىڭ زۇۋانى ھىدايەت قارىغا بەئەينى جىن-ئالۋاستىنىڭ چىقىراشلىرىدەك ئاڭلاندى، يالغان جىن-ئالۋاستى بولىمەن دەپ رەسمى ئالۋاستىغا يولۇققان ھىدايەت قارىغا ”ئوغرى“ دېگەن بۇ زەھەرلىك گەپ نەشتەردەك سانچىلىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى دەھشەت مۇزلىتىۋەتتى. ئۇ نىيازنىڭ ھويلىسىغا كىرگىنىگە ئىچىدە قاتتىق پۇشايمان قىلىپ دات-پەرياد چېكىۋاتقان، بۇ ئويۇننى ھېچكىمگە ئۇقتۇرمايلا يىغىشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان، پەرۋەردىگارىغا ئىچ-ئىچىدىن تۆۋە قىلىۋاتقان بولسىمۇ ئەمدى كېچىككەنىدى؛ بۇ ھويلىغا دوزاخقا سولانغاندەك سولىنىپ، ھېچبىر نىجادلىق يولى تاپالمايۋاتاتتى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ يۈرىكى ئاچچىق زەرداپ بولۇپ ئېرىۋاتاتتى، جاھاندىكى بارلىق گۈزەل، قەدىرلىك نەرسىلەر بالىلىق قەلبىدىن يوقىلىپ كېتىۋاتاتتى، نىيازنىڭ خوتۇنى بولسا بەئەينى ئىبلىس، ئۇنى جەھەننەمدىكى قان-يىرىڭغا ئىتتىرىدىغان ياۋۇز ئىبلىس، ئۇنى ئۆز چاڭگىلىدىن قويۇپ بەرمەيۋاتقان يامان ئالۋاستى— يىرگىنىشلىك ۋە قورقۇنچلۇق ئادىمىي ئالۋاستى بولۇپ كۆرۈنۈۋاتاتتى. دەل مۇشۇنداق ئەھۋالدا ھىدايەت قارى ئۆزىنىڭ تەقدىر پېشانىسىگە پۈتۈلگەن بۇ يامان قىسمەتنى ئاللاھنىڭ ھەق ئىرادىسى بىلەن ئۆزگەرتىش نىيىتىگە كەلدى. ئۆزىنىڭ قىلدەك مەنپەئەتىنى پىلدەك چوڭ بىلىدىغان بۇ جاھىل، جاۋىلداق ئايال ئۆمرىدە گويا ئوغرى كۆرۈپ باقمىغاندەك، ئۆمرىدە بىر قېتىم ئوغرى تۇتىۋېلىشنى شەرەپ ھېسابلايدىغاندەك، ئېرىگە ۋە مەھەللە كويغا ئۆزىنىڭ بوش ئايال ئەمەسلىكىنى كۆز-كۆز قىلىدىغاندەك ئەلپازدا ھىدايەت قارىنى قىسماققا ئېلىۋالغانىدى، ئەقلىدىن ئېزىپ ساراڭغىلا ئايلانغانىدى. ساق ئادەمنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدا ئەسەبىيىلىشىش ھەم ساراڭ بولۇش ئىستىكى دائىم قوزغۇلۇپ تۇرسا كېرەك، ئۇنىڭ بۇ”پىستە ئوغرى“نىڭ جامالىنى كۆرۈشكە ئىنتىلىشى ئاشكارە مەنپەئەتپەرەسلىكتىن ھەم يوشۇرۇن ساراڭلىقتىن ئىدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.