رەھمەت، ئەزىزلىرىم (ھېكايە)

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-16 17:00:22

ئاپتوبۇسقا چىقىشىم بىلەنلا مۇئەززەمگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، ئۇ جەينىكىنى دېرىزىگە قويغىنىچە خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتى. بېشىدا رەڭگى ئۆچكەن سارغۇچ ياغلىق، ئۇچىسىدا ئاددىيغىنا تىكىلگەن كۆينەك كىيىپ، چېچىنى مۇنداقلا قىلىپ كەينىگە تاشلىۋالغانىدى. مەن مۇئەززەمنى

    رەھمەت، ئەزىزلىرىم

    \

    ئاپتوبۇسقا چىقىشىم بىلەنلا مۇئەززەمگە كۆزۈم چۈشۈپ قالدى، ئۇ جەينىكىنى دېرىزىگە قويغىنىچە خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتى. بېشىدا رەڭگى ئۆچكەن سارغۇچ ياغلىق، ئۇچىسىدا ئاددىيغىنا تىكىلگەن كۆينەك كىيىپ، چېچىنى مۇنداقلا قىلىپ كەينىگە تاشلىۋالغانىدى. مەن مۇئەززەمنى بۇنداق ھالەتتە پەقەتلا كۆرۈپ باقمىغانىدىم. ئۇ ئوقۇغۇچى ۋاقىتلىرىمىزدا، قىزلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ چىرايلىقى ئىدى، ئەڭ مودا كىيىملەرنى كىيەتتى. چېچىنى بولسا بىر كۈندە نەچچە پاسوندا ياساپ يۈرەتتى. ئون نەچچە خىل سومكىلىرى بار ئىدى. كۈندە بىر سومكا ئاساتتى. ھازىر ئۇ، ئۈستىگە قەغەز يېپىپ، يىپ بىلەن باغلانغان، ئالما سېلىنغان سېۋەتنى تىزىغا قويۇپ ئولتۇراتتى. مۇئەززەم مانا بۇ ھالدىمۇ يەنىلا شۇنداق چىرايلىق ئىدى.

    ئۇنىڭ يېنىغا بېرىش-بارماسلىقنى بىلەلمەي، ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدىم. ئۇنى كۆرمىگىلى ئىككى يىلدىن ئاشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدا ئۇ مېنى ياقتۇرمايتتى. شۇ چاغلاردا ھەر ئىشلار يۈز بەرگەنىدى، بۇ ئىشلارنى ھازىر ئويلىساممۇ، بەدىنىمدىن سوغۇق تەر چىقىپ كېتىدۇ. سىنىپىمىزدىكى ئوغۇللار ئىچىدە مۇئەززەمگە كۆيمىگەن ئوغۇللار يوق دېسەم ھەرگىز مۇبالىغە ئەمەس. مەن بولسام مۇئەززەمگە ھەرقاندىقىدىن بەكرەك كۆيەتتىم. ساقىلىمنى كۈندە ئېلىپ، تولا يۇيۇپ رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن بۇرۇلكامغا دەزمال سېلىپ قاتۇرۇپ يۈرەتتىم. ئەمما مۇئەززەم ماڭا قاراپمۇ قويمايتتى. مەن بولسام ئۇنىڭ ئەتراپىدا تولا ئايلىنىپ پەرۋانە ئىدىم. كېيىن بىلسەم، ئۇ سىنىپىمىزدىكى ئەسكەرلىككە ئۆتكەن ئادىل ئىسىملىك بىر بالا بىلەن كىنولارغا بېرىپ يۈرۈپتۇ. چەكسىز ھاڭغا چۈشۈپ كەتكەندەك بولدۇم. بۇنداق ياشاشنىڭ نېمە مەنىسى بولسۇن دەپ ئۆزۈمگە پىچاق تىقىپلا ئۆلىۋالماقچىمۇ بولدۇم. شۇنداقتىمۇ ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدىم ۋە كۈچ-قۇۋۋىتىمنى يىغىپ، ئۇنىڭ ياتىقىغا كىردىم-دە، بېلىكىدىن تارتىپ تۇرۇپ:

    -مۇئەززەم، سىزنى ياخشى كۆرىمەن، سىزسىز ياشىيالمايمەن.- دېدىم. ئۇ مەنسىتمىگەندەك كۈلۈپ قويدى:

    -مەن بولمىساممۇ ياشاۋېرىسىز، خۇددى بۇرۇنقىدەك بىمالال ياشاۋېرىسىز،-دېدى ئۇ كۆزلىرىنى چىمچىقلىتىپمۇ قويماستىن.

    -ئۆزۈمنى ئۆلتۈرىۋالىمەن،- دېدىم، بۇ گەپنى ئۆز-ئۆزۈمگە پىچىرلاپ دېدىممۇ، ياكى ۋارقىراپ دېدىممۇ بىلمەيمەن، ئېسىمدە يوق. مۇئەززەم بۇ گېپىمگە يەنە كۈلدى:

    -ئۇنداق قىلمايسىز، جان دېگەن تاتلىق نەرسە. ئەگەر راستلا ئۆلىۋالىمەن دېسىڭىز، تەنتەربىيە زالىدا ئارغامچا بار، شۇ يەردە ئۆلىۋالسىڭىز قولايلىق!

    كۆزۈمگە قىزىللىق تىقىلدى. ياتاق ئىشىكىنى جاقىلدىتىپ ياپتىم-دە، تەنتەربىيە زالىغا يۈگۈردۈم. راست دېگەندەك، بۇ يەردە ئارغامچا بار ئىكەن. ئارغامچىنى قولۇمغا ئېلىپ، باغلىغۇدەك يەرنى ئىزدەۋاتقىنىمدا ھۇشىمغا كەلگەندەك بولدۇم. راستتە، ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۋالسامغۇ ئۆلتۈرۋالارمەن، ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟ نېمە بولماقچىتى؟ ئېسىلىپ ئۆلىۋالغىنىمنى ئاڭلىغانلار، كۆرگەنلەر مېنى «تازا ئەخمەق نېمىكەن» دەرمۇ؟ ئەلۋەتتە شۇنداق دەيدۇ-دە! ھىم، مۇشۇ قىلغىنىڭغا بولسىمۇ ساڭا كۆرسىتىپ قويىمەن، مۇئەززەم! ئەمما قانداق كۆرسىتىپ قويىمەن. ئۇيان ئويلاپ-بۇيان ئويلاپ ئوبدان چارە تاپالمىدىم. ئوقۇشلار تۈگەپ، ھەممىمىز ھەر ياقلارغا چېچىلىپ كەتتۇق، ئەمما مەن ئۇنىڭغا ھېچنىمىنى كۆرسىتىپ قويالمىدىم. دوستلىرىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭغا كۆرۈنمەي يۈرگەن كۈنلىرىمدە، مۇئەززەم مېنى ئۇلاردىن سۈرۈشتۈرۈپتۇ. ئۇلار، كۆرمىدۇق دېسە، «ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن، ياخشى بالا ئىدى ئۇ...» دەپ كۈلۈپ كېتىپتىمىش. بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغىنىمدا راستلا ئۆلگەندەك بولدۇم. مانا بۇ گەپلەر بولۇپ ئۆتكىنىگىمۇ بىردەمدىلا ئىككى يىل بوپتۇ، قارىمامسىز، بۇيىللارنىڭ بەرىكەتسىزلىكىنى!

    مانا، مۇئەززەم بىلەن بىر ئاپتوبۇستا ئولتۇرۇۋېتىپتىمىز. ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئالىپتە ھاللەتلىرىدىن ئەسەر قالمىغاندەك كۆرۈنەتتى. نېمە بولغاندۇ مۇشۇنچىۋالا بولۇپ كەتكۈدەك؟ نېمە سەۋەب بۇ ئېسىلزادە قىزنى بۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدىكىنە؟! يا بولمىسا، توي قىلغان يولدىشى ئەسكى ئادەم چىقىپ قالغانمىكىنە؟ شۇنچىۋالا نەرسىلەرنى نەگە ئېلىپ ماڭدىكىنە؟

    \

    پەقەت سەۋر قىلالمىدىم. بۇرۇنقى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى قايرىپ قۇيۇپ، ئۇنىڭ ئۇدۇلىغا بېرىپ ئولتۇردۇم. ئۇ مېنى كۆرۈپلا، خۇددى يوقىتىپ قويغىلى ئۇزۇن بولغان نەرسىسىنى تېپىۋالغان كىشىدەك كۆزلىرى چاقناپ كەتتى. شۇ زامات كۆڭلۈمدىن مۇنداق بىر غەلىتە ئوي غەلت قىلىپ ئۆتتى، ئۇنىڭ بۇ قاراشلىرىنى ئۆزۈمچە، نېمىدەپ سىزگە تەگمىدىم. سىزگە تەككەن بولسام بۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماس بولغۇيتتىم، دەپ چۈشەنگەندەك بولدۇم. ئۇنىڭ بىلەن شۇنداق كۆرۈشتۇق، ھال-مۇڭ سوراشتۇق. مېنىڭ ئىشلىرىمنى سورىدى، ئۆيلەنگىنىمنى، ئايالىمنىڭ دوختۇر ئىكەنلىكىنى ئېيتتىم. ئۇ بىلىنەر-بىلىنمەس كۈلۈپ قويغاندەك بىر ئىپادىدە ئولتۇراتتى. مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۇئال سورىمىدىم. سورىساممۇ نېمىنى سورايتتىم. ئۇنىڭدىن ھەممىنى كۆرۈپ تۇرۇپتىمەنغۇ مانا! تۇرمۇشىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى، ئەردىن بەختسىز بولغانلىقى ئۈستىدىكى كىيىم-كېچىكىدىن، رەڭگى-رويىدىن بىلىنىپ تۇرۇپتۇ.

    ئاپتوبۇستىن تەڭ چۈشتۇق. بېكەتتە شوپۇرۇم مېنى ساقلاپ تۇرغانىكەن، ئۇنى يېلى يوق ماشىنىنى ھەيدەپسەن دەپ تازا تىللىدىم، ئۇ چاقتا يەل تۇرماس بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئەيىبلەپ تىللاۋەردىم. مۇئەززەمگە ئۆزۈمنىڭ كىملىگىنى كۆرسىتىپ قۇيۇش ئۈچۈن قەستەن شۇنداق قىلدىم. ماشىنىغا چىقىپ بولۇپ، دېرىزىدىن قولۇمنى سۇنۇپ مۇئەززەم بىلەن خوشلاشماقچى بولغانىدىم، ئۇ، گېپىم بار، كەتمەي تۇرۇپ دەپ قالدى.

    ئاھا، دېدىم ئىچىمدە، ماڭا قىلغان ئازابلىرىڭنىڭ قەرزىنى تۆلىمەكچىمۇ سەن، دەپ ئويلاپ ئۆزۈمچە سۆيۈنۈپ كەتتىم.

    -سىزنى ئۇچرىتىپ قالغىنىم ياخشى بولدى، يۈرۈڭ، مەن بىلەن بىر يەرگە بېرىشىپ بېرىڭ، شوپۇرىڭىز كېتىۋەرسۇنمۇ؟

    ماقۇل بولدۇم. ئىككىيلەن پىيادە ماڭدۇق.

    -يولدىن قالدۇرغىنىم ئۈچۈن خاپا بولماڭ. سىزنى مەن بىلەن بىللە بېرىپ ئادىلجاننى كۆرۈپ كەلسۇن، دەپ شۇنداق قىلدىم.

    پۇتلۇرۇم قەدەم ئېلىشتىن توختاپ قالدى، ئاشۇ دۈشمەندەك كۆرىدىغان ئادىلنىڭ ئالدىغا مۇشۇ پۇتلىرىم بىلەن مېڭىپ ئۆزۈم بارامدىم؟ كاللامنى ئېلىۋېتىدىغان ئىش بولسىمۇ بارماسمەن.

    -يۈرۈڭ، مېڭىۋېرىڭ، ئۇ سىزنى كۆرسە چوقۇم خۇش بولىدۇ

    ئۇ قولۇمنى تۇتۇپ تارتتى. ئىختىيارسىز ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مېڭىپ كەتتىم. خېلى يەرگىچە گەپ قىلىشماي ماڭدۇق. مۇئەززەم يول بويىدىكى تال نوتىلىرىدىن يۇپۇرماقلارنى سېرىغىنىچە، مەيۇس ئاھاڭدا گەپ باشلىدى:

    -بىلىمەن، مەندىن خاپا سىز. ئادىلجاننى تېخىمۇ كۆرەرگە كۆزىڭىز يوق. ھېچ بولمىسا بىرگە ئوقۇغىنىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىڭ. بىلسىڭىز، سىزنى ھېلىھەم ئۇنچە خالاپ كەتمەيمەن. سۆزۈمدىن رەنجىمەڭ. ئەمما كۆڭۈل خالىمىغانلىكى ھەممە ئادەم دۈشمەن بولىۋەرمەيدىغۇ؟!

    ھەيران بولدۇم، بۇ زادى نېمە قىلماقچى، نېمە دېمەكچى؟ شۇنداق چۈشىنىكسىز خىياللار بىلەن بىردەمدىلا شەھەرلىك دوختۇرخانىنىڭ ئالدىغا كېلىپ قاپتۇق.

    -مۇشۇ يەردە سەل ساقلاپ تۇرۇڭ، بىردەمدىلا چىقىمەن.

    ئۇ شۇنداق دەپلا، دوختۇرخانا دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەتتى. خېلى ۋاقىتقىچە چىقمىدى، ئۇنى ساقلاپ تۇرۇپ زېرىكىپ كەتتىم. بۇ يەردە نېمە قىلىپ يۈرۈيمەن، نېمىگە ساقلاۋاتىمەن، دەپ ئۆزۈمگە سۇئال قويماقتىمەن. مېنى خالىمايدىغان ئادەمنىڭ كەينىدىن نېمىدەپ ئەگىشىپ بۇ يەرگە كەلدىم مەن؟ كېتەيمۇ؟ مۇشۇلارنى ئويلىغاچ كاللامدا مۇئەززەمنىڭ مېنى خارلىغانلىرى كۆز ئالدىمدىن نېرى كەتمىدى. كېتەي دەپ تۇرۇشۇمغا، مۇئەززەم چىقىپ قالدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى قىزارغان، بېشىدىكى ياغلىقى سېيرىلىپ مۆرىسىگە چۈشۈپ قالغانىدى. ئۇ يېنىمغا كېلىپ نېمىلەرنىدۇر دېمەكچى بولدىيۇ، گېپىنى دەپ بولالمايلا ھۆركۈرەپ يىغلاپ تاشلىدى. نېمە دېيىشىمنى، نېمە قىلىشىمنى بىلمەي ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدىم. بايا ئادىلنىڭ يېنىغا ئېلىپ بارىمەن دېگەنىدى، دېمەك، ئادىل دوختۇرخانىدا. نېمە بولغاندۇ؟ سالامەتمىدۇ-يا؟ ئادىلنىڭ بەدىنىدە پارتىلىغان  بومبىنىڭ پارچىسى بار، دەپ يۈرۈيتتى بالىلار. شۇنىڭ دەردىمىدۇ-يا؟

    -كەتمەكچىمىدىڭىز؟ كەتمەڭ!- دېدى مۇئەززەم يېلىنگە ئاھاڭدا،- كېتىپ قالسىڭىز ماڭا كىم ياردەم قىلىدۇ؟

    -نېمە بولدى؟ قېنى دەڭە!

    مۇئەززەم ئېسەدىدى، لىق ياشقا تولغان چولپان كۆزلىرى بىلەن ماڭا قارىدى.

    -ئەتە ئادىلجاننىڭ پۇتىنى كەسمەكچى!

    تىترەپ كەتتىم. بۈگۈن مۇئەززەمنى كۆرگەن ۋاقىتتىن باشلاپ كاللامغا كەلگەن قىساس ئېلىش نىيىتىم، ماختىنىش، ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى كۆرسىتىپ قۇيۇش نىيەتلىرىم بىردىن نەلەرگىدۇر ئۇچۇپ كەتتى. قەلبىمگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان بايامقى تۇيغۇلارنىڭ ئورنىنى مېھرى-شەپقەت، ئادىمىيلىك، كۆيۈمچانلىق تۇيغۇلىرى ئىگىلىدى.

    -ئۇنىڭ يېنىغا كىرىڭ، ھال سوراڭ، دەردىگە دەرمان بولۇڭ، ساۋاقدىشىنى كۆرۈپ تېنىگە ئازراق بولسىمۇ كۈچ كىرسۇن، ياق دېمەڭ!

    ئەگەر مېنىڭ بىر كۆرۈشۈشۈم، يېنىدا بىردەم تۇرۇشۇم ئۆلۈمنى يېڭىپ قالالايدىغان ئىش بولسا، مەن يەنە ياق دېسەم ئادەم بولامدىم؟

    \

    دوختۇرلار مېنى ئادىلنىڭ يېنىغا كىرگۈزۈشمىدى. چارچىدى، ئوپېراتسىيە ئالدىدا ئارام ئېلىشى كېرەك، دېيىشتى. بىر يەردە ئولتۇرۇپ خەت يازدىم. قىزىق-قىزىق پاراڭلارنى يازدىم. ئۇنۋېرسىتېتتا قىلىشقان شۇ كۈلكىلىك ئىشلىرىمىزنى، شۇ چاغلاردا ياتاق-ياتاقتىن يىغىلىپ ئولتۇرۇپ ئېيتىشىدىغان قىزىق يۇمۇرلىرىمىزنى يازدىم. خەتنىڭ ئاستىغا ئىمزايىمنى قويدۇم. ئوقۇۋاتقان چېغىمىزدا دەۋر گېزىتى مېنىڭ بۇرنۇمنى سۈرەتكە تارتىپ بىر ئېلانغا چىقارغان ئىدى، شۇ ئېسىمدە قالغانىكەن، شۇنىڭغا ئوخشىتىپ ئۆزۈمنىڭ رەسىمىنى ھەجۋىي قىلىپ سىزىپ قويدۇم، بۇ رەسىم ئۆزۈمگە ئاجايىپ ئوخشىدى.

    خەتنى ئېلىپ خوش بولىدۇ، ئەلۋەتتە. بىلىمەن، بۇنداق چاغلاردا بىمارنىڭ خىيالىدىكى ۋەھىمىنى قاچۇرۇشتا چوقۇم مۇشۇنداق گۈزەل چاغلارنى ئەسلىتىش كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا كۆڭلى ۋەھىمىنى ئۇنتۇپ، ئۆلۈمنى يېڭەلەيدۇ.

    مۇئەززەم بىلەن بىللە يەنە ئاپتوبۇستا بىللە قايتىپ كەتتىم. ئۇنى يالغۇز قويغۇم كەلمىدى. مەن كەتسەم ئۇ قانداق قىلىپ تۈننى كۈنگە ئۇلايدۇ؟ بۇنداق چاغلاردا يېنىدا ئادەم بولغىنى ياخشى. ئۇ پوچتا ئىدارىسىنىڭ كەينىدىكى كىچىكلا بىر ھويلىدا ئولتۇرىدىكەن، ئۆي ئىگىسى ئايال  بىزنى كۆرۈشى بىلەنلا تەشۋىشلىنىپ تۆۋەنگە چۈشتى. مۇئەززەمنىڭ قىزارغان كۆزلىرىنى كۆرۈپ، ماڭا سۇئال نەزىرى بىلەن قارىدى.

    -ياخشىمۇ؟ ئادىلجاننىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟

    ياخشى گەپلەر بىلەن بۇ موماينى خاتىرجەم قىلدىم. مۇئەززەم بىر ئۆيگە كىرىپ كەتكەنچە قايتىپ چىقمىدى. ئۇ ھەتتا ئۇ ئۆينىڭ چىرىغىنىمۇ ياندۇرمىدى. موماي ماڭا دالانغا ئورۇن راستلاپ بەردى، كىيىملىرىمنى يەشمەيلا ياتتىم. موماي تېخىچە ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ بىر ئىشلار بىلەن مەشغۇل ئىدى. بىر چاغدا ئۇ مېنىڭ تېخى ئۇخلىمىغىنىمنى كۆرۈپ يېنىمغا كەلدى.

    -مېھمان بالام، بولدى مەندىن يوشۇرماڭ، ئادىلجاننىڭ راست ئەھۋالى زادى قانداق؟-دېدى موماي شىۋىرلاپ.

    -ئەتە پۇتىنى كەسمەكچى،-دېدىم خۇرسىنىپ.

    موماي مىت قىلماي تۇرۇپلا قالدى، ئۆي قاراڭغۇ بولغاچ، موماينىڭ يۈزى كۆرۈنمەيتتى. پەقەت كۈمۈشتەك چاچلىرىلا يالتىرىپ تۇراتتى. ئۇ شۇ پېتى خېلى تۇرغاندىن كېيىن، مەيدىسىنى قاماللاپ ئاھ ئۇرۇپ يىغلاشقا باشلىدى:

    -ۋاي، ئايدەك بالام، ئېچىلىپ تۇرغان گۈلدەك يىگىت بالام، ساڭا نېمە بولدى؟! شۇ ئۇرۇشنى يەر يۈتسۇن، بالام شۇ ئەسكەرلىكنى يەر ئۇرسۇن بالام. ...

    -پەسرەك، ئانا، پەسرەك، بۇنداق قىلسىڭىز مۇئەززەمنىڭ يۈرۈگى تېخىمۇ پۇچۇلانمامدۇ؟ ئادىلجان چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىدۇ، ماڭا ئىشىنىڭ!

    موماي باشلىرىنى لىڭشىتقىنىچە ئايۋان تەرەپكە قاراپ كەتتى.

    پەقەت ئۇخلىيالمىدىم. خىيال كەپتىرىم مېنى ھەر يەرلەرگە ئېلىپ كەتمەكتە. ئۇيۇققا ئۆرۈلىمەن، بۇياققا ئۆرۈلىمەن، كۆزۈمگە پەقەت ئۇيقۇ كەلمىدى. ماڭا ئايان، مۇئەززەممۇ خۇددى مەندەك. ئۇ دۇنيادا ئەڭ يېقىن ئادىمى خەتەرلىك پەيتلەردە تۇرغان بۇ دەقىقىلەردە مۇھەببىتى ئۈچۈن ھەرقانداق قۇربانلىق بېرىشكە تەييار. ئۇ يولدىشى بىلەن تەڭ ئۆلۈم بىلەن كۈرەش قىلماقتا.

    دوستلۇق مېھرى، سۆيگەن يار مۇھەببىتى ھەرقانداق ئاپەتنى يېڭىش ئۈچۈن قادىردۇر. مۇز پارچىسىدەك سوغۇق ئۆينى تاڭنىڭ ئىللىق نۇرى يورىتىشقا باشلىدى، دەرەخ ئۇچىدىكى يۇپۇرماقلار سەھەردىكى قۇياش نۇرىدا يالتىراپ تۇراتتى. شۇ مۇقەددەس تاڭنىڭ ھۆرمىتىدە ساۋاقدىشىمغا ئۆمۈر تىلىدىم.

    -ياشىشىڭ كېرەك! ئالدىڭدا تېخى ئۇزۇن ئۆمۈر مەنزىلى بار، ھاياتتا ھەققىڭ كۆپ.  ئۆمرۈڭ ئاخىرىغىچە تولۇق ياشاپ ئۆتكىن، ئەي ئەزىز ساۋاقدىشىم!

    \

    دوختۇرخانا زالىدا، سېستىرالار مۇئەززەم ئىككىمىزگە ئاق خالات كىيدۈرۈپ، ئىچكىرىگە باشلىدى.

    ئۇزۇن كارىدورنىڭ يەنە بىر ئۇچىغا ئەنسىزلىك ئىچىدە كېتىپ بارماقتىمىز، ئادىلنى تېزراق كۆرسەم، ئوپېراتسىيىگە كىرىشتىن بۇرۇن، بىر نەچچە قىزىق-قىزىق پاراڭلارنى قىلىپ بېرىپ، روھىنى كۆتۈرسەم دەپ ئويلايتتىم. بالنېست ئۆيىگە كىردۇق. بۇلۇڭدىكى كارىۋاتتا ئادىل ئاسمانغا قاراپ ياتاتتى. ئۇ نېمىلەرنىدۇر ئويلىدىكىن، كۆزلىرىنى يۇمۇپ ئۇھسىنىپ قويدى. كەينىدىن ئادەمنىڭ شەپىسىنى سېزىپ، بېشىنى بىز تەرەپكە بۇرىدى-دە، كۆزلىرى چاقنىغاندەك بولدى.

    مۇئەززەم ئىتتىكلا ئۇنىڭ يېنىغا باردى. ئۆز ھاياجىنىنى زورىغا بېسىپ ئۇنىڭ ھال-ئەھۋالىنى سورىدى. ئادىل ھارغىن ھالدا تەستە جاۋاب بەردى.

    -بۇ «بۇرۇن ئوغلى» (مېنىڭ لەقىمىم)نىڭ خېتى ماڭا جان بەردى، سۈرەتنى كۆرۈپ بىر كۈلىمەن، خەتنى ئوقۇپ بىر كۈلىمەن. پۇتۇمنى كەستى دەپ غەمدە، ئەمما كۈلكەم قىستاپ.. ھەي...

    ئادىل مەن تەرەپكە قاراپ كۈلۈپ دېدى، دېمەك، ئاخشام ئادىلنى ئوپېراتسىيە قىلىپ، پۇتىنى كېسىپ بولۇشقانىدى.

    -رەھمەت ساڭا «بۇرۇن بالىسى»...

    مۇئەززەمنىڭ كۆزلىرىدىن ياش ئېتىلىپ چىقتى.

    -كۆڭلۈڭنى بۇزما، مۇئەززەم، مانا ئامان قالدىمغۇ؟! سىلەر بولمىغان بولساڭلار ئۆلۈپ كېتىدىغان ئادەم ئىدىم مەن. ئۇنداق ئوپېراتسىيىنى كۆتۈرگۈدەك ماجال يوق ئىدى مەندە!

    مەسئۇل دوختۇر، كېسەلنى چارچىتىپ قويىسىلەر دەپ، بىزنى چىقىرىۋەتتى. سىرتتا ئاپتاپ نۇرى چاقناپ تۇراتتى. تىنىق، غەمسىز ئاسماندا بىر توپ كەپتەر نۇرغا چۆمۈلۈۋاتقاندەك گاھ شۇڭغۇيتتى، گاھ تېنىغا يۇققان نۇرلارنى تۆكۈپ تاشلىماقچى بولغاندەك قاناتلىرىنى تىنىمسىز قاقاتتى.

    يەنە شۇ ئاپتوبۇس بېكىتىدە توختىدۇق. مۇئەززەم چىرايلىق بىر تەبەسسۇم بىلەن قول بېرىپ مەن بىلەن خوشلاشتى.

    -رەھمەت!

    بېشىمدىن زەر چېچىلغاندەك، ئاياغلىرىمغا پايانداز سالغاندەك، نۇردىنكۆينەك كىيگەندەك بولدۇم، بار-يوق ھەممىنى كەچۈردۇم، ئۇنۇتتۇم، پەقەت شۇ بىر ئېغىز گەپ بىلەن خوشلاشتىم.

    ئىنسان قەلبىدىن ئۇرغۇپ چىققان، ئۇنىڭ قەلبىدە ئەڭ ئەزگۈ ھېس-تۇيغۇلىرى بىلەن توپلانغان سەمىمىي تەشەككۈرىدىن قىممەتلىكرەك مۇكاپات بارمۇ بۇ دۇنيادا ئىنسان بالىسىغا!

    بۈگۈن مەن ئۆزۈمنى ھەقىقىي تونۇدۇم، بۇنىڭغا سىلەر سەۋەبچىسىلەر، ئەزىزلىرىم!

    (گۈليارە تۇرسۇن) 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئەزىز رەھمەت يۇسران