گۇناھ-4(ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-09 05:49:49

گۇناھ(4)ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد — ئوقۇپ نەگە بارىدۇ؟! ئاسمانغا چىقامدۇ، يەرگە كىرەمدۇ؟ بۇ يەردە جېنىنى باقامدۇ يا باشقا يەردە خۇدىنى بىلمەي، خۇدانى تونۇماي يۈرەمدۇ؟-دېدى سەمەت مەخسۇم جىددىيلىشىپ،...

     

    گۇناھ(4)
    ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد

     

    — ئوقۇپ نەگە بارىدۇ؟! ئاسمانغا چىقامدۇ، يەرگە كىرەمدۇ؟ بۇ يەردە جېنىنى باقامدۇ يا باشقا يەردە خۇدىنى بىلمەي، خۇدانى تونۇماي يۈرەمدۇ؟-دېدى سەمەت مەخسۇم جىددىيلىشىپ، ئۇ ھازىر پەقەت خۇدادىنلا قورقۇپ بەندىدىن قورقمايدىغان بىر خىل كۈچلۈك روھىي ھالەتتە ئىدى.

     

      — ھۆكۈمەت سىلىدەك موللا-مەخسۇملارنى ئازراقلا بوش قويۇپ بېرىۋېدى، ھەددىلىرىدىن ئېشىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بۇيرۇغىنىنى قىلمايدىغان بولۇۋاللىمۇ ئەمدى؟! كوپىراتسىيىنى ئۇنتۇپ قاپلا-دە، دىكتاتۇر ھازىرمۇ ئىشلەيدۇ جۇمۇ، بۇ دېگەن مەجبۇرىي مائارىپ!

     

      — دىكتاتۇرا يۈرگۈزسىڭىزمۇ مەيلى، بالامنى ئەمدى ئوقۇتالمايمەن.

      نىياز قاتتىق جىلە بولدى:

     

      — مېنىڭچە بولسا دېكتاتۇرا ئارقىلىق سىلىدەك ئادەمنى قەتئىي ئوڭشاش كېرەك!

     

      — ھەممىنى خۇدايىم ئوڭشايدۇ، گاھى ئىشلار بەندىنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ.

     

      ۋاي تولا ئەۋلىيادەك سۆزلىمىسىلە، قۇرۇق ۋەز تىڭشايدىغان ۋاقتىم يوق مېنىڭ، چاققان بولۇپ بالىلىرىنى چىقىرىپ بەرسىلە!— مېنىڭ ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىدىغان بالام يوق،-دېدى مەخسۇم تەتۈر قاراپ.

     

      — ھوي موللا مەخسۇم، ئانداق تەرسالىق قىلمىسىلا دەيمەن - نىياز غەزەپلىنىشكە باشلىدى،- ئۇدۇل

    قوشنىكەنمىز، ساقاللىرىغا ھۆرمەت قىلغاننى بىلسىلە!

      — بالىنى ئوقۇتىدىغانغا پۇل يوق!

      — موللا تۇرۇپ يالغانچىلىق قىلمىسلا، سىلىدىن ئەبگا خەقلەرمۇ بالىلىرىنى چىقىرىپ بەردى!-دېدى نىياز ئاندىن خانىمغا ئۆرۈلۈپ،- بۇ خەق ئۆزىنى بىچارە كۆرسىتىشكە ئامراق، ئەمەلىيەتتە بۇ مەھەللىدە ھېچكىم كەمبەغەل ئەمەس، ھازىر دېگەن ۋەزىيەت ياخشى!

     

      سەمەت مەخسۇم ئاچچىق كۈلدى:

      — بۇ قانداق گەپ، خۇدايىم ھەممىنى كۆرۈپ تۇرۇۋاتىدۇ، بۇ مەھەللىدىكى خەقلەر بۇرۇنقىدىنمۇ بەتتەرلىشىپ كېتىۋاتىدۇ، قولىدا يا پۇلى، دىلىدا يا تۈزۈك ئىمانى يوق...

     

      — نېمە!؟-دەپ چىچاڭشىپ كەتتى نىياز،- ئەزالىرىمىزنى بۇرۇنقىدىن بەتتەر ياشاۋاتىدۇ دېدىلىما؟! غەرەزلىرى زادى نېمە؟ بۇ پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ھازىرقى ياخشى سىياسىتىنى يوققا چىقارغانلىق، ئاخىرقى ھېسابتا ھۆكۈمەتكە قارشىلىق بىلدۈرگەنلىك ئەمەسما؟! سىلىنىڭ ئىدىيىلىرىدە زادى بىر مەسىلە بار، تۆۋەنگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىلىرىغا بۇ ئەھۋالنى مەلۇم قىلمىساق بولمىغۇدەك!

     

      — كوپراتسىيە كېلىپ قالدىمۇ نېمە ئۇكاموي!-دېدى مەخسۇم نىيازنىڭ تەنتەكلىكىدىن، ئەخمەقلىقىدىن ئەجەپلىنىپ،- نېمانداق ئاكتىپلىق قىلىسىز، ماڭا تولا ھەيۋە قىلماڭ، ، 3-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى، ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى سىياسىتىنى بىزمۇ بىلىمىز!

     

      — ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى بىلگەن ئادەم بالىلىرىنى نېمىشقا ئوقۇتمايلا، نېمىشقا قالايمىقان سۆزلەيلا؟!

      — دېدىمغۇ، بالىنى ئوقۇتقۇم يوق ئەمەس، شارائىت شۇنداق، قولۇم قىسقا، كۈچۈم ئاجىز، يالغۇز جېنىمنى باققۇدەك مادار يوق.

     

      — يالغۇز بولساق خوتۇندىن بىرنى ئالىلى! قېرىغاندا مادار تۈگەپ قالدىمۇ يا؟!-دېدى نىياز چاقچاق بىلەن ئاچچىقىنى چىقىرىپ، خانىم كۈلۈپ باشقا ياققا قارىۋالدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.