پۇل ئۇلارنى يىراق - يىراققا قاتراتتى(راست ئىشلار خاتىرىسى)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-04-23 19:44:46

@font-face {font-family: UKIJ Tuz Tom; font-style: normal; font-weight: normal; src: url(UKIJTUZ0.eot); } * { font-family:UKIJ Tuz Tom;} پۇل ئۇلارنى يىراق - يىراققا قاتراتتى(راست ئىشلار خاتىرىسى)زۇ زىڭجېيئابدۇسالام ئابلىز

    پۇل ئۇلارنى يىراق - يىراققا قاتراتتى
    (راست ئىشلار خاتىرىسى)
    زۇ زىڭجېي
    ئابدۇسالام ئابلىز تەرجىمىسى

     

    مۈدۈرۈش

    يىقىلمايدىغان پالۋان
    مۈدۈرمەيدىغان تۇلپار يوق.
     قازاق خەلق تەمسىلى

       دەۋلېتقان چۆچەكلىك قازاق بولۇپ ، 1959- يىلى تۇغۇلغان . 1981-يىلى لەنجۇ غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن ، 1991-يىلى مائاشىنى توختىتىپ ، شتاتىنى ساقلاپ قېلىپ سودا قىلىشقا باشلىغان . باشتا غۇلجىدا «تۇلپار» ناملىق رەسىمخانا ئېچىپ سۈرەت تارتىش ، چوڭايتىش كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان.
    ئوتتۇرا بوي ، ساقاللىق ، قوي كۆز كەلگەن بۇ ساغلام يىگىتنىڭ قابىلىيەتلىكلىكى بىر قاراشتىنلا بىلىنىپ تۇراتتى . ئۇ  تىجارەتنىڭ ئېپىنى بىلگەچكە «تۇلپار» نىڭ تىجارىتى ناھايىتى روناق تاپتى ، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ نامى چىقتى.
    تۇلپار  ئەلا سورت بولۇپ ، قازاقلارنىڭ پەخرى ، بۇنىڭدىن2000 يىلدىن ئىلگىرىكى خەن سۇلالىسى ليۇ چى دەۋرىدىلا ئۇنىڭ داڭقى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە تارقالغان . دەۋلېتقانمۇ خۇددى تۇلپارغا ئوخشايتتى.
    ئۇ ئىلگىرىكېيىن بولۇپ بورتالا ، شىخۇ قاتارلىق جايلاردا ئىككى تارماق رەسىمخانا ئاچتى . 1991-يىلى 11-ئايدا قازاقىستاننىڭ تالدىقورغان شەھىرىدە بىر تارماق رەسىمخانا ئېچىپ ، ئىشىك بېشىغا قازاقچە ، خەنزۇچە ، رۇسچە ئۈچ خىل يېزىقتا يېزىلغان ، بۇرجىكىگە بىر تورۇق تۇلپارنىڭ رەسىمى سىزىلغان ۋىۋىسكا ئاستى ۋە «لېكەي» ماركىلىق پىليونكا ، رەسىم قەغىزى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللاندى . جۇڭگونىڭ داڭدار مەھسۇلاتى بولغان «لېكەي»نىڭ سۈپىتى ئەلا ، باھاسى ئەرزان بولغاچقا ، كۈچلۈك رىقابەت ئىقتىدارى بىلەن ياپونىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى . «تۇلپار»دىن خېرىدارلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى ، ئۇنىڭ سودىسى ئىنتايىن قىزىپ كەتتى ، ساندۇقساندۇق «لېكەي» ماركىلىق ماللار ئايىغى ئۈزۈلمەي سېتىلدى.
       قازاقىستان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ رېسپوبلىكىلىرىدىن بىرى بولۇپ ، 1991يىلى 12- ئايدا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ، ئەركىن بازار سودىسى ئەۋج ئېلىپ باي-كەمبەغەللىك پەرقى تېزلا چوڭىيىپ كەتتى . دۆلەت 70 مېتال سانائىتى ، نېفىت سانائىتى ، تەبىئىي گاز زاپىسىنى چەت ئەلنىڭ چوڭ شىركەتلىرىگە سېتىۋەتتى . ھەتتا پايتەختنى توك بىلەن تەمىنلەش ئىشىمۇ بېلگىيىلىك خوجايىنلارنىڭ چاڭگىلىغا ئۆتۈپ كەتتى . مال باھاسى ئۆرلەپ چەت ئەل پۇللىرى كۆپلەپ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى ، پۈتۈن دۆلەتتە چوڭ-چوڭ ماگىزىنلار پۇللىرىنى چەت ئەل پۇللىرىغا ئالماشتۇرىدىغان نۇقتىلارنى تەسىس قىلىشتى . قازاقىستان ئۆزى «تەڭگە» دەپ ئاتىلىدىغان پۇل تارقاتتى . 1998-يىلى 76 تەڭگە بىر ئامېرىكا دوللىرىغا ، 1999-يىلى 3-ئايدا 88 تەڭگە بىر دوللارغا ، 1999-يىلى 7-ئايدا 130 تەڭگە بىر دوللارغا ئايرىۋاشلاندى.
    كەمبەغەللەرنىڭ  كۆپلەپ پەيدا بولۇشىغا ئەگىشىپ ، شەھەربازارلارنىڭ ھەممە يېرىدە مەكتەپ يېشىدىكى بالىلار ، پېنسىيىگە چىققانلار ، تىلەمچىلىك قىلىدىغان ، ياشلار توپتوپى بىلەن چەت ئەللىك خوجايىنلارغا ياللىشىپ ئىشلەيدىغان ئەھۋال پەيدا بولدى . دەۋلېتقان يەرلىك ئادەملەرنى ئىشلەتمەي قازاق ، خۇيزۇ ، خەنزۇ ، ئۇيغۇر ، موڭغۇللاردىن بولۇپ دۆلىتىمىزدىن ئېلىپ بارغان 91 كىشىنى ئىشلەتتى . 8991يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە مىليون يۈەن مەبلىغى بولغان زور بايغا  مىليونېرغا ئايلاندى.
    بۇ دۆلەتتە ئىجتىمائىي زىددىيەتلەر مۇرەككەپ ۋە كۈنسايىن ئۆتكۈرلىشىۋاتقان بولۇپ ، جەمئىيەت ئامانلىقى ناھايىتى ناچار ، ۋەزىيەت قالايمىقان ، شۇنداقلا قارا جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ پائالىيەتلىرى ئەۋج ئېلىپ كەتكەنىدى.
    دەۋلېتقان ئەقىللىق بولغاچقا ئېھتىيات بىلەن ئىش كۆردى ، بىراق چوڭ مۇھىت ناچار بولغان ئەھۋالدا كىچىك مۇھىت ھەرقانچە ياخشى بولغىنى بىلەنمۇ ئۇنىڭ كارائىتى چاغلىق ئىدى . دەرەخ جىم تۇرىمەن دېسىمۇ شامال ئۇنى جىم قويمايدىغان گەپ.
    يېچىنوۋ رۇس بولۇپ ، 50 ياشلارغا يېقىنلاپ قالغانىدى . ئۇ دەۋلېتقاننىڭ قولىدىكى بىر مەغلۇبىيەتچى ئىدى . ئەسلىدە ئۇ «پرونزى» دېگەن بىر رەسىمخانىنىڭ خوجايىنى بولۇپ ، 1999يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى ۋەيران بولدى ، شۇنىڭ بىلەن بىساتلىرىنى سېتىۋەتتى ، خىزمەتچىلىرىنى تارقىتىۋەتتى ، ئۆزى بولسا بۇلاڭچىلىق يولىغا قەدەم باستى . ئۇ ناھايىتى نۇرغۇن پۇلغا ئالتە بۇلاڭچىنى سېتىۋېلىپ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى زور پاجىئەلەرنى پىلانلىدى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلدى.
    31-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئىككى قازاق يىگىتى «تۇلپار»غا كىرىپ كەلدى . ئۇلارنڭ بىرى يېزا ئىگىلىك ئىنستىتۇتىنىڭ لىكتورى ، تراكتور زاۋۇتىنىڭ تېخنىكى دېگەن خىزمەت كىنىشكىسى بار ، ئىنتايىن رەتلىك كىيىنگەن كىشى بولۇپ ، ئۇ ئاۋۋال ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن دەۋلېتقانغا ئالمائاتادا يەنە بىر تارماق رەسىمخانىنى بىرلىشىپ ئېچىش تەكلىپىنى بەردى ۋە ھەمكارلىشىش توغرىسىدىكى كېلىشىمنامىنى چىقاردى . دەۋلېتقان:
     دۇكىنىمىزدا ئادەم ئاز ، ئىقتىسادىمىزمۇ ئاجىز ، شۇڭا دۆلىتىڭلاردا يەنە بىر تارماق دۇكان ئېچىش پىلانىمىز يوق، دېدى كۈلۈمسىرىگىنىچە ئۇلارنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىپ . دەۋلېتقان ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ ناتونۇش كىشىلەرگە ئانچە ئاسان ئىشىنىپ كېتەلمەيتتى . ئۇلارنىڭ بىرى چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلغان ھالدا:
     ئەپەندىم ، بىز بىر مىللەت . لېكىن ھەرقايسىمىزنىڭ ئۆز دۆلىتىمىز بار ، بۇ خۇددى قان قېرىنداشلارنىڭ بىرى شەرقتە ، بىرى غەربتە ياشىغىنىغا ئوخشاش بىر ئىش، دېدى.
     دوستۇم ، بىز ھەممىمىز ئالىي مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن بولساقمۇ ، مائاشىمىزنى تولۇق ئالالمايمىز ، ئالغان تەقدىردىمۇ ۋاقتىدا ئالالمايمىز ، تۇرمۇشتا قىينىلىپ قېلىۋاتىمىز ، بىز پۇل ئۈچۈن ۋىجدانسىزلىق قىلىدىغان ئىشنى قىلمايمىز . خۇددى ئاتابوۋىلىرىمىز ئېيتقاندەك «قورايغا ئايلىنىپ قالساقمۇ ئېچىرقاپ كەتكەن ئىتقا ئوخشاش قاۋىمايمىز» . شۇڭا سىزنى ئىزدەپ ئالدىڭىزغا كەلدۇق، دېدى ئۇلارنىڭ يەنە بىرى ئىنتايىن ھاياجانلانغان ھالدا.
     ئادەمگە كەلسەك ، پەقەت دۆلىتىڭلاردىكى ئادەملەر بىلەنلا ئىش تاڭ ئاتمايدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارغا يۇقىرى ئىش ھەققى بەرمىسەڭلار بولمايدىكەن . مەردانە قەدەم تاشلاپ بىلىمى بار يەرلىك كىشىلەرنى ئىشلەتكەندە بىرقەدەر زور تەرەققىياتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ، دېدى يەنە بىرى.
     پۇل ئاز بولسا كۆپچىلىك يىغىش قىلىپ ، ھەسسىدارلىق تۈزۈمىنى يولغا قويايلى . سىز كۆپرەك چىقىرىڭ ، بىز ئازراق چىقىرايلى ، بەكمۇ چوڭ ئىش تۇتمايلى، دېدى يەنە بىرى قوشۇمچە قىلىپ . دەۋلېتقان يۇمشاپ قالدى . ئۇ تولىمۇ ئاق كۆڭۈل ئىدى.
     ئۇكام، دېدى ھېلىقى ئىككىيلەن بىرى توختىسا يەنە بىرى، سىز يۇرتماكانىڭىزنى تاشلاپ بۇ يەرگە كەلدىڭىز ، بۇنىڭدىكى مەقسەت ئەلۋەتتە پۇل تېپىش ، ئەمما سىلەرگە ھەقىقىي دوستلۇق كېرەك ئەمەسمۇ؟!
    ئالمائاتا قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئىدى ، دەۋلېتقان بىرقانچە قېتىم بۇ يەرگە كېلىپ بۇ شەھەرنى ، بۇ شەھەردىكى مەشھۇر جايلارنى كۆرۈپ باقماقچى بولسىمۇ ، لېكىن بۇنىڭغا جۈرئەت قىلالمىغانىدى . بۇ قېتىم بۇ شەھەرگە بېرىپ بازارلارنى تەكشۈرۈپ كۆرۈش ، شۇنداقلا تاماشا قىلىش نىيىتى بىلەن ماقۇل بولدى.
     بولىدۇ ، ئۆگۈنلۈككە پۇلنى ئېلىپ كېلىپ كېلىشىمنى ئىمزالايلى! دېدى ئۇ.
    8-ئاينىڭ 2-كۈنى ھېلىقى ئىككى كىشى 90  مىڭ يۈەن خەلق پۇلىنى كۆتۈرۈپ كەلدى . 4-كۈنى چۈشتىن كېيىن دەۋلېتقان رەسىم چوڭايتقۇچى لى داجۈن ۋە ھېلىقى ئىككىيلەن پويىز بىلەن ئالمائاتاغا كەلدى.
    ئۇلار شەھەردىكى ئاۋات كوچا ئاباي كوچىسىغا جايلاشقان ، مائارىپچى ئاباي ھەيكىلىنىڭ قىيباش ئۇدۇلىدىكى «ئوتتۇرا ئاسىيا» مېھمانسارىيىغا كېلىپ 61قەۋەتتىكى قوشنا ئىككى ياتاققا جايلاشتى.
    كەچلىك تاماقتىن كېيىن ھېلىقى ئىككىيلەن دەۋلېتقانلارنى ئۆزلىرىنىڭ ياتىقىغا تەكلىپ قىلدى . دەۋلېتقانلار بۇنى رەت قىلمىدى.
    ئۇلار بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن ، ئىشىك چېكىلدى ۋە كۈتكۈچى قىز قارا كۆزەينەك تاقىغان بىر مېھماننى باشلاپ كىردى . ھېلىقى ئىككىيلەننىڭ بىرى يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇ كىشىنى كۈتۈۋالدى ، يەنە بىرى كەلگەن مېھماننى تونۇشتۇردى.
     بىز كونا دوستلاردىن ، تونۇشتۇرۇش ھاجەتسىز ، شۇنداقمۇ دەۋلېتقان ئەپەندى؟ دېدى ھېلىقى مېھمان قاقاقلاپ كۈلگىنىچە كۆزەينىكىنى ئېلىۋېتىپ.
     يېچىنوۋ!
    بۇنىڭدىن ھەيران بولغان دەۋلېتقاننىڭ كاللىسىدىن «ئۇ قانداقلارچە بۇ يەرگە كېلىپ قالدى؟» دېگەن ئوي كەچتىدە ، ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ:
     سىلەر پاراڭلىشىڭلار ، بىز ياتاققا چىقايلى، دەپ ئورنىدىن قوزغالدى.
    لى داجۈن ئىشىكنى ئېچىشى بىلەن ئىشىكنىڭ يېنىدا تۇرغان بىرەيلەن ئۇنى مۈرىسى بىلەن ئىتتىرىۋىدى ، ئۇ يىقىلىپ چۈشكلى تاس قالدى.
     ھا...ھا...ھا... يېچىنوۋ يەنە بىردەم قاتتىق كۈلدى ، شۇ ئەسنادا تۆت دارازا كىرىپ كەلدى ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياۋروپالىق ئىدى.
     لى ئەپەندى ، كەلگەندىكىن خاتىرجەم ئولتۇرۇۋېرىڭ ، نېمىگە ئالدىرايسىز؟ بۇ تۆت كىشى سىلەرنىڭ يېڭى دوستۇڭلار ، رۇس ، سىلەرگە كېچەكۈندۈز ھەمراھ بولىدۇ . سىلەر بىلەن بىللە ساياھەت قىلىدۇ ، بىللە دەم ئالىدۇ ، بىخەتەرلىكىڭلارنى قوغدايدۇ.
     يېچىنوۋ ، مەن دەۋلېتقان ھېچقاچان سىزگە زىيانزەخمەت يەتكۈزمىگەنىدىم ، بۇ زادى نېمە قىلغىنىڭىز؟
     نېمە قىلغىنىڭىز دەۋاتامسىز؟ سەن سەمىمىي سودىگەر بولغانلىقىڭ ئۈچۈن سىلەرنى مۇشۇنداق ئەدەپ بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىمەن . ھەمكارلىقىمىزنىڭ ئوتۇقلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن ، ئۇنداق بولمايدىكەن ، سىلەرنى ئۆلتۈرۈپ ھېچقانداق ئىز قالدۇرماسلىق مەن ئۈچۈن ئۇنچىۋالا تەس ئىش ئەمەس ، جۇڭگولۇقلار بۇ يەردە يوقاپ كەتسە بۇ يەردىكىلەرنىڭ ئۇنچىۋالا ھەيران قالمايدىغانلىقى سىلەرگىمۇ ئايانغۇ دەيمەن!
     مۇشۇنداق ھەمكارلىشامدۇق؟
     ھا.. . ھا.. . قازاقلاردا، دېدى يېچىنوۋ يەنە بىردەم تەلۋىلەرچە كۈلگەندىن كېيىن، «تۇلپاردا تۇلپارچە كۆز بولىدۇ ، ئەزىمەتتە ئەزىمەتچە جاسارەت» دېگەن تەمسىل بار ئەمەسمۇ ، بۇ يەردىكى ھەمكارلىقىمىزنى قاراپلا چۈشىنىشىڭ كېرەك ، بەلكى ئەڭ زور جاسارەت بىلەن ھەمكارلىشارمىز! ھەرقانداق چوڭ مۇزلۇقلارمۇ قارلىق چوققىلاردىن ئېشىپ كېتەلمەيدۇ . دوستۇم ، مەن قولۇمنى چېگرا سىرتىغا سوزالمايمەن!
     ئېنىقراق گەپ قىلمامسىز!
     بۇ يەردە ئۈچ بەت قەغەز ، 6 تال قەلەم بار . ھا.. . ھا.. . ھا...، بۇ قېتىم ئۇ تېخىمۇ ئەسەبىيلەرچە كۈلدى، سەن قازاق تىلىدا ئۈچ نۇسخا ھۆججەت ياز ، لى ئەپەندىم خەنزۇچە ئىسپات يازسۇن ، ئۇنىڭ بىرى 2 مىليون تەڭگە ، يەنە بىرى 1 مىليون 800 مىڭ خەلق پۇلى ، ئۈچىنچىسى 900 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى بولسۇن ، ئۇلارنى ماڭا بەر ، سەن «تۇلپار»دىكىلەرگە بىر پارچە خەت يازغىن . لى ئەپەندى قايتقاچ تۇرسۇن . سېنى سەن بىلەن بىرگە كەلگەن ئىككى كىشى يولغا سالىدۇ . «تۇلپار»دىكى بارلىق خادىملار دۆلىتىگە قايتسۇن ، دۇكاننى سەن بىلەن بىرگە بارغان ئىككى كىشىگە تاپشۇرۇپ بەرگىن . لى ئەپەندى چېگرىدىن ئۆتكەندىن كېيىن تېلېفون بەرسۇن (ئۇ شىرەدىكى تېلېفوننى كۆرسىتىپ قويدى) . شۇنىڭدىن كېيىن سېنى قويۇۋېتىمىز . شۇنداق قىلىپ مەسىلىنى ئۇرۇشتالاش قىلماي ، قورالمۇ ئىشلەتمەي تىنچلىق بىلەن ھەل قىلساق ، ئۆزئارا ئىلتىپات قىلغان بولمامدۇق؟ ئۇنداقتا ساڭا ئىنتايىن رەھىمدىللىك قىلغان بولمامدۇق؟! دەرۋەقە سەن ساقچى چاقىرساڭمۇ ، كونسۇلخاناڭلارنى ئىزدىسەڭمۇ بولىۋېرىدۇ . ھا.. . ھا.. . ھا...
    دەۋلېتقان قاتتىق خۇرسىندى ، ئۇلارنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى.
    ئېگىز تېرەككە قونىدىغان قاغا كۆپ بولىدۇ ، دەۋلېتقان ئۇلارنىڭ يالاپ يۈرۈشى بىلەن 2-دۇنيا ئۇرۇشى قەھرىمانلىرىنىڭ خاتىرە مۇنارىنى ، ئوقۇتقۇچىلار مۇزېيى ، قازاقىستاننىڭ بىر كۋادرات مېتىر جايىغا 300 دىن توغرا كېلىپ ، خۇددى قاتار تىزىپ قويغان بومباردىمانچى ئايروپىلاندەك بەلۋاغ ھاسىل قىلغان چېكەتكىلىرىنى شەھەرنىڭ ئۇزۇنقىسقا يوللىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
    7كۈنى لى داجۈندىن تېلېفون كەلدى . بۇ چاغدا دەۋلېتقان بىرلا كۇسار بىلەن قالغانىدى ، ئۇلار دەۋلېتقاننى يېرىم كېچىدىن ئۆتكەندە شەھەر سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ ماشىنىدىن چۈشۈرۈۋەتتى . سۆرۈن ئايدىڭ كېچىدە مۈدۈرۈپ كەتكەن تۇلپار ئىنتايىن ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى . ئۇ ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى خەلقئارا پويىز خىزمەتچىلىرىنىڭ ياردىمىدە ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىۋالدى.

    2 . لاچىننىڭ قانىتى سۇندى

    ھەرقانداق مەزمۇت لاچىننىڭمۇ بوران-چاپقۇندا قانىتى سۇنىدۇ . ھەرقانچە ئەقىللىق كىشىمۇ توزاققا چۈشۈپ قالسا ، ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمايدۇ.
     ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىلى

    ئەبەيدۇللا  قۇمۇللۇق ئۇيغۇر بولۇپ ، 1965-يىلى تۇغۇلغان . 1987-يىلى بېيجىڭ گېئولوگىيە ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن ، 1993- يىلى خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ قاشتېشى سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان ، 1995-يىلى قەشقەردە «قار لەيلىسى» سودا شىركىتى قۇرۇپ ، ئۆزى دىرېكتور بولغان.
    ئېگىز ، ئورۇق ، ئۇچلۇق ئېڭەك ، كۆزى كىچىك كەلگەن بۇ ئادەم سۆزلىگەندە نەسىردىن ئەپەندىگە ئوخشاپ قالاتتى . پۇتقوللىرى چاققان ، كاللىسى ئۆتكۈر بۇ سودىگەر نېپال ، بىرما ، شياڭگاڭ ، مالايسىيا قاتارلىق جايلاردا سودا قىلىپ ئىشەنچكە ئېرىشكەن ، جىڭ مال سېتىش بىلەن بېيىغان.
    ئۇنىڭ شىركىتىدىكى تۆت ئادەمنىڭ بىرى ئايالى ، يەنە بىرى ئۇكىسى ، يەنە بىرى سىڭلىسى ئىدى . ئۇنىڭ دۇكىنى چوڭ بولمىسىمۇ يورۇق ، پاكىز بولۇپ ، ئىپارخان قەبرىسىگە يېقىنلا جايدا ئىدى.
    ئۇ چەت ئەلدىكى ئىشلارنىڭ تولىمۇ چىگىشمۇرەككەپلىكىنى ئوبدان بىلگەچكە ، سىرت بىلەن بولغان سوداسېتىق ئىشلىرىنى ئۆزىلا قىلاتتى . ئىنىسى خۇنەن ، ئالتاي قاتارلىق جايلارغا بېرىپ مال سېتىۋالاتتى ، سىڭلىسى بىلەن ئايالى ئالمىشىپ دۇكاندا تۇراتتى . ئەبەيدۇللانىڭ ئىككىنچى سىنىپتا ئوقۇيدىغان ئوغلى ئەنۋەر ئەبەيدۇللانىڭ كورلىدىكى ئاتائانىسىنىڭ يېنىدا ئوقۇيتتى.
       سودىغا ماھىر بولۇش ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مىللىي ئەنئەنىسى ، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بولغان «ئۇيغۇر»لار تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىلا غەربىي دىياردىن چاڭئەن ، لوياڭ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ سودا قىلغان . ئۇلار يىپەك يولىنىڭ دائىملىق كارۋانلىرى ئىدى.
    ئەبەيدۇللانىڭ ئومۇمىي مۈلكى 60 مىليون بولۇپ ، مىليادىر بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى . ئۇ «ئەپەندىم»دىنمۇ پىلانچى ئىدى ، ئۇنىڭ نەزىرى چەت ئەلگە تىكىلگەن بولسىمۇ ، لېكىن چەت ئەلدە دۇكان ئاچمىدى . ئۇ ھىندۇنېزىيىدىكى جۇڭگولۇق سودىگەرلەرنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن قىسمەتلىرىدىن ساۋاق ئالدى ، ئاشۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن تەقدىرنىڭ ئۆز بېشىغا كېلىشىدىن ئەنسىرىدى ، ئۇ باشقىلار بىلەنمۇ شېرىكلەشمىدى . ئۇرۇقتۇغقانلاردەك دوستلىرىنىڭمۇ پۇلنى كۆرگەندە كۆزى قىزىرىدىغانلىقىنى چۈشىنەتتى . شۇڭا ئۇ يالغۇز ھەرىكەت قىلدى . ئۆز كۆڭلىگە پۈككەنلىرى بويىچە ئىش قىلدى ، نەچچە ئونلىغان قىممەت باھالىق تاشلار 100 گراممۇ كەلمەيتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنى ئېلىپ يۈرۈش قۇلايلىق بولۇپ ، بۇزۇلۇپمۇ كەتمەيتتى.
    ئۇ ۋاقىت ۋە پۇلنىڭ يولدا ئىسراپ بولۇپ كېتىشىنى خالىمىغاچقا ، يېقىنراق جايلاردا دۇكان ئاچماقچى بولدى . 1998-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 1999-يىلى 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئافغانىستان ، لاتۋىيە ، ئوكرائىنا قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىپ كۆرۈپ ئاخىر قىرغىزىستاننى تاللىدى . ئۇنىڭ بۇ يەرنى تاللىشىدا ئۈچ سەۋەب بار ئىدى: بىرىنچىدىن ، بازار ئەھۋالى ياخشى ئىدى؛ ئىككىنچىدىن ، مۇسۇلمانلار دۆلىتى؛ ئۈچىنچىدىن ، يېقىن بولۇپ قەشقەردىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان مۇساپىنىڭ يېرىمىچىلىك كېلەتتى.
    ئەبەيدۇللا پرژېۋالسىك شەھىرىدىكى ئالتە ئەڭ چوڭ ئۈنچەمەرۋايىت دۇكىنىدىكىلەر بىلەن تونۇشقان ۋە ئالاقىلاشقانىدى . ئۇ بىرىنچى قېتىملىق سودىسىدا 78 گرام كۆك ياقۇتنى ئالتە دۇكانغا ئاپىرىپ باھاسىنى سۆزلەشكەندىن كېيىن ، ياقۇتنى ئۇلاردىن ئىككىسىگە سېتىپ پۇلىنى جۇڭگوغا ئەۋەتتى.
    ئەبەيدۇللانىڭ 2-قېتىملىق سودىسى تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولدى . پرژېۋالسىكتىكى «خەيلەن» زىبۇزىننەت دۇكىنىنىڭ خوجايىنى قىرغىز يوسنوزنىڭ تونۇشتۇرۇشى بىلەن تاشقۇمېر شەھىرىدىكى «شىمالىي قۇتۇپ يۇلتۇزى» قاشتېشى دۇكىنىنىڭ دىرېكتورى ، قىرغىز دۇلئۇرمان بىلەن پۈتۈشكەن 26 گرام قاشتېشى بىر قېتىمدىلا سېتىلسا مىليادىر بولۇشقا گەپ كەتمەيتتى.
    قىرغىزلار دۆلىتىمىزدىمۇ بار بولۇپ ، ئۇلار شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ جەنۇبىدا ياشايدۇ ، ئۇلارمۇ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
    دۇلئۇرمان ئەبەيدۇللانى چوڭ خېرىدار خوباچېۋ شەھىرىدىكى زىبۇزىننەت باش شىركىتىنىڭ دىرېكتورى قادىرغا(ئۇيغۇر) تونۇشتۇرۇپ قويدى . ئۇنىڭغا تەبىئىي قاشتېشى كېرەك ئىدى.
    ئەبەيدۇللا ئۇنىڭغا بىر پارچە 987 گرام ئېغىرلىقتىكى خوتەن «زۇمرەت»ىنى ئېلىپ كەلدى . ئۇ زۇمرەت تاشقا چاپلىشىقلىق بولۇپ ، ساپ ، تەبىئىي مال ئىدى . ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 1121گرام كېلەتتى.
    ئالتۇننىڭ باھاسى بولغىنى بىلەن قاشتېشى بىباھا ئىدى . ئۇلار ھەر بىر گىرامىنى 30 ئامېرىكا دوللىرىدىن دېيىشىپ پۈتۈشتى.
    ئۇلار قاشتېشىنى باشقىدىن ئۆلچىۋىدى ، ئۇ 299گىرام كەلدى . سودىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىدىن ئەبەيدۇللا بىردىنلا ئەنسىرەپمۇ قالدى . قىرغىزىستانمۇ ئەسلىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر رېسپوبلىكىسى ئىدى . ئىتتىپاق تارقىلىپ كەتكەندىن كېيىن ، قىرغىزىستان جەمئىيىتىدىكى زىددىيەتلەر كۈچىيىپ ، ئىجتىمائىي تەرتىپ قالايمىقانلىشىپ كەتكەنىدى . بۇ سودىدا نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشكەن ئەبەيدۇللا بۇ يەردىن تېز كەتمەكچى بولدى.
    ئەمما ، بۇ ئۈچ مۇسۇلمان خېرىدار ئۆزىگە ئۇرۇق-تۇغقىنىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىۋاتسا ، ئۈچىلىسى نام-ئابرۇيلۇق خوجايىنلار تۇرسا ، ئۇ بۇ يەردىن كېتىپ نەلەردە مېھمانساراي ئىزدەپ يۈرۈيدۇ؟
    سىرلىق ئوردىدىن يېنىپ چىقىش ئاسانمۇ؟ گەپ ئىنتايىن ھوشيار بولۇشتا . يوسنوز ، دۇلئۇرمانلار ئۆزلىرىنىڭ سودىدا پۈتۈشكەنلىكىنى تەبرىكلەپ ئەبەيدۇللاغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا تېلېفون بەردى . قادىر:
        بىزگە يەنە تېخىمۇ كۆپ كۆك ياقۇت كېرەك . ئۇلارنى تۈركىيە ، مىسىرغا ئاپىرىمىز ، مەن كېيىنكى ھەمكارلىقىمىزنىڭ  ئۇتۇقلۇق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن . تەڭ بېيىيلى، دېدى . ئەبەيدۇللا كۈلۈمسىرىگىنىچە بېشىنى لىڭشىتتى . كۆڭلىدە بولسا «بۇ قېتىم كېتىۋالسام ئىككىنچىلەپ كەلمەسمەن» دەپ ئويلىدى.
    قادىر ئىككى قولى بىلەن ئۇنىڭ ئىككى قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ:
    ـ  ئاكا ، بىزنىڭ ئاتابوۋىلىرىمىز ئوخشاشلا ئورخۇن دەرياسىنىڭ (ئورخۇن دەرياسى ئۇيغۇرلار پەيدا بولغان جاي) سۈيىنى ئىچكەن ، بىزنىڭ خودايىمىزمۇ بىر ، بىزنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىمىز سىزنىڭ قولىڭىزدا ، گەپ سىزنىڭ پۇرسەتنى بىزگە بېرىش-بەرمەسلىكىڭىزدە ، قۇرئاننى كىم بىلەن ئوقۇسا بولىۋېرىدۇ ، ئەمما سودىنى كۆرگەنلا ئادەم بىلەن قىلىۋەرگىلى بولمايدۇ، دېدى-  قوللىرى بىلەن ئەبەيدۇللانىڭ قولىنى مەھكەم سىققىنىچە.
    ئەبەيدۇللا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، ئۇلار كۆپ قېتىم تېلېفون بېرىپ ئۇنى تەكلىپ قىلدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ «بارسام باراي ، يەنە بىر قېتىم بېرىپ تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىپ كەلمەيمەنمۇ» دېگەن خىيالغا كەلدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىندىستان ، پاكىستانلارغا بارغان باشقا سودىگەرلەر زىيان تارتىپ قايتىپ كېلىشكەنىدى . بىر قەدەمنى خاتا باسساڭ ھەشپەش دېگۈچە ھەممىدىن قۇرۇق قالىدىغان گەپ.
    تىپتنچ شارائىتتا خەۋپخەتەرنى ئويلاش  ئەخمەقلىق بولسا كېرەك . دۇنيادىكى ئەڭ ئەخمىقانە ئىشلارنىڭ قايسىسىنى چېچەن كىشىلەر قىلمىغان؟!
    ئەبەيدۇللا 300 گرام كۆك ياقۇتنى يانفونىنىڭ قېپىغا سېلىپ 8-ئاينىڭ 23-كۈنى چۈشتىن كېيىن خۇباچېۋ شەھىرىگە يېتىپ كەلدى . ئۇ ئىسسىق كۆل يېنىدىكى ئەلى بابا مېھمانخانىسىنىڭ بىر ئۆلچەملىك ياتىقىغا ئورۇنلاشتى.
    ئالدى بىلەن قادىر يېتىپ كەلدى ، مالنى كۆرگەندىن كېيىن تېلىققىدەك كۈلدى ۋە 70 گرام ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى ، ئۇنىڭدىن كېيىن دۇلئۇرمان كەلدى ، ئۇ 85 گرام ئالماقچى بولدى ، يۇنۇز كەلمىدى . ئۇ تېلېفون بېرىپ ئەڭ كېچىككەندىمۇ ئىككى كۈن ئىچىدە بارىدىغانلىقىنى ۋە 110 گرام ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى . بۇ ئۈچ خېرىدار بىلەن مال تۈگىمىدى ، تۈگىسەتۈگىمىسە مەيلى ئەمەسمۇ ، ئېشىپ قالغىنىنى ئېلىپ كېتىپ دۇكانغا قويۇپ قويمامدۇ.
    25-چېسلا يۇنۇز تېلېفون بېرىپ يەنە ئىككىئۈچ كۈن كېچىكىپ قالىدىغانلىقىنى ، يېڭى بىر خېرىدارنى باشلاپ بارىدىغانلىقىنى ، بۇ خېرىدارنىڭ ئېشىپ قالغان ياقۇتنىڭ ھەممىسىنى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
    قادىر ئەبەيدۇللاغا ھەمراھ بولۇپ قولۋاققا چۈشتى ، بېلىق تۇتۇشتى . تىپتنچ كۆل بېتى تىپتنچ تۇرمۇشقا ئوخشايتتى ، ئەمما ئۇنىڭ قاينام ئۆركەشلىرى سۇنىڭ تىرەن يېرىگە يوشۇرۇنغانىدى . بىخۇتلۇق قىلساڭ ھەشپەش دېگۈچە ئۇ سېنى يۇتۇپ كېتىدۇ.
    ئادەم كۈتۈش ئىنتايىن زېرىكىشلىك بىر ئىش . بولۇپمۇ سودىگەرلەرنىڭ سودا ئىشى بىلەن ئادەم ساقلىشى تېخىمۇ شۇنداق . كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئەبەيدۇللا دېرىزە ئالدىغا كېلىپ كۆككە باقتى ، ئۇ يوپيورۇق ئاينىڭ كۆكتە ئېسىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ، ئايغا ئون بەش بولغانلىقىنى ئېسىگە ئالدى ، ئاتائانىسى ۋە ئوغلىنى سېغىنىش ھېسسىياتى پەيدا بولىد ، چۈنكى 15 كۈن بۇرۇن كورلىغا بېرىپ ئۇلارنى يوقلىغانىدى.
    ئەبەيدۇللا 26-چېسلا قايتماقچى بولدى.
    يانفون سايرىدى . يۇنۇز خۇباچېۋغا كەلگەنىدى . ئۇ باشلاپ كەلگەن يېڭى خېرىدار مەن چېچىنىلىك باكاچېۋ بولىمەن دەپ ئۆزىنى تونۇشتۇردى.
    بەشەيلەن مېھمانساراينىڭ كافېيخانىسىدا ئۇچراشتى.
    ئەبەيدۇللا ئۇچلۇق ئېڭىكىنى تىرىگىنىچە گازىر كۆزلىرى بىلەن يېڭى خېرىدارغا سەپسالدى . بۇ كىشى ئەللىكتىن ئاشقان ، تەمبەل ، يوغان قورساق ، كۆك كۆز ، ئەپتىدىن ۋەھشىيلىك يېغىپ تۇرىدىغان ئادەم ئىدى.
    بۇ قېتىم راستتىنلا ئەلى باباغا ئوخشاپ قالىمەنمۇ نېمە؟
    بىراق ، ئۇلار تۆتلا كىشى ، قورقۇنچلۇق كىشىلەر ئەمەس ، شۇڭا بۇلاڭچىلىق قىلىش ئۇلارنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ . ئەڭ ياخشىسى بىر گراممۇ ساتماي قايتىپ بۇ يەردىن تېزدىن يوقاش ئەڭ ياخشى چارە دەپ ئويلىدى ئەبەيدۇللا.
    ئەبەيدۇللا ياتاققا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، باش مۇلازىمەتچىگە تېلېفون بېرىپ ياتاقنى قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
    ئەبەيدۇللا تاڭ سۈزۈلگەندىلا ئاستا چىقىپ لىفت بىلەن بىرىنچى قەۋەتكە چۈشتى . بۇ چاغدا بىرىنچى قەۋەتتىكى زالدا ئىككىئۈچتەك ئادەم بار ئىدى.
    ئۇ چوڭچوڭ قەدەملەر بىلەن سىرتقا جۆنىدى . ئۇنىڭ ئارقىسىدىن «دادا ، ياخشىمۇ سىز...» دېگەن بىر تونۇش ئاۋاز ئاڭلاندى . ئۇ توختاپ ئارقىسىغا قارىۋىدى ، قادىر بىلەن يېڭى خېرىدار تۇراتتى . يېڭى خېرىدار كىچىك بىر ئۈنئالغۇ كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ ، ئابايامقى تونۇش ئاۋاز ئەنە شۇ ئۈنئالغۇدىن چىققانىدى.
     تۈنۈگۈن ئوغلىڭىز ئەنۋەر كەلدى ، ئۇنى كۆرگىڭىز يوقمۇ؟ دېدى قادىر.
    ئەبەيدۇللا چىشىنى چىشلىگىنىچە بېشىنى كۆتۈرۈپ بىر ئالىيىپ قويدىدە ، مېڭىشقا تەمشەلدى.
     ئاكا ، يەنە كېلىسىز ، يەنە كېلىپ بىزنى ئىزدەيسىز . ۋاقىتنى ئىسراپ قىلغاننىڭ نېمە پايدىسى؟ سودا دېگەن سۆھبەت ئارقىلىق بولىدۇ ، باھانى كېلىشسەك بولىدۇ . ناۋادا قاراپ تۇرۇپ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويسىڭىز بەك جىق قۇربان بېرىپ كېتىسىزغۇ دەيمەن؟ سۆھبەتلىشەيلى ، بىز دېگەن بىر ئۇرۇق خەق ، ئاكا ، مەن چامىمنىڭ يېتىشىچە سىزگە ياردەم بېرىمەن!
     ھا.. . ھا.. . ھا ، پاژالۇستا (ئولتۇرۇپ سۆھبەتلىشەيلى! قادىر تەرجىمە قىلدى).
    ئۇلار ساپادا ئولتۇرۇشتى ، ئەبەيدۇللا تەرگە چۆمۈلگەنىدى.
    ئويلىمىغان خەتەرلىككە بىر قېتىملىق تېلېفون سەۋەبچى بولغانىدى . ئەبەيدۇللا كورلىدىكى ئائىلىسىنىڭ تېلېفون نومۇرىنى يۇنۇزغا دەپ بەرگەن ھەم يۇنۇزنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئوغلىدىن كەلگەن تېلېفوننى ئېلىپ سۆزلەشكەنىدى . بۇ ئىشنىڭ سۇيىقەست دەستىكى بولۇپ قېلىشىنى ، شۇنداق ئوڭۇشلۇق بولۇۋاتقان سودىنىڭ سۇغا چېلىشىدىغانلىقىنى كىم ئويلىغان دەيسىز! ئەسلى يۇنۇز ئەبەيدۇللانىڭ ئاۋازىنى تۇيدۇرماستىن ئۈنئالغۇ لىنتىسىغا ئېلىۋېلىپ ، ئاۋازى ئەبەيدۇللانىڭكىگە ئوخشايدىغان بىر ئادەمنى ياللىۋالغانىدى . بۇ ھىيلەمىكىرنى باكاچېۋ پىلانلىغان ۋە ئورۇنلاشتۇرغانىدى . ئۇ قىزغىزىستاندىكى قارا قول پارتىيىسىنىڭ 4-نومۇرلۇق ئاتامانى ئىدى . بۇ ياۋۇز بۆرە ئەبەيدۇللا پەيدا بولغاندىلا بۇ سىمىز گۆشنى يېيىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ ، قان تېمىپ تۇرىدىغان ئاغزىنى ئاچقانىدى . ئۇ قادىر قاتارلىق ئۈچەيلەننى ئەبەيدۇللانى توزاققا چۈشۈرۈشكە ئورۇنلاشتۇرغانىدى . شۇڭا ئەبەيدۇللا يېتىپ كېلىشى بىلەنلا يالغان ئەبەيدۇللا (ئاۋازى ئەبەيدۇللانىڭ ئاۋازىغا ئوخشايدىغان يالغان ئەبەيدۇللا) ئەبەيدۇللانىڭ ئاتائانىسىغا تېلېفون بېرىپ:
     بۇ قېتىمقى سودا چوڭراق ، ۋاقتى سوزۇلۇپ كېتىدىغاندەك تۇرىدۇ . ئوغلۇم 9-ئاينىڭ 2-كۈنى مەكتەپكە بارىدۇ ئەمەسمۇ ، ئۇنىڭغىچە قىرغىزىستانغا كېلىپ بىرقانچە كۈن ئويناپ كەتسۇنمىكىن دەيمەن؟! قىرغىزىستانلىق ئۇيغۇر ئاغىنەم ئەزىز (يالغان ئەبەيدۇللا) ناھايىتى ئىشەنچلىك ، ئۇ يېقىندا قىرغىزىستانغا قايتىدۇ ، بالىنى شۇ كىشى ئالغاچ كەلسۇن، دەيدۇ . باكاچېۋ قادىرغا تاپىلاپ ، ئەبەيدۇللاغا بولغان نازارىتىنى كۈچەيتىشنى ، ھېچقانداق ئىش قىلدۇرماسلىقنى ، ئوغلىغا تېلېفون بېرىش پۇرسىتىنىمۇ بەرمەسلىكنى ، تېلېفون بېرىپ قالغاندا پۇرسەتنىڭ قولدىن كېتىدىغانلىقىنى ، ئەزىز بېرىشتىن بۇرۇن ئەنۋەردىن تېلېفون كېلىپ قالسا پىلاننىڭ كۈپۈككە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ . ئەزىزنىڭ پاسپورتى ، ۋىيزىسى ۋە ئايروپىلان بېلىتى راست ئىدى . شۇڭا ئەبەيدۇللانىڭ ئاتائانىسى ئەنۋەرنى ئەزىزگە تاپشۇرۇپ بەردى . ئۇلار بۇ ئىشلارنى ئەبەيدۇللا ئورۇنلاشتۇرغان دەپ بىلگەچكە ، شۇنداقلا پۇلنىڭ كۆزىگە قارىغاچقا ئەبەيدۇللاغا تېلېفونمۇ بېرىپ باقمىدى.
    باكاچېۋ بىلەن يۇنۇز ئەنۋەرنى «ئەلى بابا» مېھمانسارىيىدىن 300 مېتىر يىراقلىقتىكى «ئىسسىق كۆل مېھمانخانىسى»غا ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئەزىزنى ھەمراھ قىلدى ۋە ئەنۋەرنىڭ ئەبەيدۇللاغا قىلغان تېلېفونىنىڭ ئۈنئالغۇسىنى ئۇنىڭغا قويۇپ بەردى.
    ئەبەيدۇللا تەرگە چۆمۈلگەنىدى . ئۇ:
     ماڭا ئوغلۇم كېرەك ئەمەس ، خوش! دېدى تەرلىرىنى سۈرتكەندىن كېيىن مېڭىشقا تەمشىلىپ.
     ئاكا ، بىزدە ئۈنئالغۇ لېنتىسىدىن باشقا يەنە سىنئالغۇ لېنتىسىمۇ بار ، بۇمۇ ئەنۋەرنىڭ ، كۆرۈپ باقمامسىز ، نېمىگە ئالدىرايسىز! ئەبەيدۇللا يېنىپ كېلىپ ئولتۇردى.
    سىنئالغۇدىكى كۆرۈنۈش مۇنداق ئىدى: تاتلىق ئۇيقۇدىكى ئوغلىنى ئىككى قاۋۇل كىشى بوينىدىن تارتىۋاتاتتى . ئوغلى يىغلاپ قىينىلىۋاتاتتى . ئۇنىڭ سول پۇتى ئېگىز كۆتۈرۈلگەنىدى . قىسقا كۆرۈنۈشلەر  بالىنىڭ سول پۇتى ، پىچاق ، بوينى پىچاق بىلەن كېسىلىپ تېرىسى بىلەن گۆشى ئاجرىتىۋېتىلگەن . بالا «دادا» دەپ قاتتىق ۋارقىرىماقتا ، قىپقىزىل قان توختىماي ئاقماقتا...
    باكاچېۋنىڭ كۆك كۆزى تېخىمۇ قورقۇنچلۇق بولۇپ كەتتى.
     گوسپادىن (ئەپەندىم)، دېدى كۆك كۆزلىرى تېخىمۇ قورقۇنچلۇق تۈسكە كىرگەن باكاچېۋ ئالدىرىماستىن، بۇ بالىنىڭ بىزگىمۇ كېرىكى يوق ، ئۇ ھازىر مېيىپ تىلەمچىگە ئايلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ . لېكىن ئۇنىڭ يارىسىنى تىكىش قىيىن ئىش ئەمەس.
     ياقۇتلارنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە بېرەي...
     مەن مۇسۇلمان ئەمەس ، شۇنداقلا خەيرساخاۋەتچىمۇ ئەمەس . شۇڭا ئاۋۇ ئۈچىنىڭ يۈزىنى قىلىپ بولسىمۇ نەپسىمنى بەكمۇ قويۇۋەتمەي ، قېنى جۇڭگولۇق ئاغىنىمىزنىڭ ھەمكارلىشىش سەمىمىيىتىنى كۆرۈپ باقايلى.. . ھا.. . ھا.. . ھا... دېدى باكاچېۋ.
     ئاكا ، بىزمۇ بۇ ئىشنى مەجبۇرىي قىلىۋاتىمىز ، سىزگە يۈز كېلەلمەيمىز ، ناۋادا ساقچىغا مەلۇم قىلسىڭىز ، مۇشۇ ئۈچىمىزلا تەكشۈرۈلىمىز ، ئۇنىڭغا ھېچ ئىش كەلمەيدۇ . ئۇنى قولغىمۇ ئالمايدۇ ھەم چېقىلالمايدۇ ، ئاكا! ھېچنېمە بولمىدى ، ئەنسىرىمەڭ ، بايا سىزنى قورقۇتۇپ قويدۇق...
    دەل مۇشۇ ئەسنادا يۇنۇز بىلەن دۇلئۇرمان كىرىپ كەلدى . باكاچېۋ ئەبەيدۇللاغا بىر دۇربۇننى بەردى ، ئۇلار بىرلىكتە مېھمانخانىنىڭ چوڭ ئىشىكىدىن چىقىشتى.
    «ئىسسىق كۆل مېھمانخانىسى»نىڭ 4-قەۋىتىدىكى بىر ياتاقنىڭ دېرىزىسى ئوچۇق ئىدى . ئەبەيدۇللا دۇربۇن بىلەن سول قولىدا ھاسا تۇتۇۋالغان ئوغلىنىڭ مېڭىپ يۈرگىنىنى كۆردى.
     ياقۇتنى ئۈچ مۇسۇلمان بۇرادەر بۆلۈشسۇن ، ماڭا بېرىدىغىنىڭ ئايرىم، دېدى باكاچېۋ باش بارمىقىنى كۆرسىتىپ.
     ئون مىليون!
     خەلق پۇلىمۇ؟
     ياق ، ئامېرىكا دوللىرى ، ئامېرىكا دوللىرى ، بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرى!
    خۇداغا شۈكرى ، ھېلىمۇ ئون مىليون دەپ سالماپتىمەن دەپ ئويلىدى ئەبەيدۇللا.
     بولىدۇ ، قەشقەرگە ھازىرلا تېلېفون بېرەي ، پۇل بىردەمدىلا كېلىدۇ ، ئوغلۇمنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار!
     نېمىگە ئالدىرايسىز؟ سىلەردە «توشقاننى كۆرمەي تۇرۇپ بۈركۈتنى قويۇۋەتمە» دېگەن سەقىمە بار ئەمەسمۇ؟! بالىنى پۇل قولغا تەگكەن ھامان قايتۇرۇپ بېرىمىز ، ئەگەر ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىدىغان بولساڭ بۇ ئۈچەيلەننى ئىزدىمە ، ئۇلار مېنىڭ قول ئاستىمدىكى كىشىلەر ، مەن خوجايىن ، قارا ، ئوغلۇڭ مېھمانسارايدىن چىقىۋاتىدۇ!
    بالا راستتىنلا چىقىۋاتقانىدى ، بىراق قولىدا ھاسا يوق بولۇپ ، سەل ئاخساقلىق ئىدى.
     ئاكا! ئەنۋەرنىڭ پۇتىنى باغلاپ قويدۇق ، پۇتىنىڭ ئۈستى ئازراق ئىششىپ قالدى ، پىچاق يېگىنى بىر تىلەمچى بالا.
    ئەبەيدۇللا ئۇلارنىڭ مانا مۇشۇنداق رەھىمدىل ھەم رەھىمسىز ۋاسىتىسى ، چەكسىز ھەم چەكلىك نەپسانىيىتىدىن قاتتىق خۇرسىندى.
    پۇل كەلدى ، بالا قايتۇرۇلدى ، ئۇ قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىگە قايتىپ كەلدى.
    جۇڭگو كونسۇلخانىسىنىڭ ئۈستىدە بەشيۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق لەپىلدىمەكتە ئىدى . جۇڭگو ، قىرغىزىستان ھەقىقەتەن دوست قوشنىلاردىن . ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان ئايروپىلان قاتنىشى باشلانغىنىغا يېرىم يىلدىن ئاشتى ، ئەمما قىرغىزىستاننىڭ ئىشلىرى ياخشى ئەمەس ئىدى!
    ئاينىڭ ئون بەشى يورۇق ، ئون بەشى قاراڭغۇ . ئەبەيدۇللا ئوغلىغا بۇ يەرلەرنى كۆرسەتكەندىن كېيىن ، ئىچى ئاچچىق بولغان ھالدا يۇرتىغا قايتىپ كەلدى.

    3 . يۇگا ئەرۋاھى بىلەن ئېلىشىش

    غەربىي ياۋروپا ، شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئېسىلزادە خېنىملار مۈرىسىگە سالىدىغان يېپىنچىنىڭ ئەڭ ئېسىلى «سارتۇش» دېيىلىدۇ.
      1.36 كۋادرات مېتىر كېلىدىغان بىر پارچە سارتۇش باھاسىنىڭ قانچە پۇل ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئۇنىڭ باھاسى 70 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغىچە بولۇپ ، ئۇنىڭ بىلەن ئوخشاش ئېغىرلىقتىكى ئالتۇننىڭ باھاسىدىن 79.5 ھەسسە يۇقىرى . ئۇ يېپىنچا يۇمشاق ، نەپىس بولۇپ ، قاتلانغاندا سەرەڭگە قېپىغا سىغىدۇ . تارتقاندا ئۈزۈكنىڭ كۆزىدىن ئوڭايلا ئۆتىدۇ . ئۇنى يىڭنە يىپىغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ ، شۇڭا ئۇ «ئۈزۈك يېپىنچا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
    ئۇ ھىندىستان پاكىستان ۋە ئەرەب ئەللىرىدە ئېسىلزادىلەر ئورنىنىڭ يۇقىرىلىقى ، كاتتا بايلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ، باشقىلار ئالدىدا ئېسىلزادىلىكىنى كۆزكۆز قىلىدىغان ئەڭ ئېسىل ۋاسىتە ھېسابلىنىدۇ . ئېسىلزادە خېنىملار ئارتىۋالىدىغان بۇنداق يېپىنچىنىڭ خام ماتېرىيالى قەيەردىن چىقىدۇ؟ ئۇنىڭ خام ماتېرىيالى جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئالتاي تېغى ، قاراقۇرۇم تېغىدىن چىقىدۇ . بۇ جايلار چەرچەن ناھىيىسىگە تەۋە ، بۇ ناھىيىنىڭ زېمىنى كەڭ بولۇپ ، جېجياڭ ئۆلكىسىدىنمۇ چوڭ.
    «سارتۇش»نى ھىندىستانلىقلار بىلەن پاكىستانلىقلار ئىشلەيدۇ . 10 يىلدىن بېرى ئۇنىڭ ماتېرىيالىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى ، نەدىن چىقىدىغانلىقى بىر سىر بولۇپ كەلگەنىدى.
    1992يىلى ئامېرىكىنىڭ دېترويت شەھىرىدىكى بىئولوگىيە پروفېسسورى دوكتور گيورتى شىرىر «سارتۇش»نىڭ ماتېرىيالى «تىۋىت پادىشاھى» دەپ  ئاتالغان ، پەقەت جۇڭگونىڭ شىزاڭ رايونىدىنلا چىقىدىغان ، شىزاڭ بۆكىنىنىڭ تىۋىتى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بۇ سىرنى يەشتى.
    شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىكى ئوغرىلىقچە ئانداساندا بۆكەن ئوۋلاش بۆكەنلەرنى توپى بىلەن قالايمىقان ئۆلتۈرۈشكە ، ئەسلىدىكى ئارا ، ئورەك ، قاپقان ئارقىلىق ئوۋلاش ، پىلىموت بىلەن قىرىشقا ، ماشىنىلار بىلەن قوغلاپ يۈرۈپ ئېتىشقا ، ئىككى ماشىنىنىڭ بىخەتەرلىك كالتىكىگە ئارغامچە باغلاپ تۇتۇشقا ، بۆكەن توپلىرى ئارىسىغا بۆسۈپ كىرىپ ئوۋلاشقا ، بىرىنىمۇ ئالا قويماي ئوۋلاشقا تەرەققىي قىلدى.
    شىزاڭ بۆكىنى خۇددى چوڭ مۈشۈك ئېيىقتەك قىممەت باھالىق ھايۋان بولۇپ ، ئۇ دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان 1دەرىجىلىك ھايۋان . شىزاڭ بۆكىنىنى ئۆلتۈرۈش خۇددى ئادەم ئۆلتۈرگەنگە ئوخشاش جىنايەت ھېسابلىنىدۇ.
    ئوغرى قاراقچىنى قاراڭغۇدا تونۇيدۇ . ئوغرى قاراقچىغا يانتاياق بولىدۇ ، بۇ ماقالىدە باشقىلارغا قۇللارچە تېجىمەللىك قىلىدىغان بەش نەپەر خائىننى تونۇشتۇرىمىز . ئۇلارنىڭ خوجايىنى ھىندىستاننىڭ چاندىگار شەھىرىدە تۇرىدۇ.
    ۋېي ئەردەي: خەنزۇ ، 19 ياش ، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ دۇنخۇاڭ ناھىيىسىدىن ، دېھقان.
    ما يۇشۈي: خەنزۇ ، 22 ياش ، چىڭخەينىڭ مىنيۇەن ناھىيىسىدىن ، دېھقان.
    جەن دافېڭ: خەنزۇ ، 36 ياش نىڭشانىڭ توڭشىن ناھىيىسىدىن ، دېھقان.
    جۇ جىيۈەن: خەنزۇ ، 29 ياش ، لەنجۇ شىگوچىڭ نېفىتتەبىئىي گاز شىركىتىنىڭ ئىش ئورنىدىن قالدۇرۇلغان ئىشچىسى.
    چىن جۇ: خەنزۇ ، 29 ياش ، شىنىڭ «چىليەن» ئېلان شىركىتىنىڭ كەسپىي خادىمى.
    ئوغرى ئوغرىنىڭ ، قاراقچى قاراقچىنىڭ قاياشى . پۇلنىڭ كەينىگە كىرگەنلەر خۇدىنى يوقىتىپ جىنايەت يولىغا بېشىچە كىرىپ كەتكىنىنى تۇيماي قالىدۇ.
    تۆت يىلدىن بۇيان ئالدىنقى ئۈچ كىشى بىرئىككى قېتىم ، شەھەردىن كەلگەن كېيىنكى ئىككىسى ئاز دېگەندىمۇ ئون نەچچە قېتىم جىنايەت سادىر قىلغان.
    بۆكەن ئوۋلاش قىلمىشى خۇددى چىرىكلەشكەن ئەمەلدارلارغا ئوخشاش ئارقائارقىدىن ، بىربىرىنىڭ ئورنىنى بېسىپ ، ئۈزۈلمەستىن داۋاملىشىۋەردى . قانۇنسىز ئوۋ ئوۋلىغانلارنى تۇتۇش ، ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشلەرمۇ كار قىلمىدى . بەزىلەر تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ پۇلغا ئېرىشتى . بۆكەننى ئوغرىلىقچە ئوۋلاش دەسلىپىدە ئۇۋىسىنى قورشاش يولى بىلەن بولغانىدى . ئەمما كېيىن پۇل ئۈچۈن ئۇلار خەتەرگە پىسەنت قىلمايدىغان بولۇپ قالدى . كېيىن ئۇلارنىڭ نوخلىسى تېخىمۇ ئۆسۈپ بۆكەنلەرنىڭ ئۇۋىسىنى قوراللىق ھالدا قورشاش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتتى.
    دۆلىتىمىزدە بۆكەننى قوغداش يولىدا قۇربان بولغان تۇنجى قەھرىمان چىڭخەي ئۆلكىسى جىدۇ ناھىيىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى جېسانسۇنەنداجى ئىدى . ئۇ 1994-يىلى 18- يانۋاردا بۆكەن تېرىسى بىلەن لىق تولغان يۈك ماشىنىسىنى توسقاندا ، ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلىغان 18 قاراقچى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلدى ، كىشىلەر ئۇ قۇربان بولغان جايدا ئۇنىڭغا خاتىرە تېشى ئورناتتى . مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «شەرق ۋاقتى» ، «يېرىم سائەتلىك ئىقتىسادىي خەۋەرلەر» پروگراممىلىرىدا ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى تونۇشتۇردى.
    غەربتە ئەرلەر ئارىسىدا ئۆرۈمە چاچ بىر مەزگىل ئەۋج ئالغانغا ئوخشاش ، يېپىنچا ئارتىدىغان غىتمەك ئەرلەرمۇ بارلىققا كەلدى . بىر بۆكەندىن100گىرامدىن 150 گرامغىچە تىۋىت چىقىدۇ . ئۇزۇنلۇقى ئىككى مېتىر ، كەڭلىكى بىر مېتىر كېلىدىغا بىر دانە ئايالچە يېپىنچىغا 300گىرامدىن  400 گرامغىچە تېۋىت كېتىدۇ . دېمەك ، بىر يېپىنچا ئۈچۈن ئۈچ بۆكەننى ئۆلتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ . ئەرەنچە ئۇزۇنلۇقى5.1 كەڭلىكى 3 مېتىر كېلىدىغان يېپىنچىغا يەتكۈدەك تىۋىت ئېلىش ئۈچۈن ، ئاز دېگەندە بەش بۆكەننى ئۆلتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
    ئېھتىياجنىڭ شىددەتلىك ئېشىشى ، تەمىنلىگۈچى تەرەپنىڭ نەپسىنى يوغىنىتىۋەتكەچكە ئوۋچىلار قوشۇنى ، ئوۋلاش قېتىم سانى تېزلىكتە زورايدى . بۆكەن ئوۋلاپ جان باقىدىغانلار ئۇنىڭدىن ئاسانلىقچە قول ئۈزەلمەيدۇ ، ئۇلار «ئاخىرقى بىر قېتىم» ، «ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم» بىلەن كېتىۋېرىدۇ . ئۇلار جېنىدىن تويغان تەۋەككۈلچىلەر بولغاچقا ئاسانلىقچە بولدى قىلىشمايدۇ ، پەقەت جېنىدىن ئايرىلمىغۇچە ياكى قولغا ئېلىنمىغىچە ئوۋ مىلتىقىنى تاشلىمايدۇ.
    دۆلىتىمىزنىڭ ئوغرىلىقچە بۆكەن ئوۋلىغۇچىلارغا زور كۆلەمدە زەربە بېرىش ھەرىكىتى 1999يىلى 4-ئايدىكى «كېكېشىلى»دىن باشلانغان بولۇپ ، دۆلەتلىك ئورمانچىلىق ساقچى ئىدارىسى باشلامچىلىقىدا شىنجاڭ ، چىڭخەي ، شىزاڭ قاتارلىق ئۈچ ئۆلكە ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورۇنلىرى قاتناشتى . شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون تەۋەسىگە ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ سىڭيو قوماندانلىق قىلدى . 86 كىشىدىن تەشكىللەنگەن بۇ قوغلاپ تۇتۇش ئەترىتى ئۈرۈمچى شەھىرى ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ، چەرچەن ناھىيىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بايىنغولىن موڭغۇل ئوبلاستى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى ياراملىق كادىر ، ساقچىلاردىن تەركىب تاپقان . 4-ئاينىڭ 14-كۈنى ساقچى ماشىنىلىرى ئۈرۈمچىدىن ياۋايى ھايۋاناتلارنى قوغداش رايونىغا قاراپ يولغا چىقىپ «شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكى تۆمۈرمۇش  شىزاڭ بۆكىنى قوغداش ھەرىكىتى» ئېلىپ باردى . 4-ئاينىڭ 15-كۈنى ماشىنا ئەترىتى چەرچەن ناھىيىسىدىن نىيە ناھىيىسىگە كەلگەندە ، ئەڭ ئالدىدىكى ماشىنىنىڭ سۈرئىتى تېز ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يول ناتونۇش بولغاچقا ، ماشىنا ئۆرۈلۈپ كېتىپ دۆلەتلىك ئورمانچىلىق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئورمان قوغداش باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دۇەن شىڭخاۋ نەق مەيداندا قازا قىلدى . مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىر مۇخبىرى ئېغىر يارىلاندى.
    ئۇلار 12ئاپرېل چۈشتىن كېيىن دېڭىز يۈزىدىن 5400 مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئالتۇنتاغ ئېتىكىگە كەلگەندە قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنى بايقىدى ، ئىككى دانە بېيجىڭ 2020 تىپلىق جىپنىڭ ئالدى تەرەپتە ھەرىكەتلىنىپ يۈرگەنلىكىنى دۇربۇن ئارقىلىق ئېنىق كۆردى . ئۇلار تېرىسى سويۇۋېلىنغان شىزاڭ بۆكەنلىرىنى ئۇچراتتى.
    جىنايەتچىلەرگە ماشىنىنى توختىتىش توغرىسىدا ئوق چىقىرىپ ئاگاھلاندۇرۇش بەردى . جىنايەتچىلەر ماشىنىسىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلەتتى ۋە ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ ئوق چىقاردى . بىر پەس ئېتىشىشتىن كېيىن جىنايەتچىلەر تەسلىم بولۇشتى.
    بۇ قاراقچىلار سەككىز ئادەم بولۇپ ، ھەممىدىن بۇرۇن ئوق چىقارغان قارا يۈرەك ، قورقۇنچاق ۋېي ئەردەي ساقچىكادىرنىڭ يەتتە پاي ئوقىنى يەپ جېنىدىن جۇدا بولدى . جىنايەتچىدىن بىرى يارىلاندى ، ئىككىسى قولغا چۈشتى . ما ، جيەن ، جۇ ، چىڭ قاتارلىق تۆتى قېچىپ كەتتى.
    شىنجاڭنىڭ ياۋايى ھايۋانلارنى قوغدىغۇچى خادىملىرى 20 كۈن ئىچىدە 20 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇقراق يول يۈرۈپ ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلىغۇچى قاراقچىلاردىن بىرنى ئېتىپ ئۆلتۈردى ، 19 نى تۇتتى ، 522 پارچە بۆكەن تېرىسىنى قولغا چۈشۈردى . ئوغرىلىقچە قوراللىق ئوۋ ئوۋلىغۇچى قاراقچىلار گۇرۇھىدىن يەتتىسىگە زەربە بەردى.
    بۇنىڭدىن بىز بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ ناھايىتى زور ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز.
    ۋەھالەنكى ، مەركىزىي خەلق رادىئو ئىستانسىسى 1999يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىككىنچى يۈرۈش پروگراممىسى «جەمئىيەت ئەينىكى»دە شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئوغرىلىقچە بۆكەن ئوۋلىغان نۇرغۇن جىنايەتچىلەرگە ھۆكۈم ئېلان قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىدىغانلارنىڭ ئاقىۋىتى مانا مۇشۇنداق بولىدۇ.
    ما ، جەن ، جو ، چىڭ قاتارلىق جېنىدىن تويغان قاراقچىلار ئۆڭكۈرلەرگە يوشۇرۇنۇپ ئۈچ كۈن ياتقاندىن كېيىن ، ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق ئازابىغا چىدىماي 25-ئاپرېل كۈنى تاڭ سەھەر سائەت 4 دە ئۆڭكۈردىن چىقتى . تاغدا بۇلاق ، بۆكەن گۆشى ، شېرىكلىرى تاشلاپ كەتكەن قازانقومۇچلار بار ئىدى.
    ما ، جەن ، جۇ ، چىڭلار چەرچەنگە بېرىپ مېھمانخانىدىن ھىندىستانلىق خوجايىن ماڭزاگنى تاپايلى دېيىشتى . چىڭ:
     بۆكەن «مۈڭگۈز»لىرىنى يىغىپ دورا پۇرۇچقا ساتايلى ، شۇنداق قىلساق ھەر بىرىمىز 76 مىڭ يۈەنگە ئېرىشىمىز، دېدى.
     بولمايدۇ! بىز تۈگىشەيلى دەپ قالدۇق ، ماڭزاگنى ئىزدىمىسەك بولمايدۇ . كېلىشىمدە ھەر بىر كىشى 100 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشىدىغان تۇرسا ، قولغا 10 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىمۇ كەلمەيدىغان ئىشنى كىم قىلىدۇ، دېدى جۇ خاپا بولۇپ.
     ھىندىستانلىقنىڭ قانداق ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى كىم بىلىدۇ ، ئۇ قېچىپ كەتتىمۇ تېخى ، بۇ بىزگە نامەلۇم ، بىزنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى . مۇنداق ئەھۋالدا ئۇنى ئىزدىسەك مېھمانخانىدا ساقلاپ تۇرغان ساقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالمايمىز دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ ئۇنداق قىلساق «چاشقاننىڭ ئۆلگىسى كەلسە ،  مۈشۈكنىڭ قۇيرۇقىغا ئېسىلىپتۇ» دېگەندەك ئىش بولمامدۇ؟ دېدى چىڭ.
     ئاۋۋال تېلېفون بۇتكىسىدا ئۇنىڭغا تېلېفون بېرەيلى ، مۇنداق سودىنى پەقەت ساراڭلارلا قىلىدۇ! دېدى جۇ خۇرسىنىپ . ماڭزاگەنگە ھېچ ئىش بولمىغانىدى ، ئۇ تاغنىڭ ئەھۋالىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ئىدى.
    جۇنىڭ تېلېفونىنى ئېلىپ «داۋۇت» ئاشخانىدا ئۇچرىشىشنى ماقۇل كۆردى . ئۇ مۇنداق دېدى:
     مال بولسىلا كېلىشىم بويىچە ئىش قىلىمىز ، خوجايىنغا «پۇلنى ئەۋەتىپ بېرىڭ» دېسەك بولىدۇ . بۇ مال بولمىسا  پۇل بەرمەيمىز دېگىنىم ئەمەس . ئالدى بىلەن ھېساباتقا كىرگۈزەيلى ، بۇ سودىنى قىلىدىغان گەپ ، يەنە ھەرقايسىڭلارغا تايىنىدىغان گەپ ، كېيىنكى قېتىمدا قوشۇپ ھېسابلاشساڭلارمۇ بولىدۇ ، ئالدى بىلەن ھەر بىرىڭلارغا 800 ئامېرىكا دوللىرىلا بېرىپ تۇرالايمەن . ناۋادا بۇنى ئاز كۆرسەڭلار مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار، دېدى.
    خوجايىننىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلىغان تۆتەيلەن يىلى چىقىپ كەتكەن توپتەك بوشاشقىنىچە پۇلنى ئېلىشتى.
    ئۇلار ئۈچۈن ئۆيىگە قايتىش دوراخقا كىرگەن بىلەن باراۋەر ئىدى . ئۇلار ھىندىستانغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ بارغىنى بىلەن ، ئۇسۇل لىنىيىسىنى تەپسىلىي بايان قىلىشى تەسكە چۈشەتتى.
    ئۇلار ھىندىستانغا بارغاندىن كېيىن ، چوڭ خوجايىن رانارانى تاپتى . ئۇزۇن قوڭۇر ساقاللىق ، ئوتتۇرا ياش ، سېمىز كەلگەن بۇ خوجايىن ھېلىقى تۆتى بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى . ئۇلارغا: «يۇيۇنۇپ ، كىيىم يەڭگۈشلەڭلار» دېدى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يالغان ھىندىستانلىق قىياپىتىگە كىردى . خوجايىن ئىككى قولىنى جۈپلەپ ۋېي ئەردەي ئۈچۈن ئايەت ئوقۇدى . ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە 10 مىڭ دوللاردىن پۇل بەردى ۋە:
     نەدىن كەلگەنلىكىڭلار نامەلۇم بولغاچقا ، ئوچۇق يول بىلەن قايتساڭلار بولمايدۇ . ئاۋۋال يېڭى دېھلىنى بىرنەچچە كۈن ئايلىنىڭلار ، قېپقالغان پۇلنى ماڭار چېغىڭلاردا بېرەي ، مېنىڭ بايلىقىم سىلەر ئارقىلىق كەلگەن! دېدى.
    «سارتۇش»نى ئىشلەيدىغان جاينى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ كۆزى ئېچىلدى.
    ماڭزاگەن ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگە ئىنتايىن نەپس ئىشلەنگەن «>يوگاچارە<نىڭ پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك سۈرىتى»نى ھەدىيە قىلدى . ئۇلار بۇ سۈرەتنى كۆرۈپ قاتتىق ھاياجانلىنىشتى . سۈرەتنىڭ ئۈستۈنكى قىسمىدىكى بۇددا ئىلاھى قىپيالىڭاچ بولۇپ ، كۆتى ئوچۇق كېنىزەكلەر بىلەن خۇددى يىلاندەك چىرمىشىپ كەتكەنىدى.
    ئۇلار تۆتەيلەنگە يەنە «يوگاچارە 36 شەكىللىك» كىنو لېنتىسىنى قويۇپ بەردى . ئۇلار بۇنى كۆرۈپ باش تېرىسى كۆيۈشۈپ كەتتى . ماڭزاگ:
     خوجايىنىمىز يوگاچارەنىڭ پىرى ، بۈگۈن ئاخشام مەشىق قىلىدۇ ، كۆرۈپ بېقىڭلار! دېدى.
    ئەرئايال ۋە ئىككى راھىب 98 كىشىدىن تەركىب تاپقان كىچىك مۇزىكا ئەترىتى ، يەر يۈزىدىن بىر مېتىر ئېگىزلىكتىكى سۇپىدا تۇراتتى . رانارا ساقىلىنى سىلاپ تۇرۇپ:
     بىز جۇڭگونىڭ ئۆي ئىچىدە قىلىدىغان قەدىمىي گۇمپىسىنىڭ جەۋھىرىنى ئوينىغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، جۇڭگو گۇمپىسىدىن ئاشۇرۇۋەتتۇق ، بىز بۇ گۇمپىنى سوۋغا ئاساسىدا سىلەرگە ئويناپ بېرەيلى، دەپ ۋارقىرىدى.
    مۇزىكا چېلىنىشى بىلەنلا ناخشا باشلاندى ، تولغان ئالتە يالىڭاچ قىز ئىككى تەرەپكە ئۈچتىن بۆلۈنۈپ سۇپىغا چىقىپ ، رانارانىڭ كىيىمىنى پۈتۈنلەي سالدۇردى.
    رانارا بۇ ئالتە قىزنى قوغلىدى ، ئۇردى ، بىربىرلەپ ئاستىغا بېسىپ غىڭشىپ ناخشا ئېيتتى ، لاغىلداپ تىترىدى ، بۇ ھەرىكەت يېرىم سائەت داۋاملاشتى.
     ئورۇق بەدەننىڭ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلۈشى ، خوجايىننىڭ بۇ گۇمپىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، دېدى ماڭزاگ.
    تۆت كىشى ماڭزاگەننىڭ ئارقىسىدىن قاراڭغۇ ئۆيگە كىرىپ ئورۇق بەدەننىڭ يۇقىرىغا ئۆرلىشىنى كۆردى . بىر تېرە ، بىر سۆڭەك بولۇپ قالغان ، ئىككى كۆزى چانىقىغا كىرىپ كەتكەن 03 ياشلاردىكى بىر ئەر سوغۇققىنە كۈلۈپ قويۇپ:
     مەن يەنە ئىككى كۈن ئولتۇرسام ئەۋلىيالىق ماقامىغا يېتىمەن، دېدى ۋە سۆزلىگەچ يەردە ئىككى پۇتىنى مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇپ ، ئىككى قولىدا تىزىنى قۇچاقلاپ بىرنېمىلەرنى دەپ ئاستا ئورنىدىن تۇردى ، بىر مېتىرچە كۆتۈرۈلگەندە: «خۇدا!» دەپ توۋلىدى.
    كەچتە بۇ تۆت كىشىنىڭ ھەر بىرسىگە يامنى مېھمانخانىسىدىن بىردىن ئالىي دەرىجىلىك ئىككى ئېغىزلىق ئۆي بېرىلدى . ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھەر بىر ئېغىز ئۆيگە ئىككىدىن ياش قىز كىرىپ ، خوجايىننىڭ مېھمانلارغا ھەمراھ بولغاچ گۇمپا ئويناپ بېرىشىنى تاپىلىغانلىقىنى ئېيتتى . ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەشىق قىلدى.
    ئورۇق ، ئاجىز ما ، جەنلەر تۇرپاندىن قېزىۋېلىنغان قۇرۇق جەسەتلەرگە ئوخشاپ قالغىلى ئاز قالدى.
    ماڭزاگەن ھىندىستاننىڭ «ئىلاھىي ياغ»نى ئەكېلىپ بەردى . بۇ نەرسە ھەقىقەتەن كارامەت بولۇپ ، تەننىڭ تۆۋەنكى قىسمىنى قىزىتىپ چىڭىتاتتى . خۇددى ئاپتوماتىك رەۋىشتە تىترىتىپ كەتكۈدەك ، ئادەمنى ئەقلىدىن ئازدۇرۇپ ئۆلگۈدەك «مەشىق قىلىش»قا مەجبۇرلايتتى . چىڭ ، جوغا مۇنداق دېدى:
     بىز ھەممىمىز ئۆلكە مەركىزىي شەھەرلىرىدىن كەلگەن . ھاياتمامات ئارىسىدا قېچىپ يۈرىمىز ، بىز ئۇرۇقتۇغقانلاردىن بولۇپ قالايلى ، يار لېۋىدىن ئاتنىڭ تىزگىنىنى تارتايلى.
     مېنىڭ كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىپ ، پۇتلىرىمدا جان قالمىدى، دېدى جۇ بېشىنى لىڭشىتىپ تۇرۇپ.
    ما ، جەنلەر جايىدىلا يىقىلىپ بىرقانچە مىنۇت ئىچىدە ئارقائارقىدىن ئۆلدى . ساقچى تەرەپ بۇ قانۇنسىز ، ئوغرىلىقچە چېگرىدىن ئۆتكەنلەرگە ئۆلگەنلىك ھەققىدىكى ئىسپاتنى چىقارغاندىن كېيىن ئۇلار كۆيدۈرۈلدى.
    جۇ ، چىڭ: «قايتىپ كېتىمىز» دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى . رانارا ھەر بىرىگە 11500 دوللار بەردى . تاماق ، ياتاق پۇلى ، يۇگارا ئاياللار مەشىق ھەققى تۇتۇپ قېلىندى.
     قايتىپ كېتىپ جىنايىتىمىزنى ئىقرار قىلىپ ، تۈرمىدە ياتساقمۇ مەيلى! كەشمىر ئارقىلىق شىمالغا قاراپ يۈرۈپ ھىندى دەرياسىدىن ئۆتسەكلا شىنجاڭ كۆرۈنىدۇ، دېيىشتى ئۇلار.
    ئۇلار 5-ئاينىڭ 16-كۈنى قاراقۇرۇم تاغ ئېغىزىغا يېتىپ كېلىپ بۇ يەردىن چېگرا ئىچىگە كىرىپ پەرىشتە قولتۇقىدا تۇرۇشلۇق چېگرا مۇداپىئە جەڭچىلىرىگە تەسلىم بولماقچى بولدى.
     ئۇلار تاغ ئىچىگە كىرىش بىلەن تەڭلا قار ناھايىتى قاتتىق ياغقىلى تۇردى . سوغۇقتىن دىردىر تىترەشكە باشلىدى . ئوزۇقتۈلۈكتىن قىسىلمىغان بولسىمۇ ، لېكىن ھېرىپ ھالىدىن كەتكەنىدى . يېرىم كېچىدە ھاۋا ئېچىلدى . ئورغاقتەك ئاي ئۇلارنىڭ ئېچىنىشلىق كۆز ياشلىرىغا ھەمراھ بولدى . جۇ جىيۈن بولالماي قالدى ، ئېغىر بىر تىنىقتىن كېيىن ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى ، جەسىتى يات ئەلدە قالدى.
    ياداپ قورايدەك بولۇپ قالغان چىڭ چېگرىدىن ئۆتتى . بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى كۆرۈپ: «مېنىڭ جىنايىتىم بار ، ۋەتەندە ئۆلۈشكە رازىمەن» دەپ توۋلىدى.

    4 . ئاق پاراشوك جانغا زامىن بولدى

    كالىلار يارغا قاراپ سەكرىگەندە سەككىز لوكىلىق  تۆگە بىلەنمۇ تۇتۇپ قالغىلى بولمايدۇ ، ئادەم شەيتاننىڭ كەينىگە كىرسە ئۇنى قۇرئانمۇ توسۇپ قالالمايدۇ.
     سالا مىللىتى تەمسىلى
    گا خېي خېي (گا قارىۋاي): چىڭخەينىڭ داتۇڭ  ناھىيىسىدىن ، مىللىتى سالا ، 22 ياش ، قۇمۇلدىكى تاششېغىل زاۋۇتىنىڭ ئىشچىسى.
    لاشى مېيزى: گەنسۇنىڭ لىنتاۋ ناھىيىسىدىن ، مىللىتى دۇڭشاڭ ، 52 ياش . شىنجاڭنىڭ بارىكۆل ناھىيىسىدىكى تۇز مەيدانىنىڭ ئىشچىسى.
    ئۇلار پاكىستانلىق قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ئۈچۈن قارچۇغا ئوۋلاپ بېرىدىغان جىنايەتچىلەر.
       پاكىستان دۆلىتىمىز بىلەن دوستلۇق ئورناتقان قوشنا دۆلەت . پاكىستاندىكى قانۇنسىز ئۇنسۇرلار جۇڭگو- پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى بىر تەرەپكە قايرىپ قويۇپ ، دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىنى كۆزگە ئىلماي ، دۆلىتىمىزنىڭ شىزاڭ بۆكىنىگە ئىبلىس قولىنى سۇنۇپلا قالماستىن ، بەلكى خەلقئارا زەھەر ساتقۇچىلار گۇرۇھىنىڭ دۆلىتىمىزگە سىڭىپ كىرىشىدىكى ئاساسلىق قول چوماقچىلىق رولىنى ئويناپ كەلدى ، ئۇنىڭ كاتتىۋېشى 1998يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى . ئۇلار دۆلىتىمىزنىڭ قارچۇغا نەسلىنى قۇرۇتقۇچى جاللاتلاردۇر.
    قارچۇغا دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان . لاچىن بىلەن ئەجدادى بىر ، ئۇنىڭ جۇغى كىچىك بولۇپ ، ئۇلار قىزىل قارچۇغا ، قارلىغاچسىمان قارچۇغا ، كۈلرەڭ قارچۇغا قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ . ئۇ پايدىلىق قۇش بولۇپ ، چاشقاننىڭ كۈشەندىسى . ئۇنىڭ چاشقان يوقىتىش ئىقتىدارى مۈشۈكياپىلاقتىن قېلىشمايدۇ . ئۇلار شىمالىي يېرىم شارغا تارقالغان ، شەرقىي شىمالى جۇڭگو ، شىمالىي جۇڭگودا قۇرغۇي دەپ ئاتىلىدۇ.
    ھازىرقى زامان سانائىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى سەۋەبلىك ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ ، قارچۇغىلارنىڭ سانى ئىنتايىن ئازىيىپ كەتتى . ھازىر پەقەت چىلەنشەن ، تەڭرىتېغىدىن ئىبارەت ئىككى جايدىلا ساقلىنىپ قالغان.
    90يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ، غەربىي ياۋروپا ، شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان كاپىتالىستلار جۇڭگونىڭ قارچۇغىلىرىنى بېقىشنى يولغا قويدى . مېھمان كۈتىدىغان ئۆيگە ئېگىزلىكى 34 مېتىر كېلىدىغان يوغان قەپەس ئېسىپ ئىچىگە بىر- ئىككى قارچۇغىنى سېلىپ ئۇلارنى يېڭى قۇشلار بىلەن باقىدۇ . بۇ قۇش گەرچە بەك چىرايلىق ، ئاۋازى يېقىملىق بولمىسىمۇ ، لېكىن غايەت زور بايلىقنىڭ بەلگىسى قىلىندى . پۇلنى دەپ ئەقلىھوشىنى يوقاتقان ، پۇل ئۈچۈن جېنىنى ساتىدىغانلار ئاجايىپغارايىپ ئېھتىياجلارنى قاندۇرۇش ئۈچۈن قارچۇغىلارنى نەسلى قۇرۇپ كېتىش گىردابىغا ئاپىرىپ قويدى.
    بىر كىچىككىنە قارچۇغىنىڭ باھاسى 50 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ، پاكىستاندىكى قارا جەمئىيەت كۈچلىرى بۇ جىنايى سودىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان.
    جۇڭگو چېگرىسىدىن كىرىش قىيىن ئەمەس ، تۇغقان يوقلاش ، ساياھەت پاسپورتلىرىنى بېجىرىش ناھايىتى قۇلاي . پاكىستاندىن كەلگەن قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ شىنجاڭدا جىنايەت ئۆتكۈزۈپ ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىشى ، چېگرىدىن قوغلاپ چىقىرىلىشى ياكى كېسىم قىلغانلىق ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى دائىم كۆرۈپ ، ئاڭلاپ تۇرۇش مۇمكىن.
    1996يىلىدىن باشلاپ ، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى پايتەختتە چىقىدىغان گېزىتلەردە بۇنداق خەۋەرلەرنى كۆپلەپ خەۋەر قىلدى . بېيجىڭ ، شېنجېن ، ئۈرۈمچى تاموژنا ئورۇنلىرى ئوغرىلىقچە ئوۋلانغان قارچۇغىلارنى تۈركۈم-تۈركۈملەپ قولغا چۈشۈرۈپ ، تەبىئەتكە قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلارنىڭ يېرىمى ئۆلۈپ كەتتى . قارچۇغىنى ئوغرىلىقچە ئېلىپ ماڭغۇچىلار خۇددى كۆممەقوناق كۆكۋېشىنى ئورىغاندەك ياغلىققا ئوراپ قەغەز يەشىككە قاچىلايتتى . ئوغرىلىقچە يۆتكىگۈچىلەر قارچۇغىلارنى چېگرىدىن ئېلىپ چىققاندا ، قارچۇغىلارنىڭ 70 پىرسەنتى ئۆلۈپ كېتەتتى . شۇنداق بولسىمۇ ، ئۇلار يەنىلا كۆپ پۇلغا ئېرىشەتتى . چۈنكى ئۇلار ھەر بىر قارچۇغىنى پەقەت 2000 يۈەنگىچە سېتىۋالاتتى . ئۇلار بىر قېتىم 129 قارچۇغىنى ئېلىپ ماڭغان.
    گەنسۇ ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىئولوگلارنىڭ مۆلچەرىچە ، دۆلىتىمىزدە ھازىر بار بولغان ھەر خىل قارچۇغىلار سانى 100 مىڭغا يەتمەيدىكەن . 1998-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرى ئىلگىرىكېيىن بولۇپ ئوغرىلىقچە قارچۇغا ئوۋلايدىغان 21 گۇرۇپپا ئىچىدە ، بىر گۇرۇپپىدا ئەڭ كۆپ بولغاندا 61 ئادەم ، ئەڭ ئاز بولغاندا توققۇز ئادەم بولۇپ ، ئۇلار 17 مىڭ قارچۇغا ، 221 قارچۇغا باچكىسى ، 300 دانە قارچۇغا تۇخۇمىنى ئوغرىلاپ كەتكەن . ئۇلارنىڭ ياۋۇزلۇقى نەنجىڭگە بېسىپ كىرگەن ياپون ئالۋاستىلىرىنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ.
       گا خېيخېي بىلەن لاشى مېيزى باشتىنئاخىر بۇ تىجارەت بىلەن شۇغۇللاندى . باشتا ئۇلار ئايرىمئايرىم ھەرىكەت قىلدى ، پەقەت ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلىغاندىلا ئۇچرىشىپ تۇراتتى . ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ، ئاتائانىلىرى ئىسلام دىنىنىڭ مۇرتلىرى بولغىنى ئۈچۈن ، ئۆزئارا يېقىنلىشىپ ئاكائۇكىلاردىن بولۇشۇپ كەتتى . ئۇلار ئاراتۈرۈك ، جىمىسار ناھىيىلىرىدا دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئىجارىگە ئېلىپ ، ئوۋلانغان قارچۇغىلارنى سېتىۋالىدىغان پونكىت قۇردى . ئۇلار يەنە تاكسىلارغا ئولتۇرۇپ يېزا ئىگىلىك ، چارۋىچىلىق رايونلىرىغا بېرىپ دېھقانچارۋىچىلارنى قارچۇغا ئوۋلاشقا قۇترىتىپ ، ئۆزلىرى خوجايىن بولۇۋالدى . پاكىستانلىق قانۇنسىز ئۇنسۇرلار كېلىپكەتكەن ياكى كەلمىگەن كاساتچىلىق مەزگىلدە ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى تېخىمۇ ئەدەپ كېتەتتى . ھەر بىر قارچۇغىنى ئاران 80 يۈەندىن سېتىۋالاتتى . پۇرسەت كۈتۈپ يۇقىرى باھادا سېتىپ ھەر بىرى بىرقانچە 100 مىڭ يۈەنگە ئېرىشىۋالاتتى.
       ئەڭ بۇرۇن چېگرىدىن كىرگەن پاكىستانلىق قانۇنسىز ئۇنسۇرلار قارچۇغىنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈۋېلىپ ، ئېكسكۇرسىيە قىلىش نىقابى ئاستىدا تاغلارغا بېرىپ ئادەم ياللاپ ، ئۆزىمۇ قول سېلىپ يېپىشقاق قاپقان قويۇش ، كېچىلەردە كۈچلۈك يورۇقلۇق بىلەن يورۇتۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئوۋ ئوۋلىدى . كېيىنرەك مېھمانخانىلارغا چۈشۈپ قارچۇغا يىغاتتى . ھەر بىر قارچۇغىلارنى قولدىن-قولغا ئۆتكۈزگەچكە 10 يۈەندىن پايدا بېرەتتى . قولدىن-قولغا ئۆتكۈزگۈچىلەر ھەممە يەردە قاتراپ يۈرۈپ ، باشقىلار ئوۋلىغان قارچۇغىلارنى يىغىپ كېلىپ ، بىر قارچۇغىدىن 10 يۈەندىن پايدا ئالاتتى . ساقچىلارنىڭ تۇتۇۋېلىشىدىن قورقۇپ بىر جايدا ئىككى-ئۈچ كۈنلا تۇراتتى . گا خېيخېي ، لاشى مېيزىدەك غالچىلارنىڭ بولۇشى سەۋەبلىك پاكىستانلىق قانۇنسىز ئۇنسۇر قىسقا ۋاقىتتىلا نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشەتتى . گەرچە ئۇلار ھەربىر قارچۇغىنى300 يۈەندىن سېتىۋالغىنى ھەم مۇلازىمەت ھەققى تۆلىگىنى بىلەن نىقابلىنىش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلۇپ قالاتتى . مالنى ئۇلارنىڭ تۇرغان جايلىرىغا ئاپىرىپ بېرەتتى . ئۇلار جاپا تارتمايلا كۆپ پايدىغا ئېرىشەتتى.
    گا خېيخېي ، لاشى مېيزىلار بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماستىن ، يەنە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ مالنى پاكىستاننىڭ ئۆزىگە ئاپىرىپ ، ھەر بىرىنى2000 يۈەندىن  ساتتى . بېرىپ-كېلىش ئايروپىلان بېلىتىنى پاكىستاندىكى قارا جەمئىيەت چىقاردى . 1997-يىلىدىن بېرى ئۇلار تۆت قېتىم پاكىستانغا باردى . ئۇلار ھىيلىگەرلىك قىلغىنى ، مالنىڭ سانى كۆپ بولمىغىنى ئۈچۈن بىخەتەر ھەرىكەت قىلىپ ۋىجدانىنى ، دۆلەتنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكۈپ قىممەت باھالىق ، ئوۋلاش چەكلەنگەن قۇشلارنى ئوغرىلىقچە ئوۋلاپ كېتىپ ھارام بايلىققا ئېرىشتى.
       1998-يىلىنىڭ ئاخىرىدا دۆلىتىمىز ساقچىلىرى قارچۇغىنى ئوغرىلىقچە ئوۋلىغۇچىلارغا قارىتا زور كۆلەمدىكى بىرلىككە كەلگەن ھەرىكەت قوللىنىپ ، ئۇلارغا قورشاپ زەربە بەردى . بۇ ۋاقىتتا گا خېيخېي ۋە لاشى مېيزى گوجىراۋالا شەھىرىدە ئىدى ، شۇڭا توردىن چۈشۈپ قالدى.
    بۇ قېتىمقى ئەجەللىك زەربە چېگرانىڭ ئىچىسىرتىدىكى ئوغرىلىقچە ئوۋچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ بوينىغا سىرتماق بولۇپ چۈشتى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قىسقا ۋاقىتلىق ئەسەبىيلىشىش ، جۇڭگونىڭ قارچۇغىلىرىنى ئوغرىلىقچە ئوۋلاش قىلمىشلىرى بىر مەزگىل ئازايدى . ئېھتىياج بىلەن تەمىنلەش پەسكويغا چۈشتى . بازارلار بىر مەھەل يوقالدى . لېكىن گا خېيخېي بىلەن لاشى مېيزىنىڭ يۈرىكى پۈتۈنلەي قارىداپ ، يامان يولدا مېڭىشقا ئادەتلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ توغرا يولغا قايتىپ كېلىشى قىيىن ئىدى . ئاسانلا قولغا كېلىدىغان مەينەت پۇل كۆپەيگەنسېرى ئۇنىڭدىن كېچىپ ، جاپادا قولغا كېلىدىغان مائاشقا شۈكرى قىلالمايتتى.
    جاپادا قولغا كەلگەن نەرسىنى قولدىن چىقىرىۋېتىش ئەپسۇسلىنارلىق ئىش.
    ئاسان قولغا كەلگەن نەرسىنى قولدىن بېرىۋېتىش ئەپسۇسلىنارلىق ئەمەس.
    جاپادا قولغا كېلىدىغان پۇلنى ئۇلار قانداقمۇ ئوڭايلا قولدىن بېرىپ قويسۇن؟
    ئۇلارنىڭ ئۇۋىسى بولغان «قوشكېزەك» كۇلۇب بۆكەن تىۋىتى يىغىش ، زىبۇزىننەت بۇيۇملىرى ، خروئىن سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىشتىن تاشقىرى ناخشائۇسسۇل زالى ، يۇيۇنۇش سارىيى ، دومىلىما توپخانىسى قاتارلىقلارنى ئېچىش بىلەن شۇغۇللىناتتى . ئۇنىڭ دىرېكتورى 40  ياشلار ئەتراپىدىكى ئاچاسىڭىل ئىدى.
    قىزىل چىراغلار يېقىلغان قاۋاقخانىدا گا خېيخېي بىلەن لاشى مېيزى تۆت كۈن چەت ئەل نەرسىلىرىنىڭ تەمىنى تازا تېتىدى ، ئاچىسى ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
     سىلەر سالا ، دۇڭشاڭلار 100-نومۇرلۇق (ئاق پاراشۇك) سېتىشنىڭ ماھىرلىرى ، مۇشۇ يول بىلەن بېيىپ ، بىنالارنى سېلىپ ، ماشىنا ئالغان سالا ، دۇڭشاڭلار كۈرمىڭ . بۆكەن ئوۋلاشنىڭ خەتىرى زور ، شۇنداقلا مالنىڭ نىشانىمۇ بەك چوڭ ، شۇڭا بۇ ئىشنى قىلىشىڭلارنى تەشەببۇس قىلمايمىز . سىڭلىسى مۇنداق دېدى:
     سىلەر قارچۇغىلارنى بىخەتەر قولدىن چىقارغان يەردە ، 100نومۇرلۇق سودىنى قىلالمامسىلەر؟ 100نومۇرلىق سودىنى قىلساڭلار قانچىلىك پايدا ئالغان بولاتتىڭلار! بىز بىرقانچە يىللىق دوستلۇقنى كۆزدە تۇتۇپ ، ساپلىقى 99.73بولغان 100-نومۇرىنى 85 لىك تۆۋەن باھادا سىلەرگە سېتىپ بېرەيلى ، مال جىڭ مال . ئۇ چاغدا 100 دوللارنى 1100 دوللارغا ئايلاندۇرالايسىلەر ، قانداق؟ گا خېيخېي مۇنداق دېدى:
     سىلەر ، بىز سالالاردىن ئاق سېتىپ ئېتىلىپ كەتكەنلەرمۇ ئاز ئەمەس ، قارچۇغا سېتىپ تۇتۇلساق ئۆلۈم جازاسى بېرىلمەيدۇ ، ئاق پاراشوك سودىسىنى قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايمىز . لاشى مېيزى مۇنداق دېدى:
     بىز بىر تۈركۈم كىيىمكېچەك ، پەرداز بۇيۇملىرىنى ئەۋەتمەكچى . مېنىڭ ئاكام ، ئىككى تاغام ھازىر قاماقتا . بىرى مۇددەتسىز ، بىرى 20 يىل ، بىرسى 16 يىل كېسىلگەن . ئۇلارنىڭ ھەممىسى خروئىن ئېلىپ ساتقانلىقتىن بولغان . ئىككى دىرېكتور كۈلۈمسىرەپ باش لىڭشىتىشتى.
    گا خېيخېي بىلەن لاشى مېيزى 1-ئاينىڭ 28-كۈنى ئايروپىلان بېلىتى سېتىۋېلىپ قايتماقچى بولغاندا ، ئىككى دىرېكتور ئۇلارنى ئىزدەپ كەلدى . چوڭى مۇنداق دېدى:
     كۇلۇبىمىزنىڭ ئىناۋىتىدىن گۇمانلانماڭلار ، بولمىسا بۇنداق ئۇزۇن ۋاقىت خۇشالخۇرام ھەمكارلاشمىغان بولاتتۇق . 100-نومۇر سودىسىنى مۇشۇ بىر قېتىملا قىلىپ كۆرۈڭلار . ئايروپىلاندا قاتتىق تەكشۈرۈلىدۇ ، ماشىنىدا ئېلىپ ماڭغان ياخشىراق . بىنگال ، بېرما ، يۈننەن ئارقىلىق ئايلىنىپ يۈرۈڭلار . مال تەكشۈرۈلۈپ تېپىلىپ قالسا مەيلى ، زىيىنىنىڭ يېرىمىغا كۇلۇب ئىگە! دېدى.
     بىز سىلەرگە ھەمراھ قوشۇپ قويىمىز . ئەگەر خەتەر يۈز بەرمىسە ئۇلارغا 5000 ئامېرىكا دوللىرى ئىش ھەققى بېرىڭلار . مال سېتىۋالىدىغانلار بار ، بېيجىڭدا بىزنىڭ ئىشەنچلىك شېرىكىمىز بار . مالنى بىراقلا ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بەرسەڭلار بولىدۇ . ئاۋارىچىلىقمۇ يوق . بىز سىلەرنىڭ تىجارەت ئىقتىدارىڭلارغا قايىل ، سىلەر بىلەن شېرىكلىشىشنى قارار قىلدۇق . ئىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل ، بۇ قېتىم تىجارىتىڭلار مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كېيىن ، يەنە بىزنى ئىزدەپ كېلىسىلەر ، بىز قارشى ئالىمىز، دېدى سىڭلىسى.
    شەرت-شارائىتى ئەۋزەل ، جەلپ قىلىش كۈچى زور بولغىنى ئۈچۈن ئۇلار بۇ ئىشقا ماقۇل بولدى . ساپلىقى يۇقىرى4972گرام خروئىننى سېتىۋالدى.
    ھەرقانداق مەرگەننىڭمۇ جايىغا تەگكۈزەلمەيدىغان چېغى بولىدۇ . بېلىق تورى ھەرقانچە زىچ بولسىمۇ ، يەنىلا بېلىقلار بەزىدە ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كېتەلەيدۇ.
    ئىككى سولتەك ھېچقانداق خەۋپ-خەتەرسىزلا يۈننەننىڭ ۋەندىڭ دېگەن يېرىگە يېتىپ كەلدى . بۇ 1999-يىلىنىڭ يېڭى يىل كۈنى ئىدى . ئۇلار مالنى ئېلىپ باردى ، خاتىرجەم بولالمىدى . ئۇلار پويىزدىن چۈشۈپ ئاۋۋال چېگرىدىن كىرىپ لەنجۇغا يېتىپ كەلدى . لاشى مېيزى مالنى ئېلىپ شىنجاڭغا ئاپىرىپ پارچە سېتىشنى تەشەببۇس قىلدى . گا خېيخېي:
       ـ  بېيجىڭغا ئاپىرىپ بىراقلا ئۆتكۈزۈۋېتەيلى، دېدى.
    ئۇلار مەخپىي بەلگە ، قارا تىل ئارقىلىق بېيجىڭدىكى قاسىم باۋۇدۇن بىلەن ئالاقىلاشتى . قاسىم مالنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . ئەگەر قولىدىكى مال بىلەن تۇتۇلۇپ قالسا ، ئۆلۈم جازاسىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايتتى . شۇڭا ئۇلار ئىككىسى ئىككى پىچاق سېتىۋالدى ، قولغا ئېلىنغىدەك بولسا ياكى قىلتاققا چۈشسە جان تىكىپ ئېلىشىشقا تەييارلىق قىلدى.
    ئۇلار يېڭى يىلنىڭ 19-كۈنى ، دېھقانلار كالېندارى بويىچە 12-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 6 دىن 19 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا بارىدىغان 70-قېتىملىق تېز پويىزنىڭ قاتتىق ئورۇندۇقلۇق ۋاگونىغا چىقىشتى . مال گا خېيخېينىڭ قولىدا ئىدى . لاشى مېيزى ئۇنىڭدىن ئىككى ، ئۈچ مېتىر يىراقلىقتا سىرتقا قاراپ ئولتۇراتتى . باھار بايرىمىغا ئاز قالغاچقا ، پويىزدا ئادەم ئىنتايىن كۆپ بولۇپ ئۆرە تۇرۇشقا توغرا كېلەتتى.
    ئىككىسىنىڭ تەقىتۇرقى ، كىيىملىرىدە ھېچقانداق ئالاھىدىلىك يوق ئىدى . گا خېيخېي بېشىغا كىرلىشىپ كۈلرەڭگە كىرگەن ئاق دوپپىسىنى كىيىۋالغان بولۇپ ، كىشىلەر ئۇنىڭغا دىققەت قىلىپ كەتمەيتتى . ئۇلار پويىزدا كارىۋاتلىق ئورۇن بېلىتى سېتىۋېلىشتى ، ھەر كىم ئۆزىنىڭ بېلىتىنى ئۆزى ئېلىشتى . قاتتىق كارىۋاتلىق بېلەت بولمىسا يۇمشاق كارىۋاتلىق بېلەت ئېلىشنى قارار قىلىشتى.
    سائەت توققۇزدىن 53 مىنۇت ئۆتكەندە پويىز لوڭشى بېكىتىدىن قوزغالدى.
    گا خېيخېي ئانچە چوڭ بولمىغان بىر كونا سومكىنى كۆتۈرگىنىچە ئاستا-ئاستا ئىش بېجىرىش ۋاگونىغا قاراپ جۆنىدى . ئۇنىڭدىن 3-4 مېتىر يىراقلىقتا بىر ساقچى كېلىۋاتاتتى . گا خېيخېي ئۇنى كۆرۈشى بىلەن جىددىيلىشىپ ئارقىسىغا يېنىپ قىستاڭچىلىق تەرەپكە قاراپ ماڭدى . ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى ساقچى سېزىۋېلىپ ئۇنىڭغا يېقىنلاشتى . ساقچىلار:
     يولۇچى قاياققا بارىسىز؟ بۇ قوش مەنىلىك سۆز بولۇپ ، ئۇنى «نەگە ماڭدىڭىز؟» دەپ چۈشەنسىمۇ ، «قايسى ۋاگونغا بارىسىز؟» دەپ چۈشەنسىمۇ بولاتتى.
     قۇمۇلغا بارىمەن.. . ياق ، بېيجىڭغا بارىمەن.
    ساقچى ئۇنىڭ بېلىتىنى تەكشۈردى . ئۇنىڭ قاراشلىرىدىن ، كۆزلىرىدىن چىقىپ تۇرغان قورقۇش ئالامەتلىرى ئۇنىڭ كۆڭلىدە جىن بارلىقىنى مانا مەن دەپ كۆرسىتىپ تۇراتتى . ساقچى  ئاق يۈزلۈك يىگىت بولۇپ ، كارىۋاتلىق ئورۇن ھەل قىلىپ بېرىشكە ماقۇل بولدى . لېكىن ئالدىن پويىز ئاشخانىسىغا كىرىپ سۆھبەتلىىشنى تەلەپ قىلدى . گا خېيخېي ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا ئەنسىرىمەي ساقچىنىڭ ئارقىسىدىن ماڭدى . ساقچى ئۇنىڭدىن سومكىنىڭ ئېغىزىنى ئېچىشنى تەلەپ قىلدى . ئۇ سىرتمىنى سىيرىدى . سومكىدا خالتىغا سېلىنغان نان ، يۈزكۆز يۇيىدىغان بۇيۇملار ، كەسمە چۆپ ، ئاستىدا چوڭچوڭ كېسەك چايلاردىن باشقا نەرسە يوق ئىدى.
    ئۆز ئىشىغا سادىق ، ئەقىللىق ، ئىشنى ئىنچىكىلەپ قىلىدىغان بۇ ساقچى 3ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچىدىكى تۆمۈريول جامائەت خەۋپسىزلىك باشقارمىسى جىنايى ئىشلار چوڭ ئەترىتىدە مۇشۇ ماقالىنى يازغۇچى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق دېدى:
     مەن ئۇنىڭغا «سىرتمىنى ئەت دېسەم ، ئۇنىڭ قوللىرى تىترەپ كەتتى . سىرتمىنى ئەتكەندىن كېيىن قايتىدىن ئاچ دېسەم ، تېخىمۇ تىترەپ كەتتى . ئۇنىڭغا سومكا ئىچىدىكى نەرسىلەرنى جوزا ئۈستىگە تۆك دېسەم ، ئۇنىڭ چېكىسىدىن تەر چىقىشقا باشلىدى . تەييار چۆپ ، يۇيۇنۇش بۇيۇملىرى ، ناننى چىقارغاندىن كېيىن ئۇ: «بۇ قاتتىق چايدىن باشقا نەرسە يوق» دەپ نەرسىلەرنى سومكىغا سالغىلى تۇردى . مەن چاينى ئېلىپ سومكىنى ئاختۇرۇۋېدىم ، ئاستىدىكى گېزىت قەغىزىگە ئورالغان نەرسىلەر كۆرۈنۈشكە باشلىدى . بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى بوشىشىپ يەرگە يىقىلدى ، بېشىدىن چىققان تەرلەر دوپپىسىنى ھۆل قىلىۋەتتى . مەن مىكروفون ئارقىلىق ساقچى باشلىقى بىلەن يەنە بىر ساقچىنى چاقىردىم . مەن ئۇنىڭ زەھەرلىك مال ئىكەنلىكىنى بىلىپ بولغانىدىم . ئاق پاراشوكنى خۇددى ئۇننى ئېلىپ ماڭغاندەك كۆپ مىقداردا ئېلىپ ماڭغانلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى ئويلىدىم . قۇيقا چاچلىرىم تىك تۇرۇپ كەتتى . مەن خەتەر ئۈستىدە تۇراتتىم ، بىز ئۈچىمىز بۇ زەھەرنى ئېلىپ ماڭغۇچىنى يۇمشاق كارىۋاتلىق ئورۇنغا ئېلىپ باردۇق ، ئۇنىڭ يېنىدىن بىر پىچاق چىقتى . زەھەر ئەتكەسچىسىنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ ، سۆزلەشكىمۇ ماجالى قالمىغانىدى . ساقچى باشلىقى مېنىڭ تيەنشۈي بېكىتىدە چۈشۈپ ئۇنى ئۈرۈمچىگە يالاپ ئېلىپ بېرىشىمنى قارار قىلدى . سائەت 12 دىن 31 مىنۇت ئۆتكەندە ساقچى باشلىقى بىلەن يەنە بىر ساقچى تاپانچىنى قولىغا ئالدى ، مەن زەھەر ئېلىپ يۈرگۈچىنى ۋاگوندىن چۈشۈردۈم . بىز توغرىدىنتوغرا بېكەتنىڭ خەۋپسىزلىك دىجورنىخانىسىغا كىردۇق . ساقچى باشلىقى 70-قېتىملىق پويىز باۋجىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن ، بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە بارىدىغان 69-قېتىملىق تېز پويىزنىڭ ساقچى باشلىقىغا خەت يېزىپ بېرىپ تيەنشۈيگە كەلگەندە خەۋپسىزلىك دىجورنىخانىسىدا مەن بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدى . خەتنى باۋجى بېكىتىدىكى دىجورنى ساقچىغا بەردىم ، مەن زەھەر ئەتكەسچىسىنى ئۈستەلنىڭ پۇتىغا باغلاپ قويدۇم . دېرىزىدىن سىرتتا گۇمانلىق بىرسىنىڭ ئۇيانبۇيان مېڭىپ يۈرگىنىنى كۆردۈم . مەن پويىزنى يەتتە سائەت ساقلاپ بەكمۇ جىددىيلىشىپ كەتتىم . ھېلىقى گۇمانلىق كىشى ئۆينىڭ ئىچىگە قاراپ بوينىنى دېرىزە ئەينىكىگە تەگكۈزۈپ تۇراتتى . ئۇنىڭ ئۆي ئىچىگە كىرگۈدەك جۈرئىتى يوق ئىدى . سائەت 19 دىن 37 مىنۇت ئۆتكەندە 69-قېتىملىق پويىز كەلدى . قېرىنداش گۇرۇپپىسىدىكى ئىككى نەپەر ساقچىمۇ كەلدى . بېكەتنىڭ سۇپىسىغا يېتىپ كەلگەندە زەھەر ئەتكەسچىسى توساتتىن يىقىلغاندىن كېيىن ، بېشىنى كۆتۈرۈپ: «خۇدا ، ھەممىسى تۈگىدى ، تۈگەشتىم...» دەپ ۋارقىرىدى.
    گا خېيخېي ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى ئوتتۇرا سوتى تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى . 6-ئاينىڭ 22-كۈنى جازا ئىجرا قىلىندى.
    تۆمۈريول زەھەر ئەتكەسچىلىرىنى تۇتقۇچى ساقچى ئەمەلدارىدىن تۆت كىشى زەھەر ساتقۇچى سىياقىدا ياسىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ قاسىم باۋۇدۇن بىلەن ئۇچراشتى . بۇ سولتەكمۇ تۆمۈريول ئوتتۇرا سوت تەرىپىدىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى.
    لاشى مېيزى تيەنشۈي بېكىتىدە ساقچىلارنىڭ گا خېيخېينى پويىزدىن چۈشۈرۈپ ئۇنى يالاپ 96-قېتىملىق پويىزغا ئېلىپ چىققانلىقىنى كۆرۈپ ، سەرگەردان دىۋانە سىياقىغا كىرىۋالدى . پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە قانات يايدۇرۇلغان جىنايەتچىلەرنى «قوغلاپ تۇتۇش» دولقۇنىدا 7-ئاينىڭ 31-كۈنى ۋۇچاڭدىكى ساقچىلارغا ئۆزىنى مەلۇم قىلدى.

    5  . ئادىمىي ھايۋانلار

    باتۇر كىشى ئون ئەزىمەتنى يېڭەلىسىمۇ ، لېكىن ئىككى مۇتتەھەمگە تەڭ كېلەلمەيدۇ.
    ئېگىز تاغ ، كەڭ دەريالاردىن قورقمايدىغان ، يالتىراپ تۇرغان شەمشەرگىمۇ پىسەنت قىلمايدىغان تۇلپار يوشۇرۇن توزاقتىن قورقىدۇ.
     مانجۇ خەلق ماقالىسى

    نۇرغاچنىڭ 12ئەۋلاد نەۋرىسى ئەيشىن جۆلو دوبۇ  شىنجاڭنىڭ قوبۇقسار ناھىيىسىدىن . 37 ياش ، جەنۇبىي جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ ، قوبۇقسار ناھىيىسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان.
    ئۇ 1993-يىلى يازدا خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ يەر گىلىمى ، تام گىلىمى ، تاۋاردۇردۇن سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان.
    ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئۇرۇقتۇغقانلاردىن پۇل توپلاپ قوشۇمچە ئارىلاش ماللار سودىسى قىلغان . گۇاڭجۇ ، نىڭبو ، شيامىن قاتارلىق جايلاردا دۇكان ئاچقان . بىرقانچە ئۇيغۇر دوستلىرىنىڭ دۇكانلىرىغا مال يەتكۈزۈپ بەرگەن . كېلىشىم ئىمزالىنىشى بىلەن تەڭلا ئۇ ئالدىن مال يەتكۈزۈپ بېرىپ كېيىن پۇل ئالغان . ئۇ يۈرەكلىك ئادەم ئىدى . ئۇ ھېچقاچان ساختا ماللار ئارقىلىق باشقىلارغا زىيان سالمىغان ، باشقىلار تەرىپىدىنمۇ ئالدانمىغان ، دائىم پايدا ئالغان ، بەزىدە بۇ پايدا ناھايىتى ئاز بولسىمۇ ، لېكىن زىيان تارتمىغان.
    ئۇ ئىران ، سۇداندىكى سودىگەرلەرگە مال يەتكۈزۈپ بەرگەن . موڭغۇلىيە ، كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ سودا يوللىرىنى كېڭەيتكەن.
    پەقەت ئۈچ يىل ، يەنى 1996-يىلى كۈز پەسلىگىچە سودا قىلغان.
    ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈك بازىرى ئىچىدە ئۇنىڭ مۇقىم دۇكانلىرى بولۇپ ، خىزمەتچىلىرى توققۇز كىشىگە يەتكەن . سالغان دەسمايىسىنى پايدا بىلەن تولدۇرغان . مۇقىم مەبلىغى 4 مىليون 530 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.
       ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە بېرىپ ئۇ يەرلەرنى تەكشۈرۈپ ، سالپايغان  ھالدا قايتىپ كەلدى . چۈنكى ئۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممە يېرىدە: «خېرىدارلار خاتىرجەم بولۇڭلار ، بۇ دۇكاندا جۇڭگو ماللىرى سېتىلمايدۇ» دېگەن سۆزلەر ئۇچراپ تۇرىدىكەن . «ئۆز كۆزىگە ئۆزى توپا چاچتى» دېگەندەك بىر قىسىم مەنپەئەتپەرەس يەككە سودىگەرلەر دۆلەت ئىچىدىكى سېسىق نامى پۇر كەتكەن ساختا ماللىرىنى دۆلەت سىرتىغا چىقىرىپ خەلقئالەم ئالدىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكتى . بۇ ماللار ئىچىدە ھەممىدىن ناچىرى پەي چاپان بىلەن ساياھەت ئايىغى ئىدى.
    «بۇ دۇكاندا جۇڭگو ماللىرى سېتىلمايدۇ» دېگەن سۆز بىر تەرەپلىمە سۆزدىنلا ئىبارەت . ئەمەلىيەتتە دۆلەتنىڭ ئېكسپورت ، ئىمپورت ئورۇنلىرى چىقارغان شاڭخەي ، بېيجىڭدا ئىشلەنگەن داڭلىق مەھسۇلاتلارنىڭ يەنىلا بازىرى بار ، لېكىن ئۇنىڭ ئىناۋىتىمۇ خېلىلا تۆۋەنلىگەن . ياپونىيە سودىگەرلىرى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بازارنى ئىگىلەپ ھەدەپ كۆز بويامچىلىق قىلغان.
       دوبۇ ساندۇقنىڭ ئاستىدىن ئاتابوۋىسىدىن قېپقالغان ئات تېرىسىدىن ئىشلەنگەن كەمزۇل ۋە چىن سۇلالىسى خانىنىڭ يارلىقى قاتارلىقلارنى ئېلىپ يارلىقنى ئىسرىقداننىڭ ئۈستىگە قويۇپ ئۇنىڭغا باش ئۇرۇپ جۇڭگو ماللىرىنىڭ ئىناۋىتىنى تىكلىمەكچى بولدى.
       ئۇ ئالدى بىلەن تاجىكىستانغا بېرىپ كارىمدا دۇكان ئىجارىگە ئېلىپ تىجارەت كىنىشكىسىنى بېجىردى ، ئاندىن كېيىن تيەنجىن ، چىڭداۋ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئەلا سۈپەتلىك پەي چاپان ، ساياھەت ئايىغى زاكاس قىلدى.
       ئۇ كارىمغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ، شەھەرنىڭ ھەممە يەرلىرىگە ئېلان چىراغلىرى ۋە ئېلان تاختىلىرىنى ئورنىتىپ ئۇلارغا مۇنۇلارنى يازدى: «باتۇر گىلەم شەھىرىدە پەقەت جۇڭگو ماللىرى ، تيەنجىننىڭ پەي چاپىنى ، چىڭداۋنىڭ ساياھەت ئايىغى سېتىلىدۇ . يەر شارىنىڭ ھەممە يېرىدە ئىناۋەتكە ئىگە بولغان ماللار بۇ دۇكانلاردا سېتىلىدۇ . مال ئەلا سۈپەتلىك بولغىنى ئۈچۈن باھاسى يۇقىرىراق . ئەرزان ماللار چوقۇم ناچار ، ساختا ماللاردۇر . تۇلپارغا ئالتۇن ئېگەر توقۇش ، ئېسىلزادىلەر راست مالغا ئىگە بولۇش كېرەك . دۇكان خوجايىنى ئەيشىڭ جۆلو دوبو».
    ئۇ تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىدىن سەككىز كىشىنى ھەر بىرىگە بىردىن پەي چاپان ۋە بىر جۈپتىن ساياھەت ئايىغى بېرىش ھېسابىغا ئۈچ كۈنلۈك ياللىۋېلىپ ، شەھەرنىڭ ئىچى-تېشىدا تىرىك مودېل قىلدى . تامىقىنىمۇ ئۆز ئۈستىگە ئالدى.
    دۆلەت ئىچىدىن بىر بوغالتىر ، ئىككى پرىكازچىكنى ياللاپ كەلدى.
    ماللار قولدىن تېز چىقىپ سودا جانلىنىپ كەتتى.
    «باھاسى يۇقىرى» بولغاچقا ، ئازراق زىيان تارتتى.
       ماللارنىڭ تېز سېتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئەسلى باھادا سېتىپ كىرا ھەققى ، باج ، ئېلان راسخوتلىرىنى گىلەم ساتقان پۇلدىن چىقىرىپ زىياننى پايدا بىلەن تولدۇردى . پۇت تىرەپ تۇرۇشنى مەقسەت قىلدى . ئۇ يەنە شۇ ئورۇندىن مال سېتىۋېلىپ تۈركمەنىستان ، گروزىيە قاتارلىق جايلارغا ئاپىرىپ توپ ساتتى . پەقەت يېرىم يىلدىلا دوبۇ قەددىنى رۇسلىۋالدى . شۇ ئورۇندىكى گېزىتلەر ، تېلېۋىزىيە ئىستانسىلىرى شۇ دۆلەتتىكى ئاممىغا بۇ جۇڭگو سودىگىرىنى تونۇشتۇردى.
    دۇكاندىكى تۆت كىشى ئۆزلىرى نۆۋەت بىلەن تاماق ئېتىشىپ ، نۆۋەتلىشىپ تاماق يېدى ، بۇنىڭ بىلەن تاماق يېگەندىكى ۋاقىتنى تېجەپ قالدى.
    تاماقمۇ مەززىلىك ئىدى.
    ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى بوغالتىر كۆكتات سېتىۋالاتتى ، بىر جۇڭگولۇق كۆكتات ساتقۇچى ئۇلارنى كۆكتات بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى . بۈگۈنى نېمە دېسە ئەتىسى شۇنى ئەكېلىپ بەردى . ئۇ 03 ياشلاردىكى ، بېيجىڭ تەلەپپۇزىدا سۆزلەيدىغان كىشى ئىدى . ئۇ ئەكېلىپ بەرگەن كۆكتاتنىڭ مىقدارى يېتەرلىك ئىدى . بىر تىيىننىمۇ ئارتۇق ئالمىدى . كۆكتاتلارنى تازىلاپ ئەكېلىپ قېرىنداشلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.
    ئۇ كېيىنرەك بولكا ، گۈرۈچ ، توخۇ ، كالباسا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئەكېلىپ بەردى . باھاسىنى ئۆستۈرمىدى ، تاپان ھەققىمۇ ئالمىدى.
       1997-يىلى جۇڭگولۇق بىر كىشى ساياھەت ئايىغىنى ئوغرىلاپ خۇرۇم چاپىنىنىڭ ئىچىگە تىقىۋالدى . پرىكازچىك كۆرۈپ قېلىپ تۇتۇۋالدى . ئۇ 40 دىن ئاشقان ، مۇتتەھەم كىشى بولۇپ ، «ئاياغنى باشقا ئورۇندىن ئالدىم» دەپ مۇتتەھەملىك قىلىپ تۇرۇۋالدى . مال مالغا ئوخشايدۇ ، ئۆزۈمنىڭ دەپ پۇل تاپشۇرمىدى.
    دەل مۇشۇ ۋاقىتتا كۆكتاتچى كېلىپ قالدى . ئۇ ھېلىقى كىشىنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ بىر تارتقانىدى ، ئۇ ئادەم دۇكاننىڭ سۇپىسىغا يىقىلىپ ، قوينىدىكى ئاياغ يەرگە چۈشتى . پرىكازچىك ئۇنى ئېلىۋالدى . ئۇ ئادەم بىر دومىلاپ ئورنىدىن تۇرۇپ كۆكتاتچى بىلەن مۇشتلىشىشقا باشلىدى . كۆكتاتچىنىڭ بۇرنىغا بىر مۇشت  تەگدىدە ، ئۇنىڭ بۇرنىدىن قىپقىزىل قان ئېتىلىپ چىقىشقا باشلىدى . شۇنىڭدىن كېيىن ، ھېلىقى كىشى تىللىغىنىچە كېتىپ قالدى.
    بوغالتىر بىلەن دوبۇ كۆكتاتچىنى يۆلەپ ئارقىغا ئاپىرىپ يۈزىنى يۇيغاندىن كېيىن ، كارۋاتتا ياتقۇزۇپ بېشىغا ھۆل لۆڭگە قويدى . دوبۇ قايتاقايتا رەھمەت ئېيتتى ۋە ئۇنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى سورىدى . ئۇ:
     مەنمۇ مانجۇ ، فامىلەم سا ، ناڭخۇاڭ ئايمىقىدىن ، بېيجىڭدىن كەلگەن ، مانا مېنىڭ كىملىكىم . چاي سودىسى قىلغانىدىم ، چاي زاۋۇتى مېنى ئالداپ كەتتى . خالتىغا قاچىلانغان چاينىڭ رەڭگى ياخشى بولسىمۇ ، ناچار مال ئىكەن ، ئۇلار مېنى پۈتۈنلەي  ۋەيران قىلدى . ھەممىدىن ئايرىلىپ بۇ يەردە تۇرۇپ قالدىم . كۆكتات سېتىپ يول كىراسىغا يەتكۈدەك پۇل تاپقاندىن كېيىن قايتىپ كېتىمەن ، ھەي!... دېدى.
     سەن كۆڭلۈڭ يۇمشاق ئادەم بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى يەنە ئادالەتپەرۋەر ئادەمكەنسەن ، ئاز بولسىمۇ بۇ 200 يۈەننى ئالغىن! دېدى دوبۇ.
    ئۇ ئادەم ئولتۇردىدە ، ئۇنىڭ قولىنى ئىتتىرىپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى:
       ـ  ئەمگەك سىڭدۈرمەي تۇرۇپ باشقىلارنىڭ ئىلتىپاتىغا ئېرىشسەم ، كۆڭلۈم ئارام تاپمايدۇ . ئەگەر دىرېكتور مېنى كۆزگە ئىلسا ، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن مېنى خىزمەتكە ئالسا ، بارلىق قاتتىق-يىرىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلسام . مەن تاماققىمۇ ئۇستا ، شۇنداق قىلسىڭىز مېنى ھالاكەتتىن قۇتۇلدۇرۇۋالغان بولاتتىڭىز! دېدى.
    دوبۇ ئازراق ئويلاندىدە ، ماقۇل بولدى.
       ھېلىقى كىشى يۈكۈنۈپ تۇرۇپ ئۇنىڭ تىزىغا باش قويۇپ رەھمەت ئېيتتى . ئۇ ھەقىقەتەن ھوشيار ، قابىل ئادەم بولۇپ ، تاماق ئېتىش ، چىنە-قاچىلارنى يۇيۇش ، كىيى-مكېچەك يۇيۇش ، ئۆي-دۇكانلارنى تازىلاش ، دۇكان ئالدىنى سۈپۈرۈپ سۇ چېچىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى قىلاتتى . ئۇنىڭ ئاغزى يۇمشاق بولغاچقا ، ياغدەك ياقىدىغان ياغلىما گەپلەرنى قىلىپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇۋالدى.
    ئۇ كىشى بىر ئاي ئىشلىگەندىن كېيىن ، دوبۇ ئۇنىڭغا 800 يۈەن ئىش ھەققى بەردى . ئۇ ئالمىدى . دوبۇ:
       ـ  مۇكاپاتنى باشقا بېرىمەن، دېدى . ئۇ دەرھال:
     دىرېكتور ، پۇلنى ئاز كۆرگىنىم يوق ، مەن بۇ يەردە تاماق يەۋاتىمەن ، تۇرۇۋاتىمەن . قىلىۋاتقان ئىشىممۇ چاغلىق ، تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق! مەن بىر قەلەندەر ، سىز مېنىڭ شەپقەتچىم! مۇنداق قىلايلى ، ماڭا 600 يۈەن بېرىڭ، دېدى . دوبۇ:
     بۇ 200 يۈەن سىزگە مۇكاپات بولسۇن، دېدى بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ.
    ئۇ پەقەت 100 يۈەن ئېلىپ قالغان 100 يۈەننى ئالغىلى ئۇنىمىدى . دوبۇ ئىلاجىسىز 100 يۈەننى يېنىغا سالدى.
       1998- يىلى يېڭى يىلدا سودا ناھايىتى قىزىپ كەتتى . بوغالتىرنىڭ چىشى ئاغرىپ قېلىپ دوختۇرخانىدا يېتىشقا مەجبۇر بولدى . بىر پرىكازچىك بوغالتىرلىق قىلدى ، ھېلىقى كىشى مال سۇپىسىدا تۇرۇپ مال ساتتى . ئۇ قىزغىن ، مۇلايىم بولۇپ ، پۇلغا چاڭ سالماي ئوبدان ئىشلىدى . ئۇ دوختۇرخانىغا بېرىپ بوغالتىرىنى يوقلاپ تۇردى.
    بوغالتىر دوختۇرخانىدىن چىقىپ ۋەتەنگە قايتتى.
    ھېلىقى كىشى تېخىمۇ ئالدىراش بولۇپ يېتىشەلمەي قالدى.
     ئۇ 800 يۈەن مائاش ،200 يۈەن مۇكاپاتنىڭ100 يۈەنىنى ئالدى . 12- ئايغا كەلگەندە ئۇ كەتمەكچى بولدى . دوبۇنىڭ كۆڭلى قىيمىدى . ئۇ ئائىلىسىگە تېلېفون بېرىپ ئادەم تەلەپ قىلدى . بوغالتىر قايتىپ كېلىپ ھېلىقى كىشى بىلەن ھېساب-كىتاب قىلىشتى . دوبۇ ئۇ كىشىنى قايتۇرۇۋېتىشكە كۆڭلى قىيماي ئۇنىڭغا پۇل يوللۇق تۇتتى . ئۇ رەھمەت ئېيتىپ ئالمىدى . ئۇ:
       ـ يەنىلا مەن سىلەرنى مېھمان قىلاي ، سىزنى ، بۇ كىشىنىمۇ مېھمان قىلىۋالاي . سودا مۇھىم ، مېنىڭ سىزگە ئېيتىدىغان سۆزلىرىم بار . بىزنىڭ خوشۇتتىن كەلگەن بىرەيلەننىڭ «بادالىڭ» دەپ ئاتىلىدىغان رېستورانىغا بارايلى . چۈشتە ئەنە شۇ جايدا بىر ۋاق تاماق يېسەك قانداق؟ دېدى.
       دوبۇ بىرئاز ئويلىنىپ ماقۇل بولدى.
       «بادالىڭ» رېستورانى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ، بېيجىڭچە تائام-قورۇمىلار چىقىرىلىدىغان رېستوران ئىدى . ئۇلار ئايرىم خانىدا ئولتۇرۇشتى . مايدا پىشۇرۇلغان ئۆردەك گۆشى ، ئالاھىدە ئىشلەنگەن ئەرگۇتۇ كەلتۈرۈلدى.
    دوبۇ قولىنى شىلتىپ تۇرۇپ پەقەت ھاراق ئىچمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى . بوتىلكىلىق دولانە قىيامى ، خۇاسىڭ كەلتۈرۈلدى . ھېلىقى بېيجىڭلىق مۇنداق دېدى:
       ـ  مەن دۆڭكۆۋرۈكتىكى ماگىزىندا ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىسەم ، باھار بايرىمىدىن كېيىن ئىشقا كىرىشسەم دەيمەن . سىز قوشۇلامسىز؟ دېدى . دوبۇ كۈلۈپ تۇرۇپ:
        ـ بولىدۇ، دېدى.
       ـ باتۇر گىلەم خانىسىدىكى ئۈچەيلەن دوبۇنىڭ تېخىچە قايتىپ كەلمىگىنىگە ئەنسىرىدى . بىر كىشىنى رېستورانغا قاراپ  بېقىشقا ئەۋەتمەكچى بولغاندا ، ھېلىقى بېيجىڭلىق تاكسىغا ئولتۇرۇپ كەلدى . ئۇ ئىككى كۆزىنى يوغان ئېچىپ:
       ـ  دىرېكتور يىقىلىپ قالدى . سىلەر مەن بىلەن بېرىڭلار! دەپ ۋارقىرىدى . بۇنىڭدىن چۆچۈپ كەتكەن بوغالتىر ئىشلارنى ئىككى پرىكازچىككە تاپشۇرۇپ سىرتقا قاراپ يۈگۈردى . بېيجىڭلىق ئادەم:
       ـ  ھەممەيلەن بارايلى ، ئەگەر دوختۇرخانىغا ئاپىرىشقا توغرا كېلىپ قالسا كۆپرەك ئادەم بولمىسا بولمايدۇ . مال سېتىشنى توختىتىڭلار!... دېدى.
       پرىكازچىكلار خېرىدارلارنى تېزرەك چىقىپ كېتىشكە ئالدىراتتى . بوغالتىر ئاليۇمىن قېتىشمىسىدىن ياسالغان ئىشىكىنى چۈشۈرۈپ ئۇنى قۇلۇپلىدى.
    تۆت كىشى تاكسىغا ئولتۇرۇپ رېستورانغا كەتتى . ئۇ ئايرىم خانىگە كىرگەندە دىرېكتورنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتكەن بولۇپ ، ئاغزىدىن كۆپۈك ئېقىۋاتقانىدى . مۇلازىملار ئۇنىڭ ئاغزىنى ئېرتىۋاتقانىدى . بوغالتىر:
       ـ  بۇ نېمە بولغىنى ، نېمە ئۈچۈن ئاۋۋال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارمىدىڭلار؟ دېدى چۆچۈگىنىچە . بېيجىڭلىق ئادەم:
       ـ  دوختۇرخانىغا ئاپىرىشنىڭ ھاجىتى يوق ، بەش مىنۇتتىن كېيىن ئوڭلىنىپ قالىدۇ . سىلەر ئۈچىڭلار ئولتۇرۇۋېرىڭلار ، ئۆپكىمىزنى بېسىۋالايلى! دېدى.
    مۇلازىم نېرى كەتتى . دوبۇ ئۇزۇن نەپەس ئالدى . شۇ ئەسنادا تۆت جۇڭگولۇق كىرىپ كەلدى . ئۇلارنى باشلاپ كەلگىنى 40 ياشلاردىن ئاشقان ھېلىقى ساياھەت ئايىغىنى ئوغرىلىغان كىشىنىڭ نەق ئۆزى ئىدى . دوبۇ ئاستائاستا كۆزىنى ئاچتى . «ھە!» دەپ قويدى.
       بېيجىڭلىق خۇش بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى . بوغالتىر «دىرېكتور» دەپ چاقىردى . بېيجىڭلىق ئادەم ئىككىمىزنى قۇچاقلاپ ، چىشىنى ھىڭگايتىپ سوغۇققىنا كۈلۈپ تۇرۇپ:
     ھەي دوبۇ ، سەن دېگەن مانجۇ ، قۇلىقىڭنى دىڭ تۇتۇپ ئاڭلا ، مەن دېگەن خەنزۇ ، مېنىڭ كىملىكىم يالغان . سېنىڭ ئەجدادىڭ زېمىنىمىزگە بېسىپ كىرىپ ئەجدادلىرىمىزنى قىرغان ، ئۆزۈڭنىڭ قانچىلىك قانغا قەرزدار ئىكەنلىكىڭنى بىلەمسەن؟ بۈگۈن سېنى ئۆلتۈرمەيمىز ، ئازراق پايدا بەرسەڭ قۇتۇلۇپ قالىسەن . سەن ماڭا يامانلىق قىلمىدىڭ ، پەقەت 21 پارچە يەر گىلىمى ، توققۇز پارچە تام گىلىمى ، ساياھەت ئايىغىدىن 10 يەشىڭ (200 جۈپ) ، پەي كىيىمدىن 120 دانە ، 110 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ، 87 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى ، دۇكاندىكى ماللارنى بەرسەڭ ئامان قالىسەن . بوغالتىر ئاچقۇچنى تاپشۇر! دېدى . بوغالتىر چىشىنى چىشلەپ تۇرۇپ غەزەپ بىلەن:
     ھەي قەلەندەر ، سەندە ۋىجدان دېگەن نەرسە بارمۇ؟ دېدى . ئاياغ ئوغرىلىغان ئوغرى يۈگۈرۈپ كېلىپ بوغالتىرنى شاپىلاق بىلەن قاتتىق ئۇردى ، بوغالتىرنىڭ كۆزىدىن قان ئېقىپ چىقىشقا باشلىدى.
       ـ  بەرگىن... دېدى دوبۇ.
       بېيجىڭلىق ئاچقۇچنى ئېلىپ بوغالتىرنىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈپ قويۇپ ، سىرتقا چىقىپ يۈك ماشىنىسىغا ئولتۇرۇپ كېتىپ قالدى . ھېلىقى ئاياغ ئوغرىسى:
       ـ  ئويۇننى مۇشۇ يەرگىچە ئوينايلى ، بۇ ئويۇننى ئويناش ئۈچۈن بىز ئىككىمىز خېلى باش قاتۇردۇق، دېدى، سەن ئالۋاستى ئانامنىڭ پۇتىنى يۇغان سۈيىنى ئىچتىڭ . دولانە قىيامىغا بىھوش قىلغۇچى دورا ئارىلاشتۇرۇلغان . يەنە تۆتىڭلارغىمۇ ئىچۈرىمىز . ھوشۇڭلارغا كېلىپ سائەت 8 دىن بۇرۇن بۇ يەردىن چىقىپ كەتسەڭلار ئۆلگىنىڭلار شۇ، دېدى . دوبۇ:
       - ئۆزىمىز ئىچەيلى! دېدى بېشىنى چايقاپ تۇرۇپ . ئۇلار مەست قىلىنغاندىن كېيىن سائەت 7 دىن 83 مىنۇت ئۆتكەندە ھوشىغا كەلدى.
       - ئىش مۇشۇ يەرگە يەتتى ، 20 مىنۇتتىن كېيىن كېتەيلى.
    بۇ دەل 12-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىدى . 15 كۈنلۈك ئاي ئاسماننى يورۇتۇپ تۇراتتى.
       - مۇشۇ ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدۇق . بۇنىڭغا نېمە دېگۈلۈك؟ ساقچىغا مەلۇم قىلسا ساقچى «ئادەم ئۆلگەن تەقدىردىمۇ بىز بۇنىڭغا بىرنەرسە دېيەلمەيمىز ، بۇ جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىچكى ئىشى . سىلەر كونسۇلخاناڭلارغا بېرىڭلار ، دۆلىتىڭلاردىن ساقچىلار كېلىپ بۇ دېلونى بىر تەرەپ قىلسۇن!» دەيدۇ.
    دوبۇ ئىجارىگە ئالغان ئۆينى قايتۇرۇپ ئۆيدىن پۇل ئەكەلدۈردى . تۆت كىشى جېنىنى ئاران ساقلاپ قېلىپ ۋەتەنگە قايتتى.

    6 . يېرىم كېچىدە ئۈزۈلگەن سىم

    قار لەيلىسى قېلىنقېلىن مۇز قاتلىمىدىن ئايرىلسا جامكىغا ، يۇلغۇن قېلىن شېغىلدىن ئايرىلسا قۇرۇپ قاقشالغا ئايلىنىپ قالىدۇ.
     ئۆزبېك خەلق ماقالىسى

    ئۆزبېكلەر دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، شىنجاڭدا ئولتۇراقلاشقان . ئۇلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.
    ئۆزبېكىستان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئىتتىپاقداش رېسپوبلىكىلارنىڭ بىرى . ئۆزبېكىستاندىكى ئاساسلىق مىللەت ئۆزبېكلەر . پايتەختى تاشكەنت . تاشكەنتتىن ئۈرۈمچىگە پويىز ۋە ئايروپىلان بىۋاسىتە قاتنايدۇ.
    مېنىڭ دوستۇم پاترىك ئۆزبېك ، جىمىنەيلىك ، 1963-يىلى تۇغۇلغان . 1986-يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ مۇزىكا فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرۈپ ، ئۆمىكىمىز  ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى پويىز سەنئەت ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنىپ مۇزىكا بىلەن شۇغۇللانغان . ئۆمەكتە مەن كومپوزىتور ئىدىم.
    ئۆمىكىمىزنىڭ ئادەتتىكى سەنئەت ئۆمەكلەردىن پەرقلىنىدىغان يېرى شۇكى ، ئۆمىكىمىزنىڭ مەخسۇس پويىزى بار ئىدى . ئۇنىڭدا ئۇخلايدىغان ، تاماق يەيدىغان ، ئورۇنكۆرپە يەنە يېمەكلىكلەرنى قويىدىغان ، توك ، سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان ، مەشىق ۋە گىرىم قىلىدىغان ۋاگونلىرى بار . بۇ «مەدەنىيەت پويىزى» دەپ ئاتىلىدۇ . ئۇ ھەر خىل سەنئەت نومۇرلىرىنى نۇرغۇن ئورۇنلارغا ئاپىرىپ قويىدۇ . ھېچقانداق كۈتۈۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق . دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە تۆمۈريول مىنىستىرلىكىنىڭ سەنئەت ئۆمىكى «مەدەنىيەت پويىزى» دەپ ئاتالغان . يېقىندا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «قەلبداشلار سەنئەت ئۆمىكى مەدەنىيەت پويىزىغا ئولتۇرۇپ تۆۋەنگە چۈشۈپ ئويۇن قويدى» دەپ خەۋەر بەردى.
    ئۆمەك 1982- يىلى ئىدارە جايلاشقان ئورۇندا قۇرۇلغان.
       پاترىك ئوتتۇرا بوي ، كىچىككىنە بۇرۇت قويۇۋالغان . مۇزىكا سېزىمى ئىنتايىن كۈچلۈك يىگىت ئىدى . ئۇ ئۆمىكىمىزگە كېلىشى بىلەنلا مەملىكەتلىك تۆمۈريول سىستېمىسى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق سەنئەت ئۆمەكلىرىنىڭ خاربىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئويۇن قويۇش كۆرىكىگە قاتناشتى . سۇڭخۇاجياڭ ۋادىسىدىكى تۆمۈريول مەدەنىيەت سارىيىغا 2960 نەپەر كەسپىي ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى توپلانغانىدى . پاترىك داپ ۋە قوشۇق چېلىپ ئىككى قېتىم تاماشابىنلارنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى . پۈتۈن زال زىلزىلىگە كەلدى . ئۇ داپنى ئىككى تىزىنىڭ ئارىسىغا قويۇپ ھەر خىل ئاۋازلارنى چىقىرىپ كىشىلەرنى ھەيران قالدۇردى . ئىككى دانە قوشۇقنى چىنىنىڭ ئارقىسىغا ئۇرۇپ ، ئىككى قوشۇق سېپىنى ئوڭ قولىدا تۇرۇپ سول قولىنىڭ ئالقىنىغا ئۇرۇپ ۋە تېزلىكتە ئورنىدىن سەكرەپ تۇرۇپ بەدەنلىرى ياكى يېنىدىكى ئارتىسلارنىڭ بېشىنى دولىسىغا ئۇرۇپ ئاجايىپ ماھارەت كۆرسەتتى . رىتىمى رەتلىك بولۇپ ، قىلچە قالايمىقانچىلىق بولمىدى . ھەقىقەتەن قالتىس ئويۇن كۆرسەتتى.
    يېزىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە پۇتقوللىرىم ئۈزلۈكسىز ماغدۇرسىزلىنىپ كۆزلىرىمدىن ياشلار بۇلدۇقلاپ چىقىشقا باشلىدى . 41 يىل ئۆتۈپ كەتتى . لەنجۇ ، چىڭدۇ ، كۈنمىڭ ، شېنياڭ ، خاربىن ، چىچىخار ، كۆكخوت قاتارلىق جايلاردىكى دوستلار ، سىلەر بىلەمسىلەر؟ ئەنە شۇ كىچىككىنە بۇرۇت قويۇۋالغان 22 ياشلىق يىگىت يات ئەلدە پاجىئەلىك ھالدا ئۆلۈپ كەتتى.
    ئۇنىڭ ئويۇنىنى سىنئالغۇ ، ئۈنئالغۇغا ئالغان خاربىن خەلق رادىئو ئىستانسىسى ، خېيلۇڭجياڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ماتېرىيالى يەنىلا ساقلاقلىق!
    بۇنىڭدىن 11 يىل بۇرۇنقى باھاردا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئۆزبېكىستان ناخشائۇسسۇل ئۆمىكى ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئويۇن قويدى . ئۇلارنىڭ يۇقىرى ماھارەتلىك كونسېرتى چېگرا رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى.
    پاترىك ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ساقچىغا خىزمەت كىنىشكىسىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن ، سەھنىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ ئايلىنىپ يۈردى . ئويۇن تۈگىگەندىن كېيىن ، ئۇ راۋابچى نەيجايولنى زىيارەت قىلدى . ئۇلار ئۆزئارا  سەنئەت تېخنىكىلىرىنى ئالماشتۇرۇشتى ھەم ئادرېسلىرىنى بىربىرىگە يېزىپ بېرىشتى . ئويۇن كۆرۈش جەريانىدا پاترىك مۇزىكانتلارنىڭ ئورۇنلاش ماھارىتىنىڭ ھەقىقەتەن ئىنتايىن يۇقىرى ، سۈزۈك ئىكەنلىكىنى ، لېكىن مۇزىكا ئەسۋابلىرى سۈپىتىنىڭ دېگەندەك ياخشى ئەمەسلىكىنى ھېس قىلدى . ئۇلار چالغان راۋاب گروزىيىدە ، ئىسكىرىپكا گېرمانىيىدە ئىشلەنگەن بولۇپ ، باھاسى ئىنتايىن قىممەت ئىدى . جۇڭگودا ياسالغان راۋابنىڭ سۈپىتى ، ئاۋازى گروزىيىدە ئىشلەنگەن راۋابنىڭكىدىن بەش ھەسسە ، گېرمانىيىدە ئىشلەنگەن ئىسكىرىپكا باھاسىدىن 22 ھەسسە ئەرزان ئىدى.
    بۇنىڭغا قاراپ پاترىكنىڭ كۆڭلىگە جىن كىردى . ئۇ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ بازار قاينىمىغا ئاتلىنىدۇ ، دۆلەت ھالقىپ مۇزىكا ئەسۋابلىرى سودىسى قىلىشنى ، پۇل تېپىش ، باشقىلارغا نەپ بېرىشنى كۆڭلىگە پۈكتى . بۇنداق سودىنىڭ مەدەنىيەت پۇرىقى يۇقىرى بولۇپ ، نامىمۇ ياخشى ئىدى . «بىر سىناپ باقاي» دەپ ئويلىدى ئۇ كۆڭلىدە.
    ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ۋاقتىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەرقايسى ئىتتىپاقداش رېسپوبلىكىلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ، مال سېتىۋالغۇچىلار ھەر كۈنى قورغاس ئېغىزى ئارقىلىق توپتوپى بىلەن كىرمەكتە ئىدى . چېگرىدىن چىقىش رەسمىيىتىمۇ ئاددىيلاشقانىدى.
    سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن ، پاترىك نەيجايولنىڭ ياردىمى بىلەن پاسپورت ئالدى.
       ئۇرۇق-تۇغقانلار ، ئاغىنە-بۇرادەرلەردىن پۇل يىغىش قىلىپ ، شاڭخەيدە ئىشلەنگەن ئەلا سۈپەتلىك كىچىك ئىسكىرىپكىدىن 10نى ، ئۈرۈمچىدە ئىشلەنگەن راۋابتىن 10نى ، گۇاڭجۇدا ئىشلەنگەن غىجەكتىن 10نى ، سۇجۇدا ئىشلەنگەن نەيدىن 10 يۈرۈش ، ئۈرۈمچىدە ئىشلەنگەن داپتىن 10 نى سېتىۋالدى.
       خەن ، تاڭ سۇلالىسى دەۋرلىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كۆپ قىسمى دۆلىتىمىزگە قارايتتى . ئۆزبېكىستان ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىدە ياشىغانلارنىڭ ئاۋلادلىرى بولۇپلا قالماستىن ، بەلكى كۆپلىگەن يەرلەرنىڭ ئىسمىمۇ خەنزۇچە بولۇپ ، ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
       مالنى بىللە ئېلىۋېلىشقا ، ئەۋەتىشكە بولاتتى.
       پاترىك نەيجايولىغا بىر دانە راۋاب سوۋغا قىلدى ، ماللارنى سېتىش ئۇسۇلى ئىككى تۈرلۈك ئىدى . ئۇنىڭ بىرى ، بىراقلا ئۆتكۈزۈۋېتىش ، بۇنىڭدا پايدا ئازراق بولاتتى؛ يەنە بىرى پارچە سېتىش ، بۇنىڭدا ھېچقانداق زىيان بولمايتتى.
    پاترىك بىر مال سېتىش سۇپىسىنى ئىجارىگە ئالدى ، بىراق يېرىم كۈنگىچە ھېچقانداق سودا بولمىدى . ئۇ دوستى نەيجايولىنى چاقىرىپ كەلدى ، ئۇ ئالدى بىلەن داپ ، كەينىدىن قوشۇق چالدى ، نەيجايولى راۋاب چالدى . ئىككىسىنىڭ ماھارىتى ئىنتايىن يۇقىرى ئىدى.
    ئادەملەر بىردەمدىلا تەرەپتەرەپتىن كېلىپ توپلىنىشتى ، چاۋاك چېلىشىپ ئالقىش ياڭرىتىشتى . دۆلەت دەرىجىلىك سەنئەتچىنىڭ مال سېتىشىنىڭ قانداق قىزغىن بولىدىغانلىقى ئۆز -ئۆزىدىن مەلۇم . بىر سائەت ئىچىدە ئۈچ راۋاب سېتىلدى . راۋابنىڭ باھاسى 280 يۈەن بولۇپ ، بارلىق چىقىملارنى قوشقاندا 330 يۈەنگە توختىغانىدى . ئۇ 850 ئامېرىكا دوللىرىدىن سېتىلدى . پايدا ھەقىقەتەن غايەت زور ئىدى.
       كىچىك ئىسكىرىپكىنى سېتىشتا قۇرۇق سىمنى تارتىش ئېلان رولىنى ئوينىدى ، بۇ خىل مەشغۇلات كۆرۈنۈشتە ئاددىي بولسىمۇ ، ئىسكىرىپچىلار بىلەن چېلىشنى بىلمەيدىغانلار چىقارغان ئاۋاز بىر-بىرىدىن ئاسمان- زېمىن پەرقلىنەتتى.
    ئىسكىرىپكىنىڭ سۈپىتى ئۇنى بىرقانچە قېتىم تارتىش بىلەنلا مەلۇم بولاتتى . بىر ئىسكىرىپكا ئەسلىدە  550 يۈەنگە توختىغانىدى . بىردەمدىلا ئىككى دانە ئىسكىرىپكا 1100 ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىلدى.
       پاترىك ئىنتايىن خۇشال بولۇپ كەتتى ، كەچكە يېقىن تېخى ئىككى سەر قېقىۋالدى . مېھمانخانىغا قايتقاندا ئىككى ئۆزبېك ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ ئاشقان راۋاب ، ئىسكىرىپكىنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى ، راۋابنى 700 دوللاردىن ، ئىسكىرىپكىنى 900 دوللاردىن ئالىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
       - داپ ، نەي ، غىجەكلەرنىڭ ھەممىسىنى ئالساڭلار ئاندىن سۆزلىشەيلى، دېدى پاترىك . ئۇلاردىن بىرى:
       - ماقۇل ، سودىلىشايلى ، مۇشۇ يەردە ساتساق بىر يېرىم ھەسسە پايدا ئالغىلى ، لاتۋىيىگە ئېلىپ بارساق 7-6 ھەسسە پايدا ئالغىلى بولىدۇ، دېدى . يەنە بىرى:
       -  غىجەك ، نەي ، داپ قاتارلىقلارنى قوشۇپ سېتىۋالساق ئەسلى نەرقى بويىچە بەرسىڭىز، دېدى . پاترىك:
       - ئەسلى نەرقىنىڭ قانچە ئىكەنلىكىنى سىلەر بىلەمسىلەر؟ يەنىلا مېنىڭ گېپىم گەپ ، پايدا ئالمىساق بولمايدۇ ، ئازراق پايدا قالسىلا بولىدۇ، دېدى كۈلۈپ تۇرۇپ.
    سۆھبەت ئاياغلاشتى . ئومۇمىي باھا22080 ئامېرىكا دوللىرى بولدى . ئۇلاردىن بىرى:
     بىر تەرەپتىن پۇل تۆلەپ ، بىر تەرەپتىن مالنى ئالساق بولاتتى . ئەتە دۇكاندا پۇلنى تاپشۇرۇش ئانچە قۇلايلىق ئەمەس، دېدى . يەنە بىرى:
     بىز ھەممىمىز مۇسۇلمان ، بىز ھازىر پۇل تاپشۇرساقمۇ بولىدۇ . سىز بىر تىل خەت يېزىپ ، تىل خەتكە پاسپورتىڭىزنىڭ نومۇرىنى يېزىپ بېرىڭ . ئەتە مالنى ئالغاندا تىل خەتنى سىزگە تاپشۇرۇپ بېرىمىز ، بولامدۇ؟ دېدى.
     سىلەرنىڭ گۇۋاھنامەڭلار بارمۇ؟ دەپ سورىدى پاترىك بۇرۇتىنى سىلاپ تۇرۇپ . ئۇلار دەرھال كۈل رەڭلىك كىنىشكىسىنى چىقاردى . پاترىك قاراپلا ئۇلارنىڭ پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىدىن ئىكەنلىكىنى ، بىرىنىڭ دوتسېنت ، بىرىنىڭ لىكتور ئىكەنلىكىنى بىلدى.
    پاترىك بېشىنى لىڭشىتتى.
       لىكتور قارا سومكىنى ئۈستەل ئۈستىگە قويۇپ ، ئالدى بىلەن قېلىن بىر كىتابنى ، كېيىن قەغەزگە ئورالغان بولاقنى چىقاردى . بولاقتىكى زاۋۇتتىن يېڭىدىن چىققان ، نومۇرلىرى ئۇلۇشۇپ كېتىدىغان 5 ، 01 ، 100 يۈەنلىك پۇللار ئىدى . پاترىك قېشىنى كۆتۈرۈپ قويدى.
       - مۇسۇلمانلار سودا قىلغاندا بىربىرىنى قويۇۋېتىدىغان ئىش يوققۇ دەيمەن؟ دېدى دوتسېنت . پاترىك بېشىنى چايقىدى، يالغان پۇل بىلەن بىربىرىنى ئالدايدىغان ئىشمۇ يوققۇ دەيمەن؟ پاترىك يەنە بېشىنى چايقىدى.
    لىكتور ھېلىقى قېلىن كىتابنى ئاچتى . ئۇ قۇرئان ئىدى . دوتسېنت سول قولىنى چىقىرىپ قۇرئان ئۈستىگە قويۇپ تۇرۇپ:
       - بىز قېرىنداشمىز ، پاترىككە بەرگەن پۇللاردىن بىرەرسى يالغان چىقسا خۇدا بىزنى تۆپىمىزدىن جازالىسۇن! دەپ قەسەم قىلدى . پاترىك ھۆججەت بېرىپ پۇلنى ئالدى ، شۇنداق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئىلىم-بېرىمى تۈگىدى.
    پاترىك ئالغان پۇللارنىڭ بىرىمۇ يالغان ئەمەس ئىدى . لېكىن ئۆتمەيدىغان ، قىممىتى ئىنتايىن تۆۋەن پىرو پۇلى ئىدى.
    شۇنداق ، ئويۇن ئوينىلىپ بولدى . ئويۇنمۇ چېغىدا بولغىنى ياخشى . چەكتىن ئېشىپ كەتسە يالغانلىقى بىلىنىپ قالىدۇ . ئاخۇنۇممۇ ئادەتتە قەسەم قىلىش ئۈچۈن قۇرئاننى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرمەيدۇ.
    ئادەم بىپەرۋالىق قىلسا چوقۇم ئۇنى پالاكەت باسىدۇ . قولىدىكى ئامېرىكا دوللىرى بىلەن يېنىدىكى دوللارنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسىلا مەسىلە ئېنىق بولماسمىدى؟
    ئادەمنىڭ بېلى سۇنۇپ كەتمىسىلا يەنە قايتىدىن باش كۆتۈرەلەيدۇ.
    ئادەم سودىنىڭ ياخشى تەرىپىنىلا بىلىپ ئۇنىڭ يامان تەرىپىنى بىلمىسە بولمايدۇ.
     - سىز نېمە ئۈچۈن مەن بىلەن مەسلىھەتلەشمىدىڭىز؟ دېدى نەيجايولى تېلېفوندا، ئەگەر سۆھبەتكە مەنمۇ قاتناشقان بولسام ، ئىككىدە ئىككى بولۇپ ، بۇنداق ئەھۋال كېلىپ چىقمايتتى . خۇددى قاراقچىدىن قاچقاندەك كېتىپ قاپسىز . بىر ئېغىز گەپمۇ قىلىپ قويماپسىز ، بۇ تازا ھۆرمەتسىزلىك ئەمەسمۇ؟ دوستۇم ، مەن ھېلىلا بانكىدىن سىزگە 850 دوللار ئەۋەتىۋەتتىم . راۋابنى مەن ئالاي ، كېيىن پۇللۇق بولغاندا بىرنى سوۋغا قىلارسىز؟ شۇنداق بولسۇنمۇ؟
    پاترىكنىڭ كۆزىدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى.
    نەيجايولى ئۇنىڭغا پۇل توپلاپ سودىنى راۋاجلاندۇرۇشنى تاپىلىدى . غەلىبە قىلىشقا ئىشەنچە تىكلەشنى ئېيتتى . «بۇ قېتىمقى زىياننى تولدۇرۇۋالالايمىز» دېدى . ئۇ ھەقسىز ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . پاترىك يەنە بىر قېتىم توزاققا دەسسەشتىن قورقتى.
       مەلۇم بولۇشىچە ، نەيجايولىنىڭ ئىككى ساۋاقدىشى تۈركمەنىستان تىياتىرىدا مۇزىكانت بولۇپ ، ئۇلار مۇزىكا ئەسۋابلىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانماقچى بولۇۋېتىپتۇ . ئۇلار ئاشخاباتتىكى مۇتلەق ئىشەنچلىك كىشىلەر ئىكەن.
    -  ئۇلارغا شاڭخەي ماركىلىق رويالدىن 20 سى ، شاڭخەي ماركىلىق كىچىك ئىسكىرىپكىدىن 200 ، راۋابتىن 100 لازىم ، ئەگەر بۇلارنى ھەل قىلىشقا بولسا باھاسىنى تېلېفوندا سۆزلىشىشكە بولىدۇ . مەن ئىككى تەرەپكە كېپىللىك قىلالايمەن . ۋاكالىتەن كېلىشىمگە قول قويىمەن، دېدى نەيجايولى پاترىكنى مال ئەۋەتىشكە ، تاشكەنتكە كېلىشكە دەۋەت قىلىپ . ئۇ يەنە مال ئالغۇچىنىڭ مالنى تاپشۇرۇۋېلىپ پۇلنى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
    بۇ ئىشنى قىلىش ئانچە قىيىن ئەمەس ئىدى ، يېتەرلىك پۇل بولسىلا ئۈرۈمچىدىن چىقمايمۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولاتتى.
       - بىراق بۇنداق كۆپ پۇلنى نەدىن تېپىش كېرەك؟
    ئاتىسى ، ھاممىسى ، تاغىلىرى ، ئاكائۇكا ، ئاچاسىڭىللىرى ئۇنىڭغا ئۆزلىرىنىڭ يىغقان پۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى بەردى . ئۇلار ئۇنىڭ ئىنسانىي خىسلىتىدىن قىلچە گۇمانلانمىدى.
    ئۇ بارلىق ئۈمىدىنى نەيجايولىغا باغلىدى ، ئۇ دوستىنىڭ ساداقىتىدىن گۇمانلانمايتتى.
    پاترىك مالنى ئۈچ تۈركۈمگە بۆلۈپ نەيجايولىگە ئەۋەتتى . مال چىقماي تۇرۇپلا مال ئەۋەتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىپ كېتىپ قالدى.
    نەيجايولى تېلېفوندا مالنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى پاترىككە خەۋەر قىلدى.
    پاترىك بېيىش خام خىيالىدا تاشكەنتكە يېتىپ كەلدى . نەيجايولىگە بىر دانە ناھايىتى نەپىس راۋاب تەقدىم قىلدى . ئۇنىڭغا ئىككىسىنىڭ نامى ئويۇلدى.
    نەيجايولى ئىككى ناتونۇش كىشىنى ئۇنىڭغا تونۇشتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن:
       - سىز بىرقانچە كۈن ئوينىماقچىمۇ ياكى تېزلا قايتامسىز؟ دەپ سورىدى.
       - دەرھال كېتىمەن . پۇل زۆرۈر بولۇۋاتىدۇ، دېدى پاترىك.
    بۇزۇلمايدىغان دوستلۇق يوق . لېكىن ھەممىدىن يامىنى ئىككى دۈشمەن: بىرى مۇھەببەت؛ يەنە بىرى پۇل...
    نەيجايولى ئەرمىنىيىگە كۆچۈپ كېتىش رەسمىيىتىنى بېجىردى . مۇزىكا ئەسۋابلىرى دۇكىنىنىڭ خوجايىنى ئۇنىڭ ئۆزى بولۇپ ، پاترىكنى جايلىۋېتىپ ھېچقانداق ئىز قالدۇرماي خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ قولىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن پاترىكنى ئالداپ ئەكەلدى.
    كەچكى تاماقتىن كېيىن ھېلىقى ناتونۇش كىشىلەر چۈشكەن مېھمانخانىدا ئۇنىڭغا 63700 دوللار پۇل بەردى.
    نەيجايولى ئىككى تەرەپنىڭ دوستى سۈپىتىدە «سىلەرگە ئىككى بانكىغا بېرىپ پۇلنى تەكشۈرۈشنى تەكلىپ قىلىمەن . پۇلنىڭ ھەممىسىنى تەكشۈرەمدۇ ياكى ئارىسىدىن ئېلىپ تەكشۈرەمدۇ بۇنى پاترىك بەلگىلەيدۇ ، ماقۇلمۇ؟» دېدى.
    نەيجايولى تيەنجىندە ئىشلەنگەن بىر دانە قىزىل رەڭلىك بولكىۋاينى ئىجارىگە ئالدى . ئۇلار بۇنىڭغا ئولتۇرۇپ ئۈچ بانكىغا بېرىپ ئۈچ خىل 100 يۈەنلىك پۇلدىن ھەر بىرىدىن ئوندىن ئېلىپ تەكشۈردى . پۇلنىڭ ھەممىسى راست چىقتى.
       - سىز پۇللارنى نېمە ئۈچۈن پېرېۋوت قىلمايسىز؟ دەپ سورىدى نەيجايولى . پاترىك:
       - پېرېۋوت ھەققىنى بەرگۈم يوق، دېدى . نەيجايولى:
        - چوڭ دادامنىڭ كىچىك ئىنىسى قەشقەردە . مەن مۇشۇ ماشىنا بىلەن ئۇنى ئالغىلى بارىمەن . ئەگەر ئالدىرىسىڭىز بۈگۈن ئاخشاملا يولغا چىقايلى ، مەن بىلەن بىرگە ماڭامسىز؟ دەپ سورىدى.
    ئۇلار سائەت بىر ئەتراپىدا مېھمانخانىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئۇچراشماقچى بولۇشتى . سائەت ئۈچتىن ئاشتى ، ھېلىقى ئىككى كىشى «ئۇخلايمىز» دەپ كېتىپ قالدى.
    قىزىل رەڭلىك بولكىۋاي ئاستا كەلدى . پاترىك قولىنى كۆتۈرۈپ ئالدىغا قاراپ ماڭدى . شۇ ئەسنادا ئارقىدىن بىر پىكاپ ئۇچقاندەك كېلىپ پاترىكنى سوقۇپ قاڭقىتىۋەتتى . ئۇ يەرگە يىقىلىپلا جان ئۈزدى . ئۇلار سومكىنى ئېلىپ قېچىپ كېتىشتى.
    پاترىكنىڭ دادىسى كېلىپ ئوغلىنى يەرلىكىدە قويدى . بۇ يەردە نەيجايولى ئائىلىسىدىكىلەردىن كىمنى ئىزدەشنى بىلمەيتتى ، بىلسىمۇ ئۇنى نەدىن تاپالايدۇ؟

     

    تەڭرىتاغ ژورنىلى دىنن ئېلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.