كېسەل يوقلاش(ۋارىسجان تۇردى)

يوللىغۇچى : akpar يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-04 13:12:00

كېسەل يوقلاش(ۋارىسجان تۇردى) ئەر-ئايال ئىككەيلەن سېستىرالاردىن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ، 102-نۇمۇرلۇق كېسەللەر ياتىقىنى تاپتى. ياتاقتا 60 ياشتىن ھالقىغان ئولتۇرا بويلۇق ، سېمىزغىنە بىر كىشى بىلەن يېشى 30...

    كېسەل يوقلاش
    (ۋارىسجان تۇردى)

     

    ئەر-ئايال ئىككەيلەن سېستىرالاردىن سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ، 102-نۇمۇرلۇق كېسەللەر ياتىقىنى تاپتى.
     ياتاقتا 60 ياشتىن ھالقىغان ئولتۇرا بويلۇق ،  سېمىزغىنە بىر كىشى بىلەن يېشى 30 لاردىن ئاشقان بىر يىگىت پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى.  بۇلارنىڭ بىرسى ئىدارىنىڭ تېخى يىڭىلا پىنسىيىگە چىققان پېشقەدەم باشلىقى، يەنە بىرسى بولسا ئىدارىغا باشلىق بۇلۇپ ئۆستۈرىلىدىغان زىيالى ئىدى.
     ياتاققا كىرگۈچىلەر ياتاقتىكىلەر بىلەن ئۆز-ئارا ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن، ئايال ھېلىقى پېشقەدەم سابىق باشلىقنىڭ ئالدىغا بېرىپ:
       - سېلىنى ئاغرىپ قاپتۇ دەپ ئاڭلاپ، قاتتىق-قۇرۇق بولسىمۇ يوقلاپ كېلىۋىدۇق، -دەپ لېگەندىكى ئوخشېتىپ ئېتىلگەن مانتىنى ئالدىغا ئاستا سۈرۈپ قويدى. بۇنى كۆرگەن ئېرى خوتۇنىغا «خاتا قىلدىڭ» دېگەندەك تەرىنى تۈرۈپ، ئالىيىپ قۇيۇپ يەنە تېزلا ئۆزگىرىپ ھىجايغان ھالدا بولغۇسى ياش باشلىققا قاراپ:
    - سېلىنى ئاغرىپ قاپتۇ،  دەپ قۇرۇقلا يوقلاپ كېلىۋىدۇق، . از بولسىمۇ كۆپكە تاۋاپ قىلىپ قۇبۇل قىلالا. بۇ تەنگە داۋا، رەنجىگە شىپا كورلا نەشپۈتى، -دەپ تور سومكىدىكى 3 كىلوچە نەشپۈتنى قويۇپ قويدى.
       بۇ ئىشتىن ئەجەپلەنگەن بۇ ئىككەيلەن بىر-بىرىگە مەنىلىك قارىۋالدى-دە، ياش باشلىق بىر ئاز تېڭىرقاشتىن كېيىن تولىمۇ ئوڭايسىزلانغان ھالدا:
       -كەچۈرۈڭ ئاكا، ئۇقۇشماسلىق بولغان ئوخشايدۇ، مەن ئاغرىپ قالغىنىم يوق، مەنمۇ سىلەرگە ئوخشاش بۇ پېشقەدەم باشلىقىمىزنى يوقلاپ كەلگەن ئىدىم . سىلەرگە رەھمەت، -دېدى-دە، نەشپۈتنى پېشقەدەم باشلىقنىڭ ئالدىغا سۈرۈپ قويدى . بۇ چاغدا ئۆي ئىچىنى شۇنچىلىك جىمجىتلىق باستىكى، بۇ يەردىكى 4 ئادەمنىڭ چىرايىنى بىر-بىرسىگە ئوخشىمىغان ھالدا قىزىرىش، ئەجەپلىنىش ، تاتىرىش، مەسخىرىلەر ئىگىلىگەن ئىدى. ئايال ئېرىنىڭ شۇ تاپتىكى ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالغان كۈلكىلىك، شەرمەندە ئەپتى-بەشرىسىگە قاراپ، نومۇستا يېرىلىپ كېتەيلا دەپ قالدى. . .
       ئايالى ئۆيگە كىرىپلا لىگەننى پىقىرتىپ تاشلىدى-دە، ھۆڭرەپ يىغلىغىنىچە ئۆزىنى كارۋاتقا تاشلىدى. ئېرى بولسا ئاچچىقتىن بۇغۇلۇپ ئىشكاپتىكى ھاراق بوتۇلكىسىنى قولىغا ئالدى.
        ئەسلىدە ئىش مۇنداق ئىدى:ھېلىقى ياش زىيالى بۇلار بىلەن بىر بىنادا قوشنا ئولتۇراتتى، بۇرۇن بۇ ئادەم ئۆز قوشنىسىى بولغان ھېلىقى زىيالى بىلەن تازا ئەپ ئۆتمەيتتى. ئۇنى«سېسىق زىيالى»، «قارا يىپ» دەپ زەربە بەرگەن ئىدى. كېيىن ۋەزىيەت ئوڭشىلىپ ، زىيالىيلار سىياسىتى ئەمەلىيلىشىپ ، قەددى كۆتىرىلگەندىن كېيىن بۇ ياشنى نەدە كۆرسە چىشىنىڭ ئېقىنى چىقىرىپ، سالامنىڭ چوڭىنى قىلىپ ، قىلغىلى قىلىق تاپالماي قالىدىغان بولدى. يېقىندا ئۇنى ئىدارىگە باشلىق قېلىپ ئۆستۈردىكەن، دېگەن مىش-مىش گەپنى ئاڭلاپ، تېخىمۇ ئولتۇرالماي قالدى. ئەمدى قانداق قىلىپ ئۇنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىگە بۇلىۋېلىشنى ئويلايتتى. مانا شۇنداق كۈنلەردە ئۇ ئوبدان بىر پۇرسەتكە ئېرىشتى، تۈنۈگۈن توساتتىنلا ھېلىقى زىيالىنىڭ:«ئەتە ئەتىگەن دۇختۇرخانىغا بارمىسام بولمايدۇ. . . » دېگەن گېپىنى چالا-بۇلا ئاڭلاپ قالدى –دە، بۇ ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، ھەممىدىن بۇرۇن ئەتىگەندىلا يوقلاپ بارماقچى بولدى. بۇنداق قىلغاندا ئۇ ئىككى پاختەكنى بىر چالمىدا سۇققان بۇلاتتى. بىرىنجى، ئۇ ئۆتكەنكى قىلمىشلىرىنى يۇيۇۋېتەلەيتتى:ئىككىنجى، ئەگەر ئۇ باشلىق بولۇپ قالسا ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشنىڭ پۇختا كۆۋرىكى بۇلاتتى. ئۇنىڭ نەزىرىدە ھېلىقى پىشقەدەم باشلىق ئاللىقاچان پېنسىيىگە چىقتى، ئەمدى ئۇنىڭغا ھاجىتى چۈشمەيتتى. چۈنكى ئۇنىڭ قولىدا ھازىر ھوقوق يوق-تە!؟ لېكىن ئۇ ئويلىغان شېرىن خىياللىرىنىڭ بۈگۈنكىدەك رەسۋاچىلىق بىلەن تۈگەيدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايالىنىڭ تاپا-تەنىسىچۇ تېخى؟! ئۇ شۇ ئازاپلىق خياللار بىلەن كاللىسى قىزىپ زىڭىلداپ، تولدۇرغان رومكىنى كەينى-كەينىدىن كۆتىرىشكە باشلىدى. شۇ ئەلپازىدا ئۇ 2، 3 بوتۇلكىنىمۇ قۇرۇقدىۋېتىدىغاندەك ئىدى. . . نومۇس كۈچىدىن دەردىنى ئىچىگە سىغدۇرالمىغان ئايالى كونا خاماننى سورۇپ، ھاراقنىڭ كۈچى ۋە بايىقى رەسۋاچىلىقتىن خۇدىنى يوقاتقان ئېرىگە قار-يامغۇردەك تۆكۈلۈشكە باشلىدى:
       -ھوي، ماڭا قارىسىلا، نومۇس، ۋىجدان دىگەن نەرسە بارمۇ سېلىدە-ھە؟ھېلىقى قالايمىقان يىللاردا ئىسيانچى بۇلىۋېلىپ، ئاق-قارىنى پەرق ئەتمەي، پېشقەدەم باشلىقىمىزنى تارتىپ چىقىپ سازايى قىلدىلا، ھەتتا ئۇ كىشى تاياق زەربىسىدىن ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغاندا مەن دوختۇر بولغاچقا ئۇنى داۋالاپ قوياي، دېسەم، چېگرا ئاجرات، دەپ بارغىلى قويمىدىلا، خىزمىتى ئەسلىگە كەلگەندە بولسا خىجىل بولماستىن يەنە خوشامەتچىلىك قىلدىلا، ئەمدى ئۇ كىشى پېنسىيىگە چىقىش بىلەن تەڭلا يۈز ئۆرۈپ، يېڭىسىغا خۇشامەت قىلىشقا كىرىشتىلە، سىلىدە زادى ۋىجدان دېگەن نەرسە بارمۇ-يوق؟ ئەتىگەن قاق سەھەردە ئورۇنلىرىدىن تۇرۇۋېلىپ ، ياسىنىپ-جابدۇنۇپ، مېنى تاماق قىلىشقا شۇنچە زورلاشلىرى بىكار ئەمەسكەن. سىلىنىڭ خۇشامەتكويلۇق قىلىدىغانلىقلىرىدىن، بۇنداق رەسۋاچىلىققا قالىدىغانلىقلىرىنى بىلگەن بولسام ھەرگىز بارمايتتىم ئۇ يەرگە. ۋاي ئېسىت، قايسى يۈزۈمنى كۆتۈرۈپ يۈرىمەن ئەمدى. . .
       -ئاغزىڭنى يۇم، ھۇ ئۆزىنى بىلمەيدىغان يۈزسىز!ھېلى بىكار مىڭەڭنىڭ قېتىقىنى چىقىرىۋېتىمەن!-دەپ ئايالىغا ھۆكىرەپ دىۋەيلەپ كەلدى ئېرى.
       -نىمە؟يۈزسىز دېدىلىما؟ ھىم، مەن سىلىگە شۇنى ئېيتىپ قۇيايكى، ئادەم دېگەندە يۈز بۇلىدۇ، گەپ ئۇنىڭ كاللا سۆڭىكىگە قانداق يۈزنىڭ چاپلانغانلىقىدا. ھەقىقى ۋىجدانلىق كىشىلەرنىڭ يۈزى بىر خىل بولىدۇ. سىلىگە ئوخشاش ئار-نومۇسنى بىلمەيدىغان، يۈزسىز، ۋىجدانسىز كىشىلەرنىڭ يۈزى ھەم قېلىن ھەم رېزىنكىدەك سوزۇنچاق كېلىدۇ. مايمۇندەك ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. مەندىچۇ ئىنسانغا خاس ۋىجدانى يۈز بار ، ئار-نۇمۇسنى كۆرىدىغان كۆز بار، مەن ساڭا ئوخشاش خوشامەتنى يۇقىرىغا يامىشىششنىڭ شوتىسى قىلىدىغان ئىپلاس ئادەم ئەمەس! ئېسىت، سەندەك ئەر بىلەن بىر ياستۇققا باش قويغىنىم. ..
        باياتىن بېرى خوتۇنىنىڭ گېپىنى چىشىنى چىشلەپ ئاڭلاپ ئولتۇرغان ئېرى ئەمدى تاقەت قىلالمىدى. ئۇ چاچراپ ئورنىدىن تۇردى-دە ، بار كۈچى بىلەن خوتۇنىغا قارىتىپ مۇش ئاتتى. بىراق، ئايالى چاققانلىق بىلەن بالىسىنى كۆتۈرۈپ ئۆزىنى يانغا ئالدى-دە، ئىشىكتىن شامالدەك تېز چىقىپ كەتتى. ھاراقنىڭ كۈچى، مۇشنىڭ تورى بىلەن ئۆزىنى تۇتىۋالالمىغان بۇ ئادەم پىقىراپ بېرىپ ، تۆمۈر كارىۋاتنىڭ قىرىغا تومشۇقى بىلەن ئۇرۇلۇپ، پولغا دۈم چۈشتى. ئۇنىڭ ئاغزى-بۇرنىدىن قان ئارىلاش ئاققان بەدبۇي نەرسىلەرنىڭ قاڭسىق ھىدى ئۆي ئىچىنى بىر ئالدى. شۇئان ئىچكىرىكى ئۆيدىن چىرايلىق بىر ئالا مۈشۈك يۈگۈرۈپ چىقىپ، ئىگىسىنىڭ ئاغزى-بۇرنىدىن ئاققان نەرسىلەرگە تۇمشۇقىنى تەگكۈزۈپ سالدى-دە، ئۇنىڭ بەد بۇيلىغىدىن سەسكىنىپ شاپ بۇرۇتلىرىنى سىيلاپ پۇرقىۋەتتى. ئالقىنىنى يالاپ، يۈزلىرىنى يۇغاندىن كېيىن ، نېرىراق بېرىپ زوڭ ئولتۇرۇپ، چۈش ۋاقتىدا ئىلىپتەك تارتىلغان كۆز قارىغىنى مۆلدۈرلىتىپ، ھەيرانلىق ئىچىدە ئېگىسىنى كۆزۈتۈشكە باشلىدى. ئېگىسى بولسا مېنى يۆلەڭلار دېگەندەك ھەر يان كۆز يۈگەرتىپ ئىڭراپ ياتاتتى.
       ئەمدى ئۇنىڭ كېسىلىنى كىممۇ يوقلار؟!

    مايبۇلاق ژورنىلىدىن ئېلىندى

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ۋارىسجان تۇردى