گۇناھ-6(ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-09 05:56:11

گۇناھ(6)ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد سەمەت مەخسۇم جاينامازدا يۈكىنىپ، يەنە نۇرغۇن دۇئالارنى قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ھامان غايىۋى تۈستە تەسەللىي ھەم ئىشەنچ بېرىپ تۇرغاچقا، نامازدىن پارىغ بولۇپ تىرى...



    گۇناھ(6)
    ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد


    سەمەت مەخسۇم جاينامازدا يۈكىنىپ، يەنە نۇرغۇن دۇئالارنى قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا ھامان غايىۋى تۈستە تەسەللىي ھەم ئىشەنچ بېرىپ تۇرغاچقا، نامازدىن پارىغ بولۇپ تىرىكچىلىككە كىرىشسىلا تۇرمۇش ئۇنى يامان تەرەپكە، كۆڭۈلسىزلىككە، ھەتتا ئۈمدىسىزلىككە قىستاپ تۇرغاچقا ، ئۇنىڭ جاينامازدىن پەقەتلا قوپقۇسى كەلمىدى؛ جىمى تىرىكچىلىك غېمىدىن خالاس بولۇپ، قەلبىنى قاراڭغۇلاشتۇرۇپ تۇرغان بۇ جاھان تەتۈرلىكىدىن قۇتۇلۇپ، ئاللاھنى ھەم ئۇ دۇنيانى ئويلاپ ئولتۇرۇش ئۇنىڭغا بەكمۇ ئارامبەخش ۋە كۆڭۈللۈك تۇيۇلدى. ئۇ شۇ تەرزدە تەن مۇھتاجلىقىنى ۋە روھىي سىقىنچىلىقىنى ئۇنتۇپ، ئۇلۇغ ئېتىقادىنى كۆز نۇرىغا، دىل يورۇقىغا، شۇنداق بۇ دۇنيالىق بارلىق ئارزۇ-ئىنتىلىشلىرىغا ئايلاندۇرۇپ، قەلبىنى ئۇلۇغ خۇداغىلا تاپشۇرۇپ، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇق ھالىتىنى، ئۆزلۈك ۋەسۋەسىلىرىنى، ھاياتلىق مەقسەت-پىلانلىرىنى، بالىسىنىڭ كەلگۈسىدىن قىلىدىغان غېمىنىمۇ شۇ بۈيۈك ئەقىدە-ئىخلاسىغا بويسۇندۇرۇۋاتاتتى...

     

      ھىدايەت قارى داۋۇت داموللامدىن ئالىدىغان ساۋىقىنى ئېلىپ بولۇپ، ۋەلىسپىتىگە مىنىپ، مەھەللىسىگە قايرىلىدىغان يولنىڭ دوقمۇشىغا كەلگەندە يولدا ئېشىكىنى ئېغىنىتىۋاتقان نىياز ئۇنى كۆرۈپ ئالدىغا چاقىردى:

     

      — ھوي قارى، ماياققا كەلسىلە، سىلىگە دەيدىغان مۇھىم گەپ بار!

     

      ھىدايەت قارى نىيازنىڭ مۇشۇ مەھەللىگە باشلىق ئىكەنلىكىنى، مەسچىتكە چىقمايدىغانلىقىنى، ھەر بازار كۈنى كەچتە ھاراق ئىچىپ، مەھەللىنى مەست ئايلىنىپ، تۇل خوتۇنلارنىڭ ئىشىكىنى قېقىپ، رەسۋا ئىشلىرى خەقلەرگە نەچچە كۆرۈنۈپ قالسىمۇ يەنىلا خەقلەرنى بويسۇندۇرۇپ، ئۆزىگە نارازى بولغان ياكى قارشى پىكىردە بولغانلاردىن ئۆچ ئېلىپ ، مەيدىسىگە ئۇرۇپ، قىنىغا پاتماي يۈرۈيدىغانلىقىنى بىلەتتى؛ يەنە كېلىپ ئۇلار ئۇدۇل قوشنا بولغاچقا، نىيازنىڭ شەيتان سۈپەت قىلىقلىرى، ئۇنىڭ بىشەم خوتۇنى ۋە قىتىغۇر بالىلىرىنىڭ ھاكاۋۇرلۇقى ھىدايەت قارىنىڭ كۆزىگە زادىلا سىغمايتتى. سەمەت مەخسۇممۇ نىيازنىڭ قىلىقلىرىنى ئەيىپلەپ يۈرگەچكە ھىدايەت قارى ئۇنىڭغا تەبىئىيلا ئۆچ بولۇپ كەتكەنىدى، ئۇلارنى بۇ مەھەللىدىكى بىر توپ بالايى ئاپەت دەپ ھېسابلايتتى. نىياز بۈگۈن ئېشىكىنى سۇغارغىلى چىقىپ، چوڭ يولدىلا ئېغىناپ يېتىۋالغان ئېشىكىنىڭ ھەرىكىتىدىن ھوزۇرلىنىپ، تاماكىسىنى شوراپ، يولدىن ئۆتكەنلەرگە تەكەببۇرانە قاراپ، يەرگە توختىماي تۈكۈرۈپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بۇ بەدخۇيلۇقى ھىدايەت قارىغا تېخىمۇ يىرگىنىشلىك كۆرۈنۈپ كەتتى، ئۇنىڭ بۇيرۇق گېپىگە ئاچچىقى كەلدى.

     

      — ۋەلىسپىتىڭنى توختىتىپ ماياققا كەل دەيمەن، سەندىن سورايدىغان گەپ بار، نېمىگە ھاڭۋېقىپ تۇرىسەن؟

     

      — ئۆيگە ئالدىرايمەن، ئەسىر ۋاقتى بولۇپ قالدى.

     

      — نامازنى ئاتاڭ ئوقۇسا بولدى، ساڭا نېمە تۇرۇش، كىچىككىنە تۇرۇپ مەكتەپتە ئوقۇماي ناماز ئوقۇيمەن دەپ يۈرگىنىنى!

     

      — ناماز ئوقۇش دېگەن خۇدايىم بۇيرۇغان پەرز، سەندەك كاپىرلار بۇنى ئۇقمايدۇ.

     

      نىياز ئۆزىگە ئەزەلدىن گەپ قىلىپ باقمىغان بۇ جىمغۇر، مۆڭ بالىنىڭ غەزەپلىك چىرايىدىن، چوڭ ئادەملەرگە خاس سۈر-ھەيۋىسىدىن ۋە توڭ گەپلىرىدىن ھاڭ-تاڭ قالدى ھەم بىردىنلا سەپرايى تۇتتى، چۈنكى ئۇنىڭ ئاتىسىمۇ نىيازغا بۇنداق بىھۆرمەتلىك قىلىپ باقمىغانىدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.