يەڭگىلتەك ئادەم (ئەركىنجان ئەمەت)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-27 17:36:34

يەڭگىلتەك ئادەمئەركىنجان ئەمەت ئۇ ئاخىر بىر پۇرسەتتە يەنە قېچىشقا ئۇرۇندى. «ئۆزىچە بۇ قېتىم چوقۇم قېچىپ كېتىمەن» دەپ ئويلىدى. ھويلىغا چىققاندا ئېسەنكىرەپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۆزىنىڭ ئىرا...

    يەڭگىلتەك ئادەم
    ئەركىنجان ئەمەت 

        ئۇ ئاخىر بىر پۇرسەتتە يەنە قېچىشقا ئۇرۇندى. «ئۆزىچە بۇ قېتىم چوقۇم قېچىپ كېتىمەن» دەپ ئويلىدى. ھويلىغا چىققاندا ئېسەنكىرەپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۆزىنىڭ ئىرادىسىدىن گۇمانلانمىدى. ئەتراپ قىشنىڭ سوغۇق ھەم ئېغىر ئاي نۇرى ئاستىدا جىمجىت ياتاتتى. ھويلىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان ئېرىقتا سۇ ئېغىر ھالسىراپ ئېقىۋاتاتتى. ئېرىق بويىدىكى دوك جىگدىلەر كېرىلەلمەي بىئارام بولۇۋاتقاندەك مۈكچىيىپ تۇراتتى. چوڭ قېينانىسى  پېرىخون موماي كولۇۋالالمىغان جىگدە يىلىملىرى ئاي نۇرىدا كۆز يېشىدەك پارقىراپ تۇراتتى. ئالدىدا كۆۋرۈكنىڭ ئۇ تەرىپىدە شاللىرى تۆكۈلۈپ كەتكەن چوڭ دەرۋازا، ئۇنىڭ قېشىدا ئەبجەق تراكتور قېرى مويسىپىت كىشىدەك تۇراتتى. پەقەت مۇشۇ قۇرۇق ئىشىكتىن چىقىپ كەتسىلا بولاتتى. ئارىلىق پەقەت ئىشىكتىن چىقىپ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ كەتسىلا بولغىنى، پەقەت شۇنچىلىك ئىش. ئۇ نەچچە قېتىم چىقىپ كېتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىشەنچىسىنى يوقاتقانىدى.
        ئۇ ئارقىسىغا بىر قاراپ قويدى. بۇ ئۇلارنىڭ قەدىم جايى ئىدى. ئۇ شۇ تاپ بىر ئۇھ تارتىۋېلىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى. قورۇقنىڭ ئەگرى- بۈگرى ئەنجان تېمى سوزۇلۇپ ياتاتتى. تەكشى يەرلىرى ئاي نۇرىدا ئاقىرىپ غايەت زور ئېكراندەك كۆرۈنەتتى. بۇ قورۇق تۇنجى قېتىم ھاسىراپ قېرىپ قالغاندەك كۆرۈندى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنى بىر ئاز يەڭگىللەپ قالغاندەك ھېس قىلدى. مېڭىپ كۆۋرۈككە قەدەم باستى. بىردىنلا شامال چىقىپ ئېرىق بويىدىكى جىگدىلەر شاراقشىغان ئاۋاز چىقىرىۋەتتى. ئۆي ئىچىدىن چۇقان- سۈرەن ئاۋازى كۆتۈرۈلدى. ئۇ بىردىنلا بوشىشىپ كەتتى. ئايالى ئىچ كىيىمى بىلەنلا بالىنى سۆرەپ چىقتى. ئارقىدىن قېينانىسى قىزىنى باشلاپ چىقتى. ئۇنىڭدىن كېيىن چوڭ قېينانىسى ھاسىمۇ ئىشلەتمەي ئالچاڭلاپ چىقتى. ئايالى ۋارقىراپ تىللاپ كەتتى:
        -ھەي جۇۋاينىمەك، لامزەللە، بىچارە بالىلىرىڭغا قارىمامسەن! ساڭا بۇ يەردە نېمە كەم؟ ھۇ، تېگى پەس، شۇ يېشىڭدىمۇ قېچىشقا ئۇرۇنامسەن؟ بۇ يەر سېنىڭ، ئاتا- بوۋاڭ سەنچىلىك كۈن كۆرەلمىگەن. ئەمدى ساڭا نېمە زىيان قىلدى؟ ھۇ تۇز كور.
    ئۇ بالىسىنى ئۇرۇشقا باشلىدى. بالا ھازىر تاياققا پىسەنت قىلمايدىغان بولۇپ قالدى. قانچە ئۇرسىمۇ يەنە مۈگدەپ تۇراتتى. بىر قولى چاتىرىقىدا ئىدى. ئۇنى قانچە ئۇرسۇن غىڭ قىلىپ قويمايتتى.
        - ھەي دىلپارەم، ئۇنداق قىلمىغىن، ساڭا بۇ يەردە نېمە  كەم، بالاڭنى، قىزىڭنى ئويلىغىن.
       ئەمدى ئالداش باشلىنىپ كەتتى. بۇ ئىشلار بىرنەچچە قېتىم تەكرارلانغان، قانداق قىلمىسۇن ئۇرۇنۇشلىرى بىكار كەتتى. كونا ئەنجان تامدىن غەلىتە سۈرەتلەر كۆرۈنۈشكە باشلىدى. سوپىلار نالە - پەرياد كۆتۈرەتتى. ئېسىل كىيىنگەن خوتۇنلار ناز    - كەرەشمە بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتكەن. ئايالى، گومۇش بالىسى ۋە باشقىلار شاھانە تونلارغا ئورىلىپ ئولتۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن قورۇقنىڭ ئىچىنى شاۋقۇن - سۈرەن قاپلاپ كەتتى. ئۇ ئەمدى ئۆزىنى بەڭنى كۆپ چېكىپ قويغاندەك ھېس قىلدى. سېدىلەردىن ئالمىلار تۆكۈلۈپ چۈشەتتى. قوي- كالىلار بىر- بىرىنىڭ غەيۋىتىنى قىلىۋاتاتتى. تاللاردا ئۈزۈم پىشىپ مەي بولۇپ كەتكەن، ھەرىلەر ئۇچۇپ يۈرگەن. ئېرىقتا سۇ پورۇقلاپ قايناپ، بېلىقلارنىڭ ئازابلىق نالىسى ئاڭلاندى. چوڭ قېينانىسى چېكىدىغان چىلىمنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. بالىسى ئۇنىڭغا بىر قاراپ قويدى. ئۇ ئانىسىنىڭ قولىنى بىرلا چىشلىۋېدى، ئايالى چىررىدە چىرقىراپ، ئۇنىڭ ئۆسكىلەڭ چېچىدىن قولىنى بوشاتتى. بالا يۈگۈرۈپ ئۆزىنى ئۆستەڭگە ئاتتى. ئۇ يا پىشىپ  قالدى ياكى قېچىپ قۇتۇلدى. ئۇ ئەمدى بالىسىنىڭ پۈتۈنلەي گومۇش بولۇپ قالمىغانلىقىنى ئۇقتى. ئۇنى ھېچ كىشى قوغلاپ قويمىدى. ھويلا بىراقلا جىمىپ كەتتى. ئىشىك تۈۋىدە كونا تراكتور مەغرۇر تۇراتتى. ئۇ تراكتورنى ئۆزىدىن نورمال ھېس قىلاتتى. پەقەت ئۇنىڭ قۇلىقىنى يارغۇدەك چىقىدىغان ئاۋازىلا ئۇنى بۇ غەۋغا، ئوي- پىكىرلەردىن خالاس قىلالايتتى.
          ئۇ بۇ تراكتور بىلەن ئۇزۇن يىل بولدى بىللە ئۆتكىلى، ئۇ چاغدا تراكتور يېڭى، ئۆزىمۇ ياش ئىدى، يەر ھەيدەيتتى. ئاۋازى بۇلبۇلنىڭكىدىن چىرايلىق ئاڭلىناتتى. كىشىلەر ھەۋەس بىلەن قاراپ كېتەتتى. ئەمدى ئۇ قېرىدى، ئۇمۇ قېرىدى. بۇ نەس باسقان قورۇدا ئۆلگۈچە بىللە ئۆتۈۋاتىدۇ. ئايالى ئۇنىڭغا تەگكەندىن كېيىن قېينانىسى كەلدى. ئارقىدىن چوڭ قېينانىسى كەلدى، ئىككى بالا بولدى. ئەمدى ئۇ بۇ ئۆيدە پەقەت مالاي بولۇپ قالدى. ئايالى ئۇنى ياخشى كۆرگەندەك قىلاتتى. چوڭ قېينانىسى كېلىپ بۇ ئۆينى جىن ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋەتتى. كېچە- كۈندۈز كېلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى.
       ئۇ كونا ئۆيىدە بىر توپ چاشقان بىلەن بىللە ئۆتەتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ ئۆيدىلا تۇراتتى. كۆرگەن ئادەمنىڭ تېنىگە تىترەك ئولىشىپ كېتەتتى. ئۇ كونا تراكتورنى سېتىۋالدى. تۇرقى شۇنچە ئەبجەق بولغانلىقىغا قارىماي مېڭىشلىرى شۇنداق سالاپەتلىك. بۇ يۇرتتا ئۇ ئاغدۇرمىغان يەر قالمىدى. نەچچە يۈز يىللىق بىر قەبرىستانلىقنى بىر قىزىل لاتا ئېسىپ قويسا ھەيدەپ سالالاشقان ئېتىز قىلىۋەتتى. ئۇنىڭ مېڭىشلىرى شۇنداق سالاپەتلىك، ئېگىز دۆڭ، پەس ئويمانلاردا بەخۇدۈك يۈرىۋېرىدۇ. باشقا تراكتورلار ئاللىقاچان ۋەيران بولدى. پەقەت ئۆزىنىڭ شۇ تراكتورى يەنىلا مەھەللە ئىچىنى پاتىپاراق قىلىپ كىشىلەرنىڭ قارغاشلىرىغا پىسەنت قىلماي، ئايالى ئاچقان بوز يەرگە قاراپ ماڭىدۇ.
       گومۇش بالىسى يوق بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن قىزى مومىسىنىڭ ھۈنىرىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن چاشقانلار ئارىسىدا تۇرىدىغان بولدى. ئۇنىڭ قېچىپ كەتكۈسى بار ئىدى. لېكىن قاچالمىدى. ئۆزىنىڭ ئىرادىسىدىن گۇمانلاندى. ئويلاپ ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن باشقا چىقىش يولىنىمۇ ھېچ تاپالمىدى. شۇنداقتىمۇ قېچىش دېگەن ئۇقۇم ئۇنىڭ كاللىسىغا مەھكەم ئورنىشىۋالدى. ئۇ تراكتورغا چىقسىلا بولدى، ئۇنىڭ قاتتىق ئاۋازى ئۇنى باشقىچە ئادەم قىلىپ قوياتتى. ھېچ نەرسە ئويلىمايتتى. نېمىگە بۇيرۇسا شۇنى قىلاتتى. كۆزىگە ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيتتى. ئۆيىگە قايتسا ئايالى ئالدىغا چىقاتتى. تاماقنى تويغۇدەك يەپ قېينانىسى بىلەن بەڭنى ئوبدان چېكىشىۋالاتتى. ئۇ بارلىق ئوي- پىكىرلەردىن خالاس بولۇپ بەخت ئىچىدە ئۇيقۇغا كېتەتتى. پەقەت شۇنداق بىر كۈنلىرى قوپۇپ كېتىپ قېچىشقا ئۇرۇناتتى. موماي بەزىدە بىر خىل تىلدا گەپ قىلىپ كېتەتتى. ئۇ رادىئونى تولا ئاختۇرۇپمۇ ئوخشاپ كېتىدىغان بىرەر تىل تاپالمىدى. شۇنداق راۋان ھۇزۇرلىنىپ بىر نېمىلەرنى ئوقۇپ كېتەتتى. بۇ چاغدا بۇ قەدىمىي قورۇقنىڭ بىكار يېرى قالمايتتى. قىن- قىنىغا پاتمىغان دىۋە- پەرىلەر، ئەڭ ئېسىل مۇقام ناۋاسىدا شوخ ئۇسسۇلغا چۈشۈپ كەتكەن، ھاياسىز قىلىقلارنى قىلىۋاتقان قاينام- تاشقىنلىق قاپلاپ كېتەتتى. مۇشۇنداق بىر كېچىسى قېينانىسىنىڭ يوتقىنىدىن قوپۇپ قاتتىق ساراسىمىگە چۈشتى. بەزىدە چوڭ قېينانىسى كۆزلىرىنى خۇمارلاشتۇرۇپ ئۇسسۇلغا تارتىپ قوياتتى. ئۇ ئىچىگە يانتاق ئۈنۈپ قالغاندەك بىئارام بولۇپ كېتەتتى.
        ئۇ پەقەت بۇ ئۆيدىكى بىر ئويۇنچۇق. ئۇ كونا تراكتورىنى پاقىلدىتىپ ھەيدەپ چىققاندىلا ئاندىن ئارام تاپاتتى. لېكىن قېچىپ كېتەلمەيتتى. ئەسلى قېچىپ كەتسە بولاتتى، لېكىن قېچىپ كېتەلمىدى. ئۆزىمۇ جاۋابىنى تاپالمىدى. پەقەت شۇنداق بىر كېچىلىرى ئويغىنىپ قوپۇپ ئۇرۇنۇپ باقاتتى. ئوغلى مۇۋەپپەق بولدى. ئۇ ھازىر يوق. ئۇ ئەسلى گومۇش ئەمەسكەن. ئۇ ئالدىدا ئۇزۇن يىل گومۇش بولۇۋالدى. ئايالنىڭ ئۆزىنى قويۇپ بېرىشىنى كۆپ ئىلتىماس قىلدى. دۇمبالىدى، يالۋۇردى، قاچتى. مەيلى قانداق قىلسۇن مۇشۇ يوغان قورۇق ئىچىدە، ئۇ يەر- بۇ يەردىكى نەچچە يۈرۈش كونا ئۆيلەرنىڭ ئارىسىدا قاتىراپ يۈردى. ئۇنىڭ باشقا يەرگە بارغۇسى، بالىسىنى ئىزدەپ باققۇسى كېلەتتى. ئۆزىنى بۇ يەردە ئەرمۇ، قۇلمۇ، ئۆي ئىگىسىمۇ زادى نېمە؟ ئۇقالماي قالدى.
        تۇزكور، قارا! بۇ دېگەن جەننەت. سېنىڭ نېمەڭ كەم. ئاتا    - بوۋاڭ سەنچىلىك كۈن كۆرەلمىگەن. شۇنچە مال دۇنيا، شۇنچە چوڭ قورۇ، قارا دۆت ئېشەك، سېنىڭ نېمىشقا كۆيۈمىڭ يوق. باشقىلار سەنچىلىك كۈن كۆرەلمەيدۇ. شۇ يەرلەرگە بېرىپ نېمە كۆرەرسەن. كۆكلەپ كەتكىنىڭنى مەن بىر كۆرەي.
       ئۇ ئىچىدە بۇ يەردىن باشقا دوزاخ بولسىمۇ بولاتتى دەپ ئويلايتتى. «باشقا يەردە نېمە كۆرسەم كۆرەي، بۇ لەنىتى يەردىن ئايرىلسام بولدى» دەپ ئارزۇ قىلاتتى. بەزىدە ئايالىنىڭ گەپلىرىگە قايىل بولۇپ ئىشىنىپ قالاتتى. مەيلى نېمە بولسۇن مۇشۇ باشقىچە ياشىدى.
       بۇ كۈنى ئۇ ئىشتىن ھېرىپ كېلىپ بالدۇرلا ئۇخلاپ قالدى. يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ كەتتى. بۇ ئەتىياز بولۇپ قالاي دېگەن ۋاقىت بولسىمۇ، تالادا يەنە خېلى سوغۇق بولۇۋاتاتتى. ئەتراپ ئۇنىڭغا ئادەتتىكىدىنمۇ يوغان ھەم باياۋان كۆرۈندى. ئۆستەڭ دەريادەك كەڭ ھەم ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتاتتى. كۆۋرۈك قوناق غازىڭى قويۇپ قويغاندەك تىترەپ تۇراتتى. قېرى جىگدىلەر پەقەت قومۇش پۆپۈكىدەك كۆرۈنەتتى. ئۇنىڭ قېچىپ كېتىشى تەستەك تۇراتتى. ئۈمىدسىزلىك ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن تارام    - تارام ياش چىقىرىۋەتتى. قىيا    - چىيا ئاۋاز، ئايالىنىڭ چالۋاقاشلىرى يوق. لېكىن يەنىلا قاچالمايدىغاندەك تۇراتتى.
    ئۇنىڭ كاللىسىغا بىر ئوي كىرىپ قالدى. بۇنى بۇرۇن نېمىشقا ئويلاپ باقمىغاندۇ؟ نېمىشقا قېچىشى كېرەك. ياق قاچماسلىقى كېرەك. ئالدى بىلەن بۇ جىن- شەيتانلارنى قوغلاش كېرەك. ئۇ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. ئۇ قېرى موماي تۇرىدىغان كەپىنىڭ قېشىغا كېلىپ چەللە باراڭغا ئوت يېقىۋەتتى. قۇرۇپ كەتكەن چەللە قاراسلاپ كۆيۈپ بىردەمدە پۈتۈن قورۇقنى يورۇتۇۋەتتى. چاشقانلار چىرقىراپ قاچاتتى. پوڭ- پوڭ يېرىلاتتى. ئۇ قاقاقلاپ كۈلۈپ ئاۋازى بوغۇلۇپ كەتتى. دىۋە- پەرىلەرنىڭ داد- پەريادىمۇ ئاڭلانمىدى. ئۇنىڭ ئەمدى ھاردۇقى چىقتى. ئەمدى ئۇ نەگە بارىمەن دېسە بارالايدۇ. ئەڭ مۇھىمى ئەمدى بەرىبىر. ئۇ جايىدىلا ئۇخلاپ قالدى. تاڭ سەھەردە ئويغىنىپ قارىسا، كونا كەپىنىڭ ساپساقلىقىنى كۆرۈپ قاتتىق ساراسىمىگە چۈشتى. ئۈمىدسىزلەندى.
       ئۇنىڭ مېڭىسىگە قان قۇيۇلۇپ دومىلاپ چۈشتى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئەركىنجان ئەمەت