يىگىتكە دەيدىغانلىرىم...

يوللىغۇچى : aixa يوللىغان ۋاقىت : 2008-12-31 15:49:00

يىگىتكە دەيدىغانلىرىم... ئەي چېھرىدىن كۈلكىلەر يېغىىپ تۇردىغان قامەتلىك يىگىت دۇنيادا سەن ھەرقانداق قىيىنچىلىق ئالدىدىمۇ باش ئەگمەي مەغرۇر ياشىغىن. ئادەم تۇغۇلۇپ بېشىغا نۇرغۇن دەرت-ئەلەم، قىي...

    يىگىتكە دەيدىغانلىرىم...

     

       ئەي چېھرىدىن كۈلكىلەر يېغىىپ تۇردىغان قامەتلىك يىگىت دۇنيادا سەن ھەرقانداق قىيىنچىلىق ئالدىدىمۇ باش ئەگمەي مەغرۇر ياشىغىن. ئادەم تۇغۇلۇپ بېشىغا نۇرغۇن دەرت-ئەلەم، قىيىنچىلىق، مۇھتاجلىق، جەۋرى-جاپا ، ئېغىر مۈشكۈل كۈنلەر كېلىدۇ. سەن ،ھايات مۇساپىسىنى بېسىش جەريانىدا نۇرغۇن مۈشكۈل قىيىنچىلىقنى يېڭىپ چىقىشىڭ، ھاياتىڭدا ئازدۇر كۆپتۇرنەتىجە قازىنىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭ كېرەك.

        ئادەم تۇغۇلۇپ ئۆز-ئۆزىنى، ھايات نىمە، تۇرمۇش نىمە، شۇنداقلا مۇھاببەتنىڭ نىمىلىكىنى بىلگەندىن باشلاپ ھەقىقى تۇرمۇشقا  قەدەم قويىدۇ. مەن ئويلايمەن، ئادەم ئۆز-ئۆزىنى بىلگەندىن باشلاپ ئۆزىنىڭ مەلۇم ئۈمىد ئارزۇسى  بولىدۇ. بەلكىم سېنىڭمۇ شۇنداقتۇر. ئاددىسىنى ئالسام مېنىڭمۇ ھاياتىمدا ئۆزۈم يېتىشنى ئويلايدىغان ئۈچ تۈرلۈك ئارزۇيۇم بار، مۇشۇ ئارزۇيۇمغا يېتىپ ئۆلۈپ كەتسەممۇ ھېچقانداق ئارمىنىم يوق بولاتتى.

      مەن سەن بىلەن ئوبدان پاراڭلىشىپ بىر -بىرىمىزنى چۈشۈنۈپ دوستلۇق ھاسىل قىلمىغان بولساقمۇ، سېنىڭ تېخى سەبىي، ئاقكۆڭۈللىكىڭنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.

       ئېسىڭدە بولسۇن، ھەرقانداق ئىشنى قىلساڭ ئويلىنىپ قىلغىن. ھەرگىزمۇ كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ ئۆز ئىرادەڭگە خىلاپ ئىشلارنى قىلىپ قويما. ھەرقانداق ئىش بولسىمۇ ئۆز كۈچىڭگە تايىنىپ ياشىغىن.

    ھەرقانداق بىر  ئىشنى قىلىشتىن ئاۋۋال، شۇ قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ پايدا-زىيىنىنى ئوبدان ئايرىغىن. دۇنيادا ھايات شېرىن، تۇرمۇش بولسا تولىمۇ رەزىل ئادەملەر بىلەن تولغان، سەن ھەرگىزمۇ تۇرمۇشنىڭ مەجبۇرلىشى، ئەتراپىڭدىكىلەرنىڭ بېسىمى بىلەن ۋىجدانىڭغا يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ سالمىغىن،  باشقىلارنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىدىغان ئىشلاردىن ئۆزىڭنى تارتقىن. ئۇنۇتمىغىنكى ۋىجدان ئازابى چۈشكۈنلۈكنىڭ، چۈشكۈنلۈك بولسا دوزاقنىڭ يول خېتىدۇر .

      ئادەمنىڭ ئىسىل -ئەخلاقى پەزىلىتى -غورۇر-ۋىجدانى يەنىمۇ مۇھىمى تىرىشچانلىقى بولىدىكەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ جەلىپكارلىقىنى قوزغايدۇ. ھامان بىر كۈنى نوپۇزىنى تىكلەيدۇ، باشقىلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلەيدۇ، ئۇنداق بولمايدىكەن باشقىلار كۆزگە ئىلمايدىغان، پەس ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

         ئەي يىگىت، ۋىجدان،غورۇر، ئىسىل -ئەخلاقى پەزىلەتنى ئۆزۈڭدە يېتىلدۈرۈش بىلەن بىللە تىرىشچانلىقنى ئۆزۈڭگە ئادەت قىل، ھورۇن، مەۋقەسى تۇراقسىز، ھىسىياتسىز، مۇھەببەتسىز ئادەملەردىن بولۇپ قالمىغىن. مۇھەببەتكە ئىشىنىدىغان، مۇھەببەتنى قەدىرلەيدىغان، ئۆزىنىڭ ھەر بىر ھىسىياتى ۋە ھەركىتىگە مەسئۇل بولۇشنى بىلىدىغان ئادەملەردىن بولغىن.  ئىشەنگىنكى ئەجىر يەردە قالمايدۇ.

    [admin تەستىقلىدى . 2010-4-15 21:29:42]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق