ناتونۇش(پەرھات تۇرسۇن)

يوللىغۇچى : parhattursun يوللىغان ۋاقىت : 2008-03-10 12:55:00

ناتونۇشپەرھات تۇرسۇن مەن بىلىمەن سەن تۇيۇقسىز بىر كۈنى غايىپ بولىسەن. لېكىن ھېچكىممۇ سېنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىڭنى، نىمىشقا كەتكەنلىكىڭنى ۋە قاچان كېلىدىغانلىقىڭنى سۈرۈشتۈرمەيدۇ چۈنكى سېنى بى...

    ناتونۇش
    پەرھات تۇرسۇن

       مەن بىلىمەن سەن تۇيۇقسىز بىر كۈنى غايىپ بولىسەن. لېكىن ھېچكىممۇ سېنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىڭنى، نىمىشقا كەتكەنلىكىڭنى ۋە قاچان كېلىدىغانلىقىڭنى سۈرۈشتۈرمەيدۇ چۈنكى سېنى بىز ھېچقايسىمىز تونۇمايمىز.
        سەن بۇ ئاشخانىغا كۈندە دەل سائەت ئون بىر يېرىمدا كېلىسەن. خۇددى بىكارلىق تاماق يىگىلى كىرگەندەك قورۇنۇپ، ئەتراپقا كىشىلەر كۈندە كېلىۋەرسەم نېمە دەپ قېلىۋاتقاندۇ دەپ خۇدۇكسىرىغاندەك قاراپ قويۇسەن. كىشىلەرنىڭ چىرايىدىن نىمىنىدۇر بىلمەكچى بولىسەن، لېكىن سەن بىلەن تامامەن مۇناسىۋەتسىز بۇ چىراي ئىپادىلىرى ئارىسىدا، ساڭا دىققەت ئاغدۇرۇش بولۇپ باقمىغان بولسىمۇ يەنىلا كۈندىكى ئادىتىڭ بويىچە ناھايىتى تېزلا بىر قۇر قاراپ چىقىسەن.
        سەن ئەزەلدىن يالغۇز كېلىسەن. بىرەر قېتىممۇ بىرەركىم سەن بىلەن قوشۇلۇپ كېلىپ باققان ئەمەس. شۇڭا سېنىڭ توي قىلغان قىلمىغانلىقىڭنى، بالا چاقىلىرىڭنىڭ ھەتتا بۇ شەھەردە ئۇرۇغ تۇغقانلىرىڭنىڭ بار يوقلىقىنىمۇ بىلىشكە ئامالسىزمىز.
        سېنىڭ كىيىملىرىڭنىڭ ھەممىسى قارا كۆك رەڭدە. بەلكىم ئۇنىڭدىن باشقا رەڭ ياراشمايدۇ دەپ ئويلاپ كىيمەيدىغانسەن ياكى ئۇزاق يىللار قارا كۆك رەڭدىكى كىيىمنى كېيىۋېرىپ، قارا كۆك سېنىڭ ئاساسلىق بىر بەلگەڭگە ئايلىنىپ قالغاچقا بۇ بەلگىنى يوقىتىپ، باشقىلارنىڭ بىردىنلا تونۇمايدىغان بولۇپ قېلىشىدىن قورقىدىغانسەن. شۇڭا قارا كۆكرەڭدىن باشقا رەڭدىكى كىيىملەرنى كىيىشكە پېتىنالماي يۈرگەنسەن. ھەقىقەتەنمۇ سېنى قارا كۆك رەڭدىن ئايرىپ تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. سەن بىزنىڭ تەسەۋۇرىمىزدىن يوقىلىپ كېتىشتىن قورقىسەن. بىز سېنى دائىم بىرلا خىل كىيىم بىلەن كۆرۈۋېرىشتىن بىزار بولۇپ كەتمىدۇق. چۈنكى بىز سېنى تونۇمايمىز. سەن تاماقنى بەكمۇ ئىزىلەڭگۈلۈك بىلەن يەيسەن. لەغمەن يىگۈچە توختىماي ئاشنىڭ سۈيىدىن ئىچىپ تۇرىسەن، پولو ياكى باشقا تاماق يىگەندە بولسا چايدىن بىر نەچچە چەينەك ئىچىۋېتىسەن.
        بۇ ئاشخانىنىڭ باش كۈتكۈچىسى نۇرغۇن قېتىم ئالمىشىپ بولدى. بۇ يەردە ئاۋازىنىڭ جاراڭلىقلىرى، خۇشچاقچاقلىقى ۋە كۈتۈش ماھارىتى بىلەن تونۇلغان داڭلىق كۈتكۈچىلەرمۇ، مېھمان چاقىرىشلىرىنى ئاڭلىسا كىشىلەر ئاشخانىغا كىرمەي ئۆتۈپ كېتەلمەيدىغان كۈتكۈچىلەرمۇ، ئىككى قېتىم قەدەم تەشرىپ قىلغان مېھمان ئۈچىنچى رەت ئاياق بېسىپلا قالسا ئۇنىڭ بىلەن زورلاپ دوست بولۇپ كېتىدىغان كۈتكۈچىلەرمۇ ئىشلىگەن. لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسى سېنىڭ ئىسمىڭنى سوراپ باقمىدى. سەندەك ئۇزاق مەزگىل دائىملىق مېھمان بولىدىغانلار ئىچىدە بىر بىرى بىلەن تونۇشۇپ دوست بولۇپ كېتىدىغانلار ھەتتا بىر بىرى بىلەن توي قىلغانلارمۇ بار. لېكىن بىز سېنىڭ بىرەرسى بىلەن پاراڭلىشىپ باققىنىڭنى كۆرمىدۇق. باشقىلارغا تونۇمىسىمۇ زورلاپ گەپ قىلىدىغان بۇدۇشقاقلارنىڭمۇ ساڭا نەزىرى چۈشمىدى. بەلكىم بۇ سېنىڭ چىرايىڭنىڭ ئادەمنىڭ ئېسىدە قالغۇدەك ئالاھىدىلىكىنىڭمۇ يوقلىقىدىندۇر. چۈنكى ئۇنداق بۇدۇشقاقلار بۈگۈن تونۇشقان ئادىمىنى ئەتىسى تونۇماي قېلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. چۈنكى باشقىلار بىلەن تونۇشۇش ئۇلارنىڭ بايلىقى. ئۇلار مېڭىسىنىڭ سان ساناقسىز ئىسىملار، تېلىفۇن نومۇرلار بىلەن تولۇپ تۇرىشىنى ياخشى كۆرىدۇ. بىراۋ بىلەن بۈگۈن تونۇشۇپ ئەتىسى تونۇماي قېلىش ئۇلار ئۈچۈن بىر خىل يوقىتىشتۇر. ئۇلار بۇنداق زىياننى خالىمايدۇ. سەن بىرەر قېتىممۇ باشقىلارنىڭ پۇلىنى تۆلىۋېتىپ باقمىدىڭ، ياكى باشقا بىراۋ سېنىڭ پۇلۇڭنى تۆلىۋېتىپ باقمىدى. بىرەر قېتىممۇ سېنىڭ يېنىڭدا تاماققا تۆلەيدىغان پۇل كېمىپ قالغان ئەمەس. شۇڭا سەن بايمۇ كەمبەغەلمۇ بىز بىلمەيمىز. بىرەركىمنىڭ ساڭا خوشامە قىلغىنى ياكى سېنىڭ بىرەركىمگە خوشامەت قىلغىنىڭنى كۆرۈپ باقمىدۇق. شۇڭا سېنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنۇڭمۇ بىزگە مەلۇم ئەمەس. بىز سېنى تونۇمايمىز، لېكىن سېنىڭ بىركىملەر ئۈچۈن ياش تۆككەنلىكىڭنى، كوچىلاردىن يىغلاپ ئۆتۈپ، كېيىن يىغلىغىنىمنى كىملەر كۆرگەندۇ دەپ خىجىل بولغىنىڭنى بىلىمىز. بىز سېنىڭ نىمە ئىشلارنىدۇر لوگىكىلىق شەكىلگە ئىگە قىلىپ ئەقلىڭگە قوبۇل قىلدۇرۇشقا شۇنچە تىرىشىپمۇ ئۆزۈڭنى قايىل قىلغۇدەك سەۋەب تاپالماي غەزەپلەڭىنىڭنى بىلىمىز. بىز سېنىڭ قاچانلاردۇر ئىشىكنى ئەتتىممۇ ئەتمىدىممۇ دەپ ئارقىغا يېنىپ ئىتتىرىپ باققانلىقىڭنى، كېچىدە ئورنۇڭدىن تۇرۇپ گازنىڭ ھىم ئېتىلگەن ئېتىلمىگەنلىكىنى تەكشۈرگىنىڭنى بىلىمىز. يەنە سېنىڭ چۈشۈڭدە تىنىق كۆل سۈيىنى كۆرسەڭ ئۇنى كۆك ئاسمان بىلەن ئارىلاشتۇرىۋېتىپ قالىدىغانلىقىڭنى بىلىمىز. لېكىن بىز سېنى تونۇمايمىز، چۈنكى بىز ھېچقاچان پاراڭلىشىپ باقمىدۇق.
        مەن سېنىڭ باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقىنىڭنى كۆرۈپ باقمىدىم، شۇڭا ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ سۆزلەيدىغان ئادىتىڭنىڭ بارلىقىغا ئىشەنمەيمەن. مەن سېنىڭ باشقىلار بىلەن مۇھەببەتلەشكىنىڭنى كۆرۈپ باقمىدىم، شۇڭا سېنىڭ ئۆزۈڭنى سۆيۈپ قالغانلىقىڭغىمۇ ئىشەنمەيمەن.
        بىز سېنى تۇنجى قېتىم قاچان كۆرگىنىمىزنى بىلمەيمىز، شۇنىڭغا ئوخشاش سېنى قاچانقى كۆرىشىمىزنىڭ ئاخىرقى قېتىم بولۇپ قالىدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيمىز. سېنىڭ ئارىمىزدىن غايىپ بولغانلىقىڭنى ئۇزاق يىللارغىچە بايقامدۇق بايقىمامدۇق بۇمۇ بىزگە قاراڭغۇ. سېنى دائىم كۆرۈپ تۇرغاچقا بىزگە بىرلا خىل تۇرغاندەك كۆرىنىسەن. ھازىرقى كۈلرەڭگە كىرگەن چاچلىرىڭنىڭ ئىلگىرى قاپ قارا ئىكەنلىكىنى تەسەۋۇر قىلالمايمىز، خۇددى ئەينى يىللىرىمۇ سېنىڭ قاپ قارا چاچلىرىڭغا قاراپ ئۇنىڭ بىر كۈنى كۈلرەڭگە كىرىپ قالىدىغانلىقىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەلمىگەندەك.
        مەن بىلىمەن سەن تۇيۇقسىز بىر كۈنى غايىپ بولىسەن. ئىككىنچىلەپ بۇ يەرگە ئاياق باسمايسەن. شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ ئەسلىمىمىزدىنمۇ ئىز دېرەكسىز غايىپ بولىسەن. گەرچە ئۇ يەردە سەن ئىلگىرىمۇ مەۋجۇت بولمىساڭمۇ. لېكىن شۇنى پەرەز قىلالايمەنكى ھېچكىن سېنى چوڭ كوچىدا ئېتىپ تاشلىمايدۇ. ھېچكىم سېنىڭ كەينىڭدىن ئاپشاركىدەك شىپىلداپ كېلىپ پىچاق ئۇرمايدۇ. سېنىڭ بارلىق ئازابىڭ ۋە شادلىقىڭ دەقىقە ئارىسىدا ھەممە ئادەم بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزمەيدۇ. مەن بىلىمەن سەن داڭلىق ئادەم ئەمەس. تېزلىكتە ئۇنتۇلۇپ كېتىلىش بەلكىم سېنى خوشال قىلار، چۈنكى سەن بۇ دۇنياغا بىر ناتونۇش ئادەم بولۇش ئۈچۈن كەلگەن.

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 8:38:47]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر پەرھات تۇرسۇن