گۇناھ-20(ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-09 06:37:13

گۇناھ(20)ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد   ھىدايەت قارى ئۇزاق يول بېسىپ سۆگەتتال مەھەللىسىدىكى داۋۇت داموللامنىڭ ئۆيىگە كەلدى. داموللاممۇ ساقچىخانىغا چاقىرتىلىپ كەتكەن بولغاچقا قۇشناچىم ئۇنى كۈتۈۋېلىپ ئۆ...

    گۇناھ(20)
    ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد


     
     ھىدايەت قارى ئۇزاق يول بېسىپ سۆگەتتال مەھەللىسىدىكى داۋۇت داموللامنىڭ ئۆيىگە كەلدى. داموللاممۇ ساقچىخانىغا چاقىرتىلىپ كەتكەن بولغاچقا قۇشناچىم ئۇنى كۈتۈۋېلىپ ئۆيىگە باشلىدى، ئۇنىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايى، ۋەھىمىلىك پىلدىرلاۋاتقان كۆزىگە قاراپ بىرەر ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى پەملىدى-دە، گەپ سورىدى. ھىدايەت قارى بولغان ئىشنى ئۆزىنى ئاقلىغاچ بايان قىلدى؛ ئەمما ئىچ-ئىچىدىن تىترەپ، چىشلىرى كاسىلداپ، تىلى ئىلمەكلىشىپ گەپنىمۇ تۈزۈك قىلالماي قالدى. قۇشناچىم ھاڭ-تاڭ قالدى، بۇ ۋەقەنى ھىدايەت قارىنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىمىغان بولسا ھەرگىز ئىشەنمەيتتى. قۇشناچىم ئۇنى ئۇخلىتىپ قويۇپ ئويغا چۆمدى. ئۇنى بۇ يەردە يوشۇرۇپ قېلىشقا بولمايتتى، يەنە كېلىپ بۇ قارىمنىڭ كاشىلىسى بىلەن داۋۇت داموللاممۇ تۈرمىدە يېتىشى مۇمكىن ئىدى. قۇشناچىم ئەتىسى بامداتتىن يېنىپلا كەنت سېكرىتارىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى.

     

      نىيازنىڭ خوتۇنى دوختۇرخانىغا ئاپارغىچە قانسىراپ ئۆلدى، ھىدايەت قارى ئۇنىڭ قاتىلى دەپ بېكىتىلىپ قولغا ئېلىندى. نىياز بۇنى بىلگەندىن كېيىن ئىنتايىن ھەيران قالدى. ساقچىخانىغا بېرىپ ساقچىلارنىڭ توسقىنىغا ئۇنىماي ئۇنى تىللاپ، ئۇرۇپ-تېپىپ كەتتى، ساقچىلارغا نېرۋىسىدىن ئاداشقان بۇ مەخلۇقنىڭ ئاۋۋال ئوغرىلىققا چۈشۈپ تۇتۇلۇپ قالغانلىقى، ئۆزى ھاجەتخانىدىن چىقىپ بولغىچە ئايالىنىڭ گېلىغا ئارىنى سانچىۋېتىپ قېچىپ كەتكەنلىكى، ئۆزىنىڭ ئۈلگۈرۈپ بارالمىغىنىدىن ئۆمۈرۋايەت پۇشايمان قىلىدىغانلىقى، قاتىلنى كىچىك دەپ ئولتۇرماستىن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش كېرەكلىكى، ئۆزىنىڭ قانغا قان، جانغا جان ئالىدىغانلىقى، بولمىسا سوت بىلەن ئاخىرىغىچە دەۋا قىلىشىدىغانلىقى ھەققىدە داۋراڭ سالدى.

     

      قاتمۇ قات دەھشەتلىك زەربىلەردىن ئۇجۇقۇپ كەتكەن ھىدايەت قارى ھەقىقەتەن ئەقلىدىن ئازغان ئادەمدەك بولۇپ قالدى، سوراق جەريانىدىمۇ ئالىجۇقا سۆزلەپ، گېپىنىڭ باش-ئاخىرى باغلاشمىدى. ساقچىلارمۇ” بۇ بالىنىڭ نېرۋىسى جايىدا ئەمەسكەن، سوراق قىلغىنىمىز بىكاركەن، ئۇنىڭ قىلمىشلىرى ئېنىق بولغاندىكىن ھازىرچە تۈرمىدە يېتىپ ھۆكۈم كۈتسۇن“ دېگەن پىكىرگە كېلىپ ئۇنى ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىگە يوللاپ بەردى.

     

      سەمەت مەخسۇم يېزىلىق ساقچىخانىنىڭ سوراقخانىسىدا تۇرغان بىر ھەپتە ئىچىدە ھېچ ئىش قىلالماي، نامىزىنىمۇ ئوقۇيالماي، يوقىلاڭ بەتنام ۋە ئارتۇقچە گەپ-سۆزلەردىن جىلە بولۇپ، ئاچچىق يۇتۇپ، تەن سالامەتلىكى كۈنسېرى ناچارلاپ كەتتى، ئوغلىنىڭ قاتىللىق قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ قىلچە ئىشەنمىگەن بولسىمۇ، كېيىن ھەقىقەتەن راستلىقىنى بىلىپ ھوشىدىن كەتتى.

     

      ھىدايەت قارى ھېچكىم ئويلاپمۇ باقمىغان بىر زور ۋەقە پەيدا قىلغاچقا پۈتۈن مەھەللە كوي توۋا دەپ ياقىسىنى تۇتۇشاتتى، ئىشنىڭ تەپسىلاتىنى بىر-بىرىدىن سورىشاتتى، ھىدايەت قارىدەك ئاشۇنداق ئەخلاقلىق، مۆمىن، نازۇك بىر بالىنىڭ ئۆزىدىن يوغان بىر ئايالنى ئۆلتۈرۈۋەتكىنىگە ئۇلارنىڭ زادىلا ئەقلى يەتمەيتتى،” ئۇ خوتۇندىمۇ گۇناھ بار، بېشەملىكى ئاخىر ئۆزىنىڭ بېشىغا چىقىپتۇ“ دېيىشەتتى، ھىدايەت قارىغا بېرىلىدىغان كېسىم توغرىلىق ھەر خىل پەرەزلەرنى قىلىشاتتى.



     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.