كېچىدىكى ھېكايە(تۇرغۇن مىجىت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-04 09:20:12

كېچىدىكى ھېكايە(ھېكايە)تۇرغۇن مىجىت بۇ يىلقى پاختا ئۇلارنىڭ كۈتكىنىدىنمۇ كۆپرەك پۇلغا يارىدى . باھاۋۇدۇننىڭ ئەر بولۇپ ، بۈگۈنكىدەك بۇنداق كۆپ پۇلنى ساناپ بېقىشى تۇنجى قېتىم ئىدى . ئۇلارنىڭ ق...

    كېچىدىكى ھېكايە(ھېكايە)
    تۇرغۇن مىجىت


       بۇ يىلقى پاختا ئۇلارنىڭ كۈتكىنىدىنمۇ كۆپرەك پۇلغا يارىدى . باھاۋۇدۇننىڭ ئەر بولۇپ ، بۈگۈنكىدەك بۇنداق كۆپ پۇلنى ساناپ بېقىشى تۇنجى قېتىم ئىدى . ئۇلارنىڭ قولىغا پۇل تېگىشى بىلەن ، يازىچە تارتقان جاپا-مۇشەققەتلەرنى ئۇنتۇپ ، ئۆزلىرىنى ھاردۇقى بىراقلا چىقىپ كەتكەندەك ھېس قىلىشتى.
    باھاۋۇدۇن شۇ خۇشاللىقىدا ئايالىنى ئاشىانىغا باشلاپ كىرىپ ، تازا بىر پەيزى قىلماقچى بولدى ، ئەمما ئايالى قوشۇلمىدى.
    — بولدىلا،— دېدى ئايالى ئېرىنى توسۇپ،— بالىلارغا قىسىنىپ قالىدىكەنمەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە قولىمىزغا ئۇياندىن پۇل كىرىپ بولغۇچە ، بۇياندىن چوڭچىلىق قىلغىلى تۇرساقمۇ قاملاشماس.
    — نېمىسى قاملاشمايدۇ ، يازىچە جاپانى يەتكۈچە تارتتۇق ، ئەمدى ئاز-تولا ھالاۋىتىنى كۆرسەك نېمە يامىنى.
    — ئۇنداق بولسا ئازراق گۆش ئېلىۋالايلى ، ئۆيگە بېرىپ تاماقنى ئۆزۈم ئېتەي ، ھالاۋەتنى بالىلار بىلەن تەڭ سۈرسەك ياخشى ئەمەسمۇ.
    باھاۋۇدۇن ئايالىنىڭ بۇ ئورۇنلۇق تەكلىپىنى رەت قىلىشقا ئامالسىز قالدى.
    ئۇلار ئۆيىگە يېتىپ كەلگەندە خېلىلا كېچە بولۇپ قالغانىدى . ئەتىگەندىن بېرى پاختا ساتىمىز دەپ پالاقلاپ يۈرۈپ چارچاپ ھالىدىن كەتكەن باھاۋۇدۇن ، ئۆيگە كىرىپلا كۆرپە ئۈستىگە ئۆزىنى تاشلىۋەتتى . زەينەپخان بولسا ھارغىنىغا قارىماي تاماققا تۇتۇش قىلدى.
    ئاياللارنىڭ جېنى تۆمۈرمىكىن تاڭ ، ئېتىزدا ئېرى بىلەن تەڭ بىر كۈن جاپالىق ئىشلەيدۇ ، ئىشتىن قايتىپ كەلگەندە بولسا يەنە ھارغىنىغا قارىماي تاماق ئېتىۋاتقان ، بالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتقان ، بىردەم بىكار تۇرمايدۇ . ئەكسىچە ئەر كىشى بولسا ئىشتىن كېلىپ خۇددى تاغنى ئۆرىۋەتكەندەك ، ئۆزىنى قالتىس چاغلايدۇ . ھەتتا چېلەكتىن بىر نوگاي سوغۇق سۇنى ئېلىپ ئىچىشكىمۇ ئېرىنىپ ئايالىنى بۇيرۇيدىغان گەپ ، گويا ئايالىنىڭ ئەتىگەندىن بېرى ئېتىزدا ئۆزى بىلەن بىرگە ئىشلىگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك.
    قازان بېشىدا سەكپارە بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئايالىغا قاراپ ، شۇلارنى خىيالىدىن ئۆتكۈزگەن باھاۋۇدۇن ، بىردىنلا ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى . ئۇنىڭ بۇ جاپاكەش ، مېھرىبان ئايالىغا راستتىنلا ئىچى ئاغرىپ قالغانىدى . ئايالى ئۇنىڭ كۆزىگە شۇ تاپتا تولىمۇ لاتاپەتلىك ، يېقىملىق  كۆرۈنۈپ ، ئۇنى سەل ھاياجانلاندۇرۇپ قويدى . ئۇ ئۈن-تىنسىز ئوچاق ئالدىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ ، ئوت قالاشقا باشلىدى.
    — بۈگۈن نېمە بولدى سىلىگە؟ يا قورساق بەك ئېچىپ كەتتىمۇ؟
    ئايالى ئۇنىڭدىكى بۇ يېڭى ئۆزگىرىشكە ھەم قىزىقسىنغان ، ھەم ھەيران قالغان ھالدا قاراپ قالغانىدى.
    باھاۋۇدۇن ئايالىغا قاراپ ھىجاراپ كۈلۈپ قويدى.
    — سىلىگە ياردەملەشكۈم كېلىپ شۇ...
    — ۋاھ ، بىزنىڭ ئەرگە بۈگۈن كۈن قاياقتىن چىقىپ كەتكەندۇ؟ بولدى ئۆزۈم يېتىشەلەيمەن ، شۇنداق دېگەن كۆڭلۈڭلىگىمۇ كۆپ رەھمەت . بۈگۈن پاختا كۆتۈرۈپ بەك چارچاپ كەتتىڭلا ، تاماق پىشقۇچە بىردەم يېتىپ ئارام ئېلىۋېلىڭلا.
    بۈگۈن ھەر ئىككىسىنىڭلا كەيپى چاغ ئىدى.
    باھاۋۇدۇن ئورنىدىن تۇرۇۋېتىپ ، ئايالىنىڭ مىققىدە كەلگەن كۆكسىگە سۈركىلىپ كەتتى-دە ، تېخىمۇ ھاياجانلىنىپ ئۆزىنى تۇتالماي قالدى . ئۇ بىر خىل چاققانلىق بىلەن ئايالىنىڭ مۈرىسىدىن تۇتقىنىچە ، ئىسسىقتا قىزىرىپ كەتكەن مەڭزىگە چىڭڭىدە سۆيۈۋالدى.
    — ھەي ، يۈز-يۈز ، نېمىدېگەن قېلىن سىلە-ھە؟ بالىلار قاراپ تۇرسا...
    بالىلار ئىچكىرىكى ئۆيدە تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتاتتى.
    — بالىلار كۆرمەيدۇ.
    — كۆرىدۇ ، بالا چوڭ بولۇپ قالغاندىمۇ شۇنداق قىلامدىغان.. . قېلىن.
    باھاۋدۇن خۇشال ھالدا نېرى كەتتى.
    زەينەپخان ئۆزىنىڭ چاققانلىقى بىلەن بىردەمدە تاماقنى تەييار قىلدى . ئەر-خوتۇن ، ئىككى بالا تۆت جان ئادەم بىر داستىخاندا كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇپ يېيىلگەن كەچكى تاماق ، تومۇر-تومۇرلارغا سىڭىپ كەتكەنىدى . تاماقتىن كېيىن بالىلار ياتاق ئۆيگە كىرىپ ئۇخلاپ قېلىشتى . باھاۋدۇن بىلەن زەينەپخان بولسا بۈگۈنكى مول  ھوسۇل خۇشاللىقىدىن ھاياجانلىنىپ ، ئۇيقۇسى كەلمەي قالغانىدى.
    باھاۋدۇن ئايالىغا يېقىنچىلىق قىلىشقا باشلىدى.
    — بۈگۈن بەك چارچاپ كەتتىم،— دېدى زەينەپخان ناز بىلەن.
    — مەنمۇ شۇ ، ئەمما تاماقنى يەپلا ھاردۇغۇم چىقىپ كەتتى . ھازىر ھېچ ئۇيقۇم كېلىدىغاندەك ئەمەس.
    — ئەمىسە...
    — پەقەت مېنىڭ گېپىمنىلا ئاڭلايسىلە.
    ئۇلار كىشىلىك ھاياتنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتتى . ئۇ يەر بارچە راھەت ، خۇشاللىق جەم بولغان بىر ماكان ئىدى . ئۇ يەردە پەقەت خۇشاللىقلا بار ئىدى . غەم ، تەشۋىش دېگەنلەر ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس ، ئۇ تولىمۇ گۈزەل بىر ئارال ئىدى . ئەتراپتا دېڭىز دولقۇنلىرى توختاۋسىز كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى.
    ئۇلار يەنە قايتىپ كەلدى . دېڭىز دولقۇنلىرى توختاپ ، ئەتراپ تىپتىنچ بولۇپ قالغانىدى.
    — مېنىڭ يەنە ئۇيقۇم كەلمىدى،— دېدى باھاۋدۇن بىر كەمدە،— ئىچ-ئىچىمدىن بىر خۇشاللىق قايناپ تۇرىدۇ.
    — يۈرىكىڭلا يېرىلىپ كەتمىسۇن يەنە.
    — ئەگەر يېنىمدا سىلە بولمىغان بولساڭلا چوقۇم يېرىلىپ كەتكەن بولاتتى.
    — يۈرىكىڭلىگە دەڭلا ، ئەمدى يېرىلمىسۇن.
    — يېرىلمايدۇ . بۇ يۈرەك ئەمدى سىلىگىلا تەئەللۇق.
    ئۇلار خېلىغىچە پاراڭلىشىپ ياتقان بولسىمۇ ، كۆزلىرىگە زادىلا ئۇيقۇ كەلمىدى.
    — مېنىڭ قورسىقىمغا مۇنداق بىر جىن كىرىۋېلىۋاتىدۇ،— دېدى باھاۋدۇن بىر چاغدا،— بىز توي قىلغىلى ئون نەچچە يىل بوپتۇ . سىلىغۇ ھازىرغىچە مېنىڭ كۆزۈمگە سىغمىغۇدەك بىر ئىش قىلمىدىڭلا ، شۇنداقتىمۇ ئىنسان-دە ، بىلىپ-بىلمەي كېتىپ قالىدىغان گەپ . سىلىنىڭمۇ مەن بىلمەيدىغان ئىشلىرىڭلا باردۇر . ئەلۋەتتە بار ، بۇنى مەن ئۆزۈمگە قىياسەن شۇنداق دەۋاتىمەن . مەنمۇ سىرلىرىمنى سىلىگە ئېيتاي ، سىلىمۇ مەخپىي  ئىشلىرىڭلا بولسا ئېيتىڭلا ، ئەمما ھەرگىز بىر-بىرىمىزگە تاپا-تەنە قىلمايلى.
    — مېنىڭ نېمە ئىشلىرىم بولماقچىدى.
    — يوقمۇ دېگىلى بولمايدۇ . مەسىلەن ، مېنىڭدىن يوشۇرۇن بىرەر ئەر بىلەن...
    — ۋاي خۇدايىمەي ، نېمانداق گەپ بۇ ، ئادەمنىڭ نومۇسىنى كەلتۈرۈپ ، بۇ گەپچە سىلىنىڭ بار ئوخشىمامدۇ؟
    — ئەمدى ئىنسانچىلىقتا...
    زەينەپخان بىردەم جىمىپ كەتتى.
    — قېنى ، قانداق يوشۇرۇن تارىخىڭلا بار ، مەن ئاڭلاپ باقاي.
    — ئەمما سىلىمۇ دەپ بېرىشىڭلا كېرەك.
    — ئاۋۋال سىلىنىڭكىنى ئاڭلايلى.
    — ماقۇل ، مەن سۆزلەي ، سىلىمۇ ئويلانغاچ تۇرۇڭلا.
    — قۇلىقىم سىلىدە.
    
    بۈگۈن ئاخشام ھامان ئۇيقۇ كەلمەيدىغان ئوخشايدۇ ، شۇڭا ئىشنى باشتىن سۆزلەي.
    — تۇنجى مۇھەببەت تارىخىم 18-19 ياشلاردىكى ۋاقتىمدا باشلانغان . شۇ چاغلاردا ئۆزۈمدە قوشنىمىزنىڭ قىزى  گۈلسۈمگە قارىتا غەلىتە بىر خىل سېزىمنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىغانىدىم . ئىككىمىز بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان ، بىر-بىرىمىزنى سەنلەپ  سۆزلىشەتتۇق . مەنمۇ ھەرقانداق گەپ بولسا ئۇنىڭغا دەۋېرەتتىم . ئەمما ھېلىقى سېزىم پەيدا بولغاندىن باشلاپ ، ئۇنى كۆرسەم تەمتىرەپ گېپىمنى تېپىپ قىلالمايدىغان ، كۆزلىرىمىز ئۇچرىشىپ قالسا قىزىرىپ ، ھودۇقۇپ كېتىدىغان بولۇپ قالدىم . ھەتتا ئۇنى سەنلەپ سۆزلەشتىن خىجىللىق ھېس قىلىدىغان بولدۇم . بىز مەھەللىدىكى بىر توپ تەڭ دېمەتلىك بالىلار ، ھەر كۈنى سەھەردە مەھەللىنىڭ ئايىغى تەرەپتىكى دەريا بويىغا كالا باققىلى باراتتۇق . گۈلسۈممۇ ئۆيىدىكى ئالا سىيىرنى ئېلىپ شۇ يەرگە باراتتى . بىز كالىلارنى يايلاققا قويۇۋېتىپ ، بىر-بىرىمىزنى قوغلىشىپ  ئوينايتتۇق . مەن ئەمدى نېمىشقىكىن گۈلسۈمگە بۇرۇنقىدەك چاقچاق قىلىشقا پېتىنالمايدىغان بولۇپ قالغانىدىم . پەقەت بالىلار قىزىق ئويناۋاتقاندا ، يەر تېگىدىن ئۇنىڭغا يوشۇرۇنچە قارىۋالاتتىم . ئۇ بولسا سېھىرلىك تەبەسسۇمى بىلەن يۈرىكىمنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتەتتى.
    كىچىكىمىزدىن بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان تۇرۇقلۇق ، ئۇنىڭ سىماھى ھەر كۈنى ئاخشىمى ھەر خىل قىياپەت بىلەن كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلبپ ، مېنى زادىلا ئۇخلاتمايتتى . مەن ئاخىر ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنى ھېس قىلدىم . شۇنداقلا «مۇھەببەت»تىن ئىبارەت بۇ كۆرۈنمەس تورغا ئورىلىپ قالغانلىقىمنى تونۇپ يەتتىم . تۇنجى مۇھەببەتنىڭ كۈچلۈك ھارارىتى مېنى كۆيدۈرۈپ ئازابلىماقتا ئىدى . مەن كۆڭلۈمنى گۈلسۈمگە قانداق ئىپادىلەشنى بىلەلمەي گاڭگىراش ئىچىدە ئۆتۈۋاتاتتىم.
    بىر كۈنى ئاپام تۇيۇقسىز ئاغرىپ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالدى . دادام سىرتنىڭ ئىشى بىلەن ئالدىراش ئىدى . مېنىڭ يا ھەدەم ، يا سىڭلىم بولمىغاچقا ، ئاپامغا ئاش-تاماق ئېتىپ ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مېنىڭ زىممەمگە يۈكلەندى . مەن ئەمدى دەريا بويىغا كالا باققىلىمۇ بارالمايتتىم . كالا باققىلى بارالمىغاچقا ، گۈلسۈمنى قانغۇدەك كۆرەلمەي تېخىمۇ ئازابلاندىم . ئارىدىن بىرنەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن رەشىدەم ھەدەم ئاپامنىڭ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانلىقىنى ئۇقۇپ ، گۈلسۈمنى تاماق ئېتىپ بېرىشكە بىزنىڭ ئۆيگە كىرگۈزۈپتۇ . مەن گۈلسۈمنى كۆرۈپ بەكلا خۇش بولۇپ كەتتىم . ئۇ ھەر كۈنى ئەتىگەندە بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپ تاماق ئېتىپ بېرەتتى ، كالا  باققىلىمۇ بارمايتتى.
    بىر كۈنى ئاپامنىڭ ئۇخلاپ قالغان ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ، ئاخىر غەيرەتكە كېلىپ ئۇنىڭغا ئېغىز ئاچتىم:
    — ئەگەر سىز بىزنىڭ ئۆيدە مەڭگۈ تۇرۇپ قالغان بولسىڭىز قانداق ياخشى بولاتتى-ھە؟!
    ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ ، ماڭا لاپپىدە قارىدى . كۆزلىرىدىن چىققان بىر پارچە ئوت يۈرىكىمنى «پىژ» قىلىپ كۆيدۈردى . ئۇ دەرھال يەنە يەرگە قارىۋالدى . يۈزلىرى بولسا كەچكى شەپەقتەك قىزىرىپ كەتكەنىدى.
    — مەن يېقىندىن بېرى پەقەت سىزنىلا ئويلايدىغان بولۇپ قالدىم گۈلسۈم ، كېچىلىرى سىزنى ئويلاپ كۆزلىرىمگە ئۇيقۇ كەلمەيدۇ.
    ئۇ يەرگە قارىغىنىچە جىمجىت تۇراتتى.
    — ئەگەر ھازىر قولۇمدىن كەلسە ، سىزنى مۇشۇ كىرگەن پېتى ئۆيدىن زادىلا چىقارمىغان بولسام...
    — ھازىر چىقىپ كەتسەممۇ ، كېيىن يەنە كىرسەم ئوخشاش ئەمەسمۇ.
    ئۇنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ خۇشاللىقتىن يۈرىكىم يېرىلىپ كېتەيلا دەپ قالدى.
    — ئاھ ، جېنىم گۈلسۈم ، بۇ گېپىڭىز راستما؟ سىز ماڭا تېگىشكە ماقۇل بولدىڭىزما؟
    — بوشراق ۋارقىراڭ ، ھېلى خەيرىنسا ئاپام ئاڭلاپ قالسا خىجىللىقتا قالىمەن.
    — مەيلى ، ئەمدى ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئاڭلاپ قېلىشىدىن قورقمايمەن . سىزلا ماڭا تېگىشكە ماقۇل بولسىڭىز ھېچنېمىدىن قورقمايمەن.
    شۇنداق قىلىپ بىز بىردەمدە پۈتۈشۈۋالدۇق . شۇنىڭدىن باشلاپ قەلبىمنى تېخىمۇ شېرىن ، تېخىمۇ تاتلىق ھېسلار چۇلغىۋالدى.
    مەن ئاپام ساقايغاندىن كېيىن ، بۇ ئىشنى ئاپامغا ئېيتماقچى بولدۇم . ئەمما «يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە ، بۇرنى قاناپتۇ» دېگەندەك مەن شېرىن خىيال ئىلكىدە مەست بولۇپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، ئاپام كېسەلدىن ساقىيالماي قازا قىلىپ كەتتى . ئاپامنىڭ دەردىدە نەچچە كۈن يىغلاپ ساراڭ بولايلا دېدىم . نەچچە ۋاقىتتىن مۇھەببەتنىڭ ساراسىمى بىلەن كۆزگە ئۇيقۇ كەلمىگەن بولسا ، مانا ئەمدى ئاپامدىن ئايرىلىش ئازابىدا كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز  ئۆتكۈزىدىغان بولدۇم . ئۇيقۇدىن قالغاننىڭ  ئۈستىگە ، ئىشتىھايىم تۇتۇلۇپ تاماقتىن قالدىم . بۇ كۈنلەردە ماڭا پەقەت گۈلسۈملا ئاز-تولا تەسەللى  بېرىپ تۇردى.
    ئۆلگەنلەر ئۇنتۇلىدۇ ، تىرىكلەر ياشايدۇ . گەرچە ئاپامنى ئۇنتۇلۇپ كېتەلمىگەن بولساممۇ ، بارا-بارا بۇ ئازاب ، مۇسىبەتلەرگىمۇ كۆنۈپ قالدىم-دە ، ئۆزۈم توغرىسىدىمۇ ئاز-تولا ئويلاشقا باشلىدىم . ئەمما ئويلاش بىلەن ھېچ ئىش ھەل بولمايدىكەن . مېنىڭ دەردىمنى تىڭشايدىغان مېھرىبان ئانام ئۆلۈپ كەتتى ، دادام بولسا بىكار تۇرماي ئىشلەشنىلا بىلىدىغان ، ئۇدۇللا كەتكەن بىر ئادەم . مېنىڭ ھالىمنى سورىغۇدەك ئەلپازى يوق . كۈنلىرىم يەنىلا غەم ئىچىدە ئۆتۈۋاتاتتى.
    شۇ كۈنلەردە گۈلسۈم بىلەنمۇ پاراڭلىشالمىدىم . پەقەت ئۇ يەر-بۇ يەردە غىل-پاللا كۆرۈپ قالىمەن.
    بىر كۈنى كەچتە كەنت مۇدىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ ، داستىخان كۆتۈرۈشكەن ھالدا گۈلسۈملەرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، ھەيران قالدىم . يا ئۇلارنىڭ تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى بولمىسا ، بۈگۈن ئەجەب داستىخان كۆتۈرۈشۈپ قاپتا؟ ئەمما ئەتىسى ئۇلارنىڭ گۈلسۈمگە كەنت مۇدىرىنىڭ ئوغلى ئۈچۈن  داستىخان تاشلاپ كىرگەنلىكىنى ئاڭلاپ مېڭەمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى . خىيالىمدا بولسا گۈلسۈمگە بولغان ئىشەنچىم زور ، خۇددى كىتابلاردىكىگە ئوخشاش ، ئۇ يا بۈگۈن ، يا ئەتە مېنى ئىزدەپ كېلىدۇ ، دەل توي ئاخشىمى ئىككىمىز ئۇچرىشىپ ، يىراقلارغا كېتىشكە پۈتۈشىمىز ، دەپ ئويلايتتىم.
    مەن شۇ خىيال بىلەن ئۇنى بىر كۈن ، ئىككى كۈن ، ھەتتا ئىككى ھەپتىمۇ ساقلىدىم . گۈلسۈم مېنى ئىزدەپ كەلمىدى . ھەتتا مەن بىلەن ئۇچرىشىشتىنمۇ ئۆزىنى قاچۇردى.
    بىر ئايدىن كېيىن ئۇلارنىڭ تويى بولدى . توي ناھايىتى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى . تويدىن كېيىن ئۇلارنىڭ خۇشال ھالدا بىرگە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ، شۇنچىلىك ئازابلاندىمكى ، بۇ جاھاندا ياشىغۇم كەلمەيلا قالدى.
    ئەمما يەنىلا ياشىدىم . ئۇ مېنى ئۈن-تىنسىزلا ئۇنتۇپ كەتكەنىدى . ھەتتا «مېنى كەچۈرۈڭ» دېيىشكىمۇ يارىمىدى.

    ھېكايىنى ئاڭلاپ زەينەپخان ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ قويدى.
    — ھەي ، بىچارە . سىزگە بەكلا ئۇۋال بوپتۇ . ئۇنىڭدىن كېيىنچۇ؟
    باھاۋۇدۇن ئايالىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ، ئىلھاملىنىپ يەنە سۆزلەشكە باشلىدى.
    مەن ئەمدى قىز بالا شۇنداق بولىدىغان بولسا ، بولدى قىز بالا ماڭغان كوچىغىمۇ قارىماسمەن دەپ ئويلىدىم . ئەمما كىم بىلسۇن ، ئارىدىن بىرەر يىل ئۆتە-ئۆتمەي مەھەللىمىزنىڭ ئىمامى قۇددۇس ئىمامنىڭ قىزى بۈۋىسارىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم . ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش ئاپىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بىچارە ئىدى . يەنە كېلىپ قۇددۇس ئىمامنىڭ مۇشۇ بىرلا قىزى بار ئىدى . ئۇ بۈۋىسارىنى بەك چىڭ تۇتاتتى ، سىرتلارغا كۆپ چىقارمايتتى . ئۇلارنىڭ  ئۆيىنىڭ ئالدىدا چوڭ بىر ئۆرۈكلۈك بېغى بار بولۇپ ، مەن ئۆرۈك ئېلىش ئۈچۈن مۇشۇ باغقا كىرىپ ، بۈۋىسارە بىلەن چىقىشىپ قالغانىدىم . ئازراق بولسىمۇ مۇھەببەتلەشكەن  بولغاچقا ، بۇ قېتىم بۈۋىسارىگە كۆپ تارتىنىپ يۈرمەيلا كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلالىدىم.
    مەن قۇددۇس ئىمامنى پايلاپ يۈرۈپ ، ئۇ مەسچىتكە چىقىپ كەتكەن ھامان ، قاشا تامدىن ئارتىلىپ باغقا چۈشەتتىم-دە ، بۈۋىسارە بىلەن ئۇچرىشاتتىم . باغدا ئۆرۈكلەر تۈگىدى ، ئەمما مەن يەنىلا كېلىۋەردىم . بىز خۇددى چاھار باغدىكى غېرىب  بىلەن سەنەمگە ئوخشاش كۈنلىرىمىزنى تولىمۇ خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزمەكتە ئىدۇق.
    سېنتەبىر ئايلىرى كىرىشى بىلەن باغنىڭ ئاياغ تەرىپىدىكى ئۇزۇن بىر بېشىدىن بىدىش  ئۈزۈم خۇددى مەرۋايىتتەك جۇلالىنىپ ، پىشىشقا باشلىدى . بۈۋىسارەمۇ ئەمدى ئۈزۈم بېقىش باھانىسى بىلەن باغدىن ئايرىلمايدىغان بولدى . بىز تېخىمۇ كۆپ ئۇچرىشالايدىغان بولدۇق.
    بىر كۈنى بۈۋىسارە بىلەن ئىككىمىز ئۈزۈم بېدىشى ئاستىدىكى كارىۋاتتا ئولتۇراتتۇق.
    — ئەگەر بىزگە مەڭگۈ مۇشۇ باغدىن ئايرىلماي ياشاش نېسىپ بولغان بولسا-ھە؟ خۇددى ھازىرقىغا ئوخشاش.
    ئۇنىڭ ئاۋازىدا يۈرەكنى ئېزىدىغان بىر خىل مۇڭ بار ئىدى . ئۇنىڭ  بۇ گېپى ماڭا گۈلسۈمگە باشتا قىلغان گېپىمنى ئەسلىتىپ قويدى.
    — ئەگەر بىزلا خالىساق چوقۇم نېسىپ بولىدۇ بۈۋىسارە،— دېدىم مەن ھاياجان بىلەن.
    — ئەگەر بىز خالىغان بىلەن خۇدا نېسىپ قىلمىسا بىكار،— دېدى بۈۋىسارە ، ئىمامنىڭ قىزىغا خاس خاراكتېرى بىلەن،— تەقدىرىمىز قوشۇلمىسا بىز ھېچ ئامال قىلالمايمىز.
    — ئۇنداق دېمەڭ ، تەقدىرىمىز قوشۇلۇپ قالار بۈۋىسارە.
    مەن ئۇنىڭغا چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن تىكىلدىم . ئۇنىڭ كۆزلىرىدىنمۇ بىر خىل ئوت ، ئاجايىپ بىر خىل ئوت ئۇچقۇنداپ تۇراتتى . مەن ئۆزۈمنى تۇتالماستىن ئۇنى قۇچاقلىۋالدىم . ئۇ تىپىرلىدى ، مېنىڭدىن ئۆزىنى قاچۇرماقچى بولدى ، مەن ئۇنى تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلىدىم ۋە چوغدەك لېۋىمنى ئۇنىڭ گىلاستەك ئوماق ، پاك لېۋىگە باستىم.
    — ئۇنداق قىلماڭ جېنىم.. . گۇناھ بولىدۇ.. . مەن.. . مەن قورقىمەن.. . دادام بىلىپ قالسا پاچىقىمنى چېقىۋېتىدۇ . ماقۇل دەڭ ، مېنى قويۇۋېتىڭ.. . ھېلى دادام كېلىپ...
    ئۇنىڭ گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرمەيتتى . پەقەت ئوتلۇق بىر نەپەس يۈزلىرىمگە ئۇرۇلاتتى ، كۆيدۈرەتتى ، قانلىرىمنى قاينىتاتتى . مەن ئۆزۈمنى خۇددى دېڭىز دولقۇنلىرى ئىچىدە تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم.
     بىز شۇ كۈنى بۈۋىسارەنىڭ ئېيتقىنى بويىچە گۇناھ قىلدۇق . بۇ تولىمۇ چوڭ ، شۇنداقلا تولىمۇ شەرەپلىك بىر «گۇناھ» ئىدى.
    ئۈزۈم تۈگىگىچە كۈنلىرىمىز تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئۆتتى . ئۈزۈم تۈگىگەندىن كېيىن قۇددۇس ئىمام بۈۋىسارەنى تاملىرى ئېگىز ، تۈرمىنىڭ سېپىلىغا ئوخشايدىغان كەڭ ھويلىسىغا بەنت قىلىۋالدى . ئۇ سىرتقا كەمدىن-كەم چىقاتتى . ھەتتا سۇنىمۇ قۇددۇس ئىمام ئۆزى ئەكىرىپ بېرەتتى . ئادەم بېشىغا كەلگەندە ھەممىنى قىلىدىكەن . مەن ھەر جۈمە كۈنى قۇددۇس ئىمام جۈمە نامىزىغا كەتكەن ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ، بۇ قورغاننىڭ ئىچىگە چۈشەتتىم . بۈۋىسارەمۇ ھەر جۈمە كۈنى دەل شۇ ۋاقىتتا ھويلىسىدا مېنى ساقلايتتى.
    بىر كۈنى ئالدىراشچىلىقتا قۇددۇس ئىمامنىڭ جۈمەگە كەتكەن-كەتمىگەنلىكىگە دىققەتمۇ قىلماستىن ، ھەتتا دەرۋازىغىمۇ قارىماستىن تامدىن ئارتىلىپ ھويلىغا چۈشۈپتىمەن . ھويلىغا ئەمدى چۈشۈپ تۇرۇشۇمغا بۇلۇڭدىكى ئېغىلدىن چىقىپ كېلىۋاتقان قۇددۇس ئىمام مېنى كۆرۈپ قالدى . مەن ھويلىدا تۇيۇقسىز پەيدا بولغاچقا ، ئۇ سەل چۆچۈپ كەتكەنىدى.
    — ھوي قانداق ئوغرى سەن ، كۈپكۈندۈزدە تامدىن ئارتىلىپ چۈشكەن؟ قىزىم بۈۋىسارە چاپسان بول ، ئۆيدىكى تۈۋرۈككە ئېسىپ قويغان چۇماقنى ئېلىپ چىق ، بۇنداق يۈرىكى يوغان ئوغرىنى كۆرمەپتىكەنمەن.
    ئەھۋال تولىمۇ خەتەرلىك ئىدى . نەگە قېچىشنىمۇ بىلمەيتتىم . قورقۇنچتىن پۇت-قوللىرىم كالۋالىشىپ كەتكەنىدى . مەن تام تۈۋىدە ھودۇققىنىمچە قېتىپ تۇراتتىم . قۇددۇس ئىمام مېنى تونۇپ قالدى.
    — نىزام ئاخۇننىڭ ئوغلىغۇ سەن؟ نېمىدەپ تامدىن ئارتىلىپ يۈرىسەن؟
    — مەن.. . مەن.. . مەن...
    دادىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئۆيدىن يۈگۈرۈپ چىققان بۈۋىسارە مېنى كۆرۈپلا قورققىنىدىن چىرايى تامدەك تاتىرىپ كەتتى.
    — ئېيتساڭچۇ زادى ، نېمەڭ بار بۇ ئۆيدە؟ يا مېنىڭدە ئېلىشىڭ بارمىدى؟ ئېلىشىڭ بولسىمۇ ئىشىكتىن كىرمەمسەن؟
    بوۋاي ۋارقىرغانچە ئالدىمغا دېۋەيلەپ كېلىشكە باشلىدى . مەن ئاخىر بىر باھانە تاپتىم.
    — كەپتىرىم.. . مېنىڭ بىر كەپتىرىم مۇشۇ ھويلىغا چۈشۈپ كېتىۋېدى ، شۇڭا...
    — كەپتەر؟ نەدىكى كەپتەركەن ئۇ؟ كەپتىرىڭ چۈشۈپ كەتكەن بولسا دەرۋازىدىن كىرسەڭ بولمامدۇ ، سەنمۇ كەپتەرمۇ يا؟
    — ئىمام دادا ، مېنى كەچۈرۈڭ ، مەن خاتا قىپتىمەن.
    — مەن سېنى داداڭنىڭ قېشىغا ئېلىپ باراي ، ئۇ سېنى ياخشىراق ئەدەپلەپ قويمىسا بولماپتۇ.
    قارىسام دەرۋازا ئىچىدىن تاقالمىغانىكەن ، غىپلا قىلىپ ئىمامنىڭ قولتۇقىدىن ئۆتتۈم-دە ، دەرۋازىغا قاراپ يۈگۈردۈم . قۇددۇس ئىمام ئارقامدىن «ھاي...» دېگىنىچە قېپقالدى . مەن شۇ قاچقىنىمچە ئۆيگىمۇ بارماستىن ، ئۇدۇل قوشنا كەنتتىكى بىر تۇغقىنىمىزنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ، بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ كەلدىم . ئۆيگە كەلسەم دادام ماڭا ھېچنېمە دېمىدى . قارىغاندا ئىمام ئاخۇنۇم ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمىگەن ئوخشايدۇ . ئەمما مەن شۇنىڭدىن باشلاپ بۈۋىسارەنىڭ ئۆيىگە قورقۇپ زادىلا بارالمىدىم . پەقەت يىراقتىن شۇ ئۆيگە قاراپ ئاھ ئۇرىمەن.
    مەن بۈۋىسارەنى دەسلەپكى كۈنلەردە يىراقتىن بىرنەچچە قېتىم كۆرگەندىن باشقا ، كېيىن زادىلا كۆرەلمىدىم . شۇنداق قىلىپ ئازاب ئىچىدە بىر قىشنى ئۆتكۈزدۈم . پەقەت ئەتىياز كىرگەندىلا ئاندىن بىرسىدىن بۈۋىسارەنىڭ قىشىچە كېسەل بولۇپ يېتىپ چىققانلىقىنى ئاڭلاپ ، چىدىيالمايلا قالدىم.
    بىر جۈمە كۈنلىكى قۇددۇس ئىمامنىڭ جۈمەگە كەتكەن ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ ، ھويلىغا يەنە چۈشتۈم . بۈۋىسارە ئىچكىرىدىكى كىچىككىنە تۈڭلۈكى بار ، بىر قاراڭغۇ ئۆيدە يالغۇز يېتىپتۇ.
    ئۇ تولىمۇ ئورۇقلاپ كەتكەن بولۇپ ، كۆز چاناقلىرى چوڭقۇر ئولتۇرۇشقان ، چىرايىدا قان دىدارى يوق ئىدى . دەسلەپتە كۆرۈپ ئۇنى تونۇيالماي قاپتىمەن . توۋا ، پەرىزاتتەك گۈزەل بىر قىز كېسەل سەۋەبى بىلەنلا مۇشۇنداق ھالدا كېلىپ قالسا-ھە؟ مەن بۈۋىسارەنىڭ بۇ بىچارە ھالىتىگە قاراپ ئۆزۈمنى تۇتالماستىن يىغلىۋەتتىم.
    — ئاھ جېنىم بۈۋىسارەم ، مەن كەلدىم ، مەن سىزنى يوقلاپ كەلدىم ، كۆزىڭىزنى ئېچىڭ بۈۋىسارەم.
    ئۇ ئاستا مىدىرلىدى.
    — كىم؟
    ئۇنىڭ ئاۋازى تولىمۇ پەس ھەم زەئىپ ئىدى . مەن دەرھال ئۇنى يۆلەپ ، بېشىنى قۇچىقىمغا ئالدىم.
    — مەن باھاۋۇدۇن ، سىزنىڭ باھاۋۇدۇنىڭىز ، يارىڭىز.
    — با.. . باھاۋۇدۇن.. . بۇ سىزمۇ؟ مەن تېخى سىزنى مېنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن.
    — ياق ، سىزنى ئۇنتۇپ قالمىدىم . نېمىشقا ئۇنتۇپ قالغۇدەكمەن.
    — رەھمەت سىزگە ، باھاۋدۇن.
    ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرىدا ياش تامچىلىرى پەيدا بولدى . مەن ئۇنىڭ پېشانىسىگە چوڭقۇر مۇھەببىتىم بىلەن سۆيدۈم.
    — بىزنىڭ بىرگە ئۆتۈشىمىزنى خۇدا نېسىپ قىلمىغان ئوخشايدۇ،— دېدى بۈۋىسارە تولىمۇ ئازابلىق بىر نىدا بىلەن،— مەن سىزگە ئېيتقانىدىمغۇ ، تەقدىر.. . تەقدىر شۇنداق ئوخشايدۇ ، مەندىن رازى بولۇڭ.
    — ياق ، بىز چوقۇم بىرگە ئۆتەلەيمىز ، سىز ساقايغاندىن كېيىن بىز توي قىلايلى.
    مەن ئۇنى چىڭ قۇچاقلىدىم.
    — تەقدىر ، تەقدىرىمىز قوشۇلماپتۇ.
    مەن ئۇنىڭ يېنىدا خېلى ئۇزاق ئولتۇردۇم . قۇددۇس ئىمامنىڭ ئۆيگە قايتىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالغانىدى . مەن بۈۋىسارە بىلەن خوشلىشىپ ، يۈرىكىم قان ، كۆزلىرىم ياش ھالدا قايتىپ چىقتىم . ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتۈپ بۈۋىسارە ئۆلۈپ كەتتى . ئۇ بىر قورغاندىن قۇتۇلۇپ ، يەنە بىر بىر قورغاننىڭ ئىچىگە مەھكۇم بولغانىدى . ئۇنىڭ ياشلىق باھارى ئاشۇ زىندانغا ئوخشايدىغان ئېگىز تاملىق ، قاراڭغۇ ھويلىدا خاراب بولغانىدى . شۇنىڭدىن باشلاپ بۈۋىسارەنى خۇددى قۇددۇس ئىمام ئۆلتۈرۈپ قويغاندەك تۇيۇلۇپ ، بۇ قېرى زاھىدقا تولىمۇ ئۆچ بولۇپ كەتتىم.
    بۈۋىسارەنىڭ دەردىنىمۇ بىرەر يىلچە تارتىپتىمەن . كېيىن سىلى بىلەن تونۇشۇپ ، تۇرمۇش قۇردۇم . ئازابىممۇ يەڭگىللىدى.

    باھاۋۇدۇن ھېكايىسىنى توختىتىپ  ، ئايالىنىڭ مىشىلداپ يىغلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى.
    — يىغلاۋاتاسىلە نېمە؟
    — ياق ، يىغلىمىدىم ، بۈۋىسارەمنىڭ تەقدىرى ئۈچۈن ئازابلىنىۋاتىمەن.
    باھاۋۇدۇن ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ قويۇپ جىمىپ قالدى.
    — يەنە  داۋامى باردۇ؟
    — داۋامىغۇ بار ، بىراق...
    — قېنى ، داۋامىنىمۇ ئاڭلايلى.

    باھاۋدۇن ھېكايىسىنى يەنە داۋاملاشتۇردى.
    — سىلى بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن ، ئەمدى باشقا ئاياللارغا زادىلا قارىماسمەن دەپ ئويلىغانىدىم . بىراق مۇشۇ شەيتانزە.. . ئادەمنى ئازدۇرۇپ ، بىز توي قىلىپ ئۈچ يىلدىن كېيىنغۇ دەيمەن ، سىلە چوڭ ئۆيگە بېرىپ بىرنەچچە كۈن تۇرۇپ قالدىڭلا . مەن ئاياغ مەھەللىگە بىر ئىشقا بېرىپ ، قايتاشىمدا ئايزىمخان دېگەن سەتەڭ تۇل خوتۇننىڭ ئىشىكى ئالدىدىن ئۆتۈپ قالدىم . كونىلار «سەتەڭنىڭ ھىيلىسى تولا» دەپ توغرا ئېيتقانىكەن . ئۇ خوتۇننى ئادەم ئېتىپ سالام قىلىپ سالىمەنمۇ ، ھىجاراپ كۆزۈمگە كىرىپلىۋالدى . ئۆيگە كىرىڭ» دەيدۇ ، «خوش» دېسەم ، «كىرمەي تۇرۇپ قانداق خوش بولىدۇ» دەيدۇ . بىر ئەر بولغاندىكىن گەپكە كەلگەندە قاراپ تۇرغىلى بولمايدىكەن . مەنمۇ ئۇنىڭ گېپىگە قارىتا ، «كىرسە خۇش بولامتىڭىز؟» دېسەم ، «ئۆزىڭىزگە باغلىق» دەيدۇ . خۇش بولىدىغان ئىش بولسا قېنى ئۆيىڭىزگە باشلىمامسىز؟» دېدىم . «باشلىماي ئەمىسە ، سىزدەك يىگىتنى باشلىماي كىمنى باشلايتتىم ، خوتۇنىڭىزدىن قورقماي كېرەلىسىڭىز قېنى مەرھەمەت».
    مەن خىيالىمدا «ئادەمنىڭ ئۆيىگە ئادەم كىرىدۇ ، بۇ خوتۇننىڭ ئۆيىگە كىرىپ بىرەر  پىيالە چېيىنى ئىچىپ قويغاننىڭ نېمە يامىنى» دەپ ئويلىدىم-دە ، كۆڭلۈم تۈزلۈككە ئېلىپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كىردىم . كىم بىلسۇن ، ئۆيىگە كىرىشىم بىلەن تەڭلا بۇ خوتۇن خۇددى قىسىرداپ كەتكەن ئىنەكتەك ئارقامدىن قۇچاقلاپ تۇتۇۋالدى ۋە بويۇنلىرىمنى ئاچكۆزلۈك بىلەن يالاشقا باشلىدى.
    — قويۇۋېتىڭ سەتلەشمەي ، يول ئۈستىدىكى ئۆي تۇرسا بۇ ، بىرەرسى كىرىپ قالسا.. . مەن دېگەن خوتۇنى بار ئادەم.
    — مەيلى ، ھېچنېمىگە قارىمايمەن . مەن سىزنى يوشۇرۇن ياخشى كۆرۈۋاتقىلى خېلى بولدى . مېنى ئېلىڭ دېمەيمەن ، پەقەت كۆڭلۈمنى خۇش قىلسىڭىزلا بولدى . بىر ئەرگە نەچچە خوتۇن راۋا دەيدىكەن . مەن سىزنى يەپ كەتمەيمەن ، خوتۇنىڭىزغىمۇ ئېشىپ قالىسىز تېخى.
    ئامال بولمىدى . بىر ئايال كىشىنىڭ قۇچىقىغا كىرىپ قالغان ھەرقانداق ئەر ئۆزىنى تۇتۇپ تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس . ئىش دەل شۇنداق بولدى . مەن خۇددى كىچىك ئېرىقتىكى سۇ تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كەلگەن كەلكۈن ئېقىنغا قوشۇلۇپ كەتكەندەك ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ كەتتىم.
    مەن قايتىدىغان چاغدا ئۇ كۆزلىرىنى خۇمالاشتۇرغانچە سۇپىنىڭ  قىرغىقىدا ئولتۇراتتى.
    — يەنە كېلىڭ،— دېدى ئۇ بېلىمدىن بىلەكلىرىنى ئۆتكۈزۈپ چىڭ قورۇپ تۇرۇپ،— مەن ئۇنداق چاندۇرۇپ يۈرىدىغانلاردىن ئەمەس.
    مەن بۇ يەردىن تېزرەك كېتىشكە ئالدىرايتتىم . كۆڭلۈمدە «سەن ئالۋاستى خوتۇننىڭ بوسۇغىسىغا ئىككىنچى قەدەم باسماسمەن» دەپ ئويلايتتىم . ئەمما «بارمايمەن  دېگەن تۈگمەننىڭ ئالدىغا ئون قېتىم بېرىپتۇ»  دېگەندەك بىر ئىش بولدى . ئارىدىن بىرنەچچە ئاي ئۆتۈپ بىر كۈنى مەستلىكتە ئۇنىڭ ئۆيىگە يەنە بېرىپتىمەن . «ئىتنىڭ كۆڭلى نەگە باشلايدۇ؟ دېسە كوداڭلىققا» دەيدۇ ئەمەسمۇ شۇڭا . شۇنىڭدىن كېيىن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ ، ئۇ خوتۇننىڭ ئۆيىگە زادىلا بارمىدىم . ئۇ خوتۇنمۇ تولا تەكلىپ قىلىپ ئاپىرالماي ئاخىر ۋاز كەچتى.

    باھاۋۇدۇن گېپىنى توختىتىپ  ، ئايالىنىڭ بىرنەرسە دېيىشىنى كۈتۈپ بىردەم تۇرۇۋالدى . ئايالى بولسا ئۇخلاپ قالغاندەك ئۈن-تىنسىز ياتاتتى.
    — ئۇخلاپ قالدىڭلىما؟
    — ياق ، ئۇخلاىمىدىم ، تازا قىزىق يېرىگە كەلگەن تۇرسىڭىز ، قانداقمۇ ئۇيقۇم كەلسۇن ، قېنى ئاخىرىنى داۋاملىق سۆزلەڭ.
    باھاۋۇدۇن ئەسلىمىلەرگە بېرىلىپ كەتكەچكە ، ئايالىنىڭ تەلەپپۇزىدىكى كىنايە ئارىلاش ، رەنجىش ئالامەتلىرىگە دىققەت قىلمىدى . ئۇ ھېكايىسىنى يەنە داۋاملاشتۇردى:
    — مەن ئەمدى ئۇنداق ئىشقا زادى يولۇقمايمەن دەپ ئويلىغان ، ئەمما شەيتان مېنى يەنە بىر  قېتىم ئازدۇردى . ئىككىنچى بالىمىز پەزىلىيە تۇغۇلۇپ ، يېشىغا تەگكەن مەزگىل ئىدى . ئوي مەھەللىدىكى ھامماچامنىڭ ئۆيىگە بارغانىدىم ، ئۇ مېنى ئۆيدە قالدۇرۇپ ، بىر ئىش بىلەن سىرتقا  چىقىپ كەتتى . بۇ 5-ئاي ۋاقتىدىكى چىڭقى چۈش مەزگىلى ئىدى . دەھلىزە ئۆيدىكى سۇپىدا يېتىپ ئۇخلاپ قاپتىمەن . بىر كەمدە بىرسى چاقىرغاندەك قىلدى . ئويغىنىپ  قارىسام ھاممامنىڭ قوشنىسىنىڭ قىزى ئىكەن . ئۇ ئادەمنىڭ كۆزىگە كىلەدەك تىكىلىپ قارايتتى . ئۇ بىرنەرسە سوراپ كىرگەنىكەن ، ھاممامنىڭ يوقلۇقىنى بىلىپ تۇرۇپمۇ چىقىپ كەتمىدى . مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ سۇپىنىڭ قىرغىقىغا كېلىپ ئولتۇرغانىدىم ، ئۇمۇ يېنىمغا كېلىپ ، ماڭا چاپلىشىپ دېگۈدەك ئولتۇردى . ئۇنىڭ نېپىز كۆڭلەك ئىچىدىكى  بەدىنى ، مېنىڭ ئاسما مايكا بىلەن تۇرغان يالىڭاچ بىلىكىمگە سۈركىلىپ ، ئاللىقانداق ۋەسۋەسىلەرنى قوزغايتتى . مەن خىجىل بولۇپ سەل نېرىراق سۈرۈلدۈم.
    — ئەجەب مەن ئادەم يەيدىغاندەك قېچىپ كەتتىڭىزغۇ؟ خوتۇن كىشىدىنمۇ قاچىدىغان ئەر بولىدىكەن-ھە؟
    — ئەمدى شۇ.. . ئادەم يوق ئۆيدە...
    — نېمە؟ ئىككىمىز ئادەم ئەمەسمۇ؟
    — بىزغۇ ئادەم ، بىراق ھاممام كىرىپ قالسا...
    — كىرسە نېمە بولغۇدەك ، بىز يا بىر يامان ئىش قىلمىساق.
    ئۇ ئاغزىمنى تۇۋاقلاپ ، يەنە گەپ قىلىشقا ئورۇن قالدۇرمىغانىدى . توۋا دەيمەن ، كۆڭلى سۇيۇق ئاياللارنىڭ ھەممىسى شۇنداق گەپكە ئۇستا بولامدىغاندۇ . بىز ئۇ يەردىن-بۇ يەردىن پاراڭلىشىپ خېلى ئۇزاق ئولتۇردۇق . ئۇ بارغانسېرى ماڭا چاپلىشىپلىۋالدى . تىنىقى يۈزلىرىمگە ئۇرۇلۇپ تۇراتتى . ئۇنىڭ تىنىقلىرى يۈزلىرىمگە ئۇرۇلغانسىرى ۋۇجۇدۇم چوغلىنىشقا باشلىدى . مەن ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالمىدىم . ئۇنى ئۆزۈمگە تارتىپ چىڭ  قۇچاقلىدىم . ئۇمۇ خۇددى شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەك ئۆزىنى قويۇۋەتتى . مەن ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا شەيتاننىڭ مەينەت سۈيىگە يەنە بىر قېتىم چىلاندىم.
    ئىش تۈگىگەندىن كېيىن ، ئۇ ئۆيىگە چىقىپ كەتتى . مەندىكى ئەسەبىي ھاياجانمۇ ئاللىقاياقلارغا تاراپ ، قاتتىق بوراندىن كېيىن بىر چەتكە چىقىپ قالغان قامغاققا ئوخشاپ قالغانىدىم . ئۆزۈمنى گويا تومۇر-تومۇرلىرىمدىن قۇرۇپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم.
    كېيىن پەزىلىيە قاتتىق ئاغرىپ قالدى . مەن كونىلارنىڭ «ئايال قىلسا ئۆيگە ، ئەر قىلسا بالىغا» دېگەن ھېكمەتلىك سۆزىنى ئەسلەپ قالدىم . بەلكىم مېنىڭ ناشايان ئىشلىرىمنىڭ كاساپىتى بالامغا بولغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ ، بەك ئازابلاندىم ، قىلمىشىمغا مىڭ بىر پۇشايمانلارنى قىلدىم . شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىن زادىلا تالاغا قارىمايمەن دەپ قەسەم قىلدىم.
    خۇدا گۇۋا ، شۇنىڭدىن كېيىن راستتىنلا تالاغا قارىمىدىم.

    باھاۋۇدۇن ھېكايىسىنى تۈگىتىپ ، پەخىرلەنگەن ھالدا ئايالىغا قاراپ قويدى . ئايالى جىمجىت ياتاتتى.
    — مەنغۇ ھەممىنى دەپ بەردىم ، ئەمدى سىلىمۇ ئۆز سىرىڭلىنى  دەپ باقمامسىلە؟
    زەينەپخان تۇيۇقسىز ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى . باھاۋۇدۇن نېمىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە زەينەپخاننىڭ تىل-ئاھانەتلىرى يامغۇردەك يېغىشقا باشلىدى:
    — ۋۇي جىن تەلەت قانجۇق ، ھە دەپ بەرسەم شۇنداقمۇ بۇزۇلامسەن؟ تېخى مېنى دە دەيسىنا ، مەندە نېمە بار ئىكەن؟ مېنىمۇ ئۆزۈڭگە ئوخشاش رەسۋا ، ئىمانى يوق كۆرۈۋاتامسەن؟ مەن ئۆزۈمنى ھازىرغىچە سۈزۈك ئەينەكتەك پاكىز ساقلاپ كېلىۋاتىمەن . خۇدايىم بۇيرۇسا تا ئۆلگىچە شەنىمگە داغ چۈشۈرمەي ياشايمەن . ئىسىت ، ساڭا تۇتقان ئەقىدەم ، ساڭا قىلغان ھۆرمىتىم . سەن خۇددى تېشى پارقىراپ تۇرغان بىلەن ، ئىچىنى لەش قاپلاپ كەتكەن قاپاققا ئوخشايدىكەنسەن . ساڭا لەنەت ، مىڭ لەنەت ، يۈز مىڭ لەنەت.
    زەينەپخان ئورنىدىن تۇرۇپ كىيىملىرىنى كىيدى-دە ، بالىلىرى ياتقان ئۆيگە كىرىپ ، ئىشىكنى «گۈپ» قىلىپ ياپتى . باياتىن بىرى گاڭگىراش ئىچىدە ئېسەنكىرەپ تۇرۇپ قالغان باھاۋۇدۇن شۇندىلا ئېسىگە كەلدى-دە ، پالاقلاپ ئورنىدىن تۇرۇپ ، زەينەپخاننىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈردى.
    — مەن ئېزىپتىمەن خوتۇن ، بۇنىڭدىن كېيىن.. . مىڭ توۋا . يەنە شۇنداق قىلىدىغان بولسام قارا يۈز بولۇپ كېتەي ، گۆرىمدىن توڭگۇز قوپسۇن.
    ئۇ بالىلار ياتقان ئۆينىڭ ئىشىكىنى كۈچەپ ئىتتەردى ، ئەمما ئىشىك ئىچىدىن مەھكەم تاقالغانىدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.