توختى پوكان ۋە كېپەن ئوغرىسى (سەككىزىنچى ھېكايە)

يوللىغۇچى : abduweli يوللىغان ۋاقىت : 2013-07-08 16:23:29

ئىپادەم ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىغا پالانماي، مۇشۇ قاماقخانىنىڭ ئاشخانا دىگەندەك ئارقا سەپ بۆلۈملىرىدە يۈگۈرە-يىتىم ئىشلارنى قىلىپ يىلىمنى توشقۇزىدىغان بولدۇم.

    توختى پوكان ۋە كېپەن ئوغرىسى
     
    (سەككىزىنچى ھېكايە)
     
    ئابلىمىت غۇجابدۇللا قاراقاش
     
     
    ئىپادەم ياخشى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانىغا پالانماي، مۇشۇ قاماقخانىنىڭ ئاشخانا دىگەندەك ئارقا سەپ بۆلۈملىرىدە يۈگۈرە-يىتىم ئىشلارنى قىلىپ يىلىمنى توشقۇزىدىغان بولدۇم.
    بۈگۈن ئەتتىگەن توخۇ پوق يېمەستە جىنايىتىمىز يىنىكرەك دەپ قارالغان ئۈچىمىز تۈرمە ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدىكى تال جاھازىسىنى ئوڭشىۋاتاتتۇق، گۇندىپاي بولسا كەكە-ھەرە دىگەندەك لازىملىق نەرسىلەرنى بىزگە سۇنۇپ بېرىۋاتاتتى.
    بىرسى تۈرمە دەرۋازىسىدىن سىرتقا چىقىۋاتقاچ بىزگە قۇلىنى پۇلاڭلىتىپ ۋاقىرىدى:
    - قېرىنداشلار مەن كەتتىم!
    ئۇنىڭ خۇشاللىقىغا قاراپ يېنىمدىكى ئىت ئوغرىسىدىن سورىدىم:
    - كاساپەتنى قويىۋېتىپتۇ-دە!
    - مۇددىتى تۇشۇپتۇ ئۇ كېپەن ئوغرىسىنىڭ!،- دېدى بۇرادىرىم يەرگە بىرنى ئاچچىق تۈكۈرۈپ،- كۆرەڭلەپ كەتكىنىنى ھابدالنىڭ تېخى!
    - كېپەن ئوغرىسى؟
    - شۇنداق، ئىككى كوي پولغا ئىككى يىل كېسىلگەن نۇمۇسسىز ئوغرى ئۇ!
    - ۋاي قانداق بولۇپ ئىككى يىل كېسىلىپتىكەن ئۇ؟
    - كاتتا بىر قۇرۇلۇش ھۆددىگىرىنىڭ ئانىسى ئۆلۈپ قالغان ئىكەن، ئۇ ئەبلەخ كىنودىكى مېيىت ساندۇقىغا پول سېلىپ قۇيىدىغان ئىشنى كۆرۈپ قېلىپ ئەتىسى ئاخشىمى ئۇ قەبرىنى كولاپ مېيت ساندۇقى ئېچىپتىكەن ئىچىدىن ئىككى يۈەن پۇل بىلەن بىر بوتۇلكا ھاراق چىقىپتۇ، شۇنىڭغا ئىككى يىل كېسىلدى.
    - قانداق بولۇپ تۇتۇلۇپ قالغان بولغىيتتى ئۇ ئىتنىڭ ھەققى؟،-دەپ سورىدى قېشىمدىكى موتۇ ئوغرىسى چىدىماسلىق نەزىرى بىلەن دەرۋازىدىن چىقىپ كىتىۋاتقان كېپەن ئوغرىسىغا قاراپ.
    - قانداق بۇلاتتى، ساندۇقتىن چىققان ئىككى يۈەن پۇلنى كۆرۈپ ئاچچىقىدا بىر بوتۇلكا ھاراقنىڭ ھەممىسىنى سۇدەك ئىچىۋېتىپتۇ، ئەتىسى قۇرلۇش ھۆددىگىرى قەبرە بېشىنى يوقلاپ كەلسە ئۇ ئەبلەخ موماي رەھمەتلىكنىڭ ساندۇقىدا بەخىرامان ئۇخلاپ ياتقان گەپ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى تۇتىۋاپتۇ...
    گەپنىڭ ئايىغى تۈگىمەستە تالادىن بىرسى تۇپا توزىتىپ كىرگىنىچە ۋاقىراشقا باشلىدى:
    - ۋاي باشلىق، ئىش چاتاق!
    - نېمە ۋاقىرايسەن؟،- دەپ توۋلىدى بىزگە قاراپ تۇرغان گۇندىپاي يۈگۈرۈپ كىرگەن ئۇ جىنايەتچىگە ئالىيىپ.
    - بازاردىن يېنىۋاتسام ھېلىقى كېپەن ئوغرىسى ئالدىمغا ئۇچىراپ قالدى...
    - ئۇچرىغان بولسا نېمە بولۇپتۇ، ئۇنى ھازىر قويىۋەتتۇق!،- ۋاقىرىدى باشلىق چېقىمچىغا زەردە بىلەن تەنبىھ بىرىپ.
    - لېكىن ئۇنىڭ قۇلىدا بىر كالا تورىدۇ!
    - كالا؟،- باشلىق ئولتۇرغان ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىپ چېقىمچىغا ۋارقىردى،- ئۇنىڭ قۇلىدا كالا يوقتىغۇ؟
    - شۇنى دەيمەن باشلىق، - دېدى چېقىمچى تۈپۈكىنى غۇرتتىدە يۇتىۋېتىپ،- سورىسام پۇلغا ئالدىم دەيدۇ ئۇ نۇمۇسسىز ئوغرى!
    - ئەستەخپۇرۇللاھ، نېمە دەيدىغانسەن!... تىز چۈشۈڭلار قاراپ باقايلى!
    بىز ئالدىراپ تال جازىسىدىن چۈشۈپ باشلىقنىڭ كەينىدىن تۈرمىنىڭ سىرتىغا چىقتۇق، تۈرمە دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدىكى چوڭ يول بۇيىدا قاتار كەتكەن دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرى بار ئىدى. باشلىق قۇلپا سېلىغان بىر ھويلىنىڭ ئىشىكىنىڭ يوچۇقىدىن ئىچىنى مارىلاشقا باشلىدى. مەن ئالدىراپ سورىدىم:
    - كالا ئوغرىسى ئاۋۇ يەردە كېتىپ بارسا بىز بۇيەرنى مارىلاپ نېمە ئىش قىلىمىز باشلىق؟
    - ۋاي سەن نېمىنى بىلەتتىڭ توختەك!،- دېدى باشلىق شەپكىسىنىڭ سايلىقىنى كەينىگە بۇراپ قۇيۇپ ھويلا ئىچىنى كۆزەتكەچ،- بۇ يەردە پەقەت مۇشۇ ئۆيلۈكنىڭلا كالىسى بار ئىدى، شۇڭا قاراۋاتىمەن!
    - ئوغرى كالىنى ئېلىپ يولدا مېڭىۋېتىپتۇ...،- دېدىم سەل كېكەچلەپ باشلىقنىڭ سەمىگە يەنە بىر قېتىم سېلىش ئۈچۈن.
    - توختا، بۇ ئۆيدە ئۇششاق بالىلارنىڭ ئاۋازى بار!
    - ئاتا-ئانىسى باللىرىنى ئۆيگە سولاپ قويغاندۇ-شۇ؟،- دېدى يېنىمدىكى ئىت ئوغرىسى كېپەن ئوغرىسىنى ياندۇرۇپ ئەكەلگۈسى كىلىپ چىدىيالماي.
    - ئېغىزىڭنى يۇمۇش! ئون نەچچە بالىنىڭ ئاۋازى، ئاھ... خۇدا!...ماڭا خۇدايىم بەردى، ھەپتىگە قالماي مىنى تۈرمە باشلىقى دەپ ئاتاشمىغىنىڭنى بىر كۈرەي ئەمدى!،- دېدى باشلىق شەپكىسىنىڭ سايىلىقىنى ئالدىغا رۇسلاپ ھىجايغىنىچە.
    - نېمە...نېمە...ئون نەچچە بالىنىڭ ئاۋازى؟،- دەپ سورىدىم بۇ گەپنىڭ ھېچنىمىسىنى چۈشىنەلمەي.
    - ھەي قاپاق!،- دېدى يېنىمدىكى ھېلىقى چېقىمچى باشلىقتىن ئۆتە خۇش بولۇپ،- يەر ئاستى دىنىي ئۇقۇتۇش نوقتىسى دېگەن گەپ تېرورچىلارنىڭ ئۇۋىسى دېگەن گەپ، باشلىق بۇنى پاش قىلغانلىقى ئۈچۈن ھېچ بولمىغاندا ...
    - ۋوي پەس گەپ قىلىش ھارامدىن بولغانلار، بۇنى تۈرمىدىكى خىزمەتداشلىرىم ئاڭلاپ قالمىسۇن!،- دېدى باشلىق ئاۋازىنى كوسۇلدىتىپ.
    - ئۇنداقتا كالىنىچۇ...، -دېدىم مەنمۇ ئاۋازىمنى پەسلەپ.
    - قوي ئۇ كالىنىڭ گېپىنى...ھازىر مەن تامدىن سەكرەپ چۈشۈپ ئۇلارنى تۇتۇۋالىمەن، ھەرقايسىڭ گۇۋاھ بولۇش!
    - خوپ باشلىق!،-دېدۇق تۆتىمىز باشلىقنىڭ بۇيرۇقىغا پەرمەنبەردار بولۇپ.
    - بۇيەردە دۈمبەلچەك بولۇپ تۇرۇش!،-دېدى باشلىق تامنىڭ تۈۋىنى كۆرسىتىپ.
    تۆتىمىز دەرھال تامنىڭ تۈۋىدە پۇكلىنىپ ئولتۇرۇشتۇق، باشلىق بىرسىمىزنىڭ دولىسىغا بىرسىمىزنىڭ بېشىغا يەنە بىرسىمىزنىڭ ئېغىز-بۇرنىغا دەسسىگەنچلىك قىلىپ تامنىڭ ئۈستىگە يىلاندەك يامىشىپ چىقىپ كەتتى.
    بىر چاغدا باشلىق ھويلىغا سەكرىمەستىن ساندۇقتەك پولتىيىپ كەتكەن قورسىقىنى سىلىغىنىچە پۇتى كۆيگەن توخۇدەك تامنىڭ ئۈستىدە ئۇيان-بۇيان مېڭىشقا باشلىدى...
    ھېلى سەكرە...ھېلى سەكرە...ھېچ گەپ يوق...
    - نېمانداق مېڭىۋىرىدىغاندۇ... پاراتتىن ئۆتىۋاتامدۇ-يا ئۇ؟،-دېدى بىرسى پىخىلداپ كۈلگىنىچە ئاۋازىنى پەسلەپ.
    - ۋاي تاڭ، ھارامنى تولا يەپ ئىچى سۈرۈپ قالدى بۇ بىر نېمىنىڭ ھەر قاچان!
    - تام ئۈستىدە ئىككى قۇلى بىلەن زاڭىقىنى يۈلەپ ئولتۇرۇپ قۇيىۋېتىدىغان بولدى!
    - قاراڭلار ئۇ بايتالنىڭ خۇددى توققۇز ئايلىق بولغاندەك قورسىقىغا،- دېدى ئارىمىزدىكى يەن بىرى ئېغىزىنى تۇتۇپ پىخىلداپ كۈلگىنىچە ئۇنىڭ ئېچىلىپ قالغان قورسىقىنى ئىشارەت قىلىپ،-چوقۇم تولغاق تۇتقان گەپ!
    بۇ چاغدا تام ئۈستىدىكى باشلىق بىزنىڭ يۇشۇرۇن كۈلۈشكىنىمىزنى سېزىپ قېلىپ پەس ئاۋازدا بىزگە ۋارقىرىدى:
    - نېمىگە كۈلىشىسەن ھارامدىن بولغانلار؟
    - ياق بىز كۈلمىدۇق باشلىق!،-دەپ تەڭ جاۋاب بەردۇق تۆتىمىز بېشىمىزنى چايقاپ كۈلكىمىزنى بېسىۋالغان ھالدا.
    - ئەستا...بۇيەردىن چۈشەلمەيۋاتىمەن!،- دېدى باشلىق ئۆپكىدەك قىزارغىنىچە ئىككى يانغا قاراپ تىت-تىت بولۇپ.
    - ساقچى بولغاندىكىن قورقماي سەكرىمەمسىز!،- دېدىم باشلىقنىڭ بۇلۇمسىزلىقىغا قاراپ ئىچىم سىقىلىپ.
    - ساقچى بۇلاپ ئاناڭنى ئالدىمما مەن! ،-دەپ تىل سالدى باشلىق ئۆزىنىڭ سەكرىيەلمىگەن ئاچچىقىنى مەندىن ئېلىپ.
    - ھېلى باشقىلار كۆرۈپ قالسا سىز بىزگە مۇندىغى قالار باشلىق!،-دېدىم ئۇنى سەكرەشكە ئالدىرىتىپ بىر بىلىكىمنى«داك-داك» قىلىپ مەيدەمگە ئۇرغىنىمچە.
    - «باشقىلار» دېگەن گىپىمنى ئاڭلىغان باشلىق لىۋىنى-لىۋىگە چىشلەپ ماڭا ھومايغىنىچە ھويلىغا «گۈپپىدە» قىلىپ سەكرىدى.
    لېكىن«گۈپ» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ باشلىقنىڭ «ۋايجان!» دېگەن ئېچىنىشلىق چىرقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى، بىز نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي تامنىڭ تۈۋىگە كىلىپ باشلىقتىن سورىدۇق:
    - ۋوي باشلىق زادى نېمە ئىش بولدى؟
    - ۋايجان...ۋايجان...ئادەم بارمۇ؟...
    باشلىق ئاۋازىنى كالىدەك سۇزۇپ ۋارقىراشقا باشلىدى.
    «تېرورچى ئۇنى تۇتىۋالدىمۇ نېمە؟»
    تۆتىمىز دەرھال ئۆينىڭ قوش قانات ئىشىكىنى كۈچەپ تىپىپ تېرورچىنىڭ ھويلىسىغا باستۇرۇپ كىردۇق.
    قارىساق باشلىق خۇددى ئۈچ ياشلىق بالا ئولتۇرۇپ تاماق يىگەندە ئىككى پۇتىنى كەرىپ تاماق قاچىسىنى ئىككى چېتىنىڭ ئارلىقىغا قىستۇرۇپ تاماق يىگەندەك ئىككى پۇتىنى ئالدىغا سۇزۇپ ئولتۇرۇپ ۋارقىرىغىلى تۇرۇپتۇ.
    - ۋوي نېمە بولدى باشلىق؟،- دەپ ئالدىراپ سورىدىم ئۇنىڭ پولتىيىپ چىقىپ كەتكىلى قوپقان كۆزلىرىگە قاراپ قورققىنىمدىن.
    - ئاناڭنى ئالغان بولدى!... ۋايجان...ۋايجان!...
    - باشلىق بۇ زادى...،- دەپ كېكەچلىدى ئارىمىزدىكى ھېلىقى چېقىمچى ئۇنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ ئېڭىشىپ قارىغاچ.
    - ۋاي... توختى پوكان...ۋايجان...كەينىمگە بىر قارىغىنا... ئۇ زادى نېمىكەن؟،- دېدى باشلىق ماڭا قاراپ كۆزلىرىنى پىلدىرلاتقىنىچە قاتتىق ئىنجىقلاپ.
    مەن دەرھال ئۇنىڭ كەينىگە ئۆتۈپ قارىسام باشلىق كەتمەننىڭ ۋالىلداپ تۇرغان تۆمۈر يۈزىدە ئولتۇرۇۋاپتۇ.
    - كەتمەننىڭ بىسىدا ئولتۇرۇپ قاپسىز باشلىق!،-دېدىم ئۇنىڭ سورىغان سۇئالىغا ئالدىراپ جاۋاب بىرىپ.
    - ۋايجان... بىر نېمە ئىچىمگە كىرىپ كەتتى...قارىغىنا توختى ... بىر ئۇچى... ئېغىزىمغا كىلىپ تۇرىدۇ!
    باشلىقنى دەرھال يېلىن قىلىپ كەينىگە قارىدۇق، دىگەندەك كەتمەننىڭ تۆمۈر يۈزى ئۇنىڭ كۆتىگە چاپلىشىپ قاپتۇ، مەن ئۇنى ئېلىۋەتمەكچى بولۇپ شۇندا تۇتۇشۇم باشلىق يەنە «ۋايجان!» دەپ قاتتىق چىقىراپ كەتتى، ئوبدان قارىسام كەتمەننىڭ دەستىسىمۇ باردەك...
    ئېغىزىمغا ئىسسىق سۇ كەلدى...دەرھال ياقامنى چىشلىدىم...ئەسلىدە باشلىق ھويلىغا سەكرىگەندە يەردە ئۆرە قۇيۇلغان كەتمەننىڭ ئۈستىگىلا سەكرىگەچكە دەستىسى ئۇنىڭ كۆتىگە تولۇق كىرىپ كىتىپتىكەن ئەمەسمۇ...
    «بىر مېتىردىن ئاشىدىغان بۇ كەتمەننىڭ سېپى ئەمدى بۇ بىچارىنىڭ قەيەرىگە كىلىپ توختىغاندۇ...ھاخ خۇدايىم... تۈگەپتۇ بۇ باداڭ قۇرساق!...»
    ئەتراپتىكلەر كۈلكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ ماڭا تەلمۈرۈپ قاراشتى، مەنمۇ كۈلكەمنى بېسىپ تۇرۇپ باشلىققا ئېيتتىم:
    - دوختۇرخانىغا بارايلى باشلىق!
    - شۇنچە ئېغىرمىكەن...توختى !...،-دېدى باشلىق خارقىراپ يىغلاپ.
    - ئېغىزىڭىزغا كىلىپ تاقاشقىنى كەتمەننىڭ دەستىسى ئىكەن باشلىق!
    - ۋايجان...ئەمدى مەن قانداق قىلاي...توختى...
    - تۈرمىدىكىلەرگە خەۋەر قىلاي، سىزنى ماشىنىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرايلى!،-دېدىم مەنمۇ يالغاندىن يىغلامسىراپ.
    - ياق...ياق...توختى پوكان... بۇ بىزنىڭ... خىزمەت نەتىجىمىز... باشقىلار... بىلمىسۇن!
    - لېكىن سىزنىڭ ھاياتىڭىز بۇ خىزمەت كۆرسىتىشتىن مۇھىم تۇرسا باشلىق!
    - سەن... بىز... پارتىيىگە نېمە دەپ... كىرگەن... ھۆكۈمەتنىڭ ... ماشىنىسىنى ... شەخسى ئىشقا... ئىشلەتسەك... بىز خەلققە ... قانداق يۈز كېلىمىز...
    «ماۋۇ ماز گەپنى ئەمدى... ئۇنداق دىگۈچە بۇ قانۇنسىز دىنىي ئۇقۇتۇش ئۇۋىسىنى باشقىلار ئوقۇۋالسا نەتىجە مىنىڭ بولماي باشقىلارنىڭ بولۇپ كىتىدۇ...مەن ئۆسەلمەي باشقىلار ئۈسۈپ كىتىدۇ دىسەڭ بولماسمۇ...!»
    - ئەمىسە قانداق قىلىمىز باشلىق؟،- دەپ گەپكە ئارىلاشتى يېنىمدىكى ئىت ئوغرىسى يالغاندىن ئۇنىڭغا كۈيۈنگەن بولۇپ.
    - ئالدى بىلەن... ئۆينىڭ ئىچىدىكى... ساۋاغ ئېلىۋاتقان... بالىلارنى تۇتۇڭلار... ئۇستازىنى تۈۋرۈككە باغلاپ... ئاندىن ... مىنى... دوختۇرغا ... ئاپىرىڭلار!...
    بىز بۇيرۇققا ئاساسەن ئۆيگە قۇيۇندەك باستۇرۇپ كىردۇق. قارىساق ئۆيدە بىرمۇ ئادەم يوق، پەقەت كىچىك بىر تېلېۋىزوردا بالىلارنىڭ پائالىيەت كۆرۈنىشلىرى چىقىۋېتىپتۇ...
    بىز بىر-بىرىمىزگە قاراپ بىردەم تۇرۇپ قالدۇق ئاندىن پېشانىمىزنى تۇتۇشقىنىمىزچە باشلىقنىڭ يېنىغا چىقتۇق.
    -قانداق بولدى...تۇتىۋالدىڭلارمۇ؟...،- دەپ سورىدى باشلىق ناھايىتى تەسلىكتە لىۋىنى مىدىرلىتىپ.
    بۇ سوئالغا باشقىلار جاۋاب بىرىپ بولغىچە مەن باشلىقنىڭ كېسىلىنىڭ ئۆزگۈرۈپ قالماسلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ تىزلا جاۋاب قايتۇردۇم :
    - شۇنداق باشلىق ھەممىنى تۇتۇۋالدۇق!
    - يىگىرمە-ئوتتۇز بالىكەن!،-دېدى يېنىمدىكى ئىت ئوغرىسىمۇ ماڭا يېقىندىن ماسلىشىپ.
    - ساقاللىق ئۇستازىمۇ بار تېخى!،- دېدى موتۇ ئوغرىسىمۇ گېلىنى قىرىپ كۈلگىنىچە.
    - يىگىرمە ئوتتۇز...ناھايىتى ياخشى...مىنى... ھازىرچە... يۈدۈپ ئېلىپ... مېڭىڭلار!...يولدا...بىر نېمە...ئۇچراپ قالار!
    شۇنداق قىلىپ ئارىمىزدىكى موتۇ ئوغرىسى باشلىقنى ھاپاش قىلىپ كۆتۈردى، ئۇ بىر نەچچە قەدەم ئالا-ئالماي «ۋايجان!» دىگىنىچە باشلىقنى يەرگە يۇمىلىتىپ تاشلىۋەتتى...
    باشلىق يەردە يەنە چىرقىراپ توۋلاشقا باشلىدى...
    - ۋوي نائەھلى!،- دەپ ۋارقىرىدىم ئاچچىقىمدا موتۇ ئوغرىسى دېگەن كۇسپۇرۇچقا قاراپ،-باشلىقنى بۇنداق تاشلىۋەتسەڭ كەتمەننىڭ سېپى تېخىمۇ كىرىپ كەتمەمدۇ؟
    - ۋوي مەن كۆتۈرەلمىسەم!،- ۋارقىردى موتۇ ئوغرىسىمۇ بوش كەلمەي ماڭا ئالىيىپ،- يامان بولساڭ ئۆزۈڭ كۈتىرە!
    - ئۇنداق بولسا مەن كۆتۈرەي!،-دېدى ئارىمىزدىكى چېقىمچى مەيدىسىگە مۇشتلاپ باشلىققا خۇشامەت قىلغان ھالدا.
    بىز يىغلاپ چىرقىراپ كەتكەن باشلىقنى تەسلىكتە ئۇنىڭ دۈمبىسىگە ئېلىپ قويدۇق، ئۇمۇ بەش-ئالتە قەدەم ئالا-ئالماي «ۋايجان!» دىگىنىچە باشلىقىنى يەنە يەرگە تاشلىۋىتىپ كۈتىنى چىڭ تۇتقىنىچە بىر يانغا ئۆتۈپ بىزگە تىل سالدى:
    - مىنىڭ كۆتۈمگە پىچاق تىققان قايسىڭ؟
    -نېمە دەيدىغاندۇ ماۋۇ ساراڭ!،-دېدىم يېنىمدىكى ئىككىسىگە قاراپ ئۇنىڭ گېپىنى چۈشىنەلمەي.
    ئاڭغىچە بىچارە باشلىقنىڭ ئېغىزىدىن كۆپۈك يېنىپ بېشى بىر يانغا چۈشۈپ كەتتى...
    مەن بۇ ناھەقچىلىقنى كۆرۈپ جان ئاچچىقىمدا يېنىمدىكى ئوغرىلارنى غەزەپ بىلەن بىر يانغا ئىتتىرىۋېتىپ باشلىقىنى كۆتۈرۈپلا ھاپاش قىلىپ ئېلىپ ماڭدىم، نەچچە قەدەم ئېلىشىمغىلا پەللىكىم ھەرە چىقىۋالغاندەك پىژىلداپ كەتتى... بۇرادەرلەرنىڭ بىرەسى چاقچاق قىلىپ كۆتۈمگە شۇخىدەك بىر نىمىنى سانجىۋاتقان بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ كەينىمگە «شارت»ئۆرۈلۈپ قارىسام ھېچكىم يوق...مەن ئاغرىققا چىدىيالماي بىر قۇلۇمنى پەللىكىمگە ئاپارسام ھېلىقى كەتمەننىڭ بىسى بىردەمدىلا كۆتۈمنى غاجىلاپ قان-قان قىلىۋېتىپتۇ...
    «ھە...ئەسلىدە بايامقى كوسپۇرۇچلارنىڭ كۆتىنىمۇ مۇشۇ كەتمەننىڭ بىسى مۇشۇنداق غاجىلىغاچقا ھاپاش قىلىۋالغان باشلىقىنى تاشلىۋېتىپ كۈتىنى ئوۋلىشىپ تۇرۇپتىكەن-دە! »
    دەرھال يېنىمدىكىلەرگە ۋارقىرىدىم:
    - كەتمەننىڭ بىسىنى كەينىگە قايرىپ قوي!
    - ۋوي سەن پارتىيە ئەزاسى بولغاندىكىن بىردەم چىدىغىن پەھلىۋان!،-دېدى موتۇ ئوغرىسى باشلىقنىڭ بىھوش ياتقانلىقىنى كۆرۈپ كۈلگىنىچە.
    - بۇ كاساپەتنى مۇشۇ ھالى بىلەن ئېتىزغا قۇيۇۋېتىدىغان بولساق قوڭىدىكى ساپال بىلەن ئون مو يەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلايدىكەن -ھە!،-دېدى يەنە بىرسى باشلىقنى چاقچاققا كەلتۈرۈپ.
    - ئەلپازىدىن قارىغاندا قوڭىدىكى تەييار قالقىنى بىلەن سىپارتاكنىڭ ئورنىدا جەڭگە چۈشۈدىغاندەكمۇ قىلىدۇ ئۇ!
    - قالقىنى بولغان بىلەن نەيزىسى بولمىسا بولماس ئاغىنىلەر!
    - ۋاي ۋاقتى كەلگەندە نەيزىسىنى قوڭىدىن سۇغۇرۇپلا ئالمامدۇ!
    - ئۇنى تانكىنىڭ ئۇچچىغا مىندۈرۈپ قۇيۇپ جەڭگە چىققان بولساق دۈشمەننىڭ ھەممە ئوقىنى مۇشۇنىڭ قالقىنى تۇسۇپ قالاركەن-ھە!
    - ناۋادا يامغۇر يېغىپ قالسا كاساپەتنىڭ كۈتىنى ئاسمانغا قىلىپ قويساقلا تانكىغا بىر تامچىمۇ يامغۇر چۈشمەيتتى!
    - قاراڭلار! بۇ تۆمۈر كۈنلۈكنىڭ ئېگىز-پەسلىكىنى تەڭشەشمۇ شۇنداق قۇلايلىقكەن!
    - غالتەكتىن تۆتنى بىكىتسەكلا ئۇنىڭ كۈنلىكى ماشىنىغا ئۆزگەردى دېگەن گەپ ئاغىنىلەر!
    - ئۇچاغدا ئۇ تۈرمىنىڭ ئىچىدە بۇ ئۇيۇنچۇق ماشىنىسىنى ئىككى پۇتى بىلەن ھەيدەپ ئويناپ بىزنى ئوخلىغىلى قويماس!
    - ئۇخلىغىلى قويمىسا بۇ ئوماق قوزىچاقنىڭ ئۇيۇنچۇق ماشىنىسىنى ئېلىۋالىمىز!
    -... ... ... ...
    مۇشۇ تاپتا بۇ ئۈچى«ئېشەك ئۆلسە كۆتى غىجەك تارتىپتۇ!» دېگەندەك تىزىغا شاپىلاقلاپ كۈلۈشكىنىچە چاقچاققا چۈشۈشكەن ئىدى...
    - ۋوي ھاراملىقلار! چاقچىقىڭنى قويۇشۇپ كەتمەننىڭ بىسىنى كەينىگە قايرىپ قويۇش! ،-دەپ قاتتىق ۋارقىرىدىم بۇ ئۈچىگە كۆزۈمنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ.
    موتۇ ئوغرىسى كۈلكىسىنى توختۇتۇپ كەتمەننىڭ بىسىنى تۇتۇپ شۇنداق يانغا قارىغان ئىدى، باشلىق ئاغرىققا چىدىماي «ۋاي كۆتۈم!» دەپ قاتتىق چىرقىراپ كەتتى...
    - ۋوي بولمىدى ئاكا، بۇ بەك چىڭكەن!،-دېدى قورقۇپ كەتكەن موتو ئوغرىسى كەتمەننىڭ بىسىنى قۇيىۋېتىپ كەينىگە  داجىغىنىچە .
    - ئۇنداق بولسا كەتمەننى سۇغۇرۋەتسەكلا بولمىدىمۇ!،-دېدى ئويۇن كۆرۈپ تۇرغان چېقىمچى ئۆزىچە ئۇستاتلىق قىلىپ.
    - ئۇنداق قىلساق بولمايدۇ؟،- دېدىم بېشىمنى جىددىي چايقاپ.
    - ۋاي ھېچنىمە بولمايدۇ!،- دېدى ياندا قاراپ تۇرغان ئىت ئوغرىسى كەينىمگە كەلگەندەك قىلىپ،- مانا ھېچنىمە بولمىدىغۇ؟
    مەن ئالدىراپ كەينىمگە بۇرۇلۇپ قارىسام ئىت ئوغرىسى دېگەن ئەبلەخ قانغا بۇيالغان قىزىل دەستىلىك كەتمەننى قۇلىدا تۇتۇپ ھىجىيىپ تۇرۇپتۇ...
    «ئالە شەھىرىڭنى...دوختۇر ماۋۇ يەردىكەن ئەمەسمۇ؟...نېمە قىلامىزا باشلىقىنى دوختۇرغا ئاپىرامىز دەپ... بۇنىڭ ئۆلۈمى بىلەن بۇلارنىڭ نېمە كارى... ئۆمرۈمدە بۇنداق نائەھلى ئوغرىلارنى كۆرمەپتىكەنمەن...»
    -ئەبلەخ!،- غەزەپ بىلەن ۋارقىرىدىم،- ئۇنى سۇغۇرۋەتسەڭ بولمايتتى... قارىغىنا ئىككى قۇلۇمغا قىزىق بىر نېمە قۇيىلىۋاتىدۇ...
    - ۋاي ئاكا... ھەممىسى قانكەن! ،- دېدى چېقىمچى ماڭا قاراپ پىشانىسىگە بىرنى شاپىلاقلاپ.
    - ھوي...مەن دىگىنا راھەندى جوھوت!،-دەپ توۋلىدىم ئىت ئوغرىسى دېگەن قەلەندەرگە.
    - ۋاي مەن ئەمدى قانداق قىلاي!،- دەپ ئۆز-ئۈزىنى كاچاتلاشقا باشلىدى ئىت ئوغرىسى قىلغان ئىشىدىن پۇشايمان قىلىپ.
    - كىم سىنى دەستىنى سۇغار دېگەن؟،- دەپ ۋارقىرىدى چېقىمچى دەرھال ئىت ئوغرىسىغا تاپا-تەنە قىلىپ.
    - ئۇنداق بولسا ئورنىغا تىقىپلاۋاتاي ئاكا!...
    ئىت ئوغرىسى شۇنداق دىگىنىچە كەتمەننىڭ دەستىسىنى كەينىمگە چىنەپ يۇپۇرۇلۇپ كەلدى.
    - ۋوي توختا...خۇدا ھەققى ...ئەمدى دەستىنى تىقما، ئۇ ئۆلۈپ قالىدۇ!،- مەن شۇنداق دېگىنىمچە باشلىقنى يۈدۈپ بەدەر قاچتىم...
    -ئاكا توختا!
    - ۋوي ئىتنىڭ ھەققى، مىنى قوغلىما!
    - توختا دەيمەن ئاكا...توختا!...
    - خۇدا ھەققى!...ئۇنى تىقما!... ئىت ئوغرىسى!...
    - ئاكا يېرىمىنى تىقىپ بولدۇم، قانمۇ توختىدى!
    - ھاخ... خۇدايىم! ۋوي ...نېمە دەيسەن؟
    - خاتىرجەم بول، بىسىنى كەينىگە قىلىپ تىقتىم!
    «ئاھ خۇدا...بۇ ماڭا نېمە كۈن...غىچ ساراڭنىڭ ئارىسىدا قاپتىمەن ئەمەسمۇ...»
    ئۆرۈلۈپلا ئىت ئوغرىسىنى كۈچەپ تىپىپ باشلىقىنى يەرگە يېلىن ياتقۇزدۇم، كۆزلىرىمدىن ياشلار مارجاندەك ئاقتى...لىۋىمنى-لېۋىمگە چىشلەپ يېرىمى كىرىپ بولغان كەتمەننىڭ دەستىسىنى ئۇنىڭ كۆتىدىن ئاستا-ئاستا سۇغۇرۇپ ئالدىم، ئاندىن كۆزۈمدىكى ياشلارنى سۈرتكىنىمچە پايپىقامنى سېلىپ ئۇنىڭ بۇقۇلداپ قان ئېتىلىپ چىقىپ تۇرغان كۆتىنىڭ تۈشىكىگە تۈرمەللەپ تىقتىم...بىر جۈپ پايپىقام كات قىلمىدى...باشقا راھەندىلەرنىڭ پۇتىدا پايپاق بولمىغاچقا ئۇلار چاپان- كۆينەكلىرىنىڭ ئۇيەر-بۇيەرلىرىدىن قىيىندىلارنى چىقاردى...ئۇنىمۇ تۈرمەللەپ تىقتىم... ئاخىرى بۇلاقنىڭ ئېقىشى توختىدى...باشلىق كۆزىنى تەستە ئېچىپ ئېغىز ئاچتى:
    - توختى... پوكان... نەتىجە...بىزنىڭ...باشقىلار...بىلىپ قالمىسۇن!...
    ئۇنىڭ بۇ دەرىجىدە لاۋزىلىقىنى بىلمەپتىكەنمەن...بىر تۇرۇپ ئۆلسەڭ ئۆل دەپ ئۇنى تاشلىۋەتكۈم كەلدى...يەنە بىر تۇرۇپ يۈرۈگۈم ئېچىشتى...قانداقلا بولمىسۇن..تىرىك جان ئەمەسمۇ...
    ئاخىرى كۈزۈمدىن ئاققان ياشلارنى يېڭىم بىلەن سۈرتىۋېتىپ باشلىقىنى كۆتۈرگىنىمچە شەھەر تەرەپكە ئېلىپ ماڭدىم، قالغانلارمۇ ماڭا ئەگىشىپ كەينىمدىن ئۇپۇل-تۇپۇل يۈگۈرۈشۈپ مېڭىشتى...
    بىز تۆتىمىز باشلىقنى نۆۋەت بىلەن يۈدۈپ يۈرۈپ مىڭ بىر بالادا شەھەرلىك دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئەكىردۇق.
    كۆز ئەينەك تاقىغان دوختۇر بىزگە بىر نىمىلەرنى دېدى، بىز ئۇنىڭ نېمە دىگەنلىكىنى بىلەلمەي جەمشىتنىڭ مۈشۈكىدەك كۆزىمىزنى پارقىرتىپ قاراپ تۇردۇق، ئاڭغىچە بىر ئاق خالاتلىق تەرجىمان ئۇنىڭ گېپىنى بىزگە ئۆرۈشكە باشلىدى:
    - نېمە بولغان؟
    - شۇ ...شۇ...،- دېدىم ئۇ گەپنى دېيىشتىن خىجىل بولۇپ.
    - ۋاي نېمە شۇ؟
    - بۇ يەرگە قارىسىڭىزلا ھەممىنى بىلىسىز!،- دېدىم موتۇ ئوغرىسىنىڭ دۈمبىسىدىكى ھۇشسىز ياتقان باشلىقنىڭ قاناپ كەتكەن كۈتىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ.
    ئاق خالاتلىق تەرجىمان بىر نىمىلەرنى دىگەندىن كېيىن دوختۇر يۇقىرى گىرادۇسلۇق كۆز ئەينىكىنى ئوبدان بىر رۇسلىۋېلىپ باشلىقنىڭ كۆتىگە ئىڭىشىپ تازا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن تەرجىمانغا بىر نېمىلەرنى دەپ كولدۇرلىدى.
    - دەرھال ئىككىنچى قەۋەتكە ئاچىقىڭلار!،-دېدى تەرجىمان بىزگە جىددىي بۇيرۇق قىلىپ.
    بىز باشلىقنى يۈدۈپ ئىككىنچى قەۋەتكە ئاچىقتۇق، بىزنىڭ كېسەل ئېلىپ چىققىنىمزنى كۆرگەن سېسترا قىز كارىدوردا تۇرۇپ دەرھال دوختۇرنى چاقىرغاچ بىزنى ياندىكى بىر ئۆيگە باشلاپ ئەكىرىپ كېسەلنى تەكشۈرۈش كارۋىتىدا ياتقۇزۇشقا بۇيرىدى. ئاندىن بىزگە ئېيتتى:
    - بىز ھەربىي-ساقچىلارغا ئالاھىدە مۇلازىمەت قىلاتتۇق، ھەر نېمە بولسا بۆلۈم مۇدىرىمىز بار ۋاقتىدا كەپسىلەر، كېسەلنى مۇدىرىمىز ئۆزى كۆرسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ!
    ئۇ شۇنداق دىگىنىچە مۇدىرىنى چاقىرغىلى چىقىپ كەتتى، بىزمۇ جىددىيلەشكىنىمزىدىن ئۇنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ مۇدىر ئىشخانىسىغا تەڭ كىردۇق، ئىشخانىغا كىرىشىمىز ئاق خالاتلىق ئايال مۇدىرنىڭ يانچۇقىغا بىرسى پۇل تىققىلى تۇرۇپتىكەن، ئۇلار بىزنى كۆرۈپ قىلىپ ھۇلۇق-مولۇق جىم بولۇپ قېلىشتى.
    سېسترا بىر نېمىلەرنى دېگەن ئىدى، ئايال مۇدىر ئۈستەلدىكى كۆز ئەينىكىنى تاقاپلا تەكشۈرۈش ئۆيىگە قاراپ ماڭدى، مەن كارىدوردا ماڭغاچ سېسترا قىزدىن سورىدىم:
    -بايامقى يىگىت مۇدىرنىڭ ئىرىمۇ؟
    - ياق ئۇ دېگەن تۇغۇت بوخچىسى ساتىدىغان دورا سودىگىرى!،- دېدى سېسترا قىز ماڭا ئاستا پىچىرلاپ.
    -ئەمىسە مۇدىرنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدا ئەشۇنداق خىزمەت سومكىسى كۆتۈرۋالغانلاردىن يەنە ئۈچ-تۆتى تۇرىدۇيا؟
    - ھەممىسى دورا سودىگىرى!
    مۇدىر بىزنىڭ كۇسۇرلاشقانلىقىمىزنى بىلگەندەك سېسترا قىزغا ئالىيىپ قۇيۇپ باشلىق ياتقۇزۇلغان ئۈيىگە كىرىپ كەتتى.ئۇ كارىۋاتتا بىھوش ياتقان باشلىققا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ئەگىشىپ كىرگەن تۆتىمىزگە قاراپ يەنە بىر نېمىلەرنى دېگەن ئىدى، ئاڭغىچە سېسترا قىز بىزدىن سورىدى:
    - قايسىڭلار ئۇنىڭ ئىگىسى؟
    - بىز!
    تۆتىمىز تەڭلا جاۋاب بەردۇق.
    - ئۇنىڭ يېنىدا بىرسىڭلار تۇرۇشۇڭلار كېرەك!
    قېشىمدىكى ئۈچى دېيىشىۋالغاندەك ماڭا تەڭ ئۆرۈلۈپ قاراشتى. بۇنى كۆرگەن سېسترا قىز ماڭا قاراپ ئېيتتى:
    - ئۇنداق بولسا سىز قېلىڭ!
    مەن باشلىقنىڭ يېنىدا قالدىم، قالغان بۇ ئۈچ ئەبلەخ بىر-بىرسىگە كۆز بېقىشىپ مۇدىرنىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭ قۇلىنى چىڭ تۇتۇپ ئۇنىڭغا رەھمىتىنى بىلدۈرۈشتى، ئارىمىزدىكى ھېلىقى چېقىمچى تېخى كۆز يېشى قىلىپ ئۇ ئايال مۇدىرنى قۇچاقلاپمۇ قويدى، ئۇلارنىڭ بۇنداق قىزغىن خوشلاشقىنىغا قاراپ ئېغىزىمنى تۇتۇپلا قالدىم، چۈنكى بۇ ئۈچى ئاللاقاچان مۇدىرنىڭ يانچۇقىنى قۇرۇقداپ بولغان ئىدى.
    - قانچە ئايلىق بولغان؟،-دەپ سورىدى سېسترا قىز مۇدىرنىڭ گىپى بويىچە مەندىن.
    - نىمىگە؟
    - ئايالىڭىزنىڭ قورسىقىغا؟
    - ئايالىڭىزنىڭ؟...
    - شۇنداق، ئايالىڭىزنىڭ قورسىقىغا قانچىلىك بولغان؟،-سورىدى سېسترا قىز تېخىمۇ ئۈنلۈك قىلىپ.
    « نېمە دەيدۇ ماۋۇ ساراڭ...كۆزىگە بىر نېمە كېرىپ كەتتىمۇ بۇنىڭ...»
    - ۋوي ئۇ مىنىڭ ئايالىم ئەمەس، ئۇ دېگەن بىزنىڭ باشلىق!
    - سىلەر ئەرلەر ھەمىشە خوتۇنلىرىڭلارنى باشلىق دەۋالىسىلەر!،-دېدى سېسترا قىز كۈلگىنىچە ئېغىزىنى تۇتىۋېلىپ.
    - ۋوي نېمە دەيدىغانسىز...بۇ بىزنىڭ تۈرمىدىكى باشلىقىمىز شۇ!
    - سىلەر ھەمىشە قىزلارغا ئۆزەڭلار تەكلىپ قۇيىسىلەر، توي قىلىپ بولغان ھامان ئۆينى تۈرمىگە ئوخشىتىۋالىسىلەر! بەك قىزىق...
    ئاڭغىچە ئايال مۇدىر باشلىقنىڭ تامبىلىنى سالدۇرۇپ پۇتىنى تەكشۈرۈش كارۋاتنىڭ ئىككى يېنىدىكى جازىغا بىردىن ئېلىپ چاترىقىنى كەرىدى ھەم كىچىك بالىنىڭ سۇنىيىدەك بىر نىمىنى باشلىقنىڭ سېمىز قۇرسىقىدا ئۇيان-بۇيان يۆتكەپ بىر نىمىنى تىڭشاشقا باشلىدى...
    - بالىنىڭ يۈرەك سوقۇشى ئاجىزكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بالا تەتۈركەن!،-دېدى سېسترا قىز دەرھال مۇدىرنىڭ گېپىنى تەرجىمە قىلىپ.
    بۇ گەپنى ئاڭلاپ بېشىم پىقىراپ ئىشخانىنىڭ ئىچى چۆرگىلەشكە باشلىدى.
    «ئاھ ... خۇدا... ئەمدى بۇ نېمە كارامەت... چۈشۈممۇ-يا... ئۇڭاممۇ-بۇ...»
    - بالا تەتۈركەن!... ۋوي چاقچاق قىلمايۋاتقانسىز؟
    - كىم چاقچاق قىپتۇ، بىزنىڭ مۇدىر دېگەن دوختۇرخانىمىز بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن تۇغۇت بۆلۈم مۇتەخەسىسى جۇمۇ، مەخسۇس ئىچكىرىدىن كەلگەن ئاكىشور!
    - ئىچكىرىدىن كەلگەن ئاپشاركا؟
    -ۋاي قۇرۇق گەپنى قۇيۇڭ! مۇدىر بالىنىڭ بىر پۇتى چىقىپ قاپتۇ دەيدۇ!
    - ئوخخو ...ۋوي ئەمدى نېمە پۇتكەن ئۇ؟
    - ئەسلى بالا بېشىدىن تۇغۇلسا ئاندىن ئوڭ بۇلاتتى، ھازىر بالا تەتۈر كىلىپ قالغاچقا شۇڭا بىر پۇتى چىقىپ قالغان گەپ، ئىشەنمىسىڭىز ئۆزىڭىز كىلىپ قاراپ بېقىڭ!
    «تويە مانا...بۇرۇت ساقالنى ئۆلگۈدەك قىرغانغا باشلىق غۇجام...بۇرۇت –ساقال بولمىسا چىرايىڭدىن ئەر ياكى ئاياللىقىڭنى بىلگىلى بولمىسا... بار يوقنىڭ ھەممىنى يەپ قۇرسىقىڭ تېخى توققۇز ئايلىق بولغان ئايال كىشىنىڭ قۇرسىقىدەك چىقىپ قالغان تۇرسا...نەگىلا بارساق كۆز ئەينەك تاقىۋالغان ئۇلۇغ خان-غوجىلىرىم، يا گېپىمىزنى ئۇقالمىسا...بۇلار تېخى پوقنى ئىككىگە بۆلەلمىسە...»
    - ۋاي مەن قارىمىساممۇ بىلىمەن!،- دېدىم ئاچچىقىمدا مۇدىرغا ۋارقىراپ،- ئۇ دېگەن بالىنىڭ پۇتى ئەمەس...
    ئاڭغىچە مۇدىر دېگەن ساراڭ قېرى بالىنى تارتىپ ئالماقچى بولۇپ بالىنىڭ پۇتىنى كۈچەپ تارتىشقا باشلىدى، بىچارە باشلىق ئاغرىققا چىدىيالماي چىرقىراپ توۋلاپ كەتتى:
    - ۋاي...پوكان...بۇ ... قەيەر...؟
    - بۇ...بۇ...ۋاي ... بۇ زادى قەيەر؟،-دەپ سورىدىم مەنمۇ بۇلۇۋاتقان ئىشلارغا قاراپ ھېچنېمىسىنى بىلەلمەي.
    - بۇ دېگەن تۇغۇت بۆلۈم!،-دەپ ۋارقىرىدى بالىنى تارتىپ ئالالمىغان مۇدىر جىلە بولغىنىدىن ماڭا ۋارقىراپ.
    - خۇدا ھەققى... توختى پوكان... مەن ئۆزۈم تۇغاي... مەن خوش بۇلاي... ئۇنىڭغا-دە... ئۆزۈم تۇغاي... ئۇنى ئۇنداق سوزمىسۇن!،-دېدى بىچارە باشلىق كارۋاتتىن بېشىنى كۆتۈرگۈدەك ھالى يوق ۋارقىراپ يىغلاشقا باشلىدى.
    - ئەمدى ئۇنى تارتما ئالۋاستى قېرى!،-دەپ ۋاقىرىدىم مەنمۇ كۈزۈمدىن دەريادەك ياش ئاققۇزۇپ چاترىقىمنى چاڭگاللىغىنىمچە باشلىققا ئىچىم ئاغرىپ.
    - تارتمىساق بالا چىقمايدۇ، بالا تۇنجۇقۇپ قالسا ئۆزۈڭ ئىگىمۇ؟،-دەپ ۋارقىرىدى مۇدىر بالىنىڭ پاچىقىنى ئىككى قۇلى بىلەن تېخىمۇ كۈچەپ تارتىپ ئىنجىقلىغىنىچە.
    -ئۆلسە ئۆلسۇن... ۋۇ نائەھلى... بۇ دېگەن ئەركىشى تۇرسا!...،-ۋارقىرىدىم كارىدۇرنى بېشىمغا كىيگۈدەك قىلىپ باشلىقنىڭ نالىسىغا چىدىماي.
    - نېمە....نېمە؟...
    مۇدىر شۇنداق دىگىنىچە كۆز ئەينىكىنى قايتىدىن ئوڭشاپ قايتا بىر تەكشۈرۈش قىلغاندىن كېيىن شۇ يەردە ۋارقىراپ يىغلىغىنىچە ئۆزىنى پولغا ئېتىۋەتتى...ئاڭغىچە سېسترا دېگەن نايناقمۇ ئىشنىڭ تېگىنى بىلىپ «ۋاي ئانا!» دىگىنىچە مۇدىرى بىلەن تەڭ ئۆزىنى پولغا ئېتىپ يۇمىلىنىشقا باشلىدى...
    دەل شۇ چاغدا ئىشىك ئېچىلىپ ناھايىتى كىلەڭسىز بىر سېمىز ئايال ئىشىك ئالدىدا پەيدا بولدى، ئۇ پولدىكى يىغلاۋاتقان مۇدىر بىلەن سېسترا قىزغا تازا بىر سىنچىلاپ قارىۋەتكەندىن كېيىن ئۆزىنى ئىشخانا ئىچىدىكى پولغا ئېتىۋېتىپ ھۆركىرەپ يىغلاشقا باشلىدى:
    - ۋاي توختى!...مىنى ھاقارەت قىلغان خوتۇن ئاشۇ شۇ...
    «توختى؟...ئوخخو...ماۋۇ ئىشنى...ئەمدى بۇ كىمتۇ... مىنىڭ ئىسمىمنى چاقىرىپ يۈرۈيدا... بۇ خوتۇن مىنىغۇ كۆرسەتمىگەندۇ...»
    ئىشكتىن بۇرۇت –ساقىلى مايلىشىپ كەتكەن تۈگىدەك بىرسى ئۆردەكتەك ئىرغاڭلىغىنىچە يۈگۈرۈپ كىرىپ كەلدى-دە يەردە يىغلاپ ئولتۇرغان ھېلىقى سېمىز خوتۇندىن سورىدى:
    - سىنى تىللىغىنى زادى قايسى؟
    ئۇنىڭ مۇشتلىرى تۈگۈلۈپ كەتكەن بولۇپ كۆزلىرىدىن دەھشەتلىك قان تامچىلايتتى.
    - ئەنە ئاۋۇ شۇ!،-دەپ ۋارقىرىدى ئۇ خوتۇن قۇلىنى بىز تەرەپكە سۇنۇپ يىغلىغىنىچە.
    ئۇ ئەبلەخ يېنىدىكى مۈڭگۈز دەستىلىك پىچاقنى شارتتىدە سۇغۇرۇپ ئېلىپ ئالدىمغا كەلگىنىچە ياقامنى چىڭ بوغدى...
    - سەن بىر ئەركىشى تۇرۇپ خوتۇنۇمغا ھاقارەت قىلغۇدەك بولدۇڭما؟،-دەپ ۋارقىرىدى ئۇ ئەبلەخ بوم ئاۋازىنى تىتىرىتىپ ماڭا خىرقىرىغىنىچە.
    - ئاكا...مەن...مەن...،- دىدىم قورققىنىمدىن ئىشتىنىمغا سىيگۈدەك بولۇپ.
    - ۋاي توختى...مىنى تىللىغىنى ئۇ ئەمەس...ئاۋۇ يەردە يىغلاپ ئولتۇرغان ئىنجىمارۇق ئالۋاستى شۇ!
    ئالدىمدىكى بۇ «سېمىز توختى» ئۇ گەپنى ئاڭلاپ مىنى قۇيۇۋەتتى-دە پىچىقىنى غىلابىغا سېلىۋېتىپ يەردە يىغلاپ ئولتۇرغان سېسترا قىزنىڭ ياقىسىنى بوغقىنىچە يەردىن دەس كۆتۈرۈپ ئالدى:
    - ئېيتە قانجۇق، خوتۇنۇمنى نېمىشقا تىللىدىڭ؟
    - مەن ...مەن...كىمنى تىللاپتىمەن؟،-دېدى سېسترا قىز يىغىسىنى دەرھال توختىتىپ ئىشىك تۈۋىدە يىغلاپ ئولتۇرغان سېمىز خوتۇنغا قاراپ.
    - مىنى بايام شۇنچە جىق كىشىلەرنىڭ ئالدىدا «پوتەي،پوتەي!» دەپ تىللىمىدىڭما، مىنىڭ سېمىزلىكىم سىنىڭ قەيىرىڭگە تاقاشتى؟،- سېمىز خوتۇن شۇنداق دىگىنىچە ئاۋازىنى قۇيىۋېتىپ تېخىمۇ ئۈن سېلىپ يىغلاشقا باشلىدى.
    - شۇنى دەيمىنا؟!،-دەپ كالىدەك ھۆركىرىدى خۇتۇنىغا ئامراق توختى تېخىمۇ غەزەپلىنىپ،- بىز سەندىن ئاش-نان سورىمىغاندىكىن، قانداق يىسەك ئۆزىمىزنىڭ ئىشى، نېمە دەپ خوتۇنۇمغا «پوتەي» دەپ ھاقارەت قىلىسەن-ھە؟ پوتەي بۇلامدۇ-ئىستىھكام بۇلامدۇ سىنىڭ نېمە ئىشىڭ؟
    «سېمىز توختى » سوئال-سوراقنى كۈچەيتتى، بىر چاغدا قەرنەگە ئېسىلىپ قالغان سېسترا قىز كۈلۈپ كېتىپ ئېغىز ئاچتى:
    - ۋوي ئاكا! مەن خوتۇنىڭىزنى تىللىمىغان، ئۇنىڭ قورسىقىغا يەتتە ئايلىق بولۇپتىكەن، بالا چۈشۈپ كېتەي دەپ قاپتۇ، بىز بۇنداق كېسەلنى «ھامىلىنى ساقلاپ قېلىش» دېگەن مەنىدە خاڭسۇچە «باۋتەي» دەپ ئاتايتتۇق، بايام باش دوختۇر كەلگەندە مەن ئۇنىڭغا «باۋتەي» دىن بىرسى كەلدى دەپ ئۈنلۈكرەك دوكلات قىپتىمەن... خۇتۇنىڭىز يۈزىنى تۇتۇپ يىغلاپ چىكەتكەندەك قىلىۋىدى سىزنى باشلاپ كىرىپتۇ ئەمەسمۇ؟
    - ھەرقايسىڭنىڭ ئانىسىنى بوۋتەي ئېلىشمىغاندىكىن، زۇۋانىڭنى ئوڭشاپ يۈرۈش قاسماقلار! ئۆتكەندە دىسە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدىغان سىڭلىم سالامەتلىك تەكشۈرتكىلى كەلسە سەن خەق «ب تىپلىق جىگەر» ياللۇغى دېگەن گەپنى ئوڭشاپ دېيىشەلمەي «يىگەن، يىگەن» دىيىشىپ شۇنچە جىق ساۋاقداشلىرىنىڭ ئالدىدا «تەكشۈرۈشتە يىگەن چىققان قىز سىزمۇ؟» دەپ داۋراڭ قىلىشىپسەن...سىڭلىمنىڭ ساۋاقداشلىرى سىڭلىمنىڭ ئۈستىدىن «ئۇ يىگەن چىقىپتۇ... يەپتىكەن...يەپ ساپتىكەن» دىيىشىپ گەپ تېپىپتۇ... تاس قالدى ئۇ ئېسىلىپ ئۆلىۋالغىلى... يەنە شۇنداق زۇۋانىڭدىن پوق ئېقىتىپ يۈرۈشسەڭ... ھەممىڭنىڭ تىلىنى مۇشۇ پىچاق بىلەن كېسىۋېتىمەن!
    ئىچىمدە ئانا تىل شىركىتىنىڭ ھەسىلىنى يىگەن بۇ«سېمىز توختى»غا خېلى ھۆرمىتىم كەلدى، بىردەملىك غەللە-غۇدۇردىن كېيىن بىزمۇ خۇدا ئۇرغان بۇ جايدىن باشلىقىمىزنى يۈدۈپ دەرھال تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە يۆتكەلدۇق.
    كەچكە يېقىن تۆتىمىز كامېرغا قايتىش ئۈچۈن تۈرمىنىڭ ئالدىغا كەلسەك ھېلىقى كېپەن ئوغرىسى قۇلىغا كويزا سېلىنغان ھالدا تۈرمە دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرۇپتۇ، بۇنى كۆرگەن يېنىمدىكىلەرنىڭ گۈل-قەقەلىرى ئېچىلىپ تۇخۇنىڭ چۈجىسىدەك چۇكۇلداشقا باشلىدى:
    - خوپ بۇپتۇ بۇ قەلەندەرگە!
    - دىمىدىممۇ ئۇنى تۇغما ئوغرى دەپ!
    - توختا باشلىقتىن بىر سوراپ باقاي ئۇ زادى نېمە بولۇپ كىرگەندۇ!،-يېنىمدىكى ئىت ئوغرىسى ئالدىراپ ئالدىمىزدىكى كېپەن ئوغرىسىنى ئېلىپ مېڭىۋاتقان گۇندىپايغا يېتىشىپ ئۇنىڭغا ھىجايدى:
    - دوكلات باشلىق!
    - نېمە دەيسەن ئوغرى!
    - بۇ كاساپەتنى يەنە مازارلىقتىن تۇتىۋالدىڭلارمۇ؟
    - ئۇنىڭغا ھاقارەت قىلما، ئۇ دېگەن ھازىر داڭلىق سېھرىگەر!
    - سېھرىگەر؟
    - ئەتتىگەن تۈرمىدىن چىقا-چىقماي دەرۋازا ئالدىدىكى بىرسىنىڭ كالىسىنى ئوغۇرلاپ يېرىم يولدا ئۇنى قاسساپقا سېتىپتۇ، ئارقىدىن بازاردىكى دۇكانلارنى تېخى ئاچماستا قاتارى بەش-ئالتە دۇكاننى ئەرەختە-پەرەختە قىلىپ ئۇنىڭغىمۇ قانماي ئاشلىق بازىرىدىكى بىر مۇنچە دىھقانلارنىڭ پۇللىرىنى جايلاپتۇ، مانا ئەمدى بۇنىڭ قېشىدا يا نەخ پۇل يوق، يا زاڭ مال يوق، سېھرىگەرنىڭ ئۆزىكەن-بۇ!
    باشلىقنىڭ گىپىگە قىزىقىپ مەنمۇ دەرھال يۈگۈرۈپ بېرىپ ھېلىقى«سېھرىگەر»دىن سورىدىم:
    - ئالدىدىكى ئىككى ئىشنىغۇ بۇپتۇ قىلغانسەن، ئاشلىق بازىرىدىكى ئىشنى قانداق قاملاشتۇردۇڭ، سىنىڭ كەسپىڭ ياكى يانچۇقچىلىق بولمىسا ...
    - ۋوي نېمە دەيدۇ ماۋۇ!،- دېدى كېپەن ئوغرىسى مىنىڭ گىپىمنى ياراتمىغاندەك ئېغىزىنى مايماقشىتىپ،- تۈرمىدە بىكار ياتمىدۇق بىز، يېنىمدىكىلەر ئوغرىلارنىڭ پىرى تۇرسا ھۈنەر-پۈنەر دىگەننى يىڭىلاپ تۇرىمىز!... ئىسلاھات دەۋرى بۇ!
    - ۋاي قانداق جايلىدىڭ؟،-دېدىم ئۇنىڭ گىپىگە ئانچە ئىشەنمەي.
    - ئاشلىق بازىرىغا باردىم ئاندىن ئادەملەر تازا يېغىلغان جايغا كىلىپ ئۆزۈمنى- ئۆزۈم ئىككىنى كاچاتلاپ «پۇلۇمنى يانچۇقچى ئېلىۋاپتۇ جامائەت...ۋاي ئىست پۇلۇم!...ۋاي ئىسىت پۇلۇم!...» دەپ بىرلا ۋارقىرىغان ئىدىم، يانچۇقىدا پۇلىسى بار ئاخماقلار دەرھال پۇل سالغان يەرلىرىنى تۇتۇپ بېقىشتى، بەزى پوكانبايلار تېخى پۇللىرىنى بىر يانچۇقىدىن ئېلىپ يەنە بىر يانچۇقىغا سېلىشىپ يۈرىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ھەرىكەتكە ئۆتمەمتىمكى!
    - قانداق بولۇپ تۇتۇلۇپ قالدىڭ؟،-دەپ سورىدىم گەپنىڭ ئاخىرىغا قىزىقىپ.
    - ۋاي قانداق بولۇپ تۇتىلاتتىم، تۈرمىدە ئۇزۇن يېتىپ بەدىنىمنى پىت بېسىپ كىتىپتۇ، تازا بىر يۇيۇنىۋالاي دەپ مۇنچىغا كىرسەم، كىيىم ساقلايدىغان قاتار-قاتار ئىشكاپلار كۆزۈمگە چېلىقىپلا تۇرىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن ئالقىنىم قىچىشىپ چىدىيالماي ئامبۇرنى قۇلۇمغا ئالدىم-دە ھەممىسىنىڭ ئېغىزىنى ئېچىۋەتتىم، بۈگۈن مۇنچىغا چۈشكەنلەرنىڭ ھەممىسى قەلەندەر –ھابدالكەن، يانچۇقىنى تەتۈرسىگە ئۆرىۋەتسەممۇ بىر تىيىن چىقمىدى... ئاخىرى بىر كىيىم ساقلاش ئىشكاپىدا ساقچى كېيىمى تۇرىدۇ، شۇنى بولسىمۇ ئېلىپ ئۇچامغا كىيىۋالدىم، ئەينەككە قارىسام يېڭى خىزمەت كىيىمىم ماڭا شۇنداق يارىشىپتۇ ئاندىن مۇنچىنىڭ ئالدىدىكى دۇكاندىن بىر جۇپ ئاق پەلەينى سېتىۋالدىم-دە دەرھال خىزمەتكە ئاتلاندىم!
    - ساقچى كىيىمى بىلەن ئوغرىلىق قىلدىڭما؟،-دەپ سورىدىم ئۇنىڭ گىپىدىن ئەجەبلىنىپ.
    - شۇنداق، قاتناش ساقچىسى بولۇپ چوڭ يولدىكى ماشىنىلارنى بىردەم توسقان ئىدىم، توسقانلىكى ماشىنا يۈز سومدىن تاشلاپ ماڭدى!
    -ۋوي ئۇنداق ئاسان ئىش يوقتۇ؟
    - ۋاي ئاسان ئىشكەن ئۇ، ئاۋۋال ماشىنىنى توسىدىكەنسەن، ئارقىدىن كىنىشكە دەپ سورايدىكەنسەن، شوپۇر كىنىشكىنى تەڭلەيدىكەن، مەن كۆزۈمنىڭ پاختىسىنى چىقىرىپ ئۇنىڭغا يەنە«كىنىشكە!» دەپ ۋاقىرايدىكەنمەن، ئۇ ئاستا ماشىنىدىن چۈشۈپ كىنىشكىنىڭ ئارىسىغا يۈز سومدىن بىرنى قىستۇرۇپ كىنىشكىسىنى تەڭلەيدىكەن، مەن كىنىشكىگە قارىغان بولۇپ ئارىسىدىكى پۇلنى چۆنتەككە سالىدىكەنمەن... ئۇنىڭ كەينىدىكى ماشىنىلارنى مەن توسمىساممۇ ئۆزىچە توختاپ يۈز سوملۇق كىنىشكىنى تەڭلەۋەردىكەن... ئىسىت!... ئىسىت!.. ياخشى ئۇقۇپ قاتناش ساقچىسى بولمىغىنىمغا مىڭ بىر پۇشايمان...ناۋادا خېزىر ئۇچراپ قېلىپ مەندىن نېمە تەلىپىڭ بار دەپ سوراپ قالسا «مىنى پەقەت بىر ھەپتە قاتناش ساقچىسى قىلىپ قويساڭ!» دەپ تىلەر ئىدىم...مەن بىر ھەپتە قاتناش ساقچىسى بولىۋالسام ئارقىدىن قايناۋاتقان بىر قازان ياغقا سەكرىگىن دىسىمۇ سەكرەيتتىم...
    - قانداق بولۇپ تۇتۇلدۇڭ دەيمەن؟
    - قانداق بولۇپ تۇتىلاتتىم، ئالى دەرىجىلىك بىر كىچىك ماشىنىنى توسۇپتىمەن، ئۇنىڭ شوپۇرى بولغان گۇي كىنىشكا دىسەممۇ يېنىدىكى بىرسىنى كۆرسىتىپ كۈلۈپ تورىدۇ، ئەمىسە پۇل ئال دىسەممۇ يېنىدىكى بىرسىنى كۆرسىتىپ كۈلۈپ تورىدۇ، ئاچچىقىمدا شوپۇرنىڭ قېشىدا ئولتۇرغان ئۇ بىرسىگە پۇل ئال دەپ ۋارقىراپتىمەن، ئۇمۇ ماڭا قاراپ بېشىنى لىڭىشتقىنىچە سېرىكچىنىڭ گاچىسدەك  كۈلۈپلا ئولتۇرىدۇ، ۋاي كىمنى زاڭلىق قىلىدۇ دەيمەن ماۋۇ تاز... ئاچچىقىم دېگەن كەلمەسمۇ...ۋاي...ۋاي...يەردىن مۇشتۇمدەك تاشنى ئېلىپ سالدىم دىگىنە خام كاللا پاينەكۋاش تازنىڭ بېشىغا... كاللىسىدىن ئوقتەك قان كەتمەسمۇ ئۇنىڭ...يەن كۈلە ھە!... يەنە ھىجىيىپ ئولتۇرە!... ئاچچىقىمدا قۇلۇمدىكى تاش قۇم بولۇپ كەتكۈچە سالدىم يۈز كويغا چىدىمىغان ئۇ پاخشەك تازنىڭ بېشىغا... يۈز سوم پۇل ئۇنىڭ ئانىسىمىكەن يا؟!...شۇنداق قىلىپ ئۇ تازنىڭ كاللىسى خېمىر قىلىۋەتتىم دەڭلا...بىر چاغدا بىرسى بېشىمغا تاپانچىدەك بىر نىمىنى تەڭلەيدۇ...قارىسام شوپۇر دېگەن گۇي... ئەسلىدە ئالدىمدا چالا ئۆلۈك بولۇپ ياتقىنى قاتناش ساقچىسىنىڭ ئەڭ كاتتىسىكەن ئەمەسمۇ!...
    - «ئۆلگۈسى كەلگەن چاشقان مۈشۈكنىڭ قۇيرۇقىنى چىشلەپتۇ» دېگەن مۇشۇدە،- دېدى ياندا ئۇنىڭ گېپىنى تىڭشاپ تۇرغان گۇندىپاي كۈلۈپ كېتىپ،-ئوغرىلىق قىلىشتىن نومۇس قىلساڭچۇ –ھەي!
    - نامراتلىق يامان تۇرسا باشلىق!،-دېدى كېپەن ئوغرىسى ھېچ ئىش بولمىغاندەك باشلىققا قاراپ.
    - يەر تېرىغىن، تىجارەت قىلغىن، ئاڭلىسام سەنمۇ تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپتىكەنسەن، بىرە ئىش قىلساڭ بولىدىغۇ!،-دېدى باشلىق ئۇنىڭغا تەنبىھ بىرىپ.
    - يەر تېرىغىن، تىجارەت قىلغىن دەپ كەتكىنىنى تېخى، تۈفىي!
    - سەن قاراقچى تېخى ماڭا گەپ ياندۇرۋاتىسىنا؟!
    - يەر تېرىغىلى مىنىڭ قانچىلىك يىرىم بولسۇن، بىز بەش جاننىڭ ھەممە يىرى ئاران بەش موغا بارمىسا....بەش مو يەردىن قانچىلىك ھوسۇل چىقىدۇ..تېرىغىنىڭ گېلىڭغا يەتمىسە!
    - ئۇنداقتا ئوغرىلىق قىلغىنىڭ توغرىمۇ؟
    - كىم توغرا دەپتۇ؟
    - ئەمىسە ئوغرىلىق قىلما!
    - ئەمىسە بىزگە تېرىيدىغانغا يەر تېپىپ بەر!
    - مەن قانداق تاپىمەن؟
    - ئامال قىلمامسەن؟
    - ۋاي قانداق ئامال؟
    - سەن ئونىۋېرسىتېتتا ئوقۇغانمۇ ياكى سەي ساتقان يەردىن ئىشقا ئورۇنلاشقانمۇ؟
    - ئاكاڭ قارغاي ئونىۋېرسىتېتتا ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ ئۇقۇغان جۇما ئوغرى!
    - ئەمىسە سەندىن سوراي!
    - نىمىنى؟
    - شىنجاڭنىڭ يەر كۆلىمى چوڭمۇ؟
    -دۆلىتىمىز ئىچىدە بىرىنىچى ئۇرۇندا تۇرىدۇ!
    - بۇ ئۇمۇمى كۆلەمنىڭ ئىچىدە ئىنسان ياشاشقا مۇۋاپىق دەپ قارالغان بوستانلىق قانچىلىك؟
    - تەخمىنەن بەش پىرسەنت!
    - دېمەك بۇ بەش پىرسەنت بوستانلىقنىڭ قانچىلىكى ئاپتونوم رايون نوپۇسىدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ قولىدا؟
    - تەخمىنەن يىگىرمە پىرسەنتىدىن سەل ئارتۇقراقى!
    - قالغان سەكسەن پىرسەنتىگە يېقىنىچۇ؟
    - دىۋىزىيىنىڭ قولىدا!
    - دىۋىزىيىنىڭ نوپۇسى قانچىلىك؟
    - تەخمىنەن ئىككى يېرىم مىليون!
    - قالدى ۋىلايەت، ئوبلاسىت، شەھەردىكى ئومۇمى نۇپۇسچۇ؟
    - تەخمىنەن يىگىرمە ئىككى مىليون ئەتراپىدا!
    - شىنجاڭدىكى تېرىلغۇ يەرنىڭ ئەللىك پىرسەنتى دىۋىزىيىنىڭ قۇلىدا توغرىمۇ؟
    - توغرا دېدىڭ، تېرىلغۇ يەرنىڭ قالغان ئەللىك پىرسەنتى ھەرقايسى ۋىلايەت-ناھىيىلەردىكى دېھقان چارۋىچىلارنىڭ قۇلىدا!
    - دېمەك بىزنىڭ مۇشۇ يەردىكى دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەر كۆلىمى ھازىر بىر موغا يەتمەيدۇ، توغىرمۇ؟
    - بۇ يەرنىڭ بىرموغا  يەتمىگەن بىلەن  ئاپتونوم رايون بويىچە ھېسابلىساق ئۈچ موغا يېقىنلاپ قالدۇ...
    - دىۋىزىيىدىكىلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەر كۆلىمى ئەللىك بەش مو ئەتراپىدا، توغرىمۇ؟
    - بۇ دېگىنىڭ توغرا كېپەن ئوغرىسى!
    - ئۇنداق بولسا سەن بۇ تەلىپىمىزنى يۇقىرىغا يەتكۈزۈپ بىزنىڭ  نوپۇسىمىزنى دىۋىزىيىگىلا  ئۆتكۈزۈۋەت! بىزنىڭ تېرىيدىغان يېرىمىز كۆپرەك بولسا، بىزمۇ بۇنداق ئوغرىلىق قىلىپ يۈرمىسەك، قانداق دەيسەن؟
    - بۇ مىنىڭ قۇلۇمدىن كېلەمتى ھەي تىگى پەس ئوغرى!
    - ئەمىسە يەر تېرىشنىڭ گېپىنى ئاز قىل!
    - ۋۇ كۇسپۇرۇچ....سەن تېخى مىنى سەنلىگۈدەك بولدۇڭما...ئەمدى بۇنى كۆر!
    گەپتە يىڭىلگەن باشلىق شۇنداق دىگىنىچە قۇلىدىكى بىر بېشى ساڭگىلاپ قالغان قارا رەزىنكە كالتەك بىلەن كېپەن ئوغرىسىنى تازا سېلىشقا باشلىدى.
    - ۋوي باشلىق ئاكا، ئەمدى مەن گەپ قىلماي!،-دەپ ۋارقىرىدى كېپەن ئوغرىسى يەردە تىزلىنىپ قالغىنىچە قارا كالتەكنىڭ سۇنۇپ كەتكەن ئۇچىنى قۇلىدا چىڭ تۇتىۋېلىپ تۇرۇپ.
    - كالتەكنى قويىۋەت!،-ۋارقىرىدى باشلىق تېخىمۇ جىلە بولۇپ.
    - ئەمىسە ئۇرماڭ باشلىق...
    - قويىۋەت!
    - قويىۋەتسەم ئۇرىسىز...
    - قويىۋەت دېدىم قويىۋەت!
    باشلىق كالتەكنى تېخىمۇ كۈچەپ تارتىشقا باشلىدى، كېپەن ئوغرىسى ئاخىرى ئەبجەق كالتەكنىڭ ساڭگىلاپ تۇرىدىغان بېشىنى قۇيۇۋەتتى، ھاينى-ھۇيت دىگۈچە قارا كالتەكنىڭ بىر بېشى ئۇنىڭ قۇلىدىن ئاجراپ چىقىپ ئۇدۇل باشلىقنىڭ توڭكىيىغا  تەگدى، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە باشلىقنىڭ ئېغىزىدىن ئوقتەك قان كېتىپ ئىككى كالپۇكى تەكىيدەك پولتىيىپ چىقتى، ئارقىدىن كالپۇكىدىكى ئىششىق تىزلىكتە پىشانىسى تەرەپكە يامىراپ بىردەمدىلا ئۇنىڭ بېشى كۈپتەك چوڭىيىپ ھەتتا شەپكىسىمۇ پاتماي قالدى...
    مەن دەرھال يەردە چېچىلىپ ياتقان بەش-ئالتە تال چىشنى تۇپىنىڭ ئارىسىدىن مالتىلاپ ئېلىپ چىرايى تونۇغۇسىز بولۇپ كەتكەن باشلىققا قوش قوللاپ سۇندۇم، باشلىق يۈزىدىكى ئىششىقنىڭ يامانلىقىدىن كۆزىنى ئاچالماي ئىككى بارمىقى بىلەن بىر كۈزىنى كەرىپ ئېچىپ ئالىقىنىمدىكى چىشلارنى كۆردى ئاندىن ۋارقىرغىنىچە قۇلىدىكى كالتەك بىلەن مىنى سالغىلى تۇردى...
    دەل شۇ چاغدا سىرتتىن كىرگەن يەنە بىر باشلىق بىزنى ئۇرىۋاتقان باشلىققا توۋلىدى:
    - تىز بول نامازغا بارىمىز!
    - نامازغا... كىمنىڭ نامىزىغا؟،-سورىدى باشلىق بىزنى ئۇرۇشتىن توختاپ.
    - مۇشۇ تۈرمىمىزدىكى بىر بۇرادىرىمىز دوختۇرخانىدا ئۆلۈپ قاپتۇ!
    - ۋوي نېمە بولۇپ؟
    - تېرورچىلارنى تۇتىمەن دەپ خىزمەت ئۈستىدە يارلىنىپتۇ!،-باشلىق شۇنداق دىگىنىچە يان بىلىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى، ئاندىن بىز گە قاراپ ۋارقىرىدى:
    - قايسىڭنىڭ پۇت-قۇلى چاققان!
    - مىنىڭ چاققان باشلىق!،-دىدۇق ھەممىمىز بەس-بەستە بۇ تاياق يەيدىغان سورۇندىن كىتىشكە ئالدىراپ.
    - ھويلىنىڭ ئاچقۇچى ئىچىدىكى ياتاق ئۆيۈمدە قاپتۇ، ياتاقنىڭ ئىشىكى ئۇچۇق، بىرسىڭ كىرىپ ئاچقۇچنى سۇنغىن!
    - مەن كىرەي باشلىق!،-دىدۇق بەشىمىز تەڭلا خىزمەت كۆرسىتىشكە ئالدىراپ.
    باشلىق بەشىمىزگە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن ماڭا قاراپ بۇيرۇق قىلدى:
    - توختى پوكان سەن كىر!
    مەن تاياقتىن قۇتۇلغىنىمغا خوش بولۇپ نەچچە قەدەم نېرىسىدىكى خىزمەتچىلەر ياتىقىنىڭ ئالدىغا كىلىپ باشلىقتىن كۈلۈپ سورىدىم:
    - باشلىق!
    - نېمە دەيسەن پوكان؟
    - ھويلىغا قانداق كىرىمەن؟
    - تامدىن ئارتىلىپ كىرمەمسەن!
    «ئاھ خۇدا...تامدىن ئارتىلغىلى بۇ تام يا بىر كونا چىتلاق بولمىسا، شۇ تامغا چىقىپ سەكرەپ چۈشىدىغان گەپ...ھېلى تېخى تامدىن سەكرىگەن بىرسى قوڭىغا تۇۋاق قاداپ سۈنئى ھەمرا بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقان يەردە... مەن تامدىن سەكرەيمەن دەپ كۆتۈمگە  چىش سالدۇرۇپ يۈرمەي يەنە... ئەڭ ياخشىسى قوڭامنى غىت قىساي!...»
    - ۋاي جېنىم باشلىق مىنىڭ پۇتۇم تىگىدىن سۇنۇق، ئاۋۇ تۆتى مەخسۇس تامدىن سەكرەيدىغانلار، شۇنىڭغا بىر دەڭا!
    مەن شۇنداق دەپلا ئۇنىڭ قېشىدىن بەدەر قېچىپ بىر يانغا كىلىپ تۇرۇۋالدىم، باشلىق ماڭا تازا بىر ئالىيىۋەتكەندىن كېيىن قۇلىغا كويزا سېلىنغان كېپەن ئوغرىسىنى بىر يانغا سىلكىۋېتىپ قالغان ئۈچىگە ھۆرپەيدى:
    - قايسىڭ تامدىن سەكرەشكە ئۇستا؟
    - مىنىڭ لىپكىم چىكىتىپ ئەمدى ئوڭشالغان باشلىق!،- دەرھال جاۋاب بەردى موتو ئوغرىسى تىزىنى سىلاپ تۇرۇپ.
    - مىنىڭ پۇتۇمنىڭ بارمىقى تۇغۇلۇشۇمدىلا ئالتە ئىكەن باشلىق!.-دېدى ئىت ئوغرىسىمۇ ئايىغىنى سېلىپ پۇت بارمىقىنى باشلىققا چىنەپ.
    - خۇدا ھەققى... مىنىڭ داس سۈڭىكەممۇ مانا مۇشۇ يەردىن دەز كەتكەن!،-دېدى چېقىمچىمۇ تامبىلىنى تىزىغا چۈشۈرۈپ ئۈلگۈرۈپ.
    باشلىق ئۇلارغا قاراپ بېشىنى لىڭىشتىپ «خەپ...خەپ...سەن ئوغرىلارنى!» دىگىنىچە ھويلىنىڭ تېمىغا مايمۇندەكلا يامىشىپ چىقىپ كەتتى ئاندىن ئۆزىنىڭ نوچىلىقىنى بىزگە كۆرسىتىپ قويغاندەك بىزگە ھاكاۋۇرلارچە قاراپ قۇيدى، بىزمۇ ئۇنىڭ چەبدەسلىكىدىن ھەيرانلا قالدۇق ئاندىن ئۇ ھويلىنىڭ ئىچىگە«گۈپپىدە» قىلىپ سەكرىدى...
    لېكىن«گۈپ» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ باشلىقنىڭ «ۋايجان!» دېگەن چىرقىرىغان ئاۋازى تۈرمە ئاسمىنىنى بىر ئالدى، بىز تۆتىمىز ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق چىرقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ بىر-بىرىمىزگە قاراپ كۆزلىرىمىزنى چەكچەيتىشىپلا قالدۇق.
    تۇيۇقسىز ئارىمىزدىكى ئىت ئوغرىسى ئۆزىنىڭ پىشانىسىگە «پاققىدە» بىرنى سېلىپ يەردە زوڭ ئولتۇرغىنىچە ھۆركىرەپ يىغلاشقا باشلىدى...
    ئۇنىڭ بۇنداق ھازا ئاچقىنىنى چۈشىنەلمىگەن ئۈچىمىز تەڭلا ۋارقىرىدۇق:
    - ئەمدى ساڭا نېمە بولدى؟
    - دىگىلى بولمايدۇ!
    - ۋوي دىگىنە تىز!
    - ئەتتىگەن تال جاھازىسىنى ئوڭشىۋاتقاندا قۇلۇمدىكى كەكە چۈشۈپ كەتكەن!...
    - نەگە چۈشۈپ كەتكەن!
    - مۇشۇ ھويلىغا!
    « ئاھ ئۇلۇغ خۇدا... مىنى بۇ نەس باسقانلارنىڭ يېنىدىن قۇتقۇزغىن!... مىنى سۇلىساڭمۇ تېمى يوق... چىتلىقى يوق بىر يەرگە سۇلىغىن!... مىنى بۇنداق سەكرىگىلى ئامىراقلارنىڭ يېنىدىن نېرى قىلغىن!... ئۇلۇغ خۇدا...»
     
     
    (داۋامى بار)
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.