مېنىڭ قوشنام(غەيرەت ئاسىم)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-04 09:44:50

مېنىڭ قوشنام(ھېكايە)غەيرەت ئاسىم ناشتىدىن كېيىن قوتاننى تازىلاۋاتاتتىم. ئوقۇرنىڭ ئۈستىدە ئويناۋاتقان ياۋا كەپتەرلەر ھويلىدا ئازادە مېڭىپ يۈرۈۋاتقان قويلىرىمنى يورۇتۇپ تۇرغان قۇياش نۇرلىرى بى...

    مېنىڭ قوشنام(ھېكايە)
    غەيرەت ئاسىم


       ناشتىدىن كېيىن قوتاننى تازىلاۋاتاتتىم. ئوقۇرنىڭ ئۈستىدە ئويناۋاتقان ياۋا كەپتەرلەر ھويلىدا ئازادە مېڭىپ يۈرۈۋاتقان قويلىرىمنى يورۇتۇپ تۇرغان قۇياش نۇرلىرى بىلەن سۆيۈشۈۋاتاتتى. مەن كەپتەرلىرىمنىڭ روھىي  ھالىتىدىن ئۇلارنىڭ قۇياشتىن رازى ياشاۋاتقان ئەمەلىيىتىنى ھېس قىلدىم. شۇ تاپتا قوشنام ئەمىتىكام كۆز ئالدىمدا پەيدا بولدى.
     ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئەمىتىكا، ئۆيگە كىرەيلى، دېدىم مەن قولۇمدىكى گۈرجەكنى تامغا يۆلەپ قويۇپ، ئەمىتىكامنىڭ سالىمىنى قوبۇل قىلىپ.
    مەن ئەسلىدە ئەمىتىكامنى ئۆيگە كىرمەسمىكىن دەپ، تۇرغان يېرىمدىن مىدىرلىمىغانىدىم. قارىسام، ئەمىتىكام ئۆي تەرەپكە قاراپ قەدەم تاشلىدى. مەنمۇ چاندۇرماي چوڭ قەدەم تاشلاپ ئۇنى ئۆيگە باشلىدىم.
       ئەمىتىكام ئۆيگە كىرىپ ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئەنسىز كۆزلىرى بىلەن ماڭا بىر قارىدى. ئاندىن ئۇ ئادىتى بويىچە شاپ بۇرۇتىنى بىر تۈزەشتۈرۈۋېلىپ، قويلىرىمنى بىر قۇر ماختاپ قويدى، ئاندىن:
        ئانىڭىزنىڭ دۇئاسىنى ئالغان ئادەم ئىكەنسىز باشلىق، مانا ئەمدى بىزگە باشلىق بولۇپ سايلاندىڭىز. بىر قويىڭىز ئون بولىدۇ دېگەن گەپ. چوڭ ئامەت باشلىق بۇ، خوتۇن ئالغاندىنمۇ چوڭ ئىش باشلىق بۇ، ئەمدى تارانچى، قەشقەرلىك، تارانچىلىق، قەشقەرلىكرەك دەيدىغان گەپلىرىڭىزنى ئازراق قىلارسىز، بىزگىمۇ قاراپ قويۇڭ باشلىق، نامىزىمدا دۇئا قىلىپ تۇرىمەن... دېدى ئۇ ئەنسىز كۆزلىرىنى ئوينىتىپ تۇرۇپ.
     مېنى ئۆزىڭىز بىلىسىزغۇ ئەمىتىكا، مېنىڭ ئاغزىمنىڭ يېلى بولمىغىنى بلەن ئەمەلىيىتىم خېلى دۇرۇس ئادەم، قوشنىڭىزدىن ئەنسىرەۋاتامسىز؟ دېدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ.
      شۇنداق بولسىمۇ باشلىق، ئادەم بىر قىسىم بولۇپ قالىدىكەن، باشلىق دېگەن نېمىلا قىلسا باشلىق - دە،  مەن ئۆزۈم لۆم - لۆم مىجەز بولغىنىم بىلەن  خېلى جىق ئىش كۆرگەن ئادەم. ھوقۇق دېگەن يامان نەرسە. سەل مۈگىدەپ قالغان ئادەمنى قىڭغىر يولغا باشلاپ قويىدۇ. ئاخشام كېچىگىچە سىزنى چۈشەپ چىقتىم باشلىق، ماڭا ئاپئاق بىر دۇلدۇل تەقدىم قىلىپسىز، قاراڭ ئۇكام. مەن ھۆرمەتلىك باشلىق، بۇ دۇلدۇلنى قەيەردىن ئەكەلدىڭىز دېسەم، سىز ئەمىتىكا، بۇ دۇلدۇلنى تونۇمىدىڭىزمۇ؟ بۇ ئۆز ۋاقتىدا سىز قەشقەردىن مېنىپ چىققان ئېشەكنىڭ كەينىگە كىرىۋالىدىغان ھېلىقى ئاتتىن بولغان دۇلدۇل ئەمەسمۇ! دېگۈدەكسىز قاراڭ، مەن ئامەت، ھە نېمە بولسا مېنىڭ ئېشىكىمنى كۆرگەن ئاتتىن بولغان دۇلدۇلكەن دەپ ئۇنى مېنىپ قەشقەرگە قاراپ يول ئاپتىمەن قاراڭ...
     ھە، ھە...
     يولدا ئۇچۇپ كېتىۋاتاتتىم قاراڭ، بىردىنلا ئېشەك ھاڭرىغاندەك قىلدى، شۇنىڭ بىلەن ئويغىنىپ كەتتىم...
     قويىڭە ئاكا سىزنى، بىر ئوبدان دۇلدۇلنى بەرسەم...
     ئېشەك دېگەن ئېشەكتە باشلىق كۆرەلمەيدۇ - دە...
    مەن ئۆزۈمنى تۇتۇۋالالماي كۈلۈپ كەتتىم.
     مېنىڭ ئەزەلدىن مۇشۇنداق تەلىيىم يوق باشلىق، ئوڭۇمدىمۇ تەلىيىم يوق، چۈشۈمدىمۇ تەلىيىم يوق. قەشقەردىن چىققاندا ئاشۇ ئېغىلدىكى بىر ئېشەك بىلەن چىققان، مۇشۇ كۈنگىچە نەچچە ئېشەك ئالماشتۇرغان بولساممۇ ئىككى بولمىدى ئۇ ھاراملىق، دېدى ئەمىتىكام قايغۇرۇپ.
     نېمىلەرنى دەيدىغانسىز ئاكا. ئېشەكنىمۇ ئىككى بولمىدى دەپ قايغۇرغۇلۇقمۇ! يا كالا بولمىسا ئۇ، قويىڭە سىزنى.
     يا ئەمدى دەيمىنا باشلىق، پەقەت راۋاج تاپماي كېتىۋاتىمەن ئەمەسمۇ باشلىق، مۇشۇ كۈن، مۇشۇ ئايلاردا!
     ئەمىتىكا، سىزگە بىر گەپنى دەپ قوياي ئاكا، مېنى باشلىق، باشلىق دەپ ئاتىسىڭىز بولمايدۇ، يا ئىسمىمنى ئاتاڭ، يا ئۇكا دەڭ! دېدىم مەن جىددىي ھالدا.
     خۇدايىم ساقلىسۇن باشلىق. ئۇنداق دېمەڭ، مەن يۇرتتا باشلىقنى باشلىق دەپ چاقىرماي بۇرنۇمغا يەپ كىشىنىڭ يۇرتىغا مۇساپىر بولۇپ قالغان ئادەم...
     ئۇ دېگەن قەشقەر ئاكا، غۇلجا دېگەن غۇلجا، بۇ يۇرتتا چوڭىنى ئاكا، كىچىكىنى ئۇكا دەيمىز.
     توخۇ بىلگىنىنى چىللايدۇ دەپتىكەن باشلىق، شۇڭا مەن ئۆزۈمنىڭ بىلگىنىنى دەي... سىزنى باشلىق دەپ ئاتىسام ئۆزۈم خاتىرجەم يۇرىمەنكەن. خوش، ئەمدى بىر ئىلتىماس بىلەن ئالدىڭىزغا كىرگەنىدىم باشلىق، ئاڭلىسام يېزىلىق ھۆكۈمەتكە نامراتلارنى يۆلەش ئۈچۈن  پۇل كەلگەنمىش، يەنە ئاڭلىسام ئۇ پۇلنى يەرلىك تارانچىلارغا كالا، قوي ئېلىپ بېقىشقا بېرەرمىش، شۇ پۇلدىن بولسا بىر بىزدەك تارامچىراق بولۇپ قالغان قەشقەرلىكلەرگە ئازراق بېرىپ تۇرغان بولسىڭىز...
    ئەمىتىڭام بىردىنلا بىچارە قىياپەتكە كىرىۋالدى. ئۇ ئەنسىز كۆزلىرى بىلەن ماڭا يەنە بىر قارىۋالدى، مەن كۈلۈپ كەتتىم.
     بايام تېخى مېنى يۇرتۋازلىق قىلماڭ دەۋاتاتتىڭىز، مانا ئەمدى ئۆزىڭىز تارانچىراق، قەشقەرلىكرەك دېگىلى تۇردىڭىزغۇ!
     بۇ يۇرتۋازلىق دېگەن بۇرۇنمۇ تۈگىمىگەن. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تۈگىمەيدۇ قاراڭ باشلىق. مەن ماڭا كالا ئېلىپ بەرسە، قوي ئېلىپ بەرسە دېمەيمەن، بىرەر يۈز چۆجە ئېلىپ بەرگەن بولساڭلار... ئەتە ئاخشام سايرىشىپ...
     چۈجە؟ قانداقلارچە چۈجە باققىڭىز كېلىپ قالدى؟
     چۈجە دەپ كۆزگە ئىلمىغان بىلەن تۆت كۈندە توخۇ بولىدۇ قاراڭ باشلىق. تۇخۇمى ياخشى، ئۆز ۋاقتىدا يۇرتتا خېلى جىق توخۇ باققان. تۇخۇمى بەك جانغا ئەسقاتىدۇ ئەمەسما! ئەتە - ئاخشاملىرى خوتۇن ئۇخلاپ قالغاندا ئوچاقنىڭ بېقىنىغا تۆت تۇخۇم كۆمۈپ قويسام بىردەمدىلا پىشىدۇ قاراڭ، ئانام بىلەن دادامنى ئاستا ئويغىتىپ ئىككىدىن يېگۈزۈۋالىمەن ئەمەسما!
    مەن كۈلۈپ كەتتىم.
     بۇ ئويلىرىغۇ بولىدىكەن ئەمىتىكا، قەشقەرلىكلەر ئايالىدىن قورقمايدىغان، بىراق سىززە بوش چىقىپ قالدىڭىز - دە، ئاڭا! دېدىم مەن ئەمىتىكامنى گەپكە سېلىپ.
     ئېشەكمۇ 360 كۈن ھاڭراۋەرمەيدۇ باشلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە قەشقەردە ھاڭرىغان ئېشەك ئىلىدا ھاڭرىمايدىكەن ئەمەسما! نىساخان ئاچىڭىز يۇرتتا ئۇنداق ئەمەس ئىدى، بىر ۋارقىراپ قويسام ھەپتە كەينىمدە ئولتۇرۇپ مەندىن ئاشقان ئاشنى تېرىپ يەيتتى. مۇشۇ ئىلىغا چىققاندىن كېيىن دودەنلىشىۋالدى قاراڭ، مۇشۇ ئىلىخونىڭ سۈيى يامان ئىكەن. مۇشۇ ئەتكەن چاي دېگەن خوتۇنلارنى يۈرەكلىك قىلىۋېتىدىغان ئوخشايدۇ. يۇرتتا بولىدىغان بولسا بۇنداق خوتۇننى ئاللىقاچان ئەخلەت بىلەن بىللە تاشلىۋەتمەمدىغان!
     شۇنىڭغا قارىغاندا نىساخېنىمدەم بوۋاي بىلەن مومايغا ياخشى قارىمايدىغان ئوخشىمامدۇ؟
     مەن بار ۋاقىتتا بىرنېمە دېيەلمەيدۇ، مەن يوق ۋاقىتتا ئانام بىلەن دادامغا چاي بېرىپ ئۆزى ئوغرىلىقچە مانتا ئېتىپ يەيدىغان ئوخشايدۇ بۇ خوتۇن.
     خوتۇندىن تەلىيىڭىز كەلمىگەن ئادەمغۇ سىز، دېدىم مەن ئەمىتىكامنى گەپكە سېلىش ئۈچۈن.
     نىساخان تازنى قوشقاندا بەش خوتۇن ئېلىپ بولدۇم. ئىشقىلىپ شۇ ئالتىنچىسىنى ياخشى چىقىپ قالارمىكىن دەيدىغان ئويۇممۇ بار ئەمدى. ئىلىخودا ئەمدى ھەممە ئىش ئاسان ئىكەن، مۇشۇ خوتۇن ئالماق بەك تەس ئىكەن، بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى ئاسانلىقچە ئاجراشمايدىكەن ئەمەسما... بىر ئۆمۈر بىرلا خوتۇن بىلەن ھەپىلىشىپ زېرىكمەيدىكەن بۇ ئادەملەر.
    مەن كۈلۈپ كەتتىم.
     چۈجە دېگەننىڭ جېدىلى تولا ئەمىتىكا، قاملاشتۇرالمامسىزمىكىن...
     خاتىرجەم بولۇڭ باشلىق، خورازلىرىنى چىللىتىپ، مېكىيانلىرىنى كاكىلدىتىپ، كۆڭۈلدىكىدەك باقىمەن زادى، دېدى ئەمىتىكام شاپ بۇرۇتلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ.
     ئەمىسە، مەن يېزا باشلىقىغا دەپ باقاي.
     سىز بىرنېمە دېسىڭىز ئۇلار ياق دېمەيدۇ. مەن ھېلىقىدەك مەندىن يانمىسا خۇدادىن يانا دەپ قاراپ ئولتۇرىدىغان موتلاردىن ئەمەس، ئۆزۈم لۆم - لۆم بولغىنىم بىلەن ھەممە ئىشنى بىلىمەن. خۇدايىم بۇيرۇسا توخۇ باققاندا كۈندە ئىككى تۇخۇمنى ئۆزلىرىگە يوشۇرۇن ئەكىرىپ بېرىمەن - ھە، باشلىق دېگەنگە تۇخۇم بېرىپ تۇرغۇلۇق...
     نېمىلەرنى دەيدىغانسىز ئەمىتىكا، يوق توخۇنىڭ تۇخۇمىنى...
     ئۇنداق دېمەڭ باشلىق، كۆڭلىڭىزدە نېمە بولسا ئەمەلىيىتىڭىزدە شۇنى كۆرىسىز...
    مەن ئەمىتىكامنى ئۇزىتىپ قويدۇم. ئۇ ئېتىزغا بارىمەن دەپ مەن بىلەن خوشلاشتى. ئۆزۈمنىڭمۇ يېزىلىق ھۆكۈمەتكە بارىدىغان ئىشىم بار ئىدى. موتسىكلىتنى مېنىپ يېزىلىق ھۆكۈمەتكە باردىم. ئىشىمنى پۈتتۈرۈپ بولۇپ، ئاخىرىدا باشقىلارغا ئەمىتىكامنىڭ تەلىپىنى ئېيتتىم.
     يۈز چۈجىنىڭ گېپىنىمۇ بىزگە قىلامسەن ئەركىن؟ يۈز قوي، يۈز كالا، يۈز ئايروپىلان دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ كەلمەمسەن بىزنىڭ ئالدىمىزغا، دېدى يېزا باشلىقى ئەخمەتجان ۋارقىراپ.
     پو دېگەننى زەي سالماي ئاتىدۇ - دە، بۇ ئاداش، دېدىم ئىچىمدە يېزا باشلىقى ئەخمەتجانغا قاراپ.
     ھە، گەپ قىلمايسەنغۇ؟ دېدى ئەخمەتجان.
     مەيلى يۈز چۈجە بولسۇن، ئون چۈجە بولسۇن يۇقىرىدىن كەلگەن پۇلدىن بېرىشىڭلار كېرەكقۇ! دېدىم مەن.
     خوتەنلىكتىن جاھىل نەرسىدە سەن. يەنە دېسە يەنە شۇ گەپ. كەنتتىن يۈز چۈجىگە پۇل چىقىرالمامسەن! دېدى ئەخمەتجان ۋارقىراپ.
     كەنتنىڭ پۇلىدىن ئىشلەتسەم، ئارقىدىن ھەممىسى يۈگۈرۈپ كەلسە قانداق قىلىمەن؟
     گەپنى ئاز قلىپ كاسسىرغا كىرىپ پۇلۇڭنى ئالە ماڭ... ئۇ قەشقەرلىككە نېمانچىلا قىلىپ كېتىسەن. توخۇ بېقىشنى بىلەمدۇ ئۇ نېمەڭ؟
     ئۆگەتمەمدۇق.
     ئۆگەت، ئۇ نېمىلىرىڭ توخۇ باقسا خەقنىڭ يۇرتىدا پوق بارمۇ؟
    مەن كەنت باشلىقىدىن پۇل ھۆججىتىنى تەستىقلىتىپ كاسسىردىن پۇلنى ئالدىم. ئاندىن كەنتكە قايتىپ بېرىپ، پۇلنى كەنتنىڭ بوغالتىرىغا بەردىم. بوغالتىر ئۈچ كۈندىن كېيىن خېلى چوڭ چۈجىلەردىن يۈزنى سېتىۋېلىپ، ئەمىتىكامغا ئەكىرىپ بەردى.
     رەھمەت باشلىق، مانا ئەمدى مەن ھاللىق سەۋىيىگە يېتىمەن. يۈز چۈجىدىن يۈز توخۇ قىلىمەن. يۈز توخۇنى مىڭ قىلىمەن، دېدى ئەمىتىكام خۇشال بولۇپ.
    ئەمىتىكام ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇ كۈندۈزى ئېتىزنىڭ ئىشلىرى بىلەن بولسا، ئەتە - ئاخشاملىرى چۈجىلىرىنىڭ غېمى بىلەن بولدى. ئۇنىڭ روھىي كەيپىياتى ناھايىتى ياخشى ئىدى. لېكىن ئايالى نىساخان ئۇنىڭ بۇ ئىشىغا ماسلاشمىدى.
     ئەر كىشى دېگەن مۇنداق كالا، قوي دېگەندەك ماللارنى باقمامدۇ. توخۇ دېگەننى كىچىك بالا بېقىپ ئوينايدىغان نەرسە تۇرسا، دەيتتى ئۇ، ئەمىتىكامنىڭ چىشىغا تېگىپ. بۇنداق ۋاقىتتا ئەمىتىكام ئاغزىنى بۇزۇپ ئايالىنى تىللاپ كېتەتتى.
     ھەي، ئانىسى بىلەن نان تالىشىپ يەيدىغان تېزەكچى، ھېلى تىلىڭنى كېسىپ بۇرنىڭغا تىقىپ قويىمەن دەپ تىللاپ كېتەتتى ئۇ ئايالىنى.
    بىر كۈنى ئەتىگەندە ئايالىم نان ياقماقچى بولدى، مەن ئېغىلنىڭ ئۈستىگە چىقىپ تونۇرنىڭ ئالدىغا شاخ تاشلاۋاتاتتىم. ئىشىمنى تۈگىتىپ چۈشۈپ كېتەي دەپ شوتىنىڭ ئالدىغا كېلىشىمگە، ئەمىتىكامنى كۆرۈپ قالدىم. قولىدا چوڭ بىر گۈرجەك، گۈرجەكتە لىق ئۆلۈك چۈجە. ئۇ چۈجىلەرنى دەرۋازىنىڭ ئالدىدىكى ئوغۇتنىڭ ئۈستىگە تاشلاپ كۆمۈۋەتتى. مەن ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى كۆرۈپ، ئىتتىك شوتىدىن چۈشۈپ دەرۋازىدىن چىقىپ، ئۇنىڭ قورۇسىغا كىردىم.
     ھە، ئەمىتىكا، چۈجىلىرىڭىز ئامان - ئېسەنمۇ؟ دېدىم مەن چاندۇرماي.
     يامان ئەمەس باشلىق، داننى ئوبدان يەۋاتىدۇ، سۇنىمۇ ئوبدان ئىچىۋاتىدۇ، تۈكلىرى كۈندىن - كۈنگە پارقىراپ قالدى، خۇدايىم بۇيرۇسا يەنە بىر ئايدىن كېيىن توخۇ بولۇپ قالىدۇ. خورازلىرىغا قارىغاندا مېكىيانلىرى جىق چىقتى باشلىق بۇ چۈجىلەرنىڭ، بۇمۇ سىزنىڭ ئىلتىپاتىڭىز بىلەن بولاۋاتقان ئىشلارغۇ بۇ باشلىق...
     چۈجىلەرنى توخۇ قىلماق تەس. بەك ھۈنەر تەلەپ قىلىدىغان ئوقەت بۇ. مەن سىزگە يېزىدىن كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئوكۇل ئەكېلىپ بېرەي. چۈجىلەرگە ئوكۇل سېلىۋېتەيلى!
     ئوكۇل دەمسىز؟ چۈجىگىمۇ ئوكۇل سالامدۇ؟
     ئوكۇل سالمىساق كېسەل بولۇپ ئۆلىدۇ ئەمەسمۇ.
     ھەممىسىغۇ ئۆلۈپ كەتمەس باشلىق؟ ئوكۇلنىمۇ بىكارغا بېرەمدۇ يا؟ دېدى ئەمىتىكام ئەنسىز كۆزلىرىنى ئوينىتىپ.
     ئوكۇلنى بىكارغا بېرىدىغان ئىش يوق ئەمىتىكا، ئۆزىڭىز سېتىۋالىسىز.
     ئەمىسە ئالدىرىماي باشلىق، بىر ئايدىن كېيىن توخۇ بولغاندا سالساممۇ ئۈلگۈرىمەن تېخى، دېدى ئەمىتىكام.
     ئەمىسە ئۆزىڭىز بىلىڭ ئەمىتىكا، دېدىم - دە، ئۇنىڭ بىلەن خوشلىشىپ قورۇسىدىن چىقىپ كەتتىم.
    ئايالى نىساخېنىمدەم مېنى ئۇزىتىپ چىقتى.
     بىزنىڭ ساراڭغا بىر گەپ قىلىپ قويغان بولسىلا بوپتىكەن باشلىق. بۇ لۆم - لۆم توخۇ باقالمايدۇ، يېرىم كېچىدە توخۇلىرىنى ساناپ جۆيلۈيدىغان بولۇپ قالدى. مۇشۇنداق كېتىۋەرسە تۆت كۈندە ساراڭ بولۇپ قالىدۇ. بۇ تەتۈر ئىشتان كوچىغا چىقىپ كەتسە مەن ئاۋۇ تىللىرىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇرۇپ مېنى قارغايدىغان جادۇگەر دادىسى بىلەن ئانىسىنى قانداق باقىمەن دېسىلە...
     تۇخۇلارغا ئوكۇل سېلىۋېتەيلى دېسەم ئۇنىمايۋاتىدۇ، ئوكۇل سالمىساق توخۇلار كېسەل بولۇپ ئۆلىدۇ، دېدىم مەن.
     توخۇلار ئۆلسە ئۆلسۇن باشلىق. ئاۋۇ بىزنىڭ قېرى بىرنېمە بولۇپ قالسا كىشىنىڭ يۇرتىدا تۈگەشكىنىم شۇ، ئوكۇلنى قېرىغا سالساق بولاتتى، دېدى نىساخېنىمدەم كۈلۈپ.
    مەن كۈلگىنىمچە ئۆيگە كىرىپ كەتتىم.
    كۈنلەر ئۆتۈۋەردى. دېگەندەك ئەمىتىكام توخۇلىرىنى تازا بېقىپ كېتەلمىدى. توخۇلىرىنىڭ تەڭدىن تولىسى ئۆلۈپ تۈگىدى. شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭ ياشىنىپ قالغان دادىسى ئالەمدىن ئۆتتى. بوۋاي يېرىم كېچىدە كۆز يۇمغانىدى. ئەمىتىكام سەھەردە ھازا ئېچىپ، ئۈن سېلىپ «دادىكام، ھەي دادىكام» دەپ يىغىسىنى باشلىدى. مەن دەرۋازىنىڭ ئالدىدا ئۆلۈمگە كىرگەن جامائەتلەرنى ئۇزىتىۋاتاتتىم. ئەمىتىكام ئاستا قېشىمغا كېلىپ، قولۇمدىن تۇتۇپ مېنى بىزنىڭ قورۇغا ئەكىردى.
     ئەمدى باشلىق سىزدىن باشقا ئادىمىم يوق، دادام رەھمەتلىك قىشىچە كۈنىگە ئىككى تەخسىدىن لەغمەن يەپ ياتاتتى. ئورمىغا ئۈلگۈرۈپ ئۆلۈپ بېرىدىغىنىنى بىلمەپتىمەن. ئەمدى يەتتە نەزىرىسىنى بېرىپ بولغۇچە ئېتىزغا چىققىلى بولمايدۇ، شۇ ۋاققىچە ھېلىقى بۇغداي ئورىيدىغان كومبايىن دەيدىغان نەرسە مەھەللىدىن كېتىپ قالاما؟ دېدى ئۇ ئەنسىز كۆزلىرى بىلەن ماڭا قاراپ.
     خاتىرجەم بولۇڭ ئەمىتىكا، بۇغدىيىڭىزغا مەن مەسئۇل بولىمەن، مەن ئورۇنلاشتۇراي، ئەتىلا سىزنىڭ بۇغدىيىڭىزغا چۈشسۇن.
     رەھمەت باشلىق، داۋاملىق نامىزىمدا سىزگە دۇئا قىلىۋاتىمەن...
    بىز ئەمىتىكامنىڭ دادىسىنى بىنەمگە ئەچىقىپ كۆمۈپ قويدۇق. رەھمەتلىك ھايات ۋاقتىدا كەپتەر بېقىشقا ئامراق ئىدى ھەم نۇرغۇنلىغان كەپتەرلىرى بار ئىدى. ياشلار جىنازىنى كۆتۈرۈپ مەھەللىدىن بىنەمگە قاراپ ماڭغاندا، رەھمەتلىكنىڭ كەپتەرلىرى جىنازىنىڭ ئۈستىدە پەرۋاز قىلدى، كەپتەرلەرمۇ ئىگىسى ئۈچۈن ماتەم تۇتتى.
    كۈنلەر ئۆتۈۋەردى. كۈز كەلگەندە، ئەمىتىكامنىڭ بېقىۋاتقان توخۇلىرىدىن ئۆلۈپ يىگىرمە نەچچىسى قالدى. مەن ئەمىتىكامغا ئەمدى بۇ توخۇلارنى سېتىۋېتىڭ، ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، سىز توخۇ باقالمايدىغان بولۇپ چىقتىڭىز، دەپ مەسلىھەت بەردىم، لېكىن ئەمىتىكام ئۇنىمىدى.
     ئۇنداق دېسىڭىز بولمايدۇ باشلىق، يۈز چۈجىدىن يىگىرمە توخۇ قالدى. ئەمدى تۇخۇم تۇغىدىغان ۋاقىتتا ئۇلارنى سېتىۋەتسەم بولمايدۇ، دېدى ئەمىتىكام.
     ئىختىيارىڭىز، دېدىم مەن.
    جۈمە كۈنى سەھەردە بىرسى دەرۋازىنى ئۇردى. مەن ئالدىراپ چىقىپ دەرۋازىنى ئاچتىم، ئەمىتىكام ئىكەن. ئۇ «ئانامنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئەمەس، ئۆيگە چىققان بولسىڭىز» دېدى. مەن ماقۇل دەپ كەينىمگە ياندىم. چاپانلىرىمنى تۈزەشتۈرۈپ كىيىپ، يۈز - كۆزلىرىمنى يۇيۇپ ئەمىتىكامنىڭ ئۆيىگە كىردىم.
    ئەمىتىكامنىڭ ئاپىسى سەكراتقا چۈشۈپ قالغانىكەن. مەن موماينىڭ قېشىدا بىردەم ئولتۇردۇم. ئاندىن ئەمىتىكام مېنى باشقا بىر ئۆيگە باشلىدى. مەن ئولتۇرۇپ تۇرۇشۇمغا، ئەمىتىكامنىڭ ئايالى نىساخېنىمدەم ئۆيگە كىرىپ كەلدى. ئۇ شەرەت بىلەن ئەمىتىكامنى ئەگەشتۈرۈپ چىقىپ كەتتى. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، يىغا ئاۋازى ئاڭلاندى.
    مەن ئورنۇمدىن تۇرۇشۇمغا ئەمىتىكام قايتىپ كەلدى. ئۇ مېنى قۇچاقلاپ يىغلىدى. مەن «سەۋرى قىلىڭ ئەمىتىكا» دېگەندەك گەپلەر بىلەن ئۇنى پەس قىلدىم.
     باشلىق، بىر يىل ئىچىدە مەن ئانام بىلەن دادامدىن ئايرىلىپ قالدىم، مۇشۇ ئەزرائىل بىزنىڭ ھويلىدىن باشقا يەرگە بارمامدىغاندۇ؟ دېدى ئەمىتىكام قايغۇرۇپ.
    مەن كۈلۈۋەتكىلى تاس قالدىم. شۇنداق بولسىمۇ ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىپ، ئۇنىڭغا تەسەللى بەردىم.
     خۇدادىن كەلدى ئەمىتىكا، ئەجەل، يەيدىغان رىزقى شۇنچىلىك، ئەلەكمۇلىللا دېمەي بولمايدۇ...
    ئەمىتىكام يىغلاپ ھويلىغا چىقىپ كەتتى. قوشنا - قولۇملار ھويلىدىكى يىغا - زارىنى ئاڭلاپ ئەمىتىكامنىڭ ھويلىسىغا بىر - ئىككىدىن يىغىلىشقا باشلىدى. ئەمىتىكام بەك يىغلاپ كەتتى، ئۇ دادىسى ئۆلگەندە بۇنداق يىغلىمىغانىدى.
    بىز موماينى يەرلىكىدە قويۇۋەتتۇق. موماي ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئەمىتىكامنىڭ قولى ئىشقا بارماي قالدى. ئۇ ھاڭۋېقىپ يۈرىيدىغان بولۇپ قالدى، توخۇلىرىمۇ ئۆلۈپ ئون نەچچىسى قالدى. قىسقىسى، ئۇنىڭ قولى ئىشقا بارمايدىغان بولۇپ قالدى.
    بىر كۈنى ئەتىگەندە دەرۋازىنىڭ ئالدىدا ئەمىتىكام بىلەن كۆرۈشۈپ قالدىم. ئۇ روھسىز ھالدا بېشىنى كۆتۈرۈپ ماڭا قارىدى. ئۇنىڭ ئەنسىز كۆزلىرى تېخىمۇ سەتلىشىپ كەتكەنىدى. بۇرۇتلىرىمۇ بۇرۇنقىدەك رەتلىك ئەمەس، چېچىلىپ تۇراتتى.
     باشلىق، بىر ئىشقا ھەيرانمەن، خەقلەرنىڭ توخۇلىرى قونداقتا ياتسا مېنىڭ توخۇلىرىم يەردە ياتىدۇ يا؟ دېدى ئۇ يەرگە قاراپ تۇرۇپ.
     ھەممىسى ئۆلۈپتىما؟ دېدىم مەن جىددىيلىشىپ.
     توۋا، خەق قوناق بېرىپ باقسا مەن بۇغداي بېرىپ باققان بۇ توخۇلارغا.
     ھەي، بىر - ئىككى كۈن تۇرۇپ بەرگەن بولسىچۇ بۇ جانىۋارلار، ئەتە يېزا باشلىقى ئەخمەتجان خىزمەت تەكشۈرۈپ كەلمەكچى بولغانىدى. ئۇ سىزنىڭ توخۇلىرىڭىزنى كۆرىمەن دېگەنىدى. ئەمىتىكامنىڭ توخۇلىرى ئۆلۈپ تۈگىدى دېسەم، نېمە دەر ئەمدى، دېدىم مەن جىددىيلىشىپ.
     خىجىل بولماڭ باشلىق، ئانىسى يوق نەرسىنى باققىلى بولمايدىكەن دەپ قويمامسىز، دېدى ئەمىتىكام.
    مەن كۈلۈپ كەتتىم.
     ئەمىسە، سىزگە قوي ئېلىپ بەرسەك بولغۇدەك.
     ماۋۇ گېپىڭىز بولىدۇ باشلىق، ماڭىمۇ ئىلىخونىڭ سۈيىنى ئىچكىلى ئوتتۇز نەچچە يىل بولدى، مەنمۇ ئەمدى تارانچىراق بولۇپ قالدىم... ئەمدى مېنىمۇ قاتارغا قوشۇۋالساڭلار بولىدۇ، دېدى ئەمىتىكام. ئۇ بىردىنلا جانلىنىپ كەتتى.
    مەن كۈلۈپ كەتتىم، ئەمىتىكاممۇ كۈلۈپ كەتتى...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.