توققۇزىنچى رىۋايەت-مۇقەددىمە(چىمەنگۈل ئاۋۇت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-15 22:41:53

توققۇزىنچى رىۋايەت(داستان)چىمەنگۈل ئاۋۇت سەۋدالىق قىسمىتىگە كىشەنلەنگەن ناتىۋانمەن . سېنى ئويلاۋاتىمەن.ئۆزۈمنى كۈيلەۋاتىمەن... كۆز ياشلىرىمدىن پۈتكەن بۇلاق سۈيىنى ئىچىپ نۇرغۇن مەلىكىلەر كىيىكك...

    توققۇزىنچى رىۋايەت(داستان)
    چىمەنگۈل ئاۋۇت

     





        سەۋدالىق قىسمىتىگە كىشەنلەنگەن ناتىۋانمەن . سېنى ئويلاۋاتىمەن.ئۆزۈمنى كۈيلەۋاتىمەن... كۆز ياشلىرىمدىن پۈتكەن بۇلاق سۈيىنى ئىچىپ نۇرغۇن مەلىكىلەر كىيىككە ئايلىنىپ قالد   ،ىناخشامنى ئاڭلىغان بالىلار قۇشقا ئايلىنىپ قاياققىدۇر ئۇچۇپ كېتىشتى،تېرەكلەرنىڭ يىلتىزى قۇرۇپ، تاغلارنىڭ توپىسى تۇپراققا قېتىلدى،پەريادىمنى ئاڭلىغان تاشلار يېرىلدى ،كۈلكەمنى ئاڭلىغان باشلار ئېگىلدى.... پەقەت سەنلا مېنىڭ يۈرىكىمدە مەڭگۈلۈككە ئامان قالدىڭ ئەزىزىم ! كەچۈرگىن,بەرىكەتلىك ئازابلىرىمدىن ساڭا سېپىل ياسىدىم …ئەمدى ئىككىمىزگىلا تەۋە بۇ ھالاللىق ئىچىدە كۆيىۋەرسەم، كۆكلەۋەرسەم تەبىئەت ماڭا بارلىق گۈزەللىكىنى،يىتۈكلىكىنى بەخش ئىتىۋېرىدۇ ....سەن بىلىسەن، ئىتىكىمگە غايىپتىن چۈشكەن ئالمىنى مەغرۇرلۇق بىلەن ئېقىپ كىتىۋاتقان دەرياغا تاشلايمەن،ئېتىلغان تاشلارنى رازىمەنلىك بىلەن يېنىمغا دۆۋلەپ قويىمەن. كەل،بىردەم مۇڭدىشايلى!سەن ماڭا ئۈزۈپ بەرمەكچى بولغان گۈللەر،ئىرغىتىپ بەرمەكچى بولغان جىگدىلەر....جۇدالىق زەخمىتىگە،ھىجران پىراقىغا،ۋىسال دەھشىتىگە ئوخشايدىغان ئاقۇش تۇمانغا قوشۇلۇپ بىزنى مۇشۇ يەردە كۈتۈپ تۇرىدۇ...
     


                                  -خاتىرەمدىن
     


     

    مۇقەددىمە

     

       بۇلبۇلنىڭ سايراشلىرىغا چىدىيالمىغان گۈل قان قۇسۇشقا،زەينەپنىڭ نالىسىگە بەرداشلىق بىرەلمىگەن شور دەريا ئاستا-ئاستا قۇرۇشقا باشلىدى !جاھان غەۋغالىرىدىن يىراق بىر ماكاندا،ئەلقىسسە توققۇز قەۋىمنىڭ توققۇز يۇلتۇزى چاقناپ تۇرغان يالغۇز كېچىدە مەجنۇننىڭ نالىسى قۇلىقىمغا كىردى ...


     

     


    جۇنۇنلۇق تارىنى چەكسەم ،
    زىمىننى كۆز يېشىم باستى .
    يالاڭئاياق كەزگىنىم چۆلدۇر ،
    ھىجىرگە باغلىدىم چاچنى .
    نى سەۋدا كەلمىگەن باشبۇ ،
    ساڭا يەتكەيمۇ ئەپغانىم ؟
    ئى ئاللاھ لەيلىگە سۆز بەر ،
    قاچان توشقايكى پەيمانىم ...
    كۆزلىرىمنى بوش يۇمدۇم ...

     



    پەرھاتنىڭ ئاشىقلىقى بىلەن يېرىلغان تاغ ،شىرىننىڭ كۆڭۇل بوستانىغا غولاپ چۈشتى .ئەيھانناس!تىللا بىلەن تەشنالىقنىڭ ،ھايات بىلەن ئۆلۈمنىڭ پەرقى ئۇنتۇلدى .جادۇگەر موماينىڭ مۈكچەيگەن بىلى،قارا قولى ئۇلارنىڭ روھىنى تېنىدىن ئايرىغان بولسىمۇ ،روھىنى بىر-بىرىدىن ئايرىيالمىدى .


     


    بىر چىنە زەھەرچىلىك قۇۋۋىتى يوق ،
    كەيخىسراۋ ئاشۇنداق ئەر ئىكەن ئەجەپ .
    پەرھاتنىڭ ئاشىقلىقى شىرىن ئۈچۈن ،
    ئۆلۈمنىڭ باغرىدىنمۇ تۇرار كۆكلەپ .





       بۇقۇلداپ-بۇقۇلداپ يىغلىغىنىمچە دەريا-دەريا تىۋىنىشلىرىمنى،سېغىنىشلىرىمنى مىھرىڭ بىلەن قوشۇپ ئاقتۇردۇم .بىر ئۆرلەپ،بىر لەيلەپ ئېقىپ كىتىۋاتقان ساندۇقتىكى قۇلۇپنى،زۆھرەنىڭ توققۇز تال كىرپىكى بىلەن ئاۋايلاپ ئاچتىم .تاھىرنىڭ قولىدىكى زەنجىرنى قىسمەت شەمشىرىدە زەرب بىلەن كىسىۋىدىم،چاقماق چاقتى !!!


    شاھىي ئابباسنىڭ قولىدا يىرتىلغان پۈتۈك، ئىشىق يولىغا تىكەن بولۇپ چېچىلدى .تاغ مەلىكىسىگە ئەل بولمىغان غېرىپنىڭ،ئابدۇللا شاتىرنى سۈيەلمىگەن سەنەمنىڭ ۋىسالى ئۈچۈن ئۆلمەس ناخشىلار تارىخ بېتىگە پۈتۈلدى :



     


    قابا پەلەكنىڭ دەردىدىن ،يۈرەكىمدە داغلار قالدى،
    بۇلبۇلنى ئايرىدى گۈلدىن،نە-نە قاشلىق باغلار قالدى ...

     




    .....رابىيەنىڭ شىۋىرغاندا يەلپۈنۈپ تۇرغان رومىلى،زامان رەنجىدىن ئىزىلگەن يۈرىكى،ئۇنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى يالماپ كەتكەن سۇنىڭ شاۋقۇنى ۋۇجۇدۇمدىكى پىراق كۈلپىتىنى ئۇلغايتىۋەتتى.سەئىدىننىڭ ئاھۇ-زارى ئۈچۈن ئۆزۈمگە نىمىلەرنىدۇر شىۋىرلىغاچ دەرىزەمنى ئاۋايلاپ ئاچتىم ....پەسكە قاراۋىتىپ قىياداكى رابىيە،راۋاقتا پەرياد چىكىۋاتقان سەنەم يەنە خىيالىمدىن كەچتى...



        سېنىڭ تۇرقۇڭنى كېچە قاراڭغۇلىقىدىن سۇغۇرۇپ ئېلىپ يۈرىكىمگە سىڭدۈردۈم .سېغىنىشلىرىمنى ،يالغۇزلۇقۇمنى ساڭىلا مەنسۇپ بارلىقىمنى ،قەدرىمنى ئالقىنىڭغا تاشلىدىم .گۈل كەشتىلەنگەن قولياغلىقنىڭ رەڭگى ئۇچاڭدىكى كىيىمىڭنىڭ رەڭگى بىلەن ئوخشاش ئىدى...



        ھازىرقى ئۆيلەرنىىڭ ئۆگزىسى يا تۈڭلىكى يوق لېكىن،ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ مۇھەببەتلىك يۈرىكى ھەممىلا زاماندا بولىدۇ جېنىم...! مەن شۇنداق پۇخادىن چىققاندەك بولدۇم .ئۆزۇمنى رابىيەدىن قەھىرلىك،سەنەمدىن مىھىرلىك ھېس قىلالىدىم .چۈنكى مەن سۈيۈلدۈم ،قىسمەتلىرىمىزدەك سىھىرلىك بىر رىئاللىققا كۆمۈلدۈم !

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.