كۆسەي(ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن)

يوللىغۇچى : siddiq يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-26 10:54:44

كۆسەي(ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن) يېقىندىن بۇيان كۆسەي ھەققىدە تولا خىيال قىلىدىغان بولۇپ قالدىم.21 - ئەسىرنىڭ 2 - يىلىغا قەدەم قويغان بۇ كۈنلەردە، دۇنيادىكى كۆپلىگەن مىللەتلەرگە ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارمۇ ...

    كۆسەي
    (ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن)

    يېقىندىن بۇيان كۆسەي ھەققىدە تولا خىيال قىلىدىغان بولۇپ قالدىم.
    21 - ئەسىرنىڭ 2 - يىلىغا قەدەم قويغان بۇ كۈنلەردە، دۇنيادىكى كۆپلىگەن مىللەتلەرگە ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارمۇ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، تۇرمۇش رىتىمى قاتارلىق ئىجتىمائىي ھاياتنىڭ كۆپلىگەن ساھەلىرىدە كۈچلۈك رىقابەت قاينىمىغا غەرق بولدى. رەھىمسىز شاللىنىشنىڭ شىددەتلىك قورشاۋى ئىچىدە يېڭىدىن يېڭى ھايات يوللىرى ئۈستىدە ئۆزىگە خاس تەپەككۇرانە نەزەر بىلەن نۇرانە پەللىلەرگە ئىنتىلىش روھىنى ئاستا - ئاستا نامايان قىلىشقا باشلىدى. تەرەققىياتنىڭ رەڭدار چەمبىرەكلىرى ئىچىدە ياشاۋاتقان شەھەر خەلقى زامانىۋى تۈس ئالغان تەقلىدىي مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىدە ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى ئىزچىللىققا ئىگە بىرقىسىم مەدەنىيىتىنى ئۇنتۇشقا يۈزلەندى.
    شۇ قاتاردا ھازىرقى شەھەرلەشكەن خەلق، بولۇپمۇ شەھەردىكى ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر «كۆسەي» دېگەن ئۇيغۇرچە ئاتالغۇنى لۇغەتتىن ئىزدەشكە مەجبۇر بولدى. چۈنكى «كۆسەي» دېگەن نان يېقىشتا ئىشلىتىلىدىغان نەرسە ئىدى. ھازىر شەھەر خەلقى ئۆزى نان يېقىپ يېمەيدىغان تۇرسا نان ياققاننى كۆرمىگەن ئادەم ئەلۋەتتە «كۆسەي»نىمۇ ئۇقمايدۇ - دە!
    ئۆتكەندە تۇغقان يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن يۇرتقا بېرىپ، يېزىدىكى ئاچامنىڭ ئۆيىگە كەلدىم. ئۇ دەل نان يېقىش ئۈچۈن تونۇرغا ئوت قالاشقا تۇتۇش قىلىۋاتقانىكەن. كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە: «ئۇنتۇلۇشقا باشلىغان ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بەلگىلىرىنى چېلىقتۇرۇپ قالسام ئىدىم» دېگەن خىيال ئەگىپ يۈرگەچكە، بۇ تاسادىپىي ئۇدۇل كەلگەن پۇرسەتتە «نان يېقىش» جەريانىنى كۆرۈپ باقماقچى بولدۇم.
    ئاچام تونۇرغا ئوت قالاپ بىردەمدىن كېيىن ئۇزۇنلۇقى ئالاھەزەل ئىككى مېتىر كېلىدىغان، توملۇقى كەتمەن دەستىسىچىلىك بىر ھۆل ياغاچنى تۇتۇپ، تونۇرنىڭ ئىچىگە چۈشمىگەن شاخ - شۇمبىلارنى تونۇر ئىچىگە  ئوت ئىچىگە ئىتتىرىشكە باشلىدى. شۇ ئارىلىقتا بىز سۆھبەتلىشىپ قالدۇق.
     ئادەتتە بىر كۆسەي قانچە ئۇزۇن يېتىدۇ؟
     تۆت - بەش قېتىم نان يېقىشقا يېتىدۇ.
     نېمىشقا كۆسەيگە قۇرۇق ياغاچ ئىشلەتمەي، ھۆل ياغاچ ئىشلىتىدۇ؟
     قۇرۇق ياغاچ ئىشلەتسە ئىتتىك كۆيۈپ كېتىدۇ. شاخ - شۇمبىنى ئوتنىڭ ئىچىگە ئىتتىرىپ ئەكىرىپ بولغۇچە ئۇمۇ كۆيۈشكە باشلايدۇ. ھۆل ياغاچ ئۇنداق ئەمەس.
    بىردەمدىن كېيىن ئاچام بىر مېتىرچە كېلىدىغان، چۇچۇلا بولۇپ كەتكەن بىر ياغاچنى تونۇر تۈۋىدىن ئېلىپ، تونۇر ئىچىگە تاشلىدى.
     ئۇمۇ كۆسەيمىدى؟
     ھەئە، دېدى ئاچام، بۇ كۆسەينى ئۇزۇن ئىشلىتىپ كەتتىم. ئەمدى ئۇ كۆيۈپ قىسقىراپ قالدى. بۇنى ئىشلىتىۋەرسەم ئەمدى مېنىڭ قولۇم كۆيىدۇ. شۇڭا ئۇنى تونۇرغا سېلىۋەتكىنىم تۈزۈك. «كۆسەي ئۇزۇن بولسا قول كۆيمەس» دەيدۇ ئەمەسمۇ كونىلار.
    قارىماققا ئاددىيلا ئىزاھاتتەك ئاڭلانغان بۇ سۆزلەر بىردىنلا قەلبىمنى لەرزىگە كەلتۈردى. بىلدىمكى، كۆسەي دېگەن ئۆزىگە ئوخشاش قاتتىق غوللۇق ئۆسۈملۈكلەرنى ئىگىسىنىڭ قولى ئارقىلىق تونۇر ئىچىگە ئىتتىرىپ كىرگۈزىدىغان، شۇ ئارقىلىق ئوتنى تېخىمۇ ئۇلغايتىدىغان، مۇشۇ ۋەزىپىنى بىرنەچچە قېتىم ئورۇندىغاندىن كېيىن ئۆزىمۇ قۇرۇپ، كۆيۈپ، قىسقىراپ، ئاخىر تونۇرغا كىرىپ كۆيۈپ، كۈلگە ئايلىنىپ تۈگەيدىغان بىر خىل ياغاچ ئىكەن.
    تۇرۇپلا تونۇر بىلەن ھاياتنى سېلىشتۇرۇپ قالدىم. تونۇر ۋە ئۇنى چۆرىدىگەن پائالىيەتمۇ ئۆز ئالدىغا بىر دۇنيا. ھايات تېخىمۇ شۇنداق. تونۇرنىڭ قىزىشى، تاۋلىنىشى ئۈچۈن ئىگىسى چوقۇم كۆسەينىڭ ھالقىلىق رولىدىن پايدىلىنىدۇ. پايدىلىنىپ بولۇپ تونۇر سۇپىسىنىڭ يېنىغا تاشلاپ قويىدۇ. ئاخىر ئۇنىڭ رولى تۈگىگەندە ئۇنىمۇ تونۇرغا سېلىپ چوغقا ئايلاندۇرىدۇ. ئۇنىڭ «كۆسەي»لىك ھايات شەكلى شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
    ھاياتتىمۇ شان - شۆھرەت، نام - ئاتاق، ئەمەل - مەنسەپ، مەنپەئەت ناملىق ھەر خىل شەكىلدىكى «نان»لارنى ياققۇچىلار تېپىلىدۇ. ئۇلارمۇ ھۆل، ئۆزىگە يارىشا ئۇزۇن «كۆسەي»دىن پايدىلىنىدۇ. لېكىن بۇ پايدىلىنىش ھامان ۋاقىتلىق. چۈنكى ھەر نەرسىنىڭ رولى تۈگىگەندە ئۇنىڭ قىممىتىمۇ تۈگەيدۇ. قىممىتى تۈگىدى دېگەنلىك، كېرەكسىز نەرسىگە ئايلاندى دېگەنلىكتۇر.
    ھالبۇكى، ئادەملەرنىڭ ئىچىدە ئۆتۈپ كەتكەن ھاماقەتلەرمۇ تېپىلىدۇكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئۇستىلىق بىلەن پايدىلىنىپ كېتىلگىنىنى سەزگەن ھالدا ياشايدۇ. چۈنكى ئۇلار «ھۆل» ھەم توغرا ياشاش مەنتىقىسىگە ئىگە ئەمەس. ئۇلار ئىگىسىنىڭ ئوتىنى ئۇلغايتىش ئارقىلىق نېمىلەرگىدۇر ئېرىشمەكچى بولۇشنى خىيال قىلىشىدۇ. ئىگىسى ئۇلارنىڭ «ھۆل»لۈكىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ خىيالىدىكىدەك «نان»لارنى يېقىش شەرتىنى ھازىرلىماقچى بولىدۇ. قارىماققا ئىگىسى بىلەن «كۆسەي» ھەمكارلىشىۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن كۆزەتكەندە، ھەر ئىككىسى ئۆز مەقسەتلىرى ئۈچۈن تىركىشىۋاتقان يوشۇرۇن رەقىبلەرگە ئوخشايدۇ. ھالبۇكى، بۇلارنىڭ ئىچىدە «كۆسەي» ھامان قەدەممۇقەدەم ئۆز تراگېدىيىسىگە قاراپ تېز ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى تۇيمايدۇ. ئاقىۋەتتە مۇنۇ مىسرالاردا يېزىلغاندەك بولىدىغانلىقىنى ئۇلار بىلسە ئىدى، كاشكى!
    ئۆمرۈڭ ئاشۇنداق
    كۆيدۈرۈشكە بەخشەندە بولغاچ
    ئىزىڭ قارا! يۈزۈڭ قارا!
    ئاخىر
    ساق قالمايسەن ئۆزۈڭمۇ
    يەپ تۈگەيسەن شۇ ئوتتىن دەككە.
    ياتقىنىڭدا ئازگالدا جانسىز
    شامال بىر كۈنى
    سورۇۋېتەر كۈلۈڭنى كۆككە!

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.