شېئىرىيىتىمىزدىكى رۇبائىي ھەققىدە(ياسىن ئىسمايىل ئەلتىرەش)

يوللىغۇچى : tangritag يوللىغان ۋاقىت : 2011-01-28 22:08:22

شېئىرىيىتىمىزدىكى رۇبائىي ھەققىدەياسىن ئىسمايىل ئەلتىرەششېئىرىيەتنى ئاساسىي ژانىر قىلغان ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئۆزىنىڭ ئۈزۈلمەس ئېقىنىدەك ئۇزاق تارىخى جەريانىدا قىممەتلىك شېئىرىي شەكىل...

    شېئىرىيىتىمىزدىكى رۇبائىي ھەققىدە
    ياسىن ئىسمايىل ئەلتىرەش


     

    شېئىرىيەتنى ئاساسىي ژانىر قىلغان ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ئۆزىنىڭ ئۈزۈلمەس ئېقىنىدەك ئۇزاق تارىخى جەريانىدا قىممەتلىك شېئىرىي شەكىللەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش بىلەن ئۇلارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قېرىنداش ئەللەر شېئىرىيىتىدىن پەرقلىنىدىغان روشەن خاسلىققا ئىگە قىلدى. بىز شېئىرىيەت تارىخىمىزنى ۋاراقلايدىغان بولساق خەلقىمىزنىڭ نازۇك شېئىرىي تۇيغۇلىرىنى، ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى، دۇنيا، ئىنسانىيەت ھەققىدىكى پەلسەپىۋى قاراشلىرىنى ئىپادە قىلغان، كۆزلەرنى قاماشتۇرغۇچى قىممەتلىك شېئىرىي شەكىللەرنى كۆرىمىز. رۇبائىي كلاسسىك شائىرىمىز ياراتقان ئەنە شۇ قىممەتلىك شېئىرىي شەكىللەرنىڭ بىرى.

    رۇبائىي — ئۆزىدىكى بىر قاتار ئەۋزەللىكلەر بىلەن بۈگۈنكى دەۋر شائىرلىرىنىڭ شېئىرىي ئىجادىيىتىنى ئىپادىلەش ئالاھىدىلىكى بىلەن تەمىن ئېتىپ، تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتقان زامانىۋى تۇرمۇشىمىزنى يورۇتۇشتىكى ئەڭ ئىخچام، كىشىلەر ئالقىشلايدىغان ئۈنۈملۈك شېئىرىي شەكىل بولۇپ قالدى. شۇڭا بىر بۆلۈك شائىرلار خەلقىمىز سۆيۈپ ئوقۇۋاتقان، ئۆزلىرىنىڭ ئۆلمەس شېئىرى ئەسەرلەرنىڭ بىر قىسمىنى مۇشۇ شەكىل بىلەن ئىجاد قىلىپ، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىپ تۆھپىلەرنى قوشتى. ئەدەبىياتىمىزنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ۋەكىللىرىدىن بولغان ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، تېپىپجان ئېلىيوف، ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن، غەنىزات غەيۇرانى، سەيپىدىن ئەزىزى، مۇھەممەت رېھىم، نۇر مۇھەممەت ئېركى، ھاجى ئەخمەد كۆلتېگىن، ئابدۇكېرىم خوجا، روزى سايىت، ھاجى ئابدۇسەمەت خېلىل، رىشىت مەخسۇت قاتارلىق شائىرلارنىڭ ئىجادى تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئۇيغۇر روبائىيچىلىقى يېڭى دەۋردىكى گۈللىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويدى. بۇ ماھارەتلىك شائىرلىرىمىزدىن ئابدۇشۈكۈر مەمتىمىن، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، غەنىزات غەيۇرانى، ھاجى ئەخمەت كۆلتېگىن، ھاجى ئابدۇسەمەت خېلىل، رىشىت مەخسۇت قاتارلىق شائىرلارنىڭ «رۇبائىيات»، «100 رۇبائىي»، «رۇبائىيلار»، «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر رۇبائىيلىرى»، «رىشىت مەخسۇت رۇبائىيلىرى»، «سەيپىدىن ئەزىزى رۇبائىيلىرى»، «ھايات ئەلبۇمى» دېگەن ناملاردىكى ئۆزلىرىنىڭ مەخسۇس رۇبائىيلار توپلاملىرى نەشر قىلىنىپ، خەلقىمىزگە تەقدىم قىلىندى. بىر قىسىم شائىر، تەتقىقاتچىلار، ھەۋەسكارلار ئۇيغۇر شېئىرىيىتى گۈلزارىدىن تاللاپ، «يېڭى رۇبائىيلار». «رۇبائىيلىق كالىندار»، «تاللانغان رۇبائىيلار» قاتارلىق  نادىر رۇبائىيلار توپلاملىرىنى تۈزۈپ نەشر قىلدۇردى. ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە مەيدانغا كەلگەن بۇ مەخسۇس ۋە كوللىكتىپ رۇبائىيلار توپلاملىرى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ بازاردا تېزلا سېتىلىپ رۇبائىي قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. بۇ توپلاملارنىڭ بەزىلىرى بىر قانچە قېتىملاپ قايتا نەشر قىلىنسىمۇ كىتاب ساتقۇچىلارنىڭ قولىدا قالمىدى. كىشىلەر كۆڭلىدىن ئورۇن ئالغان بىر  بۆلۈك نادىر روبائىيلار ھۆسنخەت بىلەن بېزىلىپ ياتاق ئۆي، ۋە مېھمانخانىلارنىڭ، تېز تاماقخانىلارنىڭ، ئىشخانىلارنىڭ، مەدەنىيەت-تىجارەت ئورۇنلىرىنىڭ تاملىرىدا جۇلا ئەيلىدى. نورۇز پائالىيىتىدە، بىر قىسىم ئولتۇرۇش، مېھماندارچىلىق، توي-تۆكۈنلەردە قاتناشقۇچىلار ھۇزۇرلىنىدىغان قىممەتلىك سەنئەت جەۋھەرلىرىدىن بولۇپ، كىشىلەر ياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغان يالقۇنلۇق ناخشىلار بىلەن بەسلەشتى. شۇنداقلا بۇ خىل رۇبائىيلار ھازىرقى زامانىۋى تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ تور بەتلىرىنى بېيىتىپ. تور ھەۋەسكارلىرىنى جەلپ قىلدى. توردا سىرداشقۇچىلار، يانفوندا ئۇچۇر يوللىغۇچىلارنىڭ ھېسسىياتلىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، مەقسەتلىرىنى ئۈنۈملۈك ئىپادىلەيدىغان ۋاسىتىغا، ھۇزۇر بەخش ئەتكۈچى جەۋھەر قۇرلارغا ئايلاندى. ئىنكار قىلىش مۇمكىن بولمايدىغان بۇ خىل رېئاللىق مەسىلىلەرگە يۈزەكى قارايدىغان ئايرىم ساندىكى كىشىلەرنىڭ «كىتابخانلار شېئىر ئوقۇمايدىغان بولۇپ قالدى»، «ياخشى شېئىر مەيدانغا كەلمەيۋاتىدۇ» دېگەن قاراشلىرىنى ئىنكار قىلىپ، شېئىرخۇمار خەلقىمىز ئىچىدە رۇبائىي قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، رۇبائىدىن زوقلانغۇچىلارنىڭ ياش پەرقىنى كىچىكلىتىپ، ھەر خىل كەسىپتىكى، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت قاتلىمىدىكى كىشىلەرنى ئۆزىگە تارتىش بىلەن بىرگە رۇبائىيچىلىق — شېئىرىيەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر بۆلۈك شائىر، ھەۋەسكارلار قىزىقىدىغان شەكىل بولۇپ قالدى. بۇ خىل مەپتۇنلۇق تۈرتكىسىدە ياخشى روبائىيلار كۆپلەپ مەيدانغا كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ھەقىقىي رۇبائىي ئۆلچىمىگە توشمايدىغان، شەكلى رۇبائىيغا ئوخشىسىمۇ، ماھىيەت جەھەتتىن رۇبائىيغا يېقىن كەلمەيدىغان «رۇبائىي» لارمۇ بۇ شەكىل قاتارىدا ئۇچراپ تۇرىۋاتىدۇ. شۇڭا رۇبائىيدىن ئىبارەت شېئىرىيەتنىڭ بۇ تۈرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چوڭقۇرراق بىلىۋېلىش لازىم، دەپ قارايمەن.

    رۇبائىي— بار-يوق تۆتلا مىسرادىن تەركىب تاپىدىغان، ئۆز ھەجىمىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ ھەم چوڭقۇر پىكىرنى، ھايات خۇلاسىسىنى، شائىرنىڭ تۇرمۇشتىن ئالغان تۇيغۇ - تەسىراتلىرىنى پەلسەپىۋى يۈكسەكلىكتە جۇلالاندۇرۇپ بېرىدىغان مۇستەقىل بىر شېئىرىي شەكىل، ئۇنىڭ كۆپلىكى ۋە مەخسۇس توپلاملىرى «رۇبائىيلار»، «رۇبائىيات» دېگەن ناملار بىلەن ئاتىلىدۇ.

     

    ئۆمۈر مەنزىلى ئاق قەغەزگە ئوخشار،
    ھەر باسقان قەدەمدىن بىز ئىزىڭ قالار.
    يا ماختان، يا ئۆكۈن ئۆزۈڭنىڭ ئىشى،
    ئەڭ ئادىل ھۆكۈمنى ئەل ئاڭا يازار.

    — ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر «يېڭى رۇبائىيلار» دىن

     

    ئىنسان ھاياتىنىڭ قەدىر-قىممىتى، خۇشاللىق، رىيازىتىنى ئەل-ۋەتەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، ئەلنىڭ تەڭداشسىز قۇدرەت-كۈچى، ئادىللىقى ھەققىدىكى پەلسەپىۋى پىكىرنى مانا مۇشۇ تۆت مىسرا شېئىر ئارقىلىق شائىر تولىمۇ ئىخچام ۋە بەدىئىي پاساھەت ئارقىلىق كامالەتكە  يەتكۈزۈپ ئىپادىلەپ بەرگەن. بۇنىڭدىكى پىكىرنى، شېئىرىي ماھارەتنى قانچىلىك ئىزاھلىساق، تەپەككۇر چوڭقۇرلىقىنى يىراقلارغا، پايانسىز كەڭلىككە باشلاپ ماڭىدۇ.

    رۇبائىيلار — ۋەزىن جەھەتىتن ئارۇز ۋەزىندىمۇ، بارماق ۋەزىندىمۇ يېزىلىدۇ. بۇنىڭ بەلگىلەنگەن ئايرىم ۋەزىن تۈرى يوق. كلاسسىك شائىرلارنىڭ رۇبائىيلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئارۇز ۋەزىنىدە يېزىلغان بولسا، ھازىرقى شائىرلارنىڭ نەمۇنىلىك رۇبائىيلىرى ھەر ئىككى خىل ۋەزىندە يېزىلىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە بارماق ۋەزىندە يېزىلغان رۇبائىيلار كۆپرەك ئۇچرايدۇ.

    رۇبائىينىڭ قاپىيەلىنىش شەكلىگە كەلسەك، كۆپ ھاللاردا ئۇنىڭ 1-2-4- مىسرالىرى ئۆز ئارا قاپىيەلىشىدۇ. 3- مىسراسى بولسا قاپىيەسىز قالىدۇ. بۇ خىل قاپىيە شەكلى بىر قەدەر كۆپرەك. بىر قىسىم رۇبائىيلارنىڭ بارلىق مىسرالىرى ئۆز ئارا بىر-بىرى بىلەن قاپىيەلىنىدۇ. بەزى ھاللاردا ئايرىم رۇبائىيلار بۇ خىل قاپىيە شەكىللىرىدىن باشقىچە كېلىشىمۇ مۇمكىن. بىر رۇبائىي  بىلەن ئىككىنچى، ئۈچىنچى رۇبائىيلار مەزمۇن، قاپىيە جەھەتتىن بىر-بىرىگە بېقىنمايدۇ.

     

    ئەي قولۇم! سەن خەلققە خىزمەت، توغرا ئېيت قىلدىڭمۇ يوق؟
    ئەي پۇتۇم! سەن خەلق يولىدا توغرا ئېيت ماڭدىڭمۇ-يوق؟
    سۆزلىرىڭ بۇ ھەقتە بولدى خۇددى كۆكنى يارغۇدەك،
    ئەي تىلىم! ئېيتقان سۆزۈڭنىڭ ئەھدىدىن چىقتىڭمۇ-يوق؟

    • نۈرمۇھەممەت ئېركى، «بۇلبۇل ۋە باھار» دىن
     

    ۋەدىدە تۇرمايدۇ ۋاپاسىز كىشى،
    جانانغا يېتەلمەس جاپاسىز كىشى.
    قۇل تۇرۇپ «شاھ مەن» دەر ھاياسىز كىشى،
    قۇياشتەك نۇرلۇقتۇر تاماسىز كىشى.

    •ئوسمانجان ساۋۇت «يېڭى رۇبائىيلار» دىن
     

    بۇ ئىككى رۇبائىينى كۆرىدىغان بولساق، بىرىنچى رۇبائىي ئارۇز ۋەزىندە، ئىككىنچى رۇبائىي بارماق ۋەزىندە يېزىلىش ئارقىلىق چوڭقۇر ئوي-پىكىرنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەرگەن. ئارزۇ ۋەزىنىدىكى رۇبائىينىڭ 1-2-4- مىسراسى قاپىيەداش قىلىنغان بولسا، بارماق ۋەزىندە يېزىلغان كېيىنكى رۇبائىينىڭ تۆت مىسراسىنىڭ ھەممىسى ئۆز ئارا قاپىيەداشلىققا ئىگە قىلىنغان.

    رۇبائىينى تۆت مىسرالىق باشقا شېئىرىي شەكىللەر بىلەن ئۆز-ئارا سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك، ئۇنىڭ شەكلى جەھەتتىكى پەرقى تېخىمۇ روشەنلىشىدۇ؟

    مۇرەببە ۋە قوشاق شەكلىدىكى شېئىر— تۆت مىسرادىن تۈزۈلسىمۇ، ئۇلارنىڭ قاپىيەلىنىشى ھەر خىل بولىدۇ. كۇبلېتلار سانىمۇ ئوخشىمىغان مىداردا كېلىدۇ. بۇ خىل شەكىلدىكى بىر قىسىم شېئىرلارنىڭ كۇبلىتلىرى قاپىيە جەھەتتىن بىر-بىرىگە باغلىنىش بىلەن شېئىرى پىكىرمۇ كۇبلىتلار ئاساسىدا بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، چوڭقۇرلاپ بارىدۇ. مۇشۇ ئاساستا ئىدىيىۋى ھېسسىيات تۈگەنلىنىدۇ. بۇ خىل شېئىرلار شېئىرىي ئىجادىيىتىمىزدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدۇ.

    تۇيۇق (مۇھتەمىلات)— تۆت مىسرالىق شېئىر بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى قاپىيە ئۈچۈن تاللانغان سۆزلەر شەكلى ئوخشاش، مەنىسى كۆپ خىل سۆزلەردىن تەركىب تاپىدۇ. بۇ خىل شەكىلدە شائىر سۆز ئوينىتىش ماھارىتى ئارقىلىق ئۆز تۇيغۇسىنى ئىپادىلەپ، پىكىر يۈكسەكلىكىنى ۋۇجۇتقا چىقىرىدۇ.

    راھىتىم، جانىم ئارامى ئۆز يېرىم،
    ئۆز يېرىمدە بولمىغاي كۆڭلۈم يېرىم.
    ئۆز يېرىمدىن بىر نەپەس  بولسام يىراق،
    تارتىشىپ ئاغرىيدۇ قانداقتۇر يېرىم.

    •مۇھەممەتئېلى زۇنۇن «ئائىلە ناخشىلىرى»دىن
    بۇ شەكىلدە قاپىيە ئۈچۈن تاللانغان «يېرىم» سۆزى شەكىل جەھەتتىن بىر خىل بولسىمۇ، مەنا-ئۇقۇم جەھەتتىن باشقا-باشقا ئۈچ  مەنانى بىلدۈرۈپ كەلگەن. شائىر رۇبائىيغا ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ شېئىرىي شەكىل ئارقىلىق، ئانا يۇرت قوينىدا ئۆتكەن ھاياتنىڭ ئىنسانغا خۇشاللىق ۋە ساغلاملىق ئاتا قىلىدىغانلىقىنى ئۆزگىچە شېئىرى شەكىل بىلەن ئىپادە قىلغان.

    مۇئەمما (شېئىرىي تېپىشماق)نىڭ تۆت مىسرادىن تۈزۈلىدىغانلىرى بولسىمۇ، بىر قىسىم مۇئەممالار تۆت مىسرادىن ئارتۇق ياكى بىر قانچە كۇبلېت يېزىلىدۇ. تۆت مىسرالىق بەزى مۇئەممالارنىڭ قاپىيەلىنىش شەكلى رۇبائىيغا ئوخشىسىمۇ، ئۇنىڭدا پەلسەپىۋى پىكىر ئىپادىلەنمەستىن، رېئاللىقتىكى مەلۇم بىر شەيئىنىڭ بەلگىسى يوشۇرۇن ئىپادىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەر شۇ شەيئىنىڭ نېمىلىكىنى تېپىشقا يېتەكلىنىپ، ئۇلارنىڭ پىكىر-تەسەۋۇرى، شەيئىلەرنى بىلىشى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ خىل شەكىل ھازىر تەرەققىي قىلىپ بالىلار ئەدەبىياتىنىڭ تۈرلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى.

     

    بىلىكى بار قولى يوق،
    بوينى باريۇ بېشى يوق.
    كەچتە ئۆيدە، كۈندۈزى،
    بارمايدىغان يېرى يوق.

    — ئەخمەتجان قۇربان سابىرى

    رۇبائىيغا ئوخشاپ كېتىدىغان بۇ شېئىرنى ئوقۇغان ئۆسمۈر كىتابخان قايتا-قايتا ئويلىنىش، ھەر خىل شەيئىلەرنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۇنىڭ چاپان ئىكەنلىكىنى تېپىپ چىقىدۇ.

    مۇساۋىيات تەرەپەيىن— تۆتلا مىسرالىق شېئىرى شەكىل بولۇپ، تۈزۈلۈشى، قاپىيەلىنىش شەكلى جەھەتلەردىن رۇبائىيغا ئوخشايدۇ. لېكىن ئۇنىڭدىكى مىسرالارنى ئوڭدىن سولغا ئوقۇسىمۇ، ۋەزىن-رېتىملارنى ئاساس قىلىپ يۇقىرىن تۆۋەنگە ئوقۇسىمۇ ئوخشاشلا شېئىرىي پىكىر مەيدانغا كېلىپ مىسرا ھاسىل بولىدۇ. سۆز ئىشلىتىش، تەڭداش مىسرالارنى ھاسىل قىلىش، تەپەككۇر چوڭقۇرلىقى جەھەتلەردىن شائىردىن ماھارەت تەلەپ قىلسىمۇ، شېئىرىي پىكىر نۇقتىسىدىن رۇبائىيغا يەتمەيدۇ.

     

    كۆڭۈل يايراپ/ ھۇزۇرلاندىم/ گۈزەل كۆكلەم/ ناۋاسىدىن،
    ھۇزۇرلاندىم/ ئىپار چاچقان/ چىمەنزارنىڭ/ ھاۋاسىدىن.
    گۈزەل كۆكلەم/ چىمەنزارنىڭ/ھاۋاسىدىن/ياشاردى جان،
    ناۋاسىدىن/ ھاۋاسىدىن/ياشاردى جان/ داۋاسىدىن.

    — ھاجى ئەخمەت كۆلتېگىن «زۇمرەت ئېقىن»دىن.

     

    بۇ شېئىر رۇبائىيغا ئوخشايدۇ، لېكىن، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ۋەزنىلەر ئاساسىدا ئوقۇسىمۇ ئوخشاشلا مىسرالار ۋۇجۇدقا چىقىدۇ.

    قىتئە (پارچە)— مىسرالار سانى بەلگىلىك چەكتىن ئاشمىغان ۋە چەكلىك مىسرالار ئىچىدە مەلۇم بىر پىكىرنى ئىپادىلەپ بەرگەن قىسقا شېئىرلارنىڭ بىر تۈرى. ئۇ كۆپ ھاللاردا تۆت مىسرادىن تۈزۈلسىمۇ بىر قىسىم قىتئەلەردىكى مىسرالار سانى ئۇنىڭدىن كۆپرەك ھەتتا 12 مىسراغىچە يېزىلىدۇ. ئۇنىڭ تۆت مىسرالىق ھالىتى شەكىل جەھەتتىن رۇبائىيغا ئوخشىسىمۇ، شېئىرىي تۇيغۇ، پىكىر چوڭقۇرلىقى جەھەتلەردە رۇبائىيدىن روشەن پەرقلىنىدۇ.

     

    كەلتۈرەلمەس شېئىرنى،
    ئىلھامى يوق قۇرۇق قەلەم.
    بۇ ئۇلۇغ گەۋھەرنى بەرگەي،
    بىر خۇشاللىق، بىر ئەلەم.

    نۇر مۇھەممەت ئېركى—

    بۇ پارچىدا ھەقىقى، ئۆلمەس ئوتلۇق شېئىرىي ئەسەرلەرنىڭ قانداق ئىجاد قىلىشى ئوبرازلىق ئىپادىلەنگەن بولسىمۇ، پىكىردىكى پەلسەپىۋىيلىك ۋە ئومۇمىيلىق جەھەتتىن رۇبائىيدىن پەرقلىنىدۇ.

    رۇبائىي تۆت مىسرالىق باشقا شېئىرلاردىن يۇقىرىقى تەرەپلەردە پەرقلەنسىمۇ، ئۇنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكى شەكلىدە ئەمەس مەزمۇنىدا. چۈنكى مەزمۇن ھەر قاچان شەكىلدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. شەكىل مەزمۇن ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. رۇبائىينى رۇبائىي قىلغىنى شەكلىدىن كۆرە ئۇنىڭ مەزمۇنى. يەنى پاساھەتلىك شېئىرىي تىل ياردىمى ئارقىلىق ئىپادە قىلىنغان چوڭقۇر نازۇك تۇيغۇ، پەلسەپىۋى پىكىر، مەنتىقى يەكۈندىن ئىبارەت. شۇنداق بولغاچقا رۇبائىينىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىدا تېخمۇ ئېنىق كۆرەلەيمىز.

    بىرىنچى، رۇبائىي بىر قانچىلاپ كۇبلېت شېئىر ئورنىغا يېزىلىدىغان مۇستەقىل بىر شېئىرىي ئەسەر. ئۇ قۇرۇلما جەھەتتىكى كىچىكلىككە قارىماي، خېلى-خېلى چوڭ شېئىرلاردىمۇ كەم ئۇچرايدىغان چوڭقۇر پىكىرنى، شائىرنىڭ تۇرمۇشتىن ئالغان تۇيغۇ-تەسىراتلىرىنىڭ جەۋھىرىنى ئىجادىي يېڭى پىكىرنى ئۆزىدە جۇلالاندۇرىدۇ. باشقىلار ئوتتۇرىغا قويمىغان يېڭى ئىجادىي پىكىر بولمىسا روبائىي-روبائىي بولمايدۇ.شۇنداق بولغاچقا ئۇ خۇددى ئاش تۇزىغا ئوخشاش ئازلىغىغا قارىماي، يوغان بىر قازاندىكى ئاشقا تەم ئاتا قىلىدىغان، ئۆزى ئاز، كىچىك بولسىمۇ ۋەزنى ئېغىر، رولى چوڭ ھېسابلىنىدىغان ئالاھىدە بىر خىل شېئىرىي شەكىل. ۋايىغا يەتكەن بىر روبائىيدا ئۇزۇن بىر داستاندا ئىپادىلەنگەن پىكىردىنمۇ چوڭقۇرراق پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغىلى بولىدۇ.

     

    ھېچ ئەمەس يەر شارى ئىشرەت، كەيىپ-ساپا مەيخانىسى،
    بىلسىڭىز ئۆتكۈر رىقابەتتە ھاياتنىڭ مەنىسى.
    مەيلى خالاڭ، خالىماڭ باغلىق ئەمەس ئارزۇغا ئۇ،
    ھەر قاچان دۇنيا دېگەن بىر خىل رىقابەت سەھنىسى.

    غەنىزات غەيۇرانى «100 رۇبائىي» دىن—

     

    بۇ رۇبائىيدا شائىر، قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە، ئۆز ئەتراپىمىزدىن تارتىپ چەت ئەللەرگىچە بولغان ھاياتلىق يولىدىكى ئىزدىنىش، تەر تۆكۈش، غايە يولىدا جان پىدا قىلىشلارنى، كەشپىيات-ئىختىرالارنى شائىرانە كۆز بىلەن كۆرۈپ، ھاياتلىقنىڭ ھەقىقىي مەنىسى قۇرۇق ئارزۇ ھەۋەس ۋە تەييارغا ھەييار بولۇپ راھەت-پاراغەتتە ياشاش بولماستىن، كۈچلۈك رىقابەت ئارقىلىق ئۆزى ھەم باشقىلار ئۈچۈن بەخت يارىتىش ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ۋاقىت سەگەك تۇرۇپ ئەقىل ۋە تۆھپىدە باشقىلارنى بېسىپ چۈشۈشكە تىرىشىپ، ئۆز تارىخىدا باشقىلار سۆيۈنگىدەك ئىز قالدۇرۇش ئىكەنلىكىنى جانلىق سۈرەتلەپ، كېلەچەك، ۋەتەن، خەلق ئۈچۈن تىرىشمىغانلارنىڭ ھاياتلىقتا ھېچ قانداق قىممىتى بولمايدىغانلىقىنى بەدىئىي ماھارەت بىلەن يورۇتۇپ بەرگەن. مانا بۇ روبائىدىن ئىبارەت شەكىلنىڭ ئىخچاملىقى ۋە كارامىتى.

    ئىككىنچى، رۇبائىي پەلسەپىۋى شېئىر. رۇبائىينىڭ رۇبائىي بولغان-بولمىغانلىقىغا قاراشتا ئۇنىڭ پەلسەپىۋى پىكىرگە، مەنتىقىي يەكۈنگە تويۇنغان تويۇنمىغانلىقىغا قاراشقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا ھەقىقىي رۇبائىيلار، ئۆلمەس پەلسەپىۋىي پىكىرلەرنى، ھايات خۇلاسىسىنى ئۆزىنىڭ ئەكس ئەتتۈرۈش ئوبيېكتى قىلىدۇ. رۇبائىيلاردا كائىنات سىرلىرى، ئىنسانىيەت تەقدىرى، ۋەتەن خەلق سۆيگۈسى، ئىشقى-مۇھەببەت، ھەققانىيەت، ئادالەت، ئەخلاق دىيانەت، قېرىنداشلىق مېھىر، دوستلۇق، ۋاپادارلىق، مەرتلىك، ئىلىم-مەرىپەت، ئەجىر-مېھنەت، كەشپىيات، تەرەققىيات...قاتارلىق ئاكتىۋال پىكىرلەر ئىلگىرى سۈرۈلۈش بىلەن بىرگە كىشىلىك ئەخلاققا، ئىلغارلىققا، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىىياتىغا، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىگە توسالغۇ بولىدىغان ھەرقانداق يامان ئىللەتلەرنىڭ زىيانلىق ماھىيىتى، ئىبرەتلىك ئاقىۋىتى شېئىرىي ئوبراز ئارقىلىق كۆرسىتىپ بېرىلىدۇ. كلاسسىك شائىرلىرىمىزدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ناۋائى، لۇتفى، زەلىلى، خىرقىتى، نۆۋبىتى، تەجەللى قاتارلىقلارنىڭ نۇرغۇنلىغان رۇبائىيلىرىنىڭ ھازىرغىچە ئېغىزدىن-ئېغىزغا، خاتىرىدىن-خاتىرىگە كۆچۈش بىلەن تۈرلۈك ئولتۇرۇش، سۆھبەتلەردە ئېيتىلىپ كېلىشىنىڭ سىرى ئۇلاردا زاماندىن ھالقىغان، ھەر قانداق دەۋردە قىممىتىنى يوقاتمايدىغان ئۆلمەس پىكىر، ھېكمەتلىك يەكۈنلەرنىڭ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانلىقىدا. كىشىلەرنىڭ رۇبائىينى «ھېكمەتلىك شېئىر»، «ئەقلىيە شېئىر» دېيىشىنىڭمۇ ئاساسى ئەنە شۇ يەردە. رۇبائىينى رۇبائىي قىلغان نەرسە ئۇنىڭدىكى پىكىر. دېمەك ئۆلمەس پىكىر رۇبائىينىڭ جېنى.

     

    غۇربەتتە غەرب شادمان بولماس ئىمىش،
    ئېل ئاڭا مۇشفىق[*]، مېھرىبان بولماس ئىمىش.
    ئالتۇن قەپەز ئىچرە گەر قىزىل گۈل بۈتسە،
    بۇلبۇلغا تىكەندەك ئاشيان بولماس ئىمىش.

    ناۋائى «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىدىن نەمۇنىلەر»دىن—

     

    بۈيۈك شائىر ئەلشىر ناۋائىينىڭ بۇ رۇبائىيسىنىڭ ئاخىرقى ئىككى مىسراسى خۇددى بىر ھېكمەتلىك سۆزگە ئوخشايدۇ. بۇ شېئىردىكى يۇرتتىن ئايرىلىش ئازابىنى، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا يۇرتقا بولغان مېھىر-مۇھەببەتنى ئىزاھلاپ چوڭقۇرلىقىغا يەتكىلى بولمايدۇ. بۇنداق رۇبائىيلارنى خەلقىمىزنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشى ئۇنىڭدىكى ئۆلمەس پىكىرنىڭ مەڭگۈ يالقۇنلاپ تۇرغانلىقىدا. كلاسسىك شېئىرلىرىمىزدا بۇنداق رۇبائىيلار ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ.

    ئۈچىنچى، رۇبائىي بەدىئىي ماھارەتكە تويۇنغان بولۇشى لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن شائىر ئۆز ئانا تىلىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش بىلەن بىرگە، ئۆگەنگەن تىلنى تاۋلاپ، پىششىقلاپ شېئىرىي تىل دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشى، ئوبرازلىق، ئىخچام تىل ئاساسىدا شېئىرىي مۇھىت ھاسىل قىلىپ، ئاز سۆز بىلەن چوڭقۇر مەنا- مەقسەتلەرنى ئىپادىلەپ بېرىشكە تىرىشىشى كېرەك. ئۇندىن باشقا شائىر بەدىئىي ئەدەبىياتتىكى گۈزەللىك ئەۋرىشكىلىرىنى ئۆز ئىجادىيىتىدە نامايان قىلىشى، ئوبرازلىق تەپەككۇر جەريانىدا كۈچلۈك تەسەۋۋۇر ياردىمى بىلەن ئوخشىتىش، سىمۋول قىلىش، مۇبالىغە، نەقىل كەلتۈرۈش، سۈپەتلەش، سېلىشتۇرۇش، جانلاندۇرۇش قاتارلىق بەدىئىي ۋاسىتىلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، تىلنىڭ پاساھىتىنى ئاشۇرۇپ، ئۆز تۇيغۇ-پىكىرلىرىنى قاناتلاندۇرۇپ، پىكىرنى يالىڭاچ، قۇرۇق ئىپادىلەشتىن ساقلىنىپ، ئوبرازلىق تىل ئارقىلىق رۇبائىينىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. ياخشى يېزىلغان بىر رۇبائىيغا بىرەر سۆزنى قوشۇپ قويغىلى ياكى ئېلىۋەتكىلى بولماسلىقنىڭ سەۋەبى ئەنە شۇ يەردە. بەدىئىي ماھارەت — شېئىرىي تىل رۇبائىينىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرىدىغان مۇھىم ئامىل.

     

    يالغانچىنىڭ تىلى چېچەكسىز پەلەك،
    چېچەكسىز پەلەكتە نە قىلسۇن خەمەك.
    ئۇزارغانسېرى ئۇ ئۆز ئىگىسىنى،
    بوغۇدۇ يىلاندەك بولۇپ چەمبىرەك.

    — ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر «يېڭى رۇبائىيلار» دىن

    شائىر بۇ رۇبائىيدا كۈچلۈك تەسەۋۇر ياردىمى بىلەن تىل جەھەتتىكى يۈكسەك ماھارىتىنى ئىشقا سېلىپ، بارلىق چاكىنىلىقلارنىڭ مەنبەسى بولغان يالغانچىلىقتىن ئىبارەت يارىماس ئىللەتنىڭ ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا كەلتۈرىدىغان زىيانلىق ئاقىۋىتىنى ناھايىتى ئوبرازلىق سۈرەتلەپ بۇ شېئىرىي ھېكمەتنى ياراتقان. بۇ رۇبائىينىڭ بۇنداق جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇشىدىكى سەۋەب، شېئىردىكى ئوبرازلىق تەپەككۇر ياردىمىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان بەدىئىي كۈچتىن ئىبارەت.

    ھازىر گېزىت-ژورناللىرىمىزدا سۈپەتلىك رۇبائىيلار كۆپلەپ ئېلان قىلىنىپ، خەلقىمىزنىڭ شېئىردىن زوقلىنىش تەلىپىنى قاندۇرۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىر قىسىم ئاپتورلار «رۇبائىيلار ۋە پارچىلار» سەرلەۋھەسى ئاستىدا رۇبائىي بىلەن پارچىنى پەرقلەندۈرمەي، ئىككى شەكىلنى ئارىلاش ئېلان قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا رۇبائىيلار تۈركۈمى ئاستىدا، رۇبائىي ئۆلچىمىگە توشمايدىغان، ئابستراكىت ۋەز-نەسىھەتلەرنى، باشقىلار چايناپ شاما قىلىۋەتكەن ئاددى كۇبلېتنى رۇبائىي دەپ ئېلان قىلىپ، بۇ جەۋھەر شېئىرىي شەكىلنىڭ نامىغا داغ تەگكۈزىۋاتقانلىقىنى ئۇچرىتىمىز. بۇ شۇ ئاپتورلارنىڭ ئىجادىيەتكە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلماي، تۇرمۇشنى چوڭقۇر كۆزەتمىگەنلىكى، تۇرمۇشتىن ھاسىل قىلغان پىكىرنى ھەر جەھەتتىن تاۋلىمىغانلىقىنىڭ، رۇبائىينىڭ تۈپكى خۇسۇسىيىتىنى يازمىلىرىدا ئىزچىللاشتۇرالمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى. شۇنداقلا يازغانلىرىنىڭ رۇبائىي ئۆلچىمىگە توشمىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، پىشمىغان توڭ غورىنى بازارغا سېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    پارچە (قىتئە) نىڭ شەكىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى يۇقىرىدا ئىزاھلاندى. پارچىدا ھاياتنىڭ قىسقا دەقىقىلىرىدە چاقنىغان ھەقىقەت ئۇچقۇنلىرى، نازۇك ئىچكى تۇيغۇ، تەبىئەت، تۇرمۇش تەسىراتلىرى، شېئىرىي پىكىر ئىپادىلەنسىمۇ، ئۇ پىكىرنىڭ ئۇيۇللۇقى، پەلسەپىۋى خۇلاسە، شائىرنىڭ ۋىجدان تۇيغۇسى، شەكىل ۋە بەدىئىي پاساھەت جەھەتتىن رۇبائىيدىن روشەن پەرقلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە شېئىر ئوقۇغۇچىلار، ھۆسنەت يازغۇچىلارمۇ ئۆزلىرى ئوقۇغان ھەر خىل شەكىلدىكى شېئىرلارنىڭ ئۆزلىرىگە ياققان، ئېھتىياجلىق دەپ قارىغان ئايرىم ياخشى كۇبلېتلىرىنى ئۈزۈپ خاتىرىلىرىگە كۆچۈرۈۋېلىپ، پارچىنى بارلىققا كەلتۈرىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ.

    رۇبائىي ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار رۇبائىينىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىنى پۇختا ئىگىلەش ئاساسىدا، ئىجادكارغا خاس كۆز بىلەن تۇرمۇشنى چوڭقۇر كۈزىتىپ، دەۋرىمىزدە يۈز بېرىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى، ئومۇمىي خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىنى، ۋەتەن تاپشۇرغان بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي چۈشەنگەندە، ئۆز ھېسسىياتى بىلەن رېئال ھاياتنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، خەلقىمىز ياقتۇرىدىغان نادىر رۇبائىيلارنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

     

     

    پايدىلانغان ماتېرىياللار:

    1. ھاجى ئەخمەت كۆلتېگىن «ئۇيغۇر شېئىرىيىتى توغرىسىدا» ناملىق كىتاب مىللەتلەر نەشرىياتى 1982- يىل نەشرى.
    2. «ئۆمەر ھەييام رۇبائىيلىرى» (نۈرمۇھەممەت ئېركى تەرجىمىسى) مىللەتلەر نەشرىياتى 1983-يىل نەشرى.
    3. «يېڭى رۇبائىيلار» (تېيىپجان ئىلىيۇف تۈزگەن يېڭى زامان ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ كوللېكتىپ رۇبائىيلار توپلىمى) مىللەتلەر نەشرىياتى 1988-يىل نەشرى.
    4. ئۇيغۇر  شائىرلىرىنىڭ ماقالىدا نامى تىلغا ئېلىنغان رۇبائىيلار، شېئىرلار توپلاملىرى.
    (ئاپتور: قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە)

     
    [*]مۇشفىق — شەپقەتچى

      « شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى» 2010-يىل 12-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.