تەكلىماكاندىكى ياۋا ئادەم(ئەختەم ئۆمەر)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-20 23:54:15

تەكلىماكاندىكى ياۋا ئادەمئەختەم ئۆمەر بۇ ھېكايە ئەقلىمگە كەلسەم تۈمەنتالدا ئېيتىلىپ يۈرەركەن ... مىلادى 1868- يىلى قارا قىش، مەكىتنىڭ تۈمەنتال توغراقلىقى. قېلىن ياغقان قار بۈككىدە ئۆسكەن توغراقل...

    تەكلىماكاندىكى ياۋا ئادەم
    ئەختەم ئۆمەر



       بۇ ھېكايە ئەقلىمگە كەلسەم تۈمەنتالدا ئېيتىلىپ يۈرەركەن ...
       مىلادى 1868 - يىلى قارا قىش، مەكىتنىڭ تۈمەنتال توغراقلىقى. قېلىن ياغقان قار بۈككىدە ئۆسكەن توغراقلارنىڭ شاخلىرىغا ئاق بۇلۇتتەك قونۇپ سامان باسقان ئۆگزىدەك ئويۇپ كەتكەن.
    ئادەم بويى كەلگۈدەك توغراقلارنىڭ تۈۋىدىكى دەسلەپ ياغقان قارلار ئېرىگەن، قومۇش، ئەمەن، كۆك تىكەن، تۆگە تاپىنى دېگەندەك ياۋا ئوت - چۆپلەر ئارىسىدا سالما، پاتمىچۇقلار يۈگۈرۈشكەندە، قۇرىغان ياۋا ئوت – چۆپلەر شىلدىرلىشىپ توغراقلىققا ئازراق بولسىمۇ جان كىرگەندەك بولۇپ قالاتتى. بەزىدە توغراق شاخلىرى تۇيۇقسىز مىدىرلاپ، ئۈستىدىكى قېلىن قارلار شاررىدە تۆكۈلۈپ كېتەتتى.
    بىردىنلا قويۇق قومۇشلار شالدىرلاپ قېرى يۇلغۇننىڭ بولجا چىۋىقلىرى ئارىسىدىن بىر قوڭۇر ئېيىق بالىسى قۇرۇپ قېلىن كۆرپىدەك بولۇپ كەتكەن توغراق غازاڭلىرىنى پۇراپ تەمتىلەپ چىقىپ كەلدى. ئۇنىڭ ئۇۋىسىدىن تۇنجى چىقىشى بولسا كېرەك، ھەممىگە بىر خىل قىزىقىش بىلەن تىمىسىقلاپ ئىسقىرتىپ، پىسىلداپ ئۆمىلەيتتى.
    ئۇ توغراقلىق ئارىسىدا يەنە بىرەر يۈز چامدام ئۆمىلە-ئۆمىلىمەيلا «كۇلدۇر» قېلىپ بىر ئورەككە چۈشۈپ كەتتى ۋە يەرنىڭ تېگىدىن ئۇنىڭ غىڭشىپ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. بىر ھازادىن كېيىن ئۇنىڭ يىغائاۋازى تۇيۇقسىز توختاپ قالدى. چاپاق باسقان قارا كۆزلىرى چەكچىيىپ ئاژناپلىق بىلەن ئەسنەپ، ئېڭەكلىرىدىن قاس چىقىپ كەتتى. پۇراپ تىمسىقلاپ يۈرۈپ، ئوۋچى تاشلاپ قويغان توشقاننىڭ گۆشىدىن بىر تويغۇچە يەپ خوشاللىقتىن ئاغزى – بۇرنىدىكى قانلارنى ئۇزۇنغىچە يالاپ تاتلىق ئۇخلاپ قالدى.
    بىر چاغلاردا بۇ قاپاتا تەرەپتىن ئوۋ ئىتلىرىنىڭ بەس – بەس بىلەن قاۋىغان ئاۋازى ئاڭلاندى. ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەي ئورا بېشىدا توپاقتەك بىر – بىرىدىن يوغان سەككىز – ئون تاغىل ئىت ئورىغا قاراپ يەۋىتىدىغاندەك چەكچىيىپ قاۋىغىلى تۇردى. ئىتلارنىڭ قاتتىق قاۋىشىدىن شېرىن ئويقىسى بۇزۇلغان ئېيىق بالىسى قورقۇپ غال – غال تىترەپ كەتتى.
    ئىتلار ئېيىق بالىسىغا تازا قاۋاۋاتقاندا بېشىغا تۈلكە سالۋا، ئۇچىسىغا ئۆڭ جۇۋا كىيگەن، مۈرىسىگە مىلتىق ئاسقان بۇسۇغا باي قارا ئارغىماقتىن سەكرەپ چۈشۈپ، ئىتلارنىڭ ئۈنىنى پەس قىلدى. ئاندىن قوينىدىن قىل ئارغامچىنى چىقىرىپ سالما تاشلاپ ئېيىق بالىسىنى تارتىپ چىقاردى ۋە ئۇنىڭ گەدىنىدىن تۇتۇپ بوينىدىكى قىلتاقنى چىقىرىۋىلىپ قارىدى.
    - ھە، ئىنجىمارۇق، ھالىڭغا باقماي ئەركەككەنسەن تېخى. بۇنىڭدىن كېيىن بەڭباشلىق قىلما، سەن تېخى گۈدەك ئىكەنسەن، ساڭا كۈننىڭ سېرىقىنى كۆرسىتەي. ماڭە، ئۆيۈڭگە كەت. تېرەڭ، تاپىنىڭ يوغىناپ بوينىڭ ياققا تولغاندا ئاندىن بىزنىڭ كولىغان ئورىغا چۈشەرسەن.
    ئىتلار قۇيرۇقلىرىنى شىپاڭلىتىپ، ھاسراپ، بوسۇغا باينىڭ ئايىغىنى يالاپ جىم يېتىشتى. بوسۇغا باي ئېيىق كۇچۈكىنى يەرگە قويۇشىغا قۇلا ئات مىنگەن ئون بىر ياشلىق ئوغلى ئارا باي ئېتىنى چاپتۇرۇپ يۈگۈرۈپ كىلىپ ئاتتىن سەكرەپ چۈشۈپلا ئېيىق كۈچۈكىنى قۇچىقىغا ئېلىۋالدى.
    - ئۇنى قويىۋەت، ئۇ تېخى ئۇكاڭ نەيزە بايدىنمۇ كىچىك، جېنىنى جان ئەتسۇن. بىزنىڭ رىسالىمىزدە يېشىغا توشمىغان ھەر قانداق جان - جانىۋارغا چېقىلمايمىز. ئۇنى قويىۋەت.
    _ پوندەك ئاتا، خۇش بولاي، ئۇنى ماڭا بېرىڭە.
    _ قانداق قىلىسەن، ئۇ پىچاققا يارىمايدۇ.
    _ئۇنى باقىمەن، ھويلىدىكى كۇچۈكلەردەك باقىمەن.
    _ ئۇنى ئىتلار يەپ كېتىدۇ.
    _ ئۇنى ئېغىلدا ئايرىم قورمىغا سولاپ باقىمەن. مېنىڭ باققۇم كېلىۋاتىدۇ ئاتا.
    _ ئۇنى باقىمەن دەپ ئۆلتۈرۈپ قويىسەن. ئۇ تېخى ئانىسىنى سۈتىدىن ئايرىلمىغان كۈچۈك ئىكەن.
    _ ياق، تۈكىگە قارىسام سۈت ئۇرۇقى بوپ قالغان بىرنىمىكەن. ئانىسى ئۆلدىمۇ ياكى ئانىسىدىن سۈت چىقمىدىمۇ، ئەمچەكتىن ئايرىلىپ قالغانلىقى مانا مەن دەپ تۇرمامدۇ.
    _ باقىمەن دەپ ئۆلتۈرۈپ قويساڭ قىساسىغا قالىسەن. نۆۋەي جاندارلارنى ئۆلتۈرگەن ئادەم ئوۋچى بولالمايدۇ. بىر ئۆمۈر ئوۋ ئوۋلىيالمايدىغان رۇۋۇك، ئىشى ئىلگىرى باسمايدىغان، ئولجىسى يوق ئاجىز ئوۋچى بولۇپ قالىدۇ.
    _ مەن سىزگە قەسەم بېرەي ئاتا. ئۇنى نېزەمۇللا ئۆلتۈرۈپ قويمايمەن. مېنى باققىلى قويىڭە.
    بۇسۇغا باي قىزىل سىمدەك بومبۇر ساقىلىنى سىلاپ، چوڭقۇر، كۆكۈش ئور كۆزلىرىنى بىر ئوغلىغا، بىر ئۇنىڭ قۇچىقىدا بىغەم ئولتۇرغان ئېيىق بالىسىغا تىكىپ قېلىن كالپۇكلىرىنى چىشلەپ قويۇپ دېدى:
    _ بوپتۇ، رايىڭغا باراي. ئۆلتۈرۈپ قويىدىغان بولساڭ پۇتۇڭدىن باغلاپ توغراققا بىر كېچە ھاۋا تاپان قېلىپ ئېسىپ قويىمەن.
    _ خوپ ئاتا، ئوبدان ئاتا، پوندەك ئاتا، قاپاق توغراقتەك ئاتا… سەگۈ تېرەكتەك ئاتا…
    بۇسۇغا باي قارا ئارغىماققا مىنىپ توغراقلىق ئىچكىرىسىگە ئات سالدى. ئوۋ ئىتلىرى ئېيىق كۈچۈكىنى جۇۋىسىنىڭ قوينىغا سېلىۋاتقان ئارا بايغا غىڭشىپ قاۋاپ قويۇپ، خوجىسىنىڭ كەينىدىن چېپىپ كىتىشتى. ئارا باي ئېيىق كۈچۈكىنىڭ ساغرا تاسما بىلەن يىنىك بوغۇپ بېشىنى قوينىدىن چىقىرىپ قويۇپ، ئاتىسىنى كەينىدىن ئات سېلىۋىدى، ئېيىق بالىسى ئۇنىڭ مەيدىسىنى تاتلىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ توختاپ، ئېيىق بالىسىنى ئاستىدىكى قىل خورجۇنغا بېشىنى چىقىرىپ سېلىپ قويدى دە، ئېتىنى چاپتۇرۇپ كەتتى.
    ئالا ھەزەل بىرەر ئاش پىشىمدىن كېيىن بىر ئانا ئېيىق پاتمان خاپىلىق بىلەن ھۆركىرەپ يىغا - زارا قىلىپ بالىسىنىڭ ئىزىنى پۇراپ ئورەك بېشىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭ ھىدىنى ئېلىپ قاتتىق نالە قىلىپ ئالەمنى مالەم قىلىپ يىغلاپ كەتتى. لەخمە بېشىدا ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئايلىنىپ ئىككى پۇتلۇق بولۇپ ئۆرە تۇرۇپ تۆت تەرەپكە قاراپ بالىسىنىڭ پۇرىقىنى ھىدلاپ غەزەپ بىلەن ھۆركىرىدى. ئۇ بىر تۈپ توغراقنى قۇچاقلاپ قاتتىق نەرە تارتىپ بىر ئۈسىۋىدى،قاتتىق سىلكىنىشتىن توغراق ئۈستىدىكى قارلار تاغ سېيرىلغاندەك سېيرىلىپ چۈشۈپ ئېيىقنىڭ ئۈستىباشلىرىنى باستى. قوڭۇر ئېيىق ئاق دۆڭگە ئايلىنىپ گويا قارا باسقان دۆڭ يۆتكەلگەندەك بالىسىنى ھىدلاپ ئوۋچىلار كەتكەن تەرەپكە _ قېلىن قار باسقان توغراقلىق ئارىسىغا كىرىپ كەتتى…

     
        قوڭۇر ئېيىق بۇسۇغاباينىڭ دەريا بويىدىكى سالمىلىق دۆڭگە جايلاشقان توقسان پاتمانلىق كەڭ قورۇقىنىڭ ئالدى – كەينى، ئۆي – ئېغىل قوتانلىرىنىڭ ئۆگزىسىگە ئاسمان - پەلەك بېسىۋەتكەن كۆك قومۇش، مەڭگەن،پاتاق، كۆك شاخ دۆۋىلىرى ۋە باغنىڭ ئەتراپىنى بىر ئاي ئايلىنىپ يىغلاپ يالۋۇردى، قاقشىدى. بۇسۇغا بايدىن كۆزى سۈزۈلمىگەن نارەسىدە بالىسىنى قايتۇرۇپ بېرىشىنى تىلەپ جىق يالۋۇردى. دەسلەپ بۇسۇغا باي ئېغىلنىڭ بۇلۇڭىدىكى ئاستىغا قېلىن ئۈژمە شېلى ئورنىتىپ ئۈستىنى قېلىن كالا پاتىڭىدىن زەي سېلىپ ياسالغان باسماققا باستۇرۇپ قويغان ئېيىق بالىسىنىڭ ئانىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ مىيىڭلاپ، غىڭشىشىغا، باسماقنىڭ ھەريېرىگە ئۆزىنى ئۇرۇشىغا، باسماقنىڭ قېتىپ چۈيۈندەك بولۇپ كەتكەن پاتاڭ شىۋاقلىرىنى چاينىشىغا، ئۆزىنى قورمىغا ئۇرۇپ، ئاستىدىكى قاتتىق ئۈجمە ياغىچىنى تاتىلاپ يىغلاشلىرىغا، بولۇپمۇ ئانائېيىق بىلەن بالا ئېيىقنىڭ تەڭ يىغلاشلىرىغا ئىچى ئاغىرىپ ئېيىق بالىسىنى قويىۋەتمەك بولدى. ئەمما ئۆگزىگە چىقىپ يىراق دەريانىڭ ئۇقېتىدىكى ئەيسانىڭ ئاۋىتى، ئات چاپار، سېرىق بۇيا تەرەپلەرگە نەزەر سېلىۋىتىپ بىردىنلا ھەپتە – ئون كۈننىڭ ياقى ئاۋازىنىلا ئاڭلاپ قارىسىنى كۆرەلمىگەن ئانا ئېيىقنىڭ ئاچقاش دۆڭ تۆپىدىكى يالغۇز قېرى توغراقنىڭ تۈۋىدە ئىككى پۇتلۇق بولۇپ ئۆزىگە زەن سېلىپ قاراپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ قالدى. ئۇنىڭ يىگىرمە - ئوتتۇزچە ئوۋ ئىتلىرى ھەپتە - ئون كۈننىڭ ياقى بۇ ئېيىق بىلەن تولا ھەپىلىشىپ قاۋاپ ئەگىشىۋىلىپ يۈرىشەتتى. ئاخىرى قوڭۇر ئېيىق بىر قانچە ئىتنى بوغۇپ قارنىنى يېرىپ، پۇتلىرىنى تۆت پارە قىلىپ تاشلىۋەتكەندىن كېيىن ئوۋ ئىتلىرى ئۇنىڭدىن قورقۇپ يېقىن بارالماس بولۇپ كەتكەن ئىدى. بۇسۇغا باي دەسلەپ ئوۋ ئىتلىرىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن توزاق قۇرۇپ، لەخمە كولاپ، قىلتاق قۇرۇپ باقتى. ئەمما، ئانا ئېيىق توزاققىمۇ چۈشمىدى. ياكى مىلتىق ، نەيزە، چۇماققا قارىسنى كۆرسەتمىدى. مانا ئەمدى ياۋا جانىۋارلارنى كۆرسىلا ئوۋ خۇمارى تۇتۇپ كېتىدىغان بوسۇغاباينىڭ ئانا - بالا ئېيىققا ئىچى ئاغىرىپ ئېيىقنى قويۇپ بەرگۈسى كېلىۋىدى، ئەمما ئانا ئېيىقنى كۆرۈپ قالدى. تۈمەنتال، بۆرە ئېغىزى ھەتتا تەكلىماكاننىڭ ئىچكىرىسىدىكى كەندىكان،خېيا، ئەختەمباينىڭ نۇرىسى دېگەن مەشھۇر توغراقلىقلاردىمۇ ئاغزىغا چىش چىقىپ، ئەقلىگە كېلىپ مۇنداق تامدەك يوغان ئېيىقنى كۆرۈپ باقمىغانىدى. ئۇنىڭ تېرىسى ئون كالىنىڭ پۇلىغا، يېغى ئوتتۇز ئاتنىڭ پۇلىغا، تاپىنى ئىككى يۈز قويغا، بىر ھارۋا كەلگۈدەك سۆڭىكى يۈز ئۆچكىگە يارايدىكەن. ئىگەم بۇسۇغامغا ئەۋەتكەن بۇنداق پۈتۈن سۈزۈك ئولجىنى ئوۋلىۋالسام مەن ئوۋچىمۇ ياكى قوڭچىمۇ… بۇنداق ئوۋ ساقىلىم ئاقىرىپ ئەللىق بىر ياشقا كىرگىچىمۇ نېسىپ بولمىغان، ئەمدىيەنە نېسىپ بولامدۇ – بولمامدۇ، خۇدانىڭ ئۆزىگە ئامانەت، ئوۋلىغىنىم ئوۋلىغان، بالىسىنى قويۇۋەتمىسەم مەھەللەمدىن كەتمەيدۇ. ھامان بىر كۈنى يا تاپان توزاققا، يا مىلتىققا توغرا كېلىدۇ. بۇسۇغا باي تاپقان ئەقلىدىن ئالا كۈچۈكلىرى تارقاپ، ئۆگزىدىن ئالدىراپ چۈشتى.
    ئېيىق بۇسۇغاباينىڭ قورۇسىنى توقسان ئۈچ كۈن ئايلاندى. بەزىدە يالۋۇرۇپ يىغلاپ ئايلاندى. بەزىدە غەزەب بىلەن ھۆركىرەپ يىغلاپ ئايلاندى. بۇسۇغا باينىڭ قۇرغان قىلتاقلىرىغا ئېيىق چۈشمىدى. ئاتقان ئوقلىرى تەگمىدى. ئېيىق بۇسۇغا بايلارغا ئارام بەرمىدى. مەھەللىگە ئېيىق كەلسە ئانىسى تالادا ئالەمنى مالەم قىلىپ يىغا -زار قىلسا، بالىسى قورمىغا ئۆزىنى ئۇرۇپ يىغلاپ ھويلىنى بىر ئالاتتى. ئانا- بالا ئېيىقنىڭ نالە - زارىغا چىدىمىغان، تىرىككەن ئوۋ ئىتلىرى بەس - بەس بىلەن قاۋىسا، توخۇلار قاقاقلاپ ، قويلار مەرەپ، جىم ياتقان ئېشەكلەر ھاڭراپ، ئېغىلدىكى كالىلار مۆرەپ، بۇسۇغاباينىڭ مەھەللە - قورۇسى قىيامەتنىڭ نالە - زارخانىسىغا ئايلاندى. بۇ غەۋغادىن تىرىككەن بۇسۇغاباينىڭ ئۆيىدىكىلەر قوي - كالا، ئىت، توخۇلىرىغا ۋارقىراپ قولىغا چىققان نەرسىلەر بىلەن ئۇرۇپ ، تىللايتتى. ئەمما، توختىتالمايتتى. تالادا چەكسىز قاراڭغۇلۇق ئىچىدىكى توغراقلىققا قارىتىپ ئوق ئېتىپمۇ ئانا ئېيىقنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرەلمەيتتى. ئانا ئېيىق ھېلى كۈن چىقىش تەرەپتىكى توغراقلىقتا ھۆركىرىسە، ھېلى كۈن پاتار تەرەپتە نەرە تارتتى.
    بۇ قىش يا ئانا ئېيىق قىشلىق ئۈچەك ئۇيقۇسىنى تاپمىدى. يا بۇسۇغا بايلار ئائىلىسى ئارام تاپمىدى. ئېيىق بۇسۇغا بايغا ئارام بەرمىدى. بۇسۇغا بايمۇ يا ئېيىققا بالىسىنى بەرمىدى، يا ئېيىقنى ئوۋلاپ مۇرادىغا يەتمىدى. دەل توقسان كۈن بولغان باش ئەتيازنىڭ بىر كېچىسى ئانا ئېيىق خۇددى ئۆينىڭ ئىچىدە ھۆركىرىگەندەك بىر نەرە تارتىۋىدى، بوسۇغا باينيىڭ يېنىدا ئۇيقىغا كەتكەن خوتۇنى ئاغچىخان «ۋايجان، ئېيىق يەپ كەتتى، مېنى ئېيىق يەپ كەتتى» دەپ ۋارقىراپ چۈچۈپ كىتىپ، ئۆندەرەپ سۇپۇدىن دومىلاپ پەسكە ئوچاقنىڭ كۇلىڭىغا يىقىلىپ قوپۇپ مۇرىغا ئۈسۈۋىلىپ بېشىنى يېرىۋالدى. ئاغچىخاننىڭ يېنىدا بوراندەك خورەك تارتىپ ئۇخلاۋاتقان بۇسۇغا بايمۇ ئۆندەرەپ تۇرۇپ ساپال چىراقنى ياققاندا، ئايالى ئاغچىخان بىر قولىدا يېرىلغان بېشىنى، بىر قولىدا سەككىز يېرىم ئايلىق بولغان قورسىقىنى تۇتۇپ ، «ۋاي بېشىم، ۋاي قورسىقىم» دەپ ۋايساپ ئۆيدە خامان ئايلانغىلى تۇردى. ئاغچىخاننىڭ بېشىدىن ئاققان قان يۈزلىرىنى بوياپ، شەبنەم كاۋىسىدەك كۆكسىگە تامچىلىغان ئىدى. بېشىدىكى چىگىپ ياتىدىغان ياغلىقى مۆرىسىگە چۈشۈپ چاچلىرى چوۋۇلۇپ كەتكەن ئىدى. «ۋاي قورسۇقۇم، ۋاي بېشىم، مەن ئۆلىدىغان بولدۇم، ۋاي قورسۇقۇمدىكى بىچارە بالام، چالا تۇغۇلۇپ قالارمۇ، ۋاي قارنى تويسىمۇ كۆزى تويمايدىغان ئاژناپلار… ئېيىق سەندىن جاھىل، سەن ئېيىقتىن جاھىل، ئىككى جاھىل بەدبەخلەر ئاخىر مېنىڭ بېشىمنى يەيدىغان، قورسۇقۇمدىكى سەككىزى يېرىم ئايلىق بولغان بالامنىڭ بېشىنى يەيدىغان بولۇشتۇڭ».
       يېغا - زارە، داد پەرياتدىن ياندىكى ئۆيلەردە ياتقان بالا - چاقىلار چۆچۈپ كىتىشتى. بوسۇغا باي ئەر – خوتۇن ياتقان ئۆيگە كىرىپ ئاغچىخاننىڭ بېشىغا قوناق پۇخۇنى تۆكۈپ ياغلىقى بىلەن تېڭىشتى. بەزلەپ تەسەللى بەردى. دەرغەزەبكە كەلگەن بوسۇغاباي قورودا توختىماي ھاۋشىۋاتقان ئوۋ ئىتلىرىنى ئېيىقنى قوغلاشقا بۇيرۇپ ۋارقىرىۋىدى، ئىتلار ھويلىدا تۇرۇپ ئېيىق ھوۋلىغان تەرەپكە ھاۋشىپ قويۇپ، قۇيرۇقلىرىنى ئىچىگە تۈگۈپ چىققىلى ئۇنىمىدى. تىرىككەن بۇسۇغاباي شىراق مىلتىقىنى ئېلىپ يالاڭئاياق پېتى كىيىپ ياتىدىغان كۆرەك تۇماق، كالتا تامبال بىلەن توغراقلىق ئىچىگە ئىيىق كەلگەن تەرەپكە يۈگۈردى. تاپانلىرىغان پاتقان پاتاس، تىكەنلەرنىڭ زەھەرلىك سانجىلىشى ئۇنىڭ ئۈششۈك ھەرىسىدەك غالجىرلاشقان ئاچچىقىغا ئارا تۇرالمىدى. تۇيۇقسىز « گۈلدۇر» قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئاستىغا يۇلغۇن قۇزۇقى قېقىلغان ئورىغا چۈشۈپ «ۋايجان» دەپلا بىر ئۈنى ئاسمانغان، بىر ئۈنى تەكتى ئەسراغا يەتتى _ دە، ھۇشىنى يوقاتتى.
    بۇسۇغا باي كۆزىنى ئاچقاندا ئۆزىنى تۈمەنتال بازىرىدىكى جەرراھ يۈسۈپ قارىمنىڭ ئۆيىدە كۆردى. يۈسۈپ قارىم ئۇنىڭ پۇتلىرىدىن يۇلغۇن قوزۇقنىڭ سۇنۇقىنى تارتىپ چىقىرىپ، قۇزۇق تەشكەن كامارنى كۈمۈش خەنجەرنى ئوتتا قىزىتىپ داغلاپ، تىرىك يىلاننىڭ قارنىنى يېرىپ تۈشۈككە چاپلاپ ماتانى تۇخۇمدا شاقىداپ تېڭىپ ئۇنى ئوغلاق تېرىسىگە يۆگەپ قويغان ئىدى.
    _ ئۇھ خۇداغا شۈكرى ئاتا، ھەنىم بولسا ھۇشۇڭغا كەلدىڭ؟
    _ ئاناڭ قانداق بولدى؟
    _ ئانام ئوغۇل توغدى.
    _ نىمە؟
    _ بىر ئايغا يېقىن بالدۇر تۇغۇپ قويسا، چالا تۇغۇلغان بالا ساقمۇ؟
    _ خۇدا ساق قىلغاننى كىم ساقسىز قىلالايتتى بۇسۇغاخۇن. ئون ئۈچۈنچى بالاڭلارمۇ ساق تۇغۇلۇپ، بالدۇر تۇغۇلغانغان ئاچچىقى كەلگەندەك ئاچچىقى يامان، يىغلاپ ئۆينى بېشىغا كېيىدىكەن.
    _ سېنىڭ قارا كۆرپە تۇمۇقىڭغان سېلىپ قويساق تاغىل مۈشۈكتەك ئۇخلايدۇ ئاتا. بۈۋىخان قۇشناچىم: «بالا ئۈچ كۈنلۈك بولىۋالسا ئەي بولىدۇ» دىگەن ئىدى. بۈگۈن يەتتە كۈن بولدى.
    _ نىمە، مەن قانچە كۈن ياتتىم؟
    _ توققۇزىنچى كۈنى كۆزىڭنى ئاچتىڭ ئاتا.
    _ ھېلىقى بېشىمىزغا بالا ئېيىق بالىسىنى…
    _ ئېيىق بالىسىنى يۈسۈپ قارىكامغا بىر موزايلىق ئىنەككە بەردۇق. قالغىنىغا سېنى داۋالاپ قويغانغا پۇل ئالمايدىغان بولدى.
    _ ئۇنى نىمە قىلارسىلەر يۈسۈۋاخۇنباي؟
    _ ئېيىقنىڭ ھەممە نىمىسى دورا، دورا ياساپ سېلىدەك ھاجاتمەننىڭ ھاجىتىدىن چىقىمىز بوسۇغاخۇن.
    شۇنداق قىلىپ ئونبىر كۈن بولغاندا بوسۇغاباينى باللىرى ئات ھارۋىسىغا ياتقۇزۇپ ياندۇرۇپ ئەكەلگەندە، توغراقلىقمۇ، مەھەللىمۇ تىنجىپ قالغان ئىدى. تۇغۇتلۇق ئايالىمۇ بىر ئوبدان ياتقان ئىدى. مەھەللەكوي بۇرۇنقىدەك جىمجىت ئىدى.
    _ ئېيىق يەنە ئادا سالمىغاندۇ؟
    _ بۇ ئۆيدىن بالىسى يوقالغاندىن كېيىن ئۇ دەيۈز ئېيىق يوقالدى. دۈرۈن شوۋىچى بالامنى بالدۇر تۇغدۇرىۋەتتى. تاس قالدى بالامنىڭ بېشىنى يىگىلى، ھە بالام. ھە ئەركەك قوزام، _ دەپ ئۇخلاۋاتقان ئوغلىنىڭ باش _ كۆزىگە سۆيۈپ قويدى ئاغچىخان. بوسۇغا باي ئون ئۈچۈنچى بالىسىغا ھەۋەس بىلەن چوڭقۇر تىكىلىپ قارىدى.
    _ بىرەر يېرى ھەيۋىناق تۇغۇلمىغاندۇ؟
    _ ئاغزىڭغا تاش، ھەممە ئەزاسى بېجىرىم…
    شۇنداق قىلىپ ئون بەش بالىلىق بولغان بوسۇغاباي ھايات قالغان ئون ئۈچۈنچى بالىسىغا ئېيىق پالۋان دەپ ئات قويدى. ئېيىق پالۋاننىڭ قىرىقى توشۇپ بۆشۈك تويى بولغاندا ئۈچ كالا، توققۇز قوي سويۇلۇپ، قىرىق چارەك گۈرۈچ بىلەن يۇرت جامائىتىگە ئات تويى قىلىپ بەردى. ئەمما بالا دەل توقسان ئۈچ كۈنلۈك بولغاندا ھويلىدىكى ئۈژمە تۈۋىدىن بۆشىكى بىلەنلا غايىپ بولدى. ئاغچىخان بالىسىنى ئۈژمە سايىسىدىكى سۇپىدا بۆشىككە بۆلەپ ئۇخلۇتۇپ قويۇپ، ئېغىلغا ئېنەك ساغقىلى كىرىپ كەتكەندە ئىتلار قاتتىق ھاۋۇشىپ كەتتى. بوۋاقنىڭ قىرقىرىپ يىغلىغان ئاۋازىمۇ ئاڭلاندى. ئاغچىخان يېرىم سوغا سۈتنى تاشلاپ ئېغىلدىن يۈگۈرۈپ چىققاندا تامدەك يوغان بىر نەرسىنىڭ قارىسى دەرۋازىدىن چىقىپ كەتتى. ئاغچىخان دەرۋازىدىن ئەس - ھۇشىنى تېپىپ چىققاندا قوڭۇر ئېيىق قويۇق توغراقلىق ئىچىگە شۇڭغۇپ كۆرۈنمەي قالدى.
     
       _ۋايجان ، ۋاي بالام ، بالامنى نەگە ئاپىرسەن بېشىڭىنى يەيدىغان ئوغرى ئېيىق،بالامنى بەر…ۋاي مەن ئۆلدۈم …ۋاي بالام، - ئاغچىخان ئېيىقنى قوغلاپ توغراقلىققا يۈگۈردى . تۆت - بەش ئوۋ ئىتى ئىگىسنىڭ كەينىدىن غىڭشىپ قاۋاپ ئەگەشتى . ئەمما،يۈگۈرۈپ ئالدىغا ئۆتۈشتىن كەينىدىن يۈگۈردى .ئاغچىخان ئېيىقنى قوغلاپ توغراقلىققا كىرىپ بىر چاغدا ھۇشىدىن كىتىپ يىقىلدى .ئوۋ ئىتلىرى غىڭشىپ نەچچىسى ھۇشسىز ئاغچىخاننىڭ بېشىدا ئۇنى قورۇغداپ قالدى. بىر نەچچىسى قاۋاپ - ھۇۋلاپ مەھەللىگە قاراپ يۈگۈردى. ئۆرە – تۆپە بولۇپ كەتكەن بۇسۇغا باي ئائىلىسىدىكى ئەر - ئايال، قېرى - ياش ھەممىسى قولىغان چىققانلىكى نەرسىلەرنى ئېلىپ ئوۋ ئىتلىرىنىڭ كەينىدىن داد سېلىپ يۈگۈرۈپ كېلىپ ھوشسىز ياتقان ئاغچىخاننى تاپتى ۋە خېلى ئۇزۇندا ئۇنى ھۇشىغا كەلتۈردى. ئاغچىخان ھۇشىغا كېلىپلا ئاللا توۋا سېلىپ بالىسىنى ئېيىق ئەپقاچقان ئىشنى سۆزلەپ بەردى ۋە ئېرىنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىپ ھۆ تارتىپ يىغلاپ تاپا _ تەنە قىلدى.
       _ ئېيىقنىڭ بالىسىنى بېرىش، قويىۋىتىش، ساق بېشىمنى ئاغىرىتىشما دېسە ئۇناشمايسەن. مانا بولدىمۇ، ۋاي يۈرەك پارەم، بالام. ۋاي ئېيىق پالۋان بالام. سىنى ئېيىق يەپ كەتتى، ۋاي بالام… ۋاي بالام، ۋاي بىگۇناھ بالام. ۋاي نارەسىدە بالام، ۋاي غۇنچە بالام، ۋاي سەركە بالام…
    ئاغچىخان ئۇزۇندىن _ ئۇزۇن قوشاق ئېيتىپ يىغلاپ ئۈنى پۈتۈپ زۇۋانى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. ئۇنى كېلىن _ قىزلىرى ھارۋىغا ياتقۇزۇپ يىغا _ زارە بىلەن مەھەللىگە ياندۇرۇپ كەلدى.
    ئەرلەر تۆت توپقا بۆلۈنۈپ ئېيىقنى ئېتىپ ئەنتىنى ئېلىش ئۈچۈن، ياراقلىرىغا يىلان زەھىرى سۇۋاشتى ۋە ئېيىق پالۋاننى يەتتە كۈن ئىزدەشنى بىتىم قىلىپ ئاتلىق توغراقلىققا سىڭىپ كەتتى.
    ئەتىسى ئەتتىگەن غىزا ۋاقتىدا ئىنجىقلاپ ياتقان، كۆزلىرى ئىشىپ قىزارغان ئاغچىخاننىڭ ئالدىغا خوتۇن – قىزلار ئۇ ئامراق سۈت يارمىسى ئىتىپ داستىخان سالدى. لېكىن، ئاغچىخان ئەڭ يامان تىللار بىلەن ھەممىسىنى تىللاپ ۋارقىراپ ئاۋازى بۇغۇلۇپ كەتتى. ئاغچىخاننىڭ قىز – كېلىنلىرى تاماققا زورلىغان ئاغىزلىرىنى تۇتۇشۇپ، خىتىلداپ، مىشىلداپ يىغلىشىپ قول باغلاپ تۇرۇشتى. دەل شۇ چاغدا تالادىن بوۋاقنىڭ يىغا ئاۋازى، ئىتلارنىڭ قاۋىشى، توخولارنىڭ ئەنسىز قاقاقلىشى ئاڭلاندى. ھويلىدا قىيا – چىيا كۆتۈرۈلدى. « ۋاي بالام… ئېيىق پالۋان» دەپ ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ تالاغا ئېتىلدى ئاغچىخان. شۇ دەقىقىدە ھويلىدا كالا سېغىۋاتقان سېكىنىخاننىڭ « ۋاي، ئېيىق كەلدى» دەپ ئاللا چۇقان سالغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ قالدى. ئاغچىخانلار ئۆندەرەپ ھويلىغا چىققاندا، دەرۋازىدىن چىقىپ كىتىۋاتقان ئېيىقنىڭ كەينىدىن كۆرۈپ قالدى. بوۋاقنىڭ قېقىلىپ بوغۇلۇپ، قىرقىراپ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتاتتى. « ۋاي بالام، ۋاي ئېيىق بالامنى بەر، خۇش بولۇپ قالاي» ئاغچىخان يالۋۇرۇپ دەرۋازىغا يۈگۈرۈپ چىققۇچە، ئېيىق توغراقلار بىلەن بوي تالىشىپ ئۆسكەن قۇمۇشلۇق، يۇلغۇنلۇق دۆڭ ئارىسىغا كىرىپ كۆزدىن غايىپ بولدى. بوۋاقنىڭ يېغا ئاۋازىمۇ ئاڭلانمىدى.
    خوتۇن – قىزلار قولىغا چىققان ئارا كالتەكلەرنى ئېلىپ كەينىدىن قوغلاپ قۇمۇشلۇق ئارىسىغا ئېتىلىپ مېڭىشتى.
    _ توختاش، قوغلىما… قوغلىما توختاش، بالام ساقكەن، بالامنى ئېيىق يەۋالماپتۇ… بالامغا چېقىلماپتۇ. توختاڭلار، سىلەرمۇ ئېيىققا چىقىلماڭلار، قوغلىماڭلار… _ خوتۇن خەقلەر ھاڭۋېقىپ توختاپ قېلىشتى. ئوۋ ئىتلىرىمۇ ئېيىقنىڭ كەينىدىن قوغلاشقا پېتىنالماي ئادەملەردەك توختاپلا قاۋاپ قېلىشتى.
    _ ھوي سېكىنىخان، نىمە بولدى، ئېيىق نىمىگە كەپتۇ، قانداق كەتىتى؟
    ئەس _ ھۇشىنى يوقىتىپ ئوڭ يېنىنى بېسىپ تۈگۈلۈپ ياتقان سېكىنىخاننى ئاخچىخان ئالدىراپ كېلىپ بوغۇشلاپ ئۆرە قىلدى.
    _ گەپ قىلىڭە سېكىنىخان، نىمە ئىش بولدى؟
    _ كالا ئېغىلىدىن ئىنەكنى سېغىپ يېرىم سوغا سۈتنى كۆتۈرۈپ ئېغىلنىڭ ئىشىكىدىن شۇنداق ئوڭ پۇتۇمنى ئالغاننى بىلىمەن. تامدەك بىرسى ئالدىمدا بالا كۆتەرگەن پېتى تۇرۇپتۇ. قالغىنىنى بىلمەيمەن.
    _ كۆرگىنىڭىز نىمە؟ ئادەممۇ، تاممۇ؟
    _ تاممىكىن دىسەم ئادەمدەك، قولتۇقىدىكى يۇڭلار ئارىسىدىن بوۋاقنىڭ بېشىنى كۆرۈپ قالدىم…
    _ بالام شۇ… ئېيىق… ئېيىق شۇ. ئۇ سىزگە گەپ قىلدىمۇ…
    _ كۆزۈمنى ئاچسام سىز گەپ قىلىۋاتىسىز ئانا. قالغىنىنى بىلمەيمەن.
    _ بالامنى ئېلىپ قاچقان ئېيىق… شۇ ئېيىق.
    _ يۈز – كۆزىگە قارىسام ئېيىقتەك تۇرىدۇ… ئەمما مەن ئۆمرۈمدە ئۇنداق يوغان ئېيىقنى كۆرۈپ باقمىغان… ئۇھ خۇدايىم، ئېيىقمىكىن دىسەم تەتۈر جۇۋا كىيىۋالغان ياۋا ئادەمدەك ئۆرە تۇرىدۇ.
    _ قولىڭىزدىكى سوغا قېنى؟
    _ قولۇمدىكى سوغىنى تارتىپ ئالغىنى يادىمدا. راست، سوغا قېنى؟
    ئۇلار ھەر تەرەپكە قارىشىپ سوغىنى ئاقتىمۇ، كۆكتىمۇ كۆرىشمىدى.
    _ مانا…مانا… سۈت تۆكۈلۈپ مېڭىپتۇ…
    ئۇلار ئېيىق ئىزىنى بويلاپ تامچىپ تۆكۈلۈپ ماڭغان سۈتنىڭ ساقىندىلىرىنى كۆردى. سۈت تۆكۈلگەن ئىزلار ئېيىق ئىزى بىلەن تەڭ توغراقلىق، قۇمۇشلۇق ئارىسىغا كىرىپ كەتكەن ئىدى.
    _ توۋا خۇدايىم، توۋا… شۇنداق قىلىپ ئېيىق بالامنى بالا قىلىپ بېقىۋالدىمۇ نىمە. ئۇنىڭ بىزدىن سۈت ئېلىپ كەتكىنى بالامنى بېقىش ئۈچۈن ئىكەندە… ئۇھ توۋا، توۋا، بالا ئېيىققا نىسپ بولدىمۇ ئەمدى… ۋاي بالام … ۋاي ئىسىت بالام، ۋاي بىچارە بالام. تۇغۇلا- تۇغۇلماي ئاتا – ئاناڭدىن ئۆلمەي تۇرۇپ ئايرىلىپ ئېيىققا بالا بولدۇڭمۇ بالام… ۋاي ئاتا – ئانا مېھرىگە قانمىغان بالام… ئېيىق بېقىپ سېنى ئەي قىلالارمۇ بالام…
    _ ئىسىت ئېيىقنىڭ بالىسى بولغان بولسىمۇ بالىسىنى بەرگەن بولساق…
    _ ئىم… ئۇمۇ بىزدەك…
    _ ئاغىزىڭغا بىر زەمبىل پوق… – ئاغچىخان شۇنداق دەپلا ھۇشۇدىن كەتتى.
    كىيىن ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ ھەر كۈنى ئېيىق كېلىدىغان چىغىر يولغا بىر سوغا سۈتنى قويۇپ قويىدىغان بولدى. قاچانلاردا ئېيىق كېلىپ ئەپكەتتى سوغا يوقاپ كېتەتتى. ئوۋچى ئەرلەر سوغا ئەتراپىغا لەخمە كولاپ، قىلتاق، توزاق قۇرۇپ قويىۋىدى، ئېيىق سۈتنى ئالمىدى. سۈت توڭلاپ قالدى ياكى سېسىپ كەتتى. توزاق قاپقانسىز، لەخمىسىز يەرگە قويغان سۈتنى ئەپكىتىپ ئالدىنقى دورەم ئەپكەتكەن سوغىنى قويۇپ قويدى. بەزىدە تۇيۇقسىز بوۋاقنىڭ قىرقىراپ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ قېلىپ يۈگۈرۈپ چىقسا بالا كۆتەرگەن ئېيىق سوغىدىكى سۈتنى كۆتۈرۈپ ئالدىراپ توغراقلىق ئارىسىغا شۇڭغۇپ كىرىپ كېتەتتى. ئاغچىخانلار ئۆگزىدىكى شادا – پاتاق ئارىسىغا مۈكۈنۈپ بالىنى كۆرۈشكە تەشنا ياتتى. ئېيىقنى يىراقتىن كۆرەتتى. بالىنىڭ ئېيىقنىڭ يۇڭ – چۇپۇرلىرى ئارىسىدا مىدىرلاۋاتقان بېشىنى كۆرگەندەك بولدى. ئەمما، يۈز – كۆزلىرىنى ئۇچۇق كۆرەلمىدى شۇڭا سۈت قويغان يەرگە يېقىن مۈكۈنۈپ يېتىۋىدى، ئادەمنىڭ ھىدىنى ئالغان ئېيىق سۈتكە كەلمىدى.قارىسىنىمۇ كۆرسەتمىدى.شۇنىڭ بىلەن يىراقتا ئۆگزىدە مۆكۈنۈپ ئېيىقنىڭ قارىسىنى كۆرۈش بىلەن قانائەت ھاسىل قىلىشقا مەجبۇر بولدى. كېيىنچە سوغىنىڭ يېنىدا ياغاچ ئاياقتا پىشۇرۇلغان پاخلان گۆشى، كاۋاپ، نان قويۇپ قويدى. ئېيىق ئۇلارنى سوغىدىكى سۈتكە سۈتكە تاشلاپ «رەھمەت» دېگەندەك ئۆينىڭ يوغان قورشاقلىق سىڭايان دەرۋازىسىغا قاراپ بوش ھۇۋلاپ قويۇپ كېتىدىغان بولدى. بۇ ئىش تەخمىنەن بىر يىل داۋام قىلغاندىن كېيىن ئېيىق كەلمەس بولۇپ يوقاپ كەتتى. بوسۇغا بايلار ئائىلىسىدە يەنەبىر ھازا كۆتۈرۈلۇپ يىغا – زار قىلىشتى. ئۇلار ئېيىق خۇددى بىزگە ئوخشاش بالىنى بىر مەزگىل بېقىپ، ئاندىن خۇددى بىزدەكلا ئۆلتۈرۈپ بىزدىن ئۆچ ئېلىپ خالاس قىلىپ تۈگەتتى دىگەن خۇلاسىگە كېلىشتى – دە، ياغ پۇرۇتۇپ بىر تۆگە ئۆلتۈرۈپ نەزىر – چىراق قىلىپ ئەلھۆكمىلىللا دېيىشتى.

       قۇش ئۇچۇپ ئۆتەلمىگۈدەك بۈك – باراقسان گىرەلىشىپ كەتكەن توغراق ، يۇلغۇن ۋە ياۋا ئۈسۈملۈكلەر ھەم قېلىن ،ھەم ئېگىز ئۆسكەن بۇ ئورمانلار ئارىسىدا ئادەم شۈركىندىغان بىر ئۆڭكۈر ئېغىزى بار . بۇ ئېغىز دەسلەپ بىر – بىرى بىلەن گىرەلىشىپ ، چىرمىشىپ كەتكەن قېلىن چاتقال ئارىسىدىن باشلىنىپ ، ئاخىرى ئۇزۇندىن – ئۇزۇنغا كەتكەن توغراق ، يۇلغۇن ، سۆك – سۆك ، جىغان ، ئازغان يىلتىزلىرى ئارىسىغا تەشمە بولۇپ يەر ئاستىغا كىرىپ كىتىدۇ . يىلتىزلىق لەخمە يولى بىلەن بىر ئۈن يىتىم ئارلىقتا ماڭغاندابەش غۇلاچ كەڭلىكتە ، ئىككى گەز چوڭقۇرلۇقتا بىر يەر ئاستى ئۆڭكۈر بار . مانا بۇ ئەۋلادتىن – ئەۋلاد مۇشۇ جاڭگالنىڭ ئوۋچىسى بولۇپ كەلگەن بۇسۇغاباي جەمەتى تاپالمىغان ئېيىقنىڭ ئۆڭكۈرى ، ئۆڭكۈردە قېلىن پاخال ،پاخال ئۈستىدە ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ پارچە – پارچە ، تىتما – كاتاڭ بولغان تېرىلىرى ئۈستى – ئۈستىلەپ تاشلانغان . ئانا ئېيىق مانا مۇشۇ ئۆڭكۈردە ياشايدۇ . ئوۋ ئىتلىرنىڭ پۇراق سېزىمىنى ئازغاننىڭ پۇرىقى ئازدۇرۋەتكەچكە بۇ يەردىكى ئېيىق ئىزى ، پۇرىقى ئوۋچىلارنى ئۆمۈرلۈك ئازدۇرغانىدى . بۇ جاڭگالدا دەسلەپ شىر ، كېيىن يولۋاس ، ئاندىن بۆرە ، مانا ئەمدى ئېيىقنىڭ نەسلى قۇرۇپ مانا مۇشۇ ئانا ئېيىق قالغانىدى . ئانا ئېيىق ئاخىرقى بىر ئەركەك ئېيىق بىلەن جۈپلىشىپ بوغاز بولۇپ ئاي ئۆتمەيلا ئەركەك ئېيىق مەخپى لەخمىدىكى يۇلغۇن قۇزۇقىغا سانجىلىپ قېلىپ ئۆلۈپ ، ئانا ئېيىق قورسىقىدىكى بالىسى بىلەنلا يالغۇز قالغانىدى .
    ئاخىر پۈتۈن ئەسلى – نەسلىنى قۇرۇتىۋەتكەن بۇسۇغابايدىن ئۆچ ئېلىپ ئۇنىڭ قىرقى توشمىغان ئوغلى ئېيىق پالۋاننى ئەكىلۋالدى . ئۇ بوۋاقنى قۇچىقىغا ئېلىپ باغرىغا باستى. بوۋاقنىڭ قەيىرى توڭلىسا شۇ يەرنى يالاپ ئىسىتتى . قورسىقى ئاچسا ئۆز يىلىننى ئەمدۈردى . بالا ئۇسساپ يىغلىسا تىلىنى ئەمدۈردى . ئۇنىڭغا قانمىسا توغراق ، يۇلغۇن ، سۆك – سۆكلەرنىڭ يىلتىزنى چايناپ سۇ چىقىرىپ شۈمۈپ بالىنىڭ ئېغىزىغا تېمىتتى . بالا تەرەت قىلسا تەرىتىنى يالاپ ، بالىنىڭ تېگىنى پاكىزلىدى . بالا يەنە تويمىسا قۇۋۋەتلىك تاپىنىنى بالىغا يالاتتى . دەسلەپ بوۋاق ئۆزىنىڭ سۈتىگە كۆنۈپ بولغىچە بوۋاقنىڭ ئۆيىدىن كالا سۈتى ئەكىلىپ باقتى . كېيىنچە بالا ئېيىق سۈتىگە كۆندى . ئانا ئېيىقنىڭ سۈتى تۈگىگەندىن كېيىن بالىغا تاپىننى يالىتىپ تويغۇزدى .
    بالا ئانا ئېىيىقنىڭ تاپىنىغا شۇنداق كۆندىكى ، ئانىسنىڭ قويۇق يۇڭلۇق قۇچىقىدا ياتسائاغزى ئېيىقنىڭ تاپىنىدابولدى . بالىنىڭ بەدىنى تۈكسىز بولغاچقا ، ئانا ئېيىق بالنى ئىسىتالمايلا ئاۋارە ئىدى . پاخالغا ، تېرىلەرگە يۆگەپمۇ ئىسسىتىپ بولالماي بالىنىڭ قەيىرى مۇزلىسا ئوتتەك تىلى بىلەن يالاپ ئىسىتتى . ئاندىن توشقان گۆشىنى يالاپ شۈمۈشنى ، كېيىن يىيىشنى ئۆگەتتى . ئانا ئېيىق بالىنى توختىماي يالاپ ، بالا ئانا ئېىقنىڭ تاپىننى يالاپ تويمىسا ، خام گۆش يەپ ، بارا – بارا يۇمشاق ھەم سىلىق بەدىنىدە مويلار ئۆسۈپ چىقتى . ئۇ ئانا ئېيىق بىلەن تەڭ ئۆمىلەپ ، تەڭ ھۆركىرەشنى ئۆگەندى . كېيىن ئۆرە بولۇپ يۈگۈرەيدىغان ، يۈگۈرسە ئانا ئېيىقنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كىتىدىغان بولدى . ئانا ئېيىق توشقاننى مۆكۈنۈپ پايلاپ تۇرۇپ تۇتسا بالا يۈگۈرەپ قوغلاپ بېرىپ تۇتۇۋالدىغان ، ئانا ئېيىق بىر توشقاننى يەپ بولغىچە ئۇ ئىككى توشقاننى يەپ بولىدىغان بولدى . ئانا ئېيىق دەرەخ ئۈستىدىكى قۇش ئۇۋىسنى سىلكىپ باچكا ياكى چۈجە ، تۇخۇملارنى يەرگە چۈشۈرۈپ يىسە ، بالا دەرەخكە يامىشىپ چىقىپ قۇش بالىلىرنى ، تۇخۇملىرنى ماچىلدىتىپ يەيدىغان بولدى . ئوۋ ئوۋلاشتا بالا ئېيىق بارغانچە ئانا ئېيىقتىن كۆپ ئوۋلايدىغان ، تېز يۈگۈرەيدىغان ، ئانا ئېيىق چىقالمايدىغان دەرەخكە چىقالايدىغان ، ئانا ئېيىق پۇراپ تاپالمىغان ئوۋلارنى پۇراپ تاپالايدىغان بولدى . ئانا ئېيىق ئاستا – ئاستا ئاجىزلاپ قېرىپ ماغدۇردىن كەتتى . بۇنىڭ ئەكىسچە بالا ئوۋغا تېخىمۇ ئۇستا بولۇپ ، ئانىسنىڭ ئالدىغا ئوۋ گۆشلىرنى دۆۋلەپ قوياتتى . ئانا ئېيىق ئۆڭكۈردىن چىقالماي بارغانسىرى ماغدۇردىن كەتتى . بالا ئون بەش ياشقا كىرگەن يىلى كۈزدە ئانا ئېيىق بالىنى ئەگەشتۈرۈپ بۇسۇغا باينىڭ دەرۋازىسىغا يېقىن بىر يەرگە كەلدى ۋە بالىنىڭ قۇلىقىغا بىردەم ھۆڭرەپ، پىچىرلاپ بالىنىڭ چاترىقىنى ئۇزاق يالاپ قويدى. بالا ھازىرغىچە ھېس قىلمىغان شۇنداق بىر تاتلىق سېزىمغا ئىگە بولدىكى، ئانا ئېيىق يەنە يالاپ قويۇۋىدى. ئىسسىق تىلنىڭ ھارارىتىدىن بالىنىڭ بوشاشقان تەنلىرىگە جان كىرگەندەك بولدى. شۇ چاغدا بۇسۇغا باينىڭ دەرۋازىسى ئېچىلدى – دە، قاپاق يۈدىگەن بىر چوكان چىقىپ ئۇلارغا يېقىن يەردىكى كۆل بويىغا كەلدى ۋە قاپىقىنى سۇغا چۆكۈرۈشىگە ئانا ئېيىق بالىنى تاشلاپ چوكانغا قاراپ ھۆركىرەپ يۈگۈردى. بالا ئانا ئېيىقنىڭ ھاياتىدا ھىس قىلدۇرمىغان تاتلىق يالىشىدىن ئايرىلىپ قالغىنىغا گاڭگىراپ جايىدا ئولتۇرۇپ قالدى. ئەمما، ئانا ئېيىقنىڭ بويۇنداشلىرىدىن ئىشارەتلىرىدىن، ھۆركىرەشلىرىدىن، «ئۇنى ئەچقاچ» دېگىنىنى ئاڭقىرىدى. ئەمما ، دەرھاللا مىدىرلىيالماي ئولتۇرۇپ قالدى. ئانا ئېيىق يېرىم يولغا بارغاندا كۆلگە چۆكۈرۈپ سۇ ئېلىۋاتقان چوكان ئېيىقنى كۆرۈپ چىرقىرىغىنىچە ئۆي تەرەپكە قاچتى. ئانا ئېيىق چوكاننى تۇتۇۋالاي دېگەندە دەرۋازا ئالدىغا كېلىپ قالدى. ئاڭغىچە نەيزە كۆتۈرۈپ يۈگۈرۈپ چىققان نەيزە باي، ئانا ئېيىقنىڭ مەيدىسىگە نەيزە تىقىپ ئۈلگۈردى. ئېيىق قاتتىق ھۆركىرەپ سەنتەرەكلەپ يىقىلدى. ئانا ئېيىقنىڭ ھۆركىرىشىدىن بالا چاچراپ قوپۇپ ئانىسىغا يۈگۈرۈۋىدى، بىر توپ ئادەم بالىغا قاراپ ئېتىلدى. ئانا ئېيىق يەنە بىر ھۆركىرىدى – دە، بالىغا چوكاننى ئىما قىلىپ بىر نىمىلەرنى دېدى ۋە قېچىشنى شەرەت قىلدى. بالا دەرھال ئازابلانغاندەك ھۆركىرەپ ئۇچقاندەك توغراقلىققا كىرىپ كەتتى. ئادەملەر ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلاپ كەتتى.
    _ بالام سارىخان ساقمۇسىز؟ _ دېدى قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەن ئاغچىخان دەرۋازىدىن چىقىپ.
    _ مەن ساق ئانا، _ دېدى سارىخان
    _ ئۇھ، كاساپەت ئېيىق … ئوغلۇم ئېيىق پالۋاننى ئەپقاچقان قېرى قانجۇق ئېيىق شۇدەك قىلىدۇ. بۇ مۇناپىقنى كىم ئۆلتۈردى؟
    _ ئى ئادەم كەينىمدىن چىقىۋاتقان، شۇ ئۈلگۈردى، بولمىسا…
    _ھە، ئوغلۇم نەيزە باي… مۇرادىڭغا يەت ئوغلۇم، «ئاخىرى بىر كۈن ئۇكامنىڭ قىساسىنى ئېلىپ،ئەنتىڭنى ئېلىپ بېرىمەن ئانا» دەيتتىڭ. ئۇھ، خۇداغا شۈكرى، قىزىم، ھەنىم بولسا ئېرىڭىز نەيزە باي سىز بىلەن بىللە ئىكەن، بولمىسا تويۇڭلار بولۇپ ئۈچ ئاي بولغاندا سىز بەلەن كېلىنىمدىن ئايرىلىپ قالسام قانداق قىلار ئىدىم _ ھە، ئوغۇل بالا دېگەن خوتۇنىغا مۇشۇنداق ھېزى بولۇش كېرەك. مانا ئەمدى دەردىم چىقتى…

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.