دۇنيانىڭ سىرى (ھېكايە)

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-15 15:47:33

سىر ۋە بوياق پۇرايدىغان كاتەكتەك بۇ قىرائەتخانا سوغۇق ئىدى. يىگىت يالاڭ پەلتويىغا ئورىنىپ كىرىسلوغا چۆكۈپ ئولتۇراتتى-دە، قولىغا ئاللىقانداق بىر ژورنالنى ئېلىپ ۋاراقلايتتى. بۇ يىگىت بىر ھەپتىدىن بۇيان كۈندە كۈتۈپخانا ئېچىلغان ھامانلا كىرىپ كېلەتتى، كۈن بوي

    دۇنيانىڭ سىرى

     

    \

    • شۇنداق.... يەر شاردىكى تۆت مىليارد ئادەمگە يەتكەن بۇ ھاۋا ماڭا يېتىشمەيۋاتدۇ... بۇ گەپنى ئۇ قىزىقچىلىق قىلىپ ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما قوندۇز ئۇنىڭ سۆز ئورامىغا يوشۇرۇنغان نادامەتنى ھېس قىلدى.

    سىر ۋە بوياق پۇرايدىغان كاتەكتەك بۇ قىرائەتخانا سوغۇق ئىدى. يىگىت يالاڭ پەلتويىغا ئورىنىپ كىرىسلوغا چۆكۈپ ئولتۇراتتى-دە، قولىغا ئاللىقانداق بىر ژورنالنى ئېلىپ ۋاراقلايتتى. بۇ يىگىت بىر ھەپتىدىن بۇيان كۈندە كۈتۈپخانا ئېچىلغان ھامانلا كىرىپ كېلەتتى، كۈن بويى كىتاپ كۆرەتتى.

    كۈز ــــ «ئۆلۈك پەسىل». بۇ تاغ باغرىغا جايلاشقان ساناتورىيىدە ئادەم ئاز. ساناتورىيىنىڭ بۇ كۈتۈپخانىسىدا بولسا ئادەم پەقەتلا يوق. قۇندۇز ئۆزى يالغۇز كۈتۈپخانا ئۆيدە كىتاب تىزىملاپ ھاردى. ئىش تۈگىسە بالدۇرراق كېتىشنى ئويلىدى. ئەمما ھېلىقى «ئۈندىمەس غوجام» ھېلىلا كىرىپ كەچكىچە مىقتەك ئولتۇراتتى. قوندۇز كېسەللىك ئارخىپى دەپتىرىدىن ئۇنىڭ ئوقۇغۇچى ئىكەنلىكىنى، ئىسمىنىڭ مۇزەپپەر ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئەمما ئۇ يىگىت بىر كۈن كەچكىچە كىتاپ كۆرسىمۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ بۇ يەردىكى بىردىنبىر خىزمەتچى قۇندۇزغا بېشىنى كۆتۈرۈپ قاراپ قويمايتتى، گەپمۇ قىلمايتتى. قۇندۇزمۇ ئەتىدىن كەچكىچە چاپىنىغا ئورۇنۇپ يۈرۈيدىغان بۇنداق بىرسىنىڭ دىققەت قىلىشىغىمۇ زار ئەمەس ئىدى. قوندۇز بىر ئاي بۇرۇن تۇرمۇشقا چىقتى. ھازىر ئۇ شېرىن تۇرمۇش قاينىمىدا ئۆتۈۋاتاتتى. ھەركۈنى چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيىپ، ئەركىلەپ ماڭغىنىچە ئىشقا كېلەتتى، ئەمما مۇشۇنداق گۈزەل ياسىنىپ ئىشقا كەلگىنىدە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ پاراڭ قىلىدىغان، ۋە ياكى خوشاللىقىنى سۆزلەپ، دەردىنى ئېيتىدىغان بىرەر ھەمراھىنىڭ يوقلۇقىدىن ئىچى پۇشاتتى. ھەر كۈنى ئەتىگىنى ئىشقا كېلىپ مۇشۇنداق زېرىكىپ ئولتۇرغاندىن كېيىنلا، يان ئىشىكتىن مۇزەپپەر كىرىپ كېلەتتى-دە، سالام-سائەتسىزلا كىرىسلوغا چۆكەتتى.

    ئۈچ كۈن بۇرۇن، قۇندۇز بۇ جىمغۇر يىگىتكە گەپ قىلىپ باقماقچى بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىدا بىرنېمىلەرنى كۆرگەن بولۇپ باقتى، ئاندىن ئۇنىڭ ئۇدۇلىغا كېلىپ بىرنېمىلەرنى جىجاپ يېزىپ ئولتۇرۇپ باقتى. بىر چاغدا، مۇزەپپەر قولىنى ئاغزىغا تۇتۇپ ئۇزاق ئەسنىدى. بۇ چاغدا، ئۆز گۈزەللكىگە چەكسىز ئىشىنىدىغان ھەرقانداق بىر ئايالغا ئوخشاش قۇندۇزمۇ مۇزەپپەرنىڭ ئەدەپسىزلىكىدىن، ئۆزىگە پەرۋاسىزلىقىدىن رەنجىدى. كۆڭلىدە بۇنداق ئەدەبسىز ستۇيدېنتقا زىنھار گەپ قىلماسلىققا نىيەت قىلدى.

    ئەمما، ئۇ بۈگۈن بۇ ئەھدىسىنى ئۇنتۇپ، ئىختىيارسىز:

    -سىز نېمە كېسەل؟- دەپ ئالدىغا بىر قەدەم مېڭىپ بولۇپ لېۋىنى چىشلىدى. مۇزەپپەرمۇ گەپ قىلاي دەپ بولۇپ، قۇندۇزنىڭ ئۆڭگەن يۈزلىرىگە قاراپ جىم بولدى.

    -شۇنداق... يەر يۈزىدىكى تۆت مىليارد ئادەمگە يەتكەن بۇ ھاۋا ماڭا يەتمەيدۇ!

    قۇندۇز ئۇنىڭغا ئەجەبلىنىپ قارىدى.

    -مەن زىققا كېسىلىمەن –دېدى يىگىت خۇرسىنىپ. ئۇنىڭ ساختا خۇشال بولۇۋالغان ھالىتىنى كۆرۈپ قوندۇزنىڭ ئىچى ئاغرىدى.

    - ھازىر خېلى ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ؟- دەپ سورىدى ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ ياسالما كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن.

    - دوختۇرنىڭ دېيىشىچە، ئوڭشىلىپ كېتىدىكەنمەن... ھەر قېتىملا دوختۇرلارنىڭ دېگىنىدەك بولىۋېرىدىغان ئىش بولسا بۇ جاھاندا كېسەل كىشى بولارمىدى دەيسىز.

    قۇندۇز تەسەللىي بېرىشكە ئالدىراپ دېدى:

    • بۇنداق دېمەڭ، ساقىيىپ كېتىسىز.
    • يىگىت بېشىنى چايقىدى:
    • بىلمىدىم...
    • بۇنداق كەچكىچە ئىچىڭىزنى پۇشۇرۇپ يۈرمەڭ! بۇ يەردە نەچچىلىگەن ئادەم ساقىيىپ كەتتى. تاغ ھاۋاسى بەك....
    • ئۇنىڭدىن كېيىن «مېنى ساقايتقان دوختۇرلارغا سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمەن» دېگەن رەھمەت لەۋھەرىمنى تەقدىم قىلىمەن، شۇنداقمۇ؟! – مۇزەپپەر كۈلۈمسىرىدى.- قارىسام ئوقۇغاندەك تۇرىسىز. ماڭا قاراڭ، بۇيەردە ھەرگىز دوختۇر بولماڭ جۇمۇ؟
    • ياق،-قوندۇزمۇ مەيۇسلىنىپ كۈلدى.-تىببىي مەكتەپتە ئوقۇغۇم بار ئىدى.
    • ئەمىسە...
    • خىمىيىدە نومۇرۇم يەتمەي قالدى.
    • ھىم... – يىگىت ئورنىدىن سەل قوزغىلىپ قويدى،-باشقا يەرلەرگە ئىمتىھان بەرگەن ئۆتۈپمۇ قالاتتىڭىز- دەپ مەسلىھەت بەردى.
    • ئەمدى ئوقۇش... – كېلىنچەك كۈلۈپ قويدى- ئاتىسىز چوڭ بولغانىدىم، شۇڭا دادامنىڭ تاغىسىنىڭ دېگىنى دېگەن.
    • ھە... – دېدى يىگىت باش لىڭشىتىپ.
    • قۇندۇز گېزىت-ژورناللارنى رەتلەشكە باشلىدى.
    • بۇ كېسەلنى نەلەردە يۈرۈپ يۇقتۇرۇۋالغان بولغۇيتتىڭىز؟ شۇنچە ياش تۇرۇپ،- دەپ سورىدى قۇندۇز ئىشتىن باش كۆتۈرمەي.
    • بىلەمسىزكىن... – يىگىت دەقىقە ئويلىنىپ تۇرۇپ قالدى،- كېۋەزلىكنى، دادام شۇ كېۋەزلىككە قاراۋۇل ئىدى. سالامەتلىگى ياخشى بولمىغاچقا، مەن ئورنىدا تۇراتتىم. سىلەرنىڭ تاغدا كېۋەز تېرىمايدۇ بۇنى بىلەمسىزكىن-تاڭ؟!
    • قىززىق گەپ قىلدىڭىز، پاختىنى نېمە دەپ بىلمەيمەن؟
    • ھە شۇ، شۇ يەردە سوغدا يېتىپ-قوپۇپ تېپىۋالغان كېسەل بۇ.
    • ھىم.. ئەمىسە ھازىر ئوقۇشىڭىزچۇ؟
    • بىر يىل توختىدىم، نېمە ئىلاج؟- مۇزەپپەر قولىدىكى ژورنالنى ۋاراقلاپ يەنە دېدى، - بۇ بىريىلدا بەك قىينالدىم.
    • -ساقىيىپ كېتىسىز،-ئىشەنچ بىلەن دېدى قۇندۇز،- شۇنداق بولغاندا،ئىنىستۇتنى پۈتتۈرسىڭىز نېمە بولىسىز؟
    • ئادەم!- دەپ كۈلدى ئۇ.

    ********************************

    • تاغقا چىقىپ چۈشتۈم،- دېدى مۇزەپپەر ئەتىسى قۇندۇزنى كۆرگەن چاغدا. ئۇنىڭ تامغا تىرىلىپ تۇرغان قوللىرى قانسىز ئىدى.
    • نېمىگە؟
    • تاغلار غەمكىن، خۇددى مېنىڭ قەلبىمدەك..- يىگىت قۇياش نۇرى چاققان كۆزلىرىنى يۇمۇپ دېدى، - ئەپسۇس، ئاشۇ چوققىلارغا چىقالمىدىم-دە، نەپسىم سىقىپ كېتىدىكەن.
    • نەرى ... غەمكىن؟- دەپ سورىدى كۈتۈپخانىچى بۇ قىز دېرىزە پەردىلىرىنى قايرىپ.
    • چىقسىڭىز كۆرىسىز
    • مەن ئۇ يەرلەرگە چىقىپ باقمىغان
    • ئۇنداق ئەمەستۇ؟‘
    • ئىشەنمەمسىز؟ توققۇزىنچى سىنىپتا بىر قېتىم چىققان لەيلىگۈل تېرىغىلى، كېيىن پۇرسەت بولمىدى.
    • توۋا..
    • مۇشۇ باھاردا چىقماقچىمىز، گۈزەل جايلار ئۇ،- دەپ كۈلۈمسىرىدى قۇندۇز.
    • مۇزەپپەرنى يۆتەل تۇتتى، مۇشتىنى ئاغزىغا تۇتۇپ يۆتەلدى، يۈزلىرى قىزىرىپ-بوزىرىپ، يەلكىلىرى سىلكەندى.
    • لەنىتى كېسەل...- دېدى مۇزەپپەر ياشلانغان كۆزلىرىنى سۈرتكەچ،- بۈگۈن سەھەردىن باشلاپلا تۇتقانىدى زادى! ھىم... چىرايلىق يەرلەر...- دېگەچ كىتاب جازىسىدىن قاتتىق تاشلىق توم كىتابتىن بىرنى ئالدى، ئاندىن ئەپسۇسلانغىنىچە يەنە،- چىرايلىق جايلار..-دەپ قوشۇپ قويدى.

    سىرتتا، قۇياشنىڭ ئاجىز نۇرلىرى ئاستىدىكى دەل-دەرەخلەرنىڭ خازان بولغان غازاڭلىرى كەچكۈزنىڭ مۇدھىش شاماللىرىدا ھۇشقىيتىپ ئۇچۇپ يۈرەتتى. چوققىلاردىكى قارلار خۇددى دوپپىنىڭ گۈللىرىدەك سۈكۈتتە تۇراتتى.

    قۇندۇزنىڭ ئىچى سىقىلدى، ئۇياق-بۇياققا ئەنسىز مېڭىشقا باشلىدى، غەشلىككە ئوخشاش بىرخىل تۇيغۇ ئۇنىڭ يۈرۈگىنى سىقىپ تۇراتتى. ئۆزىنى غېرىب سېزەتتى: «باشقا يەرلەرگە باش ئېلىپ كەتسەم-ھە؟!» دەپ ئويلاپ، كەينىدىن ھۇشىنى تاپقاندەك كۈلۈپ بېشىنى چايقاپ قويدى.

    مۇزەپپەر بىلەن بولغان پاراڭلار ئۇنى تېنچسىز قىلىپ قويغانىدى، ئەمما يىگىت ھېچنىدىن خەۋەر يوقتەك خۇددى قۇندۇزدەك بىرىنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ كەتكەندەك ئولتۇراتتى. قۇندۇز ئۇنىڭ قىمىرلاۋاتقان قېلىن لەۋلىرىگە، غەمكىن قويكۆزلىرىگە، قىز بالىنىڭ قوللىرىدەك ئۇزۇن، ئىنچىكە بارماقلىرىغا سەپ سالدى.

    -نېمە كىتاب كۆرۈۋاتىسىز؟- دەپ سورىدى قۇندۇز ئارىدىكى سۈكۈتنى بۇزۇپ. يىگىت ئورنىدىن بوش كۆتۈرۈلۈپ قويدى:

    -گوگۇل

    قۇندۇز گەرچە گۇگۇلنىڭ كىملىكىنى بىلمىسىمۇ، چۈشەنگەندەك بېشىنى لىڭشىتىپ قۇيۇپ، يەنە سورىدى:

    -قىززىقمىكەن؟

    -نېمە دېسەم بولار، بىر نەرسىگە قىزىقسىڭىز ئۇ قىززىق. ئۇ بىر پەيلاسوپ.

    -ئاخشاممۇ تېلىۋېزوردا بىر پەيلاسوپنى كۆرسەتكەنىدى

    -كىم؟

    -شەرىپوفمىدى، ھە شۇ شەرىپوف، ئىشقىلىپ شۇنداقراق بىرى باركەنغۇ ئىشقىلىپ؟

    -بىلمىدىم. باربولسىمۇ باردۇر.- دېدى يىگىت.-بىلسىڭىز دۇنيادا شۇنداق ئوقۇغانلار، باكلاۋۇرلار، ماگېستىرلار، دوكتۇرلار، پېروففېسسورلار كۆپ ـــ ئالىملارلا كام.

    يېڭى كېلىنچەك غەيرىيلا ئاڭلىنىۋاتقان بۇ گەپلەرنى چۈشىنىشكە ئاجىزلىق قىلدى.

    -تاماققا بارمامسىز؟- دېدى قۇندۇز سائەتكە قاراپ قويۇپ.

    -چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولۇپ كەتتىمۇ؟- مۇزەپپەر ئورنىدىن قوزغالدى،- چۈشتىن كېيىنمۇ ئىشلەيسىزغۇ-ھە؟ يەنە ئازراق كۆرەي دېگەنىدىم.

    -ھەئە.

    يىگىت بېشىنىلىڭشىتىپ قۇيۇپ چىقىپ كەتتى. قۇندۇزنىڭ كۆڭلى غەش بولۇپ، مۇزەپپەر ئۈستەلگە قۇيۇپ چىقىپ كەتكەن كىتابنى قولىغا ئېلىپ ئاستا ۋاراقلىدى. قېرىنداش بىلەن يېزىلغان مۇنۇ جۈملىلەرگە تىكىلىپ قالدى:

    « ھادىسە ــ ھەقىقىيدۇر،   ھەقىقىي نەرسىلەر ــــ ھادىسىدۇر»

    *******************

    \

    كېچىچە يامغۇر يېغىپ ھەممە يەرنى تۇمان قاپلىدى، قۇندۇز قارا بۇلۇتقا پۈركەنگەن ئاسمانغا، يۆل ئاسفالىت يولغا قاراپ، ئاشۇ سوغۇق ئىشخانىدا كۈنبويى دىرىلدەپ ئولتۇرۇشنى كۆز ئالدىغا كەلتۈردى-دە، ئىدارىسىگە تېلىفون قىلىپ بىر كۈنلۈك رۇخسەت سورىدى.

    ئۇ ئۆيلەرنى يىغىشتۇرماقچى بولسىمۇ، ئەمما قولى ئىشقا بارمىدى، ئاىىرى ئۇ قېلىن تىۋىت رومالىنى ئورىدى، پەلتويىنى كىيدى-دە، ساناتورىيىگە قاراپ ماڭدى، ئۇ كىتابخانىنى ئېچىشىغا ئازادە كىيىنگەن، كۆزەينەكلىك، ئاق-سېرىق ئوقۇغۇچىدىن بىرسى كىرىپ كەلدى. ئۇ-بۇ كىتابنى كۆرۈپ، بىرنەچچە كىتابنى ئارىيەتكە ئېلىىپ چىقىپ كەتتى.

    قۇندۇز رومالىنى مۆرىسىگە چۈشۈرۈپ، سوغۇقتىن قىزارغان قولىنى ھېلىدىن-ھېلىغا ئاغزىغا ئاپىرىپ ھوداپ ئىسسىتىپ ئولتۇراتتى، بىر چاغدا بېشىغا دوپپىنى چىڭ كىتىپ، شارپا ئورىغان، چىرايى بوزدەك بولۇپ كەتكەن مۇزەپپەر پەيدا بولۇشى بىلەن قۇندۇز ئورنىدىن تۇردى

    -مۇشۇ سوغدىمۇ كەلدىڭىزمۇ؟ - دەپ سورىدى يىگىت ئاچچىقلىنىپ،- سوغ ئۆتۈپ قالمامدۇ بۇ يەردە! نېمە ئۈچۈن بىر ئىسسىتقۇز قويايسىلەر بۇ كۈتۈپخانىغا؟!

    -پار قازىنى بۇزۇلۇپ قاپتىكەن، ئوڭشىغىلى بېرىپتۇ،- دېدى قۇندۇز ئوڭايسىزلىنىپ.

    -پار قازىنى يېرىلغان بولسا، بۇمۇ بىر تەبىئىي ئاپەت، دەڭە!- دەپ تاڭلىيىنى قېقىپ قويدى يىگىت.

    قۇندۇز نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي:

    -كىتابىڭىزنى ئېلىپ بېرەيمۇ؟- دەپ سورىدى.

    -مەيلى، تازا كىتاب ئوقۇيدىغان ھاۋا بوپتۇ بۇ!- مۇزەپپەر يۆتىلىپ-يۆتىلىپ كىرىسلوغا چۆكتى.

    سۈكۈت ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم سۈرمەكتە. دېرىزىدىن يامغۇر چوك-چوك قىلىپ تامچىماقتا ئىدى.

    ئاخشام زاھىدە بىلەن سوقۇشۇپ قالدىم-دېدى قۇندۇز تۇيۇقسىزلا ھەسرەت بىلەن. يىگىت كىتابتىن كۆز ئۈزۈپ ئۇنىڭغا قارىدى:

    -زاھىدە دېگەن كىم؟

    -بوغالتىر ئايال.

    -نېمىگە ئۇرۇشتىڭىز؟

    -كۈتۈپخانىدا يا پارۋاي يوق، ئۆزۈم يالغۇز سۈپۈرۈپ تازىلايمەن، ئەمما بۇنىڭ ئىش ھەققىنى باشقا بىرى ئالىدىكەن. بۇنى بىلىپ قالدىم، شۇڭا «باشلىققا ئېيتىمەن» دېسەم، «باشلىقىڭ ئاڭلىسا ھەممىنى دە» دېدى، بۇيەرنى تازىلىسام ئۆزۈم ئۈچۈن تازىلىدىم، ئىش ھەققىنىمۇ تالاشماقچى ئەمەس ئىدىم، ئەمما ئۇ ئايالنىڭ شۇ گېپىنى ئاڭلاپ، ئۆزۈمنى تۇتالماي قىزىرىشىپ قالدىم.

    -توۋا!- دېدى يىگىت باش چايقاپ،- ئادەملەر ئاجايىپ: تاتلىق بولسا، يۇتۇۋېتىدۇ، ئاچچىق بولساڭ: چايناپ تاشلايدۇ... شۇڭلاشقىمۇ دۇنيادا چۈچۈمەل ئادەم كۆپتە؟!-دېدى.

    شامال چىقىشقا باشلىدى، يىراقتىكى چوققىلار يەنە قارايدى، تاغ باغرىدىن ئۈستىگە ماڭغان ئاتلىقلار ئاندا-ساندا كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى. مۇزەپپەرنى بىردەم ھۆتەل تۇتتى، ئاجىز يەلكىلىرىنى كىرىسلوغا تاشلاپ خىقىراپلا قالدى.

    -دوختۇرنى چاقىرايمۇ؟-دېدى قۇندۇز جىددىيلىشىپ.

    -ياق.. ئۆھۆ...ئۆھۆ... ئوڭشىلىپ قالىمەن – يىگىتنىڭ يۈزلىرى ئاغرىق ئازابىدىن پۈرۈشتى، كۆك تومۇرلىرى بۆرتۈپ چىققان قولىنى شەرەتلىدى،- دېرىزە.... دېرىزىنى ئېچىڭ..

    دېرىزىدىن يامغۇر ئارىلاش سوغۇق شامال كىرىپ، پەردىلەرنى يەلپۈدى. قۇندۇز ئەندىكتى.

    مۇزەپپەر ئېغىر-ئېغىر نەپەس ئېلىپ تولغۇناتتى.

    -ئۆزۈممۇ تېخى بايىلا تېخى، بۈگۈن ئەجەپ تۇتمىدا، دەپ تۇراتتىم.

    قۇندۇز كۆڭلىدە ئويلىدى« ئەي، بىچارە بەك قىيلىنىپ كەتتى-دە!»

    -بۇ سوغۇق يەر بولمامدۇ نېمە سىزگە؟ -قۇندۇز كۆيۈنۈپ دېدى.

    -ھازىر.... توختايدۇ.. ئۆھۆ!

    يىگىت پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن چىققان تىترەك بىلەن قوللىرىدا كىرىسلو تۇتقۇچلىرىنى قاماللاپ كۆزىنى يۇمۇپ يۆلىنىپ ئولتۇراتتى. مەيدىسىدىن «گىژ-گىژ» قىلغان ئاۋاز ئاڭلىنىپ تۇراتتى

    -مانا ئۆتۈپ كەتتى،- يىگىت ماڭلىيىدىكى تەر تامچىلىرىنى سۈرتكەچ قۇندۇزغا قارىدى،- ناچار ئۆپكەم ساپ ھاۋاغا كۆنەلمەيۋاتقان ئوخشايدۇ.

    يامغۇر قۇيغاندەك يېغىشقا باشلىدى. مۇزەپپەر دېرىزىدىن سىرتقا قاراپ ئەندىكتى:

    -يامغۇرنىڭمۇ كۆڭلى يېرىم-دە! نېمە كىتاب كۆرۈۋاتىسىز؟

    قۇندۇز قولىدىكى كىتابنى كۆرسەتتى.

    -نېمە مەزمۇندىكەن؟

    -بىزنىڭ يېشىمىزدا نېمە كىتابلارنى كۆرەلەيتتۇق دەيسىز؟

    -ھىم.. –مۇزەپپەر بېشىنى لىڭشىتتى ۋە ئاندىن ئاستا ئورنىغا قايتقاچ دېدى:- مەندە بىر كىتاب بار، فىرانسوز يازغۇچىسىنىڭكى، ئۇ كىتابنى ئوقۇپ ئوغۇل بالا بولساممۇ ھۆكىرەپ يىغلاپ كەتكەنىدىم.

    -شۇنداقمۇ؟

    -يالغانچىنىڭ ئۆيى كۆيسۇن، خالىسىڭىز، ئوقۇپ بېقىڭ.

    -ئۇنداقتا ئەتە ئالغاچ چىقارسىز-ھە؟ شۇنچىلىك تەسىرلىكمۇ ئۇ كىتاب؟ «ئۆتكەن كۈنلەر»گە ئوخشامدۇ؟ ئۇ كىتابنى مەن قاچانلا ئوقۇسام ئۆزۈمنى تۇتالماي تۆكۈلۈپلا كېتىمەن.

    -«ئۆتكەن كۈنلەر»... ئوۋ!-يىگىتنىڭ كۆزلىرى چاقناپ كەتتى، -ئۇ كىتابنى سىز ئەمەس، ھەتتا يازغۇچىنىڭ ئۆزىمۇ يېزىۋېتىپ يىغلاپ كەتكەنىكەن.

    ئەتىسى قۇندۇز خىزمەتكە ماڭماق بولۇپ ئىشىكتىن چىقاي دەپ تۇرىشىغا، يىراقتىكى يولدىشى تېلىفون قىلىپ دېدى: «ئىشقا بارساڭ قېلىنراق كىيىنگىن، بۇ قۇياشقا ئىشەنگىلى بولمايدۇ» دېدى.

    سىرتتا قۇياش چاراقلاپ تۇرىدىيۇ، ھاۋا يەنىلا شۇنچىلىك سوغ ئىدى. كوچىنىڭ يانلىرىدىكى تاملار قىروۋ تۇتقاندەك ئىدى. كېچىچى ياغقان يامغۇردىن كېيىن ئالا-چىپا قۇرىغان يولغا، دەرەخلەردىن چۈشكەن ناۋاترەڭ يۇپۇرماقلار تۆكىلەتتى.

    چۈشكىچە مۇزەپپەردىن ھېچقانداق خەۋەر بولمىدى. قۇندۇز تۇيۇقسىزلا ئۆزىنىڭ نېمىلەرگىدۇر تاقەتسىزلىنىۋاتقانلىقىنى سەزدى، «كىتاب بەرمەكچىدىغۇ؟» دەپ ئويلىدى خىيالىنى بۇزۇشقا تىرىشىپ.

    كۈن چۈشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، قۇندۇزنىڭ كۆڭلىگە ئەنسىزلىك چۈشتى، ئىشىكنى تاقىدى-دە، ئۈچىنچى بىنا تەرەپكە قاراپ ماڭدى.

    مۇزەپپەر تۆت كىشىلىك ياتاقتا ئۆزى يالغۇز يوتقانغا پۈتكۈنۈپ ياتاتتى.

    -سىزگە يالغانچى بولۇپ قالدىم-ھە؟ قاراڭە بۇ ھالىمنى-دېدى يىگىت خامۇش كۈلۈمسىرەپ.

    قۇندۇزنىڭ كۆزلىرىدىن بىرخىل ئەندىش ئۆچۈپ ياندى.

    -قانداقراقتۇرىسىز؟

    -رەھمەت، ئەتىگىچە سەل ... يىگىت شۇنداق دېگىنىچە بېشىنى سەل كۆتۈردى.

    -بۇنداق يالغۇز قىينالمامسىز؟ يا بىر قارىغۇچىڭىز بولمىسا؟

    مۇزەپپەر ئۈستى بەدىنىنى رۇسلاپ يۆلەندى ۋە قۇندۇزغا قاراپ دېدى:

    -قەستەن مۇشۇ يالغۇز ياتاققا چىقىۋالدىم.

    -نېمە ئۈچۈن؟

    -ئەسلىدە بۇ ساناتورىيىگىمۇ ئادەملەردىن قېچىپ كېلىۋالغانىدىم، ئەمما ياتاقداشلىرىمنىڭ ئۇيقۇسىنى بۇزۇپ قويدۇم. بۇ ياخشى ئەمەستە!

    -ئادەملەرسىز قانداق ياشىغىلى بولىدۇ؟- دەپ سورىدى قۇندۇز كۆزلىرىنى چوڭ ئېچىپ. يىگىت قوللىرىنىقورسىقى ئۈستىگە ئالماشتۇرۇپ قۇيۇپ، كۈلدى.

    -گيوتىدەك ياشىمامدىم

    -گيوتى؟

    -شۇنداق بىر نېمىس شائىرى ئۆتكەن. ئۇنىڭ مۇنداق مىسرالىق شېئىرى بار، بەلكىم ئاڭلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن: « مۇھىمدۇر بولسىمۇ قانچىلىك مەنىسىز، ياشىيالماس ئادەملەر ئادەمسىز»،- يىگىت ئۇرغۇ بىلەن ئوقۇدى.

    -ئەنە، كۆرگەنسىز! سىز بولسىڭىز...

    -مەن بولسام.... دېلىفېنغا ئېچىنىمەن.

    -كىمگە؟

    -سۇئالىڭىز ئۇيغۇر تىلى گىرامماتىكىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا خاتا! ئەمما ماھىيەت نۇقتىسىدىن ئېيقاندا بەكمۇ توغرا بولدى!

    قۇندۇز چۈشەنمەستىن، يەلكىسىنى قىستى.

    -چۈنكى دېلىفېن ، ئۇ بىر تىلسىز، ئاڭسىز ھايۋان، ھايۋانلار «كىم؟» دېگەن سۇئالغا ئەمەس، «نېمە» دېگەن سۇئالغا جاۋاب بولۇپ كېلىدۇ، بۇنى مەكتەپتە ئوقۇغانغۇ بىز؟ ئەمما مەن ئېيتقان دېلىفېن باشقىچە، «كىم؟» دەپ سوراشقا ئەرزىيدىغان.... مېنى ئالجىپتۇ دەپ ئويلاپ قالمىغانسىز-ھە؟

    تۇيۇقسىز ياندۇرۇپ سورىدى يىگىت.

    -ياق... نېمىگە بۇنداق دەيسىز؟

    -سەل ئېگىز-پەس گەپلىرىمدىن دەيمىنا... ھىندونىزىيىدە بىر دېلىفېن  مەكتەپكە بارىدىغان بالىلارنى ئۇقاتتىن بۇقاتقا ئۆتكۈزۈپ قويىدىكەن، ھەمىشە مەلۇم بىر ۋاقىتتا قىرغاققا كېلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈپ تۇرىدىكەن. بىر كۈنى قانداق بولغان شۇ غۇبارسىز ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىر مەست بىللە ھېلىقى دېلىفېنغا مىنىپتۇ. قولىدا بولسا لاتىغا ئورالغان پىچىقى بار ئىكەن. دەل سۇ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە ھېلىقى  مەست دېلىفېننىڭ نەق يۈرىگىگە توغرىلاپ پىچاق ئۇرۇپتۇ.

    -ۋوي! نېمىدەپ؟

    -نېمىگە دەيسىزغۇ؟!  ياۋۇزلۇقتا قاچانبىر مەنتىقە بولۇپ باققان دەيسىز، ئاخىرىنى ئاڭلاڭ، دېلىفېن سۇنى قارا قانغا بوياپ ساھىلگە قاراپ ئۈچۈپ كېتىۋېرىپتۇ، بالىلار قىرغاققا چۈشكەن ھامان، بۇ دېلىفېن ئېچىنىشلىق بىر ئۆرۈلۈپلا جان بېرىپتۇ... كۆردىڭىزمۇ؟ ئەگەر ئۇنىڭ ئورنىدا «كىم؟» بولغاندا ئىدى، پىچاق سانىلغان ھامان يەلكىسىدىكىلەرنى سۇغا غەرق قىلغان بولاتتى.

    -ۋوي مۇناپىق مەست! بەلكىم دەررۇ ئۇ دېلىفېننىڭ يارىسىنى تاڭغان بولسىمۇ، ئۆلمەي تىرىك قالار ئىدى.

    -كىم تاڭىدۇ؟ ئاشۇ «نېمە؟» دېگەن سۇئالغا جاۋاب بولىدىغان ھايۋانمۇ؟

    ئۈستەل ئۈستىدە لوڭقىلارغا سېلىنىپ قۇيۇلغان گۈللەرنىڭ ھىدە گۇپ-گۇپ دىماققا ئۇرىلاتتى. بۇ كىچىكىنە ھاياتلىقمۇ ئۆينىڭ مۇھىتىنى باشقىچە قىلىپ كۆرسىتىپ تۇراتتى. قۇندۇز دېرىزە تەكچىسىدىكى خاتىرە-دەپتەرلەرگە قارىدى؛

    -دەرس تەكرار قىلغانمىدىڭىز؟- دەپ سورىدى

    -ياق،- دەپ بېشىنى بوش چايقىدى يىگىت،-بۇ، كۈندىلىك خاتىرەم.

    -كۆرسەم بولامدۇ؟ مەخپىيمۇ-يا؟

    -مەخپىي!

    -ھەربىي مەخپىيەتلىك ئەمەستۇ؟-دەپ كۈلدى قۇندۇز.

    -دۇنيانىڭ سىرى،-دەپ قارىدى يىگىت،- بۇ ئالەمدە ئادىمىزاتنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان بىر ئىش بار. ئۇنى ھېچكىم چۈشىنەلمەيدۇ، ئەگەر ئۇنىڭغا ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي يەتسە، ئۇنداقتا ياشاشنىڭ ئەھمىيىتى بولماي قالىدۇ.

    ئۇنى يەنە يۆتەل تۇتتى، قۇندۇزنىڭ يۈرەكلىرى مۇجىدى، لەۋلىرىنى چىشلىدى: «ئاھ خۇدايىم!»

     مۇزەپپەر يۆتەلدىن توختاپ ئەدىيالنى بىر ياققا قايرىپ قويدى.

    «ئوڭشىلىپ كېتەرسىز، ھەي بىچارە» دەپ پىچىرلاپ خۇرسىندى قۇندۇز.

    -قاچان توي قىلغانىدىڭىز؟ دەپ سورىدى يىگىت ئۇشتۇمتۇت.

    -بىر ئايدىن ئاشتى...- قۇندۇزنىڭ كۆڭلىدىن ئاجايىپ بىر تۇيغۇ ئېقىپ ئۆتتى.

    -يولدىشىڭىز نېمە ئىش قىلىدۇ؟

    بۇ سۇئال قۇندۇزغا بىلىپ-بىلمەي ئېغىر تۇيۇلدى.

    -قانالدا ئىشلەيدۇ... تېخنىك!

    -ھە.. ياخشى،- دېدى يىگىت قاشلىرىنى يىمىرىپ.

    گەپ-سۆز تۈگىگەندەك قىلاتتى، قۇندۇز دېرىزىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان بىر پارچە ئاسمانغا تىكىلىپ:

    سىنىپىڭىزدا قىزلارمۇ باردۇ؟-دەپ قويدى.

    مۇزەپپەر قولىغا تايىنىپ، بەدىنىنى كۆتۈرۈپ قويدى.

    -بىرەرسىنى ياخشى كۆرەمسىز، دەپ سورىماقچىغۇ ھە؟ ياق، ياخشى كۆرمەيمەن، مېنىمۇ ھەم بۇ دۇنيادا ئانامدىن باشقا ھېچكىم ياخشى كۆرمىگەن،- دېدى ئۇ ئۈمچەيگەندەك  بولۇپ.

    -نېمىشقا؟

    -چۈنكى...- دېدى يىگىت بىر نەرسىگە تەرەددۇتلانغاندەك ئاھاڭدا،- كېتىپ قالسام، بۇمۇ بىر سىر بولۇپ قالسۇن!

    -ھېچنىمە يوق سىز دەڭە؟- قۇندۇز ئورنىدىن قوزغالدى،- مەن چىقاي.

    -چاي ئىچەمسىز؟

    -ياق

    -چەينەكتە چاي بار، سەل سوۋۇپ قالدى.

    -ياق، رەھمەت، دوختۇرنى چاقىرىپ قويايمۇ؟

    يىگىت بېشىنى چايقىدى.

    -نېمە دەپ؟

    -«تېۋىپ دېدىكى: سېنىڭ بۇ دەردىڭ بىداۋا، دەپ،- دېدى ئۇ تومپۇچكىدىن ىىر كىتابنى ئېلىپ قۇندۇزغا ئۇزاتقاچ،- مانا، ھېلىقى يىغلىتىدىغان....

    قۇندۇز ئىشىكنى ئاۋايلاپ ياپتى، ئىچىدىن يۆتەل ئاۋازى ئاڭلاندى. قۇندۇز ئۆيىگە خامۇش ھالدا قايتتى، دەرۋازا ئوچۇق، قىينىئاتىسى قولىدا قايچىسىنى كۆتۈرۈپ ئالما دەرىخى يېنىدا بىر ئىشلار بىلەن مەشغۇل ئىدى. ئۇ قىينىئاتىسى بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن، ھويلىغا كىرىپ، ھويلىدىكى يېيىپ قويغانكىرلارنى يىغدى. ئەتلەس دەرپەردىلەر، گۈللۈك داستىخانلار بىلەن بېزەلگەن ئۆي، پېتىپ كېتىۋاتقان قۇياشنىڭ قىزغۇچ نۇرلىرىغا چۆمگەن ئىدى. قۇندۇز تۆردە ئېسىقلىق تۇرغان سۈرەتتە كۈلۈپ تۇرغان، ئاپئاق داكا لىچەككە ئورىنىپ كۈلۈپ تۇرغان موماينىڭ رەسىمىگە تىكىلىپ تۇراتتى.

    قۇندۇز مەرھۇم قىينىئانىسىنىڭ يۈزىنى كۆرۈپ باقمىغانىدى، شۇ سەۋەبتىن خوشنا ئاياللار ئۇنى: «ئازادە ئۆينىڭ كېلىنچىكى» دەپ چاقچاق قىلىشاتتى.

    قۇندۇز سېيىرنى سېغىپ بولىشىغا دەرۋازا سىرتىدىن ماشىنا ئاۋازى ئاڭلاندى، ئۇنىڭ 14 ياشلىق قىينىئىنىسى ئىسرائىل دەرس تەكرارلاۋاتقان ئۆيدىن چىقىپ دەرۋازىنى ئاچتى. دەرۋازىغا يېشىل رەڭلىك ماشىنا كىرىپ كەلدى. ئارقىدىنلا ماشنىدىن كۆك شىم كىيگەن كامىل چۈشتى-دە، ئۈستى بېشىنى قېقىشتۇرۇپ، دادىسىنىڭ يېنىغا سالامغا كىرىپ كەتتى.

    قۇندۇز ئاشخانىدا تاماققا سەۋزە توغراۋاتاتتى، ئېھتىياتسىزلىقتىن قولىنى كېسىۋالدى، ئۇ ياققا-بۇياقتىن بۇنى تاڭغىدەك نەرسە ئىزدەۋاتقىنىدا يولدىشى كىرىپ كەلدى:

    -قولىڭنى كېسىۋالدىڭما؟ ئاللا، قاراپ ئىشقىلساڭ بولمامدۇ؟-دېدى يولدىشى كايىش ئاھاڭى بىلەن.

    -ھېچقىسى يوق، ھېلىلا توختايدۇ...

    يولدىشى چىقىپ كەتتى. ئۇدۇلدىكى ئۆيدە يولدىشى بىلەن قىينىئاتىسىنىڭ دېيىشكەن سۆزلىرى بۇ ئۆيدە ئولتۇرغان قۇندۇزنىڭ قۇلىقىغا ئۈزۈلۈپ-ئۈزۈلۈپ كىرىپ تۇراتتى. تاماقتىن كېيىن، بوۋاينى مۈگدەك باستى، قۇندۇز بوۋاينىڭ ئورنىنى راسلاپ بېرىپ، قاچا-قۇچىلارنى يىغىشتۇرۇشقا تۇتۇندى. ھۇجرىسىغا قايتىپ كىرگەندە بولسا، تېلىۋېزوردىكى دېكتور توختىماي سۆزلەۋاتقان بولسىمۇ، يولدىشى ئۇيقۇغا كەتكەن ئىدى. قۇندۇزنىڭ ئاياغ تىۋىشىنى ئاڭلاپ، يولدىشى كۆزىنى تەستە ئاچتى.

    -ئۆچۈرۋېتەيمۇ؟

    -ھەئە، چارچاپ قاپتىمەن.. – كامىل ئەسنىگىچە ئورنىدىن تۇردى.

    سىرت زۇلمەت قاراڭغۇسى ئىدى، نەلەدىندۇر بىر ياقلاردىن كېچىدىكى ئوغرى مۈشۈكلەرنىڭ مىياڭلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى.

    «يۆتىلى پەسلەپ قالغانمىدۇ؟ سىر دەپ نېمىلەرنى يوشۇرۇن تۇتۇپ كەتكەندۇ؟ ھېچكىم چۈشەنمىگۈدەك... نېمىدەپ؟ سىر بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟...»

    ئۇ ئۇھسىندى. سومكىسىدىن مۇزەپپەر بەرگەن كىتابنى ئاستا ئېلىپ، ئالدىرىماي ۋاراقلىدى، ئاچقان يەردىن باشلاپلا ئوقۇشقا باشلىدى. ئاۋۋال مۇنداقلا كۆز يۈگۈرتتى، كېيىن خۇددى مۆجىزىگە يولۇققاندەك دۇنيانى ئۇنتۇدى... قۇندۇز نە ئىشىكنى غىچىلداپ ئېچىلغىنىنى، نە ئېرىنىڭ يۆتەلگىنىنى سەزمىدى. كامىل ئۇنىڭ كەينىدىن ئېڭىشىپ كەلگەندە، مۇزدەك چاپىنى قۇندۇزنى ئەندىكتۇرۇپ ئېسىگە ئەكەلدى:

    -ماشىنىنىڭ سۈيىنى تۆكىۋېتەي، قار ياغىدىغاندەك تۇرىدۇ،- دەپ يولدىشى چىقىپ كەتتى.

    قۇندۇزنىڭ قۇلىقىغا يولدىشىنىڭ گەپلىرى كىرمىدى. بۇ چاغدا ئۇ. يىغلىغىنىچە.. «ئەزىزىم لۇيى! ساڭا بۇ سۆيگۈ خېتىنى 20 يىلدىن بۇيان يېزىپ كېلىۋاتىمەن...» دېگەن مىسرالارنى شىۋىرلىماقتا ئىدى. مۇزەپپەرنى ئويلىدى. « بۇ كىتابنى ئوقۇپ، ئوغۇل بالا بولساممۇ يىغلاپ كەتكەنىدىم..»، قۇندۇز سىرتتا يولدىشىنىڭ تىۋىشىنى ئاڭلاپ، يۈز-كۆزلىرىنى ئىتتىك سۈرتۈپ ئورنىدىن تۇردى.

    كامىل يېشىنىپ كارىۋاتقا يانپاشلىدى. كۈچلۈك قوللىرىنى بېشىنىڭ ئاستىغا قويۇپ ئوڭدىسىغا ياتاتتى. ھەر نەپەس ئالغىنىدا يوغان قورسىقى بىر ئۆرلەپ بىر پەسىيىپ تۇراتتى.

    -ياتمايسەنغۇ؟- دەپ شىۋىرلىرى يولدىشى خۇمارلىق كۈلۈپ. كۆزلىرى يېنىپ تۇراتتى... قۇندۇز بېشىنى چايقاپ، كىتابىنى كۆرىۋەردى. باشقا كېچىلەردە يولدىشىنىڭ شۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندا ۋۇجۇدى ھاياجانغا تولاتتى، ئەمما بۇ كېچىدە ئۇ بۇلاردىن مۇستەسنا ئىدى. يولدىشى ئۇنىڭغا خېلى ۋاقىت قاراپ ياتتى-دە، ئاخىرى نارازىلىق  بىلەن:

    -كۈنبويى كۆرۈپ تويمىدىڭمۇ؟ بولدى قىلساڭچۇ، ئۆچۈر چىراغنى!-دېدى.

    كەينىدىن ئورنىدىن تۇردى-دە، ئايالىنى كەينى تەرەپتىن تارتىپ باغرىغا باستى

    قۇندۇزنىڭ بەدەنلىرى بىردىنلا بوشىدى، كۆزلىرىنى يۇمدى. تۈن، ئالەم جىمجىت. قۇندۇزنىڭ كۆز ئالدىغا سوغۇق، زىمىستان كەبى ياتاق، يۆتەل تۇتۇپ يالغۇز تولغىنىپ ياتقان... مۇزەپپەر كەلدى-دە، كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈلدى. كامىل بىرنەرسىنى سەزگەندەك سورىدى:

    -نېمىگە يىغلايسەن؟

    قۇندۇز خۇددى بىر ئۇياتلىق ئىش قىلىپ قويغاندەك،يۈزىنى تۇتۇپ ئېسەدەشكە باشلىدى، يەلكىلىرى توختىماي تىترەيتتى.

    يولدىشى ئورنىدىن تۇرۇپ، چىراغنى ياندۇردى.

    -دېسەڭچۇ، نېمە بولدى ساڭا؟ بىرەر يېرىڭ ئاغرىۋاتامدۇ؟

    كامىل بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ، كارىۋاتنىڭ لىۋىدە ئولتۇردى.

    -ئىچىمنى خۇن قىلىۋەتتىڭغۇ بۇنداق يىغلاپ، نېمە بولدى دېمەمسەن؟

    قۇندۇزنىڭ ھېچنىمە دېمىگىنىگە قاراپ كامىل ئۆزىچە چۈشەنگەندەك بولدى-دە، قۇندۇزنى يېنىغا تارتىپ پەپىلىدى

    -بىلىمەن، ئىش جىق، زېرىكىپ كەتتىڭ.-دېدى بىرئازدىن كېيىن كامىل مۇلايىم ئاھاڭدا،- يا سېنى بىر كىنولارغا ئاپىرالمىدىم، كۆرۈۋاتىسەن، بەك ئالدىراش بولۇپ كەتتىم. ئىشىم تۈگىگەندە سېنى شەھەرگە ئاپىرىپ ئوينىتىمەن، تياتىرلارغا ئېلىپ كىرىمەن...

    يولدىشىنىڭ سۆزلىرى قۇندۇزنى تېخىمۇ ئۆرتەندۈردى. كامىل بېرىپ چىراغنى ئۆچۈردى، يوتقانغا كىرىپ، سىگارتتىن يەنە بىرنى چېكىشكە باشلىدى، قاراڭغۇ كېچىدە تاماكا چوغىنىڭ غۇۋا شولىسىدىن كامىلنىڭ شامالدا قارايغان يۈزى سۇس كۆرۈنۈپ تۇراتتى، كامىل تاماكىنى قاتتىق-قاتتىق ئىچىگە تارتتى.

    ئەر-ئايال ئىككىلىسىنىڭ ئۇيقۇسى قاچقان. ئىككىلىسى سۈكۈتتە ئىدى. قۇندۇز خىرە يورۇپ تۇرغان دېرىزىگە تىكىلگىنىچە ھەدىسى زۇمرەتنى ئەسلىدى، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ھويلا-ئاراملىرى كۆز ئالدىغا كەلدى، ئۇنىڭ ھەدىسى زۇمرەت ئونىنچى سىنىپتا ئوقۇۋاتقان چېغىدا بىر يىگىت بىلەن قېچىپ كەتكەنىدى. ئانىسى شۇنىڭدىن باشلاپ، قۇندۇزنى كۆرسە زۇمرەتنى كۆرگەندەك بولۇپ ھەممە ئاچچىقىنى زۇمرەتتىن ئالاتتى: «سەن ئۆلسەڭمۇ شۇ شەرمەندىگە ئوخشىماي ئۆلەرسەن، ئىلاھىم،» دەپ قارغايتتى.

    زۇمرەت ھەدىسىنىڭ قالدۇرغان قاراڭغۇ سايىسىدا ئۆسۈپ چوڭ بولدى. ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىشىگىلا ئانىسى ئۇنى ياتلىق قىلىش كويىغا چۈشتى. مۇشۇ ساناتورىيىنىڭ ئاشخانىسىدا ئىشلەپ يۈرگەن ئانىسى، قىزىنى ئەتەي بىر ئايلىق ئوقۇشقا ماڭدۇرۋېتىپ، كەلگىنىدە ئۇنى مىركامال دېگەن بۇ ئائىلىگە كېلىنلىككە چاي ئىچۈرۋەتكەنلىكىنى دېدى.....

    قۇندۇزنىڭ ۋۇجۇدىدا بىرنەرسە چارسلاپ كۆيۈۋاتقاندەك تۇيغۇ بولدى: خۇددى يېنىدا يېتىۋاتقىنى مۇزەپپەردەك تۇيۇلدى-يۇ، بۇ خىيالىدىن ئۆزىمۇ چۆچۈپ كۆزىنى ئىتتىك يۇمۇۋالدى: يەنىلا مۇزەپپەر!

    قۇندۇزنى قورقۇنچ باستى، كۆزلىرىگە يىغا ئولاشتى. كاشكى.....

    كامىل پۇشۇلدىغىنىچە ئۇيقۇغا كەتتى.

    مانا بۇ ئادەم ئۇنىڭ يولدىشى، بىر ئۆمۈرلۈك!

    ئۇ ئىختىيارسىز ھالدا بارماقلىرىنى كامىلنىڭ يۈزىگە تەگكۈزدى. يولدىشى ئۇيقۇچان ھالدا ئۆرۈلۈپ كۆزىنى ئاچتى:

    -تېخىچە ئۇخلىمىدىڭما؟

    قۇندۇز ئۇنىڭ ئۇيقۇچان كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرۇپ دېدى:

    -ماڭا قاراڭ،- ئۇنىڭ ئاۋازى، روھىي ھالىتى شۇنچە سالماق ئىدى،- مېنى سۆيەمسىز؟

    كامىل ئاڭلىمىدى.

    -ھە؟

    -مېنى ياخشى كۆرەمسىز؟

    يولدىشى ئۇنى يەلكىسىدىن تارتتى:

    -قىززىق گەپ قىلىسەندە؟! ياخشى كۆرمىسەم سېنى ئەمرىمگە ئالامتىم؟

    -مەنچۇ؟

    -نېمە سەن؟

    -مەن سىزنى ياخشى كۆرەمدىمەن؟

    كامىل ھاڭۋېقىپ قالدى.

    -مېنىڭ ئايالىم بولغاندىن كېيىن... ياخشى كۆرىسەندە، ئەلۋەتتە،- دەپ غودۇرىدى ئۇيقۇسى تامامەن ئېچىلىپ ئورنىدىن تۇردى، ئايالىغا مىختەك تىكىلدى.

    -ساڭا زادى نېمە بولدى؟- دەپ سورىدى ئۇ،- راستىنى دەۋەرگىن1

    كېلىنچەك غۇۋا شولىنىڭ ئاستىدىكى يولدىشى، يولدىشىنىڭ جاپادىن چىڭىغان بېلەكلىرى، ئولتۇرۇشقان كۆزلىرىنى كۆرۈپ ئىچى ئاغرىدى.

    -ھېچنىمە،- دەپ پىچىرلىدى.

    قۇندۇزنىڭ ئىچى سېرىلغاندەك بولدى.

    -نېمىگە ئۈندىمەي ئولتۇرىسەن؟ دېگىنە

    -ھېچنىمە دېدىمغۇ، بولدى قىلىڭ!

    -ھېچنىمە بولمىساڭ نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولۇپ قالدىڭ ئەمىسە؟!

    كامىلنىڭ نېرۋىسى چېچىلدى، تاماكىدىن يەنە بىرنى تۇتاشتۇردى، تاكى تاڭ سەھەردە خوراز چىللىغۇچە كۆزىنى مىت قىلىپ يۇممىدى، ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا نېمىلەر يوقىلىپ، نېمىلەر پەيدا بولغىنى ئۆزلىرىگە ئايان ئىدى.

    ******************

    يولدىشى تاڭ سۈزۈلمەي تۇرۇپلا، ناشتىمۇ قىلماي ئىشقا كەتتى. قۇندۇز بېشىغا تاش ئېسىپ قويغاندەك بىر ھالدا ئورنىدىن تۇردى،

    *****************************

    ..... خەت قىسقىلا ئىدى:

    «قۇندۇز، بۇ يەردىن تۇيۇقسىز كېتىدىغان بولۇپ قالدىم، سوغۇق جېنىمدىن ئۆتتى. سىز چوقۇم بەختلىك بولىشىڭىز كېرەك. سىز ئۆزىڭىزمۇ سېزەلمىگەن ھالدا ماڭا قانچىلىك بېرىلگەنلىكىڭىزنى بىلگەن بولسىڭىز ئىدى.... مەن پەقەت سىزگە رەھمەتلا دېيەلەيمەن

                              مۇزەپپەر»

    -بۇنى نەۋرەم  قالدۇردى،-دېدى قاراۋۇل بوۋاي قارا مۇقاۋىلىق قېلىن قارا كىتابنى ئۇزىتىپ.

    قۇندۇز ھەيران بولۇپ بوۋايغا قارىدى.

    بوۋاي بىخارامان ھالدا پىيالىدىكى قىززىق چاينى سۈمۈردى.

    (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى) 

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر دۇنيانىڭ سىرى