بۇلاڭچى(پەرھات تۇرسۇن)

يوللىغۇچى : parhattursun يوللىغان ۋاقىت : 2008-03-04 13:11:00

بۇلاڭچى پەرھات تۇرسۇن چوڭ كوچا دوقمۇشىدىن قايرىلىشقا ئاز قالغاندا بۇلاڭچى ئالدىمنى توستى. ئۇ ئۇدۇل ئالدىمغا كەلسە تونۇش بىرسى ئوخشايدۇ دەپ ئۇنىڭغا سالام قىلىپ قولۇمنى تەڭلەپتىمەن. ئۇ سالىمى...

      بۇلاڭچى
    پەرھات تۇرسۇن

    چوڭ كوچا دوقمۇشىدىن قايرىلىشقا ئاز قالغاندا بۇلاڭچى ئالدىمنى توستى. ئۇ ئۇدۇل ئالدىمغا كەلسە تونۇش بىرسى ئوخشايدۇ دەپ ئۇنىڭغا سالام قىلىپ قولۇمنى تەڭلەپتىمەن. ئۇ سالىمىمدىن مەڭدەپ قالدى، بەلكى ئاز تولا قورقۇنچقا چۈشكەندەكمۇ قىلاتتى. ئۇنىڭ چىرايىدىكى غەلىتە ئىپادە مېنىمۇ چۆچۈتىۋەتتى. ئۇنىڭ چىرايى خۇددى بەدىنىدىكى قاننى تېزلىكتە يوقۇتۇپ بېرىۋاتقان كىشىنىڭ چىرايىغا ئوخشايتتى. بىرەر غەزەپ ياكى بىرەر شادلىق دېگەندەك تۇيغۇلارنى ئىپادىلەشكە ماجالى قالمىغاندەك كۆرۈنىدىغان بۇ ئادەمنىڭ مېنىڭ ئالدىمنى توسۇپ قانداق بىر نەرسىنى بىلدۈرمەكچى بولۇۋاتقىنىنى ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ بىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. شۇڭا مەن ئۇنىڭ بىر بۇلاڭچى ئىكەنلىكىنى ئۇ پىچاقنى چىقىرىپ ماڭا تەڭلىگىچىمۇ بىلەلمىگەن ئىدىم.
        ئۇ ماڭا ئىنتايىن يېقىن كەلدى. ئۇنىڭ ئاغزىدىكى قاڭسىق تاماكا ھىدىنى ھېس قىلغىدەك يېقىن كەلگەندىلا خۇددى ئادەملەرنى شۇمپەن قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈنلا يول بويىغا ئورنىتىپ قويۇلغاندەك خۇنۇك ۋە كۆمۈرنىڭ زەھەرلىك ئىسىدەك ساغۇچ چىراق يورۇقىدا مەن ئۇنىڭ ئەسلىدە سالىمىمدىن مەڭدەپ قالغان بولماستىن بەلكى ئالاقزادە بولۇپ كەتكىنىنى بىلىپ يەتتىم. ئۇنىڭ ئورۇق يۈزلىرىدىكى بىر نەچچە تال چوڭقۇر سىزىقچىنىڭ قورۇق تاكى تاتۇق ئىكەنلىكىنى پەرق قىلغىلى بولمايتتى. ئۇنىڭ قولىدىكى پىچاقمۇ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە ئوخشاش مۇزدەك مەينەت يالتىرايتتى. ئۇنىڭ بۇنداق خۇنۇك يالتىرىشىغا قاراپ ھېچكىممۇ ئۇنىڭ بىرەر تەنگە سانچىلىپ كىرىپ ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىغا ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى. ئۇ ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتقۇدەك بىر ئەبگا پىچاقتەك قىلاتتى. ئۇنىڭ ئاشۇنداق بىر پىچاق بىلەن بۇلاڭچىلىق قىلماقچى بولۇشى ئادەمنىڭ كۈلكىسىنى قىستايتتى.
        بۇلاڭچىنىڭ بويى مەندىن ئېگىز ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ بىچارىلەرچە قىياپىتى ئۇنى بەكمۇ ئاجىز ۋە ئەبگا قىلىپ كۆرسىتەتتى. ئۇ ۋەھشىلىشىپ ۋارقىراپ مەندىن يېنىمدىكى بار پۇل ۋە پۇلغا يارايدىغان نەرسىلەرنى چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭ ئاۋازى سەل تىترەپ ۋە بوغۇلۇپ چىقاتتى، شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ ئاۋازىدا ھاقارەت تۈسى بار ئىدى. ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ تىترەپ بوغۇلىشىدىن ئۇنىڭ يۈرەك رېتىمىنىڭ تېزلىشىپ كەتكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى. ئەگەر سەل يورۇقراق جايدا بولغان بولسا بەلكىم يۈزلىرىنىڭ قانسىراش تۈپەيلىدىن خۇددى مۇزدەك كۆكۈش رەڭگە كىرىپ قالغانلىقىنى كۆرگىلى بولار ئىدى. دېمەك ئۇنىڭ ئاۋازىدىكى تىترەش ۋەھشىلىكتىن خۇدىنى يوقىتىش سەۋەبىدىن بولغاندەك قىلاتتى.
        مەن بەزىلەرنىڭ بۇنداق چاغدا بۇرنىنىڭ شۇرقىراپ قاناپ كەتكىنىنى كۆرگەن ئىدىم. تەلۋىلەشكەن تەندىكى قان ئۆركەشلەپ بەدەننىڭ ھەممە يېرىگە زەرىب بىلەن ئۇرۇلغاندا ئەنە شۇنداق قاپسىلىپ كېلىپ قەيەرنىڭ تومۇرى جايلاشقان يەردىكى تېرىسى نېپىز بولسا شۇ جاينى يېرىپ چىقىدۇ. مەن كۆز ئالدىمدىكى بۇ بۇلاڭچىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى قاننىڭ ئۆركەشلەپ ئۇنىڭ تېنىدىكى قايسى جاينىڭ تومۇرىنى يېرىۋېتىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلدىم. ئەگەر ئۇنىڭ مېڭە تومۇرىنى يېرىۋېتىپ مېڭىسىگە قان چۈشۈپ كەتسە قانداق قىلغۇلۇق؟
        مەن ئۇنىڭ قولىدىكى پىچاققا يەنە بىر رەت قارىدىم، پىچاقنىڭمۇ ئۇنىڭ ئاۋازىدەك تىترەۋاتقانلىقىنى كۆرمەكچى بولغاندىمەن بەلكىم. لېكىن پىچاق ئۇنىڭ قولىدا ناھايىتى مۇستەھكەم ئىدى. پەقەت ئۇنىڭ ئاۋازىلا تىترەڭگۈ ئىدى. بەلكىم ئۇ شۇتاپتا بار كۈچى بىلەن ئەنە شۇنداق ئادەم ئۆلتۈرسە كۆزىنى مىتمۇ قىلىپ قويمايدىغان تەلۋە قاتىل قىياپىتىگە كىرىۋېلىش ئۈچۈن قولىدىكى تىترەكنى بېسىۋالغاندۇ. ئەلبەتتە قولنىڭ تىترىشىنى كونترول قىلىش ئاۋازنى كونترول قىلىشتىن ئاسان. ئەگەر پىچاقمۇ سەل پەل تىترەپ تۇرغان بولسا ئۇنىڭ ۋەھشىلىكىنىڭ بارغانسېرى ئارتىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلمىغان بولسام ئۇ ماڭا بارغانسېرى بىچارە كۆرۈنۈپ ئىچىمنى ئاغرىتماس بولغىيتى. ئۇنىڭ ۋەھشىلىكىنى ھېس قىلغانسېرى مەن ئۇنىڭ بۇنداق بىچارىلەرچە ھالىتىنى كۆرۈپ تۇرۇشقا چىدىيالماي قالدىم.
        ئۇ مېنىڭ ئۆزىگە ئىچ ئاغرىتىۋاتقىنىمنى بىلىپ قالغان بولسا كېرەك، تېخىمۇ چىچاڭشىپ مېنى تىللاپ كەتتى، ئاندىن پىچاقنى بېقىنىمغا نىقتاپ قويدى. پىچاقنىڭ ئۇچى سانجىلغاندا بەلكىم كېيىمىمدىن ئاز تولا تۆشۈك ئاچقادۇ. لېكىن ئۇنىڭ بىلەن چاتىقىم بولمىدى، ئەس يادىم يەنىلا ئالدىمدىكى بۇ ئادەمنىڭ ئەقلىنى قانداق يوقۇتۇپ قويۇۋاتقانلىقىدا ئىدى. مەن ئۇنىڭ يەنە ۋەھشىلىشىۋېرىشىگە قاراپ تۇرالمايتتىم، ئۇنى بۇنداق بىچارىلەرچە ۋەھشىلىشىۋېرىشتىن توختىتىش ئۈچۈن يانچۇقۇمدا بار نەرسىنىڭ ھەممىنى چىقاردىم. ئۇنىڭ كۆزلىرى ناھايىتى ئۆتكۈر بولسا كېرەك، بەرگەن نەرسىلەرنى ئاشۇ قاراڭغۇ جايدىلا بىر نەچچە سېكۇنت ئىچىدە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىپ بولدى. ئۇ پۇلغا يارايدىغان نەرسىلەرنى ئېلىپ قېلىپ، كىملىك ۋە باشقا پارچە پۇرات قەغەز، تېلفۇن نومۇرى دەپتىرى قاتارلىقلارنى يەرگە تاشلىدى.
        مەن ئېڭىشىپ كىملىكىمنى ئېلىۋالماقچى بولۇۋېدىم، ئۇ قورسىقىمغا بىرنى تىزلاپ مېنى توختىتىپ قويدى. مەن ئىلاجىسىز ئۇنىڭ كېلەر قېتىمدا نىمە قىلىشىغا قاراپ تۇردۇم. ئۇ مېنىڭ يانچۇقۇمدىن چىققان نەرسىلەرگە رازى بولمىغان ئىدى. شۇڭا مېنى يەنە بىر قۇر ئاختۇرۇپ چىقتى. ئۇ بەدىنىمنى ئاختۇرىۋاتقاندا گويا ھەممە جاينى سىلاشتۇرۇپ، تام ياقىلاپ كېتىۋاتقان قارىغۇ تىلەمچىدەكلا كۆرۈنۈپ كەتتى. ئەگەر يېنىمدا يەنە پۇل ياكى باشقا نەرسە بولسا شۇ ھالدا ئۇنىڭغا ئايىماي بېرەتتىم. ئۆيۈمدىن ئەچچىقىپ بەرسەممۇ مەيلى ئىدى. پەقەت ئۇ ۋەھشىلىشىشتىن بىردەم توختاپ، نورمال ئادەمدەك نەپەس ئېلىپ، يۈرىكىدىكى قاننىڭ ئايلىنىشى بىردەم نورماللىشىپ، چىرايىدىكى قىزىللىق ئەسلىگە كېلىپ، سەتلىك ۋە ۋەيرانىلىق ئۇنىڭ قىياپىتىدىن غايىپ بولسا؛ كۆڭلى بىردەم تىنجىپ، مەيلى تاماقتىن، مەيلى خىيالدىن، مەيلى مۇھەببەتتىن، ياكى ئادەم لەززەتلىنەلەيدىغان ھەرقانداق نەرسىدىن لەززەتلىنىشكە تەييار بولسىلا.
       ئۇ مەندىن ئېرىشكەن نەرسىلەرنىڭ ئازلىقىغا غەزەپلەنگەن ئىدى. غەزەپنىڭ ئۇنى قانداق ھالغا كەلتۈرۈپ قويغانلىقىنى ئۇنىڭ ئەسەبىيلەرچە تىنىقىدىن بىلگىلى بولاتتى. ئۇنىڭ تىنىقى تېخىمۇ ئېچىپ كېتىۋاتقاندەك قىلاتتى. بەلكىم ۋەھشىلىك ئۇنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ فۇنكىتسىيىسىنى تېزلىتىپ، ئۇنىڭ ئاشقازىنى ۋە نەپەس يوللىرىدىكى بارلىق سېسىقچىلىقنى قوچۇۋەتكەندۇ ياكى غەزەپ ئۇنىڭ ئىچكىي ئەزالىرىنى شىددەت بىلەن سېسىتىپ بېرىۋاتقاندۇ. خۇددى يىلاننىڭ زەھەرىدەك ئۇنىڭ غەزىپى بىلەن تەڭ بۇ پۇراقلار سىرتقا بىراقلا ئېتىلىپ چىقىپ كەتسە ئۇ ئۆزىنىمۇ نۇرغۇن دەرىجىدە يارىلاندۇرىشى مۇمكىن. يىلان باشقىلارنى چاققاندا ئۆزىمۇ چېقىش بىلەن تەڭ يارىلىنىدۇ. شۇڭا يىلان ئادەم چېقىلمىسىلا ئاسانلىقچە ئادەمنى چاقمايدۇ. ئالدىمدىكى بۇ ئادەم غەزەپلەنگەنسېرى ئۇنىڭ تىنىقىدىكى پۇراق شۇنچە يىراقلارغا بىلىنگىدەك بۇخسۇپ چىقىپ كېتەتتى. دېمەك ئۇ ناھايىتى زور دەرىجىدە ئېنېرگىيە ۋە روھىي كۈچنى ئۇپراتماقتا ئىدى. ماڭا ئۇ شۇ تاپتا بەدىنىدىن نەلەردۇر بىلىنمەس بىر جايلاردىن زور مىقداردا قان ئاقتۇرىۋاتقاندەكلا تۇيۇلۇپ كەتتى. ئۇنىڭ مەندىن ئېرىشكىنى ئوننەچچە يۈەن بولغىنى بىلەن، يوقۇتۇۋاتقىنى قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان نەرسىلەر ئىدى.
        مەن شۇنچىلىك ئاز پۇل بىلەن تۇرۇغلۇق ئۇنىڭغا ئۇچراپ قالغىنىمغا ئۆزەمنى قەرزداردەك ھېس قىلدىم. كۈچلۈك غەزەپ ئالدىدا ئۇنىڭ بەدىنى بەكمۇ ئاجىزدەك قىلاتتى. ئۇ بۇنداق سەۋەبسىز غەزەپلەرگە بەرداشلىق بېرەلمەي، ئاخىرى ئۆزىنى ھالاك قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئۇنىڭ غەزىبى سەۋەبسىز غەزەب بولۇپ، بۇنداق غەزەپنىڭ كۈچى سەۋبلىك غەزەبلەردىن مۆرچەرلىگۈسىز دەرىجىدە يۇقىرى. كىشىلەر ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئۆزىنىڭ غەزىبىنى مەلۇم ئاساسلارغا ئىگە قىلغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ كۈچىنى ئاساسەن سىرتقا قارىتىپ، ئۆزىنى ئەمەس بەلكى غەزەپ ئوبيېكتىنى زەخمىلەندۈرەلەيدۇ. ھېچقانداق ئاساسىي بولمىغان غەزەپ بولسا غەزەپلەنگۈچىنىڭ ئۆزىنى بەكراق زەخمىلەندۈرىدۇ. بۇلاڭچى شۇتاپتا ئۆزىنىڭ ماڭا بۇ قەدەر غەزەپلىنىشىنىڭ تامامەن يولسىز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، شۇڭا ئۇ بۇ غەزەپ ئالدىدا ئامالسىز. غەزەپ ئۇنىڭ تېنىنى ئوتتەك ئۆرتەپ، ئۇنىڭ ئىچىنى ۋەيران قىلماقتا. شۇڭا ئۇنىڭ بۇقەدەر چىچاڭلاپ كېتىشى ئاخىرقى قېتىملىق جان تالىشىشتەكلا ئېچىنىشلىق ئىدى. ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىۋاتقىنىم ئۇنىڭ ئوغىسىنى تېخىمۇ قاينىتىۋېتىپ قالمىسۇن دەپ، ئۇنىڭدىن قورقۇۋاتقان قىياپەتكە كىرىۋالماقچى بولساممۇ لېكىن ئۇنىڭغا بولغان ئىچ ئاغرىتىشىمنى يوشۇرالمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىككى بىنانىڭ ئارىسىدىكى يولنىڭ كىرىش ئېغىزىدا مەن يول بويىدىكى چىراققا ئالدىمنى قىلىپ، ئۇ بولسا كەينىنى قىلىپ تۇراتتى، شۇڭا ئۇنىڭ يۈزىنى ئېنىق كۆرگىلى بولمايتتى، ئۇ بولسا مېنىڭ چىرايىمدىكى ئىپادىلەرنى ناھايىتى ئېنىق كۆرەلەيتتى. مەن پۇلنى يېنىمغا ئاز سېلىپ سىرتقا چىققانلىقىم ئۈچۈن ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىدىم، بۇنىڭ بىلەن ئۇ تېخىمۇ ئۆزىنى بېسىۋالالماي قالدى. ئۇنىڭچە بولغاندا مەن شۇتاپتا ئۇنى تىللىغان بولسام، ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق ئېلىشقان بولسام ئاندىن ئۇ بۇنچىۋالا ناچار ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمايتتى.
         ئۇ مېنىڭمۇ ئۇنىڭ غەزىبىگە غەزەپ بىلەن ئىنكاس قايتۇرىشىمنى ئارزۇ قىلاتتى، چۈنكى ئۇ شۇندىلا ئۆزىنىڭ بىرمۇنچە روھىي ئېنېرگىيە سەرىپ قىلىپ ئىپادىلەپ چىقارغان غەزىپىنى مەلۇم ئاساسقا ئىگە قىلايتتى. مېنىڭ ئۇنىڭ ۋەھشىلىكىگە قايتۇرغان ئىنكاسىم زادىلا ئۇنىڭ ئەقلىگە سىغماي ئۇنى تۈگەشتۈرمەكتە ئىدى. ئۇ بىردەم ئۆزىنى كونترول قىلالماي مېنى ئىنتايىن سەت گەپلەر بىلەن تىللاپ، پىچىقىنى ئەسەبىيلەرچە ھەرىكەت بىلەن گاھ يۈزلىرىمگە، گاھ بەدىنىمنىڭ باشقا جايىلىرىغا بىر ھازا توختىماي شىلتىپ چىقتى. مېنى ھامان بىر كۈنى ئۆلتۈرىۋېتىدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم ئىچتى. لېكىن شۇ تاپتىكى ئەھۋالىدا ئۇ مېنى ئۆلتۈرىۋەتسىمۇ دەردى چىقىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىگە قاراپ زادىلا چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى. ئۇ مېنىڭ ئالدىمدا خۇددى مۈشۈكنىڭ ئالدىدىكى چاشقاندەك، پۈتۈنلەي ئۈمىدسىزلەنگەن ۋە خۇدىنى يوقاتقان ھالدا تۇراتتى. كۆزلىرىمگە لىققىدە ياش كەلدى، مەن ئۇنىڭ بۇنى كۆرۈپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتىم، لىكىن ئامال قانچە ئۇ بۇنى كۆرۈپ قالدى.
       ئىچى قاراڭغۇلۇق ۋە زەھەر بىلەن تولغان بۇنداق ئەدەملەرنىڭ تىل ھاقارىتى، ھوجۇمى، قورشاۋىدا قالغان ۋاقتىمدا مەن دائىم خۇداغا نالە قىلىپ، ئىنسانلارنى نىمە ئۈچۈن تەقدىرنىڭ شۇنچە ناچار ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى سورايمەن. ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىمەن. مەن بىلىمەن بۇ ئادەملەر غەزەپتىن لەززەتلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ لەززەتلىنىش ئۇسۇلى دۈشمەنلىكتۇر. ئىنسانىي مېھرى - مۇھەببەت ئۇلارنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدۇ. شۇڭا مېھرى مۇھەببەت ئۇلارغا بېرىلگەن ئەڭ چوڭ جازا. مەن ئۇلار مەڭگۈ ھېس قىلىپ يېتەلمەيدىغان ئىنسانىي مېھرى - مۇھەببەت بىلەن تولغان قەلبىم بىلەن ھامان ئۇلاردىن غالىب. ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي، ئۇلار دۇنيادىكى ئەڭ بىچارە مەخلۇقلار، ئۇلارنىڭ ھوجۇملىرى ئالدىدا تەۋرەپ قالمايمەن، ئۇلار مەڭگۈ قاراڭغۇلۇق ۋە جاھالەت ئىچىدە جان تالاشقۇچىلاردۇر. بۇلاڭچى ئاخىرى غەزىپىگە پايلىماي قالدى، غەزەپ ئۇنىڭ ئاجىز تېنىنى ھەر تەرەپلەرگە ئىرغىتىپ تاشلايتتى. ئۇنىڭ تېنىدىن كېلىۋاتقان پۇراق تېخىمۇ كۈچىيىپ، گويا كونا قەبرىنى ئاچقاندا، جەسەتتىن كېلىدىغان پۇراققا ئوخشاپ قېلىۋاتاتتى. مەن ئۇنى مۇشۇ ھالىتىدە ماڭا پىچاق تىقىۋېتىشتىن يانمايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، لىكىن ئۇ پىچاقنى تاشلىۋېتىپ، چوڭ يولغا ئۆزىنى ئاتتى ۋە يولنى كېسىپ ئۆتۈپ، قارشى تەرەپتىكى بىر قاراڭغۇ كوچىغا كىرىپ غايىپ بولدى. مەن ئۇنىڭ قېچىپ كېتىۋېتىپ دەلدەڭشىگىنىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ تېنىنى غەزەپ خېلىلا خورىتىۋەتكەن ئىدى.

    2007- يىل 10- ئاينىڭ 22- كۈنى ئۈرۈمچى

    [admin تەستىقلىدى . 2010-3-2 11:59:21]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر پەرھات تۇرسۇن