دادامنىڭ قولى

يوللىغۇچى : azik يوللىغان ۋاقىت : 2008-02-01 00:26:00

دادامنىڭ قولى دادامنىڭ قولى ماينۇر توختى مېنىڭ دادام تولىمۇ مىھرىبان ، جاپاكەش ، كۆيۈمچان دادا . ئۇنىڭ قوللىرى جاپا – مۇشەققەت دەستىدىن يېرىلىپ كەتكەن بولۇپ ، باشقا ساۋاقداشلىرىمنىڭ داداسىن...

       دادامنىڭ قولى

        دادامنىڭ قولى ماينۇر توختى مېنىڭ دادام تولىمۇ مىھرىبان ، جاپاكەش ، كۆيۈمچان دادا . ئۇنىڭ قوللىرى جاپا – مۇشەققەت دەستىدىن يېرىلىپ كەتكەن بولۇپ ، باشقا ساۋاقداشلىرىمنىڭ داداسىنىڭ قولىدىن خېلى زور پەرقلىنىپ تۇرىدۇ . دادامنىڭ ئەنە شۇ قاداق باسقان قوللىرىنىڭ سىماسى ھەردائىم كۆز ئالدىمغا كېلىۋالغان چاغدا ، ئىختىيارىسىز كۆزۈمدىن ياشلار تاراملاپ چۈشىدۇ . بەلكىم ، بەزىلەر ئۆز دادىسىنىڭ بۇنداق قولىدىن نۇمۇس قىلىشى ، «مېنىڭ يۈزۈمنى چۈشۈردى» دەپ باتناپ يۈرۈشى مۇمكىن . ئەمما ، مەن ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس . مەن دادامنىڭ قولىنى ياخشى كۆرىمەن ، ئۇنى يېنىچلاپ – يېنىچلاپ باغرىمغا قويغۇم ، يۈزۈمگە يېقىپ سۆيگۈم كېلىدۇ . چۈنكى ، دادام ئەنە شۇ قاداق باسقان قوللىرىغا تايىنىپ ، بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداپ كەلدى ، بىزنى باشقىلار ئالدىدا بويۇن قىسىپ يۈرگۈزمىدى . دادام - مېنىڭ ئۈلگەم . دادامنىڭ قاداق باسقان قولى - مەن ئۈچۈن تېخى ئۆتۈلمىگەن يېڭى دەرس . ئۇ ھەركۈنى ھاردىم – تالدىم دېمەستىن جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق بىزگە ھاياتنىڭ نەقەدەر قىممەتلىك ، گۈزەللىكىنى ھېس قىلدۇرۇپ كەلدى . دادامنىڭ قولى _ مېھرى – شەپقەتلىك قول . دادامنىڭ ئۆز قولى بىلەن بېشىمنى سىلاپ تۇرۇپ ئېيتقان ھەربىر سۆزى مەن ئۈچۈن دانالارنىڭ سۆزىدىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق بىلىنىدۇ ، ئۇ قول ماڭا دۇنيادىكى كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھرى – مۇھەببەت ، ئاقكۆڭۈللۈك توغرىسىدا دەرس سۆزلەيدۇ . مەن دادامنىڭ قولىنى ياخشى كۆرىمەن ، ئۇنى سۆيىمەن ، ئۇنىڭغا تەلپۈنىمەن . چۈنكى مېنىڭ تەقدىرىم ، ئېستىقبالىم دادامنىڭ قاداق باسقان ئەشۇ قوللىرىدىكى يول سىزىقلىرىغا تۇتاشقان .
    يېتەكچى : قۇربانجان توختى ئازىق (ئاپتۇر _ ئاتۇش شەھەر ئازاق يېزا مەرگىزى مەكتەپ كىچىك مۇخبىرلار پونكىتىدىن)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق