شەيتاننىڭ لەشكەرلىرى

يوللىغۇچى : spruce يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-05 17:46:24

شەيتاننىڭ لەشكەرلىرى (تامچە ) شەيتان ئىنسانلار يارالغاندىن تارتىپ ئۇلارنىڭ قېنى بىلەن گۆشى ئارىسىدا يۈرۈپ نۇرغۇن ئىنسانلارنى ئالداپ ئۇلارنىڭ خۇدا بەلگىلەپ بەرگەن قائىدىلەر بويىچە مېڭىشىغ...

     


                                        شەيتاننىڭ لەشكەرلىرى                   
                                                                                                                               (تامچە )

        شەيتان ئىنسانلار يارالغاندىن تارتىپ ئۇلارنىڭ قېنى بىلەن گۆشى ئارىسىدا يۈرۈپ نۇرغۇن ئىنسانلارنى ئالداپ ئۇلارنىڭ خۇدا بەلگىلەپ بەرگەن قائىدىلەر بويىچە مېڭىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتاتتى. بىراق،ئۇ يېقىننىڭ ياقى سەل ئۈمىدسىزلىنىدىغان بولۇپ قالدى،  چۈنكى ھازىرقى زامان پەن- تېخنىكىسى پەۋقۇلئاددە تەرققى قىلىپ كېتىپ باراتتى، ئۇ ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ بەكلا ئەقىللىق بولۇپ كېتىپ بارغانلىقىنى بارغانچە ھىس قىلىۋاتاتتى.«ئادەملەرنىڭ ئوشۇقچە ئەقىللىق بولۇپ كېتىشى مەن ئۈچۈن ئانچە ياخشى ئىش ئەمەس، ئازدۇرماق تەس».
    ئۇ بوشلۇقتا ئۇچۇپ يۈرگىنىچە شۇنداق خىياللارنى قىلدى.ئۇ بوشلۇقتا تۇرۇپ تارقىلىۋاتقان رادىئو سىگناللىرىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىدى،ئېنتىرنىت تورى پۈتۈن يەر شارىنى قاپلىغانلىقىنى سەزدى.كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسىنى بۇرمىلاپ راھەت-پاراغەت سۈرۈپ ياشاشقا ئۈندەۋاتقان رادىئو پىروگراممىلىرىدىن، كىشى نېرۋىسىنى غىدىقلايدىغان  روك ، Dj مۇزىكلىرى، ئومۇمى خەلق ياقتۇرمايدىغان،ئەنئەنىگە يات غەلىتە مودىلار ۋە ئېنتىرنېت تورى ئارقىلىق تارقىلىۋاتقان شەھۋانى كىنو ، رەسىملەردىن شەيتان بەك خوش بولدى.«مېنىڭ ئىز باسارلىرىم،بەك يامان چىقىۋاتىدۇ» شەيتاننىڭ كۆڭلى بىردىنلا يورۇپ كەتتى. ئۇ بىر قىسىم ئىنسانلارنىڭ ئۆز رولىنى ناھايىتى ئوبدان ئېلىۋاتقانلىقىنى بىلدى ۋە بايىقى ئۈمدىسىزلەنگەن ھالىتى دەرھاللا يوقاپ كەتتى.
        شەيتان ئاپتوۋوزلاردا ئوغرىلىق قىلىۋاتقانلارنىڭ كىشىلەرنى قاقشىتىپ تۇرۇپ ئۆزىگە تېگىشلىك بولمىغان پۇلنى ئوغرىلىۋالغانلىقىنى كۆردى.ئۆيلەردىن قوغلاپ چىقىرىلغان، قېرىپ چىشلىرى قالمىغان،چاچلىرى ئاقىرىپ كەتكەن ئاتا-ئانىلارنى كۆردى، ئۇلار بالىلىرىغا يېلىنىۋاتاتتى،ئەمما ئۇلارنىڭ بالىلىرى تاش يۈرەكلىك بىلەن ئۇلارنىڭ دولىسىدىن  ئىتتىرىپ ھەيدەپ چىقاردى. يۈرگەن يىگىتى تەرىپىدىن ئالدىنىپ ئىپپىتىنى يوقىتىپ دەپسەندە قىلىنغاندىن كېيىن رەھىمسىزلەرچە  تاشلىنىپ ، ئەخلەت كەبى خار بولىۋاتقان گۈزەل قىزلارنى كۆردى،ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھاياتتا چىقىش يولى تاپالماي پاھىشە بولۇشتەك يوللارغا كىرىپ قالغان ئىدى.  شەيتان يەنە بالىسىنى ئۆلتۈرگەن، ناراسىدىلەرگە باسقۇنچىلىق قىلغان ئىنسانلارنى كۆردى. شەيتان يەنە ناھايىتمۇ تەرققى قىلغان ئاجايىپ گۈزەل مەملىكەتلەردىكى ئىنسانلارنىڭ قىپيالىڭاچ كوچىلاردا ھىچنىمىدىن ھېيىقماي مېڭىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى ، ‹ئۇلار ساراڭمىدۇ دەپ ئويلىدى› شەيتان ، ئەمما ئۇلار ساراڭدەك قىلمايتتى . ئەمما ئۇلاردا ھايا دىگەن نەرسىدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى . دېڭىز ساھىلىلىرىدە قىپيالىڭاچ سۇ ئۈزىۋاتقان ئەر – ئاياللارنى كۆردى ، ئۇلاردا ھىچبىر نومۇس قىلىش تارتىنىش دىگەندەك ھىس تۇيغۇلار يوق ئىدى . زەھەرلىك چېكىملىك سېتىۋاتقان ، چېكىۋاتقان ، زەھەرلىك چېكىملىكلەرنى بوۋاقلارنىڭ قورسىقىغا يوشۇرۇپ چېگرىدىن چىقىۋاتقان ئىنسانلارنى كۆردى ، تېخى بەزىلىرى شۇ زەھەر سودىسىنى قىلاتتىيۇ يەنە شۇ زەھەرنى يۆتكەشتىن بۇرۇن نامازلارنى ئوقۇپ خۇدادىن ئامان – ئېسەنلىك تىلەتتى . بۇلار قانداق مۇسۇلمانلار ؟
         بەش ۋاق ناماز ئوقۇيدىغان، مۆمىن مۇسۇلمان قىياپىتىگە كىرىۋالغان، كېچە-كۈندۈز نامىزىدا خۇدادىن بايلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىنى تىلەپ دۇئا قىلىدىغان ، ناھايىتى شەھۋەتپەرەس كاتتا باي ئاتالغان بۇزۇق ئەرلەرنىڭ  ۋاپادار، چاچلىرى ئاقارغان ئاياللىرىنى تاشلىۋېتىپ ياش قىزلارنى  پۇل خەجلەپ ئەمرىگە ئېلىۋالغانلىقىنى كۆردى ، بەزىلىرىنىڭ باشقا- باشقا شەھەرلەردە 5-6 دىن خوتۇنلىرى بار ئىدى . ئۇلارنىڭ شەھۋانى ھەۋەسلىرى مەڭگۈ بېسىلمايدىغان ، پەقەت گۆرىگە كىرگەندىلا بېسىقىدىغاندەك قىلاتتى. ھەتتا بىر قىسىم مەملىكەتلەردە كىشىلەر قىزلىرىنى ناھايىتى ئەرزانلا پۇلغا يات كۆرۈمسىز ئەرلەرگە ساتاتتى . ئۇ قىزلارنىڭ بەزىسى ناراسىدە ئىدى ، ئەمما چاي ئىچۈرۈلىشىگە شۇ قىزنىڭ ئاتا- ئانىلىرى رازىلىق بەرگەندەك قىلاتتى .
       بۇ ئاجايىپ ئىشلارنى قىلىۋاتقان ئىنسانلار ئۇنداق ئىشلارنى قىلىپ ھىچبىر ۋىجدانىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىمىغاندەك قىلاتتى. شەيتان قاھ، قاھلاپ كۈلۈپ كەتتى.ئۇ ئىچ-ئىچىدىن ھوزۇرلىنىپ كۈلىۋەتتى ۋە ئۆز –ئۆزىگە پىچىرلاپ : «مانا بۇ ئىنسانلار قەلبى دوزاخ ئوتىدا تاۋلانغان، روھى تاشتەك مۇستەھكەم،ھىس –تۇيغۇسى ۋەھشى ھايۋاندەك ئىنسانلار -مېنىڭ لەشكەرلىرىم ! »
     ئۇ يەر شارى پەن-تېخنىكىنىڭ قانچىلىك تەرەققى قىلىپ ئىنسانلارنىڭ قانچىلىك  زامانىۋېلىشىشىدىن قەتئىينەزەر يەنىلا ئىنسانلاردىكى ئاچكۆزلۈك،راھەتپەرەسلىك،رەھىمسىزلىك،قانخورلۇق،ۋىجدانسىزلىقتەك ئىللەتلەرنىڭ مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلدى ۋە خۇرسەنلىك ھەم خاتىرجەملىك بىلەن چوڭقۇر تىندى .
    2009-12-9
     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.