ئاپا بىز ئۇيغۇر ئەمەسمۇ؟؟

يوللىغۇچى : yultuz920 يوللىغان ۋاقىت : 2014-01-18 19:35:03

تىلىۋېزوردىن بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلىشىپ چىقىۋاتقان ئېلانلاردىن بىزار بولۇپ ئاكامنىڭ ئوغلى بىلەن بىردەم بالىلارچە ئويۇن ئوينىغىم كەلدى-دە، دادامنىڭ بۇ ئەتىۋالىق نەۋرىسىگە ئاتاپ تۈرلۈك ئويۇنچۇقلار ۋە بالىلار كىتابلىرى بىلەن تولدۇرۇۋەتكەن كىچىك ئۆيىنىڭ ئ

     
    ئاپا بىز ئۇيغۇر ئەمەسمۇ؟؟
     
      تىلىۋېزوردىن بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلىشىپ چىقىۋاتقان ئېلانلاردىن بىزار بولۇپ ئاكامنىڭ ئوغلى بىلەن بىردەم بالىلارچە ئويۇن ئوينىغىم كەلدى-دە، دادامنىڭ بۇ ئەتىۋالىق نەۋرىسىگە ئاتاپ تۈرلۈك ئويۇنچۇقلار ۋە بالىلار كىتابلىرى بىلەن تولدۇرۇۋەتكەن كىچىك ئۆيىنىڭ ئالدىغا كەلدىم. ئىشىكنى ئەمدى ئاچاي دىيىشىم بىلەن ئۆي ئىچىدىن ئاكامنىڭ ئوغلىنىڭ شۇنداق غەزەپلىنىپ ۋارقىراۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم:
    -مەن دېگەن ئۇيغۇي، شىژ ئەشكىكەنشىژ، بىژ ئۇيغۇي...
    -مەنمۇ سېنى ئۇيغۇي ئەمەسكەن دىمىدىم، ئۇيغۇر ئەمەسكەن دېدىمغۇ، ئۇيغۇر بولساڭ ئۇيغۇرچە ئىسىملارنى بىلمەيدىكەنسەنغۇ؟؟
    -شىژ ئەشكى، شىژ بىلەن ئوينىمايمەن، كىچىك ئاپا، كىچىك ئاپا...
    -نىمە بولدۇڭ قوزام؟-ئۇنىڭ تىپچەكلەپ ۋارقىرىغىنىنى ئاڭلاپ تاقەت قىلالماي دەرھال ئۆيگە كىردىم.
    -بۇ قىژنى كەتكۈژۈڭ، ئۇ ئەشكى ئەشكى قىژ، بىژنى ئۇيغۇي ئەمەش دەيدۇ،-ئۇ ئۈمچەرىگەن ھالدا كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ دەرھال ئالدىمغا يۈگۈرۈپ كەلدى. ئۇنىڭ چەك قويۇلمىغان بالىلارچە تاتلىق  گەپ قىلغىنىدىن كۆڭلۈم ئېرىپ ئۇنى دەرھال قۇچىقىمغا ئالدىم.
     -ئىككىڭلار ئالدىرىماي سۆزلەڭلار، ھە زۇلپىقار ساقام، سەن ئالدىدا دەمسەن ياكى بۇ قىزچاق دىسۇنمۇ؟
      بىر سائەتنىڭ ئالدىدا بىرىنچى قەۋەتتىكى قوشنىمىز ئەر-ئايال ئىككىسى بىر جىددى ئىش بىلەن سىرىتقا چىقىدىغان بولۇپ قېلىپ، كەلگەندە ئاچىقىپ كېتىمىز دەپ قىزىنى قويۇپ ئەكىرگەندە، شەنبە-يەكشەنبە دەم ئېلىش بىلەن بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەن ئاكامنىڭ ئوغلى شۇنداق خوش بولۇپ سەكرەپ، ئۇنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ھېلى ئويۇنچۇق بېرىپ ھېلى يەيدىغان نەرسە بېرىپ قىلىدىغان قىلىق تاپالماي قالغان ئىدى. ئارىدىن بىرەر سائەت ئۆتمەيلا ئىككىسىنىڭ رەنجىشىپ قالغىنىنى كۆرمەمدىغان؟؟....
    بۇ ئىككىسى تەڭ دىمەي بىر يىلنىڭ بالىلىرى ئىدى. زۇلپىقار ئوغۇل بولغاچقىمۇ قىزچاقتىن بىر لىك ئېگىز ئىدى، بىراق ئىككىسى سۆز قىلسا قىزچاقنىڭ شۇنداق تولۇق، پىششىق گەپلىرى بىزنىڭ بۇ ئەركە نەۋرىنىڭ ھەممىنىڭ ئەركىلىتىشى بىلەن ئەركىلەپ سۆزلەپ كۆنۈپ قالغان گەپلىرى ئالدىدا ئۇنى ھەدىسىدەك كۆرسىتەتتى.
    -نېمە بولدى؟ قېنى سەن دىگىنە زۇلپىقار؟
    -مەن بوۋام موماملارنىڭ ئۆيىدىكى دەنشىدىكى دوڭخۇاپىيەن ياخشى ئەمەس دىيەنناۋدىن يوۋشىجى ئوينايلى دىسەم بۇ قىز ئۇنىمىدى.
    -ئۇنداق ئەمەس، مەن سەن ئوينىساڭ ئوينا، مەن موماڭلارنىڭ ئۇخلايدىغان ئۆيىدىكى تىلىۋىزوردا كارتون فىلىمنى كۆرىۋېرەي دىسەم ئۇ تىزگىنەكنى بەرمىدى.
    -يالغان، مەن ئۇ نەرسىنى ئالمىدىم. مېنىڭ ئالغىنىم ياۋكوڭ تۇرسا، ئۇ قىز تىزگىنەكنى بەر، بەر دەيدۇ..
    -سەن شۇ تىزگىنەكنى بەرمىدىڭغۇ؟؟
    -ئۇ قىز يەنە مېنى ئۇيغۇي ئەمەس دېدى.
    -ھوي بۇ قانداق گەپ، نىمىشقا ئۇنداق دېدىڭىز؟
    -ئۇ ئۇيغۇر ئەمەسكەن، ساپما كەشنى توشى دەپ تۇرۇۋالدى، مەن ئۇنى كەش دېگىن دىسەم مېنى ئورۇس دېدى،-قىزچاق بىردىنلا كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ چۇڭۇلداشقا باشلىدى،-ئۇ يەنە  تىزگىنەكنى قولىدا تۇتۇۋىلىپ ماڭا بەر دىسەم، بۇ دېگەن ياۋكوڭ، تىزگىنەك دېگەن نېمە دەپ تۇرۇۋالدى. ئاپام دادام ماڭا ئۆزىمىزنىڭ تىلىنى، ئۆزىمىزنىڭ گېپىنى دېيەلمىسەك بىز ئۇيغۇر بولالمايمىز دېگەن، ئۇ ئۇيغۇرچە گەپلەرنى بىلمىسە قانداق ئۇيغۇر بولىدۇ ھەدە؟؟
    -ھە؟؟.....
      كىچىككىنە تېخى بەش ياشقىمۇ توشمىغان قىزچاقنىڭ سوئالى بىلەن بېشىمدىن بىر چېلەك سۇ قۇيۇۋەتكەندەك بولۇپ كەتتىم. نېمە دىيىشىمنى بىلەلمەي، مىھمانخانىدا دادام-ئاپاملار بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرغان ئاكام يەڭگەمنى چاقىردىم:
    -ئاكا، يەڭگە، بۇ ياققا كىرىڭلار....
      مەن بۇ ئىككىسىنىڭ دەۋاسىنى ئۇلارغا ئىتتىرىپ قويۇپ ئىشىك يوچۇغىدىن قاراپ تۇردۇم.
      كىچىككىنە قىزچاق نىمىلەرنىدۇر دەپ ئۇلارغا سوئال قوياتتى، ئاكام بىلەن يەڭگەمنىڭ گاھ تاتىرىپ، گاھ قىزىرىپ مىللەتنىڭ چوڭ بىر ئوقۇتقۇچىسى ئالدىدا تۇرغاندەك تەرلەپ-پىشىپ تۇرغان ھالىتى ماڭا ئۆز ئانا تىلىمىزنى قەدىرلىيەلمەيۋاتقان، ئانا تىلىمىزنىڭ قەدرىنى قىلالمايۋاتقان، بالىلارغا ئالدى بىلەن ئانا تىل، ئاندىن يات مىللەت تىلى ئۆگىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى «ئۆزىنى بىلگەندە ئۆزگىنى بىلگىلى بولىدۇ» دېگەن قىممەتلىك تەپەككۇر مېۋىلىرىنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلىپ يەتمىگەن، ئويلىنالمايۋاتقان ئەر-ئاياللىرىمىزنىڭ ئايانچلىق قىياپىتىنى كۆرسىتىۋاتقاندەك قىلاتتى...(بۇ قاتاردا قىزچاقنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بېرەلمەي ئۆزۈمنى دالدىغا ئالغان مەنمۇ بار ئىدىم ئەلۋەتتە(
    مەنبە: ئانا دىيار مۇنبىرى
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئۇيغۇر تىل قىزچاق