كۆز ياشلار دەريا بولۇپ ئاققاندا

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-03-22 23:27:47

كۆز ياشلار دەريا بولۇپ ئاققاندابىرىنچى بۆلۈم«ھازىر زورلاپ ئەسلىيەلەيدىغان ئاشۇ بەزى ئىشلار، بوزارغان زېرىكىشلىك قىش كۈنلىرىدىن باشلانماقتا.بۇنداق كۈنلەر.كۆزلەرنى توسۇۋالغان پەردىلەردىن، ...



     

     كۆز ياشلار دەريا بولۇپ ئاققاندا

    \

    بىرىنچى بۆلۈم

    «ھازىر زورلاپ ئەسلىيەلەيدىغان ئاشۇ بەزى ئىشلار، بوزارغان زېرىكىشلىك قىش كۈنلىرىدىن باشلانماقتا.

    بۇنداق كۈنلەر.

    كۆزلەرنى توسۇۋالغان پەردىلەردىن، كېچىككەن شۇ كەلگۈسى كۆرۈنمەكتە.»

     

    01

    كۇرپۇسلار ئارىسىغا لىققىدە تولغان سەھەر تۇمانلىرى، ئەمدىلەتىن يورۇشقا باشلاۋاتقان چىراغ نۇرى تەرىپىدىن سېرىق گىردەشلەر ھاسىل قىلماقتا.

    پۈتۈنلەي يورۇپ كېتەلمىگەن تاڭ، سوغۇق كۆكرەڭلىك ئاسماندا، ھېلىھەم يۇلتۇزلارنىڭ نۇرلىرى غىل-پال كۆرۈنۈپ تۇرماقتا.

    نەچچە كۈن ئىچىدىلا ھاۋا ئىتتىكلا سوۋۇپ كەتتى.

    ئېغىزدىن ھور چىقاتتى.

    سۇلارنىڭ يۈزىنى مۇز تاتقانىدى.

    يىراقتىكى قۇياش نۇرىغا تولغان دۇنيا پەقەت خىياللاردىلا قالغان ئىدى.

     

    02

    -ئارىس، سۈتنى ئېلىۋال، بالام!- ئارىس ئىشىكتىن چىقاي دەپ تۇرۇشىغا، ئاپىسى كەينىدىن ھېلىلا مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا ئىسىتقان خالتىلىق سۈتنى كۆتۈرتگىنىچە، مېھمانخانا ئۆيدىن يۈگۈرۈپ چىقتى،- ئاللا بالام، ئوغۇل بالا دېگەن قۇۋۋەتلىك يېمىسە قانداق بولىدۇ؟ بۇنى ئىچكەچ ماڭغىن.

    ئاپىسى شۇنداق دېگىنىچە ئارىسنىڭ سومكىسىنىڭ سېرتمىسىنى تارتىپ ئېچىپلا، سۈتنى سېلىۋەتتى.، ئاندىن ئارىسنىڭ بېلەكلىرىنى تۇتۇپ بېقىپ يەنە سۆزلەشكە بشلىدى:

    -ھاۋا شۇنچە سوغ تۇرسا، نېمانچىۋالا يالاڭ كىيىنىۋالدىڭ ئەمدى؟ سۈپەتكە ئەھمىيەت بەرگەن بىلەنلا بولمايدۇ!

    -بولدى، بولدى، ئاپا!- ئارىس بوشلا ئاۋازدا دېدى،- ئاپا، مەكتەپكە كېچكىپ قالىدىغان بولدۇم مەن.

    قۇيۇق تۇمان ئۆينىڭ ئىچىگە كىردى.

    باش ئۈستىدە قىشنىڭ كۈنى چايقىلىپ تۇرىدىغان تاتارغان تاڭ.

    بەك سەھەر بولغاچقا، تاڭ نۇرلىرى بۇ ئۇزۇنغا سوزۇلغان كۇرپۇس ئارىلىقىنى يورىتىشقا ئۈلگۈرمىگەندەكمۇ قىلاتتى. كۇرپۇس تار يولىنىڭ ئىككى تەرىپىگە قويۇپ تىزىۋېتىلگەن چوڭ-كىچىك قەغەز يەشىك، تۆمۈر ساندۇقلار، بەزىلىرىنىڭ ئۆزلىرى قويۇۋالغان ئوچاقلار، ئەخلەت ساندۇقلارنىڭ ھەممىسى تۇمان ئىچىدە سۇس كۆك  نۇر چىقىرىپ تۇرىشاتتى.

    ئارىس ئىشىكنى ياپتى، ئاپىسىنىڭ تىنماي سۆزلەشلىرىنىمۇ قوشۇپلا ئۆي ئىچىدە قالدۇردى، پەقەت «مەكتەپتىن چۈشۈپ بالدۇر.....» دېگەنلەرنى غۇۋا ئاڭلىغاندەك قىلدىيۇ، قىش پەسلىنىڭ سوغۇق ھاۋاسى ھەممىنى ئۈزۈپ تاشلىدى.

    ئارىس دۈمبىسىدىكى سومكىسىنى مۆرىسىنى بىلەن قوشۇپ لىككىدە بىر كۆتۈرۈپ قويدى، ئاندىن ئېغىزىدىن رېتىملىق ھور چىقارغىنىچە كۇرپۇس ئېغىزىغا قاراپ ماڭدى.

    ئارىس ئالدىغا ئەمدىلا ئىككى قەدەم مېڭىشى بىلەن، ئۆيدىن ئېتىلىپ دېگۈدەك چىققان دېلنازىغا سوقۇلۇپ كەتكىلى تاس قالدى. ئارىس دېلنازىغا ئەمدىلا ئېغىز ئېچىپ تېشلىق سورىغىچە، بىر قەۋەتلىك ئاشخانا ئۆيدىن بىر ئايالنىڭ چىرقىراق ئاۋازى ئاڭلاندى.

    -ماڭ، ماڭ، شۇ مەكتىپىڭگە ماڭ، يا ئۆلمىدى بۇ شۇم!

    دېلنازى بېشىنى كۆتۈرۈپ، ئارىسنىڭ ئوڭايسىزلانغان يۈزىنى كۆردى. دېلنازىنىڭ سۈكۈتلۈك چىرايى قىش ئەتىگىنىدىكى تۇمانلىق ھاۋادا ئىپادىسىز تۇراتتى.

    ئارىسنىڭ نەزىرىدە، دېلنازى ئىككىسىنىڭ بىر-بىرىنىڭ كۆزلىرىگە تىكىلىپ تۇرغان بۇ ۋاقىت، خۇددى بىر ئەسىردەك ئۇزۇن تۇيۇلۇپ كەتتى.

     

    03

    -ئاپىڭىز بىلەن يەنە سوقۇشۇپ قالدىڭىزما؟

    -ھىم.

    -نېمە بولۇپ؟

    -بولدىلا، دېگۈم يوق،- دېلنازى شۇنداق دېگىنىچە بېلىكىنى سىلاپ قويدى. بېلىكىنى تۈنۈگۈن ئاخشام ئاپىسى چىمداپ كۆكەرتىپ قويغانىدى،- ئاپامنى بىلىسىزغۇ؟ مىجەزى شۇ، كۆنۈپ قالدىم.

    -......ھىم، بىرەر چاتاق يوقتۇ، سىزدە؟

    -ياقەي، ھېچ ئىش يوق!

    قىشنىڭ سوغۇق ئەتىگىنى، پۈتۈن كورپۇس تىمتاسلىقتا ئىدى. خۇددى شۇ قۇيۇق تۇمانلارغا چۆكۈپ كەتكەندەك ئىدى.

    بۈگۈن شەنبە. چوڭلار ئىشقا بارمايدۇ، ئەمما ئارىسلارنىڭ سىنىپىغا مەۋسۈملۈك ئىمتىھان بويىچە فاكولتېتنىڭ ئالدى بولۇش ئۈچۈن، شەنبە كۈنى تەكرار ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. شۇڭلاشقا، جىمجىت كۇرپۇس ئارىلىقىدا پەقەت شۇ ئىككىسىلا ئالدىرىماي كېتىپ باراتتى.

    ئارىس تۇيۇقسىز ئېسىگە بىر ئىش كەلگەندەك چىپپىدە توختىدى-دە، دۈمبىسىدىكى سومكىسىنى ئالدىغا چۈشۈرۈپ، خالتىلىق سۈتنى چىقاردى، ئۇنى دىلنازىنىڭ قولىغا تۇتقۇزدى؛

    -مەڭ.

    دىلنازى بۇرنىنى تارتىپ قويۇپ، سۈتنى ئالدى.

    ئىككىسى قۇياش نۇرى ئالدىرىماي چۈشۈشكە باشلىغان كۇرپۇس ئېغىزىغا قاراپ مېڭىشىپ، تۇمانلار ئىچىدە غايىپ بولدى.

     

    04

    ئۆزى ياشاۋاتقان بۇ دۇنيانى قانداق سۈپەتلەش كېرەك؟

    باش ئۈستىدە بىر-بىرسى بىلەن ئۆتۈشۈپ كەتكەن توك سىملىرى بولۇپ، غۇۋا ئاسماننى قەۋەتكە ئايرىپ تۇرىدۇ. بۇلۇت ئىنتايىن پەس يەردىلا لەيلەپ تۇرىدۇ. سۇس كۈلرەڭ بۇلۇت قاتلىمىدىن ئۆتكەن ئاجىز قۇياش نۇرلىرى كۇرپۇس ئارىلىقىنىڭ بەزى يەرلىرىگە سۇس، بەزى يەرلىرىگە قۇيۇق چۈشۈپ تۇرىدۇ.

    كورپۇسنىڭ بىر تەرىپىدە ئىككى قەۋەتلىك قىلىپ سېلىنغان بىنا دېسە بىنا ئۆي ئەمەس، ئەمما  بىر قەۋەتلىك ئۆيدىن ئىلغارراق سېلىنغان ئىمارەت بار. بۇ بىنانىڭ ئۈچ ئىشىكى بولۇپ، يەنى زال، ھەربىر زالدا بىرىنچى قەۋەتتە ئىككى ئۆيلۈك، ئىككىنچى قەۋەتتە ئۈچ ئۆيلۈك بار. بىنانىڭ ئۇدۇلىدا، يەنە كۇرپۇسنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە ئارىلىقنى بەش  مېتىرمۇ تاشلىمىغان يەردە بىر قاتار قىلىپ، ئۇدۇلىدىكى ئىككى قەۋەتلىك بىنانىڭ ئۇزۇنلىقىدا، بىر تۇتاش سېلىنغان بىر قەۋەتلىك ئۆي بار. بۇ ئۆينى ئاشخانا ئۆي، بەزىلەر پەس ئۆي دەپ ئاتىشىدۇ. ئۆيلەر چوڭ ئەمەس. كاتەكتەك دەپ ئاتىساق ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. كىشىلەر بۇ ئۈچ ئادەم كىرسە پاتمي قالىدىغان ئۆيلىرىدە تامىقىنى ئېتىپ، قالغان لاقا-لۇقىلىرىنى ئاشخانا ئۆيىنىڭ ئالدىدىكى يەرلەرگە تالىشىپ تۇرۇپ تىزىۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىنلا تار يول تېخىمۇ تارىيىپ كېتىدۇ، ياز كۈنلىرى بولسا، ھەر ئۆيلۈكلەر،  تامىقىنى كىچىك ئۆيدە يېيىشكە ئەپسىز كۆرۈپ، كىچىك ئۈستەللىرىنى كۆتۈرۈشكىنىچە ئاشخانا ئۆينىڭ ئالدىغا قويۇشىۋالىدۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ بىنالارنى روسىيىكلەر سېلىپ بەرگەن بولۇپ، ئۈرۈمچىدە تۇنجى بولۇپ سېلىنغان بىنامىش.

    ھەر كۈنى مەكتەپتىن چۈشۈپ، مۇشۇنداق قاراڭغۇ كارىدوردەك يەردىن مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ، يۇيۇپ ئېسىلغان كىيىملەر باشنى ئۈستىدىلا. كىچىكىدىن تارتىپ ئېسىپ قۇيۇلغان كىيىملەرنىڭ ئاستىدىن ئۆتسە بولمايدىغانلىقى تەكىتلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا ئامال يوق.

    ئادەم كۆپ، ئۆيلەر كىچىك، ۋاراڭ-چۇرۇڭلىقىغا باقماي، بىر ئۆيدە ئازراق تىقىرىق بولسىلا، جىمى كورپۇسقا ئاڭلىنىپ كېتىدۇ. تاملىرىنىڭ نېپىزلىكىدە گەپ يوق. ئۆتكەن يىلى بىرسى ئاشخانا ئۆيىگە ئەينەك ئاسماقچى بولۇپ، مىختىن بىرنى قېقىشىغىلا، تام قوشنىسىنىڭ تېمىنىڭ سىرى چۈشۈپ كەتكەنىدى. شۇنىڭغا قارىغاندا بۇ تاملارنىڭ تام بولىشىمۇ گۇمانلىق.

    بۇ يەر شەھەر سىرتىغا يىراق، ھەتتا كوچا ئاپتۇزىمۇ تازا قولايلىق ئەمەس، شۇڭا ئارىس بىلەن دېلنازى ئىككىسى ۋېلسىپىت مىنىپ مەكتەپكە بارىدۇ.

    بۇ دۇنيا ـــ مانا مۇشۇنداقراق بىر دۇنيا.

     

    19 يىل ياشىغان دۇنيا. رازىمەنلىك بىلەن خاتىرجەم ياشىغان دۇنيا. خۇددى يۇڭ پوپايكىدەك، ئەرزان كۆرۈمسىز بولسىمۇ، جانغا ئەسقاتىدۇ، ئىسسىق. بۇ ھەم ئارىسنىڭ ھەم دېلنازىنىڭ 19 يىل ياشىغان دۇنياسى.

    ئەمما ئارىس يېقىندا بۇ دۇنياسىنى ئاخىرلاشتۇرماقچى.

    ئارىسنىڭ دادىسى تۆت يىل بۇرۇنلا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە سودا قىلىش ئۈچۈن كىرىپ كەتكەن بولۇپ، ھازىر ئىنتايىن چوڭ بىر زاۋۇتنىڭ خوجايىنى ئىدى.

    يېڭى ئالغان ئۆيى شەھەرنىڭ ئەڭ مەنزىرىلىك يېرىگە جايلاشقان داچا شەكىللىك ئۆي بولۇپ، ئۆي پۈتەي دەپ قالغانىدى.

    يازدا ئۆي پۈتسىلا، ئۇلار ئائىلە بويىچە بۇ قاراڭغۇ نەم كۇرپۇستىن كېتەتتى. ھەتتا قۇتۇلۇپ كېتەتتى دېسەكمۇ ئارتۇقلۇق قىلمايتتى.

    ئارىسنىڭ ئاپىسى ھازىر كۈتۈش ئىچىدە بارغانسېرى تەكەببۇرلىشىپ كېتىۋاتقان بىر كەيپىياتتا كۈن ئۆتكۈزۈۋاتاتتى. قوشنىلار بىلەن بولغان ھەرقانداق بىر تېمىدىكى پاراڭنى، «بۇ رېماتىزىم ئۆي كۆچكەندە ئوڭشىلىدىغان بولدى.»، «بۇ ئۆيلەر بەك نەم جۇمۇ،» ياكى «سىلەرمۇ بىر ئامال قىلىپ كۆچۈپ كېتىڭلار جۇمۇ» دېگەندەك گەپلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇراتتى.

    بۇنداق گەپلەر ھەممىنىڭ ھەۋەسلىك خۇشامەتلىرىنى ئېلىپ كېلەتتى. «سزگە ھەجەپ ھەۋەس قىلىمەن جۇمۇ،»، «يولدىشىڭىزنىڭ ئېپى بار بولغاچقا، راھىتىنى سىز كۆرىدىغان بولدىڭىزدە»، «يولدىشىلا ئەمەس، ئوشلى ئارىسچۇ، شۇنچىلىك قاملاشقان، ئەدەبلىك، دەرستە ئەلاچى»، «شۇ، شۇ، ئۇ بالا ئاڭلىسام بەكلا ياخشى ئوقۇيدىكەن. يۈزىنىڭ تۆۋەنلىكىچۇ تېخى».....

    بۇنداق گەپلەرنى ئارىس يىراقتىن ئاڭلاپ قالاتتى. ئۇ دېرىزە ئالدىدىكى ئۈستىلىدە ئولتۇرۇپمۇ، يىراقتىكى ئاشۇ، چاچلىرىنى مودىدىن قالغان پاسوندا بۈدرە قىلىشقان ئوتتۇرا ياشلىق ئاياللار ئارىسىدا تۇرغان ئاپىسىنىڭ يۈزلىرىدىكى يوشۇرۇنۇشقا جاي تاپالماي قالغان كۆرەڭلىك ئىپادىلىرىنى كۆرۈپ قالاتتى.

    ئەمەلىيەتتە بولسا، ئارىس شۇ ئاياللارنىڭ نەچچە قېتىم ئاپىسى توغرىسىدا قىلغان مۇنداق غەيۋەتلىرىنىمۇ ئاڭلاپ قالغان ئىدى.

    «غېنى خوجايىننىڭ ئايالى كېرىلىپ ئۆزىنى يوقىتىپتۇ، توۋا، بۇ كۈنلەر تېخى ئۇزۇن.»

    «شۇنى دېمەمسىز، ھەي، ئەر كىشى دېگەنچۇ، قاراڭ، پۇلنى كۆردىمۇ بۇزۇلىدۇ. بۇ خوتۇن كېيىنچە ئېرىدىن تاياق يەپ يۈرمىسە بولاتتىغۇ، بۇنچە كۆرەڭلەپ كەتكىنىگە.»

    «ئۇلارنىڭ ئۆيىدە شۇ ئوغلى مانا بولىدىغان بالا جۇمۇ،»

    «ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش مۇكاپاتى ئاپتىمىش تېخى»

     

    دەل مانا مۇشۇنداق دۇنيا، ھەربىر كۈن شۆھرەتپەرەسلىك بىلەن ھەسەت ئورۇنلاشقان يۈرەكتىن مىجىلىپ چىققان ھېسسىياتلار ئۆزئارا چىرمىشىپ كەتكەن ئىدى.

    سېسىمچىلىققا تولغان.

    ئارىس ھەركۈنى مانا مۇشۇنداق بىر كۇرپۇسنىڭ ئارىلىقىدىن مېڭىپ چىقاتتى.

    (ئاخىرى داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ)

    (گۈليارە تۇرسۇن)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر كۆز ياش