نۇسرەت كۆكىدىكى تۇمان (3)(پوۋسىت)

يوللىغۇچى : ilterish يوللىغان ۋاقىت : 2009-04-19 13:38:00

نۇسرەت كۆكىدىكى تۇمان (3) (پوۋسىت) مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىم ھىندىقۇش مىرزا بۇ گەپتىن سەل ھەيران بولدى. ئۇ خاننىڭ كېرىيە تەرەپنىڭ ئىشلىرىدىن تازا دىگەندەك خاتىرجەم بولالماي يۈرگەنلىكىنى سىزىپ تۇر...

    نۇسرەت كۆكىدىكى تۇمان (3) (پوۋسىت)

    مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىم

          ھىندىقۇش مىرزا بۇ گەپتىن سەل ھەيران بولدى. ئۇ خاننىڭ كېرىيە تەرەپنىڭ ئىشلىرىدىن تازا دىگەندەك خاتىرجەم بولالماي يۈرگەنلىكىنى سىزىپ تۇرىۋاتسىمۇ، ئەمما بۇنداق خىيالغا كىلىپ قالار دىگەننى ئەسلا ئويلاپ باقمىغاچقا، دەماللىققا نىمە دەپ جاۋاپ بىرىشنى بىلەلمەي قالدى. -بۇ ھەقتە كۆپ ئويلاندىم. ئاخىرى شۇنداق قىلاي دىگەن يەرگە كەلدىم، جاناپلىرى، -دىدى خان بىردىنلا ئورنىدىن تۇرۇپ، رەڭدار خۇتەن گىلىمى سېلىنغان خانە ئىچىدە ئۇياقتىن-بۇياققا ماڭغاچ، - «ياقسام، پىشارمۇ كۆمسەممۇ » دەپ ئىككىلىنىشنىڭ ئورنى قالمىدى. راست گەپنى دىسەم خېلىدىن بىرى قانداق قىلىشنى بىلەلمەي ئارسالدى بۇلۇپ قالغان ئىدىم. ئەمما ئەتىگەنكى مەكتۇپنى تاپشۇرۋالغاندىن كىيىن، ئەمدى ئىككىلىنىشنىڭ ئورنى قالمىدى.
    -ئەگەر ئۆزلىرى بولمىسلا، ئوردىدا بىرەرئەھۋال يۈز بىرىپ قالماس ؟ ئابدۇللاخان بۇ گەپنى ئاڭلاپ، دەرھال قەدەملىرىنى توختىتىپ بايامقى ئورنىغا كىلئىپ، ھىندىقۇش مىرزا بىلەن رۇبىرۇ ئولتۇردى- دە، «قىنى سۆزلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋەتسىلە ؟» دىگەندەك تىكىلدى.
    -يېقىنقى ئىككى- ئۈچ يىلدىن بۇيان يات قەۋملەرنىڭ پاراكەندىچىلىگى خېلىلا پەسكويغا چۈشۈپ قالغاچقا، ئەلنىڭ ھال ئۇقىنى ھەر نىمە بولسا ئاز-تۇلا ياخشىلىپ قالدى. ئەمما ئۆزىمىزنىڭ ئىچىدىكىلەر... ، -ھىندىقۇش مىرزا نىشقىدۇر گىپىنى تۇختىۋالدى.
    -سۆزلىۋەرسىلە جاناپلىرى، قۇلىقىم سىلىدە. ھەر نىمە ئىش بولسا دەۋەرسىلە،بۇ يەردە ئىككىمىزدىن باشقا ئادەم يوق، -دىدى ئابدۇللاخان، - خاتا گەپ قىلسىلىمۇ سىلىنى كەچۈردۈم. -بۇ ئىشلار ئالىلىرىغا سىر ئەمەس، شۇنداقتىمۇ ئەمىرلىرى بولغان ئىكەنمەن ئاڭلىغانلىرىمنى ئۆزلىرىگە يەتكۈزسەم. تۇزكۇرلۇق قىلغان بۇلىمەن، - ھىندىقۇش مىرزا خاس خانە ئىچىدە ئىككەيلەندىن باشقا ئادەم يوقلىقىغا قارىماي، ناھايىتى پەس ئاۋازدا سۆزلىدى،
    - يېقىندىن بۇيانقى ئىشلارغا، قەشقەر تەرەپلەردىن كىلىۋاتقان خەۋەرلەرگە قارىسام، شاھزادىنىڭ كۆزى يەركەن تەرەپكە تىكىلگەندەك قىلىدۇ. چىن يۈرۈكۈمدىكى گەپنى دىسەم، ئۇ ئۆزلىرىنىڭ پۇشتى، ئەقلى ھۇش جايىدا بولسىلا، ئاتىسىنىڭ تەختىگە كۆز تىكمەس دەيمەن. ئەمما يېنىدىكىلەر بېشىنى ئېلىشتۇرۇپ، خانلىق ۋەسۋىسىگە سېلىپ قويسا، خۇدىنى بىلەلمەي قىلىچى قىنىدىن چىقىرىپ سالامدىكىن دەپ قورقىمەن.
        -بۇ خەتنى كۆرۈپ باقسىلا، - خان ھىندىقۇش مىرزىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، خانىنىڭ تۆر تەرىپىدىكى رەڭدار نەقىش چىقىرىپ ياسالغان ئۇيۇقتىكى كىچىك ساندۇقتىن ئالقانچىلىك چوڭلۇقتئىكى بىر پارچە خەتنى ئېلىپ سۇندى. ھىندىقۇش مىرزا خەتكى. تىزلىكتە كۆز يۈگۈرۈتۈپ، ئەجەپلەنگەندەك ئىتتىكلا بىشىنى كۆتۇرۈپ، ئابدۇللاخانغا تىكىلدى. -ئەنھەزرىتىممۇ بۇ ئىشلاردىن ئاللىقاچان خەۋەر تېپىپ بۇپلا-دە. ئابدۇللاخان «ھەئە» دىگەندەك بېشىنى لىڭشىتتى.
        -مەن تاپشۇرۇۋالغان ئۇچۇر بىلەن ئوپمۇ-ئۇخشاش ئىكەن،-ھىندىقۇش مىرزا ئۆزىگە سۆزلەۋاتقاندەك پىچىرلىدى، -قارىغاندا شاھزادە يولۋاسخاننىڭ يېنىدىكىلەر ئۇنى تەخىت ۋەسۋەسىگە سېلىپ ،كۆڭلىنى ئارام تاپقۇزالمىغان ئوخشايدۇ. -بۇ ئىشلاردىن ئانچە ئەجەپلەنمىسىلە جاناپلىرى،ئەلمىساقتىن بۇيان شاھلىق تەختىگە ئىنتىلمەيدىغان كىم بار دەيلا، باشقىسنى قۇيۇپ تۇرغاندۇ، بوۋام سەئىدىخان زامانسىدىن تارتىپ، ھازىرغا كەلگۈچە خانلىق تەختى غالىپلارنىڭ بۇلۇپ كەلگەن. شۇڭا تەخىت تالىشىپ، ئاتابىلەن بالا، ئاكا بىلەن ئۇكىلار ئارىسىدا ئاز بولمىغان جىدەل، تىز، ئاداۋەتلەر يۈزبەرمىدىمۇ ؟... . . لىكىن ئەقلىم ھەيران. بالام يولۋاسخان نىمىشقا شۇنداق قىلىدۇ دەيمەن ؟مەن تېخى ھايات تۇرۇپ، ھېلىتتىن تەخىتكە كۆز تىكسە، بۇ قاملىشامدۇ؟!، سىلىدىن يۇشۇرمايمەن ئەمىر جاناپلىرى، يولۋاسخان مىنىڭ پۈشتۈم، يۈرەك پارەم، مەن ئونى ئەمدى تېخى سەككىز ياشقا كىرگەندىلا يۇرتدارچىلىق ئىشلىرىغا پىشسۇن، ئەل رەئىيەتنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، كۆزى ئېچىلسۇن دىگەن مەخسەتتە قەشقەرنىڭ نائىپ خانلىقىغا تەيىنلەنگەن ئىدىمغۇ ؟!... . شۇ چاغدا، نۇرغۇن ئەمىرلىرىملا ئەمەس، خانىشمۇ ئېغىزىدىن ئانا سۈتى كەتمىگەن بىر بالىنىڭ نايىپ خان بۇلۇشىغا قۇشۇلماي، نەچچە يىلغىچە بېشىمنىڭ ئىچىنىمۇ-تېشىنىمۇ قاتۇرغان ئىدى. بىراق كۈنلەر ئۆتكەنسىرى ئۇلارنىڭ ئېغىزىمۇ بېسىقىپ قالدى. مانا يىگىرمە نەچچە يىل بوپتۇ. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇ بىر يۇرتنىڭ ئاستى بولۇپ، نۇرغۇن ئىسسىق-سۇغۇقلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، يېشىغا ياش، ئەقلىگە- ئەقىل قۇشۇلدى. شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ تەختنىڭ باشقا بىرسىگە ئەمەس، دەل ئۆزىگە تىگىل ئىكەنلىكىنى چۈشەنسە بولمامدۇ ؟!... ،-ئابدۇللاخان سۆزلىگەنسىرى قىزشتى. -ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇتەندەك مۇھىم يەرگە ئۇنىڭ ئوغلى، مىنىڭ نەۋرەم ئەبەيدۇللا سۇلتاننى نايىپ خانلىققا تەيىنلىدىمغۇ ؟ ئۇنىڭغا ئەمدى مۇشۇمۇ يەتمىگەندەك ماڭا پۇت ئاتسا، نىمە دىگۈلۈك ئەمدى... .
    -سەۋرى قىلسىلا ئادالەتپاناھىم، جاھاندا ئىنسان ئۈچۈن سەۋرى قىلىشتىن ئۆزگە ئۇلۇغ ئىش يوق. بەلكىم شاھزادىنىڭ ئەتراپىدىكىلەر ئۇنىڭغا ئەقىل كۆرسەتكەن، ئۇنى دەيدەيگە سالغان بۇلىشى مۇمكىن. ئۆزلىرى دىگەندەك شاھزادە يولۋاسخان ئالىلىرىمۇ ھازىر كىچىك بالا ئەمەس، بۇنداق چوڭ ئىشقا كەلگەندە، چۇقۇم ئەقلىنى ئىشقا سالار... . .
        -بۇنىڭغا ھېچ ئىشەنگىم كەلمەيدۇ، ئەمىر جاناپلىرى. مانا« تەنھا سۇمرۇغ »دىن كەتكەن مەخپى مەلۇماتنامىسىنى ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆردىلە، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىلىمۇ مۇشۇ مەلۇماتنامىدىكى ئەھۋالغا ئوخشاش ئۇچۇرغا ئىرىشكەن ئوخشايلا. ئىش ئاياقتىكى ئاشتەك ئىنىق تۇرسا، ئەمدى بۇ ئىشنىڭ قىلچە شۈبىھلىنىدىغان يىرى قالمىدى.
       -بەلكىم شۇنداقتۇر. يېقىندىن بۇيان قەشقەر تەرەپتە غۇجا ھىدىيايىتۇللا ئىشاننڭ ئىشقىيە سۈلۈكىنىڭ تەرغىباتچىلىرى كۈپۈيۈپ قالغانمىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ زاتمۇ كۈندە دىگۈدەك شاھزادە يولۋاسخان ئالىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرىۋاتقانمىش. پەمىمچە بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى شۇ كىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمىكىن دەيمەن.
    -مەنمۇ ئۇيان ئويلاپ-بۇيان ئويلاپ، شۇ خىيالغا كەلگەن. مانا ئىككىلىمىزنىڭ ئويى بىر يەردىن چىقتى. مىنىڭ خۇجا ئابدۇللا ئىشانغا قول بىرىپ، مۇرىد بولغىنىم پىقىرنىڭ شەخىسى ئىشى. ئەمما ھاكىميەت ئىشلىرىدا مەيلى ئىشقىيە سۈلۈكى بولسۇن، مەيلى ئىسھاقيە ھېچقايسىسىغا يان باسماي كەلدىمغۇ ؟تېخى ھىدايىتۇللا ئىشان بىلسە، ئۇنىڭغا تۇلىمۇ كەڭ قوللۇق قىلدىم. نۇرغۇن يەر، باغ، سۇ ۋەخىپە قىلىپ بەردىم.
        -بەلكىم ئۇ زاتنىڭ بىز بىلمەيدىغان باشقا ئويلىرىمۇ باردۇر، ئالىلىرى. ئىنسان دىگەن خام سۈت ئەمگەن، ناشۇكۈر مەخلۇق. شۇڭا باي بولغانلارنىڭ. تېخىمۇ كاتتا زەردار بۇلغۇسى، ئابروي قازانغانسىرى ھەممىسىلا ئادەم سىزغان سىزىقىمدىن چىقماسكەن دەپ خىيال قىلىشى ئادەتتىكى ئىش. شۇڭا بۇ ئىشتا چۇقۇم ئىھتىيات قىلىشىمىز زۈرۈر ھەرگىز ئالدىراقسانلىق قىلىپ، رەقىپلىرىمىزنىڭ تۈگمىنىگە سۇ باشلاپ. ئاداۋەت چاكلىرىنى يوغۇنىتىۋەتمەيلى... ... ئابدۇللاخان بېشىنى لىڭشىتىپ قويغاندىن كىيىن، بىردىنلا ھىندىقۇش مىرزىنى چاقىرىشتىكى مەخسىتىنى قايتىدىن ئىسىگە ئېلىپ سورىدى. -سىلىچە مەن كېرىيە تەرەپلەگە بارسام بۇلارمۇ جاناپلىرى ؟... .
    -بۇ جەھەتتە ئۆزلىرىنىڭ خىياللىرى قانداقكىن، ئەنھەزرىتىم؟، -ھىندىقۇش مىرزا خاننڭ كۆڭلىدىكىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلىپ بىقىش مەخسىتىدە سورىدى. -ئۆزلىرىگە كۆپ سۆزلىمىسەممۇ چۈشۈنىدىلا، بىراق ئەندىشە قىلىدىغان يەرلىرىممۇ بار.
        -چۈشەندىم، -ھىندىقۇش مىرزا خاننىڭ باياتىن بىرى گەپنى ئەگىپ دىيىشتىكى مۇدداسىنى ئەمدىلەتىن ھېس قىلىپ يەتتى. -بۇ سەپەرگە چۇقۇم چىقسىلا ئالىلىرى. ھەم شاھزادە يولۋاسخاننىڭمۇ بۇ كېرىيەگە بېرىشىغا يارلىق چۈشۈرسىلە. شۇنداق قىلغاندا، بىر چالمىدا، ئىككى پاختەكنى سوققىلى بۇلىدۇ ئەمما شاھزادە لەشكەر ئالمىسۇن، ئۆزىنى قۇغداشقا 40-50تەك چىرىك ئېلىۋىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ يانلىرىدا تۇرۇپ بەرسىلىلا بۇلىدۇ. خان ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى ھىندىقۇش مىرزىنىڭ ئېغىزىدىن ئاڭلاپ، خۇشال بولدى-دە، مەنمۇن بولغاندەك بېشنى لىڭشتىپ قويدى. - مەن ئەتىلا يولغا چىقاي، شاھزادىگەبۈگۈنلا يارلىق ماڭدۇرايلى، ئۇ كەينىمدىن بارسۇن. ھىندىقۇش مىرزا بۇ گەپنى ئاڭلاپ، يىنىك خۇرسۇنۇپ قۇيغاندىن كىيىن ئېغىز ئاچتى. -دانا پىكىر بولدى. بۇ ئىشتا شۇنداق قىلمايمۇ باشقا ئامال يوقكەن ئالىلىرى... 
        بۈگۈن ئوردىنىڭ ئالدى بۆلەكچىلا قىزىپ كەتكەن ئىدى. ئوردىدىكى چوڭ-كىچىك ئەمىرلەرنىڭ ھەمىسى رەتلىك تىزىلىپ، خاننى كېرىيە سەپىرىگە ئۇزۇتۇش ئالدىدا تۇرىۋاتاتتى. سەپەر تەييارلىقىنى باشقىلاردىن پىنھان تۇتۇپ قىلغان سۇلتان ئابدۇللا خان ئاخشام ھىندىقۇش مىرزا بىلەن كىلىشىۋالغىنى بۇيىچە بۈگۈن شەھەردىلا شاھنىشندا ئوردا ئەمىرلىرى ئالدىدا سەپەرگە ئاتلىنئىدىغانلىقنى جاكارلىدى-دە، باشقىلارنىڭ قانداق مەلۇماتنامىلىرى بارلىقىنىمۇ سورىماستىن شاھىنشاھتىن ئايرىلدى. بۇنى ئاڭلاپ ئەمىرلەر تۈرلۈك خىياللاردا بولغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچكىم بىر نەرسە دىيەلمىدى. مانا ئەمدى ئۇنى ئۇزۇتۇش ئالدىدا تۇرىۋاتاتتى.
    ئابدۇللاخان ئەمىرلەر بىلەن خوشلىشىپ، ئەمدىلا شاھانە مەپىگە چىقاي دەپ تۇرىشىغا يىراقتىن جەرە-ساما ئاۋازى ئاڭلىنىپ، بارا-بارا كۈچەيدى. خان شۇ تەرەپكە قاراپ، خۇجا ئابدۇللا ئىشاننىڭ بىر تۈپ سۇفى ئىشانلارنىڭ ھىمايىسىدە ئۆزى تەرەپكە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ توختىدى. شۇنىڭغىچىلىك ئاۋازى تارتمىلىق ياش ھاپىزنىڭ ئوقۇغان ھۆكمىتىگە كېلىشتۇرۇپ دەسسەپ، «ھۇم- ئاللاھۇ ھۇم »،« ھۇم ئاللا، ھەق دوسىت» دىگىنىچە دوسىت تارتىشىپ كىلىۋاتقان سۇفىلارمۇ خانغا يېقىنلىشىپ بىردىنلا توختاتتى. مەختۇمزادەخۇجا ئابدۇللا ئىشان تىزلىكتە ئىككى قۇلىنى سوزغىنچە ئابدۇللاخانىنڭ ئالدىغا باردى، - دە، خانىنىڭ قۇلىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ سۆزلەشكە باشلىدى.
        -ئى خانلىقىمىزنىڭ قۇياشى، ئەلنىڭ باشپاناھى، بەخىت يۇلتۇزى بولغانمىش شاھىم، ئۆزلىرىنىڭ سەلتەنىمىزگە قارا سايە تاشلاپ تۇرغان ئەقلى چولتا، قەلبى قارا مۈتەھەملەرنى جازالاش ئۈچۈن ئاتلانغانلىقلىرىدىن تېخى ھازىرلا خەۋەر تاپتىم-دە، بۇيانغا ماڭدىم. ئەگەر ئىجازەت بولسا، ئۆزلىرىگە ھەمدەم بۇلۇپ، ئاشۇ رىياكارلارغا قارشى ئاتلىناي دەيمەن.... مەختۇمزادە خۇجا ئابدۇللا ئىشاننىڭ كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ دىگەن سۆزلىرى ئابدۇللا خاننى تەسىرلەندۈرگەن بولسىمۇ، ئەمىرلەر ئالدىدا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا تىرىشىپ، تىزلا جاۋاپ بەردى.
        -ئۆزلىرىنى بۇ مۇشەقەتلىك سەپەرگە رىيازەت چەكتۈرمەي، پىرى پۈرزۈك. پىقىرنىڭ پىشانىسىگە پۈتۈلگەن تەقدىرى قىسمەت مۇشۇ ئوخشايدۇ. شۇڭا مەنلا باراي، بولدى. -بۇ نىمە دىگەنلىرى ئى ئادالەتپاناھ شاھىم، ئۆزلىرىنىڭ قوللىرىغا سانجىلغان تىكەن، مىنىڭ كۆزۈمگە قادالغان ئوقتۇر، ئۆزلىرىنىڭ خىياللىرىدىن كەچكەن ئىش ئاللاتائالا پىقىرغا يۈكلىگەن مۇقەددەس ۋەزىپىدۇر. بۇنداق دىسىلە كەمىنىلىرىنى كۆزگە ئىلمىغان بۇلۇلا، خانلىقىمىزنىڭ تۈۋرىگى، سۇلۇكىمىزنىڭ باش پاناھى، ئەلنىڭ نۇرلۇق يۇلتۇزى بولىمىش ئالىلىرى... . .
        - يۇقسۇ، زىنھار ئۇنداق ئويلىمىغايلا. بۇ جاھانغا تۈرەلگەن ھەربىر ئىنسان تەقدىرى قىسمەتتە پۈتۈلگىننى كۆرمەي ئىلاجى يوقتۇر. شۇڭا ھەرگىز بولمىغۇر خىياللاردا بولمىغايلا.
       - كىچىدىن تاڭ ئاتارغا يىقىن چۈش كۆردۈم. چۈشۈمدە مەرھۇم دادام خۇجا شادى پەدەرى بۇزرۇكمۇ، «خاقانى ئالى ئابدۇللاخان جاناپلىرى بۈگۈن تۇلىمۇ ساۋاپلىق، خەيرىلىك ئىش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلىنىدۇ. سەن ئۇنىڭ پىرى ئۇستازى بولمىش سالاھىيىتىڭ بىلەن سۇلتانىمىزغا ئاق يول تىلەپ، دۇئا قىل» دىدىلەر. پىقىر چۈشۈمدىن ئويغۇنۇپ، ئىككى راكەت ناماز ئوقۇپ، ئۆزلىرىگە ئاق يۇل، ھىجرەتلەرگە نۇسرەت تىلىدىملەر. -مەخدۇمزادە خۇجا ئابدۇللا ئىشان ئۆزىنىڭ بىللە بىرىشقا خاننى قايىل قىلالمايدىغانلىقىغا كۈزى يىتىپ، بىردىنلا لەسسىدە بۇلۇپ قالغان بولسىمۇ ئەمما چاندۇرمىدى.
    – نامىزىمنى تاماملاپ يىتىپ ئاسمان سەتھىسىگە نەزەر سالسام، ئالىلىرىنىڭ شەرىق تەرەپتىكى يۇلتۇزى تۇلىمۇ روشەن كۆرۈندى. قارىغاندا ئەنھەزرىتىمنىڭ ھىجرەت سەپەرلىرىنىڭ يوللىرى تۈز، دۆلەتلىرى يەنىمۇ زىيادە بولغىدەك. - بىرى بۇرزۇكنىڭ سۆزلىرىگە ماشائاللا، دىگەنلىرى كەلسۇن. -ھىجرەت داۋامىدا تەنلىرىنى ئاسرىغايلا ئالىلىرى، ئۆزلىرىنىڭ ساقلىقى ئەل رەئىسىيەتنىڭ ھۇزۇر ھالاۋىتى، سۇلۇكىمىزنىڭ بەختى. - ئېيتىقانلىرى كەلسۇن. پىرى بۇرزۈك... -ئامىن....، - خۇجا ئابدۇللا ئىشان بىردىنلا دۇئاغا قول كۆتۈردى. شۇنىڭ بىلەن ئوردا ئالدىدىكى كەڭرى سەينادا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ تەڭلا ۋاقىرغان سادا بىردىنلا گۈرۈلدىدى. بۇنى كۆرۈپ ئابدۇللاخانمۇ دۇئاغا قول كۈتۈردى- دە، كۆڭلى نىمىشقىدۇر يىرىم بولغاندەك، ئىشانغا مۇڭلىنىپ قارىدى.
    -پىقىرنىڭ سەپەردە رىيازەت چەكمەسلىكى ئۈچۈن ئالدىمنى توسۇپ ئاۋامنىڭ بەختى-سائىتى ئۈچۈن ھىجرەت يۇلىغا مېڭىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدىلا، ئەنھەزرىتىم. مۇشۇنداق ياخشى كۈن، ياخشى سائەتتە ئاتلانغايلا، قېنى مەپىگە چىقسىلا... ،-ئىشان خاننى مەپىگە چىقىشقا تەكلىپ قىلدى. ئابدۇللاخانمۇ تارتىشمايلا مەپىگە چىقتى-دە، ئۆزىگە يېقىنلا يەردە تۇرغان پەرمانچى بەگگە قاراپ بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى. بۇنى كۆرگەن پەرمانچى بەگ يۇقىرى ئاۋازدا توۋلىدى. - خاندىن يارلىق، سەپەر باشلانغاي !... .
       بۇ گەپ بىلەن ئاۋال تۇغ-ئەلەملەرنى كۆتۈرگەن 15- 20 لەشكەر، ئۇنىڭ كەينىدىن تۇلۇق قۇراللانغان ئاتلىق لەشكەرلەر، ئاندىن خاننىڭ مەپىسى يولغا چىقتى. ئارقىسىدىن پىيادىلىك لەشكەرلەر ئاتلاندى. خاننى ئۇزىتىش ئۈچۈن چىققان ئوردا ئەمىرلىرىمۇ، خۇجا ئابدۇللا ئىشانمۇ يەنە بىرمەرتەم دۇئاغا قول كۆتۈردى. كېرىيەگە ئاتلانغان كارۋان پىشىمدىن كىيىن بىپايان سايلىققا كىرىپ كەلدى. ئەتراپ تۇنۇردەك ئىسسىپ كەتكەن ئىدى. تۇغچى لەشكەرلەرمۇ، ئاتلىق سەرۋازمۇ، ياياق قوغدىغۇچىلارمۇ ئىسسىق تەسىرىدىن خېلىلا بۇشۇشۇپ كەتكەن بۇلۇپ، ئىرىنچەكلىك بىلەن ماڭماقتا ئىدى. مەپىنىڭ سىرتىنى كۆرۈش ئۈچۈن ياسالغان كۆزنەكنىڭ يىپەك پەردىسىنى قايرىۋېتىپ، ئەتراپقا قاراپ ئولتۇرغان ئابدۇللاخان چوڭقۇر خىيالغا پاتقان ئىدى. ئۇ ھەرقانچە ئويلىماي دىسىمۇ، ھامان ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا قەشقەردىن كەلگەن خەت كىلىۋاتاتتى. ھىندىقۇش مىرزا دىگەندەك يولۋاسخاننى ۋەسۋىسىگە سالغان، كۈشكىرىتۋاتقان، ئاستىرىتتىن ھەممە ئىشنى پىلانلاپ، ئۆزىنىڭ مەخسەت مۇدداسىنى جاراستانغا چىقىرىش ئۈچۈن، ھىيلە-مىكىر تۈگمىنىگە ئۈگۈت قۇيىۋاتقان ئادەم غۇجا ھىداياتۇللا ئىشان بۇلۇپ، قەشقەرنىڭ نائىپ خانى شاھزادە يولۋاسخان ئۇنىڭ شاھمات تاختىسىدىكى كۇزۇر ئۇرۇقىقا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
        ئەسلى ھىدايىتۇللا ئىشان بىلەن مەختۇمزادە خۇجا ئابدۇللا ئىشانىنىڭ ئولۇغ بوۋىسى بىر ئىدى. ئەمما كىيىنكى ۋاقىتلاردا بىر تۇققانلار ئارىسىدىكى نىزا، ئاداۋەت ۋە سۈلۈك پىرلىقىنى تالىشىش كۆرۈش سەۋەپلىك خۇجامۇھەممەت يۈسۈپ ۋەكىللىكىدىكى ئىشقىيە سۈلۈگى ئابدۇللاخۇجا ىشاننىڭ دادىسى خوجا شادى باشچىلىقىدىكى ئىھساقىيە سۈلۈكلىرىگە يۈلۈنۈپ، « ئاق تاغلىق »،« قارا تاغلىق » بۇلۇشۇپ يۈرۈشەتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئابدۇللاخان سۈلۈگى ئىسھا قىيەگە قول بىرىپ، مۇرىد بولغان ھەم خۇجا شادىنى دۆلەت ئۇستازى دەپ جاكارلىغان بولغاچقا، تۇرغان-پۈتۈكىنى ھىيلە-نەيرەڭ بىلەن تۇشۇپ كەتكەن خۇجا ھىدايتۇللا ئىشانغا بۇ ئىش تولىمۇ ئېغىر كەلگەن ئىدى. شۇڭا ئۇ يارا ئېغىزىنى شاھزادە يولۋاسخان ئارقىلىق، ئېغىز ئالدۇرۇپ ئاتا-بالا ئوتۇرىسىدىكى نىزا خۇسۇمەتتىن پايدىلىنىپ، سۈلۈكى ئىشقىيەنى كۈچەيتىش ئارقىلىق ئاتىسى مۇھەممەت يۈسۈپ خۇجا باشلاپ بەرگەن سۈلۈك يۇلىنى راۋاج تاپقۇزۇش، كىيىنكى كۈنلەردە سەئىدىيە ھاكىمىيىتى ئارقىلىق سۈلۈكنى پۈتكۈل خانلىققا كېڭەيتىش، ھەتتە ئوردىدا كاتتا مەنسەپ ئەمەللەرگە ئىگە بۇلۇش مەقسىتىدە نادان، مەمەددان، كىچىكىدىن ئاتا تەربىيىسىدىن ئايرىلىپ، ئەيشى-ئىشىرەت، كەيپى ساپا پاتقىقىغا پىتىپ قالغان شاھزادە يولۋاسخان ئارقىلىق شىرىن چۈشۈنى جاراستانغا چاقىرىش نىيىتىدە ئىدى. شۇڭا ئاق يەردىمۇ تۈگمەن چۆرگىلىتىشكە كۈنۈپ قالغان ھىدايىتۇللا ئىشان يولۋاسخاننىڭ كەم ئەقىللىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى دادىسى بەر قارار بۇلىۋاتقان تەخىتكە قىزىقتۇرۇش ئارقئىلىق ۋەسۋىسە دەرياسىغا قولۋاقسىز باشلاپ قويغان ئىدى. شۇڭا ئاللىقاچان ۋەلئەھدى دەپ جاكارلانغان شاھزادىگە كۈنلەر مەنىسىز تويۇلۇپ، مەيلى قاچانلا بولمىسۇن، ئۆزىگە نىسىپ بۇلىدىغان ئاشۇ سىھىرلىك ئورونغا كۆز قىزارتىش دەرىجىسىگە بىرىپ يەتكەن ئىدى. ئەمما پاختىنى چوغ ئۈستىدە ساقلىغىلى بولمىغاندەك، بۇ ئىشلار نايىپ خان شاھزادە يولۋاسخاننىڭ يىنىدىكى پىنھان كىشىلەر تەرىپىدىن سولتان ئابدۇللاخانغا ۋاقتى- ۋاقتىدا مەلۇم قىلىپ تۇرىلىۋاتقاچقا، خىلۋەت خانىلەردىكى پىچىرلىشلار، قولاق يىقىپ سۆزلىشىشلىرىمۇ ئاللىقاچان ئاشكارا مەخپىيەتلئىككە ئايلىنىپ، خانلىقنىڭ يەركەندىكى ئوردىدىكى جىمى ئەمىرلەر بىلىدىغان، ئەمما ئېغىزىدىن چىقىرىشقا پېتىنالماي ئىشقا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.
        ئابدۇللاخان گىيا ئۈنمەيدىغان تاقىر سايغا قاراپ، ئۇھسىنىپ قويدى. يولغا چىققاندىن بىرى ئاللىقاچان خىياللار ئۇنى چىرماپ، قەلىب يارىسىنى قانىتىپ قۇيغان ئىدى. شۇڭا بىرەر ئىش بىلەن ئۆزىنى مەلىكە قىلىپ، ئايىغى چىقماس خىياللاردىن نىرى بۇلۇشنى ئويلاپ قالدى-دە، مەپەكۆز نىگىنىڭ يىنىدىلا ئاتلىق كىتىۋاتقان نەۋكەرگە قاراپ، بىردىنلا كۆڭلى يۈرۈپ كەتتى-دە، مەپە كۆز تىگىدىن بىشىنى چىقىرىپ، بۆرە يۈرىشىدە بىر خىل رىتىمدا يورغىلاپ كىتىۋاتقان قۇلۇن ئارغىماقنىڭ ئۈستىدە تىزگىننى چىڭ تارتىپ ئولتۇرغىنىچە مۈڭدەپ ئولتۇرغان پەرمانچى بەگكە پەرمان بەردى.
    - ماڭا ئات كەلتۈرۈڭلار، مەپە توختىغاي. بۇ گەپ بىلەن ئۈچ ئات قۇشۇلغان مەپە توختىدى، ئابدۇللا خان مەپىدىن چۈشۈپ، پۇت – قوللىرىنى ھەركەتلەندۈرمەكچى بولغاندەك كېرىلىپ قويدى. شۇنىڭغىچە پەرمانچى بەگ ئەتىگەندىن بىرى مەخسۇس نەۋكەر پىتىلەپ كەلگەن تىرناقچىلىق ئالىسى يوق، ئاپپاق تۇلپارنى ئەكەلدى. خان كارۋان بىشىغا يۈرۈشنى تىزلىشىپ، قۇنالغۇغا بالدۇرراق يىتىپ بىرىشنى جىكىلىدى-دە، بىر نەچەيلەننى ئۆزى بىلەن مىڭىشنى بۇيرۇپ، ئاتقا قىران يىگىتلەردەك سەكرەپلا مىنىپ، قامچا سالدى.
    -چۇھ جانىۋار، چۇھ... 7 كۈن غەرپكە قىيشغاندا، ئابدۇللا خاننى قارشى ئېلىشقا چىققا نلارنىڭ قارىسى كۆرۈندى.
    -ئەنە ئەبەيدۇللا سۇلتان، مىرزا باباقبەگ ئەمىر، خۇدا بەردى ھاكىمبەگلەر ئالدىلىرىغا ئىستىقبالغا چىقىپتۇ، - دىدى خۇتەندىن يولغا چىققاندىن بىرى ئابدۇللا خانغا ھەمراھ بۇلۇپ يول باشلاپ كىتىۋاتقان ئەبەيدۇللا سۇلتاننىڭ ئۇستازى بىردىنلا روھلىنىپ، ئالدىمىزدىكى ئۆتەڭ سۇلتان ئابدۇرىشت خان ئۆزىنىڭ ئالتىنچى ئوغلى ئەبۇ سەئىدى مىرزىغا ۋەخپە قىلىپ بەرگەن زىمىن-لايسۇ ئۆتىڭى... ئابدۇللاخان ئالدى تەرەپكە قارىدى. دىگەندەك كۆز يىتىم يەردە ئىستىقبالغا چىققانلار رەت تەرتىۋى بۇيىچە ئۇرىشاتتى خان ئولارغا يىقىنلىشىپ ئاتتىن چۈشتى. بۇنى كۆرۈپ ئۇنى كۈتىۋېلىشقا چىققانلار تەرەپتىن كۈچلۈك غوغا كۈتۈرۈلدى،
        - ئامان... ئامان.... ئامان... ئەنھەزرىتىم قاقانۇ خاقان، سۇلتان ئابدۇللا خان ئالىلىرىنىڭ تېنى ئامان دۆلىتى زىيادە بولغاي... خان ئەمىرلەر ۋە لەشكەرلەرنىڭ ھۇگا-سۈرەنلىرى ئاڭلاپ، خوش تەبەسسۇم بىلەن ئۇلارغا ىھتىرام بىلدۈرگەچ، سالماق قەدەملەر بىلەن دادىسىغا قۇيۇپ قويغاندەك ئوخشايدىغان، تېخى ئەمدىلا ئون تۆت ياشنىڭ قارىسىنى ئالغانلىقىغا قارىماي ئادەمگە قاۋۇل، بۇي تارتىقاندەك كۆرۈنىدىغان نەۋرىسى ئەبەيدۇللا سۇلتاننى كۆرۈپ، ئۇنىڭ بالىلىق چىغىدىكى شوخ، ئوماق، ئادەمنىڭ مەسلىگىنى كەلتۈرىدىغان گەپ- سۆز، ھەرىكەتلىرى بىردىنلا يادىغا يەتتى- دە، ئامراقلىقى كەلگەندەك ئۇنى باغرىغا باسماقچى بولدىيۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھازىرنىڭ ئۆزىدە نەۋرىسى ئەمەس، بىر يۇرتىنىڭ تۈۋرىكى-نائىپ خان ئىكەنلىكىنى دەررۇ ئىسىگە ئېلىپ ۋولقاندەك پارتىلاپ چىققان ھېسياتىنى ئاران تەسلىكتە بىسىۋالدى. بىشىغا ماس كەلمىگەن ھالدا ئەقىل-ئىدىراككا ئىگە ئەبەيدۇللاسۇلتان بۇۋىسىنىڭ خىياللىرىنى بىلىۋالغاندەك مەنىلىك نەزىردە تىكىلدى-دە، بىردىنلا ئوردا يۈسۈنى بويىچە سالام قىلدى.
    -سەئىدىيە خانلىقنىڭ پاسىبانى، ئادالەتپاناھ شاھ ئابدۇللا خان ئالىلىرى ئامان بولغاي... ئابدۇللا خان نەۋرىسىگە مەسلىگى كەلگەندەك، بىشىنى مۇلايىملىق بىلەن لىڭشىتىپ قويغاندىن كىيىن، مىرزا باباقبەگ، خۇدابەردى ھاكىمبەگلەر تەرەپكە يۇزلىنىپ، ئۇلارنىڭ سالاملىرىنى ئىلىك ئېلىپ، تىگىشلىك ھۆرمەت بىلدۈرگەندىن كىيىن، تېخى ھېلىغىچە ھۇگا-سۈرەن سىلىپ تۇرغان لەشكەرلەرگە ئوڭ قۇلىنى كۆكسىگە قۇيۇپ، بىشىنى يىنىك ئىگىپ ھۆرمەت بىلدۈردى.
        -ھارمىغايلا جانابى شاھىم، - دىدى مىرزا باباقبەگ بىردىنلا توپ ئارىسىدىن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ، ئابدۇللاخانغا يېقىنلىشىپ،- يول ئۇزۇن، مۇشاقەتلىك. ئۆزلىرىگە بىرەر مالاللىق يەتمىگەندۇ. ؟
    - يۇقسۇ، سەپەر ھەر ھالدا كۆڭۈللۈك ئۆتتى. ھەر قايسىلىرىنى كۆرۈشكە، دىدارلىشىشقا ئالدىراپ، كىچە-كۈندۈزلەپ يول يۈردۇق. -ئەنھەزىرىتىمنى بىۋاقىت چاغدا مالال قىلىپ، مەكتۇپ يېزىپتىمەن،- مىرزا باباقبەگ خاندىن كەچۈرۈم سورىغاندەك بىشىنى ئەگدى، - ئەسلى مۇددىئا بۇيىچە ياۋ بىلەن بىرەر قەپەز ئېلىشىپ، ئۇلارنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇپ، ئاندىن... -زىنھار ئۇنداق ئويلىمىغايلا، ئەسلى ئۆزۈمنىڭمۇ بۇ تەرەپلەرگە سەپەر قىلىش خىياللىرىم بار ئىدى، ۋاقتى-سائىتى كىلىپ قالغان ئوخشايدۇ، مەكتۈپلىرىنى ئېلىپلا يولغا چىقتىم.
        - قېنى ئۆزلىرىنىڭ چىدىرلىرىغا مەرھەمەت قىلغايلا، - مىرزا باباقبەگ يىراقتىن ئوغ ئەمىرلەرنىڭ لەپىلدەپ تۇرغانلىقىنى روشەن كۆرگىلى بۇلىدىغان كىچىككىنە بىر تۆپىلىكنى ئىشارە قىلدى ، - بىر دەم ئارام ئېلىۋالغايلا. خان ئەتراپىدىكى ئەمىرلەرگە خوش تەبەسسۇم قىلغاندىن كىيىن مىرزا باباقبەگ، ئەبەيدۇللا سۇلتان، خۇدا بەردى ھاكىمبەگلەرنىڭ ھەمرالىقىدا ئودۇل خان ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلانغان شاھانە چىدىرغا قاراپ ماڭدى-دە، ئۇلار باشقا چىدىرلاردىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان، ئەتراپىغا ھەرخىل رەڭلەردىكى تۇغ ئەلەملەر قادالغان چىدىرنىڭ ئالدىغا كىلىپ توختاشتى.
        -مەرھەمەت قىلسىلا، ئەنھەرزىتىم. -دىدى ئەبەيدۇللا سۇلتان چاققانلىق بىلەن چىدىرنىڭ ئىشىكى ئورنىدا بىكىتىلگەن كىگىزنىڭ بىر بۈرجىكىنى قايرىپ،- ئالدىراشلىقتا ياخشىراق تەييارلىق قىلالمىدۇ، ئەيىپكە بۇيرىمىغايلا……
        خان نەۋكەرلىرىگە قاراپ، كۈلۈپ قويغاندىن كىيىن، تىگىگە رەڭدار گۈللىرى كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىغان، ئوتقاچتەك گىلەم ئۈستىگە سىلىنغان كۆرپىگە كىلىپ ئولتۇردى-دە، دۇئاغا قول كۆتۈردى. -ئامىن... بۇنى كۆرۈپ خانغا سۇڭدىشىپلا چىدىر ئىچىگە كىرگەنلەرمۇ دۇئاغا قول كۈتۈرۈشتى. دۇئادىن كىيىن ئابدۇللاخان ھەممەيلەنگە تەكشى قاراپ چىققاندىن، يەنە قايتىدىن تىچلىق -ئامانلىق سۇراشتى، شۇ ئەسنادا بىردەمدىلا خاننىڭ ئالدىغا داستۇرخان سېلىندى-دە، پۈتۈن پۇشۇرۇلغان ئوغلاق كاۋىپى، قازان شۇرپىسى، دۆڭ ئۈستىگە قالانغان ئوتقا كۈمۈلگەن سوختا كۈمەچ ۋە قوغۇن-تاۋۇز. ئالما، نەشپۈتلەر تىزىۋېتىلدى.
       -قىنى ئالسىلا ئەنھەزرىتىم، « يول ئازاۋى-گۆر ئاۋازى »دەپتىكەن، لايسۇلۇقلار بىر ئۆمۈر ئېچىپ، بىر ئەسىردىن كۆپرەك ئۆمۈر كۆرىدىغان ئەركەك سۇدا قاينىغان چايدىن تېشىپ كۆرگەيلا، - دىدى مىرزا باباقبەگ خانغا چاينى ئۆز قۇلى بىلەن قۇيۇپ،- بۇ يەردىكى ئادەملەرنىڭ ئوننىڭ توققۇزى يۈز ياشتىن ئېشىپ كۆرىدىگەن. يەرلىك رەئىيەتتىن سۇرىسام، «بۇ بىزنىڭ مۇشۇ سۈيىمىزنىڭ خاسىيىتى ئەلمىساقتىن بۇيان ئاتا-بوۋىلىرىمىز مۇشۇ سۇنى ئىچىپ كەپتىكەن، بىزمۇ ئېچىۋاتىمىز، خاسىيەتلىك سۇ بۇ! » دىيىشتى.
        -ئۇنداقتا مۇكاسۈيى ئىكەندە ؟، «بۇرۇن ؛مۇكا سۈيى ئىچكەن ئادەمنىڭ ئۆمرى ئوزۇن بۇلىدۇ» دەپ ئاڭلىۋىدىم،
       -ئەلھەق شۇنداقكەن ئالىلىرى، كىشىلەرنىڭ دىيىشىچە لايسۇ ئېقىننىڭ بىشىدا كۆز يەتكۈسىز توغراقلىق بارمىش، بۇ سۇ ئاشۇ توغراقلارنىڭ يىلتىزىدىن سىزىپ چىققان سۇلارنىڭ جوغلىنىشىدىن ھاسىل بۇلارمىش.
       -ئىسمىغا قارىسىغۇ، ئېرىقتا ئاقىدىغىنى سۇ ئەمەس، لاي ئىكەن بولمىسىلا ؟. - دىدى خان ئاللىقانداق بىر خىل قىزىقىش بىلەن.
        -ھۆددەس ئۇنداق ئەمەس ئىكەن، يۇرتنىڭ ئىسمى لايسۇ بولغىنى بىلەن ئېرىقتا ئاقىدىغىنى بولاق سۇلىرىدەك تاتلىق، سۈزۈك سۇ ئىكەن.
        دەل شۇ چاغدا چىدىر ئالدىدا ھۈدەيچى بەگنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
       - قەشقەرنىڭ نائىپ ئەمىرى شاھزادە يولۋاسخان جاناپلىرى كەلدى. ئابدۇللا خان بۇنى ئاڭلاپ ھەيران بولدى. ئۇ يەركەندىن يولغا چىققان كۈننىڭ ھارپىسى قەشقەرگە چاپارمەن ماڭدۇرغان ئىدى. ئۆزىمۇ بۇ ياقتىكى ئىشلاردىن تازا خاتىرجەم بۇلالماي، يولنى ئاۋۇتۇش ئۈچۈن خېلىلا تىز ماڭغان بولسىمۇ، بىراق شاھزادىنىڭ بۇنچە تىز يىتىپ كىلىشىنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغان ئىدى. شۇڭا ھەيرانلىقتا كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى. ئەمما باشقىلارنىڭ خىيالىنى سىزىپ قېلىشىدىن ئەنسىرگەندەك چىرايىغا تىزلا كۈلكە يۈگۈرتتى. باشقىلار دەررۇ ئورنىدىن تۇرۇشۇپ، چىدىر سىرتىغا چىقىشقا تەمشەلدى. بىراق شۇنىڭغىچىلىك يولۋاسخان چىدىر ئىچىگە كىرىپ، تۆردە ئولتۇرغان ئابدۇللاخانغا ئوردا يۈسۈنى بۇيىچە سالام بىجا كەلتۈردى.خانمۇ ئۇنىڭ سالىمىغا تىگىشلىك سالام قايتۇرغاندىن كىيىن ئوڭ تەرىپىنى كۆرسەتتى.
        -قېنى بۇياققا،شاھزادەم... يولۋاسخان قىلچە تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرمايلا، ئابدۇللاخان كۆرسەتكەن ئورۇنغا كىلىپ ئولتۇردى بۇنى كۆرگەن خان «ئاز-تۇلا بولسىمۇ، ھۆرمەت دىگەننى بىلسەڭچۇ !، ھېچبۇلمىسا تۈزۈت قىلىشنىمۇ بىلمىگەن »دىگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزۈپ. تېخىغىچە ئۆزىنىڭ ئودۇلىدا قول باغلاپ تورغان ئەبەيدۇللا سۇلتانغىمۇ سۇل تەرىپىدىن ئۇرۇن كۆرسەتكەندىن كىيىن سورىدى.
        – -ناھايىتى تىز يىتىپ كەپسىز شاھزادەم ؟ -خاننىڭ ئەمىرىنى كىچىكتۈرۈشكە نىمە ھەددىم؟، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەۋقۇلئاددە مەزگىلدىكى لەشكىرى جاساقنىڭ قاتتىق بۇلىدىغانلىقى ئۆزلىرىگە ئاييانغۇ پەدەرى بۇزرۇك. -دىدى يولۋاسخان مىرزا باباقبەگ سۇنغان چاينى ئېلىۋېتىپ -، ئوغۇللىرىغا خانلىق يارلىقىنى ئېلىپ بارغان پەرمەنچىبەگ ئۆزلىرىنىڭمۇ يولغا چىققانلىقلىرىنى ئېيتتى. شۇڭا يارلىقنى تاپشۇرۇلغان كۈنىلا يۇلغا چىقتىم. ئابدۇللاخان ئوغلىغا كۆزىنىڭ قويرىقىدا قاراپ ، بېشىنى لىڭشىتىپ قويدىيۇ، يەنە نىمىدىندۇر تەشۋىشلەنگەندەك سۇرىدى. -ئۇ تەرەپتىكى ئىشلەر قانداقراق نايىپ خان؟، يولۋاسخان ئالاھىدە ئۇرغۇ بىلەن ئېيتىلغان «نايىپ خان » دىگەن سۆزنى ئاڭلاپ نىمىشقىدۇر دادىسىغا ناھايىتى تىزلىكتە قارىدىيۇ، ئەمما زادى قايسى ئىشنى سۇرىدىغانلىقىنى دەررۇ ئىسىگە ئالالمىدى،
        -قايسى ئىشنى دەيلىكىن ئەنھەزىرىتىم ؟- سۇرىدى ئو پەس ئاۋازدا .
        -خانلىقنىڭ، ئەل رەئىيەتنىڭ ئىشلىرى ...
        -نۇرمال، ئاۋال ياراتقۇچى تەڭرىنىڭ شاپائىتى. ئۇندىن قالسا، ئۆزلىرىنىڭ سەلتەنەتىمىزنىڭ سايىسى ۋە ھىمايىسدە ھەممە ئىشلار نۇرمال. گەپنىڭ بارغانسىرى شاخلاپ كىتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۈلگۈرگەن مىرزا باباقبەگ ئالدىراپ ئېغىز ئاچتى. -قىنى،« ئاۋال تائام ئاندىن كالام» دەپتىكەن غىزاغا ئېغىز تىگەيلى. ئابدۇللاخان ئالدىدىكى كىسىپ، پارچىلاپ قۇيۇلغان كۈمەچكە قۇل سۇزدى. بۇنى كۆرۈپ يولۋاسخانمۇ، ئەبەيدۇللا سۇلتانمۇ غىزالىنىشقا باشلىدى.
       داستۇرخان يىغىلىپ،دۇئا قىلىنغاندىن كىيىن. سەپەر جەريانىدا خېلىلا ئوبدانلا چارچىغان ئابدۇللاخان كۆرپە ئۈستىدىكى مامۇق ياستۇققا يۈلەندى. شۇ تاپتا ئۇنىڭ سۇزۇلۇپ يىتىپ، ئارام ئالغۇسى بۇلسمۇ ، ئەمما باياتىن بىرى سۇراشقا ئىمكان بولمىغان گەپلەر يادىغا يىتىش بىلەنلا، سەل ئۆرە بولدى-، دە مىرزا باباقبەگكە قارىدى.
       - ياۋنىڭ ئەھۋالى قانداق جاناپلىرى ؟ ئول مەلئۇنلار ھازىرمۇ پاراكەندىچىلىك سېلىۋاتامدۇ ؟
    - مەن لايسۇ ئۆتىڭىگە كەلگەندىن بۇيان ياۋ بىلەن رەسمىي ئۈتۈشۈپ باقمىدۇق. ئۇلار ئاشكارا ھەركەت قىلمايۋاتىدۇ. بەزىدە يېزا- قىشاقلارغا ھۇجۇم قىلىدىيۇ، ئەمما يەنە تىزلا غايىپ بۇلىدۇ. قارىغاندا ئۇلارنىڭ بىز بىلەن رەسمى ھالدا ئورۇش قىلىش مۇددىئاسى يۇق ئوخشايدۇ. - ئۇنداقتا بۇ يەرگە نىمە سەۋەپتىن باسقئىن قىلىپ كەلگەندۇ. ئۇلار ؟،- سورىدى خان ھەيران بۇلۇپ، -شۇنچە مۇساپىنى بىسىپ كەپتۇيۇ، ئەمما ئۆزىنى كۆرسەتمىگىنى قىزىق..
       . - بىزمۇ شۇنىڭغا ھەيران ئەنھەزىتىتىم، ئەبەيدۇللا سۇلتان ، خۇدابەردى ھاكىمبەگلەر بىلەن نەچچە مەرتەم «يىلاننى ئوۋىسىدىن چىقىرىش» ئۈچۈن ھەركەت قىلدىقيۇ، ئەمما قۇۋ تۈلكىنى بۇرنىدىن ئىلىندۈرەلمىدى. يالاڭ بىز لەشكەر تارتقان ۋاقىتتا،ياۋ قىشلىق تۈنەككە كىرگەن كىرپىكدەك ئۆگىلىۋالدى. بىز ئۇلارنى تاپالماي لەشكەر گاھقا قايتىپ كەلگەندە ،بىز ماڭدۇرغان ئاياغاقچىلار ئۇلارنىڭ بۇلاڭ-تالاڭ قىلغانلىق خەۋىرى ئېلىپ كىلىدۇ. . شۇڭا نەچچە كۈندىن بۇيان بىزمۇ جىم بۇلىۋېلىپ، كۆپلەپ ئاياغاقچى ماڭدۇرۇپ « تىل »تۈتۇپ كىلىشكە بۇيرۇدۇق ئۆزلىرىنىڭ بۇ دىيارغا ئاياقلىرى ياراشقان ئوخشايدۇ، بايام ئۆزلىرىنىڭ قاراقىردىن ئۆتكەنلىك تۇغرىسىدىكى خەۋەر يىتىپ كەلگەندە، بىز ماڭدۇرغان ئايغاقچىلار مۇ قايتىپ كەلگەن. ئۇلار ئىككى قالماقنى تۇتۇپ كەپتۇ ،ىستىقبالغا چىقىشقا ئالدىراپ، تېخى ئۇلارنى سۇراق قىلىپ ئەھۋال ئىگىلەشكە ئۈلگىرەلمىگەن ئىدۇق. -ھازىر قەيەردە ئۇلار؟ -سۇرىدى ئابدۇللاخان مىرزا باباقبەگنىڭ سۆزىگە قىزىقىپ، سەل ئۆرە بۇلۇپ -سىرىتتا نەچچە ئون لەشكەرنىڭ قورشاۋىدا تۇرىۋاتىدۇ. ئەنھەزىرىتىم -قىنى، ئۇلارنى بۇ يەرگە كەلتۈرىسىلە، ياۋنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ باقايلى، دىدى خان ئالدىراپ. ئولار ئېغىز ئىچىپلا قالسا، ياغىنىڭ ئەھۋالىدىن تۇلۇق خەۋەردار بۇلالايمىز. مىرزا باباقبەگ ئورنىدىن تۇردى-دە ئىشىك تۈۋىدىكى نەۋكەرلەرگە بايام تۇتۇۋالغان ئىككەيلەننى بار گاھى ئالىيىغا ئېلىپ كىرىشنى بۇيرىدى. ھايالشىمايلا چەمبەرچاس باغلانغا ئىككى قالماق قۇراللانغان لەشكەرلەرنىڭ مۇھاسىرىدە چىدىر ئىچىگە كىرىپ كەلدى.
       خان بىشىغا كىچىك بالىلاردەك كۇكۇلا چاچ قۇيۇلۋالغان-غۇلۇسقىنە كەلگەن ، غەلىتە كىيىنگەن ئىككى توتقۇنغا باشتىن-ئاياغ ئالدىرماي قاراپ، چىققاندىن كىيىن سۇرىدى.
    -ئىسمىڭلار نىمە ؟ قەيەردىن كەلدىڭلار ؟ ئىككى تۇتقۇن چىدىر ئىچىدىكىلەرگە مۇنداقلا قاراپ قويغاندىن كىيىن ، ئۇنىڭ سۆزىنى چۈشەنمىگەندەك بىغەم ھالەتتە تۇردى.
       -ئىھتىمال بۇلار خان ئالىلىرىنىڭ گىپىنى چۈشەنمىدى،- دىدى يولۋاسخان ئۇلارنىڭ ئۇزايىغا قاراپ -بۇ خەخنىڭ تىلنى بىلىدىغان تىلماچ بولسا ئوبدان بۇلاتتىكەن. ئادالەتپاناھ شاھىمىز سۇلتان ئابدۇللاخان ئالىلىرى سەنلەردىن گەپ سوراۋاتىدۇ، - دىدى مىراز باباقبەگ تۇتقۇنلارغا مىقتەك تىكىلىپ- ئەنھەزرىتىمنىڭ گىپىگە جاۋاپ بىرىش، بولمىسا كاللاڭنى ھازىرلا ئالىمەن. بۇ گەپ بىلەن ئۇلارنىڭ چىرايى بىردىنلا ئاقاردى، بۇنى كۈرۈپ مىراز باباقبەگ يەنە گەپ قىلدى.
       - بۇلار بىزنىڭ زۇۋانىمىزنى بىلمەي قالمايدۇ . ئۇ ياقلاردىمۇ بىزنىڭ زۇۋانىمىزنى بىلىدىغانلار ۋە بىزنىڭ تىلىمىزدا سۆزلىشىدىغانلارمۇ كۆپ تۇرسا... گەپ قىلماي تۇرىۋالساق بىزنى ھېچنىمە قىلالمايدۇ دەپ چۆچرىنى خام ساناشما. سەنلەردەك ئۇستاتلىق قىلغانلارنى كۆپ كۆرگەنمەن. ئىززىتىڭنى قىلغاندا، يەنە زۇۋان سۈرۈشمىسەڭ، ئاچچىغىم كىلىپ قالسا، مۇشۇ يەردىلا قوينى بۇغۇزلىغاندەك بۇغۇزلاپ تاشلايمەن.
        مىراز باباقبەگ راستىنلا دىگىنىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىسا كۆڭلى ئەمىن تاپمايدىغاندەك بىلىدىكى تاسمىغا ئۆتكۈزۋالغان، تىزىدا پۇلاڭلاپ تۇرىدىغان كۈن غىلاپتىن كالتە ساپلىق قىلىچنى سۇغاردى. تۇتقۇنلار ئۇنىڭ سۆزىنى راست دەپ ئويلاپ قالدىمۇ قانداق چىرايى بايامقىدىنمۇ بەتەر بۇلۇپ كەتتى. مەن دەي، مەن دەي ،. .
        - كۆزى يۇغانراق، پىشانىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىدە تىرناقتەك چوڭلۇقتىكى تاتۇغى كۆزگە رۇشەن تاشلىنىپ تۇرىدىغان تۇتقۇن تىترەڭگۈ ئاۋازدا چېلىپراق سۆزلىدى. - قېنى سوراڭلار، نېمىنى سورىساڭلار، مەن ھەممىگە جاۋاپ بېرەي. تۇتقۇنلارنىڭ ئېغىز ئاچقىنىنى كۆرۈپ، مىرزا باباقبەگنىڭ چىرايىدا سۇس كۈلكە پارلىدى. بۇنى كۆرۈپ، ئابدۇللا خانمۇ «يارايسىز ئەمىر جاناپلىرى، بۇلارنى ناھايىتى تېزلا ئەيۋەشكە كەلتۈردىڭىز، بۇ ھۈنىرىڭىز كارغا كېلىپ قالدى جۇمۇ... » دىگەندەك بېشىنى لىڭشىتىپ قويغاندىن كېيىن بايىقى سۆزنى يەنە تەكرارلىدى.
        - بىز جۇڭغار قالماقلىرىدىن، باتۇر قونتاجىنىڭ ئوغلى سىڭگىنىڭ لەشكەرلىرى.
        -ئۇنداقتا سىلەر غالداننىڭ جەمەتىدىن ئەمەسما؟، -سورىدى خان كۆڭلىدىكى تۈگۈنچىنى يۇشۇرالماي.
        - ماڭا سۇ بەرسەڭلار، بەك ئۇسساپ كەتتىم. ، -دىدى ھېلىقى سۆزلىگەن تۇتقۇن، -مەن ئۆلىدىغان ئىش بولسىمۇ سۇ ئىچىۋېلىپ سۆزلىسەم
       -مانا ساڭا سۇ... ،-مىرزا باباقبەگ قولىدىكى قىلىچنى تۇتقۇننىڭ بۇينىغا تەڭلىدى،
        -ئەنھەزرىتىم گەپ قىلىۋاتسا، شەرت قويغىنىڭنى قارا. -بولدى، مىرزا باباقبەگ جاناپلىرى، چېچىلمىسىلا، -ئابدۇللاخان ئۇنىڭغا قاراپ قۇلىنى لىڭشىتتى.
        -قايسىڭلار بار، سۇ ئەكىرىڭلار؟

     ( داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يوللىنىدۇ) (ئاپتور: كېرىيە ناھىيىلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.