مەن ئىشىنەلمەيدىغان ھېكايىلەر

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-09 11:54:15

مەن ئىشىنەلمەيدىغان ھېكايىلەركىشىلەر بۇ دۇنيادا مۇنداق ئىككى خىل ئادەم جىنغا يولۇقىشى، جىننى كۆرۈپ باققان بولىشى مۇمكىن دەيدىكەن. بىرى، دۇنيادىن بىخەۋەر ئۆتىدىغان، بىغۇبار ئۆسمۈرلەر، يەنى ب...



      

    مەن ئىشىنەلمەيدىغان ھېكايىلەر

     

    كىشىلەر بۇ دۇنيادا مۇنداق ئىككى خىل ئادەم جىنغا يولۇقىشى، جىننى كۆرۈپ باققان بولىشى مۇمكىن دەيدىكەن. بىرى، دۇنيادىن بىخەۋەر ئۆتىدىغان، بىغۇبار ئۆسمۈرلەر، يەنى بىرى، ياشايدىغىنىنى ياشاپ، بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان قېى-چۆرىلەر ئىكەن. بۇ خىل قاراشنىڭ ئىلمىي ئاساسىي بارمۇ-يق، بۇنىڭغا كېسىپ بىرنېمە دېيەلمەيمەن، ئەمما كىچىكىمدە راستىنل جى يولۇقتۇرغان شۇ بىرنەچچە ئىشىمنى كۆپچىلىككە دەپ بېرەلەيمەن. كۆپچىلىككە بۇنداق غەلىتە ئىشلارنى چوقۇم ئەقىلگە سىغىدۇ دەپمۇ ئېيتالمايمەن، نېمىلا دېمىگەن بىلەن بۇ ئىشلارغا ئۆزۈممۇ ئېنىق بىر چۈشەنچە بېرەلمەيمەن.

     

    بىرىنچى ۋەقە: جىن كۆرۈش

    مەن تېخى ئون ياشقىمۇ توشمىغان ۋاقىتلىرىم ئىدى. بىز بىر قەۋەتلىك، كونا ئۆيدە تۇراتتۇق. ئۆيىمىزمۇ بەكمۇ ئاددىي، ئىچكىرى-تاشقىرى ئىككى ئېغىزلا ئۆي ئىدى. چوڭراق بىر ئېغىزىدا چوڭلار،كىچىكرەكىدە مەن يالغۇز تۇراتتىم. كىچىكلا ئۆزۈم يالغۇز ياتقاچقىمىكىن، كېچىلىرى چىراقنى ئۆچۈرگەندىن كېيىن، قورقۇپ خېلىغىچە ئۇخلىيالمايتتىم. سىياھتەك قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىچىدىن بىر نەرسە ئىزدەيدىغاندەك كۆزلىرىمنى يوغان ئېچىپ ياتاتتىم. بەزىدە تىرىققىدە قىلغان بىر ئاۋازلارمۇ مېنى قورقۇتۇپ جېنىمنى ئالاتتى. دەپ كەلسەم ھەقىقەتەنمۇ قىزىق، نۇرنىڭ چۈشۈشىدىكى گەپمىكىن، ئىشقىلىپ كارىۋىتىمنىڭ ئۇدۇلىدىكى تامدا دائىملا بىر يورۇق نۇر قاپقاراڭغۇ كېچىدە پارقىراپلا تۇراتتى. دەسلەپكى نەچچە كۈندە بۇ كىچىككىنە يورۇق چېكىتنى زادى قەيەردىن قايتقان نۇردۇر، دەپ خېلى تەتقىق قىلىپمۇ باقتىم، كېيىنچە زېرىكىپ، ئۆزلىگىمدىن بۇتەتقىقاتتىن ۋاز كەچكەنىدىم.

    بىر كۈنى يېرىم كېچىدە تۇيۇقسىز ئويغىنىپ كېتىپ، ئۇدۇلۇمدىكى تامدا بىر نەرسىنىڭ تۇرغانلىقىنى بايقاپ قالدىم. دىققەت قىلىپ قاراپ، ئۇ نەرسىنىڭ ئاپئاق نەرسە ئىكەنلىكىنى پەرق ئەتتىم، تېخىمۇ يېقىن كېلىپ قارىغىنمدا ئۇنىڭ بىر دانە كىيىم ئىكەنلىكىنى، توغرىسىنى ئېيتقاندا، ئۇ بىر دانە ئاق رەڭلىك كۆڭلەك ئىدى. ئۇيقۇدىن پۈتۈنلەي ئويغىنىپ كېتەلمىگەن بولسام كېرەك، يېنىك لەپەڭشىپ تۇرغان كۆينەككە خېلى بىرھازاغىچە ھاڭۋېقىپ قاراپ تۇرۇپتىمەن. راست گەپ قىلسام، ئۇ چاغدا مەن ئازراقمۇ قورقۇنچ ھېس قىلماپتىمەن، چۈنكى ئاپام كۈندۈزى سىرتقا يېيىپ قويغان كىيىملىرى قۇرىماي قالسا،  كېچىسى مېنىڭ ئۆيۈمدىكى مۇشۇ تانىغا ئەكىرىپ ئېسىپ قوياتتى. شۇڭا كۆزۈمگە تۇيۇقسىزلا كۆرۈنگەن بۇ كىيىمدىن ئانچە بەك چۆچۈپ كەتمىدىم-دە، تازا بىرنى ئەسنىۋېتىپ قولۇمنى ئۇ كىيىمگە ئۇزاتتىم، ھىي، قىزىق! كۆز ئالدىمدىلا پۇلاڭلاپ تۇرغان كىيىمگە قولۇمنى شۇنچە ئۇزاتساممۇ، قولۇم پەقەتلا يەتمەيۋاتاتتى. ئالدىمغىراق مېڭىپ قولۇمنى يەنە سوزدۇم، كۆز ئالدىمدىلا پۇلاڭلاپ تۇرغان بۇ كىيىمگە قولۇم پەقەتلا تەگكەندەك قىلمايتتى. ئالقانلىرىم سوغۇق تەرلەشكە باشلىدى، خۇددى قىشنىڭ سوغۇق شامىلىدەك بىر شامال يۈزۈمگە ئۇرۇلغاندەك بولغاندىلا، مەن ئۇيقۇچىلىقتىن پۈتۈنلەي سەگەك ھالەتكە ئۆتتۈم. كەينىمگە ئوقتەك ئۆرۈلۈپ، قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن تامنى سىلاپ، چىراغنىڭ يىپىنى ئىزدەشكە باشلىدىم. ئادەتتە ياشتۇقۇمنىڭ ئاستىغا باسۇرىۋالىدىغان بۇ يىپمۇ شۇ تاپتا مەن بىلەن قىيىشىپ، شۇنچە ئىزدىسەممۇ قولۇمغا ئۇرۇلمايۋاتاتتى. كەينىمگە قارىدىم، ھېلىقى قول بىلەن تۇتقىلى بولمايدىغان، جىسمى يوق كۆينەك يەنىلا لەپىلدەپ مۇئەللەقتە ئېسىلىپ تۇراتتى. پۈتۈن بەدىنىمگە توخۇئەت ئۆرلىدى. قورققىنىمدىن شۇنداق بىر ۋارقىراي دەپ تۇرۇشۇمغا، «تاس» قىلىپلا ئۆينىڭ چىرىقى يېنىپ، كۈندۈزدەكلا يورۇپ كەتتى، ھېلىقى يەرگە يەنە قارىغىنىمدا بولسا، نەدىمۇ ئۇنداق بىر ئاق كۆڭلەك بولسۇن؟! پەقەت كىيىم ئاسقۇچلا تانىدا لىڭشىپ تۇراتتى.

    ئەتىسى ئەتىگەندىلا ئاپام كايىشقا باشلىدى:

    -بىر كېچە چىرىقىڭنى ئۆچۈرمىدىڭ؟ توكنى ئىسراپ قىلىپ!

    توۋا، مەن نېمە دېيەلەيمەن؟ دېسەممۇ كىم ئىشىنىدۇ، دەيسىز؟ شۇنىڭدىن كېيىن كېچىسى چىرىغىمنىڭ يىپىنى كارىۋىتىمنىڭ بېشىغا چىگىۋالىدىغان بولدۇم ھەمدە بېشىمغا پىچاق قويۇپ ياتىدىغان بولدۇم. 

     

    ئىككىنچى ھېكايە: قارا بېسىش

    مەنچە كىمنىلا بولمىسۇن قارا بېسىپ باققان بولىشى مۇمكىن.  چۈشىمىزدە بەكمۇ قورقۇنچلۇق بىر ئەھۋالغا دۇچار بولۇپ، قورقۇپ يۈرىگىمىز چىقىپ كېتەي دېسىمۇ، قانداقلا قىلايلى بۇ چۈشتىن پەقەتلا ئويغىنالماي قالىمىز. مەيدىمىزنى غايەت زور ئېغىرلىقتىكى نەرسە بېسىۋالغاندەك بولۇپ، نەپەسمۇ ئالالماي قالىمىز. گەرچى مىڭ تەسلىكتە ئويغىنالىغان بولساقمۇ، يۈرۈگىمىز دەھشەت سوقۇپ، پۈتۈن بەدىنىمىز چىپ-چىپ تەردىن ھۆل بولۇپ خېلى بىر ۋاقىتلارغىچە ھاسىرەپ كېتىمىز. مېنىمۇ مۇشۇنداق بىر دەھشەت قارىدىن  بىرسى بېسىپ باققان. بەلكىم ئەينى چاغدىكى مەنزىرىنىڭ بەكمۇ راست، چىن بولغانلىقىدىنمىكىن، بۇ چۈشنى تا ھازىرغىچە پەقەتلا ئۇنتۇيالمىدىم. ئۇ مەنزىرە، ئۇ كۆرۈنۈشلەر شۇنچىلىك راست ئىكەنكى، مەن ئۆزۈمنىڭ پەقەتلا بىر چۈش كۆرۈۋاتقانلىقىمنى، ئاپامنىڭمۇ يېنىمدىلا ئىكەنلىكىنى بىلسەممۇ، بۇ قارا چۈشتىن پەقەتلا ئويغىنالمىغانىدىم. شۇ ۋاقىتتىكى تۇيغۇم، شۇ ھېسسىياتىمنى ھازىر ئويلىساممۇ، تەنلىرىم ئىختىيارسىز جۇغۇلداپ كېتىدۇ.

    ئالدى بىلەن شۇ ۋاقىتتا تۇرغان ئۆيىمىزنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي. ئەينى چاغدىكى ئۆيىمىز تولىمۇ كونا، دېھقانلار ئۆزلىرى سېلىۋالغان ئۆيلەر ئىدى. ئۇ چاغدا، ئانا-بالا ئىككىمىز بۇ شەھەرگە ئەمدىلا كېلىپ، بېشىمىزنى تىققۇدەك يەر ئىزدەپ، مۇشۇ ئۆيگە ۋاقتىنچە ئورۇنلاشقانىدۇق. خوشنا ئۆيدە بىر ئايال ئەمدىلا تۇغۇلغان بالىسى بىلەن يالغۇز تۇراتتى. بۇ بوۋاق تازىمۇ غەلىتە ئىدى. تۇرۇپلا شۇنداق قاتتىق ئەسەبىي ھالدا يىغلاپ كېتەتتىكى، قانداقلا قىلىپ توختاتقىلى بولمايتتى. كەچلىرى بىزنىڭ ئۇيقىمىزنىمۇ ئۇيقۇ قىلمايتتى. ئاپام بۇ توغۇرلۇق ئۇ ئايالغا ئاز-تولا گەپ قىلغىنىدا، ئۇ ئايال غەلىتىلا بىر تەرىزدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان جاۋابتىن بىرنى قىلدى:

    -ئۆيدە جىن  بار، بالا شۇنىڭغا يىغلايدۇ.

    شۇنىڭدىن كېيىن ئاپام ئۇ ئايالنىڭ كاللىسى جايىدا ئەمەس دەپ ئويلىدى بولغاي، مېنىمۇ ئۇ ئايالغا گەپ قىلغۇزماسلا بولدى.

    ئۇزۇن ئۆتمەي، بىر كۈنى كېچىسى مەن بەكمۇ غەلىتە چۈشتىن بىرنى كۆردۈم. چۈشۈمدە كارىۋېتىمدا بىر ئايالنىڭ يانچە ياتقىنىنى كۆردۈم، ئايالمۇ، ئەمەسمۇ بىر نېمە دېيەلمەيمەن، ئەمما چېچى بەك ئۇزۇن، ھەتتا يۈزلىرىنىمۇ توشۇۋالغانىدى، كىيىملىرى جۇل-جۇل، خۇددى يىرتىق رەختلەرنى ئۈستىگە ئارتىۋالغاندەكلا ئىدى. ئۇ كۈندىكى چۈشۈمدە بىر كېچە شۇ ئايال بىلەن پاراڭلاشتىم، كونكېرت نېمە مەزمۇندا پاراڭلاشقىنىم ئېسىمدە يوق، ئەمما پاراڭلاشقىنىم ئېنىق ئىدى.

    بەلكىم مەن بۇ چۈشنى ئاللىبۇرۇنلا ئۇنتۇپ كېتىشىم كېرەك بولغۇيتتى، چۈنكى بۇ چۈشنىڭمۇ ئۇنتۇپ قالمىغۇدەك ئۇنچىۋالا بىر يېرى يوق. ئەمما شۇ چۈشنى كۆرۈپ ئىككىنچى كۈن كېچىسى مۇنداق بىر ئىش يۈز بەرمىگەن بولسا، مەنمۇ بۇيەردە بۇنداق ئەستايىدىل ھالدا بۇ چۈشنى ئويلاپ يۈرمىگەن بولاتتىم.

    ئەتىسى كېچىسى، يەنى ھېلىقى چۈشنى كۆرۈپ ئىككىنچى كۈنى كېچىسى، مەن بۇرۇنقىدەكلا چۈش دۇنياسىغا شۇڭغۇغانىدىم. ئۇخلا-ئۇخلا ھېلىقى ئايال يەنە پەيدا بولدى. ئۇ ئايال مېنىڭ باش تەرىپىمدە، يوغان يۈزلىرىنى ماڭا قاراتقىنىچە تۇراتتى. بېشىدا ئانچە بەك چۆچۈپمۇ كەتمىدىم. بەلكىم شۇ تۈنۈگۈنكى چۈشۈمگە ئوخشاشلا بىر چۈشتۇر، چۈش دېگەن كۈندە مۇشۇنداق ئالمىشىپ تۇرىدىغان گەپ-تە، دەپ ئويلىدىم. ئەمما بىردەمدىن كېيىنلا ئۇ قولىنى ماڭا ئاستا ئۇزاتقىنىچە ئۆز-ئۆزىگە:

    -سېنى قۇچاقلاپ قوياي، سېنى قۇچاقلاپ قوياي...

    دەپ قايتا-قايتا پىچىرلىغاندەك ئاۋاز چىقاردى. ئۇنىڭ قولى ماڭا تېگەي دېگەندە، مەن قاتتىق چۆچۈپلا ئويغىنىپ كەتكەندەك بولدۇم، ئەمەلىيەتتە مەن يەنىلا شۇ چۈشنىڭ ئىچىدە ئىدىم. چۈنكى مەن ئۇنىڭ بىر جۈپ قورقۇنچلۇق قولىنىڭ ماڭا يەنىلا ئاستا-ئاستا يېقىنلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. مەن ھەتتا ئۇنىڭ قولىنىڭ مەيدەمگە ئاستا تەگكەندىكى مۇزدەك سوغۇق تۇيغۇسىنىمۇ سېزىشكە باشلىدىم. راست! بەكلا سوغۇق! مەن ئۇ چاغدا دەھشەت قورققىنىمدىن ھېچنىمە قىلىشقا ماجالىم يەتمىگەندەكلا ئىدى. مەن ئۆزۈمنىڭ چۈش كۆرۈۋاتقانلىقىنى، ئاپامنىڭمۇ يېنىمدىلا ئىكەنلىكىنى بىلىمەن، ئەمما مەن بۇ چاغدا قاتتۇرۇپ قويغاندەكلا ئىدىم. گەپكە ئېغىزىم، ھەرىكەتكە قولۇم بارمايتتى.

    -ئاپا! ئاپا!

    دېمەكچى بولۇپ، نىدا قىلاتتىميۇ، ئەمما ئاۋازىم يۇتقۇنچىقىمدىن يۇقىرىغا ئۆتەلمەيتتى. ئۇ چااغدىكى ھېسسىياتىم بەكمۇ بەكمۇ قورقۇنچلۇق. كۆزۈمنىڭ ئالدىدىلا بىر ئايال جىن تۇراتتى، ئەمما مەن ھېچنەرگە قاچالمايتتىم. قورققىنىم بىلەنمۇ ھېچقانداق ئامال قىلالمايتتىم. تەڭرىگە شۈكرى، ئەڭ ئاخىرقى كۈچەپ بىر ۋارقىرىشىمدا، ئاۋازىم ئاخىرى تېشىغا چىقتى:

    -ئاپا!

    كەينىدىن ئۆزۈممۇ ئويغىنىپ كەتتىم. بايامقى قورقۇنچنىڭ تەسىرى بولسا كېرەك، ئويغىنىپ كېتىپمۇ يەنە بىر قېتىم «ئاپا!» دەپ ۋارقىرىۋەتتىم. ئاپاممۇ چۆچۈپ ئويغىنىپ نېمە بولغانلىقىنى ئەنسىزلىك بىلەن سورىدى. گەرچە پۈتۈن بەدىنىمدىن سوغۇق تەر چىقىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بىرخىل ھەيران قالارلىق سوغۇققانلىق بىلەن:

    -ئاپا، مېنى قارا  بېسىپ قاپتۇ!- دېدىم.

    شۇنىڭدىن كېيىن بىزنىڭ ھېلىقى بوۋىقى بار ئايال خوشنىمىز بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىز ئالاھىدىلا ياخشى بولۇپ قالدى.

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يۇسران ھېكايە _