نۇسرەت كۆكىدىكى تۇمان(4) (پوۋسىت)

يوللىغۇچى : ilterish يوللىغان ۋاقىت : 2009-04-19 13:41:00

نۇسرەت كۆكىدىكى تۇمان(4) (پوۋسىت) مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىم شۇئان بىر لەشكەر بىر يۇغان بىر ھىجىردا لىققىدە سۇ كۈتۈرۈپ كىردى- دە، ھىجىرنى پۇت- قۇللىرىنى باغلانغان چىرىكنىڭ لىۋىگە تەككۈزدى، چىرىك سۇنى...

    نۇسرەت كۆكىدىكى تۇمان(4) (پوۋسىت)

     مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىم

            شۇئان بىر لەشكەر بىر يۇغان بىر ھىجىردا لىققىدە سۇ كۈتۈرۈپ كىردى- دە، ھىجىرنى پۇت- قۇللىرىنى باغلانغان چىرىكنىڭ لىۋىگە تەككۈزدى، چىرىك سۇنى ئالدىرماي ئىچىپ تۈگەتكەندىن كىيىن، چوڭ بىر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىپ، بارلىق غەم-غۇسسلاردىن ئازات بولغاندەك، يىنىك تىن ئالغاندىن كىيىن سۆزلەشكە باشلىدى. -جاناپلىرى سۇرىغان غالدامە بىز بىلەن بىر قۇۋمىدىن ئەمەس. قەبىلىمىزدىكى ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەرنىڭ دىيىشچە بىز ئويرات مۇڭغۇلىرىدىن بۇلۈپ ،چاغاتاي خانلىقىدىكى تۇغلۇق تۈمۈرخان ئىلبالىقتا پۈتكۈل موڭغۇل ئۇلۇسىنى ئىسلام دىنغا ئىتىقات قىلىدۇرغاندىن كىيىن، چاغاتايخان ئەۋلاتلىرى ھامىيلىقتىكى موڭغۇل خەلقى ئىسلام دىننى قوبۇل قىلدى، بىراق ئالتاي تاغلىرىنىڭ شىمالىي، قومۇل، تۇرپان ئەتراپىدا قالغان ئويرات موڭغۇلىرى ئۆز ئىتىقاتىدا قالدى. شۇڭا بىزنى ئۆز ئىتىقاتىدا قالغانلار دىگەن مەنىدە «قالماق» دەپ ئاتىشىدۇ. بىزنىڭ ئەجدادىمىز كىيىن، تەڭرى تېغنىڭ شىمالىغا زور كۈلەملىك كۈچۈپ كەلگەنلەر بۇلۇپ، كىيىن جوڭغار نامى بىلەن باغلانغان ئىكەنمىز. مەن تۇغۇلغان يىللاردا قەبىلە باشلىقى قارا قۇللا ئۈلۈپ كىتىپ، ئۇنىڭ ئۇرنىغا ئوغلى قۇنتەيجى تەخىتكە چىقتى. بۇنىڭدىن ئىككى يىل ئىلگىرى ئۇمۇ قازا قىلىپ كىتىپ، باتۇر فۇنتەيچىنىڭ بەشىجى ئوغلى سىڭگى دادىسىنىڭ ئورنىنى ئىگەللىدى. سىڭگىنىڭ غالدان ئىسىملىك بىر ئىنىسى بار. ئەمما ئۇ سىلى دىگەن غالدامە ئەمەس.
       -ئۇنداقتا غالدامە راستىنلا سىلەر بىلەن بىر ئەمەسما؟
       -شۇنداق ئالىلىرى، غالدامە خۇشۇت قەبىلىنىڭ باشلىغى... -ئۇنداقتا سىلەر بۇ تەرەپكە نىمە مەخسەتتە كەلدىڭلار؟
       -بىز بۇ تەرەپكە يولغا چىقىشتىن خېلى بۇرۇن غالدامەنىڭ ئاقسۇ، قەشقەرلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، جەڭدە ئېغىر تالاپەت تارتىپ، ئاخىرى سۇلھى قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق، سىڭگىنىڭ يېقىنلىرىدىن ئاڭلىغان، ئىشەنچىلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان يىرىدىن چاچراپ تۇرۇپ كىتىپتۇ. «غالدامە بىز مۇڭغۇللارنىڭ يۈزىمىزنى تۆكتى. بۇنىڭدىن كىيىن بىز قانداقمۇ چوڭراق ئىش تەۋرىتەلەيمز. مەن بۇ داغنى چۇقۇم يۇيىمەن،» دەپ خېلى چىچاڭشىپ كەتكەنمىش ۋە بۇ تەرەپكە ھۇجۇم قىلىپ، بۇ ئارنۇمۇسنى يۇيۇشقا قەسەم ئىچكەنمىش.
       -سىڭگى قانچىلىك لەشكەر بىلەن كەلدى ؟. - سۇرىدى يولۋاسخان تۇتقۇندىن
       ـ بەش مىڭ ئاتلىق چىرىك بىلەن.
    -ئوزۇق- تۈلۈكۈڭلەر چۇ ؟ بىر-ئىككى ئايغا يىتەمدۇ ؟... باياتىن بىرى سۆزلەۋاتقان تۇتقۇن شىرىكىگە دەيمۇ قانداق دىگەندەك قارىدىيۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئىپادىسىسز تۇرغانلىقىنى، مىرزا باباقبەگنىڭ ھېلىھەم قىلىچىنى چىڭ قاماللاپ تۇرىۋاتقان كۆرۈپ، نائىلاچ قالغاندەك سەلگىنە تۇرىۋالغاندىن كىيىن ئېغىز ئاچتى.
        -يۇل ئۇزۇن بولغاچقا، كۆپ تەييارلىق بىلەن يولغا چىقمىغان. ئۇيەر-بۇيەردىن ئالغان ئولجىلار ئون-ئونبەش كۈنگە يىتەرمىكىن. ئابدۇللاخان بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، نىمىشقىدۇر خاۋاتسىزلەنگەندەك قوللىرىدىن قاس چىقىرىپ قۇيۇپ، خىيال سۈرگەندەك بىردەم جىم بۇلۇپ قالغاندىن كىيىن قۇلىنى لىڭشىتتى.
    -ئېلىپ چىقىپ كىتىپ، ئوبدان قاراڭلار... لەشكەرلەر تۇتقۇنلارنى ئېلىپ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن، باياتىندىن بىرى بۇلىۋاتقان پاراڭلارغا ئارلاىشماي ئولتۇرغان ئەبەيدۇللا سۇلتان ئالدىراپ سورىدى. .
    -ئەمدى قانداق قىلساق بۇلار، ئەنھەزىرىتىم ؟ ياغى بىزدىن كۆپ ئىكەن. مۇنداقلا ئېلىشساق ئۇلارغا تەك كېلەلمەيمىز.
    -بولدى. بۇ ئىشلاردىن تۇلا خاۋاتسىزلەنمەڭ، -دىدى ئابدۇللاخان نەۋرىسىنلا تىزىغا بوشقىنە شاپالاقلاپ قۇيۇپ،- ۋاقتى كەلگەندە، ھەممە ئىش ئوڭشىلىدۇ. ماڭا سەپەر ھاردۇقى يەتكەن ئوخشايدۇ. ھازىرچە ئارام ئالايلى. بۇ ئىشلارنى ئەتە كېڭەش قىلغايمىز. بۇ گەپ بىلەن تەڭلا يۇلۋاسخان دادىسىغا قارىدىيۇ، يول بۇيى ئويلاپ كۆڭۈل تۈگىچىگە تۈگكەن گەپلەرنى ئۇنىڭغا دىگەن تەقدىردىمۇ بۈگۈن ئۆز كۆڭلىدىكىدەك جاۋاپقا ئىرىشەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدى بولغاي ئورنىدىن تۇردى. بۇنى كۆرۈپ ئەبەيدۇللا سۇلتانمۇ سۇڭداشتى.
        -ئوبدان ئارام ئالسىلا، ئەنھەزىرىتىم، بىز چىقايلى. يولۋاسخان شۇ گەپلەرنى دىگەچ،« ئۇ مىنى سەن قال، قەشقەرنىڭ ئەھۋالىنى تەپسىلى بايان قىل» دەپ قالارمۇ دىگەندەك تەمە بىلەن ئابدۇللاخاننىڭ چىرايىغا ئۈمىد بىلەن قارىدىيۇ، ئەمما ئۇنىڭ لام-جىم دىمەي ئولتۇرۇغىنىنى كۆرۈپ، نائىلاج بارگاھى ئالىيىدىن ئوغلىنى ئەگەشتۈرۈرگىنچە چىقىپ كەتتى.

    8

       شەرق تەرەپ بېلىق قاسرىقىدەك ئاقىرىشقا باشلىغاندا ئورنىدىن تۇرغان ئابدۇللاخان بارگاھى ئالىينىڭ يۇقۇرى تەرىپىدىكى قومۇشلۇقتا خېلى ئۇزۇن تۇردى. سەلكىن شامال ئەمدىلا بۈيۈك چىقىرىشقا باشلىغان قۇمۇشلارنى يىنىك تەۋرىتەتتى. سەھەرنىڭ ئىللىق شامىلى خانىنىڭ، ئۇنىڭدىن بەش-ئالتە قەدەم نىرىسىدا ئەتراپنى سەگەكلىك بىلەن كۈزۈتۈپ تۇرغان نۆكەرلەرنىڭ يۈزىنى سىپاپ ئۈتۇپ، ئاجايىپ بىر خىل سالقىنلىق بەخىش ئىتىپ تىنىگە ھۇزۇر بىغىشلايتىتى. يىراقتىن-قۇمۇشلۇقنىڭ يۇقىرى تەرىپىدىن قۇشلارنىڭ سايرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتىتى. بارگاھ تەرىپىدىن كۆتۈرگەن كۇكۇس ئىس سەلكىن شامالدا خۇددى يىلاندەك تۇلغىنىپ، زەررىچە بۇلۇت يۇق ئاسمانغا كۈتۈرىلەتتى. خان كۆز يەتكۈدەك يىراقلىقتىكى كۆچۈم مەھەللەتەرەپكە قاراپ ئاللىنىملەرنى خىيال قىلغاندەك، بىشىنى ئىفىتىپ قۇيۇپ، كەينىگە بۇرۇلدىيۇ، ئەمما ئۆزى تەرەپكە كىلىۋاتقان مىرزا باباقبەگنى كۆرۈپ ........ شۇنىڭغىچىلىك ئىككى نۆكەرنىڭ ھىمايىسىدە خان تەرەپكە كېىلىۋاتقان مىرزا باباقبەگمۇ قەدىمىنى ئىلداملىتىپ، خاننىڭ قېشىغا كىلىپ توختىدى-دە، ئوڭ قۇلىنى كۆكسىگە قۇيۇپ، تەئەززۇ بىلەن ئىگىلىدى.
        -مەرھابا ئەنھەزىرىتىم، تىنىچ ئامان قوپۇپلىمۇ ؟، سەپەر ھاردۇقى چىقىپ قالغاندەكمۇ؟
       -يامان ئەمەس، مىرزا باباقبەگ جاناپلىرى، ھەر ھالدا ياخشى. كىچىدىن لايدەك ئىزىلىپ ئوخلاپتىمەن. تاس قاپتىمەن دىسىلە تېخى، بامداتنى قازا قىلغىلى. ھېلىمۇ چۈش كۈرۈپ، ئويغۇنۇپ كەتتىم. ئۇنىڭدىن كىيىن مانا ماۋۇ ھاۋاسى ساپ، سەھىرى تۇلىمۇ جىمجىت يەرنى كۆڭلۈم خالاپ، بىر بېسىپ،ئىككى بېسىپ خېلى ئايلاندىم. قارىسام بۇ يەر بىز بىرنەچچە يىل ئىلگىرى سەپەر قىلغان موڭغۇل، قىپچاق دالالىرىغا ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدىكەن.
     -ئارى، تۇلىمۇ بەلەن گەپ قىلدىلا ئادالەتپاناھىم، بۇ يەرنىڭ ھەممىلا نىمىنى- يېرى، تۇپرىقى، دەل-دەرەخ ،ئۈسۈملۈكلىرى، ھەتتا ئادەملەرمۇ باشقا جايلاردىكىگە تەمەت ئوخشىمايدىكەن. بۇلۇپمۇ ئادەملىرى كىچىك پئىىل، خوشچىراي، مىھماندۇس، چاي خۇمار بۇلۇپ، بىراۋ بىلەن تۇنۇشمىسۇن. بىرلا قېتىم كۆرۈشكەن كۆرگەن ئادەمنى ئۆيىگە باشلاپ، مىھمان قىلمىغۇچە كۆڭلى ئارام تاپمايدىكەن.
    -ئوھۇي، بۇ يەرنى ياقتۇرۇپ قالغان ئوخشاملا ئەمىرىم، - دىدى ئابدۇللاخان كۈلۈپ، -تۈنۈگۈنمۇ بۇ ھەقتە زوخ-شوخ بىلەن سۆزلىدىلە. مانا ئەمدى بۈگۈنمۇ يېڭى ئوچۇرلاردىن خەۋەردار بۇلىۋاتىمەن. قارىغاندا بۇ يەرگە كۆڭۈللىرى چۈشۈپ قالدىمۇ قانداق؟
        -يۇقسۇ، ھۆددەس ئۇنداق ئەمەس، بۇ دىگەن سۇلتان ئابدۇرىشىت خاننىڭ ئوغلى ئەبۇ سەئىد مىرزىنىڭ ۋەخپە يىرى ئەنھەزىرىتىم، ئۇش بۇ خانزادەمنىڭ رىسىق نىسۋىسىگە كۆز قىزارتىشقا بىشىم ئون ئەمەس ھەم پىقىرنىڭ ئۇنداق خىياللارنى قىلىشى تېئىمۇ مومكىن ئەمەس. ئالىمادىس شۇنداق ئويلاردا بۇلۈپ قالساممۇ، نىزا، خۇسىمەت ئىرىقلىرىدا ئۈلۈپ قالساممۇ، ئۇنىڭدىن باشقا ھەر قانداق دىشۋارچىلىقلارغا ئۇچرايدىغىنىم ئەنھەزىرىتىمگىمۇ ئاياقتىكى ئاشتەك ئايان...
       -ئوھۇ، جەڭگاھلاردا ياۋنىڭ ھۇڭا-سۈرەنلىردىن، قىلىچ-نەيزىلەرنىڭ جاننى ئالىدىغان ھۇجۇملىرىدىن قوقماي ئولجىغا ئۆزىنى ئاتقان يولۋاستەك ئېتىلىپلا تۇرىدىغان شىر سۈپەت ئەمىرنىڭ نىزا-خۇسىمەتتىن جاللاتنىڭ ئالدىدىكى بىشى ئېلىنىش ئالدىدا تۇرغان گۇناھكار تۇتقاندەك قۇرققىنى قىزىق.
        -ئىككىسى ئىككى ئىش ئالىلىرى. جەڭگاھتا يا ئۈلۈم يا كۈرۈم پىشانە تەقدىر سەۋەبىدىن ئەقىل-پاراسەت. كۈچ-قۇۋۋەت بولسىلا نۇسرەت قازانغىلى بۇلىدۇ. بولمىسا رەقىپنىڭ قۇلىدا جان تەسەددۇت قىلماقتىن باشقا ئامال يۇق. ئەمما نىزا ئۆچەكىشىشىتە بولسا، يا جان چىقمىغان، يا كۆڭۈل ئارامىدا بۇلمىغان، يۇشۇرۇن پۇت تېپىشىشلەر، غەيرەتخۇرلۇق ، ئوششاق سۆزلۈك سەۋەبىدىن ئادەم ئۆزىنىڭ ئىچ باغرىنى ئۆزى تىتىپ يەپ، كۈندۈزدىكى غىزا، كىچىدىكى ئۇيقىنى تەرك ئەتكەن. شۇڭا ئالدىنقىسىنىڭ زەربىسىدىن كىيىنكىسىنىڭ دەردى بالاسى كۆپتۇر...
        -بەرھەق، ئەلھۆكمۇللا تۇغرا گەپ... ، مەن ئۆزلىرىنى قانداق دەيدىكىن دەپ سىناپ باققان مىرزا باباقبەگ جاناپلىرى. بولدى، كۆڭۈللىرىگە ئېلىپ كەتمىسىلە. بۇنى چاقچاق دەپ چۈشەنسىلە، چاقچاق...
        ئابدۇللاخاننىڭ بۇ سۆزى بىلەن كۆڭلىدىكى گۇمانلىرى تارقاپ سەل يىنىكلەپ قالغان مىرزا باباقبەگ بىشىنى كۆتۈرۈپ خانغا دېدىللىق بىلەن تىكىلدى.
        -ئاخشامقى تۇتقۇنلار قانداقراق؟. -سورىدى خان ئۇشتۇمتۇت،-ئۇلار ئامان ئىسەندۇ ؟
       -ئامان ئىسەن ، ئەنھەزىرىتىم تېخى بايىلا ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆردۈم. لەشكەرنىڭ ھىمايىسىدە ھىلىھەم ھايات. -تۇلىمۇ بەلەن ئىش بوپتۇ، سىلىنىڭچە ئۇلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلساق بۇلار ؟،خان مىراز باباقبەگ تىكىلدى . مىرزا باباقبەگمۇ ئەسلى مۇشۇ ىشنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ئابدۇللاخاننى ئىزلەپ، بارگاھى ئالىيغا بارغاندا، قۇرۇقچى نۆكەرلەردىن ئۇنىڭ ئالاگاگۇمدا چىغىر يول بۇيلاپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ تاپ بىسىپ مۇشۇ قۇمۇشلۇق دۆڭگە ئىزلەپ كەلگەن ئىدى.مانا ئەمدى خاننىڭ ئۆزىدىن بۇرۇن چىقىپ ئېغىز ئاچقانلىقىنى كۆرۈپ، تىزلا جاۋاپ بەردى،
       -ئەنھەزىرىتىمنىڭ باشقا مۇددىئاسى بولمىسا قۇيۇۋەتسەك بۇلارمىكىن !- بۇ گەپ بىلەن خاننىڭ كۆزى بىردىنلا نۇرلىنىپ كەتتى، -شۇنداقتىمۇ يەنە تىزلا ئۆز ھېسياتىنى يۇشۇرۇپ، ئاسماقچىلاپ سورىدى.
        -بۇ تۇغرىسىدىكى خىياللىرى نىمىكىن؟
       -ئىككى تۇتقۇن بۇ يەرگە مەجبۇرى كەلگەن ئالىلىرى . ئۇلارنىڭمۇ ئىختىيارىچە بولسا، خاتىرجەم ھالدا ئورۇق- تۇققان، قۇۋمى-قىرىنداشلىرى بىلەن تىرىكچىلىك قىلغۇسى بار. ئەمما سىڭگى ئۇلارنى مۇشۇ يەرگە باشلاپ كەلدى. بىراق ئولار ئويلىمىغان يەردىن بىزگە تۇتۇلدى ھېلىمۇ ئۇلار ھازىرغىچە تىرىك ياشاۋاتقان بىلەن ھاياتىدىن ئۈمىد ئۈزگەن شۇڭا ئۇ ئىككىسىگە قايتا ھاياتلىق بەرسەك، كىيىنكى ئىشلارغا پايدىسى بۇلارمىكىن.
       -ئارى، بەلەن گەپ. مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان ئىدىم. ئىككىمىزنىڭ خىيالى بىر يەردىن چىقتى.بۇ ئىشنى شۇنداق قىلايلى ئەمىسە.... ھە راسىت. ئۇلارغا ئوبدانراق گەپ قىلىپ قۇيۇپ بىرىڭ.
       -ئەنھەزىرىتىم خاتىرجەم بولغاي، بۇ ئىشنى كۆڭۈللىرىدىكىدەك بىجىرىمەن. ئۇلار بۇ ھەقتە يەنە بىردەم سۆزلەشكەندىن كىيىن بارگاھى ئالىيغا قايتىپ كەلگەندە ،يولۋاسخان ئەبەيدۇللا سۇلتانلا خاننىڭ قايتىپ كىلىشىنى كۈتۈپ تۇرىۋاتقان ئىدى، شۇڭا ئۇلار چىدىر ئىچىگە كىرىشى بىلەنلا بىكاۋۇل بەگ تىزلىكتە داستۇرغان تەييارلاپ ناشتىلىقلارنى تىزىشقا باشلىدى.
        - ئەمدى قانداق قىلساق بولار ئەنھەزىرتىم.-سورىدى يولۋاسخان ناشتا قىلىپ ،داستىرخان ھۆرمىتىگە قىلىنغان قىسقىلا دۇئادىن كىيىن ، ئالدىراپ ئېغىز ئېچىپ، - ئاخشام خۇدا بەردى بەگ ئەبەيدۇللا سۇلتانلار بىلەن ئېغىر ياتقۇ مەھەللىگىچە ياۋغا قارشى جەڭ تەدبىرلىرى ھەققىدە كېڭەشتۇق. گەرچە لايسۇ خانلىقىمىزنىڭ ۋەخىپە زېمىنى، ساداقەتمەن كىشىلىرىمىز كۆپ، ئۇرۇق-تۈلۈك غەملەشكە شارائىتى ياخشى جاي بۇلسىمۇ، ئەمما يەنىلا جەڭ قىلىشقا قۇلايسىز ھەم ياۋ بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىش پۇرسىتى ئاز بۇلۇشتەك تەرەپلىرى كۆپ ئىكەن، ئەڭ مۇھىمى كېرىيە تەرەپتە ئاھالىلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان بولغاچقا، ئىككى تەرەپ تۇتۇشۇپلا قالساق، ئەل رەئىيەتنىڭ چىقىمى بىزنىڭكىدەك كۆپ بۇلىدىكەن، شۇڭا ئالدى تەرەپكە يۈرۈش قىلساق قانداق بۇلار؟
       ئابدۇللاخان بۇنىڭغا ئالدىراپ جاۋاپ بەرمىدى. -دە، ئوغلى ، نەۋرىسى ، خۇدا بەردى ھاكىمبەگلەرگە قاراپ قويغاندىن كىيىن «سىزنىڭ قانداق ئاقىل مەسلىھەتىڭىز بار مىرزا باباقبەگ جاناپلىرى، قېنى سىزمۇ بىر نىمە دەپ بېقىڭ » دىگەندەك ئۆزىنىڭ ئۇدۇلىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرغىچە ئاللىقانداق بىر ئىشنى خىيال قىلىۋاتقاندەك ئولتۇرغان مىرزا باباقبەگكە تىكىلدى.بۇنى كۆرۈپ ئۇمۇ سەل تەۋرىنىپ قويدى- دە سەل تەڭلىكتە قالغاندەك ئالدىرىماي ئېغىز ئاچتى.
       -بۇ تۇلىمۇ دانا تەدبىر بولدى ئالىلىرى شاھزادە ئالىلىرىنىڭ تەلىۋىنى ئويلىنىپ كۆرگەيلا.
        -ئاخشام ياۋنىڭ ئەھۋالىنى ھەممىڭلار ئۆز قۇلۇقىڭلار بىلەن ئاڭلىدىڭلار، ئۇلار بىزەىن كۆپ، ھەم كۈچلۈك، ھازىر بىزنىڭ قۇشۇنىمىزنىڭ ئادەم سانى ئۇلارنىڭ يېرىمىغىمۇ تەڭ كەلمەيدۇ.شۇڭا دەرھال قۇشۇن يۆتكەپ كەلسەك قانداق بۇلار ؟. - دىدى ئابدۇللاخان قۇشۇمىسىنى تۇرۇپ.
       - -ئەنھەزىرىتىمگە مەلۇم بولغاي، - مىرزا باباقبەگ ئالدىراپ ئېغىز ئاچتى، -بىزمۇ ئالىلىرى كىلىشتىن ئىلگىرى بۇ ئىشنى ئەبەيدۇللا سۇلتان،خۇدابەردى ھاكىمبەگ بىلەن كۆپ كېڭەشتۇق .ئاستانىدىن ياكى خۇتەندىن لەشكەر يۆتكەپ كەلسەك،لەشكىرى تەمىناتىدىن باشقا بۇنىڭغا خېلى ۋاقىت كەتكۈدەك، بىراق بۇنىڭغا ياۋ پۇرسەت بىرەمدۇ، بەرمەمدۇ ئۇققىلى بولمايدۇ. ئاخىرى يەرلىكتىن قۇشۇن تەشكىللەش ھەققىدە پىكىر بىرلىككە كەلدۇق-دە، يۇرۇتمۇ-يۇرۇت جاكارچى ئىۋەرتتۇق .ھازىر كېرىيەنىڭ لەشكىرى ئىشلارغا پىششىق ئۇستا مەرگەنلىرى نۇرغۇن پىدائىيلارنى تەشكىللەپ ئۆزلىرىنى مەلۇم قىلدى.ئۇلارمۇ ئالاھەزەل بىرەر مىڭ كىشىدىن ئاشىدۇ.شۇڭا لەشكىرى ئىشلار مەسىلىسىدىن خاتىرجەم بولغايلا...
        -ئوھوي ،شۇنداقمۇ ئىشلار بولدىمۇ تېخى؟سورىدى ئابدۇللا خان ھەيران بولغاندەك سىيەكتىن بىجەن پالۋان. قارلۇقتىن ئىسكەندەر پالۋان، سوقتىياقلىق كۆچەت پالۋان دىگەن ئادەملەر ئىكەن. ئۇلارنىڭ جەڭۋازلىق ماھارىتى يۇقىرى بۇلۈپ. خېلى مەن-مەن دىگەن سالغۇنلارنىڭمۇ كۆزىنى ئالاچەكمەن قىلىۋېتىشىدە گەپ يوق. ئۇلارمۇ بۇ يۇرۇتتا ئاۋامنىڭ ئىخلاس ئەقىدىسىگە ئىرىشكەن كىشىلەر بولغاچقا، ئۆزىگە چۇشلۇق ئەگەشكۈچىلىرى بار ئىكەن.
        - بەلەن بۇپتۇ.ئۇنداقتا بۇ غەمدىنمۇ خالاس بوپتۇق. قېنى ئېتىسىلا قارارگاھنى يۈتكىمىسەك بولماسمۇ زادى؟
       -يۈتكەيلى، نايىپ خان شاھزادەمىنىڭ تەۋسىيىسى ئورۇنلۇق... -ھەر قايسىڭلار شۇنداق خىيالدا بۇلساڭلار، بۈگۈنلا ئاتلىنايلى.- دىدى ئابدۇللا خان بۇ گەپنى قۇشۇلغاندەك بېشىنى لىڭشىتىپ. ئارىدىن بىرەر ئاشپىشىمدەك ۋاقىت ئۆتكەندە،چىدىر بارىگاھلار يىغىشتۇرۇلۇپ، قۇشۇن ئاتلاندى. ئەڭ ئالدىدا كىتىۋاتقان تۇغچى قۇشۇندىكى لەشكەرلەرنىڭ قۇلىدىكى تۇغلار ئىزغىرىدىن شامالدا تىنماي لەپىلدەيتتى، ئۇنىڭ كەينىدىن ئاتلىقلار ماڭغان بۇلۇپ ، ئابدۇللا خانمۇ شۇلارنىڭ سىپىدە ئىدى، ئۇ ھازىر تۇلۇق لەشكەرلەرچە كىيىۋالغان بۇلۇپ، ساۋۇت، دۇبۇلغىسى ئۆتكۈر قۇياش نۇرىسىدا كۆزنى چاقاتتى.خاننىڭ ئىككى تەرىپىدە يولۋاسخان بىلەن ئەبەيدۇللا سۇلتان، كەينى تەرىپىدە مىرزا باباقبەگ بىلەن خۇدا بەردى ھاكىمبەگلەر سۇڭدىشىپلا كىتىۋاتاتتى.
        قۇشۇن ئالاھىزەل بىر-ئىككى كۆز يىتىم ئارىلىقتا سۇزۇلغان بۇلۇپ، تۇلىمۇ ھەيۋەتلىك كۆرىنەتتى . ئۇلار شۇ يۈرىشىدە قىغازدىن ئۈتۈپ، قارا سۇ ئارقىلىق ھاكىمبەگ مەھكىمىسىگىمۇ چۈشمەستىن، ئودۇل ياغ بۇلاققا-قىريا دەرياسنىڭ بۇيىغا كىلىپ چۈشكۈن قىلىشتى.
        -قالماقلار بىزنىڭ بۇ تەرەپكە كەلگەنلىكىمىزدىن ئاللىبۇرۇن خەۋەر تىپىپ ئاتچان تەرەپكە كىتىپتۇ، -دىدى ئەھۋال ئوقۇشقىلى كەتكەن لەشكەرلەر ھايالشىمايلا قايتىپ كىلىپ.
        -ئۇنداقتا ئەتە ئويتۇغراق تەرەپكە بارساق بولغىدەك ئەنھەزىرىتىم، - دىدى خۇدا بەردى ھاكىمبەگ ئويلانغاندەك قىياپەتتە ، ياۋنى شۇ يەردە تۇسقىلى ھەم زەربە بەرگىلى بۇلىدۇ. -قۇشۇنلارغا ئۇقتۇرۇش قىلىڭ، -ئابدۇللاخان مىرزا باباقبەگكە قاراپ دەرھاللا يارلىق قىلدى. لەشكەرلەر بۈگۈن ئارام ئېلىپ ، ئەتە تورغاي چۇچىلىماستا ئويتۇغراققا ئاتلانغاي، ، ، ، -لەببەي، باش ئۈستىگە ئالىلىرى، پەرماننى ھازىرلا يەتكۈزەي... 9 ئابدۇللاخان ئويتۇغراققا كىلىپ يېس يۇلغۇلدا بارگاھ قۇرۇپ ياتقىلى بىر ھەپتىدىن ئاشقان بولسىمۇ، قالماقلار ئۆزىنى تۈگۈل، سايىسىنىمۇ كۆرسەتمەيۋاتاتتى.ھەر كۈنى سۈبھى يۈرۈش بىلەن تەڭ ئاتلىنىدىغان ئوندىن ئۈچ گۇرۇپپا ئادەم شەرق، جەنۇپ، شىمال، تەرەپلەرگە ئەھۋال ئۇقۇشقىلى مىڭىپ، كۆز باغلانغان مەھەللىدە كىلىۋاتىسىمۇ، ھېچقانداق ئوچورغا ئىرىشەلمەيۋاتاتتى.
        -خېلى كۈنلەر ئىلگىرى بىز ئۇلارنى كۆرگەن، قالماقلار ئۆيىمىزگە ئوت قۇيۇپ مال-چارۋىلىرىمىزنى بۇلاپ كەتتى.
        -مىنىڭ دادام ئولار بىلەن ئېلىشىمەن دەپ ئالدىغا ئېتىلىۋىدى. ئۇلار قىلىچ بىلەن چېپىۋەتتى.
       -مەن مال باققىلى چىقىپ كەتسەم، ئۇلار مەھەللىگە باستۇرۇپ كىرىپتىكەن. بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر قۇرقۇپ قىچىپ كىتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى تاپالماي يۈرىمەن.ئۇلار ئۆللالەم ئاتچان تەرەپتىمىكىن شۇ يەردىن نىسبەتكە ئۆتكىلى بۇلىدىغان يول بارمىش... -...

       ھەركۈنى ھەرخىل خەۋەرلەر كىلەتتى. ئابدۇللاخان بۇ خەۋەرلەرنىڭ قايسىسىغا ئىشىنىپ، قايسىسىغا ئىشەنمەسلىكنى بىلەلمەي قېلىۋاتاتتى. ئۇ ئوردىدىن ئايرىلغان چاغدا بۇقېتىم چۇقۇم ياغىنى تىرە- پىرەن قىلىپ، ئىككىنچى قېتىم بۇ تەرەپلەرگە ئاياغ باسماس قىلىۋېتىشنى كۆڭلىگە پۈككەن ئىدى. بىراق كېرىيەگە كەلگىلى خېلى كۈنلەر بولغان بولسىمۇ، نىمىشقىدۇر ئۇلار بىلەن بىرەر مەرتەم جەڭ قىلىش تۈگۈل رۇبىرۇ بۇلۇپ باققىنى يوق.ئەگەر مۇشۇنداقلا كىتىدىغان بولسا، ئۆز ئورنىغا كۆز تىكىۋاتقانلارنىڭ ئۇشۇقى ئالچۇ چۈشۈنشى،پىتخورلارغا دەستەك بۇلۇپ بىرىشى تۇرغانلا گەپ. ئاشۇ چاغدىمۇ مۇھەممەت لىتىپ بەگ «كېرىيەگە قالماقلار ھۇجۇم قىلىپ كەلدى» دەپ خەۋەر ئىۋەرتكەندە، مۇھەممەت مۆمىن سۇلتان خاننى بىرىشتىن تۇسۇپ ئۆزى ئاتلانغان ئىدى. ئەمما چەرچەن، چارقىلىق دىگەن يەرلەرگىچە بېرىپ، ئۇلارنى تاپالماي قايتىپ كەلگەندە، ئوردىدا گەرچە بىرەر كىشى بۇ ھەقتە ئاشكارا چىش يېرىپ بىر نەرسە دىمىگەن بولسىمۇ ئابدۇللاخان خېلى بىر مەزگىل ئېھتىياتسىزلىقىدىن چىۋىن يەۋالغان كىشىدەك بىئارام بۇلۇپ،زەردى گۇش بۇلۈپ قالغان ئىدى. بۇ دۆرەمدە ھىندىقۇش مىرزا ئۇ يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى كىيىنكى كۈنلەردە يۈز بىرىش ىھتىماللىقى بولغان نۇرغۇن ئىشلارنى بىر-بىرلەپ بايان قىلىپ، ئۇنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ ،ئەمما ئابدۇللاخان بەزى ئىشلاردىن تازا خاتىرجەم بۇلالماي، يەنىلا سەپەرگە ئاتلانغان ئىدى، مانا ئەمدى...
        ئۇ بۇ كۈنلەردە نىمىشقىدۇر تىرىككەك ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان بۇلۇپ قالدى. ئادەتتىكى ئىشلارغىمۇ بەزىدە چېچىلاتتى. مىرزا باباقبەگ ئۇزۇن يىل ئىلگىرى خاننىڭ خىزمىتىدە بۇلۇپ مىجەز خۇلىقىنى بەش قۇلدەك بىلىپ كەتكەچكە تۇلا ھاللاردا تەسەللى بىرەتتى.
        -كۆڭۈللىرىنى تۇق تۇتسىلا ئادالەتپاناھىم، مەن شۇنىڭغا شەكسىز ئىشىنىمەنكى، قالماقلار مۇشۇ يەردە چۇقۇم بار. ئۇلار ئۇزۇن يوللارنى بىسىپ كەلكەن ئىكەن. بىز بىلەن بىرەر قېتىم بولسىمۇ تۇتۇشماي كەتمەيدۇ، بەلكىم ئۇلارمۇ بىر بولسا، بىزنى ئىزدەۋاتقان، يەنە بىر بولسا ئەھۋالىمىزنى تىڭ- تىڭلاپ يۈرىۋاتقان بۇلۇشى مۇمكىن. بىزدە «سەۋرى قىلساڭ غۇرىدىن ھالۋا پۈتۈدۇ » دەيدىغا ن گەپ بار. شۇڭا ئالدىرىمايلى، ئالىلىرى.
        -ئالدىرمىساق بولمايدۇ، ئەمىر جاناپلىرى، ئۆزلىرىگە ئايان، يەنە ساقلاپ تۇرىۋەرسەك، لەشكىرى تەمىناتتا قىسىلىمىز.
      -بۇنىڭدىن خاتىرجەم بۇلسىلا خۇدابەردى بەگنىڭ ھاكىمبەگلىك مەھكىمىسىدە يىتەرلىك ئوزۇق-تۈلۈك، لەشكىرى تەمىنات بار ئىكەن. مىرزا باباقبەگ بۇنى ئاڭلاپ، سەل ھۇششارلاشتى-دە، خانغا شۇنداقتىمۇ ئالدىرمىساق بولمايدۇ،
       -ئابدۇللاخان بىردىنلا چېچىلغاندەك قوللىرىنى سىلكىپ قويدى،
        - بۇيەردە ياغىنى قاچان كىلەركىن دەپ ساقلىساق ئەل- رەئىيەتىنىڭ يۇرتدارچىلىق ئىشلىرى تاشلىنىپ قالىدۇ «چۈشەندىم، ئالىلىرى. كەم ئەقىل ئەمىرلىرىنى بۇ تەرىپىنى ئەسلا ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، كەچۈرگەيلا» دىگەندەك كۈلۈمسىرىدى. ئۇنىڭسىزمۇ ئوردىدىكى ئىشلار مىرزا باباقبەگكە ئايان ئىدى. ھىندىقۇش مىرزا بىلەن چوڭقۇر دۇسلۇق بۇرادەرچىلىك ئورناتقان. خانلىق ئۈچۈن ئوت دىڭىزىغا ئۆزىنى ئېتىشتىن، سۇغا سەكرەشتىن ئايانمايدىغان بۇ سانغۇن ئوردىدىكى ئىشلارنىلا ئەمەس ئىشقىيە، ئىسھاقىيە سۈلۈكلىرىنىڭ رەئىيەتگە كەلتۈرۋاتقان بالايى-ئاپەتلىرىدىن تۇلىمۇ بىزار ئىدى.
        ئابدۇللاخان ئىشانغا قول بېرىپ، ئىسھئاقىيە سۈلۈكگە مورىد بولغان چاغدا، بۇھەقتە ھېچقانداق ئىنكاس بۈلدۈرمىگەن بۇلسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ يۇرتىدارچىلىق ئىشلىرىغا تۇسالغۇ بۇلۇشىدىن ۋاھىم يىگەن ئىدى. لىكىن ئابدۇللاخان سۈلۈك بىلەن خانلىق ئىشلىرىنى ئايرىپ، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بىر قاتار تەدبىرلەنى قوللانغان چاغدىلا، قەلبىدىكى ئەندىشە تۇمانلىرىنى تارقاپ، قايىللىقى ئاشقان ئىدى . بىراق يېقىنقى ۋاقىتتىن بۇيان قەشقەر تەرەپتىن ناگان-ناگاندا كىلىۋاتقان خەۋەرلەردىن ئىشقىيە سۈلۈگىنىڭ كاتتىسى غۇجا ھىيدۇللا ئىشانىنىڭ شاھزادە يولۋاسخاننىڭ قوبولخانىسىدا ئاراكۈندە ئالتە قىتىم قاتراپ، قىيشىرىن-شىكەر سۆزلىرى، باغرى تاشتەك ئادەمنىمۇ بىردەمدىلا قايىل قىلىپ، ئىتىكىگە دۈم چۈشۈدىغان ھىيلە- نەيلەڭلىرى بىلەن تەخىت سەۋداسى ئەپسۇنىنى ئۇقۇپ، بىشىنى ئايلاندۇرىۋاتقانلىقىنى ىسھاقىيە سۈلۈگى مۇرىدلىرىنى ئۇچرىغان جايدىلا ئۇرۇپ، ئۇلارنىڭ يىرى مەختۇمزادە خۇجا ئىشاننى، «كاپىر، ئىمانسىز، مۇرتەھ» دەپ ھاقارەتلەپ، ئاداۋەت تۈگمىنىگە سۇ باشلاپ يۈرۈۋاتقانلىقىنى، ھەتتا تېخى ئىسھاقىيە مۇردىلىرىنى يۇشۇرۇن ئۆلتۈرۈپ، ئۆيلىرىنى كۆيدۈرۈپ، قەشقەر تەۋەسىدە تۇرمۇش كەچۈرگۈسىز ھالغا چۈشۈرۈپ قۇيۇۋاتقانلىقىنى كۆپ ئاڭلىغان ئىدى. بۇلۇپمۇ يولۋاسخان ھىدايتۇللا ئىشانغا قول بېرىپ، مۇرىد بولغاندىن كىيىن خاكى ئاشكارا، خاكى يۇشۇرۇن، ھالدا ئۇنىڭ كۆڭۈل تۈگمىسىگە ئۈگۈت قۇيۇپ، باشقا- باشقا سۈلۈككە مۇرىد بولغاندىن ئاتا- بالا ئوتتورىسىدا خوسمەت پەيدا قىلىپ، پۈتۈن خالىق تەۋەسىدە سۈلۈكى ئىشقىيەنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆز نۇپۇزىنى تىكلەش ئۈچۈن ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى ئوردا ئىچىدە ئاللىقاچان ئاشكارا مەخپىيەتلىككە ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى. بىراق ئوردىدا ھىدايتۇللا ئىشانغا قۇل بىرىپ، مۇرىد بولغان ئەمىرلەر بولغاچقا، شاھىنشىندا ھازىرغا قەدەر بىرەر كىم بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىپ باقمىغان ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئابدۇللاخان ئىككى سۈلۈك ئارىسىدىكى نىزا- ئاداۋەتنى تۈگىتىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئاشكارا سورۇنلاردا «ھاكىميەت مەزھەپتئىن مۇسنەسنا، سۈلۈكتىن تېخىمۇ مۇسنەسنا بۇلۇشى كېرەك» دىگەننى تەكىتلەپ، ھېچكىمىنىڭ بۇ ھەقتە ئېغىزئېچىشىغا پۇرسەت بەرمىگەن ئىدى.
       دەرەخ جىم تۇراي دىسە، يۇپۇرماقلىرى جىم تۇرغىلى قۇيمىغىندەك بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىل مۇقەددەم ئابدۇللا خان خۇجا شادىنى دۆلەت ئۇستازى دەپ جاكارلىغاندا، غۇجا ھىدايتۇللائىشاننىڭ دادىسى غۇجا مۇھەممەت يۈسۈپ ئىشاننىڭ يۈرەك باغرى ھەسەت رەشكىتىن ئۆرتىنىپ، ئۇيقۇنى تەرەك ئېتىپ، يىگىنى ئۇغا، ئىچكىنى زەھەر بۇلۇپ، تۇتقان قويغىنىنى بىلمەي، خۇددى ساراڭدەكلا بۇلۇپ قالغان ئىدى.كىيىن غۇجا شادى ئۆلگەندە، ئۈلۈپ خۇجا مۇھەممەت يۈسۈپ ئىشان «تۈمۈر تۇتۇپ» ئۆز نىيىتىنى خانغا بىلدۈرۈش، ئۇنى ئۆز سۈلۈكىگە ئۈندەپ، بوش تۇرۇۋاتقان ئاشۇ ئۇرۇننى قۇلغا كەلتۈرۈش مەخسىتىدە، قەشقەردىن يەكەنگە كەلگەندە، مەخسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايلا قالماستىن خاننىڭ قوبول قېلىشىقىمۇ ئىرىشەلمىدى-دە، قايتىش سەپىرىدە نامەلۇم كشلەر تەرىپىدىن زەھەر بىرىلىپ قازا قىلغان ئىدى. مانا مۇشۇ ئىش سەۋەپلىك خۇجا ھىدايتۇللا ئىشان ئابدۇللاخانغا ئۇزۇندىن بۇيان كۆڭلىدە خۇسۇمەت ساقلاپ كىلىۋاتاتتى.شۇڭا ئۇ ئوغلى ئارقىلىق دادىسىغا تاقابىل تۇرۇش ھىيلئىسنى قوللىنىپ، دادىسى باقى ئالەمدە ئىرىشەلمىگەن دۆلەت ئۇستازلىقىدىن ئىبارەت خاسىيەتلىك بوش ئۇرۇندا ئولتۇرۇش غەزىرىدە ھە دەپ نائىپ خان يولۋاسخاننى قۇلىدىكى ئەڭگۈشتەرگە ئايلاندۇرۋالغان ئىدى.
        -يىلاننى ئوۋىسىدىن چىقىرىش كېرەك ئەمىر جاناپلىرى، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، سىڭگىنى تېپىشىمىز، ئۇ جىم بۇلىۋالسىمۇ، ئۇرۇشقا ئۈندىسىمىز لازىم.شۇندىلا يا نۈسرەت قۇچۇدىغانلىقىمىز، يا مەغلۇپ بۇلىدىغانلىقىمىز ئايان بۇلىدۇ.
        -ئۇنداقتا ئوبدانراق بىر مەسلىھەت قىلايلى، ئالىلىرى بۇ ئىشنى بەك كىچىكتۇرۈشكە بولمىغۇدەك، مەن ھازىرلا شاھزادە يولۋاسخان، ئەبەيدۇللا سۇلتان، خۇدابەردى ھاكىمبەگلەرگە خەۋەر قىلاي.
        -يەنە ھېلىقى بىجەن پالۋان، ئىسكەندەر پالۋان، كۆچەت پالۋانلارنىمۇ ئۇنۇتمىسىلا.
        -لەببەي، خان ئالىلىرى. بىر چۆگۈن چاي قاينىغۇچىلىك ۋاقىت ئىچىدە، لەشكىرى مەسلىھەتكە كىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى كىلىپ بولدى. ئۇلار تۆردە- كۆزنىڭ يېغىنى يەيدىغان قىپقىزىل گىلەمگە سېلىنغان كۆرپە ئۈستىدە بەداشقان قۇرۇپ، تۇزغاق تىقىلغان يۇمشاق ياستۇققا يۆلەنگىنىچە ئولتۇرغان ئابدۇللا خانغا يەر تىگىدىن قاراپ ئولتۇرشاتتى.شۇ تاپتا خاننىڭ كۆزلىرى بىر نۇقتىغا تىكىلگەن بۇلۇپ، ئۇنىڭ نىمىنى خىيال قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى، كېرىيەدىن قۇشۇلغان ئۈچ پالۋان ئابدۇللا خاننى بىر نەچچە قېتىم كۆرگەن بولسىمۇ، ئەمما تۇنجى قېتىم ئەڭ يېقىن ئارلىقتا ئۇچراشقاچقىمۇ، ئۈنلۈكرەك نەپەس ئېلىشقا پېتىنالمىغاندەك يەرگە قاراپ ئولتۇرىشاتتى.
       بارگاھى ئالىينى ئېغىر سۈكۈناتلىق قاپلىغان بۇلۇپ، چىۋىن ئۇچسىمۇ بىمالال ئاڭلىغىلى بۇلاتتى. شۇنداقتىمۇ خان بىلەن مىرزا باباقبەگدىن باشقىلار بۇ يىغىلىشنىڭ سەۋەبىنى ئىنىق بىلمىگەچكە، ھېچ كىم ئالدى بىلەن ئېغىز ئېچىشقا پېتىنالمايۋاتتاتتى.تۇيۇقسىز خان بوشقىنە يۈتەلدى، بارگاھى ئالىيىغا كىرگەندىن بىرى كۆڭۈل غەلۋىرىدە نۇرغۇن خىياللارنى تاسقاپ ئۆلگۈرگەن يولۋاسخان دادىسىغا تىكىلدى.
        -ھەر قايسىڭلارنى جىددى چاقىرتىشتىكى مەخسەت پەقەت بىرلا، - دىدى،ئابدۇللا خان چىدىر ئىچىدىكىلەرگە تەكشى قاراپ چىققاندىن كىيىن، - نەچچە كۈندىن بۇيان ياۋ ئۆزىنى كۆرسەتمەيۋاتىدۇ.شۇڭا ئەمدىكى قەدەمنى قانداق بېسىش ئۈستۈدە مەسلىھەتلىشىپ كۈرەيلۇق.
       -دىمىسىمۇ ئەنھەزرىتىم توغرا دىدى، بۇ يەردە « ئۈزمە پىش، ئاغىزىمغا چۈش » دەپ يېتىۋەرسەك قاملاشمايدۇ. شۇڭا ياۋ ئاسمانغا چىقىپ كەتكەن بولسا تاپىنىدىن، يەرگە كىرىپ كەتكەن بولسا كۇكۇلىسىدىن تارتىپ چىقىرىشىمىز لازىم، - دىدى يولۋاسخان دادىسىنىڭ سۆزىگە ئۇلاپلا، - شۇڭا ماڭا يارلىق بىرىلسە، مەن ئۈزەم لەشكەر تارتسام...
        -توختىسلا شاھزادەم، سۆزلىرىغۇ ئۇرۇنلۇق بولدى، ئەمما كۈندە دىگۈدەك ئەتراپنى چارلاشقا ئادەم لەشكەر ماڭدۇرۇپ تۇرىۋاتقان بولساقمۇ، ئۇلار ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئىرىشەلمىدۇق. قارىسىغا ئىش قىلساق بولماس، شۇڭا بۇ ئىشنى ئوبدانراق مەشەۋەت قىلغايمىز، -دىدى مىرزا باباقبەگ بىر نەرسىنى ئويلاۋاتقاندەك قىياپەتتە گەردىنىنى بوشقىنە قاشلاپ، - مىنىڭچە بولغاندا، ياۋنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولغان بولساق خۇيمۇ ئوبدان ئىش بۇلاتتى. لىكىن بۇ ناكەسلەر قارىسىنى كۆرسەتمەيۋاتىدۇ.ئەمدى ئىشنى باشقىچىراق ئۇسۇلدا قىلساق بۇلارمىكىن . بۇ گەپ بىلەن ئابدۇللاخانمۇ، يولۋاسخانمۇ تەڭلا مىرزا باباقبەگكە قاراشتى.
       -قېنى ئېيتسىلىچۇ ئەمىر ئاتا، بۇ ئىشقا قانداق دانا مەسلىھەتلىرى باركىن؟، - ئالدىراپ سورىدى ئەبەيدۇللا سۇلتان بالىلارغا خاس ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن چاقماقتەك سۆزلەپ.
       -بۇ ئىش توغرىسىدا خېلى كۆپ ئويلاندىم.ئاخىرى ئۇلار بىزنىڭ زور قۇشۇن تارتىپ كەلگىنىمىزنى بىلىپ، يا كەلگەن يۇلى بىلەن كەتكەن، يا بولمىسا ئاتچان تەرەپلەردىكى تاغلىق رايۇنلاردا ھەركەت قىلىپ، بىزنىڭ ئۆزلىرىنى ساقلاپ، زىرىككەندە پېشىمىزنى قېقىپ كىتىشىمىزنى كۈتىۋاتىدۇ دىگەن ئويغا كىلىپ قالدىم. شۇڭا بىز ئەمدى قول قۇلۇشتۇرۇپ تۇرماي ھەركەتنى چوڭراق قىلساق قانداق بۇلار ؟
       -دىگەنلىرىچە بولغاندا، ئالدى بىلەن ياۋنىڭ كەتكەن- كەتمىگەنلىكىنى ئۇقۇپ بولغاندىن كىيىن، ئاندىن ھەركەت قىلىدىكەنمىز-دە، -دىدى شاھزادە يولۋاسخان ئالدىراپ. -ھەئە.ئالدى بىلەن شۇنى بىلسەكلا قالغان ئىشلار ئۇڭايغا تۇراتتى.
        -نەچچە كۈندىن بۇيان ئەھۋال ئۇقۇشقىلى لەشكەر ماڭدۇرۇپ تۇرۇپمۇ ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئىرىشەلمىسەك، - دىدى ئەبەيدۇللا سۇلتان جاڭىلداپ سۆزلەپ، - يەنە لەشكەر ماڭدۇرساق نەتىجىسى ئوخشاش بۇلامدىكىن. .
        -ئالدىرىماڭلار، جانابى مىرزا باباقبەگنىڭ خىيالنى بىلىپ سۆزلەڭلار-دىدى ئابدۇللاخان سەل ئاچچىغى كەلگەندەك، -بۇ ئىشتا ئالدىرىغان، قىزىققانلىق قىلغان بىلەن بولمايدۇ ئەمىر جاناپلىرى دىمەكچى ، بىز ئالدى بىلەن يىراقراق يەرگە بېرىپ ئەھۋال ئىگىللەيمىز .ياۋ ئۈتۈپ كەتكەن بولسا، قوغلايمىز، ئۈتۈپ كەتمىگەن بولسا، ئىككى تەپتىن ھۇجۇم قىلىمىز، شۇنداقمۇ ئەمىر جاناپلىرى...
       -ھەسانات ئادالەتپاناھىم، مەن شۇنداق دىمەكچى، -دىدى مىراز باباقبەگ بېشىنى لىڭشىتىپ، - سىزگە ئەمدى شۇنىڭدىن باشقا ئامال يوق. قېنى، خۇدابەردى ھاكىمبەگ جاناپلىرى دەپ باقسىلىچۇ، بىز تۇرىۋاتقان مۇشۇ يۇرتنىڭ نېرىسىدە قانداق يۇرت باركىن.
       -يېسيۇلغۇن دەپ ئاتىلىدىغان، سەككىز- تۇققۇز ئائىلە جايلاشقان مەھەللە بار، - خۇدابەردى ھاكىمبەگ ئالدىراپ جاۋاپ بەردى.
        -مۇساپىسى قانچىلىك كىلەر؟ -ئەتىگەندە ئاتلىق يولغا چىققان كىشى كۆز كۈرە مەھەللىگە يىتىپ بارالايدۇ.
       -ئۇنىڭ نېرىسىدىچۇ؟ -نىيە دىگەن بىر يېزا بار. دائىرىسى چوڭ، ئاھاللىرى تارقاق جايلاشقان مۆلچەرىمچە ئۈچ تۆت مىڭ تىرىك جان بارمىكىن.
       -خۇش، بۇ ئىشنى ئەنھەزرىتىم مۇۋاپىق دەپ قارسا، مۇنداق قىلساق، - دىدى مىرزا باباقبەگ مەخسىدىنى ھەممەيلەنگەن ئىنىق چۈشەندۇرمەكچى بولغاندەك ئالدىرىماي سۆزلەپ، بىر بۈلۈك ئادەم نىيە دىگەن يەرگە بېرىپ، سىڭگى قۇشۇنىنىڭ ئۈتۈپ كەتكەن، ئۈتۈپ كەتمىگەنلىكىنى ئۇقۇپ باقسا، ئەگەر ئۈتۈپ كەتكەن بولسا، چوڭ قۇشۇن ياۋنىڭ كەينىدىن يولغا چىقسا، ئۈتۈپ كەتمىگەن بولسا، بىز بۇ تەرەپتىن قوغلاپ زەربە بەرسەك، نىيىدىكى قۇشۇن ئالدىنى تۇسۇپ، مېڭىشقا ئىمكان بەرمىسە قانداق بۇلاركىن. ئابدۇللا خان بۇ گەپنى ئاڭلاپ، بىردىنلا جىمىپ قالدى. ھەممەيلەننىڭ كۆزى ئۇنىڭغا تىكىلدى.جىدىر ئىچىنى ئادەمنىڭ كەيپىنى بۇغۇدىغان سۈكۈناتلىق قاپلىدى.
        -شۇنداق قىلايلى، ئوبدان مەسلىھەت بولدى، - دىدى خان بارگاھى ئالىيدىكى جىمجىتلىقىنى بۇزۇپ، - ھازىر بىزگە بۇنىڭدىن ئارتۇقمۇ ياخشى ئامال يوق ئوخشايدۇ.يەنە ساقلاۋەرسەك، ياخشىلىقتىن يامانلىق كۆپرەك بۇلۇشى مۇمكىن، قېنى ئېيىتسىلىچۇ ، ئەمىر جاناپلىرى، نىيە تەرەپكە كىم بارسا بۇلار؟...
        -مەن باراي... ، - يولۋاسخان مىراز باباقبەگ ئېغىز ئېچىپ بولغۇچە ئۇرنىدىن سەل قوزغۇلۇپ قۇيۇپ ئېغىز ئاچتى.
       -مەيلى، شاھزادەمنىڭ دىگىنىچە بولسۇن، - دىدى مىرزا باباقبەگمۇ قۇشۇلغاندەك، -ئەمما يولدا بەك ئېھتىيات قىلسىلا،
        -خاتىرجەم بولسىلا، ئەمىر جاناپلىرى، بۇ تەرىپى ماڭا ئاياقتىكى ئاشتەك ئايان، مەن چۇقۇم ئادالەتپاناھ ئەنھەزىرىتىمنىڭ كۈتكەن يىرىدىن چىقىمەن.
        -ئۇنداقتا ئۆزىڭىز بىلەن كەلگەن قۇشۇننى باشلاپ ھايالشىمايلا يولغا چىقىڭ، نىيىگە بارغاندىن كىيىن ئەھۋالنى ئوقۇپلا چاپارمەن ماڭدۇرۇڭ. -باش ئۈستىگە...، -يولۋاسخان ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ چىرىكچە سالام بەردى. شۇكۈنى پېشىم مەھەلدە قەشقەرنىڭ نائىپ خانى شاھزادە يولۋاسخان ئۆزى بىلەن بىللە كەلگەن لەشكەرلەرنى باشلاپ، نىيە تامان يۈرۈپ كەتتى، مىرزا باباقبەگ ئولارنى مەھەللىنىڭ ئايىقىدىكى بېشىغىچىلىك چىقىپ ئۇزۇتۇپ قۇيۇپ، قايتىپ كەلدى. ئارىدىن ئىككى كۈن ئۈتۈپ ئۈچىنچى كۈنى خۇپتەندىن ئاشقاندا، ئىككى چاپارمەن يولۋاسخانىنىڭ مەلۇماتىنى ئېلىپ كەلدى.« قالماقلار نىيىدىن ئۆتمەپتۇ» دىگەن قىسقىلا خەت يېزىلغان ئىدى.
        -پەرمانى ئالى، - دىدى ئابدۇللاخان خەتنى ئوقۇپ بۇلۇپ، بىردىنلا قۇشۇمىسىنى تۈرۈپ، - يولۋاسخان نىيىنى چىڭ ساقلىسۇن، ئالىمادىس ياۋ لەشكەرلىرى سىزىلسە ۋاقتىدا خەۋەر يەتكۈزسۇن...
       -باش ئۈستىگە...، - مەلۇمات ئەكەلگەن لەشكەرلەر چىرىكچە سالام بەرگەندىن كىيىن، ئارقىچىلاپ مىڭىپ، بارگاھى ئالىيىسىدىن چىقىپ كەتتى.
        -ئەمدى بىز ئەتىلا ئاتلانساق بۇلارمۇ، ئەمىر، جاناپلىرى -سۇرىدى ئابدۇللاخان مىرزا باباقبەگدىن،
       - ياۋنىڭ ئەھۋالى ئايان بولدى.ئۇلار ئاتچان تاغلىق رايۇندا ئوخشايدۇ.
       -شۇنداق قىلايلى، ئەتە سەھەردىلا يولغا چىقايلى.

     ( ئاپتور: كىرېيە ناھىيىلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدە)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.