گىرىمسەن شولا(تۇرغۇن مىجىت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-03 03:11:33

گىرىمسەن شولا(ھېكايە)تۇرغۇن مىجىت ھەمدۇلباي ئايالى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، بىراقلا جىمغۇرلىشىپ كەتتى. ئۆمرى بۇ بىپايان سايلىقتا پادا بېقىپ ئۆتكەن بۇ ئادەم مۇسبەتتىن كېيىن تېخىمۇ ئۆزىنى تاشلىۋ...

    گىرىمسەن شولا(ھېكايە)
    تۇرغۇن مىجىت



       ھەمدۇلباي ئايالى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، بىراقلا جىمغۇرلىشىپ كەتتى. ئۆمرى بۇ بىپايان سايلىقتا پادا بېقىپ ئۆتكەن بۇ ئادەم مۇسبەتتىن كېيىن تېخىمۇ ئۆزىنى تاشلىۋەتتى. ئۇ ئايالىنىڭ بۇ باياۋاندا ئۆزى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىنى چۈشەندى، قەدرىگە يەتتى، ئەمما ئۇنىڭ ئايالى مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيتتى. ئۇنىڭ بارى يوق بىر تال ئوغلى يىراق بىر شەھەردە خىزمەت قىلاتتى. ئۇ بۇ يەرگە كەلمىگىلىمۇ خېلى ۋاقىتلار بولۇپ قالغانىدى.
       ئوغۇل ئانىسى تۈگەپ كېتىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن كەلدى. ئەمما خىزمىتىم ئالدىراش دەپ پەقەت بىر كۈنلا تۇردى - دە، ئەتىسى بىر پاقلاننىڭ گۆشىنى غانجۇغلاپ بۇ يەردىن كېتىپ قالدى. بۇ ئىش ھەمدۇلبايغا ھار كەلدى. ئوغلى ئۇنىڭغا تۈزۈكرەك تەسەللىي بېرىشكىمۇ يارىمىغان ئىدى. ھەمدۇلباي ئاتا - بالا ئوتتۇرىسىدا ياتلىشىش تۇيغۇسىنىڭ پەيدا بولۇۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئايالى ئۆلۈپ كەتكەندە قەلبى ھەرقانچە ئازابلانسىمۇ كۆزىدىن بىر تامچە ياش چىقارمىغان ھەمدۇلباينىڭ كۆزلىرىدىن ئەمدى ياش باھار يامغۇرىدەك تۆكۈلدى.
       مۇسىبەت كۈنلىرى بىلەن تەڭ باشلانغان تەنھالىق، مۇڭسىراش، ئۇنىڭ قەلبىنى بەكلا ئېزىۋەتكەنىدى. ئۇ يىراق - يېقىندىكى مالچىلارنى يىغىپ، ياراق قويدىن ئوننى سويۇپ چوڭ نەزىر قىلىپ بەردى، ئەمما بۇنىڭ بىلەنمۇ كۆڭلى ئازراقمۇ تەسەللى تاپالمىدى.
    ئۇ گىرىمسەن ئىچىدە جىمىرلاپ تۇرغان ساي بېتىگە نەزەر سالدى. چەكسىزلىككە ئۇنىڭ كۆزى يەتمەيتتى. ئەتراپتا ئادەمنىڭ بېشىدەك، ئاتنىڭ، كالىنىڭ بېشىدەك سانسىز قورام تاشلار ياتاتتى. بۇ تاشلار ھەمدۇلباينىڭ كۆزىگە راست باشلاردەك كۆرۈنۈپ كەتتى. تۇرۇپلا ئۇنىڭ كاللىسىدا: «بۇ تاشلار غەم - ئازابى ئىچىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ بېشىمىدۇ - يا؟» دېگەن خىيال پەيدا بولۇپ قالدى. بەلكىم شۇنداقتۇ. بولمىسا شۇنچىۋالا تاشلار نەدىن پەيدا بولۇپ قالىدۇ؟ قانداق پەيدا بولىدۇ؟
    ھەمدۇلباي ئۆزىنىڭمۇ بىر كۈنلەردە ئۆلۈپ كېتىپ، بېشى مۇشۇ سايدا  قورام تاشلار ئارىسىدا پارقىراپ  تۇرغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىۋىدى بەدىنى شۈركىنىپ كەتتى. «پەرۋەردىگار، نېمە قىلساڭ ئۆزۈڭ قىلىسەن، بىز شۇنداق ئاجىز، گېزى كەلسە بىر تىنىغىمىزغىمۇ ئىگە بولالمايمىز. بۇ دۇنيادا شۇنداق جاپا - مۇشەققەت، ئازاب ئىچىدە ياشىساقمۇ يەنىلا ياشاشنى ئارزۇ قىلىمىز، ئۆلۈمدىن قورقىمىز، ئۆلۈم راستىنلا شۇنچىلىك قورقۇنچلۇقمىدۇ؟... ئاھ، قەدىناسىم ئايسىخان... مەن... سەن... سەن ھازىر قانداق ئەھۋالدا تۇرىۋاتىدىغانسەن؟ ئۇ دۇنيادا نېمىش قىلىۋاتىدىغانسەن؟ مېنى يالغۇز تاشلاپ كېتىشكە قانداق كۆڭلۈڭ چىدىدى - ھە، سېنىڭ، ياكى مېنىڭ قەدرىمگە يەتسۇن، مۇھىملىقىمنى چۈشەنسۇن دەپ شۇنداق قىلغان بولغىيمىدىڭ؟ مانا مەن چۈشەندىم، سېنىڭ مەن ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقىڭنى، سەنسىز ياشاشنىڭ قانچىلىك ئېغىر كېلىدىغانلىقىنى بىلىۋاتىمەن. ئەمدى مەن قانداق قىلىمەن، جېنىم ئايسىخان، مۇشۇنداق ئازاب ئىچىدە ئۆتەرمەنمۇ؟»
     باي ئاتا، ئۆچكىلەرنى تاراپ بولدۇم.
    ھەمدۇلباينىڭ خىيالى ئۈزۈلدى. ئۇ ئالدىدىكى مالچى بالىغا قارىدى. بۇ بىر يېتىم بالا ئىدى. كىم بىر نان بەرسە شۇنىڭ ئىشىكى ئالدىدىن كەتمەيدىغان، ماڭغان تۇرغان يېرىدە تەمەچ تېرىدىغان، تەرگەن تەمەچلىرىنى ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ ئىشىكى ئالدىغا دۆۋىلەپ قويىدىغان بىر بالا ئىدى. ئۇ ئون بەش - ئون ئالتە ياشقا كىرگەن ۋاقىتلىرىدا ھەمدۇلباي ئۇنى پاقلان بېرىمەن دەپ مۇشۇ سايغا ئېلىپ چىقىۋالغان. ئۇ مال بېقىشقا ئامراق ئىدى. قايسى پاقلان كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنسە شۇنى مېنىڭ پاقلىنىم دەپ قۇچىقىغا ئېلىۋېلىپ كۆتۈرۈپ يۈرەتتى.
    ئۇنىڭ ئۇچىسى كىيىم تاللىمايتتى، قورسىقى تاماق تاللىمايتتى. گەرچە جىرىڭ - جىرىڭ بالىلاردىن بولمىسىمۇ بىر ئىشنى ئەستايىدىل قىلاتتى. ئۆي ئىچىدە قولى ئەگرىلىك قىلمايتتى، سىرتتا ھارامزادىلىك قىلمايتتى. ھەمدۇلباي ئۇنى ئازراق ۋاقىتتىن كېيىن قېچىپ كېتەرمىكىن دەپ ئويلىغان ئىدى، ئەمما ئۇ قېچىپ كەتمىدى. خۇددى مۇشۇ يەرگە ئاتاپ تۇغۇلغاندەك بۇ يەرگە كۆنۈپلا كەتتى. مانا ھەش - پەش دېگۈچە ئۇنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىگە ئون بەش يىل توشۇپ ھازىر يوغانلا بىر ئەر بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ بىلەك ۋە كۆكرەك موسكۇللىرى پولتۇيۇپ چىققان بولۇپ، خېلى چوڭ - چوڭ قوي - ئۆچكىلەرنىمۇ ھېچقانچە كۈچىمەيلا كۆتۈرۈپ دولىسىغا ئېلىپ، خېلى يىراقلارغا ئاپىراتتى.
    ھەمدۇلباي بۈگۈن ئۇنى قايتا كۆرۈۋاتقاندەك، تونۇۋاتقاندەك تۇيغىغا كېلىپ قالدى. بۇ باياۋاندا ئۇ نۇرغۇن ئىسسىق - سوغۇقلارنى، جاپا - مۇشەققەتلەرنى ھەمدۇلباي بىلەن بىرگە باشتىن كەچۈرگەن ئىدى. ھەمدۇلباي ئوغلىنى تولىمۇ ئەتىۋارلاپ بېقىپ چوڭ قىلدى، نۇرغۇن ھەج خىراج سەرپ قىلىپ ئوقۇتتى. ئەمما ئۇ ھەمدۇلباينىڭ كۆڭلى سۆيۈنگۈدەك بىر جاۋاب قايتۇرۇپ باقمىدى. يىلدا بىرەر قېتىم يوقلاپ كېلىپ قويايمۇ دېمىدى.
    ھەمدۇلباي تۇيۇقسىز بالىنى مەھەللىگە، يېزا بازىرىغا ئاپارمىغىلى تۆت يىلچە بولۇپ قالغانلىغىنى ئېسىگە ئېلىپ، بەكلا بىئارام بولۇپ كەتتى. ئۇ بالا بازار كۆرۈپ كۆزى ئېچىلىپ قالسا بۇ يەردە تۇرغىلى ئۇنىمايدۇ دەپ مەھەللىگە كەمدىن - كەم ئاپىراتتى. مانا ئەمدى ئۇ ئۆزىنىڭ بالىغا تولىمۇ باغرى تاشلىق قىلغانلىقىنى ھىس قىلىپ قالدى. ئۇمۇ ئادەم - دە، گەرچە ئەقىللىق بولمىسىمۇ ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق كۆڭلى، ئارزۇ - ھەۋەسلىرى بار. ھازىر ئۇ ئوتتۇز ياشقا كىرىپ قالدى. بۇ دىگەن يىگىتلەرنىڭ نەچچە بالىغا ئاتا بولىدىغان دەۋرى.
    ئويلىغانسېرى ھەمدۇلباينىڭ قەلبى شۇنچە ئازابلاندى.
     ھۈسەينىم بالام، يېنىمغا كېلىپ ئولتۇرە، بوۋاينىڭ ئاۋازى غەمكىن، تىترەڭگۈ ئىدى، بارماقلىرىڭ قاپىرىپ كېتىپتۇ، مايلىۋالساڭ بولمامدۇ. قارا بالام، ئايسىخان ئاناڭ بىزنى تاشلاپ كەتتى، بۇ باياۋانغا يالغۇز تاشلاپ قويدى. ئۇ ساڭا بەك كۆيىنەتتى، ئۆز ئاپاڭدەك كۆيىنەتتى...
    ھۈسەينىم ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشەنمىگەچكە، ھەمدۇلباينىڭ ئاغزىغا تىكىلگىنىچە جىمجىت ئولتۇراتتى.
    تىۋىتلەرنى بازار ساقلىماي سىتىۋىتەيلى بالام. پۇل جايلاپ ساڭا خوتۇن ئېلىپ بېرەي. ھە راست، خوتۇن ئالغۇڭ بارمۇ سېنىڭ؟
    ھۈسەينىم تەلپىكىنى قولىغا ئېلىپ بېشىنى قاشلىغاچ ھىجاراپ كۈلدى.
     ئېيتە زادى، خوتۇن ئالغۇڭ بارمۇ؟
     بار باي ئاتا.
     ھە، مەن ساڭا شۇنداق قاملاشقان خوتۇندىن بىرنى ئېلىپ بېرەي، ئۇ ساڭا ئۆزەڭگە ئوخشاش كۈچتۈڭگور، ئوماق پاخلاندەك ئوغۇلدىن بىرنى تۇغۇپ بەرسۇن.
     ھى... ھى... ھى... باي ئاتا...
    ھەمدۇلباي بىر ئىشنى ئېسىگە ئالغاندەك سىناق نەزەرى بىلەن ھۈسەينىمگە قارىدى:
     بالام، ئۆيلۈك بولغاندىن كېيىن مىنى تاشلاپ كېتەرسەنمۇ؟
    ھۈسەينىم ئۇنىڭ كۆزىگە گاڭگىراش ئىچىدە تىكىلدى.
     باي ئاتا...
     ئېيتە شۇنداق قىلامسەن؟
     ياق باي ئاتا، ئۇنداق قىلمايمەن. سىز دېگەن مىنىڭ ئاتام تۇرسىڭىز، ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن. بۇ يەردىن باشقا يەرگە زادى بارمايمەن. مەن بۇ يەرنى ياخشى كۆرىمەن. ئايسىخان ئاپامنى، سىزنى، قويلارنى ياخشى كۆرىمەن. بۇ يەردىن كەتكۈم يوق.
    ھەمدۇلباي مەمنۇنلۇق بىلەن كۈلۈپ قويدى. مېھرى بىلەن ئۇنىڭ بېشىنى سىيلىدى.
     رەھمەت بالام، ئىنساۋىڭغا رەھمەت.
    ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە ئۇلار تىۋىتنى سېتىپ پۇل قىلدى.
    چۆل - جەزىرىنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق گۈل - چېچەكلىرى بولىدۇ. ئالتىنچى ئاي كىرىپ قالغاچقا، كۆككە تويغان قوي - ئۆچكىلەر سەمرىپ تۈكلىرى پارقىراپ كەتكەنىدى.
    چېچەكلىرى ئالتۇن رەڭدە جۇلالىنىپ تۇرغان قاغىنەك تىكەنلەر ئەتراپنى قاپلىغان ئىدى. يىراقتىكى ئېدىر باغرىدىكى قاغىنەك چېچەكلىرى ئارىسىدا بىر توپ قوي توپى مىدىرلىشىپ ئوتلاپ يۈرەتتى.
    ئەتىگەندىلا ئەتراپنى ئايلىنىپ كەلگەن ھەمدۇلباي، تاش ئۆينىڭ ئالدىدىكى ئاق تاشقا كىلىپ ئولتۇردى.
     قېتىق ئىچىڭ باي ئاتا، ئۇسساپ كەتكەنسىز.
     رەھمەت بالام.
    ھەمدۇلباي چاپاق بېسىپ كەتكەن كۆزلىرىنى سۈرتتى. ئەتىگەنكى قۇياشنىڭ نۇرى خېلى كۈچلۈك بولسىمۇ، ئەمما ھەمدۇلباي كۆزلىرىنى چىمچىقلاتماي تۇرۇپ قۇياشقا تىك قارىيالايتتى، ئاپتاپتا كۆيۈپ پىشىپ كەتكەن يۈز تېرىلىرىمۇ كۈن نۇرىدىن قورقمايتتى.
     ھازىر مەھەللىدە ئۆرۈك پىشتى بالام، تازا مەي بولدى. ھەمدۇلباي لەۋلىرىنى تامشىپ قويدى.
     مولچىلىق ئايلىرى باشلاندى، ئەمما دېھقانلارنىڭ كۈنلىرى يەنىلا سېرىقتال.
    ھۈسەينىم دائىم دېگۈدەك گاڭگىراش ئىچىدە ئۇنىڭ ئاغزىغا تىكىلىپ قاراپ تۇراتتى.
     مەھەللىگە بىر بېرىپ كەل بالام، سەن بارمىغىلىمۇ بىر نەچچە يىل بولۇپ قاپتۇ. ئوبدان بىر ئويناپ كەل.
    ھۈسەينىم خوشاللىقىنى يوشۇرالمىدى.
     قانداق، بارغۇڭ بارمۇ بالام؟
     بار باي ئاتا، مەھەللىنى، دەرەخلەرنى، دەريانى شۇنداق سېغىندىم.
     ئۇنداق بولسا بېرىپ كەل بالام، بۈگۈن كۈنگە جۈمە ئىكەن، كۆك ئېشەكنى مىنىپ كەچتە يولغا چىقساڭ، خۇدايىم بۇيرۇسا ئەتە ئاش ۋاقتى بىلەن مەھەللىگە يېتىپ بارىسەن، دۈشەنبە كۈنى قايتىپ كەل.
     ماقۇل باي ئاتا.
    ھەمدۇلباي ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ قويۇپ، يىراقلارغا نەزەر تاشلىدى. ساي يۈزىدە جىمىرلاپ تۇرغان گىرىمسەن، ئادەمگە خۇددى دولقۇنلاپ كېلىۋاتقان ئۇلۇغ سۇدەك تۇيغۇ بېرەتتى. ھاياتمۇ ئەنە شۇ گىرىمسەن شولىلارغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەرنى سىز ئېنىق كۆرەلمەيسىز، ئۇنى سىز نىمىگىلا ئوخشاتسىڭىز بۇلىۋېرىدۇ، ئۇنىڭدىن يېڭى - يېڭى تۇيغۇلارغا ئېرىشەلەيسىز، نېمىدۇر سىزنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدۇ، سىز ياشايسىز، ياشايسىز، ئۆزىڭىزنىڭ ئاشۇ گىرىمسەن شولىلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغانلىقىڭىزنى سەزمەي قالىسىز. ئادەملەر شۇنداق ئالۋۇن ئىچىدە ياشىغاچقا، ھايات ئۆزىنىڭ جەلىپكارلىقىنى يوقاتمىغان.
    ھەمدۇلباي چارچاپ قالغان ئىدى، ئۇ تاش تامغا يۆلەنگىنىچە مۈگدەشكە باشلىدى.
    ئەتىگەن كۈن ئارغامچا بويى ئۆرلىگەندە، يىراقتىن مەھەللىنىڭ قارىسى كۆرۈندى. بوستانلىققا  ئادەملەر بار يەرگە ھايۋانمۇ ئىنتىلسە كېرەك. مەھەللىنىڭ قارىسى كۆرۈنۈشى بىلەن تەڭ كۆك ئىشەكمۇ بىردىنلا قەدىمىنى تېزلەتتى. ئېشەكنىڭ ئۈستىدە يېنىچە ئولتۇرۇۋالغان ھۈسەينىم مەھەللە تەرەپكە تەلمۈرۈپ قارايتتى. مەھەللىگە يېقىنلاشقانسېرى ئۇمۇ ھاياجانلىنىپ ئۆزىنى تۇتالماي قالدى. گېلى قىچىشىپ قانداقتۇر بىر ئاھاڭغا غىڭشىپ باقتى، بۇنىڭدىمۇ بولماي ئاۋازىنى قۇيۇۋېتىپ ناخشا توۋلاشقا باشلىدى:

    كۆك تېرەكلەر لىڭشىيدۇ،
    قۇشقاچ كېلىپ قونغانمۇ.
    قوينۇڭدىكى ئالماڭنى،
    ماڭا ساقلاپ قويغانمۇ.

    ساي يولى ئۇزۇن يوللار،
    مەن قورقماي يۈرەلەيمەن.
    قارا يىتىم بولساممۇ،
    قىزلارنى سۆيەلەيمەن.
    .........
    ئۇ مەھەللە ياقىسىدىكى ئۆستەڭ بويىغا كەلگەندە ئېشەكتىن چۈشتى. سۈزۈك سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان ئۆستەڭنى كۆرۈپ ئۇنىڭ كۆڭلى تېخىمۇ يايراپ كەتتى، ئۇ قىرغاقتا ئولتۇرۇپ يۈزىنى يۇيۇشقا باشلىدى. سۇ سوغۇق ئىدى، ئۇ ئوچۇمىدىكى سۇنى ھەر قېتىم يۈزىگە ئۇرغىنىدا يۈرىكى بىر خىل سالقىنلىق، راھەت ئىچىدە تىپىرلايتتى. ئۇ قىزىقىش ئىچىدە يۈزىنى يۇيىۋەردى، يۇيىۋەردى. قانچىلىك ئۇزاق يۇغانلىغىنى ئۆزىمۇ سەزمەي قالدى.
    مەھەللىدە ھەمدۇلباي ئېيتقاندەك ئۆرۈكلەر مەي بولۇپ پىشىپ كەتكەن ئىدى. قىزلارنىڭ مەڭزىدەك چىرايلىق قىزارغان ئۆرۈكلەر، كۆك يۇپۇرماقلار ئارىسىدىن مارلىشىپ، يۇلتۇزلاردەك جىمىرلاپ تۇراتتى. ئۆرۈكلەر ھۈسەينىمنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغىۋەتتى. ئۇنىڭ نەپسى تاقىلداپ، شۆلگەيلىرى ئېقىپ تۇرالمايلا قالدى. ئۇ نەچچە يىلدىن بېرى مەھەللىگە كەلمەي سايىدىلا يۈرگەچكە، مىۋىلەرنىڭ تەمىنى ئۇنتۇپ قالايلا دىگەن ئىدى.
    ئۇ يول بويىدىكى بىر قاشا تامدىن ئارتىلىپ ساڭگىلىغان ئۆرۈك شېخىدىن بىر چاڭگال ئۆرۈك ئۈزىۋالدى - دە، مەزە قىلىپ يېيىشكە باشلىدى.
    ئۇ مەھەللىگە يېتىپ كەلگەندە كىشىلەر ئەتىگەنلىك ئېتىز ئىشلىرىنى تۈگۈتىپ  ناشتىغا مېڭىشقان ئىدى. ئۇلار ھۈسەينىمنى كۆرۈپلا ئۇنى ئورىۋېلىشتى.
     ھوي ھۈسەينىم، سەن بارمۇ؟
     نەچچە يىل بولدى مەھەللىگە كەلمىدىڭ...
     ھەمدۇلباي كەلگىلى قويمىدىمۇ - يا؟
     قارا ئەخمەق، مەھەللە شۇنداق بەلەن تۇرسا چۆل - جەزىرىگە بېرىۋالغىنىڭ نېمىسى، بولدى قايتىپ كەل، بىز ساڭا يەر بېرەيلى.
     باي ئاتام خوتۇن ئېلىپ بېرىدىغان بولدى.
     بىزمۇ ئېلىپ بېرىمىز، تىرناقتا توختىغۇدەكنى دېگىنە.
     بولدى قايتىپ كەل.
     ياق، باي ئاتام يالغۇز قالىدۇ.
     ئۇمۇ قايتىپ كەلسۇن.
     ئۇنىڭ قايتىپ كەلگۈسى يوق.
     ئۇ ساراڭ بوپتۇ، نەق ياۋايى - دە، ئۆزى.
     شۇڭا ئوغلىمۇ ئۇنى تاشلىۋەتتى ئەمەسمۇ. سەن ئۇنىڭ ئوغلىدىنمۇ ۋاپادار ئىكەنسەن جۇمۇ ھۈسەينىم.
    ئۇلار بىرى ئۇنى، بىرى بۇنى دەپ خېلى ئۇزاق پاراڭلاشقاندىن كېيىن، ھۈسەينىم بىلەن تەڭتۈش بىرسى ئۇنى ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى.
    مەھەللىدە گىرىمسەن يوق ئىدى. ئەمما بۇ يەردىكى تۇرمۇشنىڭ ئۆزى بىر رەڭگا - رەڭ گىرىمسەن ئىدى. ئېرىق - ئېرىقلاردا باغ ئارىلاپ ئېقىپ تۇرغان زۇمرەتتەك سۇلار، جەننەتنىڭ سىماسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان باغۇ - بوستانلار، ئادەملەرنىڭ خۇي - پەيلى ئۆز ئارا گۈزەللىشىپ ئۆزگىچە بىر ھايات مىلودىيەسىنى، گىرىمسەن شولىلارنى ھاسىل قىلغان ئىدى. ھۈسەينىم ھەمدۇلباينىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچە گۈزەل يۇرت - مەھەللىنى تاشلاپ چۆل - جەزىرىگە بېرىۋالغىنىنى زادىلا چۈشىنەلمىدى. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭمۇ ئاشۇ جەزىرىگە كۆنۈپ قالغانلىغىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايتتى. چۈنكى سايىنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق ئارتۇقچىلىغى بار. قارىسىڭىز ئۇنىڭ چەت - چېتىگە كۆز يەتمەيدۇ، ئۆزىڭىزنى شۇنچىلىك ئازادە، ئەركىن ھىس قىلىسىز. يىراقتا قارىداپ كۆرۈنۈپ تۇرغان تاغلار سىزگە بىر خىل جەسۇرلۇق بەخىش ئېتىدۇ. تاڭ سەھەردە ساينىڭ ئۇ چېتىدىن چىقىۋاتقان قۇياش سىزگە خۇددى مۇشۇ سايلىقتىن - قورام تاشلار ئارىسىدىن ئۈنۈپ چىقىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ، ئۇنى ئۆزىڭىزگە شۇنچىلىك يېقىن ھىس قىلىسىز. ئۇنىڭ يېڭى تۇغۇلغان چاغدىكى نۇرلۇق جامالىنى ئوچۇق كۆرەلەيسىز، بۇ ئاجايىپ كۆرۈنۈشتىن ھاياجانلىنىپ ئۆزىڭىزنى تۇتالماي قالىسىز، يۈرىكىڭىز كۆكرىكىڭىزگە پاتماي قالىدۇ. بۇ يەردە بىر خىل ئېزگۈلۈك بار، سىزنى ئېغىر - ئېغىر خىياللار قوينىغا ئالىدۇ، نېمە - نېمىلەر توغرىسىدا تەپەككۈر قىلدۇرىدۇ. سىز شۇ تەپەككۈرىڭىز ئارقىلىق نۇرغۇن نەرسىلەرنى چۈشىنىپ يېتەلەيسىز، ھىس قىلالايسىز. ئادەم بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىنچىكە باغلىنىشلارنى كۈزىتەلەيسىز. بۇ يەردە ھېچكىم سىزگە ۋاقىراپ بۇيرۇق بەرمەيدۇ، سىزگە ۋەھىمە تۇغدۇرمايدۇ. ئادەملەر شالاڭ بولغاچقا مالچىلار بىر - بىرىنى كۆرسە خۇددى يېقىن تۇققانلىرىنى كۆرگەندەك خوش بولۇشۇپ كېتىدۇ، چوڭقۇر مېھرى بىلەن بىر - بىرىنى قۇچاقلىشىپ كۆرۈشىدۇ. ھىچكىم - ھىچكىمگە خىيانەت قىلمايدۇ، قەست قىلمايدۇ، ھەسەت قىلمايدۇ. كىبىر، مەنمەنچىلىك قىلمايدۇ. خۇددى چۆچەكلەردىكى خىيالىي دۇنياغا ئوخشايدۇ.
    بەلكىم ھەمدۇبايمۇ شۇنداق ئويلىسا كېرەك.
    ھۈسەينىم مەھەللىدىكى ئادەملەر ئارىسىدا ئۆزىنىڭ چېنىپ قالغانلىغىنى ھېس قىلىپ قالدى. بۇ يەردە سىزنى باشقىلارنىڭ كۆزىگە چىرايلىق كۆرسىتىدىغىنى كىيىم ئىدى. ھەمدۇلباي ئۇنى يولغا سېلىشنىڭ ئالدىدا چاچ - ساقاللىرىنى پاكىز قىرىپ، «مېھمانلىق» كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ قويغان ئىدى، ئەمما بۇ پەدە بازارغا توغرا كەلمەي قويدى.
    ھۈسەينىم بىردەم دىلىغۇل بولغاندىن كېيىن بۇ ئىشلارنى خىيالىدىن چىقىرىۋەتتى. نېمە بولسا بولمامدۇ، ئۇلار بىلەن تەڭلىشىپ نېمە قىلاي، بۇنداق ئادەت ماڭا ماس كەلمەيدۇ، مەن دېگەن تاغدا ياشايدىغان مالچى.
    ئۇنىڭ ئۈستى كونا بولغان بىلەن يانچۇقى توم ئىدى.
    يېزا بازىرى ھۈسەينىمنىڭ كىچىك چاغلىرىدىكىدىن كۆپ ئۆزگەرگەن ئىدى. دوقمۇشتا ئۈچ قەۋەت، تۆت قەۋەت بىنالار قەد كۆتۈرگەن، كوچىنىڭ ئىككى تەرىپى سانجاق - سانجاق دۇكانلار بىلەن تولغان ئىدى. تىجارەتچىلەرنىڭ تولىلىقىدىن ئادەملەر ماڭىدىغان يولمۇ تارلاپ كەتكەنىدى. ھۈسەينىم كوچىدا كېتىۋاتقاندا، ناتونۇش ئادەملەر ئۇنىڭ تېرىلىرى ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ كەتكەن، مۇسكۇللىرى بۇرتۇپ چىققان يەڭسىز بىلەكلىرىگە، ئالدى ئوچۇق كۆڭلەكتىن كۆرۈنۈپ تۇرغان مەيدىلىرىگە قاراپ - قاراپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىشەتتى.
    بالىلار بىردەم بازار ئايلانغاندىن كېيىن، ھۈسەينىمنى بىر دۇكانغا باشلاپ كىردى. دۇكاننىڭ بىر چېتىگە چوڭ - كىچىك شىرەلەر قويۇلغان ئىدى. ئۇلار بىر شىرەگە كىلىپ ئولتۇرۇشتى ھۈسەينىم ئۇلارنىڭ نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى تېخىچە چۈشەنمىگەنىدى. ئەسمەت ئىسىملىك بالا بىر ئاق ھاراقنى ئەكىلىپ شىرە ئۈستىگە توككىدە قويغاندىلا ئاندىن چۈشەندى.
     مەن... مەن... ھاراق ئىچمەيمەن... دېدى ئۇ ھودۇقۇپ.
     نېمە دەيدۇ ماۋۇ، بۇ جان ئالىدىغان نەرسە ئەمەس بىزنى يايرىتىدىغان نەرسە.
     سىنىڭ ھۆرمىتىڭ كالۋا.
     مەن زادىلا ئىچىپ باقمىغان...
     ئەمدى ئىچسەڭمۇ بولىدۇ.
     بىراق...
     بىراق - پىراقلىرىڭنى قوي، ھېلى كۆرىسەن بۇنىڭ كارامىتىنى.
     قارا ماۋۇ قارىۋاينىڭمۇ قورقماي ئولتۇرغىنىغا دېدى ئەسمەت ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 17  18 ياشلاردىكى قارا قومچاق بىر بالىنى كۆرسىتىپ، ھەقىقى ئوغۇل بالا مانا بۇ، بىزنىڭ مەھەللىدىن مۇشۇنداق ئوغۇل بالا چىقىشى كېرەككى، ھەرگىزمۇ قىز بالا مىجەز قورقۇنچاقلارنىڭ چىقىشىغا بولمايدۇ. گەرچە سەن سايدا بولساڭمۇ يەنىلا بىزنىڭ مەھەللىگە تەۋە.
    بالىلار تەرەپ - تەرەپتىن ھۈسەينىمنى ئەيىپلەپ كېتىشتى. ئۇ تەڭلىكتە قېلىپ ئىلاجىسىز ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.
    ئىچىش باشلاندى. ئەسمەت لىق ھاراق قويۇلغان پىيالىنى ھۈسەينىمگە تۇتقۇزدى.
     كىچىگىمىزدە بىرگە ئويناپ چوڭ بولغان ئىدۇق، كېيىن سەن سايغا  ھەمدۇلباينىڭ قېشىغا چىقىپ كەتتىڭ، شۇنداقتىمۇ بىر مەھەللىلىك ئەمەسمۇ، ئۆزگىچە مېھرى بولىدىكەن. سېنى پات - پات ئويلاپ تۇردۇق. تۆنۈگۈن سېنى مەھەللىدە كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم. تۇرۇپ ساڭا ھەۋەس قىلىمەن، مېنىڭمۇ مەھەللىنى تاشلاپ شۇنداق قۇلاق ئارام تاپىدىغان يەرلەرگە كەتكۈم بار، بىراق ئۆي - ئوچاقلىق، بالا - چاقىلىق بولۇپ قالغاندا يۈگۈرۈپ ئۇنداقمۇ قىلغىلى بولمايدىكەن... قېنى، بۈگۈنكى جەم بولۇشىمىزنىڭ شەرىپى ئۈچۈن كۆڭلۈمنى ئال، خوشە!
     خوشە!
    ھۈسەينىم تىترەپ تۇرغان قوللىرى بىلەن پىيالىنى ئاغزىغا ئاپاردى. شۇ ھامان بىر خىل بەدبۇي پۇراق ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاينىتىۋەتتى. بىراق، ئامال يوق، شۇنچە ئادەمنىڭ ئالدىدا بۇنى ئىچمەي قۇتىلالمايدۇ. ئۇ كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ تۇرۇپ پىيالىنى كۆتەردى. بىر سۇيۇغلۇق ئۇنىڭ ئاغزىغا كىردى - يۇ، شۇنىڭ بىلەن تەڭلا بىر پارچە ئوتمۇ ئاغزىدىن كىرىپ ئىچ باغرىنى  قوقاستەك ئۆرتىۋەتتى. ئۇ قېقىلىپ يۆتۈلۈپ كەتتى، كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ ھەسەن - ھۈسەن كۆرۈنۈپ كەتتى. توۋا، ئادەمنىڭ كۆزىدىمۇ گىرىمسەن بولىدىكەن.
    ئەسمەت ئۇنىڭغا چاي ئىچۈرۈپ قويدى، چاي ئىچكەندىن كېيىن ئۇنىڭ يۆتىلى سەل بېسىقتى.
     قانداقراق؟ سورىدى ئەسمەت.
     ئۇھ، ئىچىمگە ئوت كەتكەندەك بولۇپ قالدى.
     ھا... ھا... ھا... ھا...
     تۇنجى قېتىملىقى ئەمەسمۇ، كۆنۈپ قالىسەن، يەنە بىر - ئىككىنى ئىچكەندىن كېيىن ئۇنداق بولمايدۇ.
    ئادەم كۆپ بولغاچقا بىر بوتولكا ھاراق ئاران ئىككى ئايلىنىشقا يەتتى. يەنە بىر بالا ئورنىدىن تۇرۇپ بىر شىشە ھاراق ئەكېلىپ شىرەگە قويدى. ئارقا - ئارقىدىن بىر نەچچىنى ئىچكەندىن كېيىن ھاراق ھۈسەينىمنىڭ بۇرنىغا سېسىق پۇرىمايدىغان، ئىچ - باغرىنىمۇ ئۆرتىمەيدىغان بولدى. بارا - بارا ئۇ ئۆزىنىڭ باشقىچە بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى. ئۆزىچە كۈلگۈسى، توختىماي گەپ قىلغۇسى، ۋارقىراپ ناخشا ئېيتقۇسى كەلدى.
    ئەمدى سورۇندا پىيالىنىڭ ئايلىنىشى ئاستىلاپ، پاراڭ كۆپىيىشكە باشلىدى. بالىلار بىرىنىڭ گېپىنى بىرى ئاڭلىماي ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلاتتى. ھۈسەينىمنىڭ مىجەزى رەسمى ئۆزگەردى. ئۇنىڭ ئېغىر - بىسىق مىجەزىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنى خۇددى ئۇچۇۋاتقاندەك ھېس قىلاتتى، ساينى، مەھەللىنى ھەممىنى ئۇنتۇغان ئىدى.
    بىر چاغدا ئۇ يانچۇقىدىكى پۇلنى ئېلىپ شىرە ئۈستىگە ئاتتى.
     پۇل دېگەن مانا... ئالە ھاراقنى... ئىچىمىز... بۈگۈن مەن ئىچىمەن... مەن ئىچىمەن...
    ئەسمەت پۇللارنى يىغىپ ئۇنىڭ يانچۇقىغا سېلىپ قويدى.
     ئۇنداق قىلما ئاداش، بۇ دېگەن بازار، قاۋاقخانا، پۇلنى ئۇنداق ئاتساڭ بولمايدۇ.
     ياق... مەن... ھاراق ئالىمەن... ئۈچ... ئۈچنى... ئالىمەن... ئىچىمەن...
    ھۈسەينىم ئۇنىڭ توسقىنىغا قارىماي ئۈچ شىشە ھاراقنى ئېلىپ شىرە ئۈستىگە قويدى.
    كۈن ئولتۇرۇپ، بازارچىلار بازاردىن تارقىغانىدى. پەقەت كەچلىك تىجارەتچىلەر بىلەن بازاردىن ئېشىپ قالغان ھاراقكەشلەرنىڭ ئۇيەر - بۇ يەردە ۋارقىرىغان ئاۋازى ئاڭلىناتتى. ئىشىگى ئوچۇق قاۋاقخانىلاردىن مەستلەرنىڭ ناخشىلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. كەچلىك بازار مەستلەرنىڭلا بازىرىغا ئايلىنىپ قالغانىدى. يېزىدىكى ياشلار بىر ھەپتە ئىشلەپ تارتقان جاپالىرىنىڭ ھاردۇقىنى مانا مۇشۇنداق ھەپتە ئاخىرىدا بار پۇللىرىنى خەجلەپ ئۆلگۈدەك ھاراق ئىچىش بىلەن چىقىراتتى.
    كېچە خېلى بىر يەرگە بارغاندا ئۇلار قاۋاقخانىدىن چىقىشتى، ئەمدى ئۇلارنىڭ بىر - بىرىگە قارىغۇدەكمۇ ھالى قالمىغانىدى. ھۈسەينىمگە ئالەم پىرقىراۋاتقاندەك بىلىندى. پۇتى خۇددى ئۆزىنىڭ ئەمەستەك ئۇنىڭغا بويسۇنمايتتى، ھەممە نەرسە كۆزىگە ئەلەڭ - سەلەڭ كۆرۈنەتتى. ئەسمەت ۋە باشقىلار نەدە قالدى، نەگە كەتتى بۇلارنىمۇ بىلمەيتتى. ئۆزىنىڭ نەدىلىكىنى بولسا تېخىمۇ بىلمەيتتى.
    ئۇ يىقىلىپ قوپۇپ مېڭىۋەردى، كوچا ياقىلىرىدىكى تېرەكلەرگە، قايسىدۇر بىر تاملارغا ئۈستى، ئۇ كاللىسى، پۇتلىرىنى كونترول قىلىۋالغان ئالۋاستىدىن قۇتۇلۇشقا تىرىشاتتى، ئۈستىگە يېپىشىۋالغان قانداقتۇر بىر مەخلۇقنى تاشلىۋېتىشكە ئۇرۇناتتى، بىراق، ئۇنداق قىلالمايتتى، ئۆزىنى بارغانسېرى ئاجىزلاپ كېتىۋاتقاندەك ھىس قىلاتتى.
    بىر چاغدا ئۇ بىر يەرگە قىستىلىپ قالدى. يا ئالدىغا، يا ئارقىغا ماڭالمىدى. قولىغا نېمىلەردۇر ئۇرۇندى، ئەمما بىلەلمىدى. بىرسى ۋارقىرىغاندەك، ئۇنى تارتقاندەك قىلدى، يەنە كالتەكتەك بىر نەرسە بىلەن ئۇردى، ئۇ ئاغرىقنى سەزمىدى. ئۇ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە قالدى، ھىچنېمىنى كۆرەلمىدى. ئۆزىنىڭ تولىمۇ چوڭقۇر بىر يەرگە چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى غۇۋا ھېس قىلدى.
    ئەتىسى ئۇ پۇت - قوللىرىنى ئۇرۇپ - چېقىۋەتكەندەك سىرقىراپ ئاغرىۋاتقان ھالەتتە ئېسىگە كەلدى. كۆزىنى ئېچىپ ئەتراپقا نەزەر سالدى. ئۇنىڭ ياتقىنى تارغىنا تۆمۈر ئىشىكلىك ئۆي بولۇپ، ئۈستى تەرىپىدە چارەك چوڭلۇقىدا تۆمۈر پەنجىرلىك روجەك بار ئىدى. ئۆينىڭ ئاستىمۇ سىمونت بولۇپ، ئۇ كېچىدىن بېرى داق سىمونت يەردىلا ياتقانىدى.
    بۇ قەيەردۇ؟ مەن قانداق بولۇپ بۇ يەرگە كېلىپ قالغاندىمەن؟ ئۇنىڭ بېشى ھېلىمۇ زىڭىلداپ ئاغرىپ تۇراتتى.
    ئۇ ئۇيۇشۇپ كەتكەن پۇت - قولىنى تەستە يىغىپ ئورنىدىن تۇردى. ئىشىكنىڭ يېنىغا بېرىپ، تۆمۈر ئىشىكنى قاتتىق تەپتى.
     ئىشىكنى ئېچىڭلار، بۇ قەيەر؟ مەن چىقىپ كېتىمەن!
    سىرتتىن قوپال ۋارقىرىغان ئاۋاز ئاڭلاندى:
     ئىشىكنى تەپمە ھۇ ئىتنىڭ بالىسى، ئاناڭنىڭ ئىشىكى ئەمەس بۇ.
    ئارقىدىن تۆمۈر ئىشىك تاراڭلاپ ئېچىلىپ، ئىشىك ئالدىدا پاكار، دوغلاق كەلگەن، قارامتۇل بىر ساقچى كۆرۈندى. ئۇنىڭ چىرايى تولىمۇ سۆرۈن ئىدى.
     نېمانچە ۋارقىرايسەن گۇي، تاياق يىگۈڭ بارمۇ - يا؟
    ھۈسەينىم ھەيران قالدى، ئۇ بۇ يەرگە قانداق كېلىپ قالدى؟ ساقچى بۇ يەردە نېمە ئىش قىلىدۇ؟
     ئوغرى مۈشۈكتەك قاراپ تۇرماي چىقە بۇياققا؟
    ئۇ قارا ساقچىغا ئەگىشىپ ئازادە بىر ئىشخانىغا كىرگەندىلا ئاندىن بۇ يەرنىڭ ساقچىخانا ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئۇ كېچىدىن بېرى مۇشۇ ساقچىخانىدا قامىلىپ ياتقانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ يەرگە كىرىپ قالغانلىقىنى بىلمەي گاڭگىراپلا قالدى.
    ئىشخانىنىڭ بۇلۇڭىدا، مېغىزرەڭ پارقىراپ شىرەگە تايانغىنىچە گەۋدىلىك، سىمىز كەلگەن يەنە بىر ساقچى ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ چىرايى قارا ساقچىغا سېلىشتۇرغاندا ئادەمگە ئانچە ۋەھىمە پەيدا قىلمايتتى.
     سوجاڭ، ئۇنى ئېلىپ كىردىم.
    سوجاڭ سىنچى كۆزلىرى بىلەن ھۈسەينىمگە باشتىن ئاخىرى قاراپ كۆزۈتۈپ چىقتى.
    ھۈسەينىم ئىشخانىنىڭ چىڭ ئوتتۇرىدا خۇددى مەشرەپخانىنىڭ تۈۋرىگىدەك تىك تۇراتتى.
     ئىسمىڭ نېمە؟
     ھۈسەينىم.
     فامىلەڭچۇ؟
    ھۈسەينىم بۇ گەپنى چۈشەنمىگەچكە ئۇنىڭ ئاغزىغا قارىغىنىچە تۇرۇپ قالدى.
     ئاتاڭنىڭ ئىسمى نېمە دەيدۇ؟
    قارا ساقچى شۇنداق دېگەچ ئۇنى دۆشكەللىدى.
     موللەك جۇۋازچى.
    سىمىز ساقچى پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ قويدى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.