ئانا تىلىم ( ئەخمەت ئىمىن )

يوللىغۇچى : nepret يوللىغان ۋاقىت : 2013-10-28 17:46:43

ئانام ماڭا تۇنجى قېتىم « بالام –باغرىم »دېگىنىدە سەن بىلەن –دەل مۇشۇ ئۇيغۇر تىلى بىلەن سۆزلىگەن .

     
    ئانا تىلىم 
    ( ئەخمەت ئىمىن ) 
     
    ئانا تىلىم ! ئەي، ئانامنىڭ تىلى ! 
    ئانا تىلىم ! ئەي،ئانام بەرگەن تىل! 
    مەن سېنى ئانامدەك ئەزىزلەيمەن . 
     
    سېنى ئاڭلىسام،ئانامنىڭ ئوتلۇق يۇرەك خىتابىنى ئاڭلىغاندەك بۇلىمەن ؛سېنى سۆزلىسەم ،شۇ خىتاپقا جاۋاپ سادايىمنى ياڭراتقاندەك بۇلىمەن . 
    ئانام ماڭا تۇنجى قېتىم « بالام –باغرىم »دېگىنىدە سەن بىلەن –دەل مۇشۇ ئۇيغۇر تىلى بىلەن سۆزلىگەن. مەنمۇ تۇنجى قېتىم«ئانا –ئانا » دېگىنىمدە سەن بىلەن مۇشۇ تەۋەرۇك تىل تىل بىلەن سۆزلىگەن . 
    ئانا تىلىم ،سىنىڭ ھەر بىر تاۋۇشۇڭدا  ئانامنىڭ يېقىملىك تىنىقلىرى بار .سىنىڭ ھەربىر ئۇرغۇڭدا ئانامنىڭ نەپىس ھىسياتىنىڭ ئۇرغۇشلىرى بار ؛سېنىڭ ھەر بىر ياڭرىشىڭدا ئانامنىڭ غورورى بار ،ئىپتىخارى بار . 
    مەن سەن ئارقىلىق ئانامنىڭ كەچمىشلىرىنى ئۇققان ؛سەن ئارققىلىقلا ئەجدادلارنىڭ كىملىكىنى ئۇققان .سەن ئارقىلىقلا ئانا يۇرتنىڭ نىمىلىكىنى ئۇققان . 
    شۇنداق ،سەن ئارقىلىق مېنىڭ ئۇققان –بىلگەنلىرىم جىق ، ناھايتى جىق :سەن ئارقىلىق ئۇرخۇن ۋادىسىدىكى مەڭگۈ تاشلارنىڭ سىرىنى ئۇقتۇم ،ئەجداتلىرىمنىڭ گۈللۇنۈش ۋە خاراپلىشىش تارىخى كۆز ئالدىمدا ئايان بولدى .ئۇنىڭدىكى غالىپلىققا بولغان مەدھىيە كۆڭلۇمنى يايراتتى ،مەغلۇبىيەتكە ئۇقۇلغان مەرىسيە يۆرىكىمنى قاقشاتتى . 
    سەن ئارقىلىق «ئۇغۇزنامىنى »-مەشھۇر قەھرىمانلىق داستانىنى ئۇقۇدۇم .ئۇغۇز خاقاننىڭ «ئاتلان  !»دەپ نەرە تارتىشلىرى يۈرۈكۈمنى لەرزىگە سالدى ،جەڭ تۇلپارلىرىنىڭ تاشقا تەككەن تۇياقلىرىدىن چاچىرغا ئۇچقۇن كۆزۇمنى چاقناتتى . 
    سەن ئارقىلىك «ئالتۇن »يارۇقنىڭ نېمىلىكىنى ئۇقتۇم .بېشبالىق تىلشۇناسىمىزنىڭ تاۋغاچ تىلىدىن ئۆرىگەن بۇددا ھېكايىللىرى مېنى گۈزەل بىر ئەپسانەدۇنياسىغا باشلاپ باردى .بۇگۇنكى ئىدىقۇت خارابىسىگە قاراپ ئۆتمۇشتىكى ئاجايىپ بىر سەلتەنەتنى كۆز ئالدىمغا كەلتۇردۇم . 
    سەن ئارقىلىق «ئىككى تېگىننىڭ ھىكايىسى» مۇ ،«چاشتانى ئىلىگ بەگنىڭ ھېكايىسى »مۇ قەلىب سەھىپەمگە نەقىشلەندى .مەن ئۇلارنى ئانام ئېيتىپ بەرگەن چۆچەكلەردەك زوق –ئىشتىياق بىىلەن ئاڭلىدىم . 
    سەن ئارقىلىق «مائىتىرى سىمىت »تىن قەدىمقى بىردىراممىنى كۆرۇش بەختىگە مۇيەسسەر بولدۇم :مائىتىرىتتىن مەسھىگىچە ،مەسھىدىن ئىمامى مەھدى ئاخىر زامانغىچە بولغان باغلىنىش مېنى چوڭقۇر ئويغا سالدى . 
    سەن ئارقىلىق «تۇركى تىللار دىۋانى»نى ئوقۇدۇم ،«قۇتاد غۇبىلىگ»نى ئوقۇدۇم ،قەدىمقى شېئىر –داستانلارنى ئوقۇدۇم ،نۇرغۇن بىباھا ئىلمىي ھەقىقەتلەرنى ئوقۇدۇم . 
    سەن ئارقىلىق «ئون ئىككى مۇقام »نى ئاڭلىدىم ،سەن ئارقىلىق «ئون ئىككى مۇقام »نى توۋلىدىم ،كۈي –مۇقام دېڭىزىدىكى ھېكمەت گۆھەرلىرىنى سەن ئارقىلىق ،پەقەت سەن ئارقىلىقلا ئۆز قىممىتىنى ،كارامىتىنى نامايەن قىلدى . 
    شۇنداق !ئانا تىلىم –پاراسەتلىك ،باتۇر ،ئەمگەكچان مىللىتىمنىڭ تىلى !سەن ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى بۇلدۇردۇڭ ،سەن ماڭا نۇرغۇن  ھىكمەتلەرنى سىڭدۇردۇڭ .سەنسىز مەن مەۋجۇدىيىتىمنى تەسەۋۇر قىلالمايمەن ،سەنسىز مەدەنيىتىمنىمۇ تەسەۋۇر قىلالمايمەن . 
    ئەي ،ئاناتىلىم –ئانىللىرىم سۆزلىگەن تىل ،ئاتىللىرىم سۆزلىگەن تىل ،قان قېرىنداشلىرىم سۆزلىگەن تىل . 
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئانا