پۇلسىز قىزنىڭ ئۆلۈمى

يوللىغۇچى : rayila يوللىغان ۋاقىت : 2010-09-24 11:36:35

پۇلسىز قىزنىڭ ئۆلۈمى ئەتىگەن يامغۇرنىڭ شاقىراپ چۈشكەن ئاۋازى بىلەن تەڭ قاباھاتلىك چۈشتىن ئويغۇنۇپ رىئال دۇنياغا قايتىپ كەلدىم . ئورنۇمدىن تۇرۇپ بامدات ناماز ئوقۇغاندىن كىيىن مەرھۇم دوستۇم س...

              پۇلسىز قىزنىڭ ئۆلۈمى

     

      ئەتىگەن يامغۇرنىڭ شاقىراپ چۈشكەن ئاۋازى بىلەن تەڭ قاباھاتلىك چۈشتىن ئويغۇنۇپ رىئال دۇنياغا قايتىپ كەلدىم . ئورنۇمدىن تۇرۇپ بامدات ناماز ئوقۇغاندىن كىيىن مەرھۇم دوستۇم ساچىدەنىڭ روھىغا ئاتاپ ئىككىركەت ناماز ئوقۇپ ئاللاھتىن ئۇنىڭغا جەننەت ئاتا قىلشىنى ئۇزاق تىلدىم . جەينىمازىن چۈشۇپ باشقا ئىشلار بىلەن مەشغۇل بۇلاي دىسەممۇ بىراق كىچىدىن بېرىقى چۈش مىنى زادى ئارامىمدا قويمىدى
    بۇ چۈش مۇنداق ئىدى :
          مەرھۇم دوستۇم ساچىدە ماڭا ئۇزاق قاراپ تۇرغاندىن كىيىن يىغلاپ تۇرۇپ ئاداش پۇل يوق قەبرەنىمۇ تۈزۈك ئوڭشتالماي يامغۇر كېرىپ كېتىپ بەك توڭلاپ كېتۋاتىمەن ، باشقىلاردىن قەرىز ئېلىپ بولسىمۇ قەبرەمنى بىر ياستىپ بەرسەڭ دەپ قۇلۇمدىن قەبرە تەرەپكە كۈچەپ تارتقۇدەك ،مەن ئۈزۈمنى قەبرىدىن ئېلىپ قاچقۇدەكمەن .
    يامغۇر ياخشى يېغىپتىكەن بولمىسا قانداق قىلار ئىدىم بۇ چۈشنى
    دەپ ئويلاپ تۇيۇقسىز ئۇنىڭ قەبرەمدىن يامغۇر ئۆتتى دېگەن ھالىتى كۆز ئالدىمغا كەلدى
    راسلا شۇنداق بولسا ؟؟؟؟؟
    بۇ ئىشلارنى ئويلاپ مىڭەم ئاغرىپلا كەتتى ،
                   ئاپام غۇلجىغا تويغا كەتكەچكە ئۆيدە دادام ئىككمىز قالغان ئىدۇق،شۇڭا دادامغا تېلفۇن قىلىپ قەشقەرگە جىددىي بارماقچى بولغۇنۇمنى ئېيتىپ يولۇچىلار بېكتىگە قاراپ ماڭدىم ماشىنا بىكتىدە ئادەم شۇنداق كۆپ بۇلۇپ قەشقەرنىڭ ماشىنىسى قوزغۇلۇش ئالدىدا تۇرغان ئىكەن ،مەن ئالدىراش ماشىنىغا چىقتىم ، ئەڭ كەينىدە ئېشىپ قالغان بىر ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇرۇپ يولدىكى چۆللەرگە ،تاقىر تاغلارغا قاراپ زىرىكشنى پەسەيمەكچى بولدۇم ،بىراق ماشىنا قانچە تىز ماڭغانسىرى كۆز ئالدىمغا ساچىدە كېلۋېلىپ مىنى قىينىغلى تۇردى

                  ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ ئۆزىمىزنى تىزىمغا ئالدۇردىغان چاغدا قۇرسۇقۇمدا ئوماچنىڭ تاينى يوق ئۆزۈم ئۆتكەن مەكتەپنى ياراتماي ئوقمايمەن دەپ تۇرۋېلىپ تىزىمغا باشقا باللاردىن ئۈچ كۈن كىيىن ئالدۇرغان ئىدىم ، تۈرلۈك رەسمىيەتلەرنى بىجىرىپ بۇلۇپ ياتاققا ئورۇنلۇشۇش ئۈچۈن ماڭا تەقسىم قىلىنغان ياتاققا كىردىم ،بۇ دەل چۈشلىك دەم ئېلىش ۋاقتى بۇلۇپ ھەممە قىزلار ياتاقلىرىدا ئىكەن
    بالىنىڭ كىچكى دەپ بەك ئەتىۋارلاپ كەتكەچكىمۇ ۋە ياكى ئۆزۈم بەك ئەركە بولغاچقىمۇ ياتاق ئىشكىنى چەكمەيلا كۆچۈپ ئىتىرىپ "جاڭ "قىلىپ ئاچتىم ، ئالتە كىشىلىك ياتاقنىڭ بەش كارۋىتىدا بەش قىز ياتاتتى ،قاتىق ئېچىلغان ئىشىك ئاۋازى بىلەن تەڭ ھەممسى ئورۇنلىردىن تۇرۇپ ماڭا قاراپ قاپاق ئالايتقىلى تۇردى ،پەقەت ئشىك تۈۋىدىكى ئاستىنقى كارۋاتقا ئورۇنلاشقان بېشىغا ياراشتۇرۇپ ياغلىق ئارتقان بىر قىز يۈگرەپ دېگۈدەك ئالدىمغا كېلىپ قۇلۇمدىكى يۈكتاقامنى ئېلىپ ئۈزنىڭ كارۋىتىنىڭ ئۈستىدىكى كارۋاتقا قويدى ، مەن بىلەن ئاپام ،دادام ،يەنە بۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان نەۋرە ھەدەم بىرگە ياتاققا كىرگەن ئىدى ،ئۇ قىز نەۋرە ھەدەمگە ياردەملىشىپ مىنىڭ ھەممە نەرسەمنى جايلاشتۇرپ تۇرشىغا مەن ئۈستىدىكى كارۋاتتا ياتمايتتىم دەپ غەلۋە قىلشقا باشلىدىم
    كىچكىمدىن يۇملاپ ياتقاچقىمۇ دادام ئاپام ماڭا بۇلشۇپ ئاستى كارۋاتتا ياتىدىغان ئۈچ قىزغا يالۋۇرۇش ئارلاش گەپ قىلدى
    باللىرىم بىزنىڭ گۈلسۇم بەك ئەسكى ياتىدۇ شۇڭا بىرەرسىڭلار كارۋىتىڭلارنى ئالماشتۇرۇپ بەرسەڭلار دېدى ، ھېلىقى ياغلىق ئارتقان مۇلايىم قىز مەن ئالماشتۇرۇپ بېرەي دەپ تۇرشىغا دېرىزە تەرەپتە چاچلىرنى جىندەك قۇيۇپ بەرگەن ئۇرۇق ،غۇرا قاپاق قىز ئۇنداق قىلغىلى بولمايدۇ ، بىز ئورۇنلىرىمىزنى چەك تارتش ئارقلىق بەلگىلگەن ،قىزىڭىز ئۈزى كىچكىپ كەلگەچكە بىز بۇنىڭغا ئامالسىز ،ئۇنىڭ ئۈسىتىگە بىزمۇ كىچسى شۇنداق جىم ياتمايمىز ،دەپلا تام تەرەپكە قاراپ يېتۋالدى، قۇرسۇقۇم شۇنداق كۆپتى:

     -يوغان ئش ....ئۆلۈپ قالماسمەن ،بۇنداق رەپرەپلەرگە يالۋۇرغىچە يېتىۋېرەي دەپلا سېرىتقا قېيداپ ماڭدىم، دادام ئاپاممۇ كەينىمدىن چىقىپ :
    - بولدى خاپا بولماڭ بۇ ياتاقتا ئۈزىڭىزگە پۇختا بۇلۇپ يۈرۈڭ دېدى ، دادام ،ئاپام، نەۋرە ھەدەملەر بىلەن بىرگە چىقىپ مەكتەپ ئالدىدىكى بىر ئاشپۇزۇلدا بىرگە تاماق يەپ بولغاندا دادام ،ئاپام مىنى قالدۇرۇپ يۇرتقا قاراپ ماڭدى ، ئەزەلدىن ئۇلاردىن ئايرىلىپ باقمىغاچقا بىر نەرسەم كەمدەك كۆڭلۇم شۇنچىلىك يېرىم بولدى ،ھەدەم دەرسىم بار ئىدى دەپ سىنپىقا كىرىپ كەتتى
    ماڭا ھىچ ئىش قىلىش خوش ياقماي ياتاققا كىردىم ،ياتاقتكى قىزلار ئالدىراش سىنىپقا ماڭغان ئىكەن
    مەن ھېلقى ياغلىق ئارتقان قىزنى يېنىمغا تارتىپ مۇئەللىمگە مىنى نەرسە -كېرەكلىرنى رەتلەۋاتىدۇ دەپ قۇيۇڭ دەپلا كارۋىتمغا چىقىپ چۈشلۈك ئويقۇغا كىرشىپ كەتتىم
    شېرىن ئويقىدا تولغۇنۇپ ياتسام ياتاقتىكى قىزلار چۇلدۇرلۇشۇپ كىرىپ كەلدى ، ئۇلارنىڭ بىرى ئىشكتىن كىرىپلا
    - سىزنى مۇئەللىم كەچللىك مۇزاكىرەگە چۇقۇم چىقسۇن دەيدۇ دېدى
    مەنمۇ ئارتۇق گەپ قىلماي ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەچللىك مۇزاكىرەگە چىقىشقا تەييارلىق قىلدىم ،
    ياتاقتىكى قىزلار بايا سىنىپتىن كۆتۇرۇپ كىرگەن نەرسە -كېرەكلىرنى كارۋاتلىرىغا قۇيشۇپ دوس تارتىشىپ
    - ۋاي ماڭە دېسە ۋاي ماڭە دەپ سېرىتقا تاماققا ماڭدى
    - سەت جومباقلار دېدىم ئىچىمدە
    بىر ياتاقداش بولغاندىن كىين بىرگە چىقايلى دېسە ئۆلەمدۇ دەپ ئۇلارغا باتناپ تۇرسام ھېلقى قىز يۈرۇڭ بىرگە چىقايلى دەپ مىنى تۈرتتى
    قالغان قىزلارنىڭ ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ بىراق يەنە چاندۇرماي ئۇ قىزغا قۇشلۇپ يالغاندىن تۈزۈت قىلىپ مىنى چىقىشقا زورلىغلى تۇردى
    بۇ مەكتەپكە بۈگۈن كەلگەن تۇرسام ،بۇلار بىلەن بىرگە چىقمىسام ئاچ قالدىغىنىم ئىنىق شۇڭا ،ئازراق يالغاندىن ناز قىلىپ ئۇلار بىلەن بىرگە تاماق يىگلى مەكتەپنىڭ ئاشخانسىغا كىردۇق
    بىز ئالتىمىز بۇلۇڭغا قۇيۇلغان ئالتە كىشلىك ئورۇنغا كېلىپ بىر -بىزىمىزگە قارشىپ ئولتۇردۇق ،مەن ئاردىكى جىمجىتلىقىنى بۇزۇش مەخسىتىدە ئۆزۇمنى بۇ قىزلارغا تۇنۇشتۇردۇم
    ئسىمىم گۈلسۇم ،ئاقسۇ شەھرىدىن ،دېيشىمگە ھېلقى ياغلىق ئارتقان قىز
    مىنىڭ ئىسىم ساچىدە قەشقەر ***ناھيىسىنىڭ ***يېزسىدىن دەپ ئۆزنى تۇنۇشتۇردى ئۇنىڭ كەيىدىن ھېلىقى غۇرا قاپاق
    ئىسىم مىھرىناز كورلا شەھردىن
    مىھرىناز تۇنۇشتۇرۇپ بولغانىدىن كىيىن مىھرىنازنىڭ ئۈستىدىكى كارۋاتتا ياتىدىغان تەتۈر ئۈستىخان ،سېرىق چاچ قىز ئۈزىنى تۇنۇشتۇردى
    ئىسىم شەكلە
    مىنىڭ ئىسىم زەينەپ
    مىنىڭ رۇخسار
    پاھ دېدىم ئۇلارنىڭ ئۆزنى تۇنۇشتۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كىيىن
    نىمانداق چولپانلاردەك جەلىپكار ئىسىملار بۇ
    قىزلار مىنىڭ بۇ گېپىمنى ئاڭلاپ قاقاقلاپ كۈلشۇپ كەتتى ،ئۇڭغۇچە تاماقلارمۇ تەييار بۇلۇپ ئاشپەز ئۇستاملار بىزنى چاقىرغلى تۇردى
    ھەممىز بېرىپ تاماقلارنى ئەكلىپ ئىشتاھا بىلەن يېيىشتۇق ،تاماقتىن كىيىن ھەممىز بىرگە سىنىپقا ماڭدۇق ،سىنىپقا ماڭدىغان يولدا ھەممە قىزغا بىر بوتۇلكىدىن سوغۇق ئىچىملىك ئېلىپ بەردىم
    ھەي كىشلىك مۇناسىۋەت دىگەن شۇدە ،ئەتگەنىدىن بېرى ئوچۇق چېراي ئاچمىغان قىزلار بىر بوتۇلكا سۇنىڭ سىھرى كۈچىدە ماڭا توختىماي گەپ قىلاتتى
    يىگەن ئېغىز ئۇيلار دىگەن شۇ دە دېدىم ئىچىمدە
    كەچللىك مۇزاكىرە ۋاقىتا مۇئەللىم كىرىپ مىنى ساۋاقداشلارغا بىر قۇر تۇنۇشتۇرۋەتكەندىن كىيىن چىقىپ كەتتى
    بۇ بىزنىڭ تەييارلىق باسقۇچىمىز بولغاچقا مۇئەللىمىز خەنزۇ ئىدى ،مۇئەللىم چىقىپ كەتكەندىن كىيىن ھەممىز ساچىدەنىڭ ئەتراپىغا ئوۋلۇشۇپ پۇتۇن سىنىپتكى باللارنى كۆزتۇپ خۇسۇر تېپىپ كۈلشۇپ چىقتۇق
    مۇزاكىرەدىن يانغاندا ياتاققا كىرىپلا ناخشا -مۇزىكىنى ياڭرىتىپ ئوزاق يىللىق قەدىناس دوسلاردەك ئۇسۇل ،دىسكو ،تاڭسىلارغا چۈشۈپ كەتتۇق
    توۋا مەن خىيالى تەسەۋۇر قىلغان ئالىي مەكتەپ ھاياتتى شۇ بولسا كېرەك دېگەن خىيال بىلەن ھارغىچە قىزلار بىلەن ئوينۇدۇم ،
    ئۇينىمىز ئەمدى ئەۋجىگە چىقىشغا ياتاق باشقۇرغۇچىلىرى توكىنى توختاتتى
    ھەي كاساپەتلەر دەپ ئالتە قىز ئالتە ئېغىزدىن ياتاق باشقۇرغۇچلىرىنى تىلاپ قۇيۇپ كارۋاتلىرىمىزغا چىقشىپ
    يۇرتىمىزدىكى، بۇرۇنقى مەكتىۋېىمىزدىكى قىزىقارلىق ئەسلىملەرنى ئاغزى -ئاغزىمىزغا تەگمەي سۆزلەشتۇق
    ئۇلارنىڭ پارڭى ئەۋجىگە چىقانسىېرى ،مىنىڭ كالامغا
    قانداق قىلسام ئاستىدىكى كارۋاتقا ئالمشۋالارمەن دىگەن خىيال كېلۋالدى
    ئويلا -ئويلا ئاخىرى بىر ھىلە ئويلاپ تاپتىم دە ھەممە قىزنىڭ ئوخلاپ قېلشىنى كۈتتۈم ،ئالاھەزەل بىر سائەتچە بولغان ۋاقىتتا قىزلارنىڭ ھەمممسى بۇخاراغا سەپەر قىلدى
    مەن ئۇلارنىڭ ئوخلىغان ياكى ئوخلىمغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈش ئۈچۈن توختىماي يۈتلەپ ،گېلىمنى قىردىم ،ھىچكىمدىن ساددا كەلمدى
    مانا مىنىڭ كۆتكەن پۇرستىمۇ مۇشۇ ئىدى
    ئاستا كارۋاتتىن سوغۇرلۇپ چۈشۈپ يوتقىنمنى بەدىنىمگە ئوراپ ،يەرگە پۇتۇمنى جۈپلەپ قاتتىق سەكرەپلا
    ۋايجان ،ۋايەيەي دەپ يەردە يېتىپ يىغلاپ نالە قىلدىم
    قىزلار يېرىم كىچىدىكى ئالا -توپلاڭدىن چۈچۈپ ئويغۇنۇپ ئالاقىزەدىلىك بىلەن ئېلىكتىرىنى يېقىپ
    ئۇپ ...قىزلار گۈلسۇم كارۋاتتىن يىقىلىپ چۈشۈپتۇ دەپ توۋلىدى
    ھەمدە ئورۇنلىرىدىن قوپۇپ مىنى يۆلەشتۇرۇپ ساچىدەنىڭ كارۋىتىغا ئولتۇرغۇزۇپ
    ئاداش بىر يىرىڭىز ئاغرىدىمۇ دەپ سوردى
    بۇ بىمەنە ئۇينۇمغا كۈلگۈم كېلىپ تۇرسىمۇ ئاستىنقى كارۋاتنى قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن يىغلاپ تۇرۇپ
    ئىككىنجى قەۋەتىكى كارۋاتتىن يەرگە يېقىلىپ چۈشسە ئاغرىمايدىغان مەن يە تۈمۈر بولمىسام دېدىم
    ھەممە قىز ماڭا ئىچ ئاغرىتقىلى تۇردى
    ئۇڭغۇچە ساچىدە
    گۈلسۇم ھازىرلا كارۋات ئالمىشايلى دەپ مىنىڭ يوتقان كۆرپىلرىمنى ئۆزنىڭ كارۋىتىغا يۈتكەپ ئۆزى ئۈستىدىكى كارۋاتقا چىقتتى
    ھى.....ھى.....گۈشباشلار دېدىم ئىچىمدە
    شۇ كۈندىن باشلاپ مەن ياتاقتكى قىزلارغا نەيرەڭ ئىشلىتىپلا كەلدىم
    كىم سىرىتقا تاماققا ماڭسا
    ۋاي بېقىنىم ئاداش تاماق ئالغاچ كېرە دەپ ئۆزۈم چىقماي بىچارىلەرنى بۇيرۇيتۇم ،
    مەكتەپ ئاشخانلىرى دەرستىن چۈشكەندە بەك باس -باس بۇلۇپ كەتكەچكە مىنىڭ ساقلاشقا تاقىتىم يوق ئىدى ،شۇڭا ياتاقتا قىزلارنىڭ تامقىمنى ئەكىرىپ بېرشىنى كۈتۈپ ئولتۇراتتىم
    سىنىپ ،ياتاق تازلىقىنى قىلىش توغرا كەلگەندە بېشىم قېيىپ يالغاندىن ئايلىنىپ قالاتتىم
    ھازىر شۇ ئېشلىرىمنى ئويلاپ ئۆزۈمنىڭ ئاكتۇيورلۇق كەسىپتە ئوقىمغىنمغا پۇشايمانمۇ قىلىپ قالمەن ،ئەگەر ئاكتۇيورلۇقتا ئوقىغان بولسام ئامىنە ،قۇندۇزئاي ،خانسىيەت قۇربانلارنى بېسىپ چۈشمەنكەنتۇق ئەسلى
    بۇ مىنىڭ ھۈجەيرەىلىرىممۇ مىنىڭ ساختىلقىمغا ماسلاشقاندەك ئاغرىدى دەپ يالغاندىن ئاغزىمدىن چىقىشىغا ئاغرىپ بۇلاتتى ،شۇنىڭ بىلەن بۇ تۈگمەس تازلىقتىن قۇتۇلۇپ قالاتتىم ،
    بىراق ياتاقتىكى ھېلىقى غۇرا قاپاق مىھرىناز مىنىڭ ساختىپەزلىكمنى تىزلا بايقاپ قېلىپ ھەممە قىزنى ماڭا ئىشەنمەس قىلۋەتتى ،بىراق بىچارە ساچىدە لا ماڭا بۇلشۇپ سۆزلەيتتى ،مىنى ھىمايە قىلاتتى
    ئۇنىڭ بۇ قېلشلىرىنى مەن ماڭا خۇشامەت قىلۋاتقان چېغى دەپ بىلىپ ھەددىمدىن ئېشىپ كىر -قاتلىرمنى ئۇنىڭغا يۇغۇزۇپ ئۇنىڭغا پۇل بېرەتتىم ،بىراق ئۇ ئۈنسىز كىرلىرىمنى يۇيۇپ مەندىن بىر تىيىن ئالمايتتى ،شۇڭلاشقا مەن ئانچە -مۇنچە ئۇنىڭغا تاماق ئېلىپ بېرىپ ئۇنى موملايتتىم
    شۇنداق قىلىپ بىر يىل ناھايتتى تىزلا ئۆتۈپ كەتتى ،ھەممىمىز تەتىل قىلىپ ئۆيلىرىمىزگە قايتىشتۇق ،مەن ئائىلگە قايتىپ قىلغان ئىشىم كۈندە ئولتۇرۇپ تىلۋۇزۇر كۆرۇش بىلەن تورغا چىقىش بولدى ،تاماقنى ئۆيدە ئىشلەيدىغان قىز قىلىپ بېرەتتى ،دادام ئاپام ئۆز خىزمىتى بىلەن ئالدىراش ،ھەدەم توي قىلىپ چىقىپ كەتكەچكە ئۆيۈم ئوڭچە ماڭا قالاتتى
    زىرىكىش بىلەن بۇ تەتلىنى تىزلا ئاخىرىلاشتۇرۇپ مەكتەپكە قايتتىم
    مەكتەپكە بېرىپلا مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان كەسىپلەر ياتاق بىناسىغا كۆچتۇق ،ئاندىن يېڭى سىنىپ مۇدىرىمىز بىلەن تۇنشۇپ چىقتۇق ،
    بۇ مۇئەللىم بىر قارسا ئادەمگە مىھرىبان ئانىلارنى ئەسلىتەتتى ،بىراق چاپاننىڭ ئىچىدە ئادەم بار دەپ شۇنداق ئەسەبىي تىلار بىلەن ئادەم تىلايدىغان ،دۇنيادا ئۈزىدىن باشقا ئادەم يوقتەك پوڭ -پوڭ سۆزلەيدىغان ،يۈرۈش تۇرشى شۇنچە تومپايلىقىغا باقماي ،باشقىلارنىڭ كىينىشىنى مازاق قىلدىغان بىر مۇئەللىمە خانىم ئىدى
    ئۇ بىزنىڭ سىنىپقا كىرىپ تۇنجى قىلغان گېپى
    1 .ئوقۇش پۇلى مۇشۇ ھەپتىدىن كىيىن قالمىسۇن
    2. قىزلار بېشىڭدىن ياغلىقلارنى ئېلىش
    3 .مۇھاببەت تۇتقان بولساڭ ھەممىڭ ئايرىلىپ سىنىپقا كىرىش بولمىسا مەندىن ياخشى كۈن كۆرمەيسەن
    4 . كىينىشتە خۇراپىي كىيىنمەي مەدىنىي كىينىش
    5 . چېچىڭنى ئالا -تاغىل ئاتتەك بۇياشماي ئوقۇغۇچى سۈپەت يۈرۈش بولمىسا مەن توخو پىينى قىرقىغاندەك قىرقىپ قۇيمان
    6 ....
    7 .....
    8 .....
    ئىشقىلىپ بۇ مۇئەللىم توختىماي ھەرخل نوختىدا سۆزلەپ چىقىپ كەتتى
    بۇ مۇئەللىمنىڭ سۆزنى ئاڭلاپ ھەممىز يىلى قاچقان توپتەك سالپىيىپ قالدۇق ،شۇندىمۇ
    دېسە دەۋرىدۇ قىزلار دەپ ئۈز سەنىمىزدە ماڭماقچى بولدۇق
    كىم ئويلىغان ئەتسىدىن باشلاپ بۇ مۇئەللىمە ئۆز دىگىنى قىلىپ سىنىپتكى قىرىق ئوقۇغۇچىنى چاشقاندەك يۇۋاش قىلىپ قويدى ،كىمكى ئازراق خاتالىق ئۆتكۈزسە تىللاپ رەسۋايىنى چىقراتتى ،ھەممىزنى قورقۇتۇپ تۇرۇپ ئوقۇش پۇلىنى ئالدى ،بىراق ساچىدەنىڭ ئاتا-ئانسى دىھقان بولغاچقا بىچار ئوقۇش پۇلىنى غەملىيەلمىگەن ئىدى ،ئۇ مۇئەللىمگە يالۋۇردى ،بارلىق قىيىنچىلقىنى ئېيتتى ،مۇمكىن بولسا مەكتەپتىكىلەر ئالاقىلشىپ قەرىز پۇل بىجىرىپ بېرىشنى ئۆتىندى ،
    ئادەم يۈركى گۆشتىن يارالغان ،ھەممە ئادەمنىڭ بېشىغا نۇرغۇن قىيىنچىلىقىلار كىلدۇ ،بىراق بۇ مۇز پىشانە مۇئەللىمە ئۈچۈن ساچىدەنىڭ گەپ سۆزلىرى خۇددى چۆچەك ئېيتقاندەك بىيمەنە تۇيلۇپ

    _ئىككى كۈن مۆھلەت تاپشۇرسىڭىز مانا بولمىسا مەكتەپ ساخاۋەت ئورنى ئەمەس ،ئاستا كەشىڭىزنى توغىرلاڭ دەپلا چىقىپ كەتتى
    ھەممىز باش قاتۇردۇق ،بىراق پۇل ھەل قىلامىدۇق ،مەن ئەسلى دادامدىن پۇل ئېلىپ بېرەي دىگەن بىراق ساچىدە يەتتە بالا بۇلۇپ ئۈچ ئاكسى ئۈچ سىڭلىسى ساچىدە ،دادسى ،ئاپسىنى قوشقاندا توققۇز جان
    ئۈچ ئاكسى تۇغما ئىرسىيەت خاراكتىرلىك ئەقلى ئىقتىدارى كەمتۈك ،ئۈچ سىڭلىسنىڭ ئىككسى تۇغما مىيىپ ئۆي بۇيۇنچە پەقەت ساچىدە بىلەن ئەڭ كىچىك سىڭلىسلا نۇرمال ئىكەن
    ساچىدەنىڭ دەپ بىرشچە ساچىدەنىڭ دادسى بىلەن ئاپسى بىر نەۋرە تۇقانلار بولغاچقا ئاكا - ئۇكىلرى مۇشۇنداق كىسەللىكەرگە گىرپتار بولغانمىش ،ئاپسى بىلەن دادسى بەش مو يېرىگە تايىنىپ بۇ مىيىپ بەش بالىنى داۋالتىپ ئۆيدىكلەرنىڭ قۇرساق غېمىنى قىلارمىش ،شۇڭا ئۆيدىكلىرىگە ساچىدە پۇل دېيەلمەسمىش ،دىگەن تەقدىردىمۇ ئۆيدىكلەر بۇ بەش مىڭ سوم ئوقۇش پۇلىنى غەملىيەلمەسمىش ،
    ساچىدەنىڭ بۇ گېپىنى ئاڭلاپ مەنمۇ يالتايغان ئىدىم ،باشقا قىزلار داداڭدىن قەرىز قىلىپ بەر دىسمۇ تاشپاقىدەك بېشىمنى ئىچىمگە تىقىپ ئولتۇرۋالغان ئىدىم
    مۇئەللىم بەرگەن مۆھلەت توشقان كۈنى دەرس يوق ئالتىمىز ياتاقتا ئولتۇرساق ئىشكىنى چىكىپ مۇئەللىم ياتاققا كىرىپ كەلدى
    ھەم ئۇدۇل ساچىدەنىڭ قېشىغا بېرىپ
    پۇلىنى ئەكەلدىڭمۇ دەپ سەنلەپ سۆزلەشكە باشلىدى
    _ياق دېدى ساچىدە قورقۇمسىراپ
    _ھوۋۇش بۇ پاراۋانلىق ئورنى ياكى يىتىملەر ساناتۇرىيسى ئەمەس مەكتەپ ،مەجبۇرىي مائارىپ ئەمەس ئىختىيارى مائارىپ يولغا قۇيۇلغان مەكتەپ پۇلىنى تاپشۇرالىساڭ ئوقۇ بولمىسا يۇرتىڭغا قايتىپ ئەرگە تەگ دېدى مۇئەللىم ئۇچۇق قىلىپلا
    بۇ گەپ ساچىدەگە بەك ئېغىر كەلگەن چېغى ،ئەزەلدىن چۈمىلىگىمۇ ئازار بەرمەيدىغان ساچىدە ئازراق چېچلىدى
    _بۇ نېىمە دېگىنىڭىز مۇئەللىم ،ئەرگە تېگىش نىيتىم بولغان بولسا مەكتەپكە كەلمەي تىگەتتىم ،سىزنى سالاچىلىققا سالماي دېدى
    مۇئەللىم ساچىدەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تېخمۇ چېچلىدى
    _نىمە دەيسەن پىت باش ،يۇقلە مەكتەپتىن ،سىنى بىركىم چىللاپ ئەكەلمىگەن
    _شۇنداق مۇئەللىم مىنى چىلاپ ئەمەس ئۈزۈم رازىلىق بىلەن كەلگەن ھازىر سىزدەك مۇئەللىم تونىغا ئورنىۋالغان چىل بۈرىگە قاراپ كەلمىسەم بوپتىكەن دىگەن قاراشقا كىلىپ قالدىم ،ئوقۇتقۇچى دىگەندە ئالىي مەكتەپنى پۈتۈرگەن گۇۋانامە بىلەن ئالىي ئۈنۋان بولسىلا كۇپايىما ،ساپا ،ئەخلاق ،ھايا بولمىغان سىزدەك ئادەمنى ئوقۇتقۇچى قىلىپ قويغان مائارىپ ئورگانلىرىنىڭ ھالىغا ۋاي ،ئىسىت سىزدەك ئادەملەرنىڭ تەربىيلىگە ئوقۇغۇچىلىرنىڭ ھالىغا ۋاي
    نىمە مۇئەللىم يۈگرەپ بېرىپ ساچىدەنىڭ تەستىگە بىرنى سالدى ھەم
    _قاراپ تۇر ھازىر سىنى مەكتەپتىن قوغلاندى قىلمەن دەپ يان تېلفۇننى ئېلىپ ئالا كىملەرگىدۇر تېلفۇن قىلدى ،ئۇزاق ئۆتمەي قوغداش خادىمنىڭ كىيمنى كىيگەن ئىگىز بويلۇق ئىككى ئادەم ياتاققا كىرىپ مۇئەللىمگە نىمە بولدى دىگەن مەندە تىكىلدى
    _قاراڭلار مۇنۇ ئوقۇغۇچىغا ئوقۇش پۇلى تاپشۇر دىسەم مەن بىلەن سوقشىۋاتدۇ ،شۇڭا مەكتەپنىڭ ئورۇنلاشتۇرلۇشى بۇيۇنچە ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرمىغانلىقى ئۈچۈن مەجبۇرىي مەكتەپتىن چىكندۈرۈمەكچى بولدۇم بىراق پۇل يوق يوغان سۆزلەپ يۈردۇ بۇنى بىر مەكتەپتىن چىقىرۋېتىڭلار دېدى
    ئۇ ئىككى قوغداش خادىمىي ئەھۋالىنى تەپسلىي سۈرۈشتە قىلمايلا ساچىدەنىڭ يوتقان -كۆرپە نەرسە كېرەكلىرنى كۆتۇرۇپلا سېرىتقا ماڭدى ،بىز شۇنچە تۇتۋالساقمۇ ئۇلار گىپىمزگە قۇلاق سالمدى ،مۇئەللم بولسا شۇنچىلىك مەغرۇر تۇراتتى
    قوغداش خادىملىرى ساچىدەنىڭ يوتقان -كۆرپە ،نەرسە كېرەكلىرىنى ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغىلا تاشلىۋەتتى ،بۇ ۋاقىت دەل تۆتىنجى سائەتلىك دەرستىن چۈشۈش ۋاقتى بولغاچقا مەكتەپ قوروسى ئىچى ئادەم دېڭزىغا ئايلانغان
    ياتاقتىكى بەشىمىز ساچىدەگە ئەگىشىپ ياتاق بىناسى ئالدىغا چۈشتۇق ،مۇئەللىمۇ تاپ بېىسىپ چۈشۈپ قىشىمزدا پەيدا بۇلۇپ مەكتەپتىكى ھەممە ئوقۇغۇچىلارغا ساچدەنى سازايى قىلماقچى بولغاندەك
    _خىڭ مۇشتۇمدەك ھالىڭغا پوچىلقىنى كىم قۇيۇپتۇ ساڭا ،پۇلۇڭ يوق ھالىڭغا مەكتەپتە ئوقۇيمەن دىگەنمىتىڭ ،بۇنداق قىينالغىچە يۇرتىڭغا قايتىپ قېرى بايدىن بىرگە تېگىپ ئۆيدىكى ساراڭ قېتىش ئاكا -ئۇكاڭنى باقساڭ بولمامدۇ دەپ قاقاقلاپ كۈلدى
    بىز خەق كىچكىنە ئىشنى كۆرسەك نىمىش بولغاندۇ دەپ ھەيران بۇلۇپ شۇ ئەتراپقا ئوۋلىشىمىز ،ھازىرمۇ ساچىدە ھەم بىزنىڭ ئەتراپىمزغا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار يىغلىپ ھەيرانلىق بىلەن بىزگە نەزەر سالماقتا ئىدى
    -بولدى قىلىڭ مۇئەللىم دېدىم بۇ ئىشقا ئورغام قايناپ
    مىھرىنازمۇ مۇئەللىمنى باسماقچى بولدى
    _سىلەرنىڭ ماڭا گەپ قىلشىڭلار ھاجاتسىز ،سىلەرنىڭمۇ ماۋۇ بىرنىمدەك مەكتەپتىن ھەيدەلگىڭلار بارمۇ بۇ دىگەن پۇلى بارلار ئوقۇيدىغان مەكتەپ ،پۇلى بولمىغاندىن كىيىن خەققە مەدىكار ئىشلەپ پۇل تېپىپ كىلىپ ئوقۇسۇن دېدى مۇئەللىم يەنە ئاغزىلىرنى پۇرلاشتۇرۇپ
    ساچىدە مۇئەللىمنىڭ بۇ سۆزنى خورلۇق ھىس قىلدى بولغاي يۈگىرگەن پېتى مەكتەپمىزدىكى ئەڭ ئىگىز ئوقۇتۇش بىناسىغا قاراپ ماڭدى ،ياتاقتكى بەشىمىزمۇ ساچىدەگە ئەگەشتۇق ،شۇنچە يۈگىرسەكمۇ ئۇنىڭغا يىتشەلمەيتتۇق ،ئۇ لىفىت بىلەن بىنانىڭ ئەڭ ئۈستىگە چىقتتى دە 12 -قەۋەتتىن ئۈزىنى يەرگە ئاتتى .
    مەن ئۇنىڭ كەينىدىنلا 12 -قەۋەتكە چىقاچقا ئۇنىڭ پەسكە ئۆزنى ئاتقىنى ئېنىق كۆرۇپ تۇردۇم ،دە ئۇ سەكىرگەن دەرىزە ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭ ئېچنىشلىق جەستىنى كۆرۇپلا ھۇشۇمدىن كەتتىم ياتاقتكى قالغان قىزلارمۇ مەن بىلەن تەڭلا خۇددىنى بىلەي يىقىلغان ئىدى
    ھۇشمىزغا كەلسەك مەكتەپنىڭ كېسەلخانسىدا يېتىپتىمىز ،ياتاقتىكى بەش قىز ،ئالتىنجى بىرسى يوق ،تۇرۇپلا بايقى ئېچىنشلىق مەنزىرە ئېسىمگە كېلىپ ساچىدە دەپ ۋاقىرۋەتتىم ،ئاۋازىمدىن باشقا قىزلارمۇ چۈچۈپ ئويغۇنۇپ قايغۇلۇق يىغىغا چۈشتى
    بىز بىر-بىرىمىزنى يۆلەشتۇرۇپ دوختۇرلانىڭ قېشىغا چىقىپ ساچىدەنى سوردۇق
    دوختۇرلارمۇ قايغۇ ئارلاش ئەلەملىك ياشلىرنى بىزدىن يۇشۇرۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ بىراق يۇشۇرالمدى .
    ئۇ ...ئۇ دېدى دىقماق كەلگەن بىر دوختۇر يىغلاپ تۇرۇپ
    كېتىپ قالدى
    بەش قىز بىر -بىرىمىزگە ئېسلىشىپ ئۇزاق يىغلاپ ئاخىرقى قېتىم ساچىدەنى كۆرۋالماقچى بولدۇق ،بىراق دوختۇلار
    _قىزلىرىم رەھمەتلىك بەك ئېچنىشلىق كەتتى ئۇنىڭ جەستىنى كۆرسەڭلار بىر ئۆمۈر ئازابتا ئۆتىسلەر ياخشى كۆرمەيلا قۇيۇڭلار دەپ بىزنى كىرشكە يول قويىمىدى .
    ئۇزاق ئۆتمەي مەكتەپ رەھبەرلىكى ساچدەنىڭ ئۆيدىكلىرنى مەكتەپكە ئېلىپ كەلگەن ئىدى
    ساچىدەنىڭ ئاتا-ئانسى ساچىدەكلا يۇۋاش ،مۇلايىم كىشلەر ئىكەن ،ئۇلار ساچىدەنىڭ ئۈلۈم خەۋىرنى ئاڭلاپلا
    _ۋاي جېنىم بالام ھەنىم بولسا ئاللاھ سىنى بىزگە بىجرىم بىرپتىكەن ،ئۆيدىكلەرنىڭ يۈكىنى ،ئېغىرنى كۆتۇرگەن بالام ،ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ئەقللىق بالام دەپ پەخىرلىنىپ يۈرگەنتۇمغۇ بالام
    _ساڭا كۆز تەگدىمۇ بالام ،
    _راس مىنىڭ كۆزۈم تېگىپتۇ ،مىنىڭ كۆزۈم تېگىپتۇ جېىنم بالام ،بۇ يۈرەك قانداق چىدا
    _بۇ يۈرەك سەن نارسىدىن يەر قوينىغا ئۇزتۇشقا قانداق چىدار
    _ئۇلۇغ رەھمى كەڭ ئاللاھ بۇ بالامغا كەلگەن كۈلپەتنى ماڭا كەلتۈرگەن بولساڭچۇ ،ئورنىغا مېنى ئېلىپ كەتسەڭچۇ ،ئون گۈلىنىڭ بېرى ئېچىلمىغان ئىدىغۇ
    -چوڭ بولسام ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرسەم سىلەرنى ياخشى تۇرمۇشقا ئىرشتۇرىمەن ،ئاكاملارنى ،ئىككى سىڭلىمنى داۋالىتىمەن ،كىچىڭ سىڭلىمنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتىمەن دىگەن ئىدىڭغۇ
    _تاتلىق بالام بىزگە ياخشى تۇرمۇش كىرەك ئەمەس ئىدىغۇ ،سىنىڭ پۇلۇڭ كىرەك ئەمەس ئىدىغۇ ،بىزگە سىنىڭ ساغلاملىقىڭ كىرەك ئىدىغۇ بالام
    _پۇل يوق ئۈلۋالدىڭمۇ ،باشقىلار ئالدىدا خارلاندىڭمۇ بالام ،بۇنى بىلسەم قېنىمنى ساتمامتىم بالام ،نىمشىقا بارچە دەرتىنى ئىچىڭگە يۈتۈپ بىزگە ئېيتمايسەن ،بىزنى جاپادا قالمىسۇن دېدىڭمۇ بالام
    ساچىدەنىڭ ئاپسى بىلەن دادسى توختىماي مۇشۇنداق سۆزلەرنى قىلىپ يىغلاۋاتاتتى ،ئۇلارنىڭ ئىزىلىپ -ئىزىلىپ يىغلاشلىردىن مىھرىبان ساچىدە كۆز ئالدىمىزغا كېلۋېلىپ بىزمۇ قۇشۇلۇپ يىغلاۋاتاتتۇق
    مەكتەپ رەھبەرلىكى كېلىپ مەكتەپتە تەسىرى ياخشى بولمايدۇ دەپ بۇ ئىككى ئۈشۈك تەككەن ياردار يۈرەكلەرنى ئېلىپ كەتتى
    بەشىمىز ياتاققا قايتىپ كىرىپ ساچىدەنىڭ ئىزى تەككەن نەرسىلەرگە قاراپ يىغلايتتۇق ،
    تۇرۇپ ھېلقى سېرىق چاچ شەكىلە
    ھەي قۇرۇق يىغلاپ ئولتۇرماي ساچىدە ئۈچۈن بىرەر ئىش قىلايلى دېدى
    ھەممىز تەڭلا چەكچىيىپ شەكىلەگە قاردۇق
    ئۇ كۆزلىردىكى ياش تامچىلىرىنى سۈرتۈپ
    بۇ ئاقىۋەتنىڭ كىلىپ چىقىشىغا كىم سەۋەبچى ؟ساچىدە مۇشۇنداقلا ئۆلۈپ كەتسە بۇلامدۇ ؟بىز مۇدىرنى ئىزدەپ بولغان ئىشلارنى مەكتەپ مۇدىرىغا ئىنكاس قىلايلى ،ساقچىخانىغا بېرىپ گۇۋاھلىق بېرىپ ئۇ مۇئەللىمگە خۇن تۆلتەيلى دېدى
    ھەممىز بېشىمىزنى لىڭشىتىپ ئۇنىڭ پىكىرنى قولاشتۇق ھەم ئېغىر قەدەملىرىمزنى سۆرەپ مۇدىرنىڭ ئىشخانسىغا قاراپ ماڭدۇق
    ئەتگەن ھاۋا شۇنداق ياخشى ئىدى ،قۇياش بۇۋاي سېخى نۇرنى ئەتراپقا چېچىپ ئەتراپنى باشقىچە جانلاندۇرغان ،ئەمدىلىكتە بولسا ئاسماننى قارا بۇلۇتلار قاپلاپ ھەممە يەر ساچىدە ئۈچۈن قارلىق تۇتقاندەك قارا رەڭگە چۈمگەن ،تەبئەت بۇ فاجەگە ئېچىنپ ياش تۆككەندەك ئاسماننىڭ قەھىردىن شاقىراپ يامغۇر يېغىپ بارلىق پۇل پەرەسلەرنى يۇيۇپ سەبئىي ھالغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن كۈچەۋاتقاندەك يامغۇر شىددەت بىلەن ياغماقتا ئىدى
    بىز چىلىق -چىلىق يامغۇر سۈيىگە مىلىنىپ مۇدىر ئىشخانىسىغا كىردۇق ،مۇدىر بۈگۈنكى فاجئەنى ئالبۇرۇن ئاڭلاپ بولغان بولسا كېرەك بىزنى كۆرۈپ چەكچىيىپ قاراپ قالدى
    ئاۋال مىھرىناز سۆز ئاچتتى
    مۇدىر مەكتەپنى نىمگە قۇرغان ؟مەكتەپ ئادەم تۇنماي پەقەت پۇلنىلا تۇنامدۇ ؟مۇئەللىمنىڭ ساپاسى قانداق بۇلۇش كىرەك ،يۇقىرى قاتلام مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە بولسىلا مۇئەللىم قىلىپ قۇيامدۇ ؟دېيشىگە شەكىلە
    بىز سىنىپ مۇدىرىمىز راھىلە ئۈستىدىن ئەرىز قىلىپ كەلدۇق بۈگۈنكى ياتاقدېشىمىز ساچىدەنىڭ ئۆلىمىگە شۇ مۇئەللىم سەۋەبچى ئۇ ساچىدەنى ئۈلۋېلىشقا قىستىغان جىنايەتچى ئۇنى جازالاڭ ،قانۇن ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىڭ دەپ مەكتەپ مۇدىرىغا جار سالغىلى تۇردى ،ئۇڭغىچە مەكتەپ مۇدىرنىڭ ئىشخانسىنىڭ ئىشكىنى بىرى چەكتتى
    مۇدىر ئۈڭى ئۆچكەن ھالدا ئىشىك چەككۈچىگە كىرىشكە ئىجازەت بەردى
    سېرىتتىن ساقچى فورمىسى كەيگەن تۆت سالاپەتلىك ساقچى كىرىپ كەلدى
    بىز بەشىمىز ئۇ تۆت ساقچىنى كۆرۇپ خۇددى قۇتقۇزغۇچى ئىلاھقا ئۇچىرغاندەك شاتلاندۇق
    ئۇلار دىلو توغرۇلۇق سوراپ بولغۇچە بەشىمىز توختىماي ئەھۋالىنى ئۇلارغا سۆزلەپ بەردۇق ،ساقچى تاغىلار بىزنىڭ بايانىمىزنى ئەستايىدىلىق بىلەن ئاڭلىغاندىن كىيىن كۆزلىرىدىن ئەلەم ياشلىرىنى تۈكۈپ تۇرۇپ
    ياتقىڭلارغا قايتىڭلار بىز يەنە سىلەر بىلەن ئالاقىلشىمىز دەپ بىزنى ياتاققا قايتۇردى
    يامغۇر يەنە ياغماقتا ئىدى ،چاقماقلار چاقناپ خۇددى ئاسمان ھازىر ئۆرۈلۈپ كېتىدىغاندەك گۈلدۈرلەپ ئەتراپنى ئەنسىز بىر تۈس قاپلىغان
    بىز بەش قىز ياتاققا قايتىپ كېلىپ ساچىدەنىڭ نەرسە كېرەكلىرنى، بىرگە چۈشكەن سۆرەتلەرنى قۇچاقلاپ يىغلدۇق ،تۇيۇقسىز مىھرىناز
    قاراڭلار ساچىدەنىڭ كۈندىلىك خاتىرسى دەپ ۋاقىردى
    ھەممىز تەڭلا بىزگە ئوقۇپ بېرە دەپ ۋاقىردۇق
    مىھرىناز ئۈنلۈك قلىپ خاتىرنى ئوقۇشقا باشلىدى

     

    2004 يىلى7-ئاينىڭ 28 -كۇنى
    ئاخىرى تەققازالىق ئىلكىدە كۈتكەن ئالىي مەكتەپ چاقىرقىنى قۇلۇمغا ئالدىم ،شۇنچىلىك شاتلىق ئىچىدە بۇ چاقىرقىنى يۈركىمگە ياقتىم ،ئاتا-ئاناممۇ شۇنداق خۇشال ،بىراق چاقىرقتىكى تۆتمىڭ ئۈچيۈز ئەللىك سوم دېگەن خەتنى كۆرگەندە ھەممىز لەسىدە بۇلۇپ قالدۇق ،ئائىلىمىزنىڭ شارائىتى بۇنچە ناچار تۇرسا ،ئۈچ ئاكام ،ئىككى سىڭلىم داۋالىنىشقا، بىرسنىڭ كۆتشىگە قاراشلىق تۇرسا مەن ئالىي مەكتەپتە قانداق ئوقۇيالاي ...
    ھەي ،مەن بۇرۇن ئۈزۈمگە قەسەم قىلغان ،مەيلى ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلەي ياكى ئۆتەلمەي ،ئالىي مەكتەپتە ئوقاي ياكى ئوقىماي چاقىرىق ئالغان كۈندىن باشلاپ كۈندىلىك خاتىرە يازىمەن دەپ ،مانا بۈگۈن چاقىرقىنى قۇلۇمغا ئالدىم ،بۈگۈندىن باشلاپ ئەھمىيەتلك ئىشلارنى مۇشۇ خاتىرەمگە خاتىرلەپ ماڭمەن ،ئىشنىمەن بۇ خاتىرەم كۆڭلۈم يېرىم بولغاندا تەسسەللىي دورىسى ،خۇشال بولغاندا ئۆتمۈشتكى قىيىن كۈنلەرنى ئەسلەشتىكى ئەينەك بولغۇسى .

    2004 -9 -08
    9 -ئايمۇ كىرىپ دەل -دەرەخلەر سارغىيىشقا باشلىدى ،مىنىڭ كۆڭلۇممۇ شۇ سارغايغان ياپراقتەك يېرىم ،دادام مىنى ئالىي مەكتەپكە يولغا سېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن كىشلەرگە بۇيۇن قىسىپ قەرىز ئالدى ،دادامنىڭ شۇ مىسكىن ھالغا قاراپ يۈركۈم ئېچشۋاتىدۇ ،ئاپامنىڭ زەپەرەڭ چىرايىغا قاراپ يۈركۈم ئېچشۋاتدۇ .ئۈچ ئاكامنىڭ خۇدىنى بىلمەي ئىككى ياشلىق باللاردەك ئىزىغا تەرەت قىلىپ ياتقندىن يۈركۈم ئېچشۋاتدۇ ،ئىككى سىڭلىمنىڭ ماڭالماي سىرتتىكى شادىمان كىيكتەك چېپىپ يۈرگەن بالىلارغا ھەۋەس بىلەن قاراپ ئېغىر ئۈھسىنغىنغا قاراپ يۈركۈم ئېچشۋاتدۇ
    ئىھ ياراتقۇچى ئاللاھ مىنىڭ بارچە ئەزاللىرىمنىڭ بەدىلىگە مۇشۇ قېرىنداشلىرمنى ساقايتىدىغان ئىش بولغان بولسا نىمدىگەن ياخشى بۇلاتتى ھە ،مەن ئىككىلەنمەي بېرەتتىم
    ئوقۇشقا بارماي دېسەم دادام ،ئاپامنىڭ ئارزۇسى مىنى ئالىي مەكتەپتە ئوتۇش بولغاچقا مەنمۇ ئۇلارنىڭ ئۈمىدنى ئاقلاش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ گىپىنى يىرمىدىم ،ئالىي مەكتەپنى پۈتتۇرۇپ مۇئاشلىق بولسام ئاتا -ئانام كەتمەندىن قۇتۇلۇپ ئازىراق راھەت كۆرسە ئەجەپ ئەمەس ...

     

    2004 -09 -18
    تۈنۈگۈن ياتقىمىزغا گۈلسۈم ئىسىملىك بىر قىز كىردى،بۇ قىزغا قاراپ كچىك سىڭلىمنىڭ سەبلىكىنى ئەسلەپ قالدىم ،ئاپسىغا ،دادسىغا ئەركىلەشلىرنى كۆرۇپ ئېتىزدا قىزىق كۈن نۇردا تەرلەپ -پىشىپ ئىشلەۋاتقان ئاتا -ئانام كەلدى ،ئۇلارغا شۇنداق ئەركۈلگىم كەلدى
    بۇ قىز بەك قىزىق ئىكەن ،ئاخشام يەرگە سەكرەپ چۈشۈپ مەن كارۋاتتىن يىقلىپ چۈشتۇم دەيدۇ ،ئۇنىڭ يالغانچلىقىنى بىلىپ تۇرساممۇ بىراق يەنە ئۇ قىزغا يول قۇيۇپ ئاستىدىكى كارۋاتنى بۇشتۇپ بەردىم
    اللاھ كەڭ قۇرساق ئادەمگە دوستە


    2004 -12 -20
    ياتاقتا ھەممە قىزلار بۇ گۈلسۈمىنى ئەسكى دەيدۇ ،ئۇ ئەسكى ئەمەس سەل ھورۇن شۇ ،بىراق كەمچىلكى ئۈزىنى دەپ باشقىلارنىڭ غورورىنى ئويلاشمايدۇ ،بۈگۈن ئۇنىڭ بىر چاپىنى يۇيۇپ بەرگەنلىكىم ئۈچۈن ئون سوم پۇل تەڭلاۋاتىدۇ ،توۋا مەن يە ئۇلارنىڭ خىزمەتكارى بولمىسام ،ساۋاقداشلار ،ياتاقداشلار ئارسىدا بۇنچىلىك ياردەم ئۈچۈن پۇل بەرگىلى تۇرسا كىشلىك مىھرى -مۇھاببەت نەگە كېتىدۇ ؟
    پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەس ،پۇلدىن مۇھىم مىھىر -مۇھاببەتمۇ بار ....
    مىھىرناز ئوقۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە ياتاقتىكى ھەممىز ئۈزلىرىمىزنى تۇتۋالاي ھوڭرەپ يىغلاپ كەتتۇق .مۇشۇنداق ئىسىل ،مۇشۇنداق پەزىلەتلىك ،ئالىي جاناپ ياتاقدېشىمىزدىن مەڭگۈلۈككە ئايرىلغانلىمىزدىن ،ئەمدى ئۇنى قايتا كۆرەلمەيدىغانلىقىمىزدىن ئەپسۇسلۇنۇپ ياش تۆكتۇق ھەم قىزلار بىلەن مەسلھەتلىشىپ ئۇنىڭ ئۆيگە ئۈلىمگە بېرىشنى لايىق كۆردۇق
    كىچىچە قايغۇ بىلەن تاڭنى ئاتقۇزۇپ ئەتسى سەھەردە بەشىمىز ساچىدەنىڭ ئۆيىگە قاراپ يولغا چىقتۇق
    ماشنا ئۇچقاندەك كېتۋاتاتتى ،يول ياقسىدىكى قۇمۇش ،سۈگەت ،ئاق تېرەكلەر باشلىرنى ئىگشىپ ماتەمدە تۇرۋاتقاندەك قىلاتتى
    ئىككى سائەتلىك سەپەردىن كىيىن ساچىدەنىڭ ئۆيگە كەلدۇق ،ھەممە شۇنداق مىسكىن ،ئۆيدە نە يىغا ئاۋازى نە قىيا- چىيا يوق ھەممە كەلگەن مىھمانلار بىلەن سۈكۈتتە، ئېغىر خۇرسۇنۇش ،ھەسرەتتە كۆرشۇپ ئۆيگە تەكلىپ قىلاتتى
    بىز بەشىمىز يۈگرەپ كېلىپ ساچىدەنىڭ ئاپسىنى قۇچاقلاپ ئاۋازىمىزنى قۇيۇپ بېرىپ يىغلاپ كەتتۇق
    ساچىدەنىڭ قارا قاش، ئۇرۇق ،ۋىجىك ئاپسى تەمكنىلىك بىلەن
    يىغلىماڭلار قىزلىرىم ساچىدەگە ئازا بۇلۇپ قالمىسۇن ،ساچىدە ئاللاھقا ياراپتىكەن شۇڭا قارادىن بۇرۇن كەتتى ،بۇ دۇنيادىن،قاباھەتتىن قۇتۇلدى دەپ ئۈنسىز بوقۇلداپ يىغلايتتى،
    ھەممىز قايغۇ -ئەلەم بىلەن ساچىدەنى ئۇزتۇپ قويدۇق ،ئۇ كەتكەن بىلەن بىچارە ئاتا -ئانسى ئېغىر قايغۇدا قالغان ئىدى ،
    بىر ياققا قارسا دەلدۇش ئوغۇللىرى بىر ياققا قارسا مىيىپ قىزلىرى ،يەنە بىر ياققا قارسا قارا تۇپراق ۋاقىتسىز قوينىغا ئالغان سەبىي قىزى
    ھەي اللاھ ئاپەت بەرگەنگە قوشلاپ بىرەرسەنمۇ ؟بۇ ئائىلگە ئاسايشلىق ،كۆڭۈل ئازادىلىك بەرگەيسەن دەپ ھەممىز ھەممىگە قادىر اللاھتىن تىلىگەن ئىدۇق
    بىز ساچىدەنىڭ ئۆيدە ئۈچ كۈن تۇرۇپ مەكتەپكە قايتۇق ،ياتاقتىكى قىزلار بىلەن مەسلھەتلىشىپ شەنبە ،يەكشەنبە چىقىپ ئىشلەپ پۇل تاپىدىغان تاپقان پۇللارنى ساچىدەنىڭ ئۆيدىكلەرگە ئەۋەتىپ بېرىدىغان بولدۇق
    ساچىدەنىڭ ئۈلىمگە سەۋەبچى بولغان مۇئەللىم مەكتەپتىن قوغلانغانلىقىنى ئاز دەپ يەنە نارسىدىنىڭ ئۆلۋېلىشىغا سەۋەبچى بولغانلقى ئۈچۈن مۇدەتلىك ئون يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلندى ،ھېلقى ئىككى قوغدۇغۇچى خادىم خىزمەتتىن تازلاندى
    بىر ھەپتىدىن ئارتۇق يامغۇر يېغىپ يامغۇر توختىسىمۇ ئېچلىمغان ھاۋا بۇ ھۆكۈم چىقان كۈنى باشقىچە پاقىراپ چىقىپ ھەممە ياقنى بىرخل مەمنۇنلۇق تۇيغۇسى قاپلىغان ئىدى .
    شۇنداق قىلىپ ساچىدە ئارىمىزدىن كەتتى ،بىراق ئۇ كەتكەن بىلەن ئۇنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ئىسىل خىسلىتى قېشىمىزدىن كەتىمدى ،

     

     

    مۇشۇ ئۆتمۇشنى ئەسلەپ سەككىز سائەتتە قەشقەرگە يېتىپ كەلدىم ،ماشىندىن چۈشۇپ يەنە ماشىنا ئالمىشىپ ياتار ۋاقىتقا يېقىن ساچىدەنىڭ ئۆيگە كەلدىم ،ئاپسى مىنى كۆرۇپ ئالەمچە شاتلاندى
    ساچىدەنىڭ ئاكسى ھەم سىڭلىرى بىلەن تىنىچ -ئامانلىق سۇراپ بۇلۇپ كىلىش مەخسىتىمنى ھەم چۈشۈمنى ساچىدەنىڭ ئاپسىغا ئېيتىپ بەردىم ،ساچدەنىڭ ئاپسى قۇشۇمسىنى تۈرۇپ
    ئوخشاش چۈش كۆرۇپتۇق ،مەنمۇ ئاخشام شۇنداق چۈش كۆرۇپتىكەنمەن ،بىراق بۈگۈن بىر كۇن تۇپراق بېشىغا چىقىشقا پۇرسەت بولمىدى ئەتە بىرگە بارايلى دېدى
    ئەتسى ئەتگەن ساچدەنڭ ئاپسى كىچىك سىڭلىسى ،دادسى بىلەن ساچىدەنىڭ قەبرىسىگە باردۇق
    توۋا ھەقىقەتەن قەبرىسىنىڭ يېرىمنى سەل ئېلىپ كەتكەن ئىدى ،ھەممىز ھەيرانلىق بىلەن ئولتۇرۇپ خەتمە -قۇرئان قىلغاندىن كىيىن ساچىدەنىڭ دادسى قەبىرنى رىمنۇت قىلغىلى ئادەم چاقىرغىلى كەتتى ،مەن ساچىدەنىڭ ئاپسى ،سىڭلىسى سۈكۈت ئىچىدە خىيالى ساچىدە بىلەن مۇڭدۇشاتتۇق ، مەن قايتا -قايىتلاپ ساچىدەدىن دادامدىن ئوقۇش پۇلۇڭىنى ئېلىپ بەرگەن بولسام بۇ كۈنگە قالمايتىڭ شۇڭا مىنى كەچۈر ھەممگە مەن ئەيىپلىك دەپ كەچۈرۈم سورايتتىم ساچىدە ئۈلۈپ كېتىپ ئوزاق بولماي بۇ گەپ ھەممە يەرگە تارقىلىپ دادامنىڭ قۇلقىغا يېتىپتۇ ،دادام ئەپسۇسلانغان ھالدا قىزىم ماڭا تىلفۇن قىلغان بولسىڭىز بىر -ئىككى تويغا ئاز بارسام ياكى بىر -ئىككى كىيىمنى ئاز كەيسەم ھەل بۇلاتتى نىمشىقا ئۇ قىزغا ياردەم قىلمغاندۇق ،شۇنداق ئىچىم ئاغرىدى دېگەن ئىدى . دادامنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ تېخمۇ ۋىجدان ئازابى تارتقان ئىدىم ، مانا ئاخىر ساچىدەنىڭ قەبرە ئالدىدا ئۇنىڭدىن كەچۈرۇم سوراۋاتاتتىم ،بىراق ھەممە كىچىكەن ئىدى
    ھەي ئىنسان ھەي ئىنسان مەنپەتكە دۈم چۈشكەن شەخسىيەتچى ئىنسان ئىككى مىڭ سومغا ساچىدەنىڭ قەبرىسىنى رىمۇنىت قىلدۇرۇپ ،ئاپسىنىڭ قۇلىغا بەش يۈز سوم بېرىپ ئۆيگە قايتتىپ كەلدىم.
    قايتىپ كىلىپ ئۈزۈمىنى شۇنداق يەڭگىل ھىس قىلۋاتاتتىم...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.