ئاتاقلىق كىشى(سەھنە ئەسىرى)

يوللىغۇچى : parhattursun يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-29 13:35:00

ئاتاقلىق كىشى(سەھنە ئەسىرى)پەرھات تۇرسۇن ئورنى: مەلۇم بازارسەھنىدە يەرگە كىتاب-ژۇرناللارنى يېيىۋىلىپ سېتىۋاتقان بىرەيلەن ئولتۇرىدۇ.بېشىدا چىچى قالمىغان،پۇتى ئاقسايدىغان،ئوتتۇرا ياشلىق بىر كىشى...

    ئاتاقلىق كىشى(سەھنە ئەسىرى)
    پەرھات تۇرسۇن

     

    ئورنى: مەلۇم بازار
    سەھنىدە يەرگە كىتاب-ژۇرناللارنى يېيىۋىلىپ سېتىۋاتقان بىرەيلەن ئولتۇرىدۇ.
    بېشىدا چىچى قالمىغان،پۇتى ئاقسايدىغان،ئوتتۇرا ياشلىق بىر كىشى كىرىپ كېلىدۇ. ئۇ بازار ئايلىنىۋاتقان بولۇپ،سەھنىنى بىر چۆرگىلەپ چىقىدۇ. ئارقىدىن ئا بىلەن ب كىرىپ كېلىدۇ. ئۇلارمۇ ئاۋۋالقى كىشى ئايلانغان يۆنىلىش بويىچە سەھنىنى بىر ئايلىنىپ چىقىدۇ. ئا ئىختىيارسىز ھالدا بەزى-بەزىدە ئاقساقلاپ تاشلايدۇ. كۆزلىرى ئالدى تەرەپتە كېتىۋاتقان ئوتتۇرا ياشلىق كىشىدىن ئۈزۈلمەيدۇ.
    A: كۆردۈڭمۇ ئاداش؟
    B: نېمىنى؟
    A: ئاۋۇ داڭلىق ئالىمنى
    B: قايسى؟
    A: ئاۋۇ پاينەكباش،ئاقسايدىغان كىشىچۇ؟
    B ؛ ھە،ھە...كۆردۈم...
    A: ئاجايىپ سالاپەتلىك كىشى-دە! مەن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ساڭا دائىم گىپىنى قىلىدىغان ھېلىقى ئالىم شۇ ئەمەسمۇ؟
    B: راستىنلا شۇمۇ؟
    A: شۇ
    B: (ئا نىڭمۇ ئاقساۋاتقانلىقىنى بايقاپ)ھوي، پۇتۇڭ نېمە بولدى؟
    A: نېمە بوپتۇ؟
    B: ئاقسايسەنغۇ؟
    A: ئۆزەممۇ بىلمەي ئاقساپ كېتىپتىمەن-دە! ئاداش، بۇ ئاشۇ ئادەمگە چوقۇنۇشتىن بولمامدۇ.(داڭلىق ئالىم كىتاپ يايمىسى ئالدىدا كىتاپ كۆرمەكتە) ئۇنىڭ ھەربىر سۆزى ھەربىر ھەركىتىنى ئۆزەممۇ بىلمىگەن ھالدا ئۆزەمگە ئۈلگە قىلىۋالىدىكەنمەن. ئۇنىڭ بارلىق بىلىمى ئۇنىڭ ئاشۇ ئاقسىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتەكلا تۇيۇلىدۇ ماڭا! بىزدەك پۇتى ساق ئادەملەر ئۇياق-بۇياق چىپىپ يۈرۈپ كىتاپ كۆرمەيدۇ، مىللىتىمىزدە پۇتى ساقلار پۇتى ئاقسايدىغانلاردىن كۆپ بولمىغان بولسا مىللىتىمىز دۇنياغا تونۇلۇپ كەتمەمتى!
    B: توغرا! شۇ تاپتا مەنمۇ پۇتۇمنىڭ ساق ئىكەنلىكىدىن ئازاپلىنىۋاتىمەن.
    A: قارا ئۇ كىشىنىڭ بېشىغا!
    B: بېشىمۇ پۇىغا ئوخشاش مېيىپ ئەمەستۇ!
    A: ئۇ كىشى ئىلىم-بىلىم ئىشلىرىمىز ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز باش قاتۇرۇپ شۇنداق چېچى چۈشۈپ كەتكەن.
    B: بەك يارشىپتۇ، چېچى چۈشۈپ كەتكەنلەرنىڭ بەزىلىرى تېخى تاز دېسە ئاچچىقى تۇتۇپ قالىدىكەن. ئۇلار بۇ كىشىگە تاز باشنىڭ قانچىلىك ياراشقانلىقىنى كۆرگەن بولسا ھەرگىز بېشىدا چاچ يوقلىقىدىن نۇمۇس قىلمىغان،ئەكىسچە پەخىرلەنگەن بولاتتى.
    A: ئەجەپ كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلدىڭ! تازلارنى مەسخىرە قىلىش مىللەتكە قىلىنغان ھاقارەت!
    B: ئۇلارنىڭ تازا بوستان چاچ بولۇپ يۈرگىسى يوقما! ھەممىسى مىللىتىمىزنىڭ ئىلىم ئىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى ھاقارەتلەش مۇناپىقلىق!
    A: ئاداش، مەن كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام، ئاش كىشىگە ئوخشاش سالاپەتلىك بولۇش ئۈچۈن كۆپ جاپا تارتقانمەن.
    B: قانداق جاپا؟
    A: ھازىرقى سۈپىتى ناچار،ساختا سوپۇنلارنى ئىشلەتسە چاچ چۈشۈپ كېتىدىكەن دەپ ئاڭلاپ، بىر نەچچە يىل سوپۇننىڭ جاسىنى ئىزلەپ تېپىپ ئىشلەتتىم. لكىن قېرىشقاندەك زادىلا چېچىم چۈشمىدى. كېيىن كۆزۈم غۇۋا كۆرىدىغان بولۇپ قېلىپ دوختورغا تەكشۈرۈتسەم، خېمىيىلىك تەركىبى يۇقىرى سوپۇن كۆزىڭىزگە تولا كىرىپ كېتىپ شۇنداق بوپتۇ دەيدۇ-دېگىنە!
    B: ئۇ ئادەمدەك بولۇش ئۈچۈن ئۇنچىلىك بەدەل تۆلىسەڭ ئەرزىيدۇ ئاداش!
    A: يۈر بېرىپ كۆرۈشۈپ قويايلى
    (ب نى يېڭىدىن تارتىدۇ، ب بىردنىلا تۈگۈلۈپ تۇرىۋالىدۇ.)
    B: مەن بەك جىددىيلىشىپ كېتىۋاتىمەن، سەل تۇرىۋالايلىچۇ ئاداش.
    A: ئۆزەڭنى تۇتۇۋال، پەقەت سالاملىشىپلا ئۆتۈپ كېتىمىز. ئۇ ئادەمنىڭ بىرەر جۈملە گىپىنى ئاڭلىۋالساقلا يىتىدۇ.
    [ئۇلار بىرلىكتە مەشھۇر شەخىسنىڭ ئالدىغا بارىدۇ.]
    A ، B: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    مەشھۇر كىشى: ۋائەلەيكۇم ئەسسالام !
    (A بىلەن B جىددىيلىشىپ بىردەم تۇرۇپ قالىدۇ.)
    مەشھۇر كىشى: نەگە ماڭدىڭلار؟
    B: بازار...
    (ئا دەرھال ب نىڭ ئاغزىنى ئېتىۋىلىپ ئۇنى جاۋاپ بەرگۈزمەيدۇ.)
    A: (ب نى بىر چەتكە تارتىپ): ئاداش، ئويلىنىپ گەپ قىل. ئۇ ئادەمنىڭ ئاشۇ سۇئالى ئاددى سۇئالما؟ بۇ ئىنتايىن چوڭقۇر پەلسەپىۋىي مەنىگە ئىگە سۇئال، سەن بىلەن مەندە ئۇ سۇئالغا جاۋاپ بەرگۈدەك بىلىم بولسا بۇيەردە يۈرۈمتۇق!
    [A بىلەن B قايتىدىن مەشھۇر كىشىنىڭ ئالدىغا بارىدۇ.]
    A: ئەھۋالىڭىز ياخشىدۇ! سالامەت تۇردىڭىزمۇ؟
    مەشھۇر كىشى: ياخشى
    A: باياتىنقى سۇئالىڭىز بىزنى قاتتىق چوڭقۇر ئويغا سالدى. بىز قاتتىق تىرىشىپ ئۈگىنىپ ھامان بىر كۈنى بۇ سۇئالغا جاۋاپ تاپىمىز.
    مەشھۇر كىشى؛ سىلەرمۇ مۇشۇ شەھەردىنمۇ؟
    (A دەرھال ھاياجان بىلەن مەشھۇر كىشىنىڭ قوللىرىغا ئېسىلىپ سۆيۈپ كېتىدۇ ۋە كۆككە قاراپ خىتاپ قىلىدۇ.)
    A ؛ پاھ، نىمە دېگەن چوڭقۇر پەلسەپىۋىي سۇئال بۇ ! مۇشۇ ئىككى سۇئالىڭىز بىزنىڭ بىر نەچچە يىل ئىزدىنىشىمىزگە يېتىدۇ.
    B ؛ شۇنداق، بىز بەك قاتتىق ھاياجانلاندۇق، يەنە مۇشۇنداق چوڭقۇر پەلسەپىۋىيلىك گەپلەرنى قىلىۋەرسىڭىز بىز بەرداشلىق بېرەلمەيمىز. يۈرىكىمىز پارتىلاپ كېتىشى مۇمكىن.
    A ؛ سىزنىڭ سۆزلىرىڭىزنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايمىز. بىز كېتىپ بۇ توغىرلىق تەپسىلى ئويلىنايلى،سىز بۇ يەردە بىردەم تۇرامسىز؟
    مەشھۇر كىشى: مەن تېخى ئەمدى كەلدىم، كەچلىك بازىرىمنى تېخى باشلىمىدىم.
    A ؛ (ھاياجاندىن سەكىرەپ) پاھ...پاھ ! (B غا ) ئاڭلىدىڭمۇ ئاداش،ماۋۇ دۇنياۋى ئۇلۇغ ئەھمىيەتكە ئىگە، دەۋر بۆلگۈچ گەپنى! ‹‹مەن تىخى ئەمدى كەلدىم!›› قانداق ئۇلۇغ پەيلاسوپ بۇنداق مەردانە گەپنى قىلالىغان . ئۇ دېمەكچى، ‹‹مەن كەلدىم، مېنىڭ دەۋرىم ئەمدى باشلىنىدۇ، بۇندىن بۇرۇنقى سانائەت دەۋرى،ئۇچۇر دەۋرى،يەر شارىلىشىش دەۋرى دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان بولسا، ئەمدى مىنىڭ نامىم بىلەن ئاتىلىدۇ،ھىچ بولىمغاندا ‹‹پاينەكباشلار دەۋرى›› دەپ ئاتىلىدۇ دېمەكچى! ئۇنىڭ ‹‹كەچ››،‹‹بازار›› دىگەن سۆزلىرىنى ئون يىل كىتاپ ئوقۇساڭ ئاندىن چۈشىنىسەن. بۇلارنىڭ ھەممىسى سىمۋۇل. ئۇلۇغ ئادەملەر گەپنى ھەرگىزمۇ ئۇدۇل دېمەيدۇ.
    B: (قاتتىق ھاياجاندا )بۈگۈن مەن ئۈچۈن ئاجايىپ ئۇنتۇلغۇسىز كۈن بولىدى!
    [مەشھۇر كىشى ئۇلارنىڭ گېپىنى چۈشىنەلمەي،بىردەم گاڭگىراپ قالغاندىن كېيىن ئۇلارنى بىر چەتكە تارتىپ كېلىدۇ]
    مەشھۇر كىشى: ئاۋۇ تەرەپتە بىر نەچچە ساقچى تۇرۇپتىكەن، شۇلارنى كەتسە ئاندىن ساتارمەن دېسەم، ئەجەپ ئۆزۈڭلارنى تۇتالماي سۆزلەپلا كەتتىڭلارغۇ! سېرىق دەي كېرەكمىدى؟
    A ، B: نىمە،نىمە؟ بۇ سۇئالىڭىز ھەققىدە بىرەر كىتاپ يازساقمۇ بولىدىكەن ...لېكىن ئاخىردىكى سېرىق دەي دېگەن گىپىڭىززە...سىمىۋۇلمۇ ئەمەسمۇ؟
    مەشھۇر كىشى؛ (قوينىدىن چىقىرىپ ئۇلارغا ئوغىرلىقچە كۆرسىتىدۇ.)بۇ سىمىۋۇل ئەمەس DVD ، سېرىقDVD ، تازا سېرىق.
    [A بىلەن B ھاڭ-تاڭ بولۇپ قالىدۇ، ئاندىن غەزەپ بىلەن ئۇنىڭ ياقىسىدىن ئالىدۇ]
    A ، B: (تەڭلا) سەن ئالىم ئەمەسما؟
    مەشھۇر كىشى: مېنىڭ ئىسمىم ئالىم ئەمەس، تۇداخۇن.
    A: نىمە؟
    B: (A غا) سەن زادى ئۇنى تونۇمسەن؟
    A: (خىجىل بولۇپ) بىراۋ ئۇنى مەشھۇر ئالىم دەپ كۆرسىتىپ قويغان ئىدى. خاتا تونۇپ قالغان ئوخشايمەن.
    مەشھۇر كىشى؛ زادى ئېلىشامسەن، ئالمامسەن؟!
    A: سەن مەشھۇر ئالىم بولمىساڭ نىمىشقا كىتاپ يايمىسىنىڭ يېنىدا تۇرىسەن؟
    مەشھۇر كىشى : كىتاپ يايمىسىنىڭ يېنىدا تۇرسام ساقچىلار ئانچە گۇمانلانمايدۇ!
    B: ئەمسە نىمىشقا بىشىڭدا چاچ يوق؟
    A: ئەمسە نىمىشقا ئاقساپ بىزنى ئالدايسەن ؟
    مەشھۇر كىشى: ساقچى كەلدى ، ئالمىساڭ گېپىڭنى قىلىشساڭ بولمامدۇ.(دەيلەرنى قوينىغا سېلىپ تىكىۋىتىدۇ)
    A ؛ ئۇنىڭ تازلىقى يالغان!
    B: ئاقسىغىنىمۇ يالغان !
    A: بېشىدا چىچى بارلىقى ھامان پۈتۈن مىللەت ئالدىدا ئاشكارلىنىدۇ!
    B: ھېلىقى چوڭقۇر پەلسەپىۋىي سۇئاللىرىڭچۇ؟
    A: ئۇنىڭ گېپىنى گەپ دىگىلى بولامدۇ ؟ بىر سېرىق دەي ئەتكەسچىسكەنغۇ !

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر پەرھات تۇرسۇن