گۇناھ-11(ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-09 06:11:56

گۇناھ(11)ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد ھىدايەت قارى يوشۇرۇنچە داۋۇت داموللامدىن ساۋاق ئېلىش بىلەن بىللە، قۇرئاننى يادلاپ، قارىلىقتىن ھافىزلىققا ئۆتۈۋاتاتتى. ئۇ كىچىككىنە تۇرۇپ مويسىپىتلارچە تەقۋا ياشاش...



    گۇناھ(11)
    ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد

     

     


    ھىدايەت قارى يوشۇرۇنچە داۋۇت داموللامدىن ساۋاق ئېلىش بىلەن بىللە، قۇرئاننى يادلاپ، قارىلىقتىن ھافىزلىققا ئۆتۈۋاتاتتى. ئۇ كىچىككىنە تۇرۇپ مويسىپىتلارچە تەقۋا ياشاشقا كۆنۈپ كەتكەچكە كۆڭلى پاك، كەيپىياتى ساز ئىدى؛ بۇرۇندىنلا سەزگۈر مىجەزلىك بولغاچقا ھەر قانداق ئىشقا ئىنچكە قارايتتى؛ بەزىدە تەقۋالىقتا ئاتىسىنىمۇ بېسىپ چۈشەتتى. ئۇنىڭ سۈزۈك، پاكىزە يۈزى، قارىسىلا بەزى خۇدۇكچان كىشىنى تەمتىرىتىپ قويغۇدەك ئۆتكۈر كۆزى، ھەر دائىم ئورۇنلۇق ئېيتىلىدىغان سۆزى مەھەللىدىكىلەرگە ھەر دائىم چوڭقۇر تەسىر قالدۇراتتى ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە غايىۋى ھۆرمەت قوزغايتتى. جامائەت ئارىسىدا ھىدايەت قارىنىڭ قىرائىتى بەك چىرايلىقمىش، كۈندە قۇرئان تىلاۋەت قىلىمىش، كىچىككىنە تۇرۇپ ھافىز بوپتىمىش...دېگەندەك گەپلەر تارقىلىپ يۈرەتتى. مەھەللىدە ئۆلۈم-يېتىم بولسىلا ھىدايەت قارى خەتمە قىرائەتكە تەكلىپ قىلىناتتى، ئۇنىڭ قىرائەت قىلغاندىكى ئاۋازى، مۇڭى ھەممىنى بېسىپ چۈشكەچكە يىراق-يېقىنغا داڭقى كەتكەنىدى.

     


      بۇ مەھەللىدە ئايىمخان دېگەن بىر ئايالنىڭ ئېرى رامىزان ئېيىدا كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتتى. ئايىمخان تۇغماس ئايال بولغاچقا مەھەللىدىكىلەر ئۇنىڭ ئېرىنى ئاچچىق يۇتۇپ ئۆلۈپ كەتتى دەپ ئويلايتتى. ئايىمخان ئېرىنىڭ نەزىرىنى ياخشى بېرىپ، ئۇنىڭ روھىغا ئاتاپ ھىدايەت قارى قاتارلىق قارىلارنى خەتمە قىرائەت قىلدۇردى.ئايىمخاننىڭ خېلى تەقۋالىقىنى سەمەت مەخسۇم بىلەتتى، شۇڭا ئۇ ياپياشلا تۇل قالغان بۇ ئايالنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئىللىق ئۆي تۇتۇپ ئولتۇرۇشنى ئارزۇلايدىغان بولۇپ قالدى. بۇ كاتتا مەقسىتىنى ئايىمخانغا قانداق ئۇقتۇرۇشنى، جۇۋان تويىنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى، بۇ ئىشقا ئايىمخان ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قانداق قارايدىغانلىقىنى دەمال بىلەلمىگەچكە، نىيەت-مۇددىئالىرىنى دۇئايى ئىلتىجالىرىغا ئايلاندۇرۇپ، ئاللاھتىن ئاسانلىق تىلەيتتى.ئايىمخان ھىدايەت قارىنىڭ قىرائىتىنى ئاڭلاندىن تارتىپ، ئۇنىڭغا ئىختىيارسىز مېھرى چۈشۈپ قالدى. ئۇنى ئايرىم ياكى ئاتىسى بىلەن بىللە ھالدا كۆرسە ئاجايىپ قىزغىن مۇئامىلە قىلاتتى. ئۇلار تولىراق تاڭ سەھەردە ئۇچرىشىپ قالاتتى، بۇ چاغدا سەمەت مەخسۇم ئوغلى بىلەن مەسچىتتىن يېنىپ كېلىۋاتقان بولاتتى، ئايىمخانمۇ بامدات نامىزىنى تۈگىتىپ، ھويلىسىنى سۈپۈرۈپ بولۇپ، يولنى سۈپۈرۈۋاتقان ياكى سۇ چېچىۋاتقان بولاتتى. سەمەت مەخسۇم دائىم ئاق رومال ئارتىپ، ئۇزۇن قارا پەلتو كىيىپ يۈرۈيدىغان ئايىمخاننىڭ ئىش قىلىۋاتقاندا پەسكە ئېگىلگەن زىلۋا قەددىنى يىراقتىن كۆرۈپلا قالسا قەدىمىنى ئىتتىكلىتەتتى، ھىدايەت قارى ئاتىسىغا يېتىشەلمەي ئاۋارە بولاتتى. ئۇلار ئايىمخاننىڭ ئىشىكى ئۇدۇلىدا كېلىشىۋالغاندەكلا ئۇچرىشاتتى، قىزغىن سالاملىشاتتى. بۇنداق ئەھۋال داۋاملاشقانسېرى ئارىلىق يېقىنلاشتى. ئايىمخان سەمەت مەخسۇمنى ئۆيگە كىرىپ بىرەر پىيالە ئىسسىق چاي ئىچىشكە ھەر ۋاقىت تەكلىپ قىلىپ تۇراتتى، مەخسۇم بۇ تەكلىپنى دەسلەپتە رەسمىيەت دەپ چۈشىنىپ، كېيىن تارتىنمايلا قوبۇل قىلىدىغان بولدى، چايدىن كېيىن ئايىمخان تاماققا تەمشىلەتتى، سەمەت مەخسۇم دەسلەپتە توسۇپ بېقىپ كېيىن بۇنىڭغىمۇ كۆنۈپ قالدى. ئەمما ئۇ خەقلەرنىڭ”مەخسۇم ئىددىتى توشمىغان ئايالغا ساقال سۆرەپ يۈرگىدەك“ دېگەندەك گەپلەرنى تېپىشىدىن ھەزەر ئەيلەيتتى.



     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.