ئارمان (ھېكايە)

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-16 19:40:31

تېز پويىزغا چىققان كىشىنىڭ جېنى ئارام تاپىدۇ. پاكىز، ئازادە، ھەممە نەرسىلەر تەييار ھەم قۇلايلىق. سەپەرگە چىققانلار ئۆز-ئارا مۇڭدىشىپ، بارىدىغان يېرىگە قانداق كېلىپ قالغىنىنىمۇ سەزمەي قېلىشىدۇ.

    ئارمان

    دىلبەر راززاقوۋا

    \

    تېز پويىزغا چىققان كىشىنىڭ جېنى ئارام تاپىدۇ. پاكىز، ئازادە، ھەممە نەرسىلەر تەييار ھەم قۇلايلىق. سەپەرگە چىققانلار ئۆز-ئارا مۇڭدىشىپ، بارىدىغان يېرىگە قانداق كېلىپ قالغىنىنىمۇ سەزمەي قېلىشىدۇ.

    يېنىمدىكى ھەمراھىم ــ ئوتتۇرا ياش، كۆزلىرى مەيۇس ئايال ئۈندىمەستىن ۋاگوننىڭ سىرتىغا باققىنىچە خىيال  سۈرۈپ ئولتۇراتتى.

    يولۇچىلارغا خىزمەت قىلىدىغان پويىز خادىمى قىزلارنىڭ بىزگە ئۇسسۇزلۇق تارقىتىشى سۆھبىتىمىزنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەب بولۇپ قالدى.

    -چوڭراق ئوغۇللىرىڭىز بارمۇ ھەدە، مانا ماۋۇ قىزلار نېمىدىگەن چىرايلىق ئېسىل قىزلار، كېلىن قىلىۋالامسىز دەيمىنا!- دەپ گەپ باشلىدىم مەن.

    -ھە؟ .. يا..- دەپ قويدى ھەمراھىم.

    -ئەمما ھازىرقى ياشلارغىغۇ لايىق تاپقىلى بولامتى دەيسىز، ساپلا ئۆزلىرى تېپىشىدىغۇ. ئانام رەھمىتى دېگەندەك بالىلارنى بېقىپ بويىنى ئۆستۈرىدىكەنسىزيۇ، ئەمما كۆڭلىنى تۇتقىلى بولمايدىكەن....

    بۇ سۆزۈمدىن كېيىن ھەمراھىمنى نېمىدۇر بىر نەرسە بىئارام قىلغانلىقىنى شۇنداقلا سېزىپ قالدىم. بىراق ھېلى كۆرگەن ناتونۇش ئادەمدىن: «نېمە؟ بىرەر ئىش كۆڭلىڭىزگە كەلدىمۇ؟» دەپ سوراش ئەپسىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈندىمىدىم. ئەمما ئارىمىزدىكى بۇ جىمجىتلىقمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلمىدى. ھەدەش گەپ باشلاپ قالدى:

    -... ئىنسان، ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسى شۇنچىلىك مۇرەككەپ بىر تىلسىم ئىكەنكى، بۇ تىلسىمنى چۈشىنىپ يەتتىم دېگەن كىشى خاتا قىلغان بولىدىكەن، - ھەمراھىم يېنىككىنە ئۇھ تارتىپ قويدى-يۇ، گېپىنى داۋام قىلدى: - مەن يولدىشىم بىلەن ئۈچ يىل مۇھەببەتلىشىپ، چۈشىنىشىپ، سىنىشىپ ئاندىن توي قىلغانمەن. مانا توي قىلغانلىقىمىزغىمۇ چارەك ئەسىر بولاي دەپتۇ. ئەمما مەن ئۇنى ياخشى چۈشىنىپ بىلمەيدىغىنىمنى تېخى يېقىندىلا بىلدىم.

    -ئەسلىدىمىغۇ شۇنداقتراق ئىدى، ئەمما... –ھەدەشنىڭ كۆزلىرىگە ياش كەلدى. دەردىنى يا تۆكۈشنى يا ئېيتماي جىم بولۇشنى بىلەلمەي قالغاندەك يەنە دېرىزە سىرتىغا تىكىلدى. كېيىن بىر يۇتۇم چاي ئىچتى-دە، گېپىنى داۋام قىلدى،- ئوغۇللىرىمنى بەكمۇ ياخشى كۆرىمەن. ئۇلار ئۈچۈن ھەممىنى، ھەتتا جېنىمنى بېرىشكىمۇ تەييارمەن. ئۇلارمۇ مېنى يېقىن دوستىدەك كۆرۈپ نېمە بولسا شۇنى دەيدۇ، ئۇلار بۇ قېتىم تاشكەنتتىن ئۆيگە كەلگىنىدە قىز دوستلىرىنىڭ بارلىقىنى ماڭا ئېيتتى.  ئەمما مەن گەپنى باشقا ياققا بۇرۇدۇم. يەنە شۇ توغرىسىدا ئېغىز ئېچىشقىنىدا: «بۇنداق گەپلەرنى دېيىشكە ھازىر كىچىك سىلەر. كېلىنلەرنى بىز ئۆزىمىز تاپىمىز، سىلەر ئاۋارە بولماي ئۆز ئوقۇشۇڭلارنى ياخشى ئوقۇڭلار» دەپ ئاغزىنى تۇۋاقلىدىم.

    ئەمما ئوغۇللىرىم يېقىندا قىشلىق تەتىلدە كەلگىنىدە بىز بىلەن سۆھبەت قىلىپ، ھېچ بولمىسا نىكاھ ئوقۇتۇپ قويۇشىمىزنى تەلەپ قىلىپ تۇرۇۋالدى. شۇنىڭدىن كېيىنلا ئۇلار تاپقان قىزلار توغرىسىدىكى ئىشلارنى سۈرۈشتۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇم. ئاڭلىغانلىرىمنى دادىسىغا ئېقىتماي-تېمىتماي ئېيتىپ بەردىم. دادىسى زەردە بىلەن:

    -خوش سەن ئۇلارغا نېمە دېدىڭ،- دەپ سورىدى.

    -نېمىمۇ دېيەلەيتتىم، داداڭ بىلەن مەسلىھەتلىشىپ باقاي، دەپ قۇتۇلدۇم،-دېدىم.

    -ئۇنداق بولسا ئۇلارغا دېگىن، مەن بۇنىڭغا مۇتلەق قارشىمەن. ياق، بولدى، ياخشىسى ئۇلارنى بۇ يەرگە چاقىرغىن. ئۆزۈم ئۇلارغا چۈشەندۈرۈپ قويىمەن، سەن چۈشلۈك تامىقىڭغا تەييارلىق قىلىۋەر،-دېدى يولدىشىم.

    شۇنداق  قىلىپ، ئوغۇللىرىم دادىسى بار ئۆيگە كىرىپ كېتىشتى. مەن سىرتتا تاماققا تۇتۇش قىلىۋاتقىنىم بىلەن پۈتۈن ئەس-خىيالىم ئىچكىرىدە ئىدى.

    «ئىشقىلىپ دادىسى ئۇلارنى قاتتىق رەنجىتمىسە بولاتتى، ھازىرقى ياشلار شۇنچىلىك نازۇك، بىرەر ئېغىز گەپ قىلغىلىمۇ بولمايدۇ» دېگەنلەرنى خىيال قىلاتتىم ئۆزۈمچە.

    تاماققا لازىملىق خۇرۇچلارنى ئېلىش ئۈچۈن بالكونغا ماڭدىم، ئىشىك ئالدىدىن ئۆتۈۋاتقىنىمدا قىيا ئوچۇق تۇرغان ئىشىكتىن، دادىسىنىڭ بالىلارغا دەۋاتقان زەردىلىك گەپلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ قالدى:

    -ئۆزۈڭ ئويلاپ كۆر. سەن تاپقان قىزنىڭ دادىسى يوق تۇرسا، ئاپىسى بىر تۇل ئايالكەن، سېنىڭ بولسا بىر ئاددىي ئوقۇتقۇچى ئىكەن، مۇنداق ئويلاپ بېقىڭلار، مۇشۇنداق ئائىلىلەردە كېيىنچە سىلەرگە كىم ياردەم قىلىپ يۆلەيدۇ؟ ئۆزۈڭ يالغۇز بۇنچە يۈكنى ئارتىپ چارچايسەن! زېرىكىسەن! بەختسىز بولىسەن ئاخىرى!

    -ئەمىسە ئۆزىڭىزمۇ كۆپ بالىلىق، ئاددىي ئىشچىنىڭ قىزى ئاپام بىلەن توي قىلىپتىكەنسىزغۇ، ئەجەبا سىزمۇ بەختلىك ئەمەسمۇ دادا؟

    ھېچقاچان دادىسىنىڭ يۈزىگە تىك قارىمايدىغان چوڭ ئوغلۇم بەكلا ئاچچىقلىنىپ بۇ سۆزنى قىلىپ قالدى.

    بۇنى ئويلىمىغان دادىسى تېخىمۇ ئاچچىق زەردە بىلەن ۋارقىرىدى:

    • قارىغىنە ھەي ئەپتىڭگە! ماڭا گەپ ياندۇرىدىغان بولۇپ كەتتىڭلارمۇ شۇنچە چوڭىيىپ؟! بۇنچە يامان بولۇپ كەتكىنىڭلارنى مەن ئەجەپ سەزمەپتىمىنا؟! بىلمىسەڭ بىلىپ قۇيۇش. مېنىڭ بۈگۈنكى ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىم، ئىشتىن بوشىتىلىپ، ئۆيدە ئولتۇرۇپ قېلىشىمغا مۇشۇ ئاپاڭلارغا ئۆيلىنىمەن دەپ خاتا قىلغىنىم سەۋەب بولغان. مۇنداق دېسەم ئىشەنمەيسىلەر، شۇنداقمۇ؟ نېمە ئۈچۈن دەپ سورايسىلەر شۇنداقمۇ؟- يولدىشىم بارغانسېرى ئەسەبىيلىشىپ كېتىۋاتاتتى،- مانا! مەسىلەن، مەن بىلەن بىللە ئوقۇغان ساۋاقداشلىرىم ئەمەلدار، قولىنى نەگە سۇنسا شۇ يەرگە يېتىدىغان كىشىلەرنىڭ قىزلىرىغا ئۆيلەنگەنلىكى ئۈچۈن، بۈگۈن يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلاردا، باي دۆلەتلەردە باياشات ياشاۋاتىدۇ، مەن بولسام شۇ ئاددىي خىزمىتىمدىنمۇ ئايرىلىپ قالدىم، چۈنكى مېنىڭ ئارقا تېرىكىم يوق بولغانلىقى ئۈچۈن! ئەگەر مېنىڭ قىينىئاتاممۇ بىرەر ئەمەلدار كىشى بولغان بولسىدى، مەن ھازىر....

    ئاڭلىغانلىرىم شۇ بولدى. بېشىم قېيىپ، كۆزۈم قاراڭغۇلاشقاندەك بولۇپ يىقىلدىم...

    مانا شۇ كۈندىن بۇيان ئۆزۈمگە كېلەلمەيۋاتىمەن. ماڭا ئۆيلەنگەنلىكى تۈپەيلى يولدىشىم بىر ئۆمۈر شۇ ئارماندا ياشاۋېتىپتۇ-ھە؟! ھايات شۇ مەنسەپ، ئابرۇي، بايلىقتىن قېلىپ قالغان بولسا، كاشكى!

    -ھە.. –دېدىم مەن ئىختىيارسىز،- دۇنيادا بۇنىڭدىن ئارتۇق ئازاب بولامدۇ، راست! سەن بىلەن ھەم داستىخاندا ياشاپ، بىر ياستۇققا باش قويۇپ كېلىۋاتقان ئىنساننىڭ سەن تۈپەيلى پۇشايمانلىق ئوتىدا يېنىپ يۈرسە، سەن بولساڭ ئۇنىڭدىن خەۋەرسىز يۈرسەڭ...

    -شۇڭلاشقا پۇچىلىنىۋاتىمەن، ئاھ خۇدا!- دېدى ھەمرايىم نەملەنگەن كۆزلىرىنى ئېلىپ قېچىپ.

    قارىسام، بۇ ھەدىمىزنىڭ كۆزىدى تۆكۈلۈۋاتقان ياش يۈزلىرىنى ئاللىقاچان يۇيۇپ بولغانىدى، قانداقلا بولمىسۇن، ھەمرايىمنى باشقا گەپلەر بىلەن كۆڭلىنى ئۇرغۇتۇشقا تىرىشىپ گەپنى ئوغۇللىرىغا يۆتكىدىم:

    • شۇنداق قىلىپ ئوغۇللىرىڭىزچۇ، ھەدە؟
    • گەپ شۇنداق بولدى، ئوغۇللىرىم تەتىلنى تۈگىتىپ، ئوقۇشقا كېتىشتى، بىراق دادىسى ئۆز پىكرىدىن قىلچە يانمىدى، ئوغۇللۇرۇمغا بۇنى تېلىفوندا دەپ يۈرۈشنىمۇ توغرا كۆرمىدىم. دادىسى ئۇلارغا ئارقا تېرەك بولالايدىغان دادىلىرى بار قىزلارنى كېلىنلىككە تاللاپ قويغىنىنى، ئوغۇللۇرۇمغا مەن قانداق دەيمەن دەيسىز، شۇڭا يېنىغا باراي دېدىم. بېرىپ ئۇلارنى ھازىر ئارىلىشىۋاتقان قىزلىرىدىن چىرايلىق ئايرىپ كەلمىسەم، دادىسى....

    ھەمرايىم سەل توختىدى، ئۆزىنى بېسىۋېلىپ يەنە گەپ باشلىدى:

    • مېنى قىينايدىغان بۇنداق ھالەتتىن ئەمدى قانداقمۇ قۇتۇلارمەن؟ يولدىشىمنىڭ «ئارمان»لىرىنى قانداق قىلىپ بۇ خىيالىمدىن چىقىرىپ تاشلاي؟ مەن ئوغۇللىرىمنىڭ مەرد، جىگەرلىك، ئار-نومۇسلۇق يىگىتلەردىن بولۇشىنى تىلەيتتىم، سىز ئويلاپ بېقىڭ! ئاشۇ سىزدىن نەچچە يۇقىرى ئەمەلدارنىڭ، باي-باياشادچىلىقتا ئۆسكەن شۇ قىزلار بىزنىڭ بۇ ئاددىي ئائىلىلەردە قانداق ياشاپ كۆنسۇن؟ ئوغۇللىرىم بىر ئۆمۈر قىينىئاتىسى، قىينىئانىسىنىڭ ئالدىدا بېشىنى ئېگىپ ياشىشىغا مەن قانداق چىدايمەن؟!

    ھەمراھىمنىڭ يەلكىلىرى سىلكىندى، مەن بولسام بۇنىڭغا ئامالسىز ئىدىم...

    (گۈليارە تۇرسۇن تەرجىمىسى)

    \

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يۇسران ئارمان