ئەزرائىل بىلەن سۆھبەت

يوللىغۇچى : -AYAZ- يوللىغان ۋاقىت : 2008-08-17 16:28:00

ئەزرائىل بىلەن سۆھبەت ئابلىز مەھەممەت (ھىكايە) ئەتىگەندە دۇكاننى ئېچىپ، بىر قۇر تازلاپ بولۇپ كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ تۇرۇشۇمغا ئىشىكتىن "ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم" دىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. قارىسام ئىشىكتە ...

    ئەزرائىل بىلەن سۆھبەت
    ئابلىز مەھەممەت (ھىكايە)


       ئەتىگەندە دۇكاننى ئېچىپ، بىر قۇر تازلاپ بولۇپ كومپيۇتېرنى قوزغىتىپ تۇرۇشۇمغا ئىشىكتىن "ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم" دىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. قارىسام ئىشىكتە مويسىپىت سۈپەت بىر بوۋاي تۇراتتى. جاۋاپ سالام بىلەن بېرىپ، قول ئېلىشىپ كۈرۈشتۈم. -مەن بىر ياقا يۇرتلۇق مۇساپىرمەن، بالام. دېدى بوۋاي، شۇئان كاللامغا ھېلىقىدەك يۇرتىغا قايتىشقا پۇل قالمىغان "مۇساپىرلار" كەلدى. ئادىتىمدىكىدەك "تېخى سودا قىلمىدىم، باشقا يەرلەرگە بېرىپ باقسىلا" دەپ يولغا سېلىپ قوياي دەپ تۇرغىنىمدا ئۇ بوۋاي كۆڭلۈمدىكىنى بىلىۋالغاندەك:
    -مېنى تىلەمچى كۆرۈپ قالما، بالام، ئەتىگەن تۇرۇپ كوچا ئايلىنىدىغان ئادىتىم بويىچە بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتسام ساڭا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. كۆزەمگە ئىللىق كۆرۈندۈڭ، شۇڭا بىردەم مۇڭدىشىپ چىقاي دەپ كىرىشىم. بوۋاي يالغاندىن يۆتەلگەندەك قېقىلىپ قويدى.
    -سەن مۇسۇلمانمۇ بالام؟ دەپ سورىدى بوۋاي.
    -ئەلھەمدۇلىللا مۇسۇلمانمەن. دېدىم مەن بېشىمدىكى دوپپامنى تۇتۇپ قويۇپ.  - ئۇنداقتا ياخشى بالام. جۈمەگە تولۇق چىقىدىغانسەن ھە. غەيبكە ئىشىنەمسەن؟ مەن دەماللىققا نىمە دىيىشنى بىلمەي تۇرغاندا ئۇ ئارقىدىنلا قوشۇمچە قىلىپ قويدى.
    -بۇ توغرىسىدا قۇرئان كەرىمنىڭ ئىككىنچى سۈرىسى بولغان سۈرە بەقەرنىڭ 3-ئايىتىدە ناھايىتى ئوچۇق بارغۇ بالام، "تەقۋادارلار غەيبكە ئىشىنىدۇ" دەپ. دېدى.
    -لېكىن ھازىرقى كىشىلەردە ئىمان قالماپتۇ. كۆپىنچىسىدىن سورىساڭ مەن مۇسۇلمانمەن دىيىشىدۇ. لېكىن قۇرئاننىڭ بىرەر سۈرىسىنى تولۇق بىلمەيدۇ. بىرەر ئايەتنى سۆزلىسەڭ قايسى سۈرىدىن ئېلىنغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ئۇنى بىلمىسىغۇ مەيلى، ھىچ بولمىسا قايسى سۈرىدە قايسى مەزمۇنلار سۆزلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلىسىمۇ شۇ كۇپايە ئىدى. بىرەر قېتىم قۇرئاننى تولۇق ئوقۇپ چىققان بولسىمۇ كاشكى.... بوۋاي سۆزلىرىنى شۇنداق ئاخىرلاشتۇردى. ھېلىمۇ مەن قۇرئاننىڭ ئەرەپچىسىنى ئوقۇيالمىساممۇ تەرجىمىسىنى بىر قانچە قېتىم ئوقۇپ چىققان ئىدىم.
    -باياتىن نەگە كەلگەنتىم. ھە... شۇنداق قىلىپ سەن غەيپكە ئىشىنىسەن شۇنداقمۇ؟ جىن شەيتان، پەرىشتە دىگەنلەرگىمۇ ئىشىنەمسەن؟ دېدى بوۋاي گەپلىرىنى تېخىمۇ سىرلىقلاشتۇرۇپ. مەن بىر تەرەپتىن ھەيران بولۇپ، بىر تەرەپتىن قىزىقىپ قېلىشقا باشلىدىم.
    -سىز ئۆزىڭىزنى ئاشۇلارنىڭ بىرى دىمەكچىمۇ؟
    -يېقىنلاشتىڭ، لېكىن رەسمىي سۆھبەتنى باشلاشتىن ئاۋال كېلىشىۋالايلى. دېدى بوۋاي ، مەن ساڭا گەپنى ئەگىتمەيلا دەۋېرەي. مەن پەقەت سەن بىلەن مۇنداقلا پاراڭلىشىپ ئۆتۈپ كەتمەكچى. سېنىڭ گەپلىرىمگە ئىشىنىش ئىشەنمەسلىكىڭ مۇھىم ئەمەس. لېكىن سەن مەندىن، مەن ساڭا ئېيتىپ بەرگەن ئىشلاردىن باشقىلىرىنى چوڭقۇرلاپ سورىماسلىققا ماقۇل بولىشىڭ كېرەك. گاڭگىراپ قالدىم. پەرىشتە، جىن ئالۋاستى، شەيتان دىگەنلەر توغرىلىق نۇرغۇن ئەپسانىلەرنى ئاڭلىغان بولساممۇ لېكىن ئۇنى ئەمىليەتتە يەنە كېلىپ ئادىمى سىياقتا كۆرەرمەن دەپ ئويلىمىغانتىم. يەنە بىر تەرەپتىن قورقۇپمۇ قالدىم. لېكىن ھازىرقى دەقىقىنىڭ ئۆزىدە مەن نىمە قىلالايمەن؟ سىرتقا چىقىپ باشقىلارنى ياردەمگە چاقىرالايمەنمۇ؟ ياكى ساقچى چاقىرالايمەنمۇ؟ -قورقمىغىن، باشقىلارنى چاقىرىش نىيىتىدىمۇ بولما، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئالدىدا مەن ئىنكار قىلىپ تۇرۇۋالساممۇ ياكى ئېتىراپ قىلساممۇ مەن ئۈچۈن پايدىلىق. ئەگەر ئىنكار قىلسام ئۇلار ئەسلى قىياپىتىمنى تېپىپ چىقالمايدۇ. ئەگەر ئېتىراپ قىلسام ئۇلار مېنى ساراڭغا چىقىرىۋېتىدۇ. ئىشقىلىپ مېنىڭ سۆزۈمگە ئىشىنىش ئىشەنمەسلىكنى ئۆزەڭ بەلگىلىسەڭ بولىدۇ. ئۇنىڭغا ئىشەنسەم ئىشەنمىسەم نىمە بوپتۇ؟ ئاڭلىۋالغىنىم قالىدۇ شۇ.
    -مېنىڭدىن ئاڭلىغان گەپلەرنى باشقىلارغا دەپ ئىشەندۈرىمەن دەپمۇ ئاۋارە بولما، ئەگەر بەك دىگۈڭ كەپ كەتسە، بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا مۇنداق بوپتىكەن دەپ باشلا. شۇ ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ سۆزۈڭگە قىزىقىدۇ. ئەگەر ئۇلارغا بۇ ئەمىليەتتە بېشىمدىن ئۆتكەن دەپ تۇرۇۋالساڭ ئۇلار سېنىمۇ ساراڭغا چىقىرىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا ئىدى. دىمەك مەندە پەقەت بۇگەپلەرنى ئاڭلاپ قويۇش ھوقۇقىلا بار. لېكىن بۇ بوۋاينىڭ نىمە ئۈچۈن مەن بىلەن پاراڭلاشقۇسى كېلىپ قالغانلىقىنى بىلەلمىدىم. نىمىشقا باشقىلار بىلەن پاراڭلاشماي مەن بىلەن پاراڭلاشقۇسى كېلىپ قالغاندۇ؟ خىيالىمغا بۇرۇنقى ئەپسانىلەردە ئاڭلىغان ياش بالىلارنىڭ ۋە ياش قىزلارنىڭ قېنىنى شوراپ ياشلىقىغا قايتالايدىغان ئالۋاستىلار كىرىۋالدى.
    -قورقمىغىن، مەن ھېلىقىدەك ئەسكىلەردىن ئەمەس. مەندىن قورقىۋاتىسەن ھە؟ مەن ئويلىغانلىرىمنى ئۇنىڭغا ئۇدۇللا دېدىم. -ھا،ھا،ھا! ئۇنداق گەپلەرگە ئىشەنمە، جىن ئالۋاستى پەرىشتە دىگەنلەرنىڭ قىلالمايدىغان ئىشى يوق تۇرسا. ھىچ بولمىغاندا ئىنسانلار ئارىسىدا شۇنداق ھېساپلىنىدۇ. ئۇلار نىمە ئۈچۈن باشقىلارنىڭ قېنىنى شورىغۇدەك، بۇ دىگەن ئەپسانە، بۇرۇنقى پادىشاھ ۋەزىرلەرنىڭ خوتۇن-قىزلىرى ئۆزىنىڭ ياشلىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن شۇنداق دورىلارنىمۇ قىلىپ باققان. ئۇلار ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىنى شۇ غەيب نەرسىلەرگە ئارتىپ قويدى خالاس. كۆڭلۈمدە نىمە ئويلىغان بولسام ئۇ شۇ نەرسىلەرگە بىر بىرلەپ جاۋاپ بېرىۋاتاتتى. خۇدۇكسىرەشكە باشلىدىم.
    -مەن پەقەت چىراي ئىپادەڭگە قاراپ نىمە ئويلاۋاتقانلىقىڭنى پەرەز قىلالايمەن شۇ. لېكىن ئويلىغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلەلمەيمەن. ئەگەر سېنىڭ نىمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىڭنى بىلىۋالايدىغان كارامىتىم بولسا سەن بىلەن پاراڭلىشىمەن دەپ يۈرەتتىممۇ؟ راستىنى ئېيتقاندا گاڭگىراپ قالغانلىقىمدىن نىمە دىيىشنىمۇ بىلمەيۋاتاتتىم.
    -ساڭا ئازراق چۈشەنچە بېرىپ قوياي، پانى دۇنياغا مەنسۇپ بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن باقى دۇنيادا مەلۇم مەزگىل سەير قىلىش پۇرسىتىم بولىدۇ. بۇنداق پۇرسەت خالىغان ۋاقىتتا كېلىپ قېلىشى مۇمكىن. بەزىدە بىر نەچچە ئون يىلدا بەزىدە بىر نەچچە يۈز يىلدا، بەزىدە بىر نەچچە مىڭ يىلدا بىر كېلىشىمۇ مۇمكىن. ھەربىرىمىزنىڭ بەلگىلەنگەن ئىشلىرىمىز بولىدۇ. مەسىلەن ئەجىلى توشقانلارنىڭ جېنىنى ئېلىش دىگەندەك. بىز قېتىملىق خىزمىتىمىزنى تۈگىتىپ يەنە بىر قېتىملىق خىزمىتىمىز باشلانغۇچە بولغان ئارلىقتا بىز ئاندىن ئارام ئالالايمىز. يەنى بۇ دۇنياغا كېلەلەيمىز. ئۆزىمىز ئەڭ ئاخىرقى قېتىم جېنىنى ئالغان ئىنساننىڭ تېنىدە ياشاپ شۇ ئىنساننىڭ سىياقىدا بۇ دۇنيادا ۋاقىتلىق يۈرەلەيمىز.
    -ئۇنداقتا سىز ئەزرائىل ئىكەنسىزغۇ؟
    -شۇنداق دەپ چۈشەنسەڭمۇ مەيلى. مېنىڭچە ئەزرائىل ئەلەيھىسالام دەپ چاقىرساڭ يېقىملىق ئاڭلىنىدىغۇ دەيمەن. ئۇ ۋاقىتتا مەن پەرىشتە سانىلىمەن. ئەزرائىل قولىدىكى جان ئالغۇ قورالىنى تاشلىسىلا پەرىشتە بولالايدۇ. لېكىن مېنىڭ ساڭا سۆزلەپ بېرەلەيدىغانلىرىم شۇنچىلىكلا. بۇنىڭدىن ئىچكىرلەپ سۆزلەپ بېرەلمەيمەن. ئۆزەڭمۇ بىلىسەن ھەرقانداق ئىشنىڭ قائىدە تۈزۈملىرى بولىدۇ. -ئۇنداقتا بۇ سىزنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدا ياشىشىڭىزنىڭ قانچىنچى قېتىملىقى بولىدۇ؟ -ئۇنى ئېنىق دەپ بېرەلمەيمەن. خۇددى سەن ھازىرغىچە قانچە قېتىم ئۇخلاپ باققىنىڭنى بىلمىگەندەك.
    -سىزنىڭ بۇ دۇنيادا ياشاشتىكى مەقسىدىڭىز نىمە؟
    -سېنىڭچۇ بالام. سېنىڭ ياشاشتىكى مەقسىدىڭ نىمە؟ دەمالىققا جاۋاپ تاپالمىدىم. شۇنداقتىمۇ چاندۇرۇپ قويغۇم كەلمىدى.
    -مېنىڭ ياشاشتىكى مەقسىدىم بەك كۆپ، ئارزۇ ئارمانلىرىممۇ بەك كۆپ.
    -مەنمۇ بەلكىم ساڭا ئوخشاش ياشلارنىڭ سىياقىدا ياشىغان بولسام مېنىڭمۇ نۇرغۇن ئارزۇ ئارمانلىرىم بولىشى مۇمكىن ئىدى. لېكىن ھازىرقى بۇ تېنىمدە ئۇنچە كۆپ ئارزۇ-ئارماننى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغىلى بولمايدۇ. -سىزنىڭ قىلالمايدىغان ئىشىڭىز بولمىغاندىكىن باشقا جايلارغا بېرىپ ياشىسىڭىز بولمامدۇ؟ مەسلەن، غەرپتىكى تەرەققى قىلغان ئەللەرگە بېرىپ دىگەندەك. -ھەرجاينىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق ئالاھىدىلىكى بولىدۇ بالام. لېكىن ئوخشاشلىقىمۇ بولىدۇ. قانداق دېسەڭ ئۇ يەرنىڭ ئادەملىرىمۇ سىلەرگە ئوخشاش ئۈچ ۋاق تاماق يەيدۇ. كېچىسى ئۇخلاپ كۈندۈزى ھەركەت قىلىدۇ. -سىز پەرىشتە بولغاندىكىن سېھرىگەرلىكنىمۇ بىلدىغانسىز؟
    -جان ساقلاشقا قەتئىي ئامال بولمىغاندا ئىشلىتىپ قويىمىز. لېكىن كۆرگەنلا يەردە ئىشلىتىۋەرمەيمىز. چۈنكى سېھىرنى ئىشلىتىۋەرسەڭ دۇنيانىڭ يەنە نىمە لەززىتى بولسۇن. سېھرىگەرلىكنى بىلىمەن دەپ خالىغىنىڭنى پەيدا قىلىپ ئۆيدە ئولتۇرۇپ يەپ ياتقاننىڭ نىمە مەنىسى بولسۇن ؟ -ئۇنداقتا كەلگۈسىنىمۇ ئالدىن بىلىدىكەنسىزدە؟
    -بىلىمەن. لېكىن بىلىدىغانلىرىمنى ئۇنتۇپ كەتسەمكەن دەيمەن. مۇشۇ بويىچە ياشىسام ئۆزەمنىڭ قاچان ئۆلىدىغانلىقىمنى بىلىمەن. لېكىن ئۇنىمۇ ئۇنتۇپ كەتسەمكەن دەيمەن. چۈنكى ئۆزەڭنىڭ قاچان ئۆلىدىغانلىقىنىڭ ئۆزەڭ بىلىۋالساڭ سەن يەنە مۇشۇ دۇنيادا ياشاشنى خالامسەن؟
    -مۇشۇ بويىچە ياشىسام دىگىنىڭىز نىمىسى؟
    -چۈنكى مەن بۇ تەنگە ئېرىشكەن ۋاقتىمدا ئاللىقاچان زەئىپلىشىپ كېتىپتىكەن. ھېس قىلىشمچە بۇ تەننىڭ بالدۇرقى ئىگىسىنىڭ ھىچ بولمىغاندىمۇ 20 يىللىق ھاراق ئىچىش، 30 يىللىق تاماكا چېكىش تارىخى بار. مەن ھازىرقى ئۆپكە جىگەر ئىقتىدارلىرىمغا قاراپ شۇنداق خۇلاسىگە كەلدىم.
    -ئۇنداق بولسا سىز قانداق قىلماقچى؟
    -مەن بۇ تەنگە ئېرىشكەندىن باشلاپ تاماكا ھاراق تاشلىدىم. چۈنكى مەنمۇ ساڭا ئوخشاشلا بۇ دۇنيادا بىر كۈن بولسىمۇ ئۇزاقراق تۇرسامكەن دەيمەن. ئۇنداقتا سىزمۇ ئۆلۈمدىن قورقىدىكەنسىزدە؟ مەن پەقەت مۇشۇ قېتىملىق بۇ دۇنيادا ياشاش پۇرسىتىمنى چىڭ تۇتماقچى خالاس. چۈنكى بۇندىن كېيىن بۇنداق پۇرسەت كېلەمدۇ كەلمەمدۇ ياكى قاچان كېلىدۇ بىلمەيمەن. چۈنكى بىلگۈچى ئاللادۇر. لېكىن ھامىنى بىر كۈنى بۇ تەن بىلەن خوشلىشىپ ئۇ دۇنياغا كېتىشىمنى بىلىمەن. ئالەمدە مەڭگۈلۈك نەرسە يوق. باشلىنىش بولغان ئىكەن ئاخىرىلىشش بولىدۇ.
    -سىز باياتىن بىز دىگەن گەپنى بىر قانچە قېتىم تىلغا ئالدىڭىز، ئۇنداقتا سىزدەكلەردىن بۇ دۇنيادا قانچىلىك باردۇ؟
    - بارلىقى ئېنىق، لېكىن ئۇلارنىڭ ئېنىق سانىنى بىلمەيمەن. ئۇلار ھەممىسى ئۆزى ئىگە بولغان تەننىڭ ئۆلۈشىگىچىلا ياشىيالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارمۇ ئامال قىلىپ شۇ تەننىڭ ئۇزاقراق ۋاقىت ئۆلمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدۇ. خۇددى بارلىق ئىنسانلارغا ئوخشاش.
    -ئۇنداقتا سىزمۇ ھازىر شۇ ئۆلۈمنى ساقلاپ ياشاۋېتىپسىزدە؟
    -سەن نىمىنى ساقلاپ ياشاۋاتىسەن بالام؟ ئەجىبا سەن ئۆلمەسلىك دورىسىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ساقلاپ ياشاۋاتامسەن؟ ئەگەر سەن راستىنلا ئۆلمەسلىك دورىسىنى تېپىۋالساڭ ھەم مەڭگۈ ئۆلمەس بولۇپ قالساڭ، كېيىنكى ھاياتىڭدا ئۆلۈشنىڭ دورىسىنى ئىزدەپ ياشىشىڭ مۇمكىن. ئۇنىڭ دىگەنلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا ئىدى. ھەممىمىز شۇ ئۆلۈمنى ساقلاپ ياشاۋاتاتتۇق. لېكىن مەيلى قانچىلىك ئۇزاق ئۆمۈر كۆرگەن ئادەم بولسۇن ئۆلۈم يېقىنلاشقاندا يەنىلا ھاياتىدىن ئۈمىد ئۈزەلمەيتتى. ئۆزىنى ئۆلمەيدىغاندەك ھېس قىلىدىغانلار بايلىق، ھوقۇق ئۈستىدە ئىزدىنەتتى. ھاياتنى قىسقا دەپ بىلىدىغانلار ئويۇن تاماشا بىلەن ئۆتەتتى. ھەممىسى ۋاقتىنى بىكار ئۆتكۈزۋېتىشنى خالىمايتتى. لېكىن ئەمىليەتتە ھەممىسى ۋاقىتنى ئىسراپ قىلاتتى. -مەن نۇرغۇن ئىنسانلارنى كۆردۈم. بوۋاي سۆزىنى داۋاملاشتۇردى. بەزىلىرى پۇل-مالنى دەپ باشقىلارنى ھاياتىدىن ئايرىيدىكەن. بەزىلەر ئۆزىنىڭ ھاياتىنى كىچىككىنە مەنپەئەت ئۈچۈن قۇربان قىلىۋېتىدىكەن. ئەجىبا ئۇلار ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتىنىڭ ئوخشاشلا قىممەتلىك ھەمدە پەقەت بىر قېتىملا كېلىدىغانلىقىنى بىلمەمدىغاندۇ؟ ئۇلار ياكى ئاشۇ پۇللارغا يېڭى ھايات سېتىۋېلىشنى ئويلامدىغاندۇ؟ باشقىلارنىڭ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھىسابىغا ئۆزىنىڭ ھاياتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ دەپ ئويلامدىغاندۇ، بۇ تەرەپلىرىنى مەنمۇ ھېس قىلالمىدىم.
    -ماڭا نەسىھەت قىلغىلى كەلگەنمىدىڭىز سىز؟ دېدىم مەن.
    - سېنىڭ كۆزلىرىڭدىن نىمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىڭنى بىلىۋالدىم. غايىلىك ئىكەنسەن، ھاياتنىڭ سىرىنى ئېچىپ بېقىشنى ئويلايدىكەنسەن. غايەڭ ئولۇغكەن. لېكىن يېرىم يولدا توختاپ قالما. ھاياتتىن ئاسانلىقچە ۋاز كەچمە. -مېنىڭ كەلگۈسىمنىمۇ تولۇق بىلىدىكەنسىزدە؟
    - ئۇ تەرەپلىرىنى بىلمەيمەن. چۈنكى مەن ساڭا بىر ئىشنى ئالدىن دەپ بەرگەن بىلەن سەن شۇ ئىشنى ئەسلى بويىچە قىلمايسەن، شۇنىڭ بىلەن باشقا ئىشلارمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سەن ئۇ ئىشلارنى ئەڭ ياخشىسى سورىما. ..... كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشقاندەك بولۇپ، ئۇنىڭ سىماسى بارغانچە تۇتۇقلىشىپ كەتتى. "ئەزرائىل، ئەزرائىل!" دەپ توۋلىغىنىمچە كۆزۈمنى ئاچتىم. قارىسام چۈشۈم ئىكەن، زاۋال ۋاقتىدا ئۇخلىسا قارا باسىدۇ دىگەن دەپ راست ئوخشىمامدۇ دەپ ئويلىدىم مەن.

    2008-يىلى 8-ئاينىڭ 8-كۈنى

    [qarluq تەستىقلىدى . 2010-3-9 10:50:31]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئابلىز مەھەممەت