(پەرھات تۇرسۇن)مومام خاتىرىسىگە

يوللىغۇچى : parhattursun يوللىغان ۋاقىت : 2007-05-04 01:39:00

مومام خاتىرىسىگە پەرھات تۇرسۇن مەن كىچىك چاغلىرىمدا تالاي قېتىم مېڭىپ ئۆتكەن ئاشۇ چىغىر يوللار بىلەن ‏مومامنىڭ ئۆيىگە كېتىپ بارماقتىمەن. كىچىك چاغلىرىمدا ئاجايىپ كەڭرى ‏كۆرۈنىدىغان بۇ ساسل...

    مومام خاتىرىسىگە

       پەرھات تۇرسۇن

       مەن كىچىك چاغلىرىمدا تالاي قېتىم مېڭىپ ئۆتكەن ئاشۇ چىغىر يوللار بىلەن ‏مومامنىڭ ئۆيىگە كېتىپ بارماقتىمەن. كىچىك چاغلىرىمدا ئاجايىپ كەڭرى ‏كۆرۈنىدىغان بۇ ساسلىق ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ قەلبىگە ئوخشاش بارا - بارا ‏تارىيىپ كىچىككىنە بىر ئويمانغا ئايلىنىپ قالغانىدى.‏ مومام ئۆلۈپ كەتتى، مەن مومام ئۆلۈپ كەتكىچە مۇشۇ ساسلىقمۇ تارىيىپ - ‏تارىيىپ يوقاپ كېتىشى مۇمكىن دەپ ئويلىغانىدىم. ئۇلار مېنىڭ قەلبىمدىكى ‏مۇھەببەت ۋە ئەركىنلىك ئىدى. مەندىكى بارلىق مېھرى مۇھەببەت ۋە ئەركىنلىك ‏تويغۇسى ئاشۇ مومام بىلەن مۇشۇ ساسلىقتىن شەكىللەنگەنىدى. ئەمدى ئۇلارنىڭ ‏غايىپ بولۇشى مېنىڭ روھىمنىڭ يىلتىزىغا پالتا چېپىلغاندەكلا تويۇلماقتا ئىدى.
        ‏ مەن ساسلىقتىكى يوقۇلۇشقا قاراپ يۈزلەنگەن زەي پۇرىقىنى قانماي - قانماي ‏پۇرىدىم. بالىلىق چاغلىرىمدا مۇشۇ زەي پۇرىقى مەن ئۈچۈن ئەڭ مېزىلىك پۇراق ‏ئىدى. بۇ يەردىن ئۆتكىچە ئىختىيارسىز ئۆزەمنى يەرگە تاشلاپ ئۇزاقتىن ئۇزاق ‏ياتاتتىم. يۈرىكىم ھاياجاندىن تىترەيتتى. زەي پۇرىقى مېنى چەكسىز ھاياجانغا ‏سالاتتى، ساسلىق يول بويىدا بولغاچقا مومامنىڭ ئۆيىمۇ ئوخشاش پۇرايتتى، مەن ‏ئاشۇ ئۆيدە تۇغۇلغان شۇڭا ھەممە ئادەمنى بىزار قىلىدىغان زەي پۇرىقى ئەكسىچە ‏مەندە ھاياجان پەيدا قىلسا كېرەك.‏ مەن بۇلاقلارنىڭ لۆمىلدەپ قايناپ تۇرغان كۆزلىرىگە ئۇزاق - ئۇزاق تىكىلىپ ‏بۇلاق بويىدا دۈم ياتاتتىم. نېمە ئۈچۈندۇر ئۇندىن تەقدىر ئىستىقبالىم ھەققىدىكى ‏بىشارەتلەرنى ئىزدەيتتىم. چىغىر يولارنىڭ پەيدا قىلغان تورىغا قاراپ ئۆز بەختىم ‏ھەققىدە پال سالاتتىم.  ھازىر بۇ بۇلاقلارنىڭ نۇرغۇنلىرى تىنىپ كەتكەن. چىغىر ‏يوللارنىڭ نۇرغۇنلىرى ئۆچۈپ كەتكەنىدى. ماڭا پۈتۈنلەي ناتونۇش بولغان ھارۋا ‏يوللىرى، خۇمدان ۋە ئۆستەڭلەر ماڭا «كىمسەن؟» دېگەندەك ناتونۇش نەزەر بىلەن ‏ھۆمىيىپ قارىماقتا ئىدى.‏ رەھىمسىز ئادەملەر مېنىڭ بالىلىقىمنى خاتىرەمدىن بىر - بىرلەپ ئۆچۈرۈپ ‏تاشلاپ قۇپ - قۇرۇق بوشلۇققا ئايلاندۇرماقتا ئىدى.‏
        مەن يىراق ئۈرۈمچىدىن مومامنى ئاخىرقى رەت كۆرىۋېلىش ئۈچۈن شۇنچە ‏ئالدىراپ كەلگەن بولساممۇ ئۈلگىرەلمىدىم. مەن كەلگەندە ئاللىقاچان يەرلىككە ‏قويۇپ بولغانىكەن. بىراق كېيىنچە «ئۈلگۈرۈپ كېلەلمىگىنىممۇ ياخشى بوپتۇ» دەپ ‏قالدىم. چۈنكى مومامنىڭ كۆز يۇمغىنىنى ۋە دەپن قىلغىنىنى كۆرمىگەنلىكىم ئۈچۈن ‏ماڭا مومام يەنىلا ھاياتتەك تۇيىلاتتى.
        مەن ئەگەر ئاشۇ جەرياننى كۆرگەن بولسام ‏چەكسىزلىككە ئىگە بالىلىقىمنىڭ بىردىنلا قارا يەر ئاستىغا كىرىپ غايىپ بولىشىنى ‏كۆرۈپ تۇرغان بولاتتىم. مەن ئۇنى كۆرمىگەچكە خاتىرەمدىكى بالىلىقنى، مېھرى - ‏مۇھەببەتنى ۋە مومامنىڭ كۈلۈپ تۇرغان سىماسىنى مەڭگۈلۈك قىلىپ ساقلاپ ‏قالالىدىم.‏
         مومام باشقا شائىرلارنىڭ مومىلىرىدەك چۆچەك ئېيتىشنى بىلمەيتتى. بىراق ‏مومامنىڭ ئۆزى مېنىڭ روھىمدىكى چەكسىز چۆچەكلەر دۇنياسى ئىدى. ‏ مومام بىر قېتىم بوۋام بىلەن بازارغا بېرىپتۇ. بۇۋام ئىشەك ھارۋىنى ئەينى ‏چاغدىكى ئاتۇشتىكى بىردىن بىر سودا سارىيىنىڭ ئىشىكى تۈۋىدىكى دەرەخكە ‏باغلاپ قويۇپ مومامنى ھارۋا ساقلاشقا قويۇپ قويۇپ، ئۆزى سودا قىلىش ئۈچۈن ‏شەھەر بازىرىغا كېتىپ قاپتۇ.
         بىر ھازادىن كېيىن بوۋام بازاردىن قايتىپ كەلسە ‏ئېشەك ھارۋىسى ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ھارۋا ساقلاۋاتقان مومام بوۋامغا:‏
       ـ ئابلىزۋاي، ئاۋۇ چىم خوتۇندۇ؟ قارىسام قاراۋېرىدۇ، يا گەپ قىلمايدۇ، - ‏دەپتۇ. سودا بازىرىنىڭ ئىشىكى تەرەپنى كۆرسىتىپ.‏ بوۋام قارىسا مومامنىڭ كۆرسەتكىنى مومامنىڭ سودا سارىيىنىڭ كەڭ ‏ئەينەكلىك ئىشىكىدىن كۆرۈنگەن ئەكسى ئىكەن.‏
         بوۋام دەسلەپ چۈشىنەلمەي ھاڭ - تاڭ قاپتۇ، كېيىن قورقۇپ كېتىپتۇ، ‏ئېسىگە كېلىپ قاتتىق غەمگە پاتقان بوۋام يىغلاپ تاشلاپتۇ.‏ ‏:
       ـ ھۆرىخان، بېشىڭ ئاغرىۋاتامدۇ؟ـ دەپ قايتا-قايتىلاپ سوراپتۇ بوۋام.‏ بوۋام بىزگە بۇ ئىشنى دائىم ھېكايە قىلىپ بېرەتتى.
        بوۋامنىڭ دېھقان تىلىدا ‏‏«ئۇنى بېشى ئاغرىۋاتقان ئوخشايدۇ» دەپ قورقتۇم. دېگىنى ھېلىمۇ يادىمدا، ئۇ ‏ئەسلى مومامنىڭ تا شۇ چاققىچە ئەينەك كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ ‏بولالمىغانىكەن. شۇڭا مومامنى ئېلىشىپ قالغان بولسا كېرەك دەپ قورقۇپتۇ. بۇۋام ‏ئېيتقان «بېشى ئاغرىش» نىڭ مەنىسى شۇ ئىدى.‏ كېيىن مەن «ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى» ناملىق كىتابلارنىڭ بىرىدىن ‏شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر چۆچەكنى ئوقۇغانىدىم. مومامنىڭ ‏چۆچەكلىرىدىكىگە ئوخشايدىغان كەچۈرمىشلىرى ئۇنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ‏داۋاملاشقان.
        مومام قازا قىلىشتىن بىر يىل ئىلگىرى قىزىل ئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار ‏بولغانلىقى بايقالغان. مومام ئۆزىنىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ‏ئۇققان ئاشۇ دەقىقىلەردە چىرايىدىن يەنىلا مۇلايىملىق ۋە خاتىرجەملىك كەتمىگەن. ‏ئۇ بۇ پاكىتنى خۇددى دائىم تەكرارلىنىپ تۇرغان بىر ئىشنى ئاڭلىغاندەك جىمجىت ‏قوبۇل قىلغان. بەلكىم ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە ئىشەنمىگەندۇ ياكى ھاياتىنى ‏ئۆلگەندىن كېيىنمۇ يەنە داۋاملىشىۋېرىدۇ دەپ ئويلىغاچقا شۇنداق خاتىرجەم ‏ھالەتتە تۇرغاندۇ.
         ئادەتتە ناتونۇش بىرەر جايغا سەپەرگە ماڭغان ئادەمدىمۇ ئاز - ‏تۇلا قورقۇش ۋە گاڭگىراش بولىدۇ. لېكىن مومامنىڭ چىراي ئىپادىسىدە بۇنداق ‏ئالامەتلەر كۆرۈلمىگەنىدى. بۇ دۇنيا بىلەن ئۇ دۇنيانىڭ ئارىلىقى مومامغا خۇددى ‏ياتاق ئۆي بىلەن مېھمانخانا ئۆينىڭ ئارىلىقىدەكلا، ئۆلۈش خۇددى مېھمانخانا ‏ئۆيدىن ياتاق ئۆيگە كىرىشتەكلا تۇيۇلغان بولسا كېرەك.‏ مومام ئۆلۈمگە ئىنتايىن خاتىرجەم ھالدا ئالدىرىماي تەييارلىق قىلغانىدى. ‏قارىغاندا ئۇنىڭ ئالدايدىغان ھېچ ئىشى يوقتەك قىلاتتى. ‏ مەن تۇغۇلغان ئاشۇ قورونى بوۋام بىلەن مومام سالغان چاغدا مومام ئەمدىلا ‏بوۋام بىلەن توي قىلغان ياش چاغلىرى ئىكەن. مەن دائىم بوۋام بىلەم مومامنىڭ ‏ئاشۇ چاغدىكى قىياپەتلىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىمەن. تاغىلىرىم ۋە ھاممىلىرىمغا قاراپ ‏زادى ئۇلارنىڭ قايسىسىغا ئوخشايدىغان بولغىيتتى، - دەپ ئويلىنىمەن. بىراق ‏ئۇلارنى ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ئوخشاتقىم كەلمەيدۇ. تەسەۋۋۇرۇمدىكى ئۇلارنىڭ ‏ئوبرازى سىرلىق بىر قەۋەت پەردە كەينىدە تۇرغاندەك ناھايىتى ئابىستراكىت ۋە ‏غايىۋى بولۇپ، رېئال ئادەملەرگە زادىلا ئوخشىمايدۇ. مەندىكى ئاشۇ خىل تويغۇ ‏بەلكىم مېنىڭ بوۋام ۋە مومامنى مەڭگۈ چۆچەكلەردىكى پېرسۇناژغا ‏ئايلاندۇرۇۋالغانلىقىمنىڭ تۈپكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولسا كېرەك.‏ تامچىلار مەن تۇغۇلغان ئاشۇ ئۆينىڭ تېمىنى قوپۇرۇۋاتقاندا مومام تامچىلارغا ‏تاماق ئېتىپتۇ، تاماقنى بېرىپ بولۇپ قارىسا ئوچاقتىكى ئوت ئۆچۈپ قالغان بولۇپ، ‏قويۇپ قويغان چاي تېخى قاينىمىغان ئىكەن. بىراق ئارقىدىنلا بوۋام «چاي ‏ئەكەلمەمسەن؟» دەپ ۋاقىراپتۇ. ئۇ چاغلاردا ئاياللار ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ بۇيرۇقى ‏مۇقەددەس بۇيرۇق. مومام بوۋامنىڭ چاينى تېخىچە قايناتماپسەن دەپ خاپا ‏بولۇشىدىن ئەنسىرەپ تېخى تولۇق قايناپ بولالمىغان چاينىلا چايدانغا ئۇسۇپ ‏ئېلىپ بېرىپ ئۇلارغا قۇيۇپ بېرىپتۇ.‏
         مومام ئاغرىپ ياتقان چاغلاردا ئۆزىنىڭ تامچىلارغا قاينىمىغان سۇنى قاينىغان ‏دەپ ئاپىرىپ بەرگىنىنى ئويلاپ قاتتىق ئازابلىنىپ، بۇ گۇناھنى تىلىۋېلىش ئۈچۈن ‏كېسەل بولغىنىغا قارىماستىن مەھەللىلەرنى ئارىلاپ تامچىلارنى تېپىپ ئۇلارغا ئۆزى ‏قايناتقان چاينى ئېلىپ بېرىپ كەچۈرۈم سوراپتۇ، شۇندىلا ئۆمرىدىكى بارلىق ‏گۇناھلىرىدىن خالاس بولۇپ پۈتۈنلەي خاتىرجەم يېتىپتۇ.‏ مانا بۇ ئالدىنقى دەۋرلەردە ياشىغان بىر ئايالنىڭ پۈتكۈل ھاياتى. ئۇنىڭ ئاشۇ بىر ‏قېتىم قاينىمىغان چاينى قايناقسۇ دەپ باشقىلارنى مېھمان قىلغانلىقى ئۇنىڭ ئۈچۈن ‏ئۆزىنى ئۆزى كەچۈرەلمەيدىغان گۇناھ بولغان. مومام بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى ‏گۇناھكار دەپ ھېس قىلغان.‏ بىزنىڭ ھازىرقى دەۋرىمىزدە گۇناھكارلار يوق، ھەممە ئادەم پاك! مەيلى ‏قېرىندىشىڭ، مەيلى دوستۇڭ بولسۇن ھەر قانداق بىر ئادەم بىلەن خاتىرجەم ‏شىرىكلىشىپ سودا قىلغىلى بولمايدىغان، ئاياللىرىنى ئەرلىرى بىر كۈن ئۆيدە قويۇپ ‏قويۇپ كاماندىروپكىغا خاتىرجەم چىقالمايدىغان، ئادەمنىڭ ھاياتى، ئىپپىتى ۋە ‏مال - مۈلكى زادىلا ئۆزىنىڭ ئىلكىدە بولمىغان مۇشۇ دەۋردە ھەممە ئادەم پاك. ‏ئۆزىنى گۇناھكار دېگەنلەرنى زادىلا تاپقىلى بولمايدۇ. ئوغرىلار، بولاڭچىلار، پاھىشە ‏ئاياللار ھەممىسى بىردەم بىكار بولۇپ قالسىلا باشقىلارغا ۋەز نەسىھەتنى ‏ياغدۇرىۋېتىدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ نەزەرىدە ئۆزىدىن باشقىسى گۇناھكار. شۇڭا ‏ھەممە ئادەم ئۆزىدىن باشقىلارغا نەسىھەت قىلىشقا ئادەتلەنگەن. ‏
         بىر قېتىم باشقىلارنىڭ بىر زەھەر چەككۈچى ھەققىدە مۇنداق پاراڭلاشقىنىنى ‏ئاڭلىغانىدىم:‏ ‏
       ـ ئۇ راستىنلا چېكەمدىكەن؟‏ ‏ـچەككىلى 6-7 يىل بوپتۇ، ئاخىرى ‏x x‏ ئاكام ئامالسىز زەھەر چەكلەش ‏ئورنىغا ئاپىرىپ بېرىپتۇ. ‏ ‏
       ـ دادىسى خېلى ياخشى ئادەم ئىدىغۇ.‏ 
       ـ ھوي ئۇمۇ بېشىغا دوپپا كەيمىگەنلەرنى، چېچىنى كېسىۋەتكەن قىزلارنى ‏كۆرسە ۋىجدانى قايناپ سۆزلەپ كېتىدۇ.‏ دېمەك، بۇ زەھەر چەككۈچىنىڭ نەزىرىدە ئۆزىنىڭ زەھەرلىك چىكىملىك ‏چەككىنى ھېچگەپ ئەمەس. باشقىلارنىڭ بېشىغا شەپكە كىيمىگىنى كەچۈرگىسىز ‏گۇناھ.‏ ئاھ پاك خىروئىنچىلار، ئاق كۆڭۈل جالاپلار، مېھرىبان بولاڭچىلار!‏ پۈتۈن كىتابخانا پەندى - نەسىھەت كىتابلىرى بىلەن تولغان، پۈتۈن ‏جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ پاراڭلىرى بىر - بىرىگە نەسىھەت بىلەن تولغان، كىشىلەر ‏ئاشۇ خىروئىنچىغا ئوخشاش نەسىھەت بىلەن جەمئىيەتنى ئۆزگەرتمەكچى.‏ مومام ياش چاغلاردا كىتابلارمۇ ئاز ئىكەن، ئەدەب - ئەخلاق ھازىرقىدەك ‏بۇنداق تەلۋىلەرچە تەشۋىق قىلىنمايدىكەن. كىشىلەر بىر - بىرىگە ئەسەبىيلەرچە ‏نەسىھەت قىلمايدىكەن. لېكىن كىشىلەر ئەنە شۇنداق ساددا ۋە پاك ياشايدىكەن.‏
         مومامنىڭ ئۇ دۇنياغا پاك كېتىش ئۈچۈن تامچىلاردىن كەچۈرۈم سورىشىدىن ‏ئىبارەت بۇ ۋەقە بىر مىللەتنىڭ چۆچىكىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى خاتىمىسى بولىشى ‏مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىز بۇ ساماۋى چۆچەكلەر بىلەن مەڭگۈ خوشلىشىمىز مۇمكىن.‏ جۈمە كۈنى مومامنىڭ مەھەللىسىدىكى مەسچىتتىن نامازدىن يېنىپ ‏مومامنىڭ تۇپراق بېشىغا چىقىپ دۇئا قىلىپ كەلمەكچى بولدۇق. ھازىر موللاملار ‏قەبرە بېشىدا دۇئا قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپتۇ. شۇڭا باشقىلار چىققىلى ئۇنىمىدى، ‏لېكىن مەن ئۈچ ئىنىم بىلەن ئاتا - بوۋامدىن قالغان ئاشۇ ئادەتنى داۋاملاشتۇرۇپ ‏يەنىلا تۇپراق بېشىغا چىقتىم.
         قەبرىستانلىق بىلەن مەھەللە ئارىسىدا ئازراق ساسلىق ‏بار ئىدى. بۇ ساسلىق مېنىڭ ئەركىنلىك ئالىمىم بولغان ھېلىقى ساسلىق ئىدى. بۇ ‏ساسلىقمۇ ماڭا مومامغا ئوخشاشلا سىرلىق ساماۋى چۆچەكلەر دۇنياسى بولۇپ ‏بىلىنەتتى.‏ كېتىۋېتىپ قەبرىستانلىق تۈۋىگە بېرىپ قالغاندا مەن يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىككى ‏غېرىچ كەلگىدەك بىر ئاق يىلاننىڭ تۈگۈلۈپ ياتقىنىنى كۆرۈپ قالدىم. يىلان بېشىنى ‏كۆتۈرۈپ ماڭا قاراپ تۇراتتى.‏ ‏
       ـ ھوي، يىلان!... ـ دەۋەتتىم مەن. دەرھال ئېسىمگە بىر نەچچە كۈن ‏ئىلگىرى كۆرگەن بىر چۈشۈم كەلدى.
         چۈشۈمدە مەن دەل مۇشۇنداق بىر يىلاننى ‏كۆرۈپ تۇتىۋالغان ۋە بىر كىچىك خالتىغا سېلىۋالغانىدىم. يىلان خالتا ئىچىدە ‏پۇلاڭلاپ بارمىقىمنى چېقىۋالدى.‏ ئىنىم مۇھەممەد قولىغا بىر تال تاشنى ئېلىپ يىلاننى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. ‏نېمىشقىدۇر يۈرىكىم بىر نەرسىنى تۇيغاندەك بولۇپ دەرھال ئۇنىڭ قولىنى ‏تۇتىۋالدىم. ئاڭغىچە يىلان ھايت - ھويت دېگۈچە چاتقاللىق ئىچىگە كىرىپ غايىپ ‏بولدى.‏ بىزنىڭ يورتتا يىلانغا ئالاھىدە سىرلىق مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەت بار. مەن ‏يۇقىرى مەلۇمات كۆرگەن ئادەم، ھەرگىزمۇ خۇراپىي ئەمەس. بىراق نېمىشقىدۇر ‏ئاشۇ كۈنى سىرلىق ئەقىدە يوشۇرۇن ئېڭىمدا رول ئوينىدىمۇ ياكى ئاشۇ ساسلىقنىڭ ‏قەلبىمدىكى ساماۋى ئورنى پسىخىك تەسىر قىلدىمۇ ئىشقىلىپ يىلاننى قوغدىۋالدىم. ‏يۈرىكىم تىپچەكلەپ بىر ھازا ھاياجانلاندىم.‏ قەبرە بېشىدا دۇئا قىلىپ يانغاندىن كېيىن يولدا بولغان ئەھۋالنى ۋە ‏چۈشۈمنى ئانامغا سۆزلەپ بەردىم. بىر تۇرۇپ ئۆزەمنىڭ ئاددى بىر ئىشنى ‏سىرلىقلاشتۇرۇپ ئويلاپ كەتكىنىمگە كۈلگۈم كېلەتتى، بىر تۇرۇپ سىرلىق بىر ‏تۇيغۇلارغا ئەسىر بولاتتىم. ‏ ئانام بۇلارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاددىلا قىلىپ:‏ 
       ـ يىلان دېگەن بالا، ئايالىڭنىڭ قۇرسىقىدا بار ئوخشايدۇ، - دېدى. مەن ‏ئايالىمنىڭ ئادىتىنىڭ كىچىككەنلىكىنى يادىمغا ئالدىم.‏ ئىدارىدىن پەقەت ئۈچ كۈنلۈكلا رۇخسەت ئالغانىدىم شۇڭا دەرھال ‏ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدىم ۋە يىلان ھەققىدىكى ئىشنى، ئانامنىڭ چۈشۈمگە ‏بەرگەن تەبىرىنى ئايالىم ھاجىگۈلگە سۆزلەپ بەردىم.‏ 
       ـ راستىنلا قوسۇقۇمدا قالدىمۇ نېمە، - دېدى ھاجىگۈل بىردىنلا ھاياجانلىنىپ.‏ مەن كېچە بولغىنىغا قارىماي دوختۇرخانىلارغا چىقىپ قوساقتا قالغان ‏قالمىغانلىقىنى سىنايدىغان قەغەزنى ئېلىپ كىردىم. قەغەزدىكى بەلگە ھەقىقەتەن ‏ھاجىگۈلنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىنى كۆرسەتتى.‏ ئىشەنگۈمىز كەلمەي ئەتىسى دوختۇرخانىغا كىردۇق، دوختۇرلارمۇ ھامىلدار ‏دەپ دېئاگنوز قويدى.‏ مانا بۈگۈن ئوغلۇم بۇدرۇق قوللىرىنى ئويناپ گۇڭراپ ياتىدۇ. ئۇ ئەتراپتىكى ‏ھەممە نەرسىگە ھەيرانلىق بىلەن قاراۋاتقاندەك قىلىدۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ بىر ‏خارابىزارلىققا، چۆچەكلەردىن قۇرۇلغان گۈزەل قەسىرلەر تامامەن ئۆرۈلۈپ چۈشكەن ‏بىر خارابىلىققا تۇغۇلغانلىقىنى بىلەمدىغاندۇ ياكى ئۇلارغا يەنە بىر چۆچەك دۇنياسى ‏ئاپىرىدە بولارمۇ؟

    ‏3002 - يىل 15 - مارت كەچ 74:00‏ ئۈرۈمچى

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 8:35:27]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر پەرھات تۇرسۇن