ئىشىك چەككۈچى

يوللىغۇچى : parhattursun يوللىغان ۋاقىت : 2009-06-30 12:09:00

دوستۇم پەرھات ئىلياسنىڭ «كرورانلىق بالىلار» رومانى نەشىر قىلىنغغانلىقىنى مۇبارەكلەپ بۇ ئەسىرىمنى سوغا قىلىمەن. ئىشىك چەككۈچى (ھېكايە)پەرھات تۇرسۇن بىرنەچچە كۈندىن بېرى تېلېفۇن ئەجەپ سايراپ ق...


         دوستۇم پەرھات ئىلياسنىڭ «كرورانلىق بالىلار» رومانى نەشىر قىلىنغغانلىقىنى مۇبارەكلەپ بۇ ئەسىرىمنى سوغا قىلىمەن.


        ئىشىك چەككۈچى

        (ھېكايە)
    پەرھات تۇرسۇن

    بىرنەچچە كۈندىن بېرى تېلېفۇن ئەجەپ سايراپ قويايمۇ دېمەيدۇ يا! ئەر ئۆز ئۆزىگە غۇدۇڭشۇپ قويدى. ئاندىن ئۆينىڭ بۇلۇڭىغا قويۇلغان تومپۇچكا ئۈستىدىكى تېلېفوننى ئېلىپ ئۇنىڭ تۇرۇپكىسىنى ۋە سىم يوللىرىنى تەكشۈرۈپ باقتى. ھەممە يەر ساق ئىدى. ئۇ يەنىلا تېلېفوننىڭ ساق ئىكەنلىكىگە ئىشىنەلمەي يانفونىنى چىقىرىپ ئۆزىنىڭ نومۇرىغا ئۇرۇپ باقتى. تېلېفۇن جىرىڭلىدى. دېمەك تېلېفۇن ساق ئىدى.
    ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ كەتكەن ئايالى تېلېفوننىڭ جىرىڭلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئاشخانىدىن بېشىنى چىقاردى.
    — مەن ئۆزۈم ئۇرۇپ باقتىم.
    ئايالنىڭ ئاشخانا ئىشىكىدە پەيدا بولغان گەۋدىسى يوقالدى، لېكىن ئەينەكنىڭ تاراڭلاپ سۇنۇپ يەرگە چۈشكەن ئاۋازى ئەرنى چۆچۈتىۋەتتى. ئۇ يۈگۈرۈپ ئاشخانا ئۆيگە كىردى. ئۇنىڭ ئايالى بولسا ئۇنىڭ ئەنسىرىگىنىدىن خەۋەرسىز ھالدا يەردە سۇنۇپ ياتقان ئەينەكنى ئىنچىكە تاماشا قىلىشقا چۈشكەن ئىدى. ساق ئەينەكتە ئەكس ئەتكەن نەرسە بىلەن سۇنغان ئەينەكتە ئەكس ئەتكەن نەرسىنىڭ نېمە پەرقى بار؟ ئۇنىڭ ئايالىنىڭ سۇنغان ئەينەك پارچىلىرىغا بۇنداق قاراپ كېتىشى ئۇنى ھەيران قالدۇردى.
    — نېمە بولدى.
    ئەينەكنى سۇندۇرىۋەتتىم،— دەپ كۈلدى ئايالى، خۇددى ئەينەك سۇندۇرۇش ئاجايىپ قىزىقارلىق ئىشتەك. ئەر ئايالىنىڭ ئەينەك پارچىلىرىغا دەسلەپ سېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى ئاگاھلاندۇردى، لېكىن ئايالى ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغاندەك ئەينەكتىكى ئەكس ئەتكەن نەرسىلەرگە قارىماقتا ئىدى. ئەينەكنىڭ ھەر بىر پارچىسىدا ئۇنىڭ يۈزىدىكى ئەزالار ئايرىم ئايرىم ھالدا كۆرۈنۈپ تۇراتتى. كۆز، لەۋلەر، بۇرۇن...ئايال ئۆزىنىڭ بۇ ئەزالىرىنىڭ ئىنتايىن چىرايلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. ئۇلارنىڭ نېمىشقا پەقەت ئەنە شۇنداق ئايرىم ئايرىم تۇرغاندا چىرايلىق كۆرۈنىدىغانلىقىنى، لېكىن بىرلىشىپ ئۇنىڭ يۈزىنى تەشكىل قىلغاندا بولسا سەت كۆرۈنىدىغانلىقىنى بىلەلمىدى. ئايال ئۆزىنىڭ چىرايىدىن زادىلا رازى ئەمەس ئىدى، ئېرى ئۇنىڭغا ئۇنىڭمۇ خېلى گۈزەللەردىن ئىكەنلىكىنى ئېيتسا بۇنى پەقەت بىر خىل تەسەللى دەپلا ئويلايتتى. بەلكىم ئۇلارنىڭ نىسبىتى ۋە جايلىشىش ئورنى باشقىلارنىڭكىدەك تەڭشەلمىگەندۇ. ئايال ئۆزىنىڭ بەش ئەزاسىنىڭ ئەزاسىنىڭ ئايرىم ئايرىم كۆرۈنگەندىكى گۈزەللىكىگە مەپتۇن بولۇپ ئەنە شۇنداق ئەينەككە قاراپ كەتتىمۇ ياكى ئەينەكتىن ئۆزىنىڭ پارە پارە بولغان ھالىتىنى كۆرۈپ شۇنداق ھاياجانلىنىپ كەتتىمۇ ئۆزىمۇ بىلمەيتتى.
    ئەرنىڭ يالىڭاچ ئاياغلىرى ئەينەك پارچىلىرى ئەتراپىدا ئۇياق بۇياق ھەرىكەتلىنىشكە باشلىغاندىن كېيىنلا ئايال ئۇنىڭ ئەينەك پارچىلىرىغا دەسسىۋېلىشىدىن ئەنسىرىگەن بولسا كېرەك دەرھال ئەينەكنى تېرىۋەتمەكچى بولۇپ يەرگە ئېڭىشتى. ئەر ئايالىنىڭ نازۇك بارماقلىرىغا قارىدى. بۇ قىپ يالىڭاچ بارماقلار خۇددى ئەينەك ياكى باشقا نەرسە بىلەن كېسىلىش ئۈچۈنلا يارىتىلغاندەك ئىنتايىن نازۇك بولۇپ، نېپىز تېرىسىدىن تەپچىپ تۇرغان قان رەڭگى كىشىنى ئىختىيارسىز ئاشۇ رەڭنىڭ سىرتقا ئېتىلىپ چىققاندىكى ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا قىستايتتى.
    — قولۇڭنى كېسىۋالىسەن.
    ئەر دەرھال ئايالىنىڭ قولىنى تۇتۇۋېلىپ توختاتتى.
    ئايال بىر ئۇچى تامغا تىكلىنىپ قالغان بىر ئەينەك پارچىسىدا ئەكس ئەتكەن توڭلاتقۇنىڭ ئۈستىدە يالتىراپ تۇرغان بىر پىچاق سېپىنى كۆرۈپ قالدى. پىچاقنىڭ مىسرەڭ سېپى ئاشخانىدىكى باشقا نەرسىلەرنىڭ رېڭى ئىچىدە ھەممىدىن بەكرەك پەرقلىق ئىدى.
    — مەن ئەسلىدە...ئايال توختاپ قالدى.
    — ئەسلىدە نېمە بولغان؟
    — مەن ئۆزەمنىڭ پارچە پارچە ھالىتىمنى بىر دەم كۆرۈپ باقاي دېگەن.
    — پارچە پارچە بولۇپ كەتكىنى سەن ئەمەس، ئەينەك.
    — لېكىن ئەينەكتە پارچە پارچىغۇ.
    — ئۇنىڭ نېمە كۆرگۈچىلىكى بار؟
    ئەر ئەينەك پارچىلىرىنى ئاۋايلاپ يىغىشقا باشلىدى. ئايال ئۆرە تۇرغاچقا ئېرىنىڭ بېشىنىڭ چوققىسى ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا تولۇق تاشلىنىپ تۇراتتى. ئەرنىڭ چېچى ئىككى چېكىسىدىن باشلاپ ئەمەس، بەلكى قاق چوققىسىدىن باشلاپ چۈشۈپ بېشىنىڭ ئوتتۇرىسى ئاپپاق ئېچىلىپ قالغان ئىدى. ئەر ئايالغا بەكمۇ بىچارە كۆرۈنۈپ كەتتى.
    ئەر ئەينەكلەرنى تېرىپ ئەخلەت چېلىكىگە سېلىپ بولۇپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىسا ئايالى پىچاق بىلەن ئالما سويۇپ يېيىشكە باشلىغان ئىدى.
    — باشقا پىچاقنى ئىشلەتسەڭ بولمامدۇ؟
    — نېمىشقا،— ئايال ھەيران قالدى.
    — بۇ پىچاق بەك قىممەت.
    — بۇنداق قىممەت پىچاقنى ئېلىپ نېمە قىلىسەن؟ سەن دائىملا يوقىلاڭ نەرسىلەرگە پۇل بۇزىسەن، بۇندىن كېيىنكى تۇرمۇشىمىز ھەققىدە ئويلاپمۇ قويمايسەن...
    — نەچچە كۈندىن بېرى بازار يوق، بازار ئويناش قىيىن بولۇپ كېتىۋاتسا. بىر نەچچە كۈن قاراپ باقاي...
    — سەن دائىم ماڭا ئۇقتۇرماي مۇشۇنداق قىممەت نەرسىلەرنى ئالىسەن، ئاندىن يەنە ئۇنى ماڭا تۇتقۇزمايسەن. مەن سېنىڭ ئايالىڭمۇ ئەمەسمۇ؟
    — ئۇنداق دەپ كەتمە.
    ئايال غەزىپىنى بېسىۋېلىشقا تىرىشىۋاتقاندەك قىلاتتى.
    — سېنىڭ نەرسىلىرىڭ بۇ ئۆيدە دائىم قىممەت ئۇلارغا قول تەككۈزگىلى بولمايدۇ.
    — بولدى قىل،— ۋارقىرىدى ئەر،— ئىشلەتمە دېگەندىكىن ئىشلەتمىسەڭ نېمە بولىدۇ. دائىم يوقىلاڭ ئىشلارغا جىدەل تاپقىڭ كېلىدۇ...
    ئەر بىردىنلا گەپتىن توختاپ ئەتراپتىكى ئاۋازغا قۇلاق سالدى.
    — نېمە بولدى؟— ئايال ئۇنىڭ جىم بولۇپ كەتكىنىگە قاراپ سورىدى.
    — بىراۋ ئىشىكنى چەككەندەك قىلدى.
    ئايال بىردەم دىققىتىنى يىغىپ قۇلاق سالدى.
    ئىشىك ئەمەس، ئۈستىدىكىلەر سەي توغراۋاتىدۇ. قىڭراقنىڭ ئاۋازى.
    ئايال ئەرنىڭ ئۆزىنى گەپتىن توختىتىشىنى جېدەلدىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىش ئۈچۈن تاپقان بانا دەپ ئويلىغاندەك قىلاتتى، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن گەپ تالىشىشنى داۋاملاشتۇرمىدى، لېكىن تېمىنىمۇ يۆتكىۋەتمىدى، ئاندىن پىچاققا ھەيرانلىق بىلەن خۇددى ئەمدىلا كۆرۈۋاتقاندەك قايتىدىن ئىنچىكە قاراشقا باشلىغان ئىدى، ئۇنىڭ پىچاقنىڭ گۈزەللىكىنى بايقىغىنىنى پەملىگەن ئەر خوشال بولۇپ سورىدى:
    — قانداق؟ چىرايلىقمىكەن؟
    — بۇ پىچاق ھەقىقەتەن چىرايلىقكەن، لېكىن ھەرقانچە چىرايلىق بولسىمۇ ئىشلىتىشىمىز كېرەك دە! ئۇنى ئىشلەتمىسەك ئۇنىڭ نېمە قىممىتى بولىدۇ؟ ئۇ پەقەت قاتىللىق قورالىدىن باشقا ھېچنەرسە بولماي قالىدۇ.
    ئەر ئىنتايىن ئېغىر بىراق تايىنى يوق كۈلدى. ئايال ئۇنىڭ كۈلكىسىنى دائىم تايىنى يوق قىلىپ كۆرسىتىدىغىنى ئۇنىڭ يۈزىدىكى تەكشىلىكنى بۇزۇپ ئالدىغا چىقىپ تۇرغان ئاغزى دەپ ئويلايتتى. ئۇنىڭ كالپۇكلىرى دورداي ئەمەس، بەلكىم ئېغىز بوشلۇقى ياكى چىشلىرىنىڭ جايلىشىشى سەل ئالدىغىراق ئەڭكەيگەن ھالەتتە بولسا كېرەك. ئۇنىڭ ئېغىزلىرى ئۇنى ناھايىتى ئېغىر بېسىق كۆرسىتەتتى، لېكىن كۈلىشى بىلەن تەڭلا بۇ ئېغىر ھالەت بۇزۇلۇپ كۈلكىسى بەكمۇ مەنىسىز ھالەتكە كىرىپ قالغاندەك بولاتتى.
    — بۇنداق چىرايلىق پىچاق بىلەن ئادەم ئۆلتۈرسىمۇ، ئۆلگۈچى خوشال بولماي قالمايدۇ.
    ئەرنىڭ گېپى ئايالنىڭ كۈلكىسىنى قىستىدى، ئايال نېرۋا خاراكتېرلىك كۈلدى. بېسىۋېلىشتىن كېيىن چىققان كۈلكە دائىم شۇنداق بولسا كېرەك.
    — پىچاق دېگەن ئەسلىدىنلا قاتىللىق قورالى،— دېدى ئايال پىچاقنى ئورنىغا قويۇپ قويۇپ.
    ئىككىيلەن بىرلىكتە ئاشخانا ئۆيدىن مېھمانخانا ئۆيگە چىقتى. مېھمانخانا ئۆي نۇر ياخشى چۈشمەيدىغان ئۆي ئىدى. ئەر بۇنى دېرىزىنىڭ ئادەتتىكى ئۆيلەرنىڭكىدىن سەل كىچىكرەك ئىكەنلىكىدىن كۆرەتتى. ئايال بولسا ئۆيدىكى جاھازلارنىڭ كونىراپ كەتكەنلىكى ۋە رەڭلىرىنىڭ نۇرسىزلاشقىنىدىن كۆرەتتى. ئۇنىڭچە ئۆيدىكى خۇنۇكلۇق قوياش نۇرىنىڭ ئاز چۈشىشىدىن بولغان ئەمەس، بەلكى ئائىلە سايمانلىرىنىڭ كونىلىقى ھەم كۆپ ۋە رەتسىزلىكى پەيدا قىلغان تۇيغۇ ئىدى.
    ئەر يەنە تېلېفۇن يېنىغا بېرىپ كەلگەن تېلېفۇن نومۇرلىرىنى كۆرسىتىدىغان ئېكرانغا قاراپ بىر ھازا تەكشۈرۈپ چىقتى. ئۇنىڭ كەلگەن نومۇرلارنى ئاختۇرغاندىكى ئەستايىدىللىقى ئايالنى ھەيران قالدۇردى.
    ئەر ئەينەك چاي ئۈستىلىنىڭ ئەتراپىغا چېچىپ قويۇلغان كونا گېزىتلەرنى شاراقشىتىپ كېلىپ سافاغا ئولتۇردى. ئۇ بېشىنى سافانىڭ ئارقا يۆلەنچۈكىگە تاشلاپ ئەينەكلىرى قارىداپ كەتكەن ئاسما چىراقنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرگەن چىۋىنگە قاراپ قويۇپ پىچاق ھەققىدىكى باياتىنقى گەپنىڭ ئاخىرىنى داۋاملاشتۇردى:
    — قاتىللىق قىلاي دېگەن ئادەمگە ھەرقانداق نەرسە قاتىللىق قورالى بولۇۋېرىدۇ، مەسىلەن، يېقىندا بىر ناخشا چولپىنى سۈيىقەست بىلەن دېرىزىدىن ئىتتىرىۋېتىلىپ، نەق مەيداندا ئۆلگەن. ئادەمنى دېرىزىدىن ئىتتىرىۋېتىش قىيىنمۇ؟ ئۇنداقتا دېرىزىمۇ قاتىللىق قورالىمۇ؟ ئەگەر دېرىزىمۇ قاتىللىق قورالى بولسا ئىنسانلار دېرىزە ئاچماي، بىنالار ئىچىدە قەبرىستاندا ياشىغاندەك ياشىشى كېرەكمۇ؟
    ئايال سافادا ئولتۇرۇپ تېلىۋېزورنىڭ كونتروللىغۇچىنى قولىغا ئالدى ۋە توختىماستىن قانال يۆتكەشنى باشلىۋەتتى. ئەر ئۇنىڭ تېلېۋىزور كۆرىدىغانلىقىغا زادىلا ئىشەنمەيتتى، چۈنكى ئۇنىڭ دائىم تېلېۋىزور ئالدىدا قىلىدىغىنى تېلېۋىزور كۆرۈش ئەمەس بەلكى توختىماي قانال يۆتكەش ئىدى. ئەر بولسا ئۇنىڭ مانا مۇشۇنداق توختىماي قانال يۆتكەۋېرىشى سەۋەبىدىن كۈندىلىك خەۋەرلەرنىمۇ كۆرەلمەي، ئىلاجىسىز ئالدىغا ئۇچرىغان يەردىن، باغچىلاردىكى ئورۇندۇقلار، تىياتىرخانا ئالدىدىكى پەشتاقلار ۋە يول بويىدىكى چىملىقلاردىن كونا گېزىتلەرنى تېرىپ كېلىپ كۆرۈشكە مەجبۇر بولغان ئىدى.
    — بىرەرسىدىن تېلېفۇن كەلدىمۇ؟
    ئايالنىڭ چىرايىدا بىزارلىق ئىپادىلەندى، ئەر ئۇنىڭ تېلېۋىزوردا كۆرگۈدەك بىرنەرسە يوقلۇقىدىن بىزار بولغانلىقىنى ياكى ئۆزىنىڭ سوئالىدىن بىزار بولغانلىقىنى بىلەلمىدى.
    — مۇشۇنىڭ بىلەن مەندىن يۈز قېتىم سوراپ بولدۇڭ، ھېچكىم تېلېفۇن ئۇرمىدى! سەن ئۆيدىن چىقىپ باقمىغىلى بىر ھەپتە بولاي دېدى، تېلېفۇن كەلسە سەنمۇ ئاڭلاتىڭ ئۆيدە بولغاندىكىن.
    ئايال تېلېۋىزوردىن ھېچنېمە كۆرمەيۋاتقان بولسىمۇ كۆزىنى ئۈزمەي تۇرۇپ جاۋاب بەردى.
    — ھازىر كىشىلەر ئالدىراش دەپ غۇدۇراپ قويدى ئۇ.
    — سېنى كىممۇ ئىزدەيتتى؟
    — بىر نەچچە كۈن بولدى ھەجەپ بىرەرسىدىن تېلېفۇنمۇ كەلمەيدۇ يا!
    — ئېلىپ بەرگەن ھارىقىڭنى ئىچىش ئۈچۈنلا ئاداش دەپ قويسا سەن ھەممىسىنى دوستۇم ئوخشايدۇ دەپ قالىسەن.
    ئەر ئۈنتىنسىز گېزىت كۆرۈشكە باشلىدى. ئۇ بىر گېزىتنى تارتسا ئۇنىڭ قاتلانغان بىر بۇرجىكى ئەينەك چاي ئۈستىلىنىڭ پۇتى ئاستىدا قالغان ئىدى. ئۇ گېزىتنىڭ ئوتتۇرىسىدا چوڭ بىر تۆشۈكنىڭ ئېچىلىپ قالغانلىقىنى بايقىدى. ئۇ تۆشۈكتىن ئايالىغا قاراپ ئايالىنىڭ بەدىنى بىر بىرلەپ كۆزىتىشكە باشلىدى. ئۇ ئايالى بىلەن دائىم بىللە يۈرگەچكە ئۇنىڭ بەدىنىنى كۆزىتىپ باقمىغانلىقىنى ئەمدىلا بىلدى. ئايالنىڭ بەدىنى ئۇلار توي قىلغان چاغدىكىدىن جىق ئۆزگىرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئايالى بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچراشقان چاغدا ئۇنىڭ كەينىدىكى تامدىكى رەسىمگە ياكى يەردىكى گىلەمگە قارىغان بولۇپ ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭغا قاراپ ئۇنى تازا ياخشى كۆرۈۋالغان ئىدى. كېيىن توي قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تېنىدە كۈزەتكىدەك جاينىڭ قالمىغانلىقىنى بايقىدى، شۇندىن بېرى ئۇ ئايالىنىڭ بەدىنى كۆزىتىپ باقمىغان ئىدى. ئۇ شۇ تاپ ئايالىنىڭ بەدىنى كۈزىتىۋېتىپ ئۇنىڭدا نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەر بولغانلىقىنى بايقىدى. ئايالىنىڭ چىڭ كەلگەن يوپكىسىنىڭ تاسمىسى ئۈستىدە بېلىنىڭ گۆشلىرى ساڭگىلاپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ ئېڭىكىمۇ بۇرۇنقىدىن ئۇزىراپ كەتكەندەك كۆرۈندى. بۇرنىنىڭ ئاستىدىكى تۈكلەردىن ئايال دائىم بىزار ئىدى. ئۇ دائىم گىرىم بىلەن بۇ تۈكلەرنى بىلىنمەس قىلىشقا تىرىشاتتى، لېكىن ئۇ يۈزىنى ئاق بويىغانسېرى ئادەتتە گىرىم قىلمىغاندا ئانچە بىلىنىپ كەتمەيدىغان بۇ تۈكلەرنىڭ رەڭگى بىلەن ئاقارتىلغان يۈز ئوتتۇرىسىدىكى سېلىشتۇرما كۈچىيىپ تۈكلەر تېخىمۇ روشەنلىشىپ كېتەتتى. ئەر ئۇنىڭ پۇتلىرىنىڭ تىرناقلىرىنىڭمۇ قوپال ۋە ئېگىز پەس ئۆسكەنلىكىنى بايقىدى، لېكىن ئۇنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى ئۇ ئىلگىرى ئايالىنىڭ تېنىدىكى چىرايلىق دەپ قارىلىدىغان جايلارنى ياخشى كۆرگەن بولسا ئەمدى ئەيپ ھېسابلىنىدىغان جايلارنىڭ ئۆز مەيلىنى تارتىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى سەزدى.
    ئايال ئاڭسىز ھالدا ئولتۇرۇش ھالىتىنى ئۆزگەرتتى، ئاندىن ئەرنىڭ ئۆزىنى ئوغۇرلۇقچە كۈزىتىۋاتقىنى بايقىدى.
    — سەن مېنى ئوغۇرلۇقچە كۈزىتىۋېتىپسەن دە! نېمە گۇمانىڭ بار؟
    — گۇمان؟ سەندە گۇمانلانغىدەك نېمە ئىش بولسۇن. ئەگەر سەن شۇنداق سىرلىق بىر ئايال بولساڭ ئىدىڭ مەن بەك خوشال بولاتتىم، لېكىن سەندە ئادەمنى ئويلاندۇرغىدەك ھېچنېمە يوق!
    — مەن بىلىمەن، سەن تۇرمۇشنىڭ ئاددىيلىقىدىن بىزار. سەم دائىم ئۆزەڭنىڭ ئاجايىپ سىرلىق ئىشلارغا ئۇچرىشىڭنى، باش ئاخىرى يوق چىگىش مەسىلىلەردىن باش كۆتۈرەلمەي يۈرىشىڭنى ئارزۇ قىلىسەن. لېكىن تۇرمۇش ئۇنداق ئەمەس. سەن بىر ئۆمۈر ئىزدەپمۇ باش قاتۇرغىدەك بىرەر ئىشنى تاپالمايسەن.
    — مەن ساڭا ئوغۇرلۇقچە قارىمىدىم، سەن مېنىڭ ئايالىم، ساڭا قاراشتىن ئەنسىرەيتتىممۇ!
    — ئەمىسە نېمىشقا ئۇدۇل بىۋاستە قارىماي، قەغەزنىڭ تۆشۈكىدىن قارايسەن؟
    — بۇنداق قارىشىمدا ھېچقانداق مەقسەت يوق، بۇ سېنىڭ سۇنغان ئەينەك پارچىلىرىدا ئۆزۈڭنى كۆرۈپ كۈزەتكىنىڭ بىلەن ئوخشاش گەپ.
    — ئوخشىمايدۇ، ئەينەكتە مېنىڭ كۆرگىنىم مېنىڭ ئۆزۈم، لېكىن قەغەزنىڭ تۆشۈكىدىن كۆرگىنىڭ سېنىڭ ئۆزۈڭ ئەمەس دە.
    سەم دېگەن ئايالىم، قارىسام نېمە بوپتۇ؟
    — ئىلگىرى كۆرمىگەنمىدىڭ؟ مېنى كۈزىتىشىڭدە چوقۇم باشقا مەقسەت بار! ھازىر مەن قېرىدىم، تېرىلىرىم بوشىشىپ كەتتى، بېلىمدىكى ساڭگىلاپ كەتكەن گۆشلەرنى كۆرۈپ بىزار بولغانسەن ھەقىچان. مەن ساڭا دەپ قوياي، ئىنسان دېگەننىڭ ھەممىسى سەت. چىرايلىقلىق پەقەتلا تۇنجى تەسىرات!...
    ئايال يەنە نۇرغۇن سۆزلەيدىغان ئىدى، لېكىن بىردىنلا جىرىڭلىغان تېلېفۇن ئۆينى زىلزىلىگە سېلىۋەتكەندەك بولدى. ئەر بىلەن ئايالنىڭ تېنى تۇيۇقسىز سىلكىنىپ كەتكەندەك بولدى. ئۇلار چاقماق تېزلىكىدە تېلېفۇن تەرەپكە تەڭلا ئېتىلدى، لېكىن تېلېفۇن ئىككى سايراپلا توختىدى. ئۇلار خۇددى قايتا سايرىسا ئۆزلىرىنىڭ نەپەسلەنگەن ئاۋازى سەۋەبىدىن ئاڭلىيالماي قېلىشىدىن قورققاندەك بىر ھازا تىنىقىنى ئىچىگە يۇتۇپ ئۇنىڭ قايتا سايرىشىنى كۈتتى. ئايالمۇ تېلېۋىزورنى ئۆچۈرۈۋەتتى، ئۇنىڭ توختىماي قانال يۆتكەۋېرىشتىن چارچىغان كۆزلىرى بىردەم ئارام ئالغاندەك بولدى.
    ئاخىرى ھېچقانداق سادا بولمىغاندىن كېيىن ئايال تېلېۋىزورنى قايتىدىن ئېچىپ قاناللارنى يەنە يۆتكەشكە باشلىدى. ئەر بولسا قايتىدىن گېزىتلەرنى ۋاراقلاشقا باشلىدى.
    — تېلېۋىزورنى پەس قىل!
    ئايال تېلىۋېزورنىڭ ئاۋازىنى پەس قىلدى.
    — بىزنىڭ ئىشىك ئەمەس، — دېدى ئايال تېلىۋېزورنىڭ ئاۋازىنى پەسەيتمەي تۇرۇپ، — شامال بىنانىڭ كىرىش ئىشىكىنى تاراقشىتىۋاتىدۇ.
    ئەر بىردەم ئاۋازغا قۇلاق سالغاندىن كېيىن دېرىزە ئالدىغا كېلىپ دېرىزىدىن سىرتقا قاراشقا باشلىدى. ئايال يەنە نېمىلەرنىدۇر دېمەكچى بولۇپ قارىۋىدى، ئەرنىڭ بېشىنى دېرىزە پەردىسىنىڭ كەينىگە ئۆتكۈزىۋالغىنى كۆرۈپ گېپىنى ئىچىگە يۇتۇۋەتتى. ئەرنىڭ گەۋدىسى پەردە كەينىدە خۇددى يۈزى رەخت بىلەن يېپىپ قويۇلغان ئۆلۇكتەك كۆرۈنۈپ كەتتى.
    شامال ئىشىكنى چەككەندە ھەرگىز ئېچىپ سالماسلىق كېرەك، بىزنىڭ يۇرتتا بىر ئايال بولىدىغان، بىر كۈنى شامال ئىشىكنى جالاقشىتسا ئېرىم كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ بېرىپ ئىشىكنى ئېچىپتۇ، قارىسا ھېچكىم يوق. لېكىن شۇ قېتىم ئىشىك ئالدىدا ئۇنىڭ پۇت قوللىرى يىغىلىپلا قاپتۇ، شۇندىن تا ئۆلگىچە ئۇ مېيىپ بولۇپ، پۇت قولىنى ئۇزىتالماي ئۆلۈپ كەتكەن، ئايال ئەسلىدە ناھايىتى ئۇزاق قىلىپ سۆزلەپ بەرمەكچى بولغاندەك باشلىغان ھېكايىنى بىردىنلا خوشياقماسلىق بىلەن قىسقارتتى، شامال ھەقىقەتەن سىرلىق نەرسە، بەزىدە مۇرەككەپ كاۋاك ۋە تۆشۈكلەرنى پۈۋلەپ ئايلىنىپ چىقسا ھەقىقەتەن ئادەمنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاپ كېتىدىغان مۇرەككەپ ئاۋاز چىقىرالىشى مۇمكىن...
    ئەر ئۇنىڭ گېپىگە ئۈندىمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئايالنىڭ داۋاملىق سۆزلەۋەرگۈسى كەلمىدى.
    ئايال قانال يۆتكەۋېرىشتىن زېرىككەن بولسا كېرەك، ئۇچرىغانلا بىر قانالدا توختىتىپ قويۇپ، كونتروللىغۇچنى چاي ئۈستىلىگە تاشلاپ قويۇپ ئۆزىنى سافاغا تاشلاپ ياتتى. تېلېۋىزوردا جىنسىي ئاجىزلىقنى داۋالاش ھەققىدىكى ئېلان بېرىلىۋاتاتتى. ئايال بېشىنى كۆتۈرمەستىنلا كونتىروللىغۇچنى ئېلىپ تېلىۋېزورغا قارىمايلا قانالنى يۆتكىۋېتىپ يەنە تاشلاپ قويدى. بۇ دۆرەم ئاڭلانغىنى مەزى بېزى ياللۇغىنى داۋالايدىغان دورىنىڭ ئېلانى ئىدى. ئۇ بېشىنى پەردە كەينىگە قىلىۋالغان ئەرگە قاراپ قويدى ۋە دەرھال يەنە قارىماي تۇرۇپ قانالنى يۆتكىۋەتتى.
    — سۈت بېزى كېسەللىكلىرى نۆۋەتتە ئاياللارنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سالغان بىرىنچى نومۇرلۇق قاتىلدۇر...
    ئۇ قانالنى يەنە يۆتكىدى.
    — گىمروينى ۋاقتىدا داۋالاش لازىم، ئۇزاققىچە داۋالاتماي يۈرىۋەرسە راكقا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن...
    يەنە بىر قانالدىمۇ ئېلان.
    — ئوتتۇرا ياشلارغا قەدەم باسقا ئەرلەر كەسپىي جەھەتتە ئۇتۇق قازىنىپ، جەمئىيەتتىكى ئورنى مۇقىملىشىپ ئۇششاق چۈشەك غەملەر ئاساسەن يوقىلىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئەڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغان بىر مەسىلە باش كۆتۈرۈپ چىقىپ ئۆمرىدە ئىلگىرى ئۇچراپ باقمىغان ئازابقا دۇچار قىلىدۇ. بۇ نېمە مەسىلە؟ بۇ مەزى بېزىنىڭ يوغىناپ كېتىشى. مەزى بەزى ياللۇغى ئېغىرلاشقاندا راكقا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن...
      — بېلىڭىز ئاغرىپ، ئۇيقىڭىز قېچىپ تۇرامدۇ؟ بۇ بۆرەك زەئىپلىشىشنىڭ ئالامىتى...
    — ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئۈزۈل داۋالانمىسا جىگەر قېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن...
    ئايال ئاخىرى بەرداشلىق بېرەلمەي تېلېۋىزورنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈۋەتتى. ئېرىگە قارىدى، ئەر پەردە كەينىدىن بېشىنى تارتىپ چىقاردى. دېرىزىگە ئىككى قەۋەت تور پەردە تارتىلغان بولۇپ، ئايال ئۇ پەردىنىڭ ئىچىدە دائىم ئۆزىنى قىپ يالىڭاچتەكلا ھېس قىلاتتى. نېپىز تور پەردە نېمىنىمۇ توسالىسۇن؟ لېكىن ئەر بۇ پەردىنى بەكلا قېلىن بولۇپ كەتتى، قوياش نۇرىنى توسۇۋالدى دەپ ئاغرىناتتى. ئەر پەردە كەينىدىن گەۋدىسىنى چىقىرىپ بىردەم تۇردى. ئۇنىڭ قانداق بىر ھېسسىياتتا ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايتتى. ئۇنىڭ دېرىزىنىڭ نۇرىنى توسقان گەۋدىسى كۈچلۈك نۇر ئىچىدە گويا يىرگىنچلىك جاراھەت باسقان ياكى قورقۇنۇچلۇق بىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئادەمنىڭ گەۋدىسىنىڭ تامغا چۈشكەن كۆلەڭگىسىدەك قارىيىپ كۆرۈندى.
    — بۇ ئېلانلار كۈندە يۈز بېرىپ تۇرىۋاتقان قاتىللىق، تېرورلۇق، تۇتقۇن قىلىش توغرىسىدىكى خەۋەرلەردىنمۇ قورقۇنۇچلۇق. ئۇ ئىشلار يىراق چەتئەللەردە، لېكىن بۇ كېسەللەرچۇ؟ ئۆز تېنىم ئىچىدىكىدەكلا تۇيىلىدۇ. سۈت بېزى كېسىلى توغرىسىدا گەپ ئاڭلىسام ئۆزۈممۇ سەزمەي كۆكسۈمنى تۇتۇپ باقىمەن، بۆرەك كېسىلىنى داۋالاش توغرىسىدىكى ئېلاندىن كېيىن بۆرىكىم جايلاشقان يەر بىئارام بولغاندەك بەدىنىم ئىچىنى تىڭشايمەن...ھەر بىر كېسەل توغرىلىق گەپ بولسا ئۆزەمدە شۇ كېسەل باردەكلا بىلىنىپ كېتىدۇ...ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممە كېسەل داۋالانمىسا راكقا ئايلىنىپ كېتەرمىش...
    ئايال چېچىلغىنىچە ئورنىدىن تۇرۇپ ئاشخانا ئۆيگە ماڭدى، ئەر بىردەمدىن كېيىن ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كىرىپ، ئۇنىڭ شوخلا ۋە پىيازلار بىلەن سوغاق سالات تەييارلاۋاتقىنى كۆردى. ئايال بۇ دۆرەم ھېلىقى چىرايلىق پىچاقنى ئىشلەتمەستىن، ئۆيدە ئەسلىدە بار پىچاقنى ئىشلەتكەن ئىدى. ئۇ چىرايلىق پىچاقنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتى. ئەر چىرايلىق پىچاقنى قولىغا ئېلىپ ئىنچىكە سەپ سېلىپ چىقتى. ئۇنىڭ يالتىراپ تۇرغان بىسىدا ئاز تولا سۇ يۇقۇندىسىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلىپ لۆڭگە بىلەن سۈرتىۋەتتى.
    سەن ئۆزەڭنى بەك مۇرەككەپ ھېس قىلامسەن؟ سورىدى ئايال بىردىنلا.
    — نېمىشقا بۇنداق سوراپ قالدىڭ؟
    — سەن بايا مېنى ھېچقانداق مۇرەككەپلىكى يوق دېدىڭغۇ.
    ئەر كۈلدى:
    — پاھ، نەۋاق دېگەن گەپنى ھازىرغىچە ئويلاپ يۈردۈڭمۇ؟ ئاددى بولساڭمۇ، مۇرەككەپ بولساڭمۇ مەن ئۈچۈن بەرىبىر. پەقەت مېنىڭ خوتۇنۇم بولساڭ، نىيىتىڭ بۇزۇلمىسىلا بولدىغۇ.
    ئايال توغراۋاتقان پىيازنى ئېلىپ ئەرگە كۆرسىتىپ دېدى:
    — ئادەم دېگەن زادىلا مۈرەككەپ نەرسە ئەمەس، خۇددى پىيازغا ئوخشاش، سەن ئۇنىڭ قاتتىق ۋە چىڭ سىرتقى ھالىتىگە قاراپ ئۇنىڭ ئىچىدە چوقۇم بىر نەرسە بار دەپ ئويلايسىەن، پىيازنىڭ بىر قەۋەت پوستىنى سويىۋەتسەڭ يەنە بىر قەۋەت پوستىغا دۇچ كېلىسەن، ئۇنىمۇ سويىۋەتسەڭ يەنە بىر قەۋەت...ئۇنىڭ سىرتقى پوستىدىن ئىچكىرىلەپ كىرىۋەرسەڭ يەنە پوستى چىقىدۇ، يەنە ئىچكىرىلەپ كىرسەڭ يەنە پوستى، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنىڭ ياپىلاق پوستىدىن باشقا ھېچنەرسە يوقلىقىنى ھېس قىلىسەن. ئادەملەرنى چۈشەنمىگەن ياخشى، چۈشىنىپ قېلىش ئادەمنى ئەنە شۇنداق ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. پەقەت ئۇ سىرلىق تاشقى قىياپىتى بىلەنلا جەلپكار، ئىچكىرىلەپ كىرسەڭ ئۇنىڭ مەركىزىدە ھېچنېمە يوق. ئادەم سانسىزلىغان تاشقى قىياپەتلەرنىڭ يىغىندىسى...
      ئەر بىگىز بارمىقىنى تىكلەپ لەۋلىرىگە تەگكۈزۈپ ئايالىغا جىم بولۇشنى ئىشارە قىلدى.
       — يەنە ئىشىك چېكىلگەندەك تۇيۇلىۋاتامدۇ؟ تەنە قىلدى ئايال.
       ئەر پىچاقنى ئەسلىدىكى ئورۇنغا قويۇپ قويدى.
       — ئىشىك چېكىلگەن شەپە خۇددى مىكرۇپتەك تېنىمنى سېسىتىۋېتىپ بارىدۇ.
       — يەنە شامال.
       — ئەمىسە ئېچىپ باقايمۇ؟
       — جىنغا يولۇقساڭ قانداق قىلىسەن؟
       — بۇ دېگەن شەھەر. نەدىمۇ يېزىدا يۈز بەرگەندەك ئۇنداق گۈزەل ئەپسانىۋىي ئىشلار يۈز بەرسۇن.
       — ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا، جىن بولسىمۇ يوقلاپ كەلگىنىدىن خوشال بولاتتىڭغۇ دەيمەن.
    ئەر يېقىمسىز كۈلدى. ئۇ كۈلگەندە ئۇنىڭ ئوڭ تەرەپتىكى بىرلا يۈزىدە زىناق پەيدا بولۇپ، ئاغزى ۋە ئېڭىكى مايماقلىشىپ كېتەتتى.
    ئايال ئۆزى قىلغان ئاچچىق سالاتنى يېگەچ يەنىلا سافادا كونا گېزىت كۆرۈپ ئولتۇرغان ئەردىن قارىمايلا سورىدى:
    — كۆرۈۋاتقىنىڭ قاچاننىڭ گېزىتى؟
    — تۆتىنچى ئاينىڭ يىگىرمە ئالتىنچى كۈنىنىڭ.
    — بۈگۈن چىسلاغا نەچچە بولدى؟
    — بىلمەيمەن.
    — ھازىر نەچچىنچى ئاي؟
    — بىلمەيمەن.
    — يىلنىمۇ بىلمەيسەنغۇ دەيمەن.
    — بىلمەيمەن.
    ئايالنىڭ تەنىسىگە ئەر تەنە بىلەن جاۋاب بېرىپ بىلمەيمەن دېدىمۇ ياكى راستىنلا بىلمەمدۇ بۇنى ئۇنىڭ چىراي ئىپادىسىدىن پەرەز قىلغىلى بولمايتتى.
    — ئەمىسە گېزىتكە قاراپ باق، دېدى ئايال، ئۇ قايسى يىلنىڭ گېزىتىكەن؟
    ئەر گېزىتنىڭ باش تەرىپىگە قارىدى، قىزىق يېرى شۇكى گېزىتنىڭ ئاي بىلەن كۈن سانى يېزىلغان يېرى قېلىپ، يىل نومۇرى بار جاي يىرتىلىپ كەتكەن ئىدى. ئەر كۈلمەكچى بولدى، لېكىن كۈلسە ساغۇچ ۋە رەتسىز چىشلىرىنىڭ كۆرۈنۈپ چىرايىنىڭ يىرگىنچلىك قىياپەتكە كىرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ كۈلمىدى. ئۇ چاي ئۈستىلىنىڭ ئاستىلىرىدىن گېزىتنىڭ يىل نومۇرى بار يىرتىق پارچىسىنى ئىزلىدى، لېكىن تاپالمىدى.
    — گېزىتتە نېمە خەۋەر باركەن؟
    ئەر گېزىتكە قايتىدىن قاراپ جاۋاب بەردى:
    — جەنۇبتىكى كىچىك بىر بازاردا يەر تەۋرەپتۇ؟
    — قانچە ئادەم ئۆلۈپتۇ؟
    — ئىككىسى ئۆلۈپ ئالتىسى يارىلىنىپتۇ.
    — تايىنى يوق خەۋەر. بىزنىڭ ئىشىكنىڭ ئالدىدىكى تۆت كوچا دوقمۇشىدىمۇ كۈندە ئاز دېگەندە ئۈچ ئادەمنى ماشىنا سوقۇپ ئۆلتۈرىدۇ.
    ئەر يەنە بىر قېتىم ئايالدىن ئۆزىگە تېلېفۇن كەلگەن كەلمىگەنلىكىنى سوراۋېتىپ ئۆزىنىڭ باياتىن بۇ سوئالنى سوراپ بولغىنىنى ئېسىگە ئېلىپ توختاپ قالدى، لېكىن ئايال يەنىلا چېچىلىپ ئۇنىڭ بۇ گەپنى سوراۋەرگىنىدىن ۋايسىدى. ئەر يانفۇنىنى چىقىرىپ تەكشۈرۈشكە باشلىدى. ئۇ ئۆزىگە تېلېفۇن كېلىپ ئاڭلىماي قالغان بولىشىنى كۆزلەپ كەلگەن نومۇرلارنى تەكشۈرۈۋاتامدۇ، ياكى سىگنال بار يوقلىقىنى تەكشۈرىۋاتامدۇ بۇنى بىلگىلى بولمايتتى. دەل شۇچاغدا ئىشىك چېكىلگەن ئاۋاز كەلدى. بۇ دەل ئىشىك چېكىلگەن ئاۋاز ئىدى، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى تاراقشىغان ئاۋازغىمۇ، شامالنىڭ ئاۋازىغىمۇ ئوخشىمايتتى. بۇ ئاۋاز ئىزچىل ۋە ئېنىق ئىدى.
    — بىزنىڭ ئىشىك ئەمەس.
    ئايالنىڭ بۇ بىر جۈملە سۆزىنى ئۇنى چېكىدىن ئاشقان سوغاققان ۋە ئادەتتىن تاشقىرى پىشىپ يېتىلگەن قىلىپ كۆرسىتەتتى.
    ئەر ئورنىدىن تۇرۇپ ئايالنىڭ سوغاق كۆز نۇرىغا چۆمۈلگەن ھالدا ئىشىك ئالدىغا باردى ۋە چاققانلىق بىلەن ئىشىكنى ئاچتى. ئۇ ئىشىك تۈۋىدە تۇرۇپ بۇرۇلۇپ ئايالغا قاراپ، ئۇنىڭ ئۆزىگە تېخىچە قاراپ تۇرغىنىنى كۆردى. ئاندىن ئىشىكنى يېپىپ قايتىپ كەلدى. ئايالى يەنىلا ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى. ئۇ ئايالىنىڭ چىرايىدىكى مەلۇم ئەزالارنى كۆپتۈرىۋېتىلگەندەك ھېس قىلدى، لېكىن قايسى جاينىڭ كۆپتۈرىۋېتىلگىنى بىلەلمىدى. ئاغزى، ئېڭىكى، بۇرنى...
    ئايال تېلېۋىزورنى قايتىدىن ئاچتى. ئۆيدىكى جىمجىتلىق ئۇنى كۆكسىدىن بېسىپ تىنالماي قالغاندەك ھېس قىلغان بولسا كېرەك. نېمىشقىدۇر ئۇ بۇ قېتىم دائىمقىدەك قانال يۆتكەۋەرمەستىن خەلقارا خەۋەرلەرنى كۆرۈشكە باشلىدى. پارتىلىتىش ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەققىدىكى خەۋەرلەر. ئايال بۇلارغا قىزىقمايتتى، لېكىن ئۇ جىمجىت ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆردى. بەلكىم ئۇنىڭ كۆزى تېلېۋىزوردا بولغىنى بىلەن ئەس-يادى باشقا يەردىدۇ.
    — ئالدىنقى كۈنى ئەتىگەندە تېلېفۇن ئۇرغان كىم؟
    ئەرنىڭ سوئالى ئايالنى بىئارام قىلغان بولسا كېرەك ئۇ يەنە تىنماي قانال يۆتكەشنى باشلىۋەتتى.
    — مەن نەدىن بىلەن، تېلېفوننى ئۆزەڭ ئالغان تۇرساڭ.
    — ئۇ گەپ قىلمىدى.
    — گەپ قىلمىسا مەندە نېمە ئامال.
    ئەر كونا گېزىتلەرنى يەنە ۋاراقلاشقا باشلىدى. ئۇمۇ خۇددى ئايالغا ئوخشاشلا گېزىتلەرنى توختىماي ئۇياق بۇياققا ئۆرۈپ چۆرۇيتتى، لېكىن ھېچنەرسىنى ئوقۇمايتتى. گېزىتنىڭ شاراقشىغان ئاۋازى تېلىۋېزورنىڭ ئاۋازىنىمۇ بېسىپ كېتەتتى. ئايال ئەرنى گويا قولىدىكى گېزىت بىلەن بىرلىشىپ كەتكەندەكلا ھېس قىلدى، بولۇپمۇ ئەرنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئۈستۈنكى ئىككى تۈگمىسى ئېتىلمىگەچكە كۆرۈنۈپ قالغان مەيدىسىدىكى قويۇق تۈكلەر ئۇنى بەكمۇ قېرى لېكىن ھاياتىي كۈچى ۋە كۆپۈيۈش كۈچى تولۇپ تاشقان قىلىپ كۆرسىتەتتى. ئايال ئۇنىڭ خۇددى يېرتقۇچ ھايۋاندەك يالاپ بويۇنلىرىنى ھۆل قىلىۋەتكەن چاغلىرىنى ئېسىگە ئالدى. ئۇنىڭ شۆلىگەيلىرىمۇ بىر خىل ھاياتىي كۈچنى ئىپادىلەيتتى. سۆيۈشكەندە باشقىلاردەك لەۋلىرى قۇرۇپ، ئوتۇندەك يىرىكلىشىپ كەتمەيتتى.
    ئەر گېزىتلەرنى ۋاراقلاۋېتىپ بىردىنلا توختاپ قالدى، شۇ چاغدا ئايالمۇ دەل ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى، ئايالمۇ دەرھال تېلىۋېزورنىڭ ئاۋازىنى ئۆچۈرۈۋەتتى. چۈنكى بۇ قېتىم ئىشىك راستىنلا چېكىلىۋاتاتتى. ئۇلار ئىلگىرى سەل تۆۋەنرەك ئاۋازلارنى بەزى تارتىنچاق كىشىلەرنىڭ ياكى ئاياللارنىڭ ئىشىك چېكىشى دەپ ئويلايتتى. لېكىن بۇ قېتىم ئىشىك چەككەن ئاۋاز خېلى قاتتىق بولۇپ، بۇ بىر ئەر كىشىدەك قىلاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە زادىلا تارتىنمىغىنىغا قارىغاندا چوقۇم يېقىن تونۇشلار بولىشى مۇمكىن ئىدى. لېكىن ئۇ توك سۇ پۇلى يىققۇچى ياكى سىملىق تېلېۋىزىيە پۇلىنى يىققۇچىمۇ بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ئەرنىڭ كاللىسىدا ھەرخىل پەرەزلەر چاقماق تېزلىكىدە پەيدا بولۇپ يوقالدى. بەلكىم توك سۇ پۇلى يىققۇچى ئەمەستۇ، چۈنكى توك سۇ پۇلى يىققۇچى ئىشىكنى بۇنىڭدىن قاتتىقراق چېكىدۇ. بۇ ئىشىكنىڭ چېكىلىشى ئۇنداق قاتتىق ئەمەس، لېكىن ئاياللار ياكى تارتىنچاق مېھمانلارنىڭكىدىن سەل چىڭراق ئىدى. ئەگەر بوشراق بولغان بولسا ئۇلار يەنىلا ئىشىكنىڭ بىراۋ تەرىپىدىن چېكىلگەن ياكى چېكىلمىگەنلىكىنى پەرەز قىلالمىغان بولاتتى.
    ئەر تېزلىكتە ئىشىك تەرەپكە ماڭدى. ئايالنىڭ كۆز نۇرى بۇ قېتىم ئەردىن بۇرۇنراق ئىشىككە بېرىپ بولغان ئىدى. ئۇ ئەرنىڭ ئىشىكنى ئېچىشىغا ۋە ئىشىك ئالدىدىكى ئادەم بىلەن سالاملىشىشىغا بىر بىرلەپ قاراپ تۇردى، ئاندىن دەرھال ئەقلىنى تاپقاندەك ئۈستەل ئۈستى ۋە ئەتراپىدا قالايمىقان چېچىلىپ ياتقان نەرسىلەرنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدى.
    ئىشىك چەككۈچى ناتونۇش كىشى ئىدى. ئىشىك ئالدىدا ئادەمنىڭ ئېسىدە قالغۇدەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولمىغان بىر ئادەم تۇراتتى.
    — سىزدىن بىر نەرسە سورىسام بولامدۇ؟
    ھېلىقى كىشى سالام سائەتتىن كېيىن شۇنداق دېدى.
    — بولىدۇ.
    — يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتىم، ھاجىتىم چۈشۈپ قالدى.
    — ئۆيگە كىرىڭ.
    — ياق بولدى كىرمەي.
    ئىشىك چەككۈچىنىڭ چىراي ئىپادىسىمۇ بەكلا ئادەتتىكىچە ئىدى، ھەتتا ھاجەتمەندەكمۇ كۆرۈنمەيتتى. شۇنىڭغا قاراپ ئەر ئۇنىڭ ئاددىيلا بىر نەرسىنى ئارىيەت ئېلىپ تۇرماقچى ئىكەنلىكىنى چۈشەندى.
    — بىر نەرسە ئارىيەت ئېلىپ تۇراي دېگەن.
    — نېمە؟
    — پىچىقىڭىزنى بېرىپ تۇرسىڭىز.
    — نېمە قىلىسىز؟
    — مۇشۇ يەردە ئىشلىتىپ بولۇپلا بېرىمەن.
    ئىشىك چەككۈچى ئەرنىڭ يان تەرىپىدىكى بىر نۇقتىغا قاراپ سالام قىلدى، ئەر بۇرۇلۇپ قاراپ ئايالىنىڭمۇ ئىشىك تۈۋىگە كېلىپ بولغانلىقىنى بىلدى.
    — بولىدۇ مەن ئەپچىقىپ بېرەي، — دېدى ئايال ۋە كەينىگە بۇرۇلۇپ مېھمانخانىنى كېسىپ ئۆتتى. ئەر جىددىيلىشىپ كەتتى، ئۇ ئايالىنى توسۇۋېلىشتىن خىجىل بولۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن دەرھال ئاشخانا ئۆيگە قاراپ ماڭدى، ئايالنى توسۇۋېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭدىن بۇرۇنراق بارماقچى بولدى.
    ئايال ھېلىقى چىرايلىق پىچاقنى ئېلىپ چىقىشقا تەييارلىنىۋاتاتتى. ئەر دەرھال ئۇنىڭ قولىدىن پىچاقنى تارتىۋېلىپ ئەسلى ئورنىغا قويۇپ قويدى. ئايال ئۇنىڭغا غەزەپ بىلەن قاراپ قالدى.
    — باياتىن مۇشۇ پىچاق سەۋەبىدىن ئۇرۇشۇپ قالغىلى تاس قالدۇق، شۇڭا ئۇنىڭغا بېرىپلىۋېتەي دېگەن ئىدىم، دېدى ئايال بۇرنىنى قولىنىڭ ئارقىسى بىلەن سۈرتۈپ قويۇپ.
    — بۇ پىچاقنى بەرمەيلى، ئۇ قايتۇرۇپ ئەكىرىپ بەرمىسە يوقىلىدۇ.
    — مېنىڭ كۈتكىنىم دەل شۇ ئىدى. بۇنداق پىچاقنىڭ ئويدە تۇرۇشىنى خالىمايمەن. بىلەمسەن دۇنيادىكى قاتىللىق ۋە ئۇرۇشلارغا پىچاقلارنىڭ چىرايلىق ياسالغانلىقى سەۋەب بولغان.
    ئەر بىسلىرى قايرىلىپ كەتكەن كونا پىچاقنى ئېلىپ چىقىپ ئىشىك چەككۈچىگە كۆرسەتتى.
    — ماۋۇ پىچاق بولامدۇ.
    — قانداق پىچاق بولسا مەيلى، پىچاق بولسىلا بولۇۋېرىدۇ. سىزنى ئاۋارە قىلدىم.
    ئىشىك چەككۈچى پىچاقنى قولىغا ئېلىپ ئەرگە يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتتى.
    — سىزگە كۆپ رەھمەت.
    ئەر ئىشىك چەككۈچىنىڭ چىرايىدىن ئەستە تۇتقىدەك ھېچقانداق ئالاھىدىلىكنى تاپالمىدى، ئىشىك چەككۈچىمۇ ئۇنىڭ ئۆزىنى ئەستە تۇتىۋېلىشقا تىرىشقانلىقىنى پەملەپ قالغان بولسا كېرەك خىجىلچانلىق بىلەن ئېيتتى:
    — مۇشۇ يەردىلا ئىشلىتىۋېلىپ قايتۇرۇپ بېرىمەن.
       — سىز بۇ پىچاقنى نېمە قىلىسىز؟
       — سىزگە سالماقچى.
       — نېمە؟ ھاھ-ھاھ...
       ئەر قاھقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى، لېكىن ئۇنىڭ كۈلكىسى دەرھاللا يۈزلىرىدە تاشتەك قېتىپ قالدى، ئاندىن ئۇنىڭ چىرايى بىردىنلا كىشىنى ھەيران قالدۇرغىدەك دەرىجىدە ئۇزۇن سوزۇلۇپ كەتتى. ئادەمنىڭ يۈز قىسمىنىڭ تارتىلىپ بۇنچىلىك ئۇزۇن بولۇپ سوزۇلۇپ كېتىدىغانلىقى ھەقىقەتەن ئەقىلگە سىغمايتتى. ئىشىك چەككۈچى ئۇنىڭ چىرايىدىكى بۇ ئۆزگىرىشكە كۆڭلى ئايىنغاندەك ھالەتتە قاراپ تۇرغاندىن كېيىن، ئۇ ئاياغلىرى ئاستىغا گۈپپىدە يىقىلىشى بىلەن تەڭ دەرھال كەينىگە بۇرۇلۇپ مېڭىپ كەتتى. ئۇ بىنادىن چىقىپ چوڭ يولغا قايرىلىپلا ئايال كىشىنىڭ دەھشەتلىك چىرقىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر پەرھات تۇرسۇن