گۇناھ-12(ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-09 06:16:02

گۇناھ(12)ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد سەمەت مەخسۇم بىر كۈنى ساقسىز بولۇپ قېلىپ مەسچىتكە چىقالمىدى، نامىزىنى ئۆيىدە قىينىلىپ تۇرۇپ ئوقىدى، ھىدايەت قارى يەنىلا سەھەر تۇرۇپ مەسچىتكە چىقىۋەردى. ئۇ مەسچىت...



    گۇناھ(12)
    ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد

     

     


    سەمەت مەخسۇم بىر كۈنى ساقسىز بولۇپ قېلىپ مەسچىتكە چىقالمىدى، نامىزىنى ئۆيىدە قىينىلىپ تۇرۇپ ئوقىدى، ھىدايەت قارى يەنىلا سەھەر تۇرۇپ مەسچىتكە چىقىۋەردى. ئۇ مەسچىتكە چىقسا ئۆزىنى ئالاھىدە ئىززەتلەيدىغان جامائەت بىلەن دىدار كۆرۈشۈپ تۇراتتى، كىچىك بولسىمۇ ئۆزىدىن چوڭ جامائەت بىلەن ناھايىتى مۆتىۋەر، تەقۋا سۈپەتتە سالاملىشاتتى، بۇنىڭدىن ئۇنىڭ جامائەتنىڭ نەزىرىدىكى ئوبرازى ھەقلىق يوسۇندا گەۋدىلىنىپ تۇراتتى. ئۇ كۈنى ئايىمخان ھىدايەت قارىنىڭ مەسچىتتىن يالغۇز قايتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن گەپ سورىدى:

     

      — بالام، ئاتىڭىز بۈگۈن مەسچىتكە چىقالمىدىمۇ؟!

     

      — مىجەزى يوق چىقالمىدى، خۇدايىم شىپالىق بەرسە ساقىيىپ قالار،-دېدى ھىدايەت قارى تەمكىنلىك بىلەن.

     

      — بەك ئېغىر ئەمەستۇ؟! ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالمىغاندۇ؟

     

      — ياق، يېتىپ قالمىدى، ئۆزى قوپۇپ تاھارەت ئالالايدۇ، ناماز ئوقۇيالايدۇ.

     

      — ئۇنچىلىك بولسا بوپتۇ، ھەر نېمە بولسا خۇدايىم شىپالىق بېرەر.ھىدايەت قارى ئۆيگە كەلگەندە سەمەت مەخسۇم ئۇنىڭدىن ئايىمخاننى كۆرگەن-كۆرمىگەنلىكىنى سورىدى. ھىدايەت قارى بولغان گەپنى دېدى. ئەتىسى ئايىمخان بىر داستىخاندا لىق نان، چاي، قەنت كۆتۈرۈپ كېلىپ، سەمەت مەخسۇمنى يوقلىدى.

     

      — بۇنداق قىلمىسىلىمۇ بولاتتى،-دېدى مەخسۇم كېسىلى بىر دەمدىلا ياخشى بولۇپ كەتكەندەك جانلىنىپ ھەم ھاياجانلىنىپ،-ئۆزلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرمۇ ئاز ئەمەستى، شۇنداق تۇرۇپمۇ سىلىنى يوقلاپ بارالمىدۇق، خۇدا بۇيرۇسا كېيىنچە ئوبدان يوقلىۋالارمىز.ئۇنداق دېمىسلە مەخسۇمكا، تەقدىر پېشانىمىزگە پۈتۈلگىنى شۇ ئىكەن، ھېلىمۇ نەزىرگە ئوبدان قارىشىپ بەردىلە، ھىدايەت قارىمۇ خەتمە قىرائەتنى ئوبدان قىلىپ بەردى. خۇدايىم مۇشۇ ئوغۇللىرىغا بىر ھېكمەت بېرىپتۇ، شۇ ئاخشىمى شۇنداق چىرايلىق قىرائەت قىلدى، كېچىچە كۆڭلۈم بۇزۇلۇپ، كۆزۈمدىن ياش قۇرىمىدى. ئۆمرۈمدە مەن ئاۋازى بۇنداق بەلەن بالىنى كۆرمىگەن. قارىسىلا، بۇ بالامنىڭ چىرايىغا، نۇر يېغىپلا تۇرىدۇ، بۇ ياشتىكى باشقا كەپسىز، توپا تەلەت بالىلارغا زادى ئوخشىمايدۇ، يولدا ماڭسىمۇ چوڭلارغا ناھايىتى ئەدەبلىك سالام قىلىپ ماڭىدىكەن، بەتقىلىق ئىشلارنى ئۆزىگە قىلچە يۇقتۇرمايدىكەن، ھەر قانداق ئىشقا ھورۇنلۇق قىلمايدىكەن. مەھەللىدىكىلەرمۇ بالىلىرىنى سەنمۇ ھىدايەت قارىدەك بولساڭ بولمامدۇ دەيدىغان بوپتۇ. دېمىسىمۇ، خۇدايىم بۇ بالامغا بىر ئېسىل سۈپەت بېرىپتۇ. رەھمەتلىك ھاشىيخانمۇ بۇ بالىنى بەك ئوبدان باقىدىغان، ئۆزلىرىمۇ دىندا كامىل، مۆتىۋەر كىشى بولغاچقا ئوغۇللىرىغا قاتتىق تەلەپ قويۇپ ئوبدان چوڭ قىلىپلا، خۇدايىم ئەجىرلىرىنى يەردە قويماپتۇ، ئۆزلىرىگە پەرزەنتتىن بەخت بېرىپتۇ. بەزىدە خۇدايىم ماڭىمۇ شۇنداق بىر پەرزەنت بەرگەن بولسا نېمە بولار دەپ كېتىمەن، رەھمەتلىكمۇ پەرزەنت يۈزى كۆرەلمەيلا ئالەمدىن كەتتى...-

     

      ئايىمخاننىڭ ئويچان كۆزلىرى ياشقا تولدى؛ كۆڭلى بۇزۇلۇپ، سۆزىنى داۋاملاشتۇرالماي قالدى، رومىلىنىڭ ئۇچىدا يېشىنى سۈرتىۋاتقاندا ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ۋە قايغۇلۇق كۆزلىرىدىن تەسىرلىنىپ كەتكەن سەمەت مەخسۇم تىترەپ تۇرۇپ:

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.