كېسەل(ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى)

يوللىغۇچى : Berqi يوللىغان ۋاقىت : 2010-08-04 22:43:37

كېسەل(پوۋېست)ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى 1 تۇردى تېلېفوننى ئېرىنچەكلىك بىلەن ئاچتى.ۋەي، سىز تۇردى ئەپەندىممۇ؟ مەن تەڭرىتاغ دوختۇرخانىسىدىن تېلېفون قىلىۋاتىمەن. دوختۇرخانىغا تېز كېلىپ كەتسىڭىز....

    كېسەل(پوۋېست)
    ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقى


    1

    تۇردى تېلېفوننى ئېرىنچەكلىك بىلەن ئاچتى.
     ۋەي، سىز تۇردى ئەپەندىممۇ؟ مەن تەڭرىتاغ دوختۇرخانىسىدىن تېلېفون قىلىۋاتىمەن. دوختۇرخانىغا تېز كېلىپ كەتسىڭىز.
     نېمە؟ نېمىش بولدى؟
     كەچۈرۈڭ، سىزگە بىر يامان خەۋەرنى دېمەي بولمىدى. ئوغلىڭىز تاھىر ھازىرلا دوختۇرخانىمىزغا ئېلىپ كېلىندى.
     نېمە؟ تۇردى سەكرەپ ئورنىدىن تۇردى.
    ئۇ دوختۇرخانا ئالدىدا يېتىپ كېلىشىگە ئايالى خاسىيەتمۇ تاكسىدىن چۈشتى. ئايالىغا بۇ خەۋەرنى تۇردى ئۆز ئاغزى بىلەن يەتكۈزگەن ئىدى. بېشىدا ئۇ ئايالىم بۇنداق خەۋەرنى ئاڭلىسا ھۇشىدىن كېتىشى مۇمكىن دەپ ئويلىغان، لېكىن ھودۇقۇشتا نېمە قىلارىنى بىلمەي تېلېفون ئۇرغانىدى.
     دەڭە، قايسى بۆلۈمدىكەن؟ دېدى خاسىيەت.
     جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە دەيدۇ.
    ئىككىيلەن ماڭغاچ شۇ پاراڭلارنى ئاران دېيىشكەچ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ ئالدىغا كەلدى. بۆلۈم ئالدىدا ئوغلىنىڭ سىنىپ مەسئۇلى، ئوغلى ئوقۇيدىغان مەكتەپنىڭ مۇدىرى ساقلاپ تۇراتتى.
     قېنى، ئوغلۇم قېنى؟ دېيەلىدى تۇردى ھاسىراپ تۇرۇپ.
     ھازىرلا جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئەكىرىپ كەتتى.
     نېمە بوپتىكەن؟
     مەكتەپتە توپ ئويناۋېتىپ، سىمونت مەيدانغا يىقىلىپ چۈشۈپ بېشىنى يېرىۋاپتۇ.
    تۇردى ئاران ئۆزىنى تۇتۇپ تۇرىۋاتاتتى. لېكىن ئۇ ئۆزىنى تۇتىۋالمىسا بولمايتتى، ئۇ ئۆزىنى تۇتىۋاللالمىسا ئايالى خاسىيەت قانداق قىلىدۇ. ئۇ ئايالىغا قارىدى. ئايالىنى ئوغلىنىڭ سىنىپ مەسئۇلى  قارا قۇمچاق خانىم يۆلىۋالغانىدى. تۇردى خاسىيەتنىڭ چىرايىنىڭ ئاپئاق تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى سەزدى.
     بالىنڭ ئاتا - ئانىسى كەلدىمۇ؟
     كەلدى.
    تۇردى دوختۇرنىڭ ئالدىغا كەلدى.
     ئوغلىڭىزنى ئوپېراتسىيە قىلمىساق بولمايدىغاندەك تۇرىدۇ. مانا بۇ ئوپىراتسىيە رەسمىيىتى، قېنى قول قويۇڭ، دوختۇرلار ساقلاپ قالدى.
    تۇردى قەغەزگە نېمە يېزىلغانلىقىغا پەرۋا قىلماي قوللىرى تىترىگەن ھالدا ئىمزا قويدى.
     يەنە بىر گەپ، بالا قانسىراپ كېتىپتۇ. قان سالىمىز، بىزدە زاپاس قان يوق، قېنى ئەر - ئايال ئىككىڭلاردىن قايسىڭلارنىڭ قېنى ئوغلۇڭلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش؟
    تۇردى بۈگۈنگە قەدەر ئوغلىنىڭ قان تىپىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. ئايالى ئانىسىنىڭ يېنىدا يەڭگىگەچكە بالىسى بۈگۈنگە قەدەر بىرەر قېتىم دوختۇرخانىغا كىرىپ باقمىغاچقا بالىنىڭ قان تىپىنى ئېنىقلىۋالمىغانىدى.
     مېنىڭ ئوخشاش دېدى خاسىيەت.
    دوختۇر خاسىيەتنى باشلاپ كىرىپ كەتتى. ھازىر تۇردىنىڭ كاللىسى تورمۇزلىنىپ قالغان بولۇپ نېمە قىلىشىنى بىلمەي، جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ ئالدىدا مېڭىشقا باشلىدى. كۆپ ئۆتمەي دوختۇر تۇردىنى چاقىردى.
     تۇرداخۇن، ئايالىڭلارنىڭ قېنى بالىغا ئۇدۇل كەلمەيدىكەن، قېنى سىلە كېلىڭلار، قانداق ئاتا - ئانا سىلەر؟ مۇشۇنداق چوڭ شەھەردە ياشاپ تۇرۇپمۇ بالاڭلارنىڭ قان تىپىنى بىلمىگىنىڭلار قىزىق.
    دوختۇر تۇردىنىڭ  بارمىقىنىڭ ئىچىدىن ئازراق قان ئالغاندىن كېيىن، قاننىڭ تىپىنى ئېنىقلاشقا كىرىشتى. دېمەك بالىنىڭ قېنى خاسىيەت بىلەن ئوخشىمىغان ئىكەن، تۇردىنىڭ قېنى بىلەن ئوخشاش دېگەن گەپ. بۇمۇ ياخشى بولدى، خاسىيەتنىڭ تېنى ئاجىز، مەن بەكمۇ ساغلام، مەندىن بىرنەچچە يۈز گىرام قان ئالغانغا ھېچنېمە بولمايدۇ دەپ ئويلىدى ئۇ ئۆز كۆڭلىدە.
    بىر چاغدا قاننىڭ تىپىنى ئېنىقلاشقا كەتكەن دوختۇر يېتىپ كېلىپ تۇردىنىڭ يېنىدا قالغان دوختۇرغا بىرنېمىلەرنى دەپ پىچىرلىدى. دوختۇرنىڭ چىرايى ناھايىتى سەت ئۆزگەردى، لېكىن ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كەلدى.
     تۇرداخۇن سىلەر چىقىپ تۇرۇڭلار، دېدى دوختۇر باشقا ياققا قاراپ تۇرۇپ. سەل تۇرۇپ قوشۇپ قويدى، سىلەردە ھەقسىز قان تەقدىم قىلغانلىق كېنىشكىسى بارمۇ؟
     بار دوختۇر، مەن ئالىي مەكتەپتە بىر قېتىم، ئىدارىگە كەلگەندە بىر قېتىم قان تەقدىم قىلغان، تۇردىنىڭ ئاۋازى پەسەيدى، مېنىڭ قېنىمدا مەسىلە بارمىكەن؟
    دوختۇر تۇردىغا بىردەم قاراپ تۇرۇپ تۇرغاندىن كېيىن:
     مەسىلە يوق، قان تىپىڭلار ئۇدۇل كەلمەيدىكەن.
     ئەجەبا؟
     بولدى، چىقىڭلار، مۇمكىن بولسا ھەقسىز قان تەقدىم قىلغانلىق ھەققىدىكى كېنىشكەڭلارنى ئەكېلىڭلار، مەن بالاڭلارغا باشقا يەردىن قان ئەكېلىش ھەققىدە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويدۇم.
    تۇدىنىڭ بېشىدا چاقماق چاققاندەك بولدى. تۇردى ئالىي مەكتەپتە بىئولوگىيە ئوقۇغان ئىدى. بىر بالىغا دادىسى بىلەن ئانىسىنىڭ قېنى ئۇدۇل كەلمىدى دېگەن گەپنىڭ نېمە مەنىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلەتتى. بالىنىڭ ئۆز بالىسى ئەمەسلىكىدە قىلچە  گۇمان قالمىغانىدى. ئۇ ھالسىز ھالدا تالاغا چىقتى. كارىدوردىكى ئادەملەرگىمۇ دىققەت قىلمىدى.
    تۇردى تالاغا چىقىپ ئەتراپقا نەزەر تاشلىدى. ئۇ چۈش كۆرمىگەن ئىدى. بۇ ئۇنىڭ چۈشى ئەمەس ئىدى. بايىلا ئۇنى پەرزەنتلىك ئوتىدا كۆيدۈرگەن بالا ھازىرلا ئۇنىڭ بالىسى بولماي چىققانىدى. پەن ئالدىدا بىرنەرسىنى يوشۇرۇپ قالغىلى بولمايتتى. ئۇ ئوغلىغا  ياق، ياق، كىمنىڭ بالىسى ئىكەنلىكى ئېنىق بولمىغان، نەچچە مىنۇت ئىلگىرى ئۆزى ئوغلۇم دەپ قاراپ كەلگەن ھېلىقى بالىغا بار مۇھەببىتىنى بەرگەن، تۆرەلگەن كۈنىدىن باشلاپ بىر خىل چۈشەنگۈسىز پەرزەنت مۇھەببىتى يۈرىكىگە چاقماقتەك بۆسۈپ كىرگەن، ئۇنىڭ ھاياتىغا يېڭى مەنە قوشقان ئىدى. ئەمدى بۈگۈنچۇ؟ پەننىڭ رەھىمسىز ئىسپاتى ئۇنى ئېگىز بىر مۇناردىن يىقىتتى. ناۋادا بالا ئاغرىپ قالمىغان بولسا قانداق بولۇر ئىدى؟ ئۇ بىر ئۆمۈر خەقنىڭ بالىسىنى ئۆز بالام دەپ ئالدىنىپ يۈرەرمىدى؟
    ئۇ كوچىدا خېلى ئۇزۇنغىچە مەقسەتسىز ئايلىنىپ يۈردى. بەزىدە بولغان ئىشلار چۈشمۇ يە؟ دەپ ئويلا قالاتتى. بەزىدە قان تەكشۈرۈش نەتىجىسى خاتا چىققان بولسىچۇ دەپ ئويلاپ قالاتتى. قەلبىدىكى نەپرەتكە ئايلىناي دەپ قالغان پەرزەنت مۇھەبىىتى قايتا يېلىنجىپ ئۇنى «ئوغلى» تەرەپكە سۆرەيتتى. لېكىن نېمىشقىدۇر توختاپ قالاتتى. ئەمما يوقاتقىلى بولمايدىغان پاكىت ئۇنىڭ بالىغا مېھرى چۈشۈپ قالغانىدى. قەلبىنىڭ بىر يەرلىرىدە بالىغا بولغان مۇھەببەت ۋە ئىچ ئاغرىتىش يالقۇنجاپ كۆيەتتى. بۇ ئاجايىپ بىر مۇرەككەپ، تەسۋىرلىگۈسىز تۇيغۇ ئىدى.

    2

       ئۇنىڭ بۇ قىزغا كۆيۈپ قالغىنىغا ئۇزاق بولغانىدى. قاچاندىن بېرى قىز ئۇنىڭ قەلب قەسىرىگە بۆسۈپ كىردى، ئۇنىڭ تولۇق ئىسىدە يوق. ئەمما بۇ قىزسىز ياشىيالمايدىغانلىقىنى ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىلى تولۇق ھېس قىلغان، ئاشۇ قىزنىڭ ۋىسالىسىز ھاياتنىڭ نەقەدەر مەززىسىز ئىكەنلىكىنى چۈشەنگەن چاغدا تۇيۇقسىز قوينىغا مۇزدەك پاقا كىرىۋالغان ئەركە قىزدەك قورقۇپ كەتكەن ئىدى. مۇھەببەتنىڭ سىرلىق قۇدرىتى ئالدىدا خوش بولۇش ئورنىدا غال - غال تىترىگەن ئىدى. ئۇ مۇھەببەتنى قىلچە چۈشەنمەيتتى. قەلبىنىڭ بىر قىزنىڭ قىزلىق سېھرى كۈچى ئالدىدا نېمە قىلارىنى بىلمەي قېلىشى، تۇيغۇسىنىڭ ئۆزىگە بويسۇنماي كېچىلىرى تەگسىز خىيالغا چۆمۈشى ياخشىلىقتىن بىشارەت ئەمەس ئىدى. ئۇ شۇنداق بىر تۇيغۇنىڭ قۇلى بولۇپ قېلىشنى خالىمايتتى. بۇ ئۇنىڭ ئاللىقانداق  مۇقەددەس بىر ئىشقا ئىرادە باغلاپ، غايە يولىغا جېنىنى پىدا قىلغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى تۇغما ئاۋارىچىلىقتىن قورقىدىغان پسىخىكىسىنىڭ رول ئوينىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان  ئالاھىدە كۆز قاراشنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى ئىدى. ئۇنىڭ نەزىرىدە مۇھەببەت بىر ئاۋارىچىلىق ئىدى. ئەمما قەلبى ئۇنى دائىم شۇ كوچىغا سۆرەپ تۇرۇۋالاتتى. كۆزى ئۇنىڭ ئىختىيارسىز قىزلارنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كېتىپ قالاتتى. خىيال قىلماي دېسىمۇ قىزلار خىيالىغا بوراندەك باستۇرۇپ كىرىپ ئارامىنى بۇزاتتى. بەزىدە ئۇ بۇنداق تۇيغۇنىڭ بەكمۇ شېرىن، شۇنداقلا ئازابلىق بولىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئاڭقىرالماي بىئارام بولاتتى. لېكىن قىزلار ھەققىدە خىيال قىلىشنىڭ نەقەدەر لەززەتلىك ئىكەنلىكىنى ئامالسىز تەن ئالاتتى. شۇنداق ئامالسىزلىق ئۇنى ئاخىرى ھەرىكەتكە كەلتۈردى. نۇرغۇن خىيال ۋە ئەمەلىي كۈزىتىش جەريانىدا شەكىللەنگەن مۇھەببەت قارىشىدىكى يېڭىلىنىش ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى مۇھەببەتتىن قورقۇش پسىخىكىسىنى يېڭىپ، سۇسلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىدا مەلۇم دەرىجىدە ساغلام مۇھەببەت پسىخىكىسى پەيدا قىلدى. بىرنەچچە ساۋاقدىشىنىڭ مۇھەببەت سىناقلىرىدىكى مۇۋەپپەقىيەت ئۇنىڭ قەلبىدە تارىختا بولۇپ باقمىغان دادىللىقنى پەيدا قىلدى. ئۇ بارا - بارا مۇھەببەتنى ئاۋارىچىلىق دەپ قارايدىغان كۆزقاراشنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇپ مۇھەببەتكە ئىنتىلىدىغان، قىزىقىدىغان بولدى. بەلكىم بۇ كۆزقاراشنى ئۇنىڭ قەلبىدە نەچچە يىلدىن بۇيان ئارامسىز كۆيۈپ، ئۆچۈپ قېلىش ئورنىغا بارا - بارا ئۇلغايغان مۇھەببەتنىڭ تۈگەنسىز يالقۇنى پەيدا قىلدى دەپ قارىساق نىسبەتەن ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇشى مۇمكىن.
    ئۇ ياخشى كۆرىمەن دەپ يۈرىۋاتقان قىزنىڭ ئىسمى ئايشەمگۈل بولۇپ، ئوتتۇرا بوي، قاراماتاق كەلگەن قىز ئىدى. قوشنا فاكۇلتىتتا ئوقۇيتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ شۇنداق بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىدىن ھەيران قالاتتى. قىزدا ئادەمنىڭ كۆزىگە دەرھال چېلىقىپ كەتكۈدەك بىرەر ئالامەت يوق ئىدى. ئاددى بىر قىز ئىدى، گۈزەل دېيىشكە توغرا كەلسە قىزنىڭ ئاددىيلىقىنى ئەڭ بۈيۈك گۈزەللىك دېيىشكە بولاتتى.
    بىر قېتىم ئۇلارنىڭ ياتىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن يوشۇرۇن ھاراق سورۇنىدا ئۇ تۇنجى قېتىم ھاراق ئىچتى. ئوقۇغۇچىلار ياتىقىدا يوشۇرۇن ھاراق سورۇنلىرى پات - پات ئۆتكۈزۈلۈپ تۇراتتى. بۇنداق سورۇنغا ئالاھىدە تەييارلىق كەتمەيتتى. ئاۋال ئۆيىدىن پۇل كەلگەن بىرەرى پۇلنى ئەكېلىش ئۈچۈن پوچتىخانىغا مېڭىش ئالدىدا يېقىن ئۆتىدىغان بىرەرىگە «زىياپەت»تىن بىشارەت بېرەتتى. بېشارەتنى قوبۇل قىلغۇچى بىر ياتاقتىكى بالىلار ۋە باشقا تونۇشلارنى بۇ ئۇچۇردىن خەۋەردار قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىر ماشىنىنىڭ ئايرىم - ئايرىم زاپچاسلىرىدەك ئۈن - تىنسىز ھەرىكەتكە كېلەتتى، ھەركىم ئۆز قولىدىن كەلگۈچە تەييارلىق قىلاتتى. بىرەيلەن مەكتەپ ئاشخانىسىدىن بىرەر تەخسە ئەرزان باھالىق قورۇما ئېلىۋالاتتى. كۆپىنچە ھاللاردا قورىمىمۇ تەييارلانمايتتى. يەنە بىرەيلەن مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كەچلىك نۆۋەتچىلىك ئەھۋالىنى تىڭ - تىڭلايتتى. ئاخىرىدا ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى پۈتۈن ياتاق بىناسىنى تەكشۈرۈپ، پۈتۈن مەكتەپنىڭ توكى ئۆچۈرۈلگەندە ۋۇجۇدىنى ھاراققا بولغان تەلۋىلەرچە قىزىقىش قاپلاپ كەتكەن، ئاتا - ئانىسىنىڭ قان - تەرىنى ھاراق قىلىپ ئىچىدىغان بۇ ھاراقكەشلەر «زىياپەت»نى باشلايتتى. يورۇقى تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ دەپ قارىلىپ شام يېقىلمايتتى. ياتاق ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئۈستەلنىڭ ئەتراپى ئادەم بىلەن لىق تولاتتى. ئاۋال ئۆيىدىن پۇل كەلگۈچى سورۇن ئەھلىگە كۆڭلىنى ئىزھار قىلىپ ئاتىغىنىنى ئەڭ ئەرزان باھالىق ھاراقتىن بىر - ئىككى بوتۇلكىنى ئۈستەلگە قوياتتى. ئاندىن كىمدۇر بىرى سۇ خانىدىن لىق بىر قاچا سۇنى زاكۇسكا ئورنىدا ئوتتۇرىغا ھازىر قىلاتتى. كىمدۇر بىرىدىن يەرلىك مەھسۇلاتتىن ئازراق چىقىپ قالاتتى. ساقى بولسا سۈرەت پىليونكىسىنىڭ قېپىدىن ئۆزگەرتىپ ياسىۋالغان رۇمكىسى بىلەن ساقىلىق قىلىشقا باشلايتتى... شۇنداق قىلىپ ناھايىتى قىزغىن بىر سورۇن باشلىنىپ كېتەتتى. نۇرغۇن غايىلەرنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلگەن كەلگۈسىنىڭ بۇ ئىگىلىرىنىڭ ئۆز - ئۆزىنى زەھەرلەش ئېڭى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلەتتى. ئۇ بۇنداق سورۇنلارغا قاتناشمايتتى. ھاراق ئىچىشنى يامان كۆرگەنلىكى تۈپەيلىدىن ئەمەس، بەللكى نامراتلىق ۋە ئىش چىقىرىپ قويۇشتىن قورقۇش پسىخىكىسى ئۇنى ھاراق سورۇنلىرىغا يېقىن يولاتمايتتى. ساۋاقداشلىرى ئۇنى ئىچىشكە نەچچە قېتىم زورلاپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان ئىدى. ھاراق دېگەننى ئوغۇل بالىنىڭ ئوغۇل بالىسى ئىچەلەيدۇ دېگەندەك شاڭخو پاراڭلارمۇ ئۇنى ئەيۋەشكە كەلتۈرەلمىگەن ئىدى. كېيىن ساۋاقداشلىرى ئۇنىڭغا ھاراق زورلىمايدىغان بولدى. ھەتتا ھاراق سورۇنلىرىدا ئۇنى ئەسلەپمۇ  قويمايدىغان بولۇشتى. ئۇ ھەر دائىم ھاراق سورۇنى بولغاندا ئەڭ بۇرۇن يېتىۋالاتتى. بۈگۈن ئۇ بۇ ئادەتنى ئۆزگەرتتى. قەلبىنى ئۆرتەۋاتقان ياۋۇز ئوت ئۇنىڭ كاللىسىدا ھاراق ئىچىش ئويى پەيدا قىلدى. ھاراق ئىچىش ئارقىلىق بىردەم بولسىمۇ ئازابتىن قۇتۇلماقچى بولدى. ئۇ گەرچە ھاراق ئىچىپ باقمىغان بولسىمۇ ئۆزى ئوقۇغان كىتابلاردىكى ھاراق ھەققىدىكى گۈزەل بايانلار ۋە ھاراقكەشلەرنىڭ مەستلىكتىن كېيىنكى ئۆزلىرىنى شەھەر ئالغان قەھرىماندەك ئورۇنغا قويۇپ، ھاراققا تاقابىل تۇرۇش جەريانىنى زوق - زوق بىلەن ھېكايە قىلىشلىرى ئۇنىڭ كاللىسىدا ھاراق ھەققىدە  تولۇق تونۇش پەيدا قىلغان، ئالىي مەكتەپكە دەسلەپ كەلگەن چاغلاردىكى ھاراقتىن سەسكىنىش كەيپىياتىنىڭ ئورنىنى ھاراققا بولغان يوشۇرۇن مەھلىيالىق ئىگىلەپ بولغانىدى.
     دوستلار، يېڭىلىق، دېدى ئۇنىڭ بىلەن بىر پارتىدا ئولتۇرىدىغان بالا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن قەستەن ئاۋازىنى كۈلكىلىك چىقىرىپ، بۈگۈن توخۇ جىرىم غاجامدۇ نېمە؟ قاراڭلار تۇردىغا...
     ئۇ بۈگۈن تۇرامدۇ نېمە؟ دېدى يەنە بىرەيلەن ئۇنىڭ ئىسمىنى شاڭخو قىلىپ.
    ئۇ قىزىرىپ كەتتى. لېكىن قاراڭغۇ بولغاچقا ھېچكىم بايقىمىدى. ئۇ يۈز تېرىسىنىڭ كۆيۈشۈۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى.
    شۇنداق قىلىپ ئۇ خېلى ئۇزۇنغىچە شاڭخونىڭ ئوبيېكتى بولدى. بىرىنچى رومكا ھاراقنى ئۈلپەتلىرىنڭ ھۇررا ساداسى ئىچىدە ئىچىۋەتتى. ئادەمنىڭ ھاياتىدا نۇرغۇن قېتىملىق «تۇنجى»لار بولىدۇ. ئۇ بۈگۈنكى ئىشنىمۇ ھاياتىدىكى مۇھىم تۇنجىلىرنىڭ بىرى دەپ قارىدى. شۇڭا ھاراق ھەققىدىكى تۇنجى تۇيغۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ھاراقنى ئالدىرىماي تامشىتىپ تۇرۇپ ئىچتى. لېكىن ھاراقنىڭ تۇنجى تامچىسى تىلىغا ئۇرۇلغاندا شۇنداق قارارغا كەلگەنلىكىگە مىڭ توۋا دېدى. ئۇ ئىلگىرى زادى تېتىپ باقمىغان، تەسەۋۋۇرىدىكى ھاراقنىڭ تەمى بىلەن زادى ئوخشىمايدىغان بىر قاڭسىق ۋە ئاچچىق تەم تىلىنىڭ ئۇچىنى بويلاپ پۈتۈن بەدىنىگە تارالدى. ئۇ شۈركىنىپ كەتتى.
    ساۋاقداشلىرى كۈلۈشۈپ كەتتى. ئۇ يەنە بىر نەچچە رۇمكا ئىچتى، بارا - بارا ھاراقتىكى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئاجايىپ بىرقىسما قىلىپ قويىدىغان غەيرى تەم يوقۇلۇپ، تىلى بۇ خىل يات تەمگىمۇ كۆندى. باشتا ئالدىرىماي ئىچەي دەپ غۇدۇراپ باقان بولسىمۇ كېيىن ساقىنىڭ قولىنى زادى قايتۇرمىدى. بارا - بارا سورۇننىڭ دىققىتى باشقىلارغا، باشقا تېمىلارغا يۆتكەلدى.
    سورۇندا كېيىن نېمە ئىشلار يۈز بەردى؟ ئۇنىڭ ئېسىدە يوق. ئۇ بىر چاغدا كۆزىنى ئېچىپ ئۆز كارۋىتىدا ياتقانلىقىنى، بېشىنىڭ لوقۇلداپ ئاغرىۋاتقانلىقىنى سەزدى. ئاخشامقى ئىشلارنى خىرە - شىرە ئەسلىيەلىدى ۋە چۆچۈپ كەتتى. ئاخشام ئۇ بارلىق دىققىتىنى ھاراق ئىچىشكىلا قارىتىپ، بۇ «تۇنجى»نىڭ تۇنجى تۇيغۇلىرىنى بايقاشقا قاراتقاچقا، سورۇندىكى باشقا ئىشلارغا ئۇنچە كۆڭۈل قويالمىغان، ئاستا - ئاستا مەس بولۇپ خۇدىنى يوقاتقانىدى.
     قانداقراق ئوغۇل بالا، پەيزىڭلار بار ئىكەن، ئۇقماپتۇق. ئىلگىرى نەچچە قېتىم زورلىساق ئۇنىمىغانتىڭلار، كەيپىياتىڭلار قانداقراق؟
    ئۇنىڭ بېشى ئاغرىپ تۇراتتى، ئۈندىمىدى. بىر كۈن كەچكىچە ئۇنىڭلا پارىڭى بولدى. ئۇ باشقىلارنىڭ ئاغزىدىن ئۆزىنىڭ مەستچىلىكتە نۇرغۇن بولمىغۇر ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ئاڭلىدى. ئۇ ھاراق ئىچسە شۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىدىن خەۋىرى بولغاچقا روھى تەييارلىقى بار ئىدى. شۇڭا بولۇۋاتقان پاراڭلارغا ئانچە پەرۋا قىلىپ كەتمىدى. ئەمما مەستچىلىكتە كۆڭۈل سىرىنى ئاشكارىلاپ قويغانلىقىدىن يۈزى قىزاردى. ئۇ مەستچىلىكتە بىر قىزنى يوشۇرۇن ياخشى كۆرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى جاكارلاپ، قىز بىلەن ھازىرلا كۆرۈشىمەن دەپ جىدەل قىلغانىدى.
    ئۇ ئۆزىنىڭ مەستچىلىكتىكى جۈرئىتىدىن ھەيران قالدى. ئەمما كۆڭۈل سىرىنىڭ ھەممە ئادام ئالدىدا ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقىدىن ئۆز گۆشىنى ئۆزى يىگۈدەك بولدى.
    ئىككى كۈن ئۆتمەي ئۇنىڭ مەخپىيىتىنى ھەممە ئادەم بىلىپ كەتتى. ئۇ قىز ساۋاقداشلىرىنىڭ مەنىلىك بېقىشلىرىدىن بۇ نۇقتىنى چۈشىنىپ يەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ئىشنىڭ يالغانلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولغاندەك قىز ئۇچراپ قالغان جايلاردىن ھېچنېمە كۆرمىگەندەك ئۆتۈپ كېتىشكە تىرىشىدىغان بولدى. بۇنداق چاغلاردا ئۇنىڭ تۇيغۇسى ئۆزىگە بويسۇنماي كېتەتتى. كۆزلىرى بىلىپ - بىلمەي قىز تەرەپكە كېتىپ قالاتتى. پۇتلىرى كالۋالىشىپ ئۇنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ قويۇشقا ئۇرۇناتتى. ئۇ قىز بار جايدىن يىراقلىغىچە پىلسىراتتىن ئۆتكەندەك بولۇپ كېتەتتى. بەزىدە پىلسىراتتىن ئۆتمەك بۇنچە قېيىن بولماس دەپ خۇرسىنىپ قوياتتى.
     نېمە بولدۇڭ؟ دېدى بىر كۈنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە  تاماق يەيدىغان، ئۆزىنى ئۇنىڭ دوستى ھېسابلايدىغان بىر بالا، ئۆتكەندە ئىچىۋالغاندا ھېچكىمگە بوي بەرمەي ۋاقىرايسەن. ئايشەمگۈل ئۈچۈن ئۆلۈشكە رازىمەنەي، ھازىرلا كۆرۈشۈپ تەلەپ قويۇمەنەي دەپ قىلمىغىنىڭ قالمايدۇ. ئەتىسى ھېچنېمە كۆرمىگەندەك يۈرۈۋاتىسەن، سېنى زادى چۈشىنىپ بولالمىدۇققۇ تاڭ.
     كەيىپچىلىك، دېدى ئۇ تەن ئالماي، مەستچىلىك پەسچىلىك دەيمىزغۇ، مەستچىلىكتە ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن. شۇ قىز كۆڭلۈمگە كىرىپ قاپتۇ. توۋا دېدىم، ئويغانسام نېمە دېگىنىم ئېسىمدە يوق. يا مەن ئۇ قىزنى ياخشى كۆرمىسەم.
    بۇ گەپ بىلەن تەڭ ئۇنىڭ چىرايى ۋىللىدە قىزىرىپ سىرىنى ئاشكارىلاپ قويدى. بۇ بالا كۈلۈپ كەتتى.
     ئاداش، ئاشىقلىق گۇناھ ئەمەس. خىجىل بولۇشنىڭ ھاجىتى يوق. مەنمۇ ئاشىق بولغان، قېنى كىممۇ ئاشىق بولمايمەن دېيەلەيدۇ. ئەمما ئوغۇل بالا ئۈچۈن مەشۇقنىڭ ۋەسلىگە يېتەلمەسلىك ئەڭ زور ھاقارەت. شۇڭا كونىلاردا جاندىن كەچمىگىچە جانانغا يەتكىلى بولماس دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ.
    تۇردى بىرھازا جىمىپ كەتتى. ئەمدى بۇ ئاغىنىسى ئالدىدا يوشۇرغۇدەك سىر قالمىغاندەك قىلاتتى. ئۇ گۇاڭجۇ ماركىلىق تاماكىدىن بىر تالنى لىۋىگە قىستۇرۇپ ئاچچىق - ئاچچىق شورىدى. ئەمما ئىش چىقمىدى. ئاغىنىسى ئۇنىڭ لىۋىدىكى تاماكىنى ئېلىپ ئوڭشاپ قويدى. ئەسلىدە ئۇ تاماكىنى تەتۈر چىشلىۋالغانىدى. ئۇ يەنە بىر قېتىم قىزىرىپ كەتتى. ئاغىنىسى بولسا  بۇ ئىشنى ئاشىقلىقنىڭ سەۋدالىقىدىن كېلىپ چىققان دەپ قاراپ ئىچىدە كۈلۈپ قويدى. ئەمما تۇردى تاماكا چىكىشنى تېخى تولۇق ئۆگەنمىگەن بولغاچقا، ھەم تاماكا خۇمارىمۇ بولمىغاچقا ساختا بەڭگىلىكىم چېنىپ قالدىمۇ يا دەپ ۋەسۋەسىگە چۈشتى. ئالىي مەكتەپتە نۇرغۇن بالىلار تاماكا چېكىشنى ئەنە شۇنداق دوراپ يۈرۈپ ئۆگىنىپ قالاتتى. نېمىشقىدۇر بەزى ھايات ھەققىدىكى كۆز قارىشىنىڭ تايىنى يوق بالىلىرىغا تاماكا چەككۈچىلەر ئالاھىدە سۆلەتلىك كۆرۈنۈپ كېتەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزىمۇ بىلمەي دوراپ چېكىشكە باشلايتتى. بىلىپ - بىلمەي تاماكىغا خۇمار بولۇپ قالاتتى. تۇردىنى ئاغىنىسىنىڭ تەكلىپى تەڭقىسلىقتىن قۇتۇلدۇردى.
     ماڭە، سىرتقا چىقىپ كېلەيلى، ياتاقتىن چىقماي خىيال قىلىۋەرسەڭ  زەئىپلىشىپ كېتىسەن.
    شۇندىن كېيىن ئۇ ئاشىقلىقىنى بەكمۇ يوشۇرۇپ كەتمەس بولدى. كېيىنكى قېتىملىق  ھاراق سورۇنىدا يەنە بىر قېتىم ئايشەمگۈل بىلەن كۆرۈشىمەن دەپ پوپاڭ سالغاندىن كېيىن بالىلار ئۇنىڭ بۇ سىرىغا قىزىقماس، ھەتتا ئۇنى ئايشەمگۈلگە قاچان تەلەپ قويىسەن دەپ ساز قىلىدىغان بولۇۋالدى. بەزىدە ئۇ ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۆزىنى ساز قىلىۋاتقانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ قەستەن ساز بولۇپ بېرەتتى.
     ئايشەمگۈلنى كەلتۈرۈپ بولدۇم، دەپ قوياتتى ئۇ بەزىدە.
    ھەقىقەتەن ئۇ يېقىندىن بۇيان خىيالىدا ئايشەمگۈلگە نەچچە قېتىم تەلەپ قويۇپ بولغان، ھەتتا قىزمۇ نەچچە قېتىم ئۇنىغان ئىدى. بەزىدە ئۇ شۇنداق خىياللارنى قىلىپ خىيالىغا ئۆزىمۇ ئىشىنىپ قالاتتى. ئەمما رېئاللىق ئۇنى ئاچچىق تۇرقى بىلەن مەسخىرە قىلىپ ھىجىيىپ تۇراتتى.
    ئۇ بىرنەچچە قېتىم قىزغا تەلەپ قويماقچى بولدى. ئاغىنىسى ئۇنىڭغا بىرنەچچە ئۇسۇلمۇ ئۆگەتتى. ئەمما ئۇ ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئالدىدا پۈتۈن ۋۇجۇدىنى بىر خىل قورقۇنچ بېسىۋالاتتى قىزنىڭ سىنىپى بار تەرەپكە قايرىلاي دەيتتىمۇ بوپتىلا ئەتە بىر گەپ بولار دەپ كەينىگە يېنىپ كېتەتتى. كەينىگە يانغاندا گەجگىسىدىن تۈگمەن تېشى ئېلىۋېتىلگەندەك يېنىكلەپ قالاتتى.
    ئاغىنىسى ئۇنىڭغا ئىش ئۆگىنىپ ھاردىمۇ، كېيىن بۇ ھەقتە پاراڭمۇ سالماس بولدى. ئۇمۇ ئىختىيارى قالغانلىقىدىن بەكمۇ رازى ئىدى. ئەمدى ھېكىم ئۇنى قىزغا تەلەپ قويمىدىڭ، ئۇنداق قىل، مۇنداق قىل دەپ ئەيىپلەپ يۈرمەيتتى. بىرنەچچە قېتىم ئويلىمىغان جايلاردا قىز بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالدى. ئىككىيلەننىڭ كۆزى ئۇچراشقان ھامان تۇردىنىڭ گەپ قىلىشقىمۇ ماجالى قالمىدى. قىز يىگىتكە مەغرۇرلۇق بىلەن قاراپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتتى. قىزنىڭ قاراشلىرىدىن قارىغاندا تۇردىنىڭ ئاشىقلىقىدىن خەۋەرداردەك قىلاتتى. بەلكىم بۇ ئىشتىن قىزنىڭ ھەقىقەتەن خەۋىرى بولۇشى مۇمكىن. كىچىككىنە بىر مەكتەپ ھويلىسىدا نەچچە مىڭ ئادەم ياشىغاندەك قىلغان بىلەن مەخپىيەتلىك بەكمۇ ئوڭاي ئاشكارا بولۇپ كېتەتتى. ئۇلارنىڭ فاكۇلتېتى بىلەن قىزنىڭ فاكۇلتېتى بىر بىنانىڭ ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى قەۋىتىدە ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ سىرىنىڭ قىز ئالدىدا ئاشكارا بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئويلىغانسىرى قىزدىن قاچىدىغان بولۇپ قالدى. ئىككىنچى قېتىم ئۇلارنىڭ ئۇچرىشىشى بەكمۇ تاسادىپى بولدى. قىش كۈنى يول ئاجايىپ تىيىلغاق ئىدى. ئۇ خىيال بىلەن كېتىۋىتىپ ئالدىدا بىر كىمنىڭ يىقىلغانلىقىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى. بىر قىز ھاۋا تاپان بولۇپ يىقىلىپ چۈشكەن، تېخى ئورنىدىن تۇرالماي ئىڭراپ ياتاتتى. ئۇ دەرھال قىزنى يۆلىدى. قىزنى يۆلەپلا نېمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى. يىقىلىپ چۈشكەن قىز باشقا بىرسى ئەمەس دەل ئۇ كىچە - كۈندۈز خىيالىدىن چىقىرالمايدىغان ئايشەمگۈلنىڭ دەل ئۆزى ئىدى.
    ئۇ شۇ كۈنى قىزنىڭ راھەت بەخش تىنىقلىرىنى بەكمۇ يېقىندىن ھىدلىدى. كۆڭلى ئېيتقۇسىز دەرىجىدە يايراپ كەتتى. ئەمما قىز بىلەن بىر ئېغىزمۇ پاراڭلاشمىدى. گويا تىلى تۇتۇلۇپ قالغاندەك گەپ قىلىشقا پېتىنالمىدى. ھەتتا نېمىشقىدۇر ئۆزىنى قىزنى زادى تونۇمايدىغان ئادەمدەك كۆرسىتىشكە تىرىشتى. شۇنداق قىلغانلىقىدىن ئۆزىمۇ ھەيران قالدى.
    كېيىن ئۇ خېلى ۋاقىتلارغىچە شۇ ئىشلاردىن مەسخۇش بولۇپ يۈردى. ھەتتا شۇ چاغدا ئۆزىنى كۆرۈپ قالغان بىرنەچچە قىز ساۋاقدىشىنىڭ «ئايشەمگۈلنى كەلتۈرۈۋالدىڭىزمۇ» دېگەن سوئالىغا سىرلىق ھىجىيىپ قويۇش بىلەن جاۋاب قايتۇردى.
    ئۇ قىزغا ئاشىق بولۇپ تەلەپ قويىمەن دەپ تەلەپ قويالماي، ھەتتا قىز بىلەنمۇ تونۇشالماي  ئالىي مەكتەپ ھاياتى تۆتىنچى يىلىغا قەدەم قويدى. ئارىدا ئۇ بىر قېتىم غەرق مەست بولدى. ساۋاقداشلىرى كەچلىك مۇزاكىرىدىن يانغاندا تۇردى ياتاقنىڭ ئوتتۇرىسىدا، مۇزدەك سىمونت يەردە يىغلاپ ياتاتتى. ساۋاقداشلىرى بۇ ھالدىن چۆچۈپ ئالدىراپ ئۇنى يۆلەشتى ۋە ئۇنى پاراڭغا سالدى.
        - ئايشەمگۈل بىرسى بىلەن يۈرۈۋاپتۇ. بىر گۇينىڭ ئۇنى قۇچاقلاپ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم.
    ساۋاقداشلىرى نېمە ئىش بولغانلىقىنى چۈشىنىپ بىر - بىرىگە مەنىلىك قاراپ قويۇشتى.
    ئۇلار ئايشەمگۈلنىڭ باشقا بىرەيلەن بىلەن يۈرۈۋالغانلىقىدىن خېلى بۇرۇنلا خەۋەر تاپقان، لېكىن تۇردىغا دېمىگەن ئىدى، خالاس. ئۇلار تۇردىنى پەپىلەپ ياتقۇزۇپ قويۇشتى. تۇردى ھاراقنى خېلى ئىچكەچكە بىردەم دىڭشىپ ئاندىن كېيىن خورۇلداپ ئۇخلاپ قالدى.
       -  بۇ ئاداش يا ئۆزى قىزغا تەلەپ قويمايدۇ، خەق يۈرۈۋالدى يىغلايدۇ، نېمىگەپ بولۇپ كەتتى بۇ جاھان. يا قىز ماڭا تەلەپ قويار دەپ ئويلىغان بولغىيمىدى؟ زادى چۈشىنىپ بولالمىدىم. قىزغا شۇنداق كۆيىدۇ، لېكىن گەپ قىلىشقا پېتىنالمايدۇ، دەپ غۇدۇراپ قويدى خوتەنلىك بالا.

    3

       تۇنجى مۇھەببەت شۇنداق مۇۋەپپەقىيەتسىز ئاخىرلاشتى. گەرچە تۇردىنىڭ بىر قىزغا ئاشىق بولۇش جەريانىنى تۇنجى مۇھەببەت دەپ قارىغىلى بولمىسىمۇ، تۇردى ئۇنى تۇنجى مۇھەببەت دەپ ئاتاپ قوياتتى ھەم تۇنجى مۇھەبىىتىم شۇ دەپ قارايتتى. ئۇنىڭ بۇ مەجنۇنلۇق تارىخىنى پەقەت يېزىلمايلا ئاخىرلاشقان بىر ھېكايە دەپ قاراشقىلا بولاتتى.
    ئالىي مەكتەپنىڭ ئاخىرقى يىلى ئۇلارنىڭ سىنىپى ئوقۇغ پۈتتۈرۈش چېيى قىلدى. چايغا فاكۇلتېت رەھبەرلىرى ۋە بىرنەچچە ئوقۇتقۇچى قاتناشتى. تۇنجى قېتىم ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار بىرگە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچىشتى. سورۇننىڭ كەيپىياتى بەكمۇ يۇقىرى ئىدى. بۇ كۈنى تۇردى ھاراقنى يەنە بولۇشىغا ئچىتى. ھېچكىمنىڭ قولىنى ياندۇرمىدى. ھەتتا تېنى ئاجىز بىرنەچچە ئوقۇتقۇچىنىڭ نۆۋىتىنى كۆتۈرۈشۈپ بەردى. ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭغا قاراپ رازىمەنلىك بىلەن باش لىڭشىتىپ قويدى. ھازىر ھەممە بالا ئۆز دەردى بىلەن ئالدىراش ئىدى. بۈگۈنكى چاي ئۇلارنىڭ  ئەڭ ئاخىرقى جەم بولۇشى كەبى ھەممە بالا ئۆز كۆڭلىدىكىنى ئېيتىۋېلىشقا، كىملەرگىدۇر يۈرەك سۆزىنى ئايان  قىلىشقا ئىنتىلەتتى. بىر چاغدا خوتەنلىك بالا دوستى تۇردىنىڭ دەلدەڭشىگەن ھالدا سىرتقا  ماڭغانلىقىنى كۆردى. كۆڭلىدىن يامان بىر ئوي كەچكەندەك بولۇپ تۇردىنى توسۇۋالاي دېدىيۇ، توسۇشقا ئۈلگۈرەلمىدى. چىرايلىق بىر قىز ساۋاقدىشىنىڭ ئۆزىگە قاراپ بىرنەرسىلەرنى دەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەممىنى ئۇنۇتتى.
       تۇردى چاي سورۇنىدىن چىققان پېتى قىزلار ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ بىر تۈپ قارا ياغاچقا يۆلىنىپ كۈتۈشكە باشلىدى. بىر چاغدا ياتاق بىناسى ئالدىدا ئايشەمگۈل پەيدا بولدى. تۇردى ھېچنېمىگە پەرۋا قىلماي قىزغا ئۆزىنى ئاتتى. قىز تۇيۇقسىزلا يېنىدا پەيدا بولغان تۇردىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى، ئۆزىنى دالدىغا ئالاي دەپ ئويلىدىيۇ ئۈلگۈرەلمىدى.
       - سىزگە ئازراق گېپىم بار ئىدى، تۇردى قىينىلىپ تۇرۇپ.
    قىز ئۇنىڭ بىلەن ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىدا پاراڭلىشىشتىن خىجىل بولدىمۇ تۇردىغا ئەگەشتى.
     - سىزنى ياخشى كۆرەتتىم، دېدى تۇردى.
    ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگ ئەنە شۇنداق باشلىنىپ كەتتى.
        - بىلىمەن، دېدى قىز، ئەمما ھازىر ماڭا بۇ گەپنى دەپ يۈرگىنىڭىزنىڭ نېمە پايدىسى؟ يۈرگىنىم بار.
       - بۇنى بىلىمەن، دەپ جاۋاب بەردى تۇردى، باشقا مەقسىتىم يوق، بىلگەن بولسىڭىزلا كۇپايە. ئۆز ئاغزىم بىلەن ئېيتاي دەپ كەلدىم، خوش.
    ئۇلارنىڭ تۇنجى شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى سۆھبىتى ئەنە شۇنداق ئاخىرلاشتى. تۇردى ھەر قېتىم ئۆزىنىڭ شۇ قېتىمقى دادىللىقىنى ئەسلىگەندە سۆيۈنۈپ كېتەتتى. قىزغا شۇنداق دادىللىق بىلەن تەلەپ قويغىنىدىن رازى بولاتتى. كېيىن ئۇ خىزمەتكە چىقتى، ھەتتا بىر نەچە سورۇندا يېڭى تونۇشقان دوستلىرى بىلەن قىز كەلتۈرۈش تاكتىكىلىرى ھەققىدە چوڭ - كىچىك سۆھبەتلەردە بولۇپ قالدى. ھەتتا بىر كۈنى ئۇ پاراڭغا ئارىلىشىپ، ئۆزىنى تۇتالمىغان ھالدا ئەينى چاغدىكى تارىخىنى ھېكايە قىلدى.
       - شۇ كۈنى، دېدى ئۇ، بىر بوتۇلكا ھاراقنى پۇكەيگە يۆلىنىپ تۇرۇپ ئىچىۋەتكەندىن كېيىن قىزلار ياتىقى ئالدىدا كۈتۈپ تۇردۇم. ئىككى سائەتچە كۈتۈپ كۆزۈم تىشىلەي دېگەندە قىز پەيدا بولدى.
       لېكىن ئۇنىڭ سۆزلىگەن ھېكايىسى ئەينى دەۋردە يۈز بەرگەن ۋەقەدىن بەكمۇ پەرقلىنىدىغان بىر ھېكايە بولۇپ چىقتى. بۇنىڭغا ئۆزىمۇ ھەيران قالدى، ھېكايىدىكى باش قەھرىمان، بىر نەچچە قېتىم تەلەپ قويۇپ كەلتۈرەلمىگەن قىزنى زورلاپ پاراڭلىشىشقا ئېلىپ چىققان، ئەڭ قىزىقارلىق يېرى قىزنىڭ رايى بار يوقلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ مەجبۇرى باغرىغا باسقان، قىز بىردەم قارشىلىق كۆرسەتكەندىن كېيىن يىگىتنىڭ قۇچىقىدا ئېرىپ كەتكەنىدى.
       ئۇ بۇ ھېكايىنى بارغانسېرى بىيىتتى، چۈنكى بۇ ھېكايە ئۇنى سورۇندىكى ئابرويىنى تۇيۇقسىز يۇقىرى كۆتۈرگەن، ئۇنى ئىلگىرى ئۇنى ئۇنچە كۆزگە ئىلمايدىغان بىرنەچچە تەڭ تۇشى ئۇنى شۇندىن بۇيان خېلى ھۆرمەتلەيدىغان بولۇپ قالغانىدى. شۇندىن كېيىن ئۇ بۇ ھېكايىسىنى بارغانسېرى بېيىتتى. ھەتتا قانداق سورۇندا قانداق ھېكايە دېيىشنىڭ ئېپىنىمۇ بىلىۋالدى. بىر ھېكايىنى دەۋەرسە ناھايىتى تېزلا بۆز خالتىسىنىڭ تېگى كۆرۈنۈپ قالىدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ يېڭى ھېكايىلاردىن بىرنەچچىنى توقۇدى. لېكىن ھېكايىلىرىدە ئىزچىل ھالدا ئوغۇل بالىنىڭ قىزلار ئالدىدىكى  قەيسەرلىكى، مەردۇ - مەردانە، باتۇرلۇقى ئاساسى تېما قىلىندى. ئەلۋەتتە بۇ ھېكايىلەرنىڭ باش قەھرىمانى باشقا بىرسى ئەمەس، دەل ئۆزى ئىدى. ئۇ بارا - بارا ئۆزى توقۇۋاتقان ھېكايىلەردە تەسۋىرلەنگەن ئۆزى مەن شۇنداق قىلدىم دەپ قارىغان ئوغۇلبالىچە خارەكتىرنىڭ دەل ئۆزىدە زادى يوق، ئۆزى بەكمۇ ئېرىشىشنى خالايدىغان  خاراكتىر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتتى. قەلبى چەكسىز ھەسرەت بىلەن تولدى. لېكىن ئۇ شۇنداقتىمۇ بەزىدە ئۆزىنى ئازادە ھېس قىلىپ قالاتتى. چۈنكى ھېچكىم ئۇنىڭدا شۇنداق بىر خاراكتېرنىڭ بار - يوقلۇقىنى ئۆلچەپ بېقىشقا قادىر ئەمەس ئىدى. قارىغاندا  بۇنداق خاراكتېر كىشىلەر ئارىسىدا بەكمۇ ئازمۇ، كىشىلەر ئۇنىڭ مەلۇم ئادەمدە بار - يوقلۇقىغا پېتنىپ، باھا بېرەلمەيدىغان بولۇپ قېلىشقانىدى. شۇڭلاشقىمۇ ئۇنىڭ بۇ ھېكايىلىرى ھەققىدە گۇمانلىنىدىغانلىرى يوق دېيەرلىك ئىدى.
    لېكىن قىزىقارلىق يېرى ئۇ خىزمەتكە چىقىپ ئىككى يىلغىچە بىرەر قىزغىمۇ تەلەپ قويۇپ باقمىدى. سورۇنلاردا ئۆزىنى قىز كەلتۈرۈشكە ئاجايىپ ماھىر بىر ئادەم سۈپىتىدە سۈرەتلەيتتى. ھەتتا سورۇندا تونۇشقان ئىككى ئوتتۇرا تېخنىكومنى تۈگىتىپ دادىسىنىڭ كۈچى بىلەن خىزمەتكە ئورۇنلاشقان بىر يىگىت ئۇنىڭدىن قىز كەلتۈرۈش  ھەققىدە  مەسلىھەتمۇ سورىغانىدى. ئۇ خەققە ئۆزى كىتابلاردىن كۆرىۋالغان بەزى چارىلەرنى ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرى بىلەن يۇغۇرۇپ، ھىندىستان كىنولىرىدىكى بەزى دىتاللار بىلەن تەم - تۇزىنى تەڭشەپ قىز كەلتۈرۈشنىڭ ئېپى سۈپىتىدە تەقدىم قىلاتتى. بەزىدە مەن بىر قىزنى شۇنداق كەلتۈرگەن دەپ ھېكايە توقۇپمۇ قوياتتى. لېكىن شۇنداقتىمۇ بەزى كېچىلىرى ئۇيقۇسى قاچقان ھالدا قىزلارنى خىيال قىلىپ قالاتتى. قىز كەلتۈرۈش ھەققىدە پىلانلارنى تۈزەتتى. مۇنداق ئەھۋال كۆپىنچە ھاراق سورۇنلىرىدىن دەلدەڭشىپ يېنىپ، بويتاقلار ياتىقىغا يانغاندا بەكمۇ كۈچىيىپ قالاتتى. ئەتىسى بېرىپ پالانى قىزغا تەلەپ قويمىسام دەپ شۇنداق جۈرئەتلىنىپ كېتەتتىكى، ئەتىسى تاڭ ئاتقاندا سۇغا چۈشۈپ كەتكەن مۈشۈكتەك ھالدا كېلىپ قالاتتى. ئۇ بۈگۈنگە قەدەر  ئايشەمگۈلنى ئۇنتۇيالمىغان ئىدى. بەزىدە ئايشەمگۈل نېمىش قىلىۋاتقاندۇ دەپ ئۇزاق خىيال قىلىپ كېتەتتى. ھەتتا بەزىدە ئۆزى جۈرئەتكە كېلىپ قىزغا ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئاشۇ كۈننى تەسەۋۋۇرىدا قايتىدىن يېڭىلاپ چىقاتتى. ئايشەمگۈل شۇ چاغدا يۈرگىنىم يوق، دەپ قىزىرىپ تۇرغان بولسا، يۈرۈپ قالغان بولساق ھە دەپ ئايشەمگۈل بىلەن يۈرگەندىن كېيىنكى ئىشلارنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا باشلايتتى. بۇنداق خىيال بەكمۇ كۆڭۈللۈك ئىدى. ئەپسۇس، ئايشەمگۈل يۇرتىغا كەتتى، ئۇ ئۆزىمۇ  خىيال قىلمىغان ھالدا ئۈرۈمچىدە قىلىپ قالدى. تەلەي كەلسە دوقا ماڭلايغا دېگەندەك تەلەي ئۈرۈمچىدە قىلىپ خىزمەت قىلىشنى خىيال قىلسىمۇ ئەمەلگە ئاشىدۇ دەپ ئويلاپ باقمىغان بۇ بايقۇشنىڭ بېشىغا قويدى. ئۇيغۇر خەلق  چۆچەكلىرىدىكى ھۇما قۇشى كەينىدە ماڭا قونسا دەپ ئەگىپ يۈرگەن  شاھزادىلەرگە قونماي خىيالى كېتىۋاتقان بىر نانغا زار تازنىڭ پبشىگە قونغاندەك ئىش بولدى. ئۇنىڭ بىرنەچچە ساۋاقدىشى شىنجاڭغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ سانىلىدىغان بۇ شەھەردە قېلىش ئۈچۈن بەزى يوشۇرۇن - ئاشكارا يوللارنى ماڭغان، ئۇ شۇلارغا قاراپ مەنمۇ قالالىغان بولسام قانداق بولۇردى دەپ خىيال قىلغان، لېكىن ناھايىتى تېزلا بۇنداق خىيالدىن يانغانىدى.
    ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ قېلىشىمۇ ئۈرۈمچىدە قالغىنىدەك قىزىقارلىق ۋە تاسادىپى بىر ۋەقە بولغانىدى. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈشكە ئىككى ئاي قالغان بىر كۈنى دادىسى ئۇنى بازارغا تەكلىپ قىلدى. ئۇلار بازارنى بىردەم ئايلانغاندىن كېيىن دادىسى ئۇنى دېھقانچىلىق سايمانلىرى بازىرىغا باشلاپ كىردى. دادىسى بىردەم ئايلانغاندىن كېيىن بىر كەتمەنچىنىڭ ئالدىدا توختىدى ۋە كەتمەنلەرنى ئالدىرىماي تاللاشقا باشلىدى، بىر چاغدا بەكمۇ يوغان ئەمەس بولمىسىمۇ خېلى ۋەزنى بار كەتمەننى تۇردىغا تۇتقازدى ۋە ئۇنىڭ كۆزىنىڭ چوڭقۇرىغا قاراپ تۇرۇپ:
        - قانداقراق؟ دەپ سورىدى.
       تۇردى قانداقراق دېگەن مۇشۇ سۆزنىڭ ۋەزنىدىن ئىككى ئايدىن كېيىنكى كەلگۈسىنى كۆرىۋالدى. لېكىن ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىممۇ بولمىدى. ئۇنىڭدا ئالىي مەكتەپكە ئۆتسەم، ھۆكۈمەتنىڭ تۆمۈر دەپتىرىدىن ئورۇن ئېلىپ ھۆكۈمەتتىن لەڭ يەيدىغان ئادەم بولسام دېگەن ئارزۇسى يوق ئەمەس ئىدى. لېكىن ئىمتىھاندىن ئۆتۈش - ئۆتمەسلىك ھەقىدە ئويلىنىپمۇ باقمىغانىدى. دادىسىمۇ بۇ ھەقتە ئويلانمىغاندەك قىلاتتى. ئۇلار كەتمەننى سېتىۋالدى. ئەمما تۇردى ئۆزىنىڭ بىرنەچچە ئايدىن كېيىن بىر دېھقانغا ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، مەكتەپتە نىسبەتەن ھېچقانداق ناچار پوزىتسىيىە بولماي ھەممە  ئىشنى نورمال داۋاملاشتۇردى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا  قاتناشتى. ساۋاقداشلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكى قىلغان ئىشنى ئەگىشىپ قىلىپ مېڭىۋەردى. ئۇنى تولۇق ئوتتۇرىدا بەك ئەلا ئوقۇدى دېگىلى بولمىسىمۇ ھەرھالدا ئوتتۇرا قاتاردىن يۇقىرى ئوقۇغان ئىدى. كېيىن ئۇ خېلى يۇقىرى نومۇر بىلەن ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى. دادىسى بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى ئوغلىنى زادى دېھقان قىلىش ئويى بولمىغان كەبى ئالىي مەكتەپكە ئۇزىتىپ قويدى. لېكىن ماڭار چاغدا كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ:
        - بۇ يات شەھەرگە بارغاندىن كېيىن بىرنەچچە ئىش ئېسىڭدىن چىقمىسۇن، بىرىنچىسى ئارتۇق ئىشلارغا ئارىلاشما، ئىككىنچىسى ئۆزۈڭنىڭ توغرا بولسىمۇ خەق بىلەن تاكاللاشما. ئۈچىنچىدىن مېنى خاتىرجەم قىل، دېدى.
    ئۇ ئالىي مەكتەپكە كېلىپ ساۋاقداشلىرى  نېمە قىلسا شۇنى قىلدى، ئۇلار سەل جىددىيلىشىپ ئۆگىنىش قىلغان كۈنلىرى جىددىيلىشىپ ئۆگىنىش قىلدى. لېكىن كاللىسىدا  پالانى پەننى ئۆگىنىپ مۇنداقراق  بىر ئىش قىلاي دېگەن ئوي زادى پەيدا بولمىدى. بۇ ئۇدۇم ئۇنىڭغا دادىسىدىن قالغانمۇ يا؟ دادىسىمۇ ئۆزىدە بىرەر ئۇلۇغ خىيالدا بولۇپ باقمىغان، ياق ئۇلۇغ خىيالدا بولغان بولسىمۇ ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىنىپ باقمىغان ئادەم ئىدى. تۇردىمۇ ئالىي مەكتەپتىكى بەش يىل ھاياتىنى ئەنە شۇنداق ئاخىرلاشتۇردى. دەرسلەرنى تەلەپ بويىچە ئۆگىنىپ ماڭدى، كېيىن مەن مۇشۇ بىلىم بىلەن تىرىكچىلىك قىلىمەن دېگەن ئوي بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆتۈلگەن ئىكەن ئۆگىنىشىم كېرەك دېگەن ئوي بىلەن ئۆگەندى. چاتاق چىقىرىپ قويۇش ۋە نامراتلىق ۋەھىمىسى تۈپەيلىدىن باشقا بالىلارغا قارىغاندا سەل كېيىنرەك ھاراققا داخىل بولدى. بىر قىزغا ئاشىق بولدىيۇ زادى تەلەپ قويمىدى. تىپ - تىنچ ھالدا ئوقۇش پۈتتۈرۈش مەۋسۈمى يېقىنلاشتى.
    ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئۆگىنىۋالغان بىرقەدەر مۇھىم ئىشلىرىدىن بىرى تارتىنماي تۇرۇپ يالغان سۆزلەش بولدى. بۇنداق يالغان سۆزلەشنىمۇ ئايشەمگۈلگە بولغان ئاشىقلىقى ئاشكارا بوپ كەتكەندىن كېيىن، بىچارىلىكىمنى يوشۇرۇمەن دەپ يۈرۈپ ئۆگىنىپ قالغانىدى. كېيىن بۇ خاراكتېر ئۇنىڭ خىزمەت تارىخىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ تولۇقلاندى، كۈچەيدى.
    ئۇ كېتىش ئۈچۈن ھەممە تەييارلىقنى پۈتتۈرۈپ، مەكتەپنىڭ قايتۇرۇش پۇلىنى ساقلاپ ياتقان بىر كۈنى تۇيۇقسىز ياتاقنىڭ ئىشىكى چېكىلدى. ئۇ ئىرىنچەكلىك بىلەن ئىشىكنى ئاچتى. ياتاقتا ھېچكىم قالمىغان، باشقا بالىلار ئالىي مەكتەپتىن ئايرىلىش ئالدىدىكى ئىشلىرىنى قىلىۋېلىش ئۈچۈن چىقىپ كېتىشكەن، ئۇنىڭ يېنىدا بىر تىيىننىڭ سۇنىقى قالمىغاچقا ياتاقتا ئارام ئېلىپ ياتقانىدى. ئۇ ياتاق ئىشىكى ئالدىدا تۇرغان پاكۇلتېت كاتىپىنى كۆرۈپ كۆينىكىنىڭ تۈگمىسىنى ئەتتى.
       - بىر ئورۇن ئادەم ئالماقچى ئىكەن، باشقا بالىلارنى تاپالمىدىم، سۆزلىشىپ باقامسەن؟ دېدى كاتىپ ئۇنىڭغا سىناق نەزىرىدە.
    سىناق ئۇزاق داۋاملاشمىدى.
       - مەنمۇ دېھقان بالىسى، دېدى ئادەم ئالىدىغان ئورۇننىڭ مەسئۇلى، مانا بۇ سېنى ئالغانلىقىمىز ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش. ئەتىلا رەسمىيەت بېجىرىپ ئىشقا چۈشسەڭ بولىدۇ.
    شۇندىن كېيىن ئۇ ئۈرۈمچىلىك بولۇپ قالدى. بۇنداق تەلەينىڭ كەلگىنىگە ئۆزىمۇ ھەيران ئىدى.
       لېكىن ئۇنى مۇھەببەت ئازابى  توغرىراقى ئېيتقاندا قىزلارغا ئېرىشىش ئازابى قىينايتتى. خەق ئالدىدا پو ئېتىپ قوياتتىيۇ ئۆزى گاڭگۇڭ ھالدا بىر قىزغا تەلەپ قويۇشقا پېتىنالمايتتى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە نۇرغۇن ئىشلارنى خىيالىدا قىلىپ كۆرەتتى. لېكىن تاڭ ئاتقاندا ھەممىنى ئۇنتۇپ كېتەتتى. ياكى بولمىسا كاللىسىدا يېڭى - يېڭى خىياللار پەيدا بولاتتى.
    ئۇنىڭ دادىسىغا ئوخشىمايدىغان بىر تەرىپى، قىزىقىشى كەڭ دائىرىلىك ئىدى. قىزىقىشىنى ئورۇنلاشتا ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بولغان پوزىتسىيىسى قىزلارغا تەلەپ قويغاندىن سەل ئاكتىپ بولۇپ قالاتتى. بىرەرسىگە مۇكاپات چىقىپتۇ دېسە ھېچكىمگە تۇيدۇرماي لاتارىيە ئېلىپ باقاتتى. لاتارىيە نومۇرىنى ناھايىتى ئاۋايلاپ ئاچاتتى. بىرنەچچە كۈن مۇكاپات چىقىپ قالغاندىن كېيىن قىلىدىغان ئىشلارنى خىيال قىلىپ كۆڭلىنى تاتلىق قىلاتتى.

    4

       روزىنىسانىڭ پەيدا بولۇشى ئۇنىڭ تۇرمۇشىدا يېڭى داۋالغۇش پەيدا قىلدى. بىر كۈنى ئىدارىنىڭ ئالدىدا بىر مىلىچ مال بوتكىسى ئېچىلدى. ئۇ چاقماق ئالاي دەپ دۇكان ئالدىغا بېرىپ توختاپ قالدى، دۇكاندا سەل سېمىز، ياق سېمىز دېگەندىن كۆرە تولغان دېيىش مۇۋاپىق كېلىدىغان، چىرايىدا ياراشقان سەپكۈنى بار بىر قىز مال سېتىپ تۇراتتى.
       - كېلىڭ، ھاڭۋېقىپ تۇرىسىزغۇ؟ نېمە ئالىسىز؟
    بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان تۇردى چۆچۈپ كەتتى.
       - ماقۇل، دېدى ئۇ قىزىرىپ تۇرۇپ، چاقماق ئالاي دېگەن ئىدىم.
    قىز بەكمۇ شوخ ئىدى، دۇكانغا كەلگەن ھەربىر ئادەمگە گەپ قىلىپ تۇراتتى. تۇردى بىر نەچچە قېتىم مال سېتىۋېلىش جەريانىدا قىز بىلەنمۇ تونۇشۇپ قالدى.
       - ئىسمىم روزىنىسا، ئۆزىڭىزنىڭچۇ؟ ئەجەپ جىمغۇر بالىكىنە بۇ؟
    شۇندىن كېيىن دائىم شۇ يەردىن مال ئالىدىغان بولدى. قىز بىلەن پاراڭلىشىپ يۈرۈپ قىزنىڭ كۆزى ۋە قاڭشىرىنىڭ ئايشەمگۈلگە ئوخشايدىغانلىقىنى سەزدى.
    بىر كۈنى تاماكا ئالغىلى بېرىۋىدى قىز قىزىرىپ تۇرۇپ تاماكىنى ئېلىپ بەردى. تۇردى تاماكىنى ئالدىيۇ تاماكا بىلەن قوشۇپ بىر پارچە قەغەزنىمۇ ئالغانلىقىنى سېزىپ قىزىرىپ كەتتى. روزىنىسا ئۇنىڭغا قاراپ پىسسىڭڭىدە كۈلۈپ قويدى. ئۇ ياتاققا قانداق يېنىپ كەلدى ئېسىدە يوق. ئاخىرى تۇمارچە قاتلانغان قەغەزنى قولىغا ئالدى. يۈرىكى دۈپۈلدەپ تۇرۇپ قەغەزنى ئاچتى ۋە ئۇنىڭ بىر سۆيگۈ خېتى ئىكەنلىكىنى سەزدى. ئۇ ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىدا كۆڭلىدە نۇرغۇن سۆيگۈ خەتلىرىنى يازغان، لېكىن قەغەز يۈزىگە زادى چۈشۈرۈپ باقمىغانىدى. مانا بۈگۈن ئۆزى سۆيگۈ خېتى تاپشۇرىۋالدى. تۇنجى قېتىم بىر سۆيگۈ مەكتۇبىنى ئۆز قولى بىلەن مۇجۇقلاش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.
    شۇندىن كېيىن روزىنىسانىڭ ماگىزىنىغا ئىككىنچى قېتىم ئاياق باسمىدى، كۆڭلىدە خۇشاللىق ئارىلاش بىر ۋەھىمە بار ئىدى. ماگىزىنغا باراي دەيتتىيۇ پۇتى كاللىسىغا بويسۇنمايتتى. ماگىزىن ئەتراپىغا بېرىپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلەيتتى. روزىنىسا خەتتە ئۇنىڭغا ئارىلىشىپ بېقىش تەكلىپى بەرگەن، نۇرغۇن قېتىملىق يوشۇرۇن مەنىلىك چاقچاقلىرىمغا ئېتىبار قىلمىدىڭىز دەپ ئاغرىنغان ئىدى. راست، روزىنىسا  ئۇ ھەر قېتىم دۇكانغا كەلسە ۋىچىرلاپ سۆزلەپ كېتەتتى. قىز قانچە قىزغىن بولغانسىرى يىگىتنى ھودۇقۇش قاپلايتتى.
    بىر قىش تازا قار ياغقان كۈنى ئۇ ئاپپاق قارنى دەسسەپ ياتىقىغا قاراپ كېتىۋاتقاندا چۆچۈپ توختاپ قالدى. ئۇنىڭ ئالدىدا روزىنىسا كېتىۋاتاتتى. تۇردىنىڭ قەدىمى بىردىن ئاستىلىدى. شۇنىڭ بىلەن تەڭ قىزنىڭ قەدىمىمۇ ئاستىلىدى. تۇردىنىڭ يۈرىكى ئېغىزىغا كەپلەشتى. قىزنىڭ قەدىمى بارغانسېرى ئاستىلاپ كېتىۋاتاتتى. تۇردىغا بۇ ھالەت بەكمۇ ئۇزۇن تۇيۇلۇپ كەتتى. تۇردى كەينىگە بۇرۇلۇپ كەلگەن تەرەپكە قايتاي دېدىيۇ جۈرئەت قىلالمىدى. بىر چاغدا قىز توختىدى. تۇردى دەل شۇ چاغدا زادى ئۆزىنى كونترول قىلالمىدى، كەينىگە بۇرۇلدى ۋە ئەڭ تىز سۈرئەتتە مېڭىپ كەتتى. ئۇنىڭ ئايىقى ئاستىدىكى قار ئۇنى مەسخىرە قىلغاندەك غىچىرلايتتى.
     نېمىشقا؟ نېمىشقا؟ تۇردى ئۆز - ئۆزىگە سوئال قويدى. نېمىشقا شۇدناق ئىش يۈز بېرىدۇ. روزىنىسانى ياخشى كۆرمەمدىم يە؟ ياق ئۇ روزىنىسانى ياخشى كۆرىمەن دېيەلمىسىمۇ ياقتۇرمايمەن دېيەلمەيتتى. ياتىقىدا تورۇسقا قاراپ يېتىپ قىز ھەققىدە نۇرغۇن خىياللارنى سۈرگەن، قىزنىڭ ۋىسالىنى ئىزدىگەن ئىدى. ئەجەبا بۈگۈن ئۇنىڭ زادى قانداق بولغىنى؟ قىزلار بىر ماگنىت، لېكىن ئۇ بۇ ماگنىتقا يىراقتىن ئۆزىنى ئۇرۇشنى ئىزدەيدۇ. ئەمما يېقىنلاشقاندا ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.
    ئۇنىڭ تۇرمۇشتا باشقا ئويى يوق ئىدى. كۈنۈم خاتىرجەم ئۆتسە، تەشكىل ئالدىدا يەرگە قاراپ قالمىسام، نېنىم پۈتۈن بولسا دېگەندىن باشقا ئويى يوق ئىدى. بەزىدە ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق ھالىتىدىن ھەيران قالاتتى. ئەلۋەتتە، مىليونېر بولۇش، تۇيۇقسىز مەشھۇر بولۇپ كېتىش دېگەندەك ئويلىرى زادى يوق ئەمەس ئىدى. لېكىن بۇ ئىشلارنى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقتەك ھېس قىلىپ قالاتتى. ئۇنى قىينايدىغان بىردىنبىر ئارزۇ بىر قىزنىڭ ۋەسلىگە يېتىش ئىدى. يېشى چوڭايغانسىرى ئۇنىڭ بۇ خىل ئويى تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى، لېكىن ئارمان بار، دەرمان يوق ئىدى. مانا قاراڭ ئۆزى ئىشىك ئالدىغا كېلىپ قالغاندىمۇ قىزغا پېتىنىپ ئىككى ئېغىز پاراڭ سالالمىدى.
    خىزمىتىدىن ئىدارىسىدىكىلەر رازى ئىدى. ھەر يىلى خىزمەت ئىلغارى بولغىنىدىن قارىغاندا خىزمەتداشلىرى ئۇنى ياقتۇراتتى. ھەر قېتىم ئىلغار سايلىنىش پۇرسىتى كەلگەندە ئىدارە ئىشخانىسىنى بىر خىل كۆرۈلۈپ باقمىغان سۈكۈت قاپلايتتى. ھۆججەتلەر ئوقۇلۇپ ئىلغار سايلاش ئىشى رەسمى قولغا ئېلىنغاندا ئۇ مەن زادى سايلىنىپ قالارمەن دەپ  خىيالىغا كەلتۈرۈپ باقمايتتى. لېكىن نامزات كۆرسىتىلگەندە كىمدۇر بىرى ئۇنىڭ ئىسمىنىمۇ نامزاتلار قاتارىغا كۆرسىتىپ قوياتتى. بىرنەچچە نامزات رىقابەتكە چۈشەتتى. ئەڭ ئاخىرىدا مەسىلە يوشۇرۇن بېلەت تاشلاش ئارقىلىق ھەل قىلىنىش باسقۇچىغا  كۆتۈرىلەتتى. ئۇ ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئۆزى ئىلغار بولسا بولىدۇ دەپ قارىغان ئادەمنىڭ ئىسمىنى چىرايلىق قىلىپ تارقىتىلغان نامزات كۆرسىتىش قەغىزىگە يازاتتى، ھەرگىز ئۆز ئىسمىنى يېزىپ قويمايتتى. لېكىن سايلام نەتىجىسى ئەڭ ئاخىرى ئۇنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلىشاتتى. ئۇ ئاخىرى دېھقان ئاتىسى ئۈرۈمچىگە ماڭغان چاغدا قىلغان ھېچكىم بىلەن بىر نېمە تالاشماسلىق ھەققىدىكى نەسىھەتىنى ئەسكە ئالاتتى. نېمىشقا ئىلغارلىق ئامىتىنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ بولۇپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ھېس قىلىپ قالغاندەك بولاتتى. چۈنكى ئىدارىسىدە ئەزەلدىن بىرەرسى بىلەن تاكاللىشىپ باقمىغان ئىدى. ھېچقانداق رەقىبى يوق ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ خىزمەتتە ھېچقانداق ئالاھىدە ئويى يوق ئىدى. خىزمەتنى بىر رېتىمدا  ئىشلەيتتى. تالىشىپمۇ كەتمەيتتى، دەل ئوتتۇرىدا ماڭاتتى. خىزمەتتە مۇنداق نەتىجە يارىتىپ، مۇنداق ئىشلارنى قىلسام دېگەن ئويىمۇ يوق ئىدى. قىسقىسى تۇرمۇشتا مۇنداقراق بىر مەنزىلگە يەتسەم دېگەن ئويىمۇ يوقتەك قىلاتتى. راست، خىزمەتتە ئۇنىڭ بۇندىن كېيىن نېمە ئىشلارنى قىلىمەن دەپ باش قاتۇرىشىنىڭ قىلچە زۆرۈرىيىتى يوق. بۇنداق ئىشلارنىڭ غېمىنى ئۇ قىلمىسىمۇ پارتىيە - ھۆكۈمەت قىلىپ يىتىشىدۇ. تۇرمۇشتىچۇ؟ توي قىلىش، قىز كەلتۈرۈشنى چوڭ ئارزۇ دەپ قاراپ كەتسەك بولماس. بۇ پەقەت تۇرمۇشتىكى ساغلام ئادەملەر مۇقەررەر بېسىپ ئۆتىدىغان جەريان. لېكىن ئۇ بۇ ئىشلارنى غايە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈۋالغاندەك قىلاتتى. لېكىن شۇنداق تۇرۇپ قىزلارغا پاراڭ سېلىشتىنمۇ قورقاتتى.
    ھۆرمەتلىك كىتابخان، سىزمۇ ئۆز ئەتراپىڭىزدا ھېچكىمگە يامان بولمايدىغان، يا ئاچچىقلىغىنىنى، يا خۇشال بولغىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان، مۇھەببەت - نەپرىتى ئېنىق بولمىغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنى كۆرگەنمۇ؟
       روزىنىسانىڭ دۇكىنىنىڭ سودىسى ئاقمىدىمۇ ياكى تۇردىنىڭ قىلىقىنى ھار ئالدىمۇ دۇكاننى بىر قېرى خەنزۇ كىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى. شۇندىن كېيىن تۇردى ئىدارە ئالدىغا خېلى ئەركىن چىقىدىغان، پۇت - قوللىرى تىترىمەيدىغان بولۇپ قالدى. ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئىشنىڭ سەل ئىس - بۇسىنى پۇراپ قالغان بىر دوستىغا (ئۇ دېگەن كىم؟ مەن دېگەن كىم؟ بىر خىزمىتىنىڭ تايىنى يوق قىز بىلەن ئارىلىشىۋېتىپتۇ دېگەن نېمە گەپ) دەپ قىسقا چۈشەنچە بېرىپ قويدى. لېكىن ئۇ كۆڭلىدە بۇ ئىشتىن خۇشال ئىدى. روزىنىسانىڭ دادىللىق بىلەن يېزىلغان سۆيگۈ  مەكتۇپى ئەڭ بولمىغاندا ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ ئەرلىك قىممىتىنى مەلۇم دەرىجىدە ئىسپاتلاپ بەرگەن ئىدى. ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەم يوق ئەمەس ئىكەن.
    روزىنىسا كەتكەندىن كېيىن تۇردى ئۆزى يالغۇز قالغاندا ئەسلەيدىغان قىزنىڭ ئىككى بولۇپ قالغانلىقىنى، كاللىسىدا ئايشەمگۈل بىلەن روزىنىسانىڭ سىماسىنىڭ ئارىلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى.

    5

    جەمئىيەتتە ھۆكۈمەت تۇرالغۇ ئۆيلەرنى سېتىپ بېرىدىكەن دېگەن مىش - مىشلار ئېقىپ يۈرۈشكە باشلىدى. ئۇ دەسلەپتە نېمىش ئىكەنلىكىنى ئاڭقىرالمىدى. لېكىن ئاستا - ئاستا بۇ گەپنىڭ ئۆزەڭ پۇل چىقىرىپ ئۆي سېتىۋېلىش دېگەن گەپ ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى. نۇرغۇن ئادەم غەمدە ئىدى. ئۇمۇ دەسلەپتە غەم يېدى، ئەڭ ئاۋال قايسى پۇلغا ئۆي ئالىمەن دېگەن مەسىلە ئۇنى دىر - دىر تىترەتتى. ئۇنىڭ بانكىدا بىر موچەن ئامانەت پۇلى يوق ئىدى. خىزمەتكە چىققاندىن بۇيان مائاشى تاماق ۋە كىيىم كېچەكتىن ئاشمىغان ئىدى. بەزىدە ئىدارىنىڭ ئىلھامى تۇتۇپ قالغاندا ئانچە - مۇنچە مۇكاپات تىگىپ قالاتتى. ئۇ مۇكاپاتنى شۇ پېتى ساقلاپ قويۇپ يىلدا بىرەر قېتىم چىقىپ قالىدىغان يۇرت يوقلاشقا ئىشلىتەتتى. ئۇنداق  بولسا ئۇ ئەمدى ئۆينى نېمىگە ئالىدۇ؟ قايسى پۇلغا ئالىدۇ؟ ئۇ بىر مەزگىل غەم قىلىپ باقتى. لېكىن مەسىلىنى غەم قىلىپ ھەل قىلغىلى بولمايتتى. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئۇ ئويلىنا - ئويلىنا تۇيۇقسىز يېنىك بولۇپ قالدى. ھۆكۈمەت بىزنى ئۆيسىز قويمايدۇ دېگەن ئوي ئۇنى بەكمۇ يېنىكلەشتۈرىۋەتتى.
    ئاۋال توي قىلاي، ئاندىن قالغان ئىشلار بىر گەپ بولار دەپ ئويلىدى ئۇ ئاخىرىدا ئۆز ئۆزىگە.
    تونۇشلىرى ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتە ۋە جەمئىيەتتە قىز كەلتۈرۈشنىڭ ئېپى ھەققىدىكى بەزى ھېكايىلىرىنى ئاڭلىغانىدى. شۇڭا ئۇلار دەسلەپتە ئۇنىڭ بويتاقلىقىغا ئانچە ھەيران قېلىشىپ كەتمىدى. لېكىن يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇنىڭ ئەتراپىدا قىز ئەمەس، قىزنىڭ سايىسىنى كۆرەلمىگەن دوستلار ئۇنىڭ گېپىدىن گۇمانلىنىدىغان، ئۇ بار جايدا قىزلار ھەققىدە ھېكايە قىلىشمايدىغان بولۇپ كەتتى. ھەتتا ئۇنىڭغا سالقىن قارايدىغان بولۇشۇپ قالدى.
    توي قىلىش كېرەك ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ قىزلارغا بوينىنى سوزۇپ قاراپ قويۇپ قىزىرىپ كېتىشلىرى چوڭلارنىڭ دىقىتىنى قوزغىدىمۇ، ئۇنىڭغا قىز تونۇشتۇرىدىغانلار پەيدا بولدى.
     توي قىلمامسىز تۇردى؟ دېدى بىر كۈنى بىر ئىشخانىدا ئىشلەيدىغان ئانىسى دېمەتلىك بىر ئايال.
    تۇردى يەنە قىزىرىپ كەتتى. تۇردىنىڭ قىزىرىشى ئايالغا بەكمۇ يېقىملىق تۇيۇلدىمۇ، قانداق تۇردىنىڭ باش - ئايىقىغا قەدەر بىر قاراپ چىققاندىن كېيىن:
     بۈگۈنكى قىزلارمۇ دۆت، مۇشۇنداق قاملاشقان، يۈزى تۆۋەن يىگىت تۇرسا قوغلاشمىغىنىنى، دېدى ۋە ئاخىرىدا، ئوقۇرىڭىز بەك ئېگىزمۇ يا؟ دەپ قوشۇپ قويدى.
    تۇردى نېمە دېيىشىنى بىلمەي قالدى. ئايال تۇردىنىڭ قىزىرىپ تۇرۇشىدىن بىر نېمىنى پەملىدىمۇ قانداق بىردەم سۈكۈتكە چۆمگەندىن كېيىن تۇردى بىلەن ئەستايىدىل پاراڭلىشىشقا كىرىشتى.
    ئايال كۆپنى كۆرگەن بىر ئايال بولغانلىقى تۈپەيلىدىن ئاستا - ئاستا پارا سېلىپ تۇردىنىڭ بار مەخپىيەتلىكلىرىنى بىلىۋېلىشقا ئۈلگۈردى. ھەتتا كېلەر ھەپتىسى بىر قىز بىلەن ئۇچرىشىدىغان بولۇپ پۈتۈشتى.
    تۇنجى قېتىملىق  ئۇچرىشىش تۇردىنى ھەيران قالدۇردى ۋە ھاياجانلاندۇردى. تۇنجى قېتىم مۇھەببەت سەۋەبىدىن بىر قىز بىلەن كۆرىشىدىغان بولغاچقا ھودۇققىنىدىن قېچىپ كەتكىلى ئاز قالدى. قارىغاندا ئايال تۇردىنىڭ تارتىنچاقلىقى ھەققىدە قىزغا چۈشەنچە بەرگەنمۇ قانداق، قىزنىڭ تەشەببۇسكارلىقى، يىگىتنىڭ پاسسىپلىقى نەتىجىسىدە ئۇچرىشىش 40 مىنۇتتا ئاخىرلاشتى. تۇردى بارا بارا قورقۇنچ ۋە ھاياجان قوينىدىن ئۆزىنى تارتىپ چىقتى. ھەيران قالغىنى، قىزلار بىلەن كۆرۈشۈش ئۇنداق قورقۇنچلۇق ئەمەس ئىدى. بارا - بارا ئۇنىڭغا بۇ ئۇچرىشىش ناھايىتى ئاددىي بىر ئىشتەك تۇيۇلۇپ كەتتى.
    كونىلاردا خەلپەم كۈلمەيدۇ، كۈلسە تېلىقىپ قالىدۇ دېگەن گەپ بار. تۇنجى قېتىم باشقىلار تونۇشتۇرغان قىز بىلەن  ئۇچراشقاندىن كېيىن ئۇنىڭ كاللىسىدىكى قىزلار بىلەن ئۇچرىشىشقا بولغان ۋەھىمە يوقاپ، ئۇنىڭ ئورنىنى بىر خىل تەلۋە ئىشتىياق قاپلىدى. تۇنجى قېتىملىق مۇۋەپپەقىيەت ئۇنىڭغا جەسۇرلۇق ئاتا قىلدى. ئۇ شۇنداق بىر قانۇنىيەتنى ھېس قىلدىكى، ساڭا ھېچقانداق تەسىر بەرمىگەن، كۆڭلىڭدە  ھېچقانداق داۋالغۇش پەيدا قىلالمىغان  ناتونۇش قىزلار بىلەن كۆرۈشمەك تەس ئەمەس ئىدى. ئەڭ خەتەرلىكى قەلبىڭدە خام - خىيال پەيدا قىلغان قىزلار بولۇپ، ئۇنداق قىزلار بىلەن ئۇچراشماق ئادەمنى پاسسىپ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قوياتتى. گەرچە كۆڭلۈڭدە  بۇنداق قىزلارغا بولغان  مەپتۇنلۇق دەريادەك ئۇرغۇپ تۇرسىمۇ كۆرۈشۈشكە، ئارىلىشىشقا بولمايتتى. ئۇ مۇشۇ خىياللارنى قىلىۋېتىپ ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىدىكى <كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرمەك، كۆڭۈل ھەر يەرگە باشلايدۇ، ئاپىرىپ سېنى ھەر يەرگە سەمەرقەنت ئالمىسىدەك تاشلايدۇ> دېگەن مىسرالارنىڭ تېگى - تەكتىگە يەتكەندەك بولۇپ مەغرۇر كۈلۈپ قويدى.
     قانداق يىگىت، قىز قانداقكەن؟ دېدى ھېلىقى ئايال بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، تۇردى قىزىرىپ كېتىپ جاۋاب بەرمىدى، ئايال تۇردىنىڭ قىزىرىشلىرىغا قاراپ بىر نەرسىنى ھېس قىلغاندەك بولدى - دە، قوشۇمچە قىلدى: قىز كۆڭلىڭىزگە يېقىپتۇ - دە.
     ياق، ياق، تۇردى ئىستىخىيىلىك ھالدا جاۋاب بېرىپ سالدى.
    ئايال بىردەم تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن ئۈن - تۈنسىز تۇردىدىن ئايرىلدى.
    تۇردى ئايال كەتكەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ خاتا جاۋاپ بېرىپ سالغانلىقىنى سەزدى. ئەلۋەتتە ئۇ قىزنى ياقتۇرمايتتى، بۇ قىز ئۇنىڭ قەلبىدە ئالدىنقى ئىككى قىز پەيدا قىلغان تەسىراتنى پەيدا قىلالمىغان ئىدى. لېكىن شۇ تەرىپى تۇردىغا ياققان، تۇردىدا ئۆزىگە نىسبەتەن ئىشەنچ پەيدا قىلغان ئىدى. تۇردىنىڭ قىز بىلەن ئارىلىشىپ بېقىش، قىزنىڭ مۇزدەك لەۋلىرىنى سۆيۈپ بېقىش ئىستىكى يوق ئەمەس ئىدى. ئۇ قىزلارنىڭ لېۋىنى نېمىشقىدۇر مۇزدەك بولىدۇ دەپ قارايتتى.
    بوپتۇلا، ھەسرەت چېكىشنىڭ ھاجىتى يوق، دەپ تەسەللى بەردى ئۇ ئۆز - ئۆزىگە.
         ھۆكۈمەتنىڭ ئۆي ساتىدىغانلىقى ھەققىدىكى مىش - مىش ئاخىرى راست بولۇپ چىقتى. ئىدارىسىدىكى ئۆيلەر سېتىلىشقا باشلىدى. لېكىن ئۇنىڭدا ئۆي ئالىدىغان پۇل يوق ئىدى. تەڭتۇشلىرى ئاتا - ئانىسىدىن، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن پۇل ئېلىپ ئۆي ئالدى. لېكىن ئۇنىڭ ئاتا - ئانىسىدا ئۇنىڭغا بەرگۈدەك پۇل يوق ئىدى. بۇ نۇقتا ئۇنىڭغا بەكمۇ ئېنىق ئىدى. ئۇ خىزمەتكە چىققاندىن بۇيان ئارىلىشىپ باققان، ھاراق سورۇنىدا دوست بولغان تونۇشلىرىنى بىر قاتار خىيال قىلىپ باقتى، لېكىن ئۇلار ئارىسىدا ئۇنىڭغا  ئۆي ئالغۇدەك پۇل بېرىپ تۇرىدىغان بىرەرسى چىقىدىغاندەك قىلمايتتى. گەرچە بۇ دوستلار رۇمكا ئەتراپىغا ئۇيۇشقاندا بىر - بىرىگە جان پىدا قىلىدىغاندەك ئامراقلىشىپ كەتكەندەك ھېس قىلسىمۇ، ھېسابات قىلىدىغان چاغدا ئاجايىپ ھۇشيارلىشىپ كېتەتتى ياكى بولمىسا خۇدىنى يوقۇتۇپ مەست بولۇپ قالاتتى.
    ئائىلە قۇرۇش ئۈچۈن ئۆي بولمىسا بولمايدۇ. خوتۇن ئېلىش ئۈچۈن ئۆي بولمىسا بولمايدۇ. ئىشقىلىپ ئۇنىڭ سەتچىلىكلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن، ئارام ئېلىشى ئۈچۈن، قىزلار ھەققىدە خىيال قىلىشى ئۈچۈن ئۆي لازىم. ئۇنداقتا ئۆينى قانداق ئېلىش كېرەك؟ بەزى ئىدارىلەردە ئۆي ئىسلاھاتى ئۇنچە كەسكىن بولمىغان، ئۆي ئالغۇدەك پۇلى يوقلارغا ئىجارە ئۆي بېرىلگەنىدى. لېكىن تۇردىنىڭ ئىدارىسى ئۇنداق  قىلمىدى. پۇلى يوقلارنى زادى ئويلىشىپ قويمىدى.
    پۇل خىيالى كاللىسىنى چىرمىۋالغان تۇردى خىزمەتكە چىققاندىن بۇيان ئەستايىدىل ھالدا پۇل ھەققىدە خىيالغا پاتتى. ئۇنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى بىرنەچچە ساۋاقدىشى خىزمەتكە چىقىپلا سودىغا كىرىشىپ پۇل تاپقان، خېلى بېيىپ قالغان ئىدى. ئۇلار تاپقان پۇلنى ئۇ نېمىشقا تاپالمايدۇ؟
    ئۇنىڭدا كىچىكىدىن باشقىلار قىلغان ئىشنى قىلىپ بېقىشتەك ئېقىمغا ئەگىشىش ھېسسىياتى ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. لېكىن ئۇ خىزمەتكە چىقىپلا ئۈرۈمچىدە يۈز بېرىۋاتقان ھەممە ئادەم پۇل تېپىش  دولقۇنىغا ئۆزىنى ئېتىشتەك جەمئىيەت يۈزلىنىش سىزەلمىگەن، سىزەلىگەن بولسىمۇ بۇ ئاساسى ئېقىم ئەمەس  ئىدارە - ئىدارىلەردە ئەۋج ئېلىپ كەتكەن ئايىقى چىقماس ھاراق ئىچىش دولقۇنىنى ئاساسىي ئېقىم دەپ قاراپ قالغانىدى.
    ئۇ بۇ دولقۇندا  ۋايىغا يەتكۈدەك  تاۋلاندى، سورۇنلاردا ھۇشيارلىق بىلەن ئولتۇرۇپ ھاراقكەشلىك سورۇنلىرىنىڭ غەيرى - رەسمى قائىدە مىزانلىرىدىن خەۋەر تاپتى. ھاراق ئىچىشنىڭ ھەممە شەكىللىرىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ باقتى، نەچچە قېتىم رەسۋالارچە مەست بولدى. ئىككى قېتىم باغچىدا ئىچىپ ئولتۇرۇپ ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ ياتىقىغا قايتتى. ئەتراپنى تازىلاپ يۈرگەن باغچا خىزمەتچىلىرىگە خىجىللىق بىلەن قاراپ قويغان بولسىمۇ ئۇلارنىڭ چىرايىدا ئەكس ئەتكەن پەرۋاسىزلىقتىن كۆڭلى ئارامىغا چۈشۈپ، بىرنەچچە كۈندىن كېيىن بۇ ئىشنى تەل - تۆكۈس ئۇنتۇپ كەتتى. كېيىنكى يىللاردا ئۈرۈمچىدە ھاراق تاشلاش مودا بولدىمۇ قانداق باشقىلارغا ئەگىشىپ بىرنەچچە قېتىم ھاراق تاشلىدى. ئەگىشىش دېگەندىن كۆرە ھاراق تاشلىغان ھاراقكەشلەرنىڭ ئىچمەيمەن دەپ ناز قىلىشلىرى، ساقىنىڭ ھەر ئاماللار بىلەن زورلىشى، ھاراقكەشنىڭ ئىچمەيمەن دېيىش ئارقىلىق سورۇندا تاپقان ئىناۋىتى ئۇنى بىر نەچچە قېتىم ھاراق تاشلاتقۇزدى، سورۇن تازا ئەۋجىگە كۆتۈرۈلۈپ، ھەممە ئادەم ئۇنىڭغا ھاراق زورلاشقا باشلىغاندا ئۇ ئۆز كۆڭلىدە ھۆرمەت ۋايىغا يەتتى دەپ قارىغاندا ھاراقنى ئاستا قولىغا ئالدى.
    ئۇ بۈگۈن ئەتراپقا سەپ سېلىپ قاراپ ئۆزىنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئاساسى ئېقىمىنى خاتا مۆلچەرلەپ قالغانلىقىنى سەزدى. ئۇنىڭ بىلەن سورۇنمۇ - سورۇن يۈرگەن كىشىلەر ئەتراپىغا قاراپ قالماي ئۆي ئېلىۋالاتتى. ئۇمۇ شۇ كۈنگە كەلگەندە ئاندىن ئۇلارنىڭ ھاراق ئىچىشىنى قوشۇمچە، پۇل تېپىشنى ئاساس دەپ ياشاپ كەلگەنلىكىنى سەزدى. قىسقىسى ئەتراپتا يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋال ئۇلارنىڭ كاللىسىدا مۇشۇنداق تەسىرات پەيدا قىلدى.
    پۇل تېپىش كېرەك. ھۆكۈمەتمۇ پۇل تېپىشنى تەرغىپ قىلىۋاتىدۇ. ئۇمۇ پۇل تېپىشى كېرەك. لېكىن قانداق پۇل تاپىدۇ؟
    ئۇ سوئالغا جاۋاب ئىزدەش، بىرەر مۇۋاپىق يول تېپىش ئۈچۈن مەقسەتسىز شەھەر ئارىلىدى. بىر چاغدا ئۇنىڭ كۆزىگە شىنخۇا كىتابخانىسى دېگەن ئىسىم چۈشتى. ئۇ ئادەتتە ئۆزىنىڭ كەسپى كىتابلىرىدىن باشقا كىتابلارنى ئوقۇپ قويمايتتى. ياق، ئۇنداق دېسەك سەل ئاشۇرۇۋەتكەن بولىمىز. ئالىي مەكتەپتىكى چېغىدا ئايشەمگۈلنىڭ ئىشقىدا باشقا بالىلارغا ئەگىشىپ مۇھەببەت رومانلىرىدىن ئوننەچچىنى ئوقۇۋەتكەن ئىدى. خىزمەتكە چىققاندىن بۇيان  بەزىدە ئىشخانىدا پەيدا بولۇپ تۇرىدىغان ئىگىسىز كىتابلارنى ئوقۇپ قويىدىغان ئادەتنى پەيدا قىلدى. لېكىن بۈگۈنگە قەدەر بىرەر كىتابنى شىنخۇا كىتابخانىسىدىن ئۆزى پۇل تۆلەپ سېتىۋېلىپ باقمىغانىدى.
    ئۇ شىنخۇا كىتابخانىسىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ خەنزۇچە كىتابلار پوكىيىدىن <نامراتلارمۇ بېيىيالايدۇ>، <مىليونېر بولۇشنىڭ بىرنەچچە قەدەم باسقۇچى> دېگەندەك بىرقىسىم كىتابلارنى سېتىۋالدى. پۇل تېپىش يوللىرىنى كىتاب ئارقىلىق ئۆگىنىپ كۆرمەكچى بولدى.

    6

    ئۇ ھازىر ئۆزىدە تولىمۇ قىزىق بىر ئۆزگىرىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى سەزدى. باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىلىق بىرنەچچە قىز بىلەن تونۇشتى، ھەتتا  ئارىدا بىر قىزنى سۆيۈپمۇ باقتى. شۇ چاغدا ئۇ قىزلارنىڭ لېۋىنىڭ ئۆزى تەسەۋۋۇر قىلغان كەبى مۇزدەك بولمايدىغانلىقىنى سەزدى. لېكىن ئوتتەكمۇ ئەمەس، ئىلمان بىر  گۆش ئىدى خالاس. پۇل تېپىش  ھەققىدە بىر مەزگىل ئىزدەنگەندىن كېيىن بۇ ئىشتىنمۇ يالتايدى. نېمىشقا يالتايغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئۆزىمۇ بىلمىدى. بەلكىم ۋاقىت يىتىشمىگەندۇ؟ بەلكىم دەسمىي سالغۇدەك پۇل يوقتۇ؟ بەلكىم ئۇ قىلالىغۇدەك سودا يوقتۇ؟ ئىشقىلىپ ئۇ ئۆز مائاشى ۋە مۇكاپاتىنىڭ قىزلار ۋە ئۆزىگە خەجلەشكە يىتىدىغانلىقىنى سەزگەندە پۇل تېپىش ئويىدىن بىردىنلا يالتايدى.
    لېكىن قىزلار بىلەن تونۇشۇش، كۆرۈشۈشكە چىقىش ئۇنىڭ خۇمارىغا ئايلاندى. بىر قىز بىلەن بىر ياكى ئىككى قېتىم كۆرۈشەتتى. يا ئۇ قىز ئۇنى ياراتمايتتى، يا بولمىسا  ئۇ قىزنى ياراتمايتتى ياكى بولمىسا نېمىشقىدۇر قىز بىلەن ئىككىنچى قېتىم كۆرۈشكىسى كەلمەي قالاتتى. يەنە بىر قىزىق تەرەپ ئۇ ھېچبىر قىزغا كۆڭۈل بەرمىسىمۇ ئۇ كۆرۈشىدىغان قىزلار تۈگەپ قالمايتتى. يېڭى - يېڭى قىزلار چىقىپ تۇراتتى. لېكىن ئۇ باشقىلار تونۇشتۇرغان، مەقسەت ناھايىتى ئېنىق بولغان قىزلار بىلەن كۆرۈشەتتى. ھەر ئىكى تەرەپكە كۆرۈشۈشنىڭ مەقسىتى مۇمكىن بولسا تونۇشۇپ، تەرەققىي قىلسا توي قىلىش - ناھايىتى ئېنىق بولغاچقا كۆپ تېڭىرقاشنىڭ، دۇدۇقلاپ گەپ ئوينىتىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى.  ھەتتا ئۇ بىر نەچچە قىز  بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن بۇنداق قىزلارنىڭ قانۇنىيىتىنى ئىگىلىۋالدى. بۇنداق قىزلار مەلۇم دەرىجىدە تارتىنچاق ياكى كەسىپكە بېرىلىپ يىگىتلەر بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالغان، ئىچكى ئازابلىرى يىغىلىپ پارتلاش ھالىتىگە يەتكەن، شۇنداقلا مەلۇم دەرىجىدە پېتىدىن چۈشكەن بولاتتى. شۇڭا ئۇلار  بىلەن تونۇشۇش خېلى زور قولاي ئىدى. قىزىقارلىق تەرىپى ئۇ  بەزىدە  كوچىدا كۆزىنىڭ يىغىنى يەيدىغان بەزى قىزلارنى كۆرۈپ كۆزىنى ئۈزەلمەي قالاتتى. لېكىن ئۇ قىزلارغا گەپ قىلىدىغان، ئۇ قىزلار بىلەن تونۇشىدىغان غەيرەت ئۇنىڭدا يوق دېيەرلىك دېسىمۇ بولاتتى.
    يەنە بىر قىزىقارلىق تەرەپ ئۇنىڭ قىزلار بىلەن تونۇشۇش، ئۇچرىشىشقا بېرىشتىكى مەقسىتى توي قىلىش ئۈچۈن قىزلار بىلەن تونۇشۇشتەك كۆرۈنسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ كۆڭلىدە ئۇچراشقان قىزلار بىلەن توي قىلىش دېگەن ئۇقۇم زادى يوق ئىدى. توي قىلىش باشقا ئىش، قىزلار بىلەن تونۇشۇش باشقا ئىش ئىدى. ئۇ بەزىدە توي قىلىش دېگەننىڭ  بىر قىز بىلەن بىر ئۆمۈر ئۆي تۇتۇش دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى ئېسىگە ئالغىنىدا چۆچۈپ كېتەتتى. بىر قىز بىلەن قانداقمۇ بىر ئۆمۈر ئۆي تۇتقىلى بولار دەپ شۈبھىلىنەتتى. بەزىدە مېنى قىزلارغا ئىنتىلدۈرىۋاتقان نەرسە تۇغما جىنسىي ھەۋەسمۇ يا دەپ ئويلاپ قالاتتى.  مېنىڭچە بىر ئايال بىلەن ئۆي تۇتۇشنىڭ مەقسىدى ئايالنىڭ تامىقىدىن ھۇزۇرلىنىش، ئۇنى كىر - قاتلىرىنى يۇغىلى سېلىشلا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس. ئۇنداقتا پەرزەنتلىك بولۇشمۇ؟ ھۆكۈمەتنىڭ جىددىي ھالدا پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىدىن، بىر پەرزەنت كۆرسە، ياكى ئاز پەرزەنت كۆرسە ئائىلىلەرنىڭ تۇرمۇش ساپاسى ئۆسىدۇ دەپ تەشۋىق قىلغىنىدىن قارىغاندا بۇنداق بولۇشىمۇ ناتايىن.
    تۇردى بەزىدە مانا شۇنداق خىياللاردا بولۇپ قالاتتى. لېكىن ئۇ خىيال قىلاتتىيۇ خىيالنى تەھلىل قىلىپ باقمىغان، ئۆز قاراشلىرىنىڭ قىممىتى ھەققىدە چوڭقۇرراق پىكىر قىلىپ باقمىغانىدى.
    ئۇ قىزلار بىلەن ئۇچرىشىپ يۈرۈپ بىلىپ بىلمەي چەكلەنگەن مىۋىگە ئېغىز تىگىپ قالدى. ھەممە ئىش ئاخىرلاشقاندا ئۆزىنى ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان تۇيغۇلار ئىچىدە سەزدى، ئەجەبا؟ ئۇ دەل شۇ چاغدا  كىشىلەرنىڭ نېمىشقا باسقۇنچىلىق قىلىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى سەزگەندەك بولدى. تۇيۇقسىز  كاللىسىدا باسقۇنچىلارغا بولغان ھېسداشلىققا ئوخشاپ كېتىدىغان بىر خىل تۇيغۇنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى سەزدى. دەل شۇ چاغدا كىمدۇر بىرى ئۇنى سىلكىدى. ئۇ بۇ سىلكىشتىن ھۇشىغا كېلىپ، سىلكىگۈچىنىڭ بىرنەچچە مىنۇت ئىلگىرى ئۆزى بىلەن ھەشىقپىچەكتەك چىرمىشىپ، چەكلەنگەن مىۋىگە ئېغىز تەككەن قىز ئىكەنلىكىنى سەزگەندە چۆچۈپ كەتتى.
     نېمە؟ نېمە بولدى؟ دېيەلىدى تۇردى ئارانلا.
    نېمە بولغانلىقىنى بىلمىدىڭىزمۇ؟ دەپ چەكچەيدى قىز.
    زادى نېمە بولغاندۇ دەپ خىيالغا چۆكتى تۇردى.
     مېنى ئاجىز كۆرۈپ بوزەك قىلدىڭىز، ئۇقماس بولىۋالغىنىنى تېخى.
    قىزنىڭ بايىقى سۆيۈملۈك ئەلپازىدىن ئەسەر قالمىغان ئىدى. چىرايىدا قەھىر - غەزەپنىڭ تۇمانلىرى ئەگىيتتى.
     بايا خالىمىغانمىدىڭىز؟
     نېمە؟ قىز يەنە چەكچەيدى، مەن خالىغانچە سەن بىلەن بىرگە بولغىلى خوتۇنىڭمىدىم؟
    تۇردىغا قىزنىڭ ئۇششۇقلىقى كۈلكىلىك تۇيۇلدى.
     ئۇنداقتا مەن سىزنى بىرگە بولايلى دەپ زورلىمىدىمغۇ؟
     ماقۇل، مېنى بوزەك قىلغىنىڭنىڭ زىيىنىنى كېيىن كۆرىسەن.
    قىز سومكىسىنى ئېلىپ تۇردىغا غەزەپ بىلەن ھومىيىپ قويغاندىن كېيىن ياتاقتىن چىقىپ كەتتى. تۇردى چۈشىنەلمىگەندەك قىزغا قارىدى. ئۇ راستىنلا چۈشىنەلمىگەن ئىدى. ئەجىبا؟
    ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ چاقىرغۇسى جىرىڭلىدى. تېلېفون ناتونۇش بىر يەردىن كەلگەنىدى.
     سىز كىم؟ كىم چاقىرغۇ قىلدى؟ دېدى ئۇ تېلېفوننى ئېلىپ.
     مەن قىلدىم، دېدى قارشى تەرەپتىن بىر ئاۋاز. تۇردى ئاۋاز ئىگىسىنى تونىدى. ئۇ ئىككى كۈندىن بۇيان بۇ ئاۋازنى سېغىنغان، بۇ ئاۋاز ئىگىسى بىلەن خىيالى مۇڭداشقان، ئاۋاز ئىگىسى بەرگەن ھوزۇردىن چەكسىز شادلىق ھېس قىلغان ئىدى. لېكىن ئاۋاز ئىگىسىنىڭ ھېلىقى ئىشتىن كېيىنكى پوزىتسىيىسى ئۇنىڭغا بەكمۇ چۈشۈنۈكسىز تۇيۇلغانىدى.
    ئارىدا بىردەم سۈكۈت ھۆكۈم سۈردى.
     كۆرۈشەيلىمۇ، دېدى تۇردى.
     نېمىشقا؟ دېدى قارشى تەرەپ.
     ھېچئىش، دېيەلىدى تۇردى.
     ئاڭلاڭ، دېدى قىز، مەن ئۇنداق بوزەك قىزلاردىن ئەمەس، قىلغان ئىشىڭىزغا ئىگە بولامسىز - يوق؟ گەپنى ئوچۇق دەڭ.
     مەن ئوغۇل بالا، دېدى تۇردى، نېمىشقا ئىگە بولمىغۇدەكمەن.
    ئارىنى يەنە بىردەم سۈكۈت باستى.
     سىز نەدە؟ قىز ئاخىرىدا.
     مەن ياتىقىمدا، دېدى تۇردى.
     مېنى ساقلاڭ، دېدى قىز.
    قىز ئاخىرى كەلدى. ئۇ قىزنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ ئاران تۇرغان ئىدى. قىز ئىشىكتىن كىرە - كىرمەي تۇردى ئۇنىڭغا قاراپ ئاچ قالغان بۆرە قويغا ئېتىلغاندەك ئېتىلدى، قىز بىردەم ناز قىلغاندەك قىلىپ يۈرۈپ ئاخىرى كۆندى.
    بىر چاغدا ئىش تۈگىدى. تۇردى ھاسىراپ تۇرۇپ ئۆزىنى يانغا تاشلىدى. بۇ قېتىمقى ئىش بىرىنچى قېتىمقىدەك گۈزەل تۇيۇلمىدى.
     ھە، قانداق ئىگە بولىسىز؟
    قىزنىڭ نېمە ھەقتە گەپ سوراۋاتقانلىقى ئۇنىڭغا ئايان ئىدى.
     سىزنىڭچە قانداق ئىگە بولسام بولار؟
     ئۆيىڭىزدىكىلەر ئۆيۈمگە تىزدىن ئەلچى كىرگۈزسۇن.
     نېمە؟ تۇردى چۆچۈپ كەتتى. ئۇ ئىگە بولۇشنىڭ مەنىسىنى توي قىلىش دەپ چۈشىنىپ باقمىغانىدى.
     نېمە؟ چۆچۈپ كەتتىڭىزغۇ؟ قىزنىڭ  چىرايى كۆكۈرۈپ كەتتى.
     ھېچنېمە؟ مەن تېخى توي قىلىش ھەققىدە ئويلىنىپ باقمىغان.
     ئۇنداق ئادەم قىزلار بىلەن كۆرۈشۈشكە چىققۇچە ياتىقىڭدا پىت باقساڭچۇ، بولدى، سەن بىلەن سۆزلەشكىچە  ئىدارەڭ بىلەنلا سۆزلىشەي.
    قىز ياتاقتىن ئايرىلدى. تۇردى بىر قىزغا ئەمەس بىر ھازازۇلغا يولۇققانلىقىنى سەزدى. ئەمدى ئۇنىڭغا ئىدارىسى نېمە دەر؟ ئۇنىڭ كاللىسى قورقۇنچ بىلەن تولدى.
    دەرۋەقە ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندە ئىدارە باشلىقى ئۇنى ئىشخانىسىغا  چاقىردى. تۇردى ئىشخانىغا كىرىپ، ئىشخانىدا  قانداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۆڭلىدە نەچچە قېتىم تەسەۋۋۇر قىلغان بولسىمۇ يەنىلا چۆچۈپ كەتى. ئىشخانىدا باشلىق بىلەن ھېلىقى قىز بىللە ئولتۇراتتى. قىزنىڭ كۆزى يىغىدىن قىزىرىپ كەتكەنىدى.
     قانداق تۇردىئاخۇن، دېدى باشلىق.
    تۇردى گەپ قىلماي ئولتۇردى.
     قانداق تۇردىئاخۇن، بۇ قىز مېنى بوزەك قىلدى دەپ ئىزدەپ كەپتۇ. قانداق گېپىڭلار بار؟
    تۇردى قىزغا يېڭىۋاشتىن سەپسالدى. قىزنىڭ يۈز تېرىسىدىن بىر خىل سۇلغۇنلۇق چىقىپ تۇراتتى. كۆز جىيەكلىرىگە روشەن قورۇقلار چۈشكەن ئىدى. تۇردى تۇيۇقسىز ئېغىر ئۇھ تارتىپ قويدى. بۇ قىز بىلەن كۆرۈشۈشكە چىققانلىقىدىنمۇ نومۇس قىلىپ قالدى. ئەينى چاغدا قىزنىڭ سەتلىكى زادى كۆزىگە كۆرۈنمىگەنىدى.
    تۇردى بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى بىر قۇر بايان قىلدى. لېكىن چەكلەنگەن مىۋىنى يىگەن جەرياننى يوپوتۇپ سۆزلىدى.
    باشلىق بىردەم قىزغا، بىردەم تۇردىغا قاراپ تۇرغاندىن كېيىن گەپنىڭ پوسكاللىسىنى ئېيتتى:
     قانداق تۇداخۇن، گەپنىڭ پوسكاللىسىنى دەڭلا. بۇ قىز بىلەن بۇندىن كېيىن قانداق قىلماقچى بولىۋاتىسىلە؟
     بولدى، ئارىلاشمايمەن، دېدى تۇردى، تونۇشتۇرغانلارمۇ ئارىلىشىپ بېقىڭلا، مىجەزىڭلار ياقسا داۋاملىق ئارىلىشارسىلەر دېگەن. مىجەزىم زادى ياقمىدى.
     ئۇنداقتا مېنى بوزەك قىلغىنىڭچۇ؟ دېدى قىز.
     نېمە؟ مەن سىزنى بوزەك قىلدىمما؟
    شۇ قېتىمقى سۆھبەت شۇنداق ئاخىرلاشتى. ئىدارە باشلىقى تۇردىغا ئۇنچە تەنە قىلىپمۇ كەتمىدى. قىز ئىدارە باشلىقىنىڭ قانۇنى تۈس ئالغان بەزى گەپلىرى بىلەن ئەڭ ئاخىرىدا قوشۇمچە قىلىپ قويغان <رازى بولمىسىڭىز سوت ئورۇنلىرىنى ئىزدىسىڭىز بولىدۇ> دېگەن گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن غەزەپ بىلەن ھومىيىپ قويۇپ ئىشخانىدىن چىقىپ كەتتى.
    ھاياتمۇ قىزىق، شۇ ئىشتىن كېيىن تۇردى بىلەن ئىدارە  باشلىقىنىڭ مۇناسىۋىتى يېقىنلىشىپ قالدى.
    بىر كۈنى تۇردى خىزمەتتىن چۈشەي دەپ تۇرغاندا ئىدارە باشلىقى ئۇنى چاقىرىپ:
     تۇردى ئۇكا، بۈگۈن سەن بىلەن بىر مۇڭداشقۇم بار، دەپ قالدى.
    ئىككىيلەن خېلى ئۇزۇن مۇڭداشتى، ئاخىرىدا باشلىق گەپنىڭ نەق پوسكاللىسىنى ئېيتتى.
     ئۆتكەنكى ئىشىڭدىن بەك ئەنسىرىدىم ئۇكا. قارىسام ئۇ قىزنىڭ ئەلپازى سەل ناچار، بەك يامان يەرگە چۈشۈپ قالغاندەك قىلىسەن. قىز بىلەن پاراڭلىشىپ سېنى كوملىماقچى بولغانلىقىنى بايقاپ قالدىم. ئاخىرى ھەممە  ئىشنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆردۈڭ، ھەممە ئىش چىرايلىق ئاخىرلاشتى. مېنىڭ بۈگۈن سېنى تاماققا تەكلىپ قىلىشتىكى مەقسىدىم تازا بىر مۇڭدىشىش، قېنى بىرەر جىڭ ئىچىپ قويامدۇق قانداق؟
    شۇنداق قىلىپ تۇردى شۇ قېتىمقى سورۇندىن كېيىن باشلىق بىلەن دوستلىشىپمۇ قالدى. باشلىق ئۇنىڭغا ئۆي ئېلىش، توي قىلىشتا ياردەم بېرىدىغانلىقى ھەققىدە بىردەم ۋەدە بەرگەندىن كېيىن ئازراق نەسىھەتمۇ قىلدى:
     يىگىت، ئۈرۈمچى چوڭ شەھەر، بۇ يەردە ھەرقانداق ئىش يۈز بېرىدۇ. يىگىتلەر قىز ئوۋلاپ قالماي، قىزلارمۇ يىگىت ئوۋلايدۇ. قىلتاققا چۈشۈپ كەتمە. ئېسىڭدە بولسۇن بويتاقلىقنىڭ راھىتى كۆپ بولۇپ قالماى، زىيىنىمۇ يوق ئەمەس. ئەڭ ياخشىسى ئىسسىقىدا توي قىلىۋال. كۆزلىگەن يېرىڭ بولسا ھايت دە. تويۇڭغا باش بولۇپ بېرىمىز. كۆزلىگەن يېرىڭ بولمىسا ئېسىل ئائىلىلەرنىڭ بىرەر قىزىنى تونۇشتۇرۇپ قويساقمۇ بولىدۇ.
    مەستچىلىكتە تۇردىغا باشلىقى شۇنچىلىك سۆيۈملۈك كۆرۈنۈپ كەتتى.
     رەھمەت ئاكا، دېيەلىدى. ئۇ.

    7


    تۇردىنىڭ بۇ قىلىقلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل ياتاقداش بولغان بىرەيلەنگە ياقمايتتى. بۇ بالىنڭ ئىسمى ئادىل بولۇپ ھەمىشە تۇردىنى مەسخىرە قىلاتتى.
     تۇردى، سەن زادى قانداق ئادەم ھوي؟
     نېمىشقا مۇنداق دەيسەن؟ دەيتتى تۇردى جىلى بولۇپ.
     يا سېنڭ نېمىگە ئامراقلىقىڭنى بىلگىلى بولمىسا؟ ھەر كۈنى ھاراق ئىچىسەن، ھاراققا ئامراقمىكىن دەي دېسەم مەس بولغان ھامان ھاراقنى تىللاشقا باشلايسەن. يا بىرەر غايەڭ يوق، يا ئېتىقادىڭ يوق، يا تۇرمۇشتا ئاددىي بولسىمۇ نىشانەڭ يوق.
      كىم شۇنداق دەيدۇ؟ دەيتتى تۇردى خاپا بولۇپ، سەن مېنىڭ غايەم يوقلىقىنى قانداق بىلىسەن؟ مېنىڭ مۇنداق غايەم بار دەپ كوچىدا توۋلاپ يۈرۈشنىڭ ئورنى بولمىسا.
     شۇنداقمۇ؟-دەپ كۈلەتتى ئادىل-بەلكىم غايەڭ ئېغىزىڭدىلا بولسا كېرەك، راست، غايە دىگەن  سۆزلەپ يۈرۈيدىغان نەرسە ئەمەس. لېكىن غايىگە بولغان ھەرقانداق ئىنتىلىش ھەرىكەتتە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. لېكىن سەندىن مەن غايە ھەققىدىكى ھېچقانداق ئىنتىلىشنى كۆرۈپ باقمىدىم.
     ئىشىڭنى قىل، دەيتتى تۇردى، مېنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ. مەن ساڭا ئوخشاش ئەمەلگە ئاشماس ئۇلۇغ خيياللارنى قىلىپ يۈرۈيدىغان ساراڭ ئەمەس مەن بىر رېئالىزمچى.
     مەن بەزىدە ساڭا قاراپ ئېچىنىمەن، دەيتتى ئادىل ئۇنىڭ چىشىغا تېخىمۇ تىگىپ، سەندە ئۇلۇغ غايىغۇ يوق، ھەتتا ئەڭ ئاددىي ئىنتىلىشمۇ يوق، سەن ھېچقانداق نىشانى يوق، ئۆمرىنى ۋەزىپە ئورۇندىغاندەك ياشاپ تۈگىتىدىغان بىر ھايۋانغا ئوخشايسەن، سېنىڭ كۈنۈڭ ئۆتسىلا بولدى، قالغان ئىشلار بىلەن كارىڭ يوق.
    بۇ گەپلەرگە تۇردىنىڭ ئاچچىقى كېلەتتى. لېكىن بەزىدە ئادىلنىڭ ئۆزىگە بەرگەن باھاسى ھەققىدە خىيال سۈرۈپ قالاتتى.
    بىر كۈنى ئۇ ياتاقتا بىر نەچچە بىكار تەلەت بىلەن قارت ئوينىدى. ئۇلارنىڭ ئويۇنى شۇنداق قىزىپ كېتەتتىكى تەخمىنەن يېرىم كۈن بولغاندا  ئاخىرلاشتى. ئۇلار ئادەتتە بىكاردىن  بىكار قارت ئويناپ قوياتتى. ياخشى يېرى قارتنى ھېچقانداق ئىقتىسادىي شەرت قويماي ئوينايتتى. لېكىن ئادەتتىكى شەرتلەر يوق ئەمەس ئىدى. يېڭىلگەنلەردىن بىرەر لەتىپە سۆزلەش ياكى بىرەر پىيالە سوغۇق سۇنى بىراقلا ئىچىۋېتىش تەلەپ قىلىناتتى. ھەتتا بەزىدە ئۇلار بىرەر ھەپتە ئۇدا قەرت ئوينايتتى، ئوينىغاچ ھاراق ئېچەتتى.
    شۇ كۈنى ئۇلار يېرىم كۈن قارت ئوينىدى. كەچرەك يېتىپ كەلگەن ئادىل تۇردىنىڭ بۇ ھالىغا قاراپ يەنە سۆزلەشكە كىرىشتى.
     ھەي، بالا، بۇ قارتنى كۈن - كۈنلەپ ئوينايدىكەنسىلەر. قىلچە زېرىكمەيدىكەنسىلەر، سىلەرنىڭ قىلغۇدەك باشقا ئىشىڭلار يوقمۇ زادى؟
     نېمە كارىڭ؟ ئوينىسام مەن ئوينىدىم، گۆلەيدى تۇردى.
     ئىسىت، ئۆز ئۆمرىگە ئۆزى ئىچ ئاغرىتمىغان ئادەمگە نەسىھەت قىلغان مېنىڭ ئاغزىم.
    شۇندىن كېيىن ئادىل ياتاقنى تۇردىغا بىكارلاپ بېرىپ سىرتتىن ئۆي ئىجارە ئېلىپ چىقىپ كەتتى. تۇردى ئىككى كىشىلىك ئۆيدە يالغۇز قالغانلىقىدىن مەمنۇن ئىدى.
    بەزىدە ئۇ ئاشۇ ئادىلغا ئىچ ئاغرىتىپ قالاتتى. ئادىلنىڭ ئۆزىچە جەمئىيەتنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېتىشى ئۇنىڭ كۈلكىسىنى قوزغايتتى. نېمە ئارتۇق يۈك دەپ ئويلايتتى ئۇ. سىڭگەن نېنىڭنى يەپ، ئىشىڭنى قىلساڭچۇ.
    ئۇنىڭ ئويىچە دۇنيادىكى ھەممە ئىشنىڭ ئۆزىگە لايىق ئىگىسى بار ئىدى. مەلۇم شەخسلەرنىڭ بۇ ئىشلار ھەققىدە بېشىنى قاتۇرۇشى ئۇنىڭغا ئەخمەقلىق بولۇپ تۇيۇلاتتى.
    لېكىن باشلىق تۇردى ئۈچۈن باش قاتۇردى. بىرنەچچە قېتىم تۇردى بىلەن پاراڭلاشقاندىن كېيىن تۇردىغا گەپنىڭ پوسكاللىسىنى ئېيتتى.
     ئىنىم، بۇنداق ئۆتۈۋەرسەڭ بولمايدۇ. قارىسام لايىقىڭمۇ يوقتەك تۇرىدۇ. بىر قىز بار تونۇشتۇرسام قانداق دەيسەن، بىرىنچىدىن بۇ قىز ناھايىتى گۈزەل. ئىككىنچىدىن خىزمەت ئورنى يامان ئەمەس. ئۈچىنچىدىن يۈزى تۆۋەن، ساڭا بەكمۇ مۇۋاپىق كېلىدۇ.
    تۇردى بىر - ئىككى يىلدىن بۇيان بۇنداق گەپلەرنى تولا ئاڭلاپ كۆنۈپ كەتكەن ئىدى. شۇنداقتىمۇ باشلىقنىڭ گېپىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى.
     ئىسمىنى دەپ بېرەيچۇ، ئۇ قىزنى سەنمۇ تونۇيسەن.
    تۇردى بۇ قىز كىم بولغىيدى دەپ چەكچىيىپ باشلىققا قارىدى.
     قىزنىڭ ئىسمى خاسىيەت. سەن بىلەن خىزمەتداش.
    تۇردى ھاڭ - تاڭ قالدى. ئۇ خاسىيەتنى تونۇيتتى. ئۇ قىزنىڭ كەينىدىن بىرنەچچە قېتىم قاراپ قالغانىدى.
     خاسىيەت... بۇ، بۇ نېمە دەر؟
     نېمە دەيتتى؟ دادىل بول، سېنىڭمۇ كىمدىن قېلىشقىچىلىكىڭ بار. ئوغۇل بالا بولغاندىكىن ئاسماندىكى ئاينى ئۈزۈپ چۈشىمەن دېگەن ئىرادە بىلەن ياشاش كېرەك، مەن ھەممە ئىشنى توغۇرلايمەن.
    كېيىنكى ھەپتىسى باشلىق ئىككىيلەننى بىر رېستۇراننىڭ خانىسىدە ئۇچراشتۇردى. بۇ كۈنى خاسىيەت بەكمۇ چىرايلىقلىشىپ  كەتكەن ئىدى. باشلىق بىلەن تۇردى ئىككى بوتۇلكىدەك ھاراقنى ئىچىۋەتتى. خاسىيەت ئۇلارغا چاي لىقلاپ بېرىپ ئولتۇردى.
    يېرىم كېچە بولغاندا تۇردى مەستچىلىكتىن يېشىلىپ خاسىيەتنىڭ يېنىدا پۇشۇلداپ ياتقانلىقىنى سەزدى. قىزنىڭ بۇ قەدەر ئوڭاي قولغا چۈشۈشى ئۇنى چەكسىز ھاياجانغا سالدى.
    كېيىنكى ئىشلار ناھايىتى راۋان بولدى. باشلىقنىڭ غەمخورلۇقى نەتىجىسىدە توي تەييارلىقى ناھايىتى تېزلا پۈتتى.
     توي قىلىمەن دەپ مەيدەڭگە مۇشتلاپ ئوتتۇرىغا چىق. بەلكىم خاسىيەتنىڭمۇ يىغقانلىرى باردۇ. قالغىنىغا بىز ھە - ھۇ دەرمىز، دېدى باشلىق ئۇنى خاتىرجەم قىلىپ.
    شۇنداق قىلىپ توي تەييارلىقى ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى.
     توي قىلامسەن؟ دېدى بىر كۈنى ئادىل ئۇنى ئىزدەپ كېلىپ، توي دېگەن ئۆمۈرلۈك ئىش.
     چاخچاق قىلمىدىم، دېدى ئادىل ھىجىيىپ، راست تويغا قوپتۇم.
     خاسىيەتنى چۈشىنەمسەن؟
     چۈشىنىش دېگەن نېمە ئۇ؟ بەش قولدەك بىلىمەن.
    ئادىل بىر تال تاماكا چىقىرىپ ئوت تۇتاشتۇردى. تاماكا ئىسىنى ھالقا قىلىپ پۈۋلىگەندىن كېيىن قوشۇپ قويدى، ياخشى بوپتۇ، ئىش - پىشلىرىڭ بولسا دە، ياردەملىشىمىز. لېكىن ئۇنتۇپ قالما بىزنىڭ يۇرتتا ئېشەك ئالساڭ مېنىپ باق دەيدىغان بىر گەپ بار.
     ئەلۋەتتە بۇنى بىلىمەن، مەن ئاللىقاچان مىنىپ بولدۇم.
     شۇنداقمۇ؟ ئۇنداقتا بوپتۇ.
    تۇردى بۇ گەپلەرنى گەپدان ئادىلغا شۇنداق راۋان دەۋالغىنىدىن خۇشال ئىدى. دەرۋەقە ھېلىقى كۈنى ئۇ ئېشەكنى مىنىپ كۆرگەن، لالىدەك قىزىرىپ ياتقان كۆرپىسىگە قاراپ ئېغىزى قۇلاققا يەتكەن ئىدى.
    بۇ گەپنى ئاڭلاپ تۇردىنىڭ سەل جۇدۇنى تۇتتى. كەچتە خاسىيەتنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ ئادىلنىڭ گېپىنى ئېيتىپ بەردى.
    خاسىيەت بىردەم جىمىپ قالدى.
     نېمە بولدى؟ دېدى تۇردى.
     ھېچنېمە؟
     ياق، چوقۇم بىر گەپ بار.
    قىز بىردەم جىمىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇلۇغ - كىچىك تىندى.
     ئادىلنى خېلى ياخشى بالا دەپ يۈرگەن ئىدىم، ئىسىت. سىزگە راست گېپنى دەي. ئۇ ماڭا تەلەپ قويغانىدى، رەت قىلغانىدىم.
    تۇردى شۇ چاغدىلا ئادىلنىڭ تاققۇ - تۇققۇ گەپلىرىنىڭ تېگىگە يەتتى. توي كۈنى كۆرۈشكىلى كەلگەن ئادىلنىڭ قولىنى مەھكەم قىسىپ قويدى. ئادىلمۇ ئۇنىڭ قولىنى مەھكەم سىقىپ قويدى.
    توي كېچىسى تىلغا ئالغۇدەك بىرەر ئىش بولمىدى. تۇردى قىزدىن ئالىدىغان ئامانەتنى ئاللىبۇرۇن ئېلىپ بولغاچقا توي كېچىسى ئادەتتىكىدەك ئۆتتى.

    8

    توي دېگەن ھەقىقەتەن ئائىلىگە بەركەت ئېلىپ كېلىدىغان بىر خاسىيەتلىك ئىشكەن. توي قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ تۇرمۇشى شۇنداق رەتلىك بولۇپ قالدى. قولى ئانچە - مۇنچە پۇل كۆردى. ئىككىسىنىڭ مائاشى ئېشىنغىلى بولىدىغان ھالەتكە يەتتى. تېخى ئۇنى خۇشال قىلىپ خاسىيەت يۇمىلاققىنە قورساق كۆتەردى.
    ھازىر ئۇنىڭ تۇرمۇش شەكلى پۈتۈنلەي ئۆزگەرگەن، كۈن بويى قارت ئويناپ، ھاراق ئىچىدىغان ھالىتىنى تاشلىغانىدى. ھەر كۈنى خىزمەتتىن چۈشكەن ھامان ئۆيگە قايتاتتى. بەك ھاراق ئىچكۈسى كېلىپ كەتسە تاماق ۋاقتىدا بىرەر ئىككى رۇمكا قېقىۋېلىپ مەستخۇش ھالدا تېلېۋىزور كۆرەتتى.
    بالىسى تۇغۇلدى. خاسىيەت دوختۇرخانىغا بارماي بۇدرۇق بىر ئوغۇل تۇغدى. تۇردى ئەمدى دادا بولدى، دادا بولۇش تۇيغۇسى ئۇنى تېخىمۇ شەخسىيەتچى، جاھاندىن بىپەرۋا قىلىپ تاشلىدى.
    بىر كۈنى ئۇ ئىشخانىغا بېرىۋېدى خىزمەتداشلىرىنىڭ مەلۇم مەسىلە ھەققىدە تالاش - تارتىش قىلىۋاتقان بولۇپ چىقتى.
     بۇ ھەقىقەتەن بىر ئېچىنىشلىق ۋەقەكەن، بىزمۇ پۇل ئىئانە قىلايلى. مانا مەن 100 يۈەن چىقىرىمەن، دېدى ئادىل.
     ياخشى پىكىر، مەن قېتىلىمەن، دېدى يەنە بىر چوكان.
    ئادىل بىر ۋاراق ئىش قەغىزىنى ئېلىپ تىزىملاشقا كىرىشتى.
     نېمە ئىشكەن؟ دەپ سورىدى تۇردى.
     بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ ھاياتى قىل ئۈستىدە قاپتۇ. جەمئىيەتنىڭ ئىئانىسىگە قاراپ قاپتۇ، قېنى سەن قانچە پۇل ئىئانە قىلىسەن، دەپ سورىدى تۇردىدىن ئادىل.
    تۇردى دەماللىققا ھېچنېمە دېمىدى... لېكىن بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن:
     مەن بىر موچەن بەرمەيمەن. مائارىپ تارماقلىرى داۋالاتماي نېمە قىلىدىكەن. ئۇنىڭغا 50 يۈەن بەرگۈچە ئوغلۇمغا بىر قۇتا سۈت پاراشوكى سېتىۋالسام ياخشى ئەمەسمۇ، دېدى.
    باشقىلار ھېچنېمە دېمىدى.
    تۇردىنىڭ ئوغلى بارا - بارا چوڭ بولدى. ئوغۇل تۇنجى قېتىم دادا دېگەندە ئۇنىڭ يۈرەكلىرى يايراپ كەتتى.
    بالا چوڭ بولغانسىرى قىلىقلىرى شۇنچە ئوماق بولۇپ كېتىۋاتاتتى.

        تۇردى خىيالدىن ئويغانغاندا كەچ بولۇپ قالغانىدى. ئۇ ئۆيىگە قايتار دەپ ئويلىدىيۇ قايتقۇسى كەلمىدى. ئۇ شۇ بىر كېچىنى بىر كېچىلىك بەزمىخانىنىڭ ھوجرىسىدا ھاراق ئىچىپ ئۆتكۈزدى. تاڭ ئېتىشقا ئاز قالغاندا تۇيۇقسىز دوختۇرخانىغا بېرىپ بېقىش كېرەكلىكىنى ھېس قىلدى. بالا خەقنىڭ تۇخۇمىدىن بولغان بولسىمۇ كۈتۈشكە، خەۋەر ئېلىشقا مۇھتاج ئىدى. ئۇ بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ دوختۇرخانىغا قاراپ ماڭدى. ھازىر ئۇنىڭ كۆزلىرى خۇنۇكلەشكەن، كىيىملىرى كىرلەشكەن ئىدى.
    ئۇ كېسەلخانا ئىشىكىدىن كىرگەندە بېشى پۈتۈنلەي ئاق داكا بىلەن تېڭىۋېتىلگەن، تومۇرىغا ئاسما ئوكۇل مېڭىۋاتقان بىر بالىنىڭ دادا دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدى. يۈرىكى جۇغغىدە قىلدى. كۆزى ئوغلىنىڭ توۋلىغان ئاۋازىدىن ئويغۇنۇپ كېتىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتكەن خاسىيەتنىڭ كۆزلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالغان چاغدا بولسا ئازابتىن تىترەپ كەتتى...

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.