داۋالغۇش(تۇرغۇن پەيزۇللا يۇلغۇن)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-28 23:56:36

داۋالغۇش(ھېكايە)تۇرغۇن پەيزۇللا يۇلغۇن تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ يادىغا ئاخشام كۆرگەن چۈشى كېلىۋالدى. ئۇ بىردىنلا قاياقتىندۇر ئۇچۇپ كەلگەن ئەخلەت-چاۋارلار ئارىسىدا قالدى.ئۇ ئەخلەت-چاۋارلارغا قوشۇلۇپ ھە...

    داۋالغۇش(ھېكايە)
    تۇرغۇن پەيزۇللا يۇلغۇن


    تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ يادىغا ئاخشام كۆرگەن چۈشى كېلىۋالدى. ئۇ بىردىنلا قاياقتىندۇر ئۇچۇپ كەلگەن ئەخلەت-چاۋارلار ئارىسىدا قالدى.ئۇ ئەخلەت-چاۋارلارغا قوشۇلۇپ ھەريان ئۇچۇپ يۈرەتتى...
     ئۇ چۇچۇپ كەتتى.
    ئىشىك جالاققىدە ئېچىلىپ ،خوتۇنى ئۆڭ- سۆلى ئۆچكەن ھالدا كىرىپ كەلدى-دە، ئۇنىڭ ئالدىدا شاپپىدە توختاپ، كۆزلىرىگە  مىختەك قادالدى.خوتۇنىنىڭ كۆزلىرىدىن ئېتىلىپ چىققان سوغوق نۇر ئۇنىڭ يۈرۈكىنى ساراسىمىگە سېلىۋەتتى.‹‹ئاھ خۇدا بۈگۈنمۇ يەنە ئۆيىمىزدە ئىران-ئىراق ئۇرۇشى پارتىلايدىغان بولىدى-دە؟ بۇ خوتۇن بىلەن قانداقمۇ جاھاننىڭ مىرادىغا يىتەرمەن؟...ئۇنىڭ مۇشۇ تۇرىقىنى كۆرسەملا تىنىم شۈركۈنىپ كېتىدۇ...مەن تۇغۇلىشىمدىنلا باشقىلارنىڭ خاپىلىقىدىن قۇتۇلالمايدىغان قىلىپ يارىتىلغان بولغىمىتىم؟!...ئادەم ساراڭ بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ يېقىن ئادەملىرى بىلەن جىدەل-ماجرا چىقىرىپ يۈرەمدىغاندۇ-يا؟...›› ئۇنىڭ تىپتىنىچ كۆڭلى تىپتىنىچ كۆل سۈيىگە تۇيۇقسىز تاش ئاتقاندەك داۋۇلغۇدى.
    ئۇ چۇچۇپ كەتتى...
    ئۇنىڭ خوتۇنى سىرىتتىن پات-پات ئاشۇنداق يامان ئەلپازدا ئۆيگە كىرىپ كېلىپ ،ئۇنىڭغا قارىتىپ ئوت ئاچاتتى.زەھەردەك گەپلىرى پىلىمۇتتىن ئوق چىققاندەك بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى چىقىپ ئۇنىڭ يۈرىكىگە سانجىلاتتى،يۈرىكىنى زىدە قىلاتتى...
    -ئاخشام نەگە باردىڭ؟
    -ھىچ يەرگە بارمىدىم.ئىدارىدا نۆۋەتچىلىك قىلدىم.
    -يالغان ئېيتىۋاتىسەن ، سېنى شادلىق ئارامگاھىدا كۆرگەنلەر باركەن.
    -كىم كۆرۈپتۇ؟
    -مەن بىلەن ئىشلەيدىغان زايىدە.
    -يالغان،مەن بۈگۈن ئىشخانىدىن سىرىتقا چىقمىدىم.
    -ئىشخاناڭغا تىلفۇن قىلساممۇ ئالمىدىڭغۇ؟
    -خوتۇن نىمانچىلا ئۆزۈڭنى قىينايدىغانسەن دەيمەن،ئىچىڭ پۇشسىلا تىلفۇن قىلىپ ئىشىمنى ئىش قىلمايسەن،نىمە كەپتۇ بۇنچە قىلىپ. چۈشۈڭ بۇزۇلۇپ قالغاندەك ئەلپازىڭ يامانغۇ سېنىڭ ؟
    -ساڭا مەن ئىشەنمەيمەن .
    -نىمىشقا؟
    -سەن ئەزەلدىنلا ئىشەنچىسىز،سېنىڭ سىرتتا ئوينىشىڭ بار، مېنى بىلمەيدۇ دىمە،مەن ھەممىنى بىلمەن،سېنىڭ بۇرۇندىنلا شەيتىنىڭ بارتى.
    -نۇمۇس قىل،بۇ گەپ ئاغزىڭدىن قانداق چىقتى،تىرىكتۈرۈپ ئۆلتۈرەي دەمسەن مېنى؟
    -نىمانچە چىچاڭشىيسەن؟ ساغرىسىنى كۆكۈيۈن چېقىۋالغان بايتالدەك، تىتاڭ تومۇرۇڭغا تەگدىمۇ گەپلىرىم...سەن بۇ تۇرۇقىڭدا ئۇنداق ئاسان ئۆلمەيسەن، مېنى ئۆلتۈرىۋىتىپ ئاندىن ئۆلىسەن.
    -...
    ئۇ خوتۇنىنى پۇخادىن چىققىچە ئۇرۇپ،ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىش ئۈچۈن ،مۇشتلىرىنى بىرنەچچە قېتىم تۈگدىيۇ،دەرھال نىيىتىدىن يېنىۋالدى.ئۇنىڭ ئاچچىقتىن بويۇن تومۇرلىرى كۆپۈپ، كۆزلىرىگە قىزىللىق تىقىلغانتى.خوتۇنى ئۇنى يېقىندىن بۇيان بەكمۇ پاراكەندە قىلىۋىتىۋاتاتتى.ئارامىنى بۇزىۋەتكەنتى.خوتۇنىنىڭ بىشەملىكى ،يولسىزلىقى ئۇنى بارغانسىرى ھالسىرىتىپ قويىۋاتاتتى.
    ئۇ خوتۇنى بىلەن  بىر ئۆيدە ياشاۋاتقانلىقىدىن تۇرۇپلا گۇمانلىنىپ قالدى.‹‹ ھەممىدىن ئېغىرى قان بېسىمى دىگۈچىلەر جۆيلۈپتۇ،خوتۇن بېسىمىكەن ئەڭ يامىنى،بۇ خوتۇن بىلەن ھازىرقى ھالىم مۇشۇ ،كېيىنچە نىمە بولار ،نىمە كۈنلەرنى كۆرەرمەن ،بەغرەزلىك قىلىپ مىنىمۇ،ئۆزىنىمۇ نىمىشقا قىينايدىغاندۇ؟...›› ئۇنى خىياللار بېسىۋالدى،ئۇ خىياللىرىنى يىغىشتۇرالمايلا قالدى.
    - ئۈنۈڭ ئىچىڭگە چۈشۈپ كەتتىغۇ؟ گەپ قىلمامسەن گۈشۈيۈپ تۇرماي،خەق مەندىن چىرايلىقمىكەن،خەقنىڭ مىنىڭكىدىن تاتلىقمىكەن؟نۇمۇس قىلساڭچۇ، گۈلسۈم ھۈپۈپ بىلەن ئىچ-پەش تارتىشىپ يۈرگىچە،مەندىن چىرايلىق بولسىغۇ بۇنچە قىلىپ كەتمەستىم ،نەرى ساڭا ياراپ قالغاندۇ ئۇ مىكىجىننىڭ...
    -نىمىلەرنى دەپ يۈرۈيسەن، ساراڭ بولۇپ قالمىغانسەن؟
    -ئاز قالدىم ساراڭ بولغىنى سېنىڭ دەردىڭدە.
    -يالغان–ياۋىداق گەپلەرگە ئىشىنىپ ئۆزۈڭنى مۇنچە قىينىما،ماڭا ئىشەن،مەن ساڭا يۈز كېلەلمىگۈدەك ئىش قىلمىدىم ھەم قىلمايمەن.
    -ساڭا قانداقمۇ ئىشىنەي ھەممىلا ئادەمنىڭ ئاغزىدا شۇ گەپ تۇرسا.
    -نىمە گەپ ؟
    -سەن بىلەن گۈلسۈم ھۆپۈپنىڭ بۇزۇقچىلىقى توغرىسىدىكى گەپچۇ،يەنە باشقىسىمۇ بارمۇ –يا؟
    -نىمەلەرنى دەيدىغانسەن سەپىرايىمنى ئۆرلۈتۈپ،كۈنلەمچىلىك سېنى ئەقلىڭدىن ئازغاشتۇرۇپتۇ،بۇنچە قىلىپ نىمە كەپتۇ دەيمەن ساڭا ؟
    -ئىرىمنى كۈنلىمەي ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرسەم بولىدىكەن –دە، ئەمىسە؟
    -خوتۇن ئادەمنى بۇنچە تەرىپىسىن قىلما،مەندە ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئىش يوق.مەن باشقىلار دېگەندەك، سەن ئويلىغاندەك ھارام ئىشلاردىن يىراق.
    -شامال چىقمىسا دەرەخ لىڭشىمايدۇ،كۆزى كۆكنىڭ مېھرى ئىسسىق بولامدىكەن؟ مەيدىسى چوڭنىڭ تاتلىق بولامدىكەن؟...
    -دەرەخنى لىڭشىتىپ شامال چىقىۋاتىدۇ دەيدىغانلارنىڭ گېپىگە ئىشەنمە،ئۇلارنىڭ كۆزى ئىككىمىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىدىن قىزىرىپ ،ئارىمىزدا سوغوقچىلىق پەيدا قىلىۋاتىدۇ. بىلىسەنغۇ مېنىڭ ئەزەلدىن كۆزى كۆك ھەم پىت كۆزلەرگە چىش-تىرنىقىمغىچە ئۆچلىكىمنى.
    -ئۇلار دىمىسىمۇ مەنمۇ گۇمان قىلاتتىم.
    -ئۇنداقتا سەن راستتىنلا ماڭا ئىشەنمەيدىكەنسەن-دە؟
    -ھەئە،ئىشەنمەيمەن قانداق.
    تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ يادىدىغا ئاخشام كۆرگەن چۈشى كېلىۋالدى. ئۇ بىردىنلا قاياقتىندۇر ئۇچۇپ كەلگەن ئەخلەت-چاۋارلار ئارىسىدا قالدى.ئۇ ئەخلەت-چاۋارلارغا قوشۇلۇپ ھەريان ئۇچۇپ يۈرەتتى...
    ئۇ چۇچۇپ كەتتى.
    ئاچچىق بىر تۇيغۇ ئۇنىڭ مىڭىسىنى قوچىۋەتتى.ئۇ پۈتۈن ئۆمرۈدە خوتۇنىغا ۋاپادار، سادىق بولۇپ ياشاقا ئەھدە قىلغان ئىدى.لېكىن ئۇ ئەقىدە قىلىپ كېلىۋاتقان خوتۇنى بىر ئاغزىدا مىڭ قېتىملاپ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى دەۋاتاتتى.‹‹ئەركەك ئۈچۈن خوتۇنىنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قېلىشتىنمۇ ئارتۇق خورلۇق بارمىدۇ؟ ئىرىگە ئىشەنمەيدىغان خوتۇن نىمە ئىشلارنى قىلمايدۇ؟كونىلارنىڭ ھەر قانداق ئىشقا شەيتان ئارلاشسا ھامان بىر كۈنى چۇقۇم چاتاق چىقىدۇ دېگىنى بىكار ئەمەسكەن ...››
    ئۇ چۇچۇپ كەتتى.
    خوتونىنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئۇنى قاتتىق ئازاپلاپ،ئۇ بارلىق بەختى توزۇپ كېتىۋاتقاندەك بىر تۇيغۇغا كېلىپ قېلىۋاتاتتى.نەشتەردەك كۆزلەر، زەھەردەك گەپلەر ئۇنىڭ ئارامىنى بۇزىۋىتىۋاتاتتى.ئۇنىڭ بەختىگە ھەسەت قىلىدىغانلار خوتۇنىنىڭ ئەتىراپىدا كوتۇلداپ يۈرۈپ ،ئۇنى خوتۇنىغا سەت كۆرسىتىۋىتىۋاتاتتى.خوتۇنى بەغرەز پىتنىخولارنىڭ ئۆسەكلىرىنى راست دەپ ئۇنىڭ بىلەن جىدەل چىقىرىپ ،ئۆينىڭ ئىللىقلىقىنى بۇزۇۋاتاتتى.ئۇ بىردەملىك ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرسە نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك نەرسىللىرىنىڭ قۇربانلىق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلاردىن ئەمەستى،ھەددىدىن ئاشقان شەھۋەت ئىستىكىنىڭ ئىنسان تەبئىيىتىدىكى ئەڭ چوڭ ئاجىزلىق ئىكەنلىكىنى خېلى بۇرۇنلا تونۇپ يەتكەنتى.لېكىن خوتۇنى ئۇنىڭغا زادىلا ئىشەنمەۋاتاتتى.ئۇ  شۇ تاپتا قاراڭغۇ ئۆڭكۈرگە سولىنىپ قالغاندەك بىر تۇيغۇ ئىچىدە ئازاپلىنىۋاتاتتى. خوتۇنى ئىرىنىڭ جىم تۇرىۋالغانلىقىنى گۇناھىنى بوينىغا ئالدى دەپ چۈشۈنۈپ تېخىمۇ ئەۋزەيلەشكە باشلىدى.
    -مەن بىلىتىم ،كۆڭلۈم تۇيغان، سېنىڭ ھامان گۈلسۈم ھۈپۈپ بىلەن چاتىقىڭ چىقاتتى مانا چىقتى.مېنىڭ كۆڭلۈمگە بەك ئازار بەردىڭ،مېنى بەك بۇزەك قىلدىڭ...سەن شۇتاپتا گۈلسۈم ھۈپۈپنىڭ ئىرى ئۆلسىكەن دەپ ئويلاۋاتىسەن...
    -بىلەمسەن، ھازىر كىمگە كىم ئازار بىرىۋاتىدۇ، كىمنى كىم بۇزەك ئىتىۋاتىدۇ،ھې خوتۇن بۇنچە قىلىپ نىمە كەپتۇ دەيمەن ئۆزۈڭنىمۇ قىيناپ، مېنىمۇ قىيناپ...
    -ئىتمۇ جېنىدا ئۆز يالىقىنى قوغدايدىغۇ .
    -كۆڭلۈڭدە سەن مېنى قوغداۋىتىپسەن –دە؟
    -شۇنداق.
    -سەن مېنى قوغدىماۋاتىسەن، پوققا ئىتتىرىۋاتىسەن،بالاغا تىقىۋاتىسەن،سەن مېنى خەلق–ئالەم ئالدىدا رەسۋا قىلماقچى بولىۋاتىسەن .
    -دەۋاتقان گېپىنى قارا مانىڭ، ئىسىت ئەقىدەم، ئىسىت...
    -مەن دەيدىغان گەپنى دەۋاتىسەنغۇ نۇمۇس قىلماي.
    -قۇسقۇمنى كەلتۈرمىگىنە.
    -بۇنچىۋالا سەتلەشمەيلى،ئارىدا ئۇقۇشماسلىقتىن باشقا ھىچ ئىش يوق دەيمەن.
    - يالغان،نۇرغۇن ئىش بار.
    -نىمە ئىش بار؟
    -گۈلسۈم ھۆپۈپ بەلەن بولغان ئىشىڭ ئىش ئەمەسمىكەن؟
    -قەسەم قىلىپ بىرەي خوتۇن ئۇنىڭ بىلەن ھىچقانداق ئىشىم يوق.بۇنچە قىلما، زادىلا چىدۇغىچىلىكىم قالمىدى.
    - مېنى چىدىغۇچىلىكى بار دەمسەن؟ قەسەم قىلە قېنى، نىمە دەپ قەسەم قىلىسەنكى،ئاڭلاپ باقاي.
    -چاقماق سوقسۇن، تام بېسىۋېلىپ ئۆلەي...
    -قارا ما ئەقىلىڭنى ،بۇ يەردە ھاۋا گۈلدۈرلەپ ،چاقماق چېقىپ يامغۇر ياغمىغىنى نەچچە يىللار بولۇپ كەتتى، يەر تەۋرىمىگىنىمۇ ئۇزاق بولدى،مېنى ئىشىنىدۇ دەمسەن،تېلىۋىزۇرلاردىن ئاڭلىۋالغان چاك باسماس،داڭقان پۇتى گەپلىرىڭگە.
    -سېنىڭچە قانداق قىلسام بولىدۇ،قانداق قەسەم ئىچسەم ئىشىنىسەن؟
    خوتۇنى ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن كۆزلىرىنى ئۈزمەي بىر پەس تۇردى .ئۇمۇ خوتۇنىنىڭ كۆزلىرىگە مىختەك قادالغانتى.‹‹ بۇ ھىلىگەر تۈلكە ئاسانلىقچە قۇيرۇق تۇتقۇزمايدىغان ئوخشايدۇ...بۇنىڭ گۈلسۈم ھۆپۈپ بىلەن بولغان رەسۋاچىلىقى توغرۇلۇق ئېنىق پاكىت يوق،بۇ پەقەت ھۈپۈپنىڭ ئېرىنىڭ ئاكىسىنىڭلا تاپقان گېپى ،ئۇنىڭ دىيىشچە ھۆپۈپ بىلەن ئىرىم بۇزۇقچىلىق قىپتۇ،ئۇ دەرىزىدىن تىڭشاپتۇ،شۇ چاغدا ئۆي ئىچىدىن ئەر-خوتۇنلار مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە چىقىدىغان ئاۋاز چىققانمىش...ۋاي يۈرۈكىم بۇ كۆڭلى پەسنىڭ قىلغانلىرى جان-جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى... ئىرىم بىلەن ھۆپۈپنىڭ چاتىقى بارلىقى توغرۇلۇق ھازىر ئېنىق پاكىت بولمىسىمۇ،ئامما شۇنداق مىش-مىش گەپلەر بار،شۇنداق  بىر ئىش يوشۇرۇن داۋاملىشىۋاتقان بولىشى مۇمكىن .ھازىر يوق دېگەندىمۇ كېيىنچە بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.ئوڭ كېلىپ قالسا بەز يىمەيدىغان مۇشۇك يوق...ئۇلار چوقۇم سەتچىلىكلىرىنى چاندۇرماي ئۆتكۈزىشىۋاتىدۇ،يوشۇرۇن ئاپاق-جاپاق بولىشىۋاتىدۇ...راست ،ئىرىم توغرا ئېيتىدۇ، قانداق ئاكا ئىنىسىنىڭ خوتۇنى بىلەن باشقا بىرى ھېلىقىدەك ئىش قىلسا تىڭشاپ تۇرىدۇ ئۆلتۈرىۋەتمەي...›› ئۇنىڭ گۇماندىن قوساق كۆتۈرگەن خىياللىرى بارغانچە ئاۋۇپ،ئۇنى مىجىقلاپ،تاج-چۆج قىلىپ غەلىتە بىر شەكىلگە كەلتۈرۈپ قويىۋاتاتتى،قالايمىقانلىشىۋاتاتتى...
    تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ يادىدىغا ئاخشام كۆرگەن چۈشى كېلىۋالدى. ئۇ بىردىنلا قاياقتىندۇر ئۇچۇپ كەلگەن ئەخلەت-چاۋارلار ئارىسىدا قالدى.ئۇ ئەخلەت-چاۋارلارغا قوشۇلۇپ ھەريان ئۇچۇپ يۈرەتتى...ئۇنىڭ يۈرۈكى بۆلەكچىلا ئۆڭۈپ كەتتى،چىرايى تاتىرىشقا باشىلىدى،چىرايلىق ئارمانلىرى كۈپۈككە ئايلىنىپ كېتىۋاتقاندەك بىر تۇيغۇ ئۇنىڭ يۈرۈكىگە زەھەرلىك چاڭگىلىنى سالغانتى .گۈلسۈم ھۆپۈپنىڭ پىشكەنلىككە ئۇچىراپ ئۆلۈشىنى،ھىچ بولمىغاندا مېيىپ بولۇپ قېلىشىنى ياكى خەلقىئالەم ئالدىدا رەسۋا بولىشىنى تىلىدى. بىر-بىرىدىن ۋەھىمىلىك خىياللار ئۇنىڭغا چار يىلاندەك يامىشىۋالغانتى.ئىرى گۈلسۈم ھۆپۈپتىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان قىز-چوكانلار بىلەن ئىچ-پەش تارتىشىپ،يەنە نۇرغۇن قىز-چوكانلارغا يوشۇرۇن كۆيۈپ-پىشىپ يۈرىۋاتقاندەك بىر غەلىتە سىزىم ئۇنى تەتۈر قىينايتى.
    -سەن راستىنلا ئۇنىڭ بىلەن چاتىقىم يوق دېسەڭ قەسەم ئىچە - ئۇ تۇيۇقسىزلا شۇنداق دېگىنىچە ئىرىنىڭ كۆزلىرىگە مىختەك قادالدى،جىنايەتچىنى سوراق قىلىۋاتقان چىۋەر ساقچىدەك.
    -قەسەم ئىچسەم ئىشەنمىسەڭ.
    -تېتىقسىز تېلىۋىزىيە فىلىملىرىدىن ئاڭلىۋالغان قەسەملىرىڭگە باشقىلار ئىشەنگەن بىلەن، مەن ئىشەنمەيمەن ،مەن ئىشەنگۈدەك قەسەم ئىچكىن.
    -قانداق قەسەملەرگە ئىشىنىسەن .
    -بىزنىڭچە قەسەم ئىچمەمسەن ،خەقنى دورىماي.
    -سەنلا ئارام تاپىدىغان بولساڭ، سەن دەپ بەر، سېنىڭ دىگىنىڭ بويۇنچە قەسەم ئىچىپ بىرەي ساڭا.
    -ئاللاھنى گۇۋالىققا تارتىپ قەسەم ئىچسەڭ  ئاندىن ئىشىنىمەن.
    -ئالاھ گۇۋاھ بولسۇن،ئاللاھغا شىرىك كەلتۈرگەندەك بولاي گۈلسۈم ھۈپۈپ بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتىم يوق.
    ‹‹قاقۋاش تۈلكە يەنە قۇيرۇقىنى تۇتقۇزمىدى.جاھاندا نەدىمۇ مەڭگۈگە ساقلانغان سىر باركەن،ھامان بىر كۈن ئاىشكارىلىنىدۇ بۇلارنىڭ سەتچىلىكى.گۈلسۈم ھۈپۈپنىڭ چېقىر كۆزلىرىدىن ھېلىقىندالىقى چىقىپ تۇرمامدۇ، گەپ-سۆزلىرىمۇ تېتىقسىز ، بوك–بوك دىسىلا ياتىدىغان مىكىياننىڭلا ئۆزى.باشقىلارغا قارا سانايدىغانلارنىڭ،باشقىلارنىڭ رىسقىغا چاڭگال سالغانلارنىڭ كۆرىدىغان كۈنى بار تېخى،ئاللاھ ئۇنداقلارنىڭ جاجىسىنى بەرمەي قويمايدۇ...›› گادىرماچ خىياللار، بىر بىرىدىن ئازاپلىق تۇيغۇلار ئۇنىڭغا قارا يىلاندەك يۆگىشىۋالغانتى.
    -سەن ماڭا يەنىلا ئىشىنەلماۋاتىسەن،شۇنداقمۇ؟ بىز بىر بىرىمىزنى ياخشى كۆرۈپ توي قىلمىغان بولساقمۇ ،تويدىن كېيىن بىر بىرىمىزگە مېھىر بىرىشىپ ،ۋاپادار بولۇپ ياشىغان ئەمما بۈگۈنگە كەلگەندە ئارىمىزدىكى ئىشەنچكە باشقىلار دەز كەتكۈزۈپ، ئىناق ،بەخىتىيار تۇرمۇشىمىزنى قالايمىقان قىلماقچى بولىۋاتىدۇ،ئۇلار ئۇخلاپ چۈش كۆرۈپتۇ ،ھەرگىزمۇ مۇرادىغا يىتەلمەيدۇ.سەن مېنى چۈشەنمەيسەن ئەمەس ،چۈشىنىسەن،لېكىن يالغان-ياۋىداقلار سېنى گاڭگىرىتىپ قويىۋاتىدۇ شۇنداقمۇ؟-ئۇ خوتۇنىنىڭ كۆزلىرىگە قارىدى.بۇ كۆزلەردىن ئېتىلىپ چىققان ئەسەبىلىكنىڭ سوغاق نۇرلىرى ئۇنى تەمتىرىتىپ قويدى.
    -سەن نىمىلا دەپ قەسەم ئىچكىن مەن سەندىن گۇمانلىنىمەن.
    -مانا بۇ سېنىڭ ئاجىزلىقىڭ،ئۆزۈڭگە بولغان ئىشەنچىڭنىڭ مۇستەھكەم بولمىغانلىقى.
    -سەن زادى نىمە دېمەكچى؟
    -مەن ساڭا ئىشىنىپ كەلدىم، شۇڭا گېپىمگە قۇلاق سال، گۈلسۈم ھۆپۈپ چىرايلىقراق بولسىغۇ ئۆسەكلەرگە ئىشەنسەڭ ئەمما...
    - مانا دىمىدىما، كۆڭۈل ياتقان يەردە ئىت ياتماپتۇ دېگەن شۇ،ئاخىرى كۆڭلۈڭدىكىنى ئاشكارىلىدىڭ.كۆڭۈل تېپىشىپ قالغاندا بېسىلغاق دالدا بولۇپتۇ دېگەن شۇ-دە...
    -ماڭا ئىشەن ،مەن ئۇنداق ئىت كۆڭۈللەردىن ئەمەس.
    - سېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن چاتىغىڭ بولمىغان تەقدىردىمۇ باشقىلار بىلەن بار،چۇقۇم بىرى بىلەن ئىچ-پەش تارتىشىپ يۈرۈيسەن.
    -نىمىنداق رىج ئۇقمايدىغانسەن، ھىلى بۇنى دەيسەن، ھىلى ئۇنى دەيسەن ،يا بولمىسا بۇنداق جاننى قىينىغىچە...
    ئۇ چۇچۇپ كەتتى.
    ئۇ ئىرىنى بەك ياخشى كۆرەتتى. ئىرىدىن ئارىلىپ قېلىشتىن، ئىرىنى باشقىلارغا تاتتۇرۇپ قويۇشتىن، تەنھا ياشاشتىن ، يالغۇز قېلىشتىن بەك قورقاتتى.ئىرىنىڭ سۇئال نەزىرى بىلەن قاراپ تۇرۇشى ئۇنى ساراسىمىگە سېلىۋەتتى.‹‹ماڭا ئۆلۈم تىلەيدىغان ،بەختىمگە زاۋال چىللايدىغانلارنىڭ دېپىغا ئۇسۇل ئويناپ كېتىۋاتامدىمەن،نىمە؟!...ئادەم ساراڭ بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىدا مۇشۇنداق گۇمانخور بولۇپ قالامدىغاندۇ؟ بىر بىرىگە ئۆچ بولۇپ كېتەمدىغاندۇ؟ ...مەن بۇنداق قىلىۋەرسەم ئىرىمنى باشقىلارغا قوشقوللاپ بىرىۋىتەمدىم نىمە؟...››
    ئازاپلىق بىر تۇيغۇ ئۇنىڭ كاللىسىنى ماتىلاشقا باشلىدى.
    ئۇ ئۆزۈنىڭ ئاشۇرىۋەتكەنلىكىنى بىلىپ سەل پەسكارىغا چۈشتى.ئۆزىنىڭ باياتىندىن بىرى قىلغانلىرىدىن سەل غەلىتىلىك ھىس قىلىشقا باشلىدى.يېقىندىن بۇيان ئۆزۈنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىپ ، چۇچۇپ كەتتى.
    ‹‹سەمىمىيەتسىزلىك كۈندىن كۈنگە ئەدەپ كېتىۋاتقان ،ئەخلاق گويا غۇلىغان تاغدەك تىرە –پىرەن  بولۇپ كېيىۋاتقان،ئەخلاقسىزلىقتىن كېلىپ چىقىۋاتقان بالايى-ئاپەتلەر ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە خوتۇنۇمنىڭ ماڭا ئىشەنچىسىنىڭ تەۋرىنىپ قېلىۋاتقانلىقنى چۈشۈنىشكە بولىدۇ.چۈنكى نۇرغۇنلىغان ئادەملەردىكى ئەخلاققا زىت قىلمىشلاردىن نۇمۇس قىلىش ۋە نەپرەتلىنىش تۇيغۇسى ئەخلاقسىزلىقنىڭ تالان-تاراج قىلىشىغا ئۇچراپ كەتتى... تۈرلۈك پۇتلىكاشاڭلار بىزنى ئىچ-ئىچىمىزدىن تۈگۈشتۈرمەكتە،ئىچكى خوراشلار بىزنى قەدىر-قىممىتىمىزدىن ئايرىماقتا...غالچا مىجەزلەر، ساختاپەزلەر، تىلى بىلەن دىلى بىردەك ئەمەسلەر ،ھارامتاماقلار كۈندىن–كۈنگە كۆپۈيۈپ كىتىۋاتقاچقا ئارىمىزدىكى ئىشەنچمۇ ئاجىزلىماقتا...›› ئۇ شۇنداق ئويلىدى. تۈنجى قېتىممۇ ئەمەس ،ئىككىنچى،ئۈچۈنچى قېتىممۇ ئەمەس ...مۇشۇ دەقىقىغىچە نۇرغۇن قېتىم ئويلىدى.يەنە تېخى تالاي-تالاي قېتىم ئويلايدىغاندەك قىلاتتى.خوتۇنىنىڭ ئۇنى ئۆزىمۇ خالىمايدىغان بىرىدىن گۇمان قىلىشى ئۇنىڭغا قاتتىق ھاركەلگەنتى.خوتۇنىنىڭ بۇ  قىلىۋاتقانلىرىنى ئۇ  ئەقلىگە زادىلا  سىغدۇرالماۋاتاتتى.ئادەم ھاياتىدا ئەقلىگە سىغدۇرالمايدىغان نۇرغۇن ئىشلارغا يولىقىدۇ.ئۇ يولۇققان بۇ ئىش ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىشلارنىڭ ئەڭ ئەقىلگە سىغمايدىغىنىتى.شۇ تاپتا ئۇنىڭ قەلبىنىڭ خىلۋەتلىرىنى كۆرەلىگەن ھەر قانداق بىر ئادەم ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ ،ھەسرەت، نادامەت بىلەن بۇقۇلداپ يىغلاپ كىتىشى مۇمكىنتى.ئۇنىڭ قەلبىنىڭ خىلۋەتلىرى قايغۇ-ھەسرەتكە لىپمۇ-لىق تولۇپ كەتكەنتى.
    -سېنىڭ گۈلسۈم ھۈپۈپ بىلەن راستتىنلا چاتىقىڭ يوق؟
    -يوق.
    -راستمۇ؟
    -راست. خوتۇن ،باشقا مەخسىدىڭ بولسا ئېنىق دە،مەن سېنى سەخسىدىڭگە يەتكۈزىمەن.سەن مېنى مۇشۇ تاپتا بەكمۇ بىئارام قىلىۋەتتىڭ. بالىلارنى دىمىسەم ئۆينى ساڭا ئوڭىچە تاشلاپ بىرىپ چىكەتكۈم،يىراق-يىراقلارغا كەتكۈم كېلىۋاتىدۇ شۇتاپتا...
    تۇرۇقىدىن تولىمۇ ھارغىنلىق يەتكەنلىكى بىلىنىپ كەتكەن ئىرىنىڭ كەسكىنلىك بىلەن دېگەن گىپى ئۇنى تەمتىرىتىۋەتتى-دە ، زۇۋانى تۇتۇلۇپ قالغاندەك جىم بولۇپ قالدى.كۆزلىرىدىن ئادەمنىڭ ئىچىنى سىرىۋەتكۈدەك ئاجايىپ بىر ھەسرەتلىك نۇر چېقىنداپ كەتتى. تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ يادىغا ئاخشام كۆرگەن چۈشى كېلىۋالدى. ئۇ بىردىنلا قاياقتىندۇر ئۇچۇپ كەلگەن ئەخلەت-چاۋارلار ئارىسىدا قالدى.ئۇ ئەخلەت-چاۋارلارغا قوشۇلۇپ ھەريان ئۇچۇپ يۈرەتتى...ئۇنىڭ تىپتىنىچ كۆڭلى ،تىپتىنىچ كۆل سۈيىگە تۇيۇقسىز تاش تاشلانغاندەك داۋالغۇۋاتاتتى...كاللىسىدا بىر-بىرىدىن مالماتاڭ خىياللار ئەگىيتى.بۇنداق خىياللار بىرىنىڭ كەينىگە بىرى تىزىلىپ كىلىۋىرەتتى.
    چىرايلىق ئاياللارنى دەپ جېنىنى سېلىپ بەرگەنلەر، چىرايلىق ئاياللارنى دەپ ھەممىدىن كەچكەنلەر بولغان لېكىن ئۇنىڭ ئىرى ئۇنداقلاردىن ئەمەستى.نىمىنىڭ ۋاپا، نىمىنىڭ ساداقەت ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ئەركەكلەردىن ئىدى.مۇھەببەت-نەپرىتى ئايدىڭ، ئەركەك تۈكى بار ئەركەك ئىدى.باشقا خوتۇنلارنى ،قىمار،ھاراقنى دەپ ئائىلىسىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ،ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى بىر ياققا قايرىپ قويىدىغان ۋىجدانىنى چوچقا پېتىقلىۋەتكەنلەردىن ئەمەستى.
    -قارا چىرىيىڭنى ئۇزاق ۋاقىت كېسەل تارتقاندەك تاتىرىپ كېتىپتۇ،ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىپ .
    -مەن شۇتاپتا راك كىسىلى بولغان ئادەمدىنمۇ قىينىلىۋاتىمەن ،قىينالسام مەيلى، ئىچ ئاغرىتما، ساڭا گۈلسۈم ھۈپۈپ بولغاندىكىن...
    -سەن نىمىشقا ئاساسى يوق ،يوقىلاڭ ئىشلارنى دەپ ئۆزۈڭنىمۇ،مېنىمۇ پاراكەندە قىلىدىغانسەن، قىينايدىغانسەن دەيمەن.سەن ئوبدان ئانا، ئوبدان خوتۇن بولىمەن دەيدىكەنسەن،مېنىڭ كۆزلىرىمگە گۇمانى تۇيغۇدا ئەمەس دىل كۆزۈڭدە قارا،ساڭا بولغان يۈرۈكىمنىڭ قانداقلىقىنى بىلەلەيسەن،يۈرۈكىڭدىن سورا ساڭا بولغان قەلبىمنى چۈشۈنەلەيسەن.
    -ياغلىما گەپلىرىڭ بىلەن مېنى ئالدىما.
    -مەن سەن ئۈچۈن ياشىسام، سەن مەن  ئۈچۈن ياشىساڭ ،ئىككىمىز باللىرىمىز ،ئائىلىمىز ئۈچۈن بىرلىكتە ياشىساق گۇمانلاردىن خالى بولىمىز ئەمەسمۇ؟ مەن ساڭا ئەقىدەمنى،ئەھدىمنى بەرسەم، سەنمۇ ماڭا ئەقىدەڭنى،ئەھدىڭنى بەرسەڭ بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق بەخت بارمۇ دەيمەن دۇنيادا؟
    -نىمىلا دىمە سەن مېنىڭ قىلغىنىمنى بىلمىدىڭ،مەن سەندىن ئەجىر-مېھنەت كۆرمىدىم...
    -مەن سېنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىڭنى توغرا چۈشىنىمەن،مېنىڭ ساڭا بولغان مېھرى-ۋاپاسىم چەكسىز،ساڭا بولغان ئەقىدەم تاغ،مەن شۇڭا ساڭا ئۆزۈمنى ئاتاپ، بېغىشلاپ كېلىۋاتىمەن،سەن ماڭا ئىشەن،بىز يوقىلاڭ ئىشلارنى دەپ جىدەللەشمەي،ئورتاقلىشىپ،ئىجىل-ئىناق ياشايلى!
    ئۇ شۇنداق دەپ خوتۇنىنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ئالدىغا تارتتى. كۆزلەر بىر-بىرى بىلەن ئۇچراشتى،ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان ئاجايىپ ئۆتكۈر نۇرلار چاقناپ بىر- بىرى بىلەن قوشۇلۇپ كەتتى.ئۇ خوتۇنىنى باغرىغا  مەھكەم باستى.ئوتلۇق بىر سىزىم ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە تارىدى.بەدەنلەردىن كېلىۋاتقان تونۇش پۇراق ئۆي ئىچىنى بىر ئالدى.ئوت ئوت ئىچىدە گۈرۈلدەپ كۆيدى. ئۇ شۇ تاپتا  ئىرىنىڭ كۆزلىرىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان ۋاپا گۈلخىنىدا گۈرۈلدەپ كۈيمەكتە،ئەرنىڭ باغرىنىڭ ئاجايىپ ھارارەتلىك بولىدىغانلىقىنى قايتا تونىماقتا ئىدى.ئۇنىڭ نەپەسلىرى ئوتلۇق بىر نەپەس بىلەن بىرلىشىپ كەتتى... شۇ تاپتا ئۇنىڭ شۇنچىلىك قاتتىق توۋلىغۇسى كىپ كەتتى.ئىرىنىڭ ئۆزىنى بىريەرلىرى ئىزىلىپ كەتكۈدەك چىڭ قۇچاقلىشىنى ئارزۇ قىلاتتى.ئىرىنىڭ باغرىدا تۇرۇپ ئۆزىگە ۋاپادار،مېھرى ئىسسىق ئەر ئاتا قىلغان خۇداغا مىڭلارچە رەخمەت ئېيتاتتى.ئۇنىڭ قوللىرى، ئۆزىنى پارتىدە قېچىپ كېتىدىغاندەك چىڭ قۇچاقلىۋالغان ئىرىنىڭ دۇللىرىنى توختىماي سىيلايتى.
     تۇيۇقسىزلا ئۇنىڭ يادىغا ئاخشام كۆرگەن چۈشى كېلىۋالدى. ئۇ بىردىنلا قاياقتىندۇر ئۇچۇپ كەلگەن ئەخلەت-چاۋارلار ئارىسىدا قالدى.ئۇ ئەخلەت-چاۋارلارغا قوشۇلۇپ ھەريان ئۇچۇپ يۈرەتتى...ئۇ ئىرىنىڭ بوينىغا چىڭ گىرە سېلىۋالدى.ئۆي ئىچىدىن كۆتۈرۈلگەن تاتلىق كۈلكە ئاۋازى ئىشىك-دەرىزىلەردىن بىمالال ئېتىلىپ چىقىپ ،ھويلىدىكى تىرەك شاخلىرىغا قونىۋېلىپ، چاڭىلداپ سايرىشىۋاتقان قۇچقاچلارنىڭ شادىمان كۈيلىرىگە قوشۇلۇپ كەتتى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.