يول بىرلا ئەمەس(نۇرگۇل ھېيىت)

يوللىغۇچى : Halil يوللىغان ۋاقىت : 2010-12-11 23:57:04

يول بىرلا ئەمەس (نەسىر) نۇرگۇل ھېيىت مەن مەغلۇپ بولدۇم. ئۈزۈل- كېسىل مەغلۇپ بولدۇم. بۇ دۇنيادىكى ھىچكىمدە قەرىز-پەرزىممۇ ، تارتىشىدىغان ھىچنىمەممۇ قالمىدى. دۇنيادىن پۈتۈنلەي ئۈمىدىم ئۈزۈلدى. ي...



    يول بىرلا ئەمەس (نەسىر)
    نۇرگۇل ھېيىت

     

    مەن مەغلۇپ بولدۇم. ئۈزۈل- كېسىل مەغلۇپ بولدۇم. بۇ دۇنيادىكى ھىچكىمدە قەرىز-پەرزىممۇ ، تارتىشىدىغان  ھىچنىمەممۇ قالمىدى. دۇنيادىن پۈتۈنلەي ئۈمىدىم ئۈزۈلدى.


     يەككە- يىگانە مېڭىۋىرىپ، بۇ دۇنيانىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۇرجىكىگە، ئېگىز ھاڭنىڭ گىرۋىكىگە كىلىپ ھارغىن قەدىمىم خۇشاللىق ئىلكىدە توختاپ قالدى. چۈنكى مىنى بىر ئۆمۈر كۆتۈرۈپ يۈرگەن بۇ جاپاكەش پۇتلۇرۇم  ئۆزىنىڭ ئاخىرى ماڭىدىغان يولىنىڭ تۈگەپ قالغانلىقىنى، بۇ ئىغىر يۈكتىن بىر يولىلا قۇتۇلىدىغانلىقىنى بىلىپ قالغان ئىدى. ئالدىمغا قارىدىم. قاپقاراڭغۇ ھاڭنىڭ تىگىنى كۆرگىلى بولمايتتى. ئۇ يەردە ئۆلۈمدىن باشقا ھىچنەرسە يوقتەك قىلاتتى. بىشىمنى كۆتۈرۈپ ئەڭ ئاخىرقى قىتىم ئاسمانغا قارىدىم. ئاسماندا قۇياش ئازاپتەك ساپسىرىق  نۇر چىچىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم دە، ئالدىمغا بىر قەدەم ئىلىشقا تەمشەلدىم. توساتتىن قۇلىقىمغا ئاجايىپ كۈچلۈك بىر سادا ئاڭلاندى.

     


    -ھەي ئىنسان، توختا! سەن ياشىشىڭ كىرەك!
    -ياق، مەن ياشاپ بولدۇم. ئەمدى ياشىمايمەن.
    -نىمە ۋەجىدىن بۇنداق دەيسەن؟
    -بىر ئۆمۈر تىرىشىپ- تىرمىشىپ كۆرەش قىلىپ ئاخىرىدا ھىچنەرسىگە ئىرىشەلمىسەم، ئەڭ مۇھىمى ، مىنى ھىچكىم ياخشى كۆرمىسە، مەن قانداقمۇ ياشىيالايمەن؟ ياشىغىنىمنىڭ نىمە ئەھمىيىتى!
    -ئېرىشكەنلىرىڭنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ؟ ئىنسان. مەن ساڭا نۇرغۇن- نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاتا قىلدىم.
    -ھەممىسى يوقلۇق، قاراڭغۇلۇق، زۇلمەت. بولدى، ياشىغۇچىلىكىم قالمىدى.
    -بولدى، بەس، توختا! سەن تىخى بۇ دۇنيادىكى قەرىزلىرىڭنى قايتۇرۇپ بولالمىدىڭ!
    -مەن قايتۇردۇم. ھىچكىمدە بىر تىيىنمۇ قەرزىم قالمىدى. بەلكى مېنىڭ ئۇلاردا نۇرغۇن قەرىزلىرىم قالدى.
    -ياق، سەن دۇنيادىكى ھەر بىر تال يىشىل گىياھ، ھەر بىر تۈپ  دەرەخكە  قەرىزدارسەن، چۈنكى يىشىل زىرائەتلەر سىنى ھاياتلىق مەنبىئى ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىدى، ھەر بىر تۈپ دەرەخ، ھەر بىر تال گىياھ  سىنى  بىر ئۆمۈر ساپ ھاۋا بىلەن تەمىنلىدى. سىەن دەرەخنىڭ سايىسىدىن ۋە مىۋىسىىدىن قانغۇچە ھوزۇرلاندىڭ ،  لىكىن سەن ئۆمرۈڭدە بىرەر تۈپمۇ دەرەخ تىكىپ باقمىدىڭ.

     


    - سەن دۇنيادىكى ھەر بىر تال قۇش- قاناتقا قەرىزدارسەن. چۈنكى ئۇلار سەن نەپەسلىنىدىغان ھاۋادىكى چوڭ- كىچىك زىيانداش ھاشارەتلەرنى تازىلاپ سېنى ئازاپتىن  ساقلىدى، زىرائەتلىرىڭنى زىيانداشتىن قوغدىدى. لىكىن سەن ئۇلارغا چىن قەلبىڭدىن چىقىرىپ رەھمەت ئېيتىپ  بىر سىقىم تىرىق چىچىپ بىرىپ باقماقتا يوق، ئۇلارنى ئۆلتۈردۈك، زەھەرلەپ يوقاتتىڭ .

     


    -سەن ئايىغىىڭ ئاستىدىكى ھەر بىر تال تاش- تۇپراققا قەرىزدارسەن. چۈنكى ئۇ سىنى بىر ئۆمۈر ئۈستىدە كۆتۈرۈپ، ئۆز تىنىدىن چىققان نىمەتلەر بىلەن سېنى بىقىپ كەلدى. لىكىن سەن ئۇنىڭغا بىرەر قىتىم ئىگىلىپ ھۆرمەت بىلدۈرمەكتە يوق، ئۈستۈڭگە قونۇۋالغان زەررىچىلىرىنى خۇددى دۇنيادىكى ئەڭ بەدبۇي ، يىرگىنىچلىك نەرسە  يۇقۇپ قالغاندەك سەسكىنىپ تۇرۇپ قاقتىڭ، ئۇنى نىجاسەت، مەينەتچىلىك  بىلەن بۈلغىدىڭ. سەن بۇ دۇنيادىكى  ھەر بىر تال تاش، ھەر بىر تاغقىمۇ قەرىزدارسەن. چۈنكى ئۇلار سېنى ئابىكەۋسەر سۈيى بىلەن تەمىنلىدى. سەن ئىچكەن ھەر بىر تامچە سۇدا دۇنيادىكى  ھەر بىر تال تاشنىڭ تۆھپىسى بار.

     


    -نىمە؟ مىنىڭ تىخى يەنە شۇنچىۋالا قەرىزلىرىم بارمۇ؟  ئۇنى قاچانلاردا قايتۇرۇپ بولارمەن؟
    -بارغىن، ئىنسان !  بارغىن، ئەگەر سەن  بۇ قەرىزلەرنى قايتۇرۇش نىيتىگىلا كەلسەڭ  چوقۇم  قايتۇرۇپ بولالايسەن. 
    -لىكىن مەن ئۈزۈل- كىسىل مەغلۇپ بولغان، مىنىڭ ھىچنىمەم يوق. مەن ھەممە نىمەمدىن ئايرىلغان، بىئەتىۋا، بىكىرەك ئىنسانمەن. مىنىڭ بۇ دۇنيادا بىر كۈن ياشىيالىشىمغىمۇ كۆزۈم يەتمەيدۇ.
    -ھاياتلا بولىدىكەنسەن ياشىيالايسەن، بالام. مەردانە بول. قارا، بالام! يۈلتۈز كەبى  كۆزلىرىڭ ، بۇلاق مىسال ئىغىزىڭ، تۈگىمەس بايلىق كەبى ساغلام تېنىڭ، يولۋاس مىسال ئۇستىخىنىڭ تۇرۇپ يەنە نىمىدىن غەم قىلىسەن؟! سەن ئۆزەك-  بايلىق. سەن ئۆزەڭ  بىباھا دۇنيادۇرسەن. قىنى نەزەر سال ئۆزۈڭگە !  نەزەر سال ئوڭ ۋە سول تەرەپلىرىڭگە! يول پەقەت ئالدى تەرىپىڭدىلا ئەمەس، ئوڭ ۋە سول تەرەپلىرىڭدىمۇ يول بار.
    ئۆزۈمگە قارىدىم. قىلچە ئەيىپ- نوقسانسىز جىسمىم، بەقۇۋۋەت تىنىم.  ئاتا- ئانام مىنى قانچە جاپالاردا قاتارغا قوشقان بولغىيتتى؟! مۇشۇنداقلا بۇ ھاياتنى تەرىك ئەتسەم بولمىغۇدەك. مەن ياشىشىم كىرەك.

     


    ئوڭ تەرىپىمگە نەزەر سالدىم. ياپيىشىل ۋادىدا توپ- توپ قۇلانلار يايلاپ يۈرىشەتتى. سول تەرىپىمگە نەزەر سالدىم، كۆرۈمسىز ئىگىز- پەس تاغلار ئۈستىدىكى تاش- تۇپراقلار ئارىسىدا نىمىلەردۇر يۈلتۈزدەك پارقىرىشىپ تۇراتتى.  بىردىنلا ھاياتى كۈچكە تولدۇم. ئوڭ تەرىپىمگە قەدەم باستىم.مەن ئۆلمىگەن ئىكەنمەن چوقۇم ياشىشىم كىرەككەن. ئوڭ تەرەپتىكى ئوت- چۆپلەردىن تاغار توقۇپ، سول تەرەپتىكى تاغدىن ئالتۈن، ئالماسلارنى كولاپ ئىلىپ، تاغارغا قاچىلاپ، بىر قۇلانغا ئارتىپ  قەرىزلىرىمنى قايتۇرۇش ئۈچۈن ھاياتلىق يولىغا ئاتلاندىم.

     


    يەكەن ناھىيە كونىشەھەر مەكتەپتىن: نۇرگۇل ھېيىت

    («قەشقەر»ژورنىلىنىڭ 2010-يىللىق1- سانىدىن)


ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.