ئىشلىتىلمىگەن نومۇر

يوللىغۇچى : yusran يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-07 13:27:50

ئىشلىتىلمىگەن نومۇربۇ ئىشنى مەن زادى بېشىدىلا تازا نومال ئەمەستەك ھېس قىلغانىدىم.زۇلخۇمار-بىز ھەممىمىز ئۇنى زۇلى دەپلا چاقىراتتۇق، بۇيەردە مەنمۇ شۇنداق ئېلىۋېرەي. زۇلى- مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىك...

     

     

    ئىشلىتىلمىگەن نومۇر

     

    بۇ ئىشنى مەن زادى بېشىدىلا تازا نومال ئەمەستەك ھېس قىلغانىدىم.

    زۇلخۇمار-بىز ھەممىمىز ئۇنى زۇلى دەپلا چاقىراتتۇق، بۇيەردە مەنمۇ شۇنداق ئېلىۋېرەي. زۇلى- مېنىڭ ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقدىشىم. ئۇ چىراي-تۇرقى ئادەتتىكىچە، مىجەزى ياۋايىراق قىز ئىدى. مەكتەپتە ئادەتتە قىزلار بىلەنمۇ تازا ئارىلىشىپ كەتمەيتتى. ئۇدۇل كېلىپ قېلىپ زادى سالام قىلمىساق بولمايدىغان يەردە، بېشىنى ئېگىز قىلماي سالام قىلىپ ئىتتىكلا كېتىپ قالاتتى. ئۇ مەكتەپتە ئۆيىدىن كېلىپ-كېتىپ يۈرۈپ قاتناپ ئوقۇيتتى، گەرچە بىزنىڭ ئۆيىمىزمۇ ئۈرۈمچىدە بولسىمۇ، قولايلىق بولمايدىكەن دەپ مەكتەپنىڭ ياتىقىدا يېتىپ ئوقۇغانىدۇق. ئەمما زۇلى مەكتەپنى پۈتتۈرگىچە شۇنداق قاتناپ ئوقۇدى. بىز ھەتتا ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەيتتۇق. ھېچكىم ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك باشقا ئۇچۇرلارنى بىلمەيتتى. ئەلۋەتتە، بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدىغان بىرەردىمۇ يوق ئىدى.

    ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ھېسابلاپ باقسام خىزمەت قىلغىنىمغىمۇ مانا ئىككى يىلدىن ئېشىپتۇ. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى، تۇيۇقسىز بىر ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالدىم، ئەھۋالىڭ قانداق؟ يېقىننىڭ ياقى قانداقراق ئۆتىۋاتىسەن؟... دېگەندەك، قارىسام زۇلى ئىكەن. بۇ قىزنىڭ ئېسىغا مەن قانداق كېلىپ قالغاندىمەن، ئەمدى دەپ تېلىفون نومۇرىغا قارىسام بىر كىچىك زېرەكچاق نومۇرى ئىكەن. «توۋا، بۇ ئادەملەرمۇ قىزىق بولىدىكەن، نەچچە يىل بىللە ئوقۇپ تۈزۈك سالىمىنىڭ تايىنى يوق بىر قىز، ئەمدىلىكتە ئوقۇش پۈتتۈرۈپ نەچچە يىلدىن كېيىن، ھېچ گەپتىن ھېچ گەپ يوق، ئۇچۇر قىلغىنىنى.» كۆڭلۈمدە ھەيران بولساممۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن يەنە ئەھۋال سورىشىپ نەچچە ئۇچۇرلارنى ئەۋەتىشتۇق، ئاندىن ئۇنىڭ نومۇرىنى تېلىفونىمغا ساقلىۋالدىم، نەچچە كۈندىن كېيىن بۇ ئىشنىمۇ ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن.

    مانا-ئەنە دەپ، ھېيتمۇكېلىپ قالدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقداشلار يىغىلىش قىلدۇق، مۇشۇ يۇرتلۇق ھەممىمىز بار، پەقەت شۇ زۇلىلا يوق. ئەمما بۇنىڭغا ھېچكىم دىققەت قىلىپمۇ كەتمىدى. كېيىن پاراڭ ئارىسىدا مەن قىزلارغا، ئۆزۈمنىڭ زۇلىنىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغىنىم، ئۇچۇرلىشىپ ئەھۋاللاشقىنىمنى دەپ بەردىم، قىزلار يەنە شۇ بۇرۇنقىدەكلا بۇ گەپكە ئازراقمۇ قىزىقمىدى، خۇددى زۇلىغا قىزىقمىغاندەك، ئەمەلىيەتتە مەنمۇ شۇنداققۇ؟! ئەگەر زۇلى شۇ ئۇچۇرنى ماڭا ئەۋەتمىگەن بولسا بەلكىم مەنمۇ ئۇ قىزنى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ كەتكەن بولىشىم مۇمكىن! ئەمدى ئۇ قىزنىڭ ماڭا نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىزلا ئۇچۇر ئەۋەتىپ، سالام يوللىغانلىقى توغرىسىدا قىزلار كونا پەدىدە ئاغزىمىزغا كەلگەننى جۆيلۈپ ئولتۇرساق، سابىق سىنىپ باشلىقىمىز كېلىپ قالدى:

    -ۋوي، نېمىگە شۇنچىۋالا خوشال بولۇپ كەتتىڭلار؟-دېدى ئورۇندۇقتىن بىرنى تارتىپ يېنىمىزدا ئولتۇرغاچ.

    بىز ئۇنىڭغا مېنىڭ نەچچە ھەپتە ئىلگىرى زۇلىنىڭ ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋالغىنىمنى ئېيتىپ ئۆتۈشىمىزگىلا، مەن ناھايتتى ئېنىق كۆردۈم، سىنىپ باشلىقىمىزنىڭ چىرايى شۇنچىلىك تېز ئاقىرىپ، كەينىدىن تاتاردى، خۇددى بىر نەرسىدىن قورقۇپ كەتكەن ئادەمدەكلا. سىنىپ باشلىقىمىزنىڭ ئېيتىشىچە، نەچچە ئاي ئىلگىرى ئۇمۇ زۇلىنىڭ شۇنداق ئەھۋال سوراپ يازغان ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇۋاپتۇ، ئۇ ۋاقىتتا سىنىپ باشلىقىمىز مەندىنمۇ بەك ھەيران بولۇپ، ئۇچۇر يېزىپ يۈرگەندىن تېلىفون قىلىپلا ئەھۋال سوراي دەپ، زۇلىدىن كەلگگن ئۇچۇرنىڭ نومۇرىغا تېلىفون قىلىپتۇ، تېلىفون قىلسا «بۇ نومۇر ئىشلىتىلمىگەن» دېگەن ئاۋاز چىقىپتۇ، خاتا بېسىپ قالغان ئوخشايمەن دەپ، يەنە قايتا ئۇرسا، تېلىفوننىڭ قارشى تەرەپتىن شۇ گەپ يەنە چىقىپتۇ. بۇ نېمە ئىش دەپ ئويلاپ تۇرسا، زۇلىدىن شۇ نومۇردا سىنىپ باشلىقىمىزغا يەنە ئۇچۇر كەپتۇ. «ئۇچۇر قايتۇرمىدىڭىزغۇ؟ ئالدىراش بولسىڭىز ئاۋارە قىلماي، خەير-خوش».

    ئۇچۇرنى كۆرۈپ سىنىپ باشلىقىمىز يەنە قايتۇرۇپ ئۇرۇپتۇ، ئۇرسا يەنىلا شۇ «سىز ئۇرغان نومۇر ئىشلىتىلمىگەن» دېگەن ئەسكەرتىش سۆزى چىقىۋېرىپتۇ. بۇ چاغدا سىنىپ باشلىقىمىز نومۇرغا سىنچىلاپ قارىسا نومۇرنىڭ ئاخىرقى نەچچە خانىسى سىنىپ باشلىقىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى تۇرغۇدەك. بۇنى كۆرۈپ سىنىپ باشلىقىمىز زۇلىنىڭ مەكتەپتىكى كېچە-كۈندۈز يالغۇز يۈرۈشلىرى، بەزىبىر غەلىتە ئىش-ھەرىكەتلىرىنى ئېسىگە ئېلىپ، دۈمبىسىدىن سوغۇق تەر چىققاندەك بولۇپتۇ-دە، زۇلىنىڭ ئۇچۇرلىرى ۋە تېلىفون نومۇرلىرىنى تېلىفونىدىن يۇيىۋېتىپتۇ.

    بۇ گەپنى ئاڭلاپ مەنمۇ يانفونىمدىكى زۇلىنىڭ تېلىفون نومۇرىغا قارىدىم. دۇرۇس. ئاخىرىدىكى نەچچە خانە مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى. سورۇن سۈكۈت ئىچىدىلا قالدى. ھەممىمىز تېنچ ئولتۇرغان بىلەن يۈرۈگىمىزنىڭ سوققان گۈپ-گۈپ ئاۋازى يېنىمىزدىكىلەرگە ئاڭلىنىۋاتاتتى. بۇرۇن بۇنداق تېنىچ تۇرغان ۋاقىتلىرىمىز پەقەت سىنىپ مەسئۇلىمىزنىڭ سىنىپقا تۇيۇقسىز كلىرىپ قېلىشى بىلەنلا بولاتتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى دېيىشىۋالغاندەكلا ماڭا قاراشتى. چۈنكى، يانفونىمغا ئۇچۇر كەلگەنىدى.

    نېمە ئۈچۈن بۇنداق توغرا كېلىپ قالىدۇ؟

    ھەقىقەتەنمۇ بۇ ئۇچۇرنى زۇلى ئەۋەتكەنىدى.

    «يىغىلىشىڭلار كۆڭۈللۈك بولىۋاتامدۇ؟ زۇلى»

    بۇ ۋاقىتتا يۈرۈگۈم سوقۇشتىن توختاپ قالغاندەكلا بولدى، ئۇ بىزنىڭ ھېچقايسىمىز بىلەن ھېچبىر ئالاقىسى بولمىسا، بۈگۈن ساۋاقداشلار يىغىلىشى قىلغانلىقىمىزنى ئۇ قانداق بىلىدۇ؟ ئەتراپىمدىكىلەرگە قارىدىم. ئۇلار خۇددى ماڭا بىر جىنغا قارىغاندەك ۋەھىمە ئىچىدە قاراۋاتاتتى. توۋا! جىننىڭ بارلىقىغا ئۆلسەممۇ ئىشەنمەيتتىم. ئۇنىڭغا ئىشىنىشنىڭ ئۆزىلا بىر ساراڭلىققۇ؟! شۇنىڭ بىلەن زۇلىنىڭ تېلىاونىنىڭ نومۇرىنى باستىم، تېلىفوننىڭ ئۇ ياقىدا، ئاپتوماتىك قىزچاقنىڭ زىل ئاۋازى ئاڭلاندى: «كەچۈرۈڭ، سىز ئۇرغان نومۇر ئىشلىتىلمىگەن، مۇقىملاشتۇرۇپ قايتا ئۇرۇڭ!»

    ئەتراپىمدىكىلەر يەنىلا ماڭا مىختەك قادىلىپ تۇراتتى، ئۇلار مەندىن تېلىفوننىڭ جاۋابىنى كۈتۈشىۋاتاتتى، سىنىپ باشلىقىملا خۇددى ھەممىنى بىلىپ بولغاندەك بىرخىل نەزەردە ماڭا قاراپ تۇراتتى. توغرا بەلكىم ئۇمۇ نەچچە ئاي بۇرۇن مەندەك مۇشۇنداق ئۇرەككەپ بىر ھېسسىيات بىلەن تېلىفونىنىڭ كۇنۇپكىسىنى باسقان بولغۇيتتى؟!

    ئەمما مەن مۇشۇ دەقىقىدە ھەرخىل سەۋەبلەرنى تېپىپ ئۆزۈمنى قايىل قىلمايچى بولاتتىم. بەلكىم تېلگىراف ئىدارىسىنىڭ سېگنالىنىڭ ياخشى بولماسلىقىدىن شۇنداق بولىۋاتقاندۇ؟ قايتا-قايتا زۇلىنىڭ نومۇرىنى باستىم، ھېلىقى ئاپتوماتىك خېنىمنىڭ ئاۋازى شۇ بىرخىل ئاھاڭدا چىقىۋەردى. 10 قېتىم، 20 قېتىم...

    دەل مۇشۇ ۋاقىتتا زۇلىدىن تېلىفون كەلدى، توۋا، ئىشلىتىلمىگەن نومۇردىنمۇ تېلىفون كېلەمدۇ؟ كاللامدا بۇنىڭغا جاۋاب تېپىپ بولغۇچە قولۇم يانفونۇمنى بېسىپ، تېلىفوننى ئېلىپ بولدى. مانا بۇ مەن، ھەرىكىتىم دائىم كاللامدىن ئىتتىك!

    -ۋەي.... ئاۋازىم تىترەپ چىقتى.

    -ئۇچۇر قايتۇرمىدىڭىزغۇ؟ ۋاراڭ-چۇرۇڭدا ئاڭلىمىدىڭىزمۇ-يا؟

    مەن تۇنجى قېتىم زۇلىنىڭ ئاۋازىنىڭ بۇنچىۋالا يېقىملىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىۋاتاتتىم. دېمىسىمۇ بۇرۇن بۇ قىزنىڭ ئاۋازىنى تۈزۈكرەكمۇ ئاڭلاپ باقمىغاندە مەن!

    مەن بىر ئالدىراڭچۇ! بۇ مېنىڭ يەنە بىر كەمچىلىكىم!

    -سىز بۈگۈن بىزنىڭ يىغىلىش قىلىدىغانلىقىمىزنى نەدىن بىلدىڭىز؟

    تەلەپپۇزۇم خۇددى ئوقۇغۇچىلىرىمنى سوتلاۋاتقاندەكلا چىقتى.

    -ھى ھى... سىلەرنىڭ ساۋاقداشلار خاتىرەڭلاردىن بىلدىم، توردىكى. ئەسلىدە بۈگۈن بارماقچى بولغانىدىم، ئەمما ئىدارىدە ئىش چىقىپ قېلىپ....

    ئۇنىڭ گەپ قىلغاندىكى ئەركىن، خوشخۇي، گەپدانلىقىنى ئۇنىڭ بۇرۇنقى ھېلىقى ھالىتى بىلەن پەقەتلا بىريەرگە قويالمايۋاتاتتىم.

    -ئەمىسە، ئەمىسە تېلىفونىڭىز نېمەدەپ ئىشلىتىلمىگەن نومۇرلا بولۇپ چىقىدۇ، دائىم ئۇرساق.

    كاللام توختاپ قالغانىدى.

    -ئىشلىتىلمىگەن نومۇر؟

    ئۇ سۈكۈت ئىچىدە تۇردى، مەن بولسام ئۇنىڭ جاۋابىنى تاقەتسىزلىنىپ كۈتمەكتىمەن.

    -ھا ھا ھا...

    ئۇنىڭ كۈلكىسى جېنىمدىن ئۆتتى.

    -سىلەرگە چاقچاق قىلىپ قويدۇم... ھا ھا ھا ... سىلەر مېنى دائىم خامۇش دەيتتىڭلارغۇ؟ مانا مەن ھازىر ئازراقمۇ خامۇش ئەمەس... مۇشۇنداق زۇلىنى ياقتۇرامسىلەر.. ھا ھا ھا ..

    ئۇ كۈلگىنىچە تېلىفوننى قويىۋەتتى. ھەممىمىز يەنىلا سۈكۈت ئىچىدە تۇراتتۇق.

    -توغرا، دېمىسىمۇ بىز بۇرۇن ئۇنىڭغا ئازراقمۇ كۆڭۈل بۆلمەپتىكەنمىز، بۇنىڭدىن مەنمۇ بەك ئازابلىنىمەن،-دېدى سىنىپ باشلىقىمىز مېنىڭ دېگەنلىرىمنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن.

    -شۇ... بىز ئۇنى پەقەتلا ئارىمىزغا ئالماپتىكەنمىز...

    -ئىككىڭلار بىزگە قارىغاندا ئۇنىڭ بىلەن خېلى يېقىنتىڭلار، شۇڭا سىلەرنى ئىزدەپتۇ-دە؟

    -ھەي..... بىزمۇ ساۋاقداش بولدۇقمۇ ئەمدى

    -....

    -...

    ھەممىسى ھەرخىل باھانە-سەۋەبلەرنى تېپىپ ئۆزلىرىنى گۇناھكار ھېسابلاشتى.

    مېنىڭ قۇلاق تۈۋىمدە ئۇنىڭ كۈلگەن ئاۋازى ياڭرايتتى.

    ئەتىسى، ئوقۇغۇچىلىرىمغا تاپشۇرغان تاپشۇرۇقنى-يەنى ھەربىرى بىر پارچىدىن گېزىت تېپىپ كېلىش تاپشۇرۇقىنى تەكشۈرىۋاتاتتىم. ھەر بىر ئوقۇغۇچى ئۆزلىرى ئوقۇغان گېزىتتىن بىر ۋاراقنى ئېلىپ كېلىشى شەرت ئىدى. شۇ گېزىتلەرنىڭ ئىچىدە، سارغايغان بىر پارچە گېزىتنى كۆرۈپ قالدىم.

    «.....زۇلخۇمار.**ياش، ***مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى، ئۆزىنى كۆلگە تاشلاپ ئۆلۈۋالغان.....» خەۋەرنىڭ يېنىدىكى بىر پارچە رەسىمگە كۆزۈم چۈشتى، دەل شۇ..

    گېزىت ئۆتكەن يىلىنىڭ مەلۇم كۈنىنىڭ گېزىتى ئىدى. ئۇنداقتا مەن سۆزلەشكەن زۇلى...

    قۇلىقىمدا ئۇنىڭ جاراڭلىق كۈلكىسى يەنە ئاڭلانغاندەك بولدى...

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يۇسران _