دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ يامان يىمەكلىك

يوللىغۇچى : guljennet يوللىغان ۋاقىت : 2012-01-04 19:18:13

دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ يامان يېمەكلىك(مۇنارجان تەرجىمىسى) ئاقىلنىڭ سۈكۈتى گويا بىر چوڭقۇر قۇدۇق، ئۇنىڭدىن چىقىدىغان تىل سۈيى تولىمۇ ئاز بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭ ھەربىر تامچىسى مەرۋايى...

     

    دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ يامان يېمەكلىك

    (مۇنارجان تەرجىمىسى)

      ئاقىلنىڭ سۈكۈتى گويا بىر چوڭقۇر قۇدۇق، ئۇنىڭدىن چىقىدىغان تىل سۈيى تولىمۇ ئاز بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭ ھەربىر تامچىسى مەرۋايىتتەك چاقناپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭدا چوڭقۇر ۋە قۇيۇق ئەقىل-پاراسەت شەربىتى بار.                      

      ئەكسىچە، نادانلارنىڭ ئاغزىدىن گەپ تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ، خۇددى يولى راۋان ئەمەس يۇندا ئېرىقىغا ئوخشايدۇ، تېشىپ ئېقىپ پۈتۈن يەرگە يامرايدۇ، نەتىجىدە مۇھىتنى بۇلغايدۇ. بىر ئادەم ئالدىراپ-تېنەپ بىر ئاقىلنىڭ يېنىغا بېرىپ ئېغىز ئېچىپتۇ:

    -سىزگە يەتكۈزىدىغان بىر خەۋەر بار...

    -توختاپ تۇر،-دەپتۇ ئاقىل ئۇنىڭ گىپىنى بۆلۈپ،-سەن ماڭا دەيدىغان گەپنى ئۈچ غەلۋىردىن ئۆتكۈزدۈڭمۇ؟

    -ئۈچ غەلۋىر؟ قايسى ئۈچ غەلۋىر ئۇ؟-ئۇ ئادەم چۈشىنەلمەي سوراپتۇ.

    -بىرىنچى غەلۋىر «ھەقىقىي» دەپ ئاتىلىدۇ. سەن ماڭا يەتكۈزمەكچى بولغان خەۋەر ھەقىقىيمۇ؟

    -بىلمەيمەن، مەن بۇ خەۋەرنى كوچىدىن ئاڭلىغان...

    -ئەمدى سەن ئىككىنچى غەلۋىردە تەكشۈرۈپ باق، سەن ماڭا يەتكۈزمەكچى بولغان خەۋەر ھەقىقىي بولمىسا، ئەڭ بولمىغاندا ياخشى بولۇشى كېرەك.

    -ياق،-دەپتۇ ئۇ ئادەم ئارىسالدى بولۇپ،-دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە...

    -ئەمىسە بىز ئۈچىنچى غەلۋىردىن ئۆتكۈزۈپ باقايلى،-دەپتۇ ئاقىل ئۇنىڭ گىپىنى بۆلۈپ،-سەندىن شۇنى سوراپ باقاي، سېنى مۇنچە ھاياجانغا سېلىۋەتكەن بۇ خەۋەر ھەقىقەتەن مۇھىممۇ؟

    -مۇھىم ئەمەس،-دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئۇ ئادەم خىجىل بولغان ھالدا.

    -سەن ماڭا يەتكۈزمەكچى بولغان خەۋەر يا ھەقىقىي، يا ياخشى، يا مۇھىم بولمىغانىكەن، ئۇنى دېمىگىنىڭلا ياخشى!-دەپتۇ ئاقىل،-شۇندىلا ئۇ خەۋەر ھەر ئىككىمىزنى ئاۋارە قىلمايدۇ.

    تۆھمەت ئادەمگە زىيانكەشلىك قىلمايدۇ، خۇشامەت ئادەمنى كاردىن چىقىرىدۇ، يامان مەسلىھەت ئادەمگە بالا تېرىپ بېرىدۇ، پىتنە-پاسات ئادەم ئۆلتۈرىدۇ. بەزىدە تىل بىر مىللەتنىڭ، بىر ئادەمنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويىدۇ. تىل ھەتتا ئىنسانلارنىڭ ياشاش ئۇسۇلىنى بەلگىلەيدۇ. بولۇپمۇ، پىتنە-پاساتنىڭ كۈچى تولىمۇ قورقۇنچلۇق. تارىختىن قارىغاندا، پىتنە پاسات كۆپ ھاللاردا سىياسىي قالايمىقانچىلىقلارنىڭ مۇقەددىمىسى بولۇپ قالغان. ئىككىسىنىڭ ئارىلىقى شۇنداق يېقىن، ئاكا-ئۇكا بىلەن ھەدە-سىڭىللاردەك، مۇسبەت ئېلىكتىر بىلەن مەنپىي ئېلىكتىردەك يېقىن.

    بىر پادىشاھ ناھايىتى ئەزىز بىر مېھماننى كۈتۈۋالماقچى بوپتۇ. شۇنىڭ بىلەن، ۋەزىرگە بازارغا بېرىپ ئەڭ ياخشى يېمەكلىك ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇپتۇ. ۋەزىر يىمەكلىكنى ئېلىپ كەپتۇ. پادىشاھ بىلەن مېھمان ئېچىپ قارىسا، ئۇ چوشقىنىڭ تىلى ئىكەن. ئۇلار بۇنىڭدىن تولىمۇ ئەجەبلىنىپ، سەۋەبىنى سوراپتۇ.

    -ئالىيلىرى،-دەپتۇ ۋەزىر،-چۈنكى تىل ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ دەبدەبىلىك سۆزلەرنى ياغدۇرالايدۇ، شۇڭا، ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى يىمەكلىك.

    ئارقىدىن پادىشاھ ۋەزىرگە دۇنيا بويىچە ئەڭ يامان يىمەكلىك ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇپتۇ. نەتىجىدە ۋەزىر يەنە چوشقىنىڭ تىلىنى ئەكەپتۇ.

    -ھۆرمەتلىك ئالىيلىرى،-چۈشەندۈرۈپتۇ ئۇ پادىشاھقا،

    -تىل دۇنيادىكى ئەڭ قورقۇنچلۇق نەرسە، ئۇ ھەق-ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاق-قارىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋېتەلەيدۇ، ئۆلۈكنى تىرىك، تىرىكنى ئۆلۈك دىيەلەيدۇ، شۇڭا ئۇنىڭدەك يامان نەرسە يوق.

    ...بىز بۇ ۋەزىرنىڭ ئاقىلانە سۆزىنى ئېسىمىزدە چىڭ تۇتايلى.

    ئېلبېرت خۇببارنىڭ «مەڭگۈلۈك ھەمراھ ____ ئەقىل-پاراسەت» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.