دەرىزە(ھېكايە)

يوللىغۇچى : irtish يوللىغان ۋاقىت : 2008-02-13 22:22:00

دەرىزە(ھېكايە) نامەلۇم دوختۇرخانىدىكى كىچىك بىر بالنېتسىدا ئىككى ئېغىر كېسەل كىشى ياتاتتى.كارىدورغا تۇتاشقان ئىشىكنىڭ قارشى تەرىپىدىكى دەرىزىدىن سىرتنى كۆرگىلى بولاتتى. دەرىزىگە يېقىن يەردە ...

       دەرىزە(ھېكايە)  

           نامەلۇم دوختۇرخانىدىكى كىچىك بىر بالنېتسىدا ئىككى ئېغىر كېسەل كىشى ياتاتتى.كارىدورغا تۇتاشقان ئىشىكنىڭ قارشى تەرىپىدىكى دەرىزىدىن سىرتنى كۆرگىلى بولاتتى. دەرىزىگە يېقىن يەردە ياتقان بىمار چۈشتە بىر سائەتلا ئولتۇرۇشقا رۇخسەت قىلىناتتى،يەنە بىر بىمارنىڭ پۈتۈن كۈنى كارۋاتتا يېتىش بىلەنلا ئۆتەتتى.جىمجىتلىق ئۇلارغا ھەمراھ ئىدى. ئېغىر كېسەل ئۇلارنىڭ كۆپ ھەرىكەت قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلاتتى.بالنېتسىدا كىتاپ،گېزىت،ئۈنئالغۇ ھەتتا تېلېۋىزورمۇ يوق ئىدى.بۇرۇن ئۇلار دائىم بىرنەچچە سائەت بالا-چاقىلىرى،خزمەتلىرى،قىزىقىشلىرى،بالىلىق چاغلىرى توغرىلىق پاراڭلىشاتتى،قىلىشمايدىغان گېپى يوق ئىدى.چۈش بولۇشى بىلەن،دەرىزىگە يېقىن ياتقان بىمارنى سېستىرا يۆلەپ ئولتۇرغۇزۇپ قوياتتى.ئۇ ئولتۇرىۋالغاندىن كېيىن،ھەمراھىغا تاشقى دۇنيانى تەسۋىرلەپ بېرەتتى:ئۇ يەردە چوڭ كۆلى بار بىر باغچا بولۇپ،ئاققۇلار كۆلدە ئويناپ يۈرىشەتتى،بالىلار ئاققۇلارغا بولكا تاشلاپ بېرەتتى.جۈپ-جۈپ ئاشىق-مەشۇقلار قوللىرىنى تۇتۇشۇپ،دەرەخ ئاستىدا سەيلە قىلىشاتتى.كۆل بويى گۈل-چېچەكلەرگە،ئوت-چۆپلەرگە پۈركىنگەن بولۇپ،توپ مۇسابىقىسى بولۇۋاتاتتى.كىشىلەر كۈن نۇرى ئاستىدا پاراڭلىشىپ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىشىۋاتاتتى.ئورمانلىقنىڭ ئۇ تەرىپى ناھايىتى گۈزەل شەھەر ئىدى.نېرىدا ياتقان بىمار يەنە،بىر كىچىك بالىنىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكىلى تاس قالغانلىقىنى،قىزلارنىڭ بەكمۇ چىرايلىق ياسىنىۋالغانلىقىنى،يۈرەكنى لەرزىگە سالىدىغان توپ مۇسابىقىسىنى،بىر كىچىك ئوغۇل بالىنىڭ كۈچۈكى بىلەن ئوينىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ياتاتتى.ئۇنىڭغا بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆرىنىۋاتقاندەك بىلنەتتى.ئۇ قاتتىق ھاياجانلىناتتى،كېسەل ئازابىنى،يالغۇزلۇقنى ئۇنۇتاتتى. ھاۋا ئوچۇق بىر كۈنى چۈشتە،ئۇنىڭ كاللىسىغا تۇيۇقسىز غەلىتە بىر خىيال كىردى:نېمىشقا مەنلا ئاڭلايمەنۇ،ئۇ ھەممىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ؟ئۇ ھەمرىيى ھەققىدىك بۇ خىيالدىن قاتتىق خىجىل بولدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇلارنى ئويلىماسلىققا تىرىشتى،لېكىن ئۇ قانچە ئۆزىنى تۇتۇۋالغانسېرى،دەرىزە تۈۋىدىكى كارىۋات كاللىسىغا شۇنچە كىرىۋالدى.تاشقىرىدىكى گۈزەل مەنزىرە ئۇنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلاتتى.بىراق ئۇنىڭ قولىدىن نېمە كېلەتتى؟ بىرنەچچە كۈن ئۆتتى.ئۇنىڭ بۇ ئىشقا راستىنلا ئاچچىقى كەلدى.ئۇ ئۆزىنى دەرىزىگە يېقىن قويۇلغان كارۋاتتا يېتىشقا مۇناسىپ دەپ ئويلىدى.ئاخشاملىرى تولا خىيال قىلىپ زادىلا ئۇخلىيالمىدى.ئۇنىڭ كېسىلى بارغانسېرى ئېغىرلاشتى،دوختۇرلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىدى. بىر كۈنى ئاخشىمى،ئۇ تورۇسقا قاراپ،قالايمىقان خىياللارنى يەنە باشلىدى.ھەمراھى تۇيۇقسىز ئويغىنىپ كەتتى،ئارقىدىنلا توختىماي قاتتىق يۆتەلدى،ئۇنىڭ قولى سىگنال كونۇپكىسىنى ئىزدەيتى،كونۇپكىنى باسسىلا دىژونى سېستىرا كىرەتتى.ئۇ ھەمراھىنىڭ كونۇپكىنى تاپالمايۋاتقانلىقىنى كۆردىيۇ،يەنىلا جىمجىت يېتىۋەردى.كېچە جىمجىتلىقىنى بۇزغان قاتتىق يۆتەل ئاۋازى بارا-بارا يوقالدى،تىنىق ئاۋازىمۇ توختاپ قالدى.ئۇ داۋاملىق تورۇسقا قاراپ ياتاتتى،يۈزىدە زۈشەنگىلى بولمايدىغان بىر خىل كۈلكە پەيدا بولدى. تاڭ يورۇشى بىلەن،سېستىرا قىز ئۇلارغا يۈز يۇيغىلى سۇ ئېلىپ كىرگەندە،دەرىزە يېنىدىكى بىمارنىڭ تىنىقى توختاپ قالغانلىقىنى بىلىپ،جەسەتنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.ئۇ يەنىلا جىمجىت ياتاتتى. ئويلىغىنىدەك،ئۇنىڭ دەرىزە يېنىدىكى كارۋاتقا يۆتكىلىش تەلىپى ئورۇندالدى.بىرئازدىن كېيىن،ئۇ جەينىكى بىلەن ئاران تەسلىكتە ئورنىدىن تۇرۇپ،دەرىزىدىن سىرىتقا قارىدى-دە تۇرپلا قالدى:ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئاپئاق ئاقارتىلغان بىر تام تۇراتتى... قەيسەر ئابدۇكېرىم تەرجىمە قىلغان

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق