يۇپۇرماق(تۇرسۇنئاي يۇنۇس)

يوللىغۇچى : Anqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-05-14 20:26:55

كەچ كۈزدىكى يوپۇرماق (ھېكايە)تۇرسۇنئاي يۇنۇس يالغۇز كىشىلىك كېسەلخانىدا داۋالىنىۋاتقان شاكىرنىڭ كېسىلى ئاخىرقى باسقۇچقا كېلىپ قالغاچقا، چىرايى سۇلغۇن كۆرۈنەتتى. ئۇ مۇشۇ دوختۇرخانىنىڭ خۇش تەبى...

    كەچ كۈزدىكى يوپۇرماق

    (ھېكايە)
    تۇرسۇنئاي يۇنۇس

     

       يالغۇز كىشىلىك كېسەلخانىدا داۋالىنىۋاتقان شاكىرنىڭ كېسىلى ئاخىرقى باسقۇچقا كېلىپ قالغاچقا، چىرايى سۇلغۇن كۆرۈنەتتى. ئۇ مۇشۇ دوختۇرخانىنىڭ خۇش تەبىئەتلىك، كېسەللەرگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان داڭلىق تاشقى كېسەل دوختۇرى ئىدى. ئۇ ئۈچ ئاي ئىلگىرى تۇيۇقسىز ئاغرىپ قېلىپ، ئۆپكە راكى ئىكەنلىكى ئېنىقلانغاندىن كېيىن جىددىي ئوپېراتسىيە قىلىندى. بىراق، بىر ئايغا قالماي كېسەلنىڭ باشقا ئەزالارغا تارىلىپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولغاندا، ئۇ تولىمۇ ئازابلاندى. چۈنكى، بۇ كېسەلنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى، ئۆزىنىڭ قانچىلىك ياشىيالايدىغانلىقى ئۆزىگە بەش قولدەك ئايان ئىدى.
    ئۇ ھاياتىدا قانچىلىك كېسەلنى داۋالاپ، قانچە كىشىنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرغانلىقىنى ساناپ بولالمايتتى. مانا ئەمدى بۇنداق ئېغىر كۈن ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەنىدى. ئۇ بۇ ئىشلارنى ئويلىغانسېرى بارلىق ئۈمىد، ئارزۇلىرى ئارقا-ئارقىدىن بەربات بولاتتى. تەڭرى نېمىشقا ئۇنىڭغا ئادالەتسىزلىك قىلىدىغاندۇ؟ نېمىشقا ۋاقىتسىزلا ئۇنى بۇ گۈزەل دۇنيادىن، كىشىلەر ئارىسىدىن مەڭگۈلۈك ماكانغا ئېلىپ كېتىشكە ئالدىرايدىغاندۇ؟ ئۇنىڭ بىر يىل، بىر ئاي ھەتتا بىر كۈن بولسىمۇ ياشىغۇسى بار ئىدىغۇ. ئۇ تومۇرىغا بىر تامچە، بىر تامچىدىن ئېقىپ كىرىۋاتقان قىپقىزىل قان تامچىسىغا قاراپ ياتقىنىچە، كۆزىگە قاپلىشىپ كېلىۋاتقان يېشىنى سۈرتۈپ، دېرىزىدىن سىرتقا نەزەر تاشلىدى. دوختۇرخانىنىڭ بېغى يېشىللىققا پۈركەنگەن. ئاق، سۆسۈن سېرىنگۈللەر توپ-توپ ئېچىلىپ كەتكەن، سۆگەتلەرنىڭ نازۇك شاخلىرى تال-تال ياشىرىپ كەتكەن بولۇپ، كىشىلەر ئورۇندۇقلاردا، چىملىقلاردا ئولتۇرۇپ ئارام ئېلىشىۋاتاتتى. شاكىر ئۆزىنىڭ باغقا چىقىشقىمۇ قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى ئويلىغىنىدا كۆڭلى تېخىمۇ يېرىم بولدى. ئۇ ھاياتنى، تۇرمۇشنى، گۈللەرگە پۈركەنگەن باغلارنى، كۈمۈش يوپۇرماقلىق جىگدە پۇرىقى تارىغان يېزىلارنى، قىسقىسى، ھاياتلىقتىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياخشى كۆرەتتى ھەم ئۇنىڭدىن مېھرىنى ئۈزەلمەيتتى. ھايات نەقەدەر قىممەتلىك، جان نېمىدېگەن تاتلىق-ھە!
    ئۇنىڭ كەڭ، ئازادە ياتىقى دوختۇرلار، كېسەللەر، دوستلىرى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئېلىپ كەلگەن گۈلدەستىلەر، سېۋەت-سېۋەت مېۋىلەر بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى. بىراق، ئۇنىڭ ئۇ نەرسىلەرگە قارىغۇدەك رەغدى يوق. مانا بۈگۈن ئۈچ كۈن بولدى، ئۇ يىراق-يېقىندىن ئۆزىنى يوقلاپ كەلگەنلەر بىلەنمۇ كۆرۈشمەي، كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ يېتىۋالدى. ئەتراپىدا كېچە-كۈندۈز پەرۋانىدەك ئايلىنىپ يۈرگەن ئايالى رامىلەگىمۇ تۈزۈك چىراي ئاچمىدى.
    رامىلە ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ، ئاق چېچەكلەر ئارىسىغا بىر جۈپ ئەتىرگۈل سېلىنغان گۈلدەستىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ، تومپۇچكا ئۈستىدىكى لوڭقىغا سالدى-دە، پۇتىنىڭ ئۇچىدا مېڭىپ كېلىپ:
    - قانداقراق تۇرىسىز؟- دېدى.
    شاكىر ئايالىغا مۇنداقلا بىر قاراپ بېشىنى لىڭشىتىپ قويدى. رامىلە ئۇچىسىغا قارا چېكىم-چېكىم گىرىپ كۆڭلەك، پۇتىغا پاشىنىسى پاكار ئاياغ كىيگەن بولۇپ، چېكە چاچلىرى ئاقىرىپ، يۈزى تاتىرىپ، كۆزىنىڭ ئەتراپى قارىداپ كەتكەنىدى. ئۇ تولىمۇ روھسىز كۆرۈنەتتى.
    «ئادەم دېگەن شۇنداقمۇ تېز ئۆزگىرىپ كېتىدىكەن- ھە؟» دەپ ئويلىدى شاكىر رامىلەنىڭ سۇلغۇن تۇرقىغا قاراپ يۈرىكى ئېچىشىپ.

    شاكىرنىڭ رامىلەنى تۇنجى قېتىم كۆرگەن ۋاقتى يازنىڭ ئاجايىپ چىرايلىق كۈنلىرى ئىدى. بۇلۇتسىز ئاسمان كۆپكۈك، قۇياش سېخىي  نۇرى بىلەن ئالەمنى يورۇتقان، پۈتۈن شەھەر يېشىللىققا پۇركەنگەن چۈش ۋاقتى ئىدى. شاكىر چۈشلۈك غىزالىنىش ئۈچۈن دەرۋازا ئالدىغا چىقىشىغىلا، ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر قىزغا كۆزى چۈشتى.
    ئېگىز بويىغا ياراشتۇرۇپ كالتە يەڭلىك ئاق گىرىپ كۆڭلەك كىيىپ، بوينىغا ھالرەڭ شارپا ئارتىۋالغان، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ بىلەن مەزمۇت چامداپ كېتىۋاتقان بۇ قىزنىڭ ئۇزۇن چاچلىرى غولىدا يېيىلىپ تۇراتتى. شاكىر قىزدىن كۆز ئۆزەلمەي، خۇددى جايىدا مىخلاپ قويغاندەك تۇرۇپ قالدى.
    - شاكىر دوختۇر، تۇرۇپ قاپسىزغۇ؟
    ئۇ يېنىغا قاراپ بىر تونۇشىنى كۆردى-دە:
    - ھە، بىرسىنى ساقلاۋاتقانىدىم،- دېدى.
    ئۇ قىزنىڭ كەينىدىن قارىسى يىتكۈچە قاراپ تۇردى، ئۇنىڭ كۆڭۈل كۆزىدە ئۇ قىزنىڭ سىماسى ئويۇپ قالدى. مانا شۇ كۈندىن باشلاپ ئۇ قىزنى ئۇنتۇيالمىدى.
    ياشلىقتىكى تۇيغۇ ئاجايىپ بولىدىكەن، كىشى شېرىن ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە، لىرىك كۈيلەرگە، رومانتىك خىياللارغا بېرىلىدىكەن. شاكىر ئۆزىنىڭ ئاشىق بولغانلىقىنى، ئۆزى ئۇزۇندىن بېرى ئىزدىگەن قىزنى تاپقانلىقىنى ھېس قىلدى. بىراق، ئۇ قىزنى ئىككىنچى قېتىم زادىلا ئۇچرىتالمىدى. قىز خۇددى ئاسماندىن چۈشكەن پەرىزاتتەك ئۆزىنى بىر كۆرسىتىپ قويۇپ، پىنھان جايغا يوشۇرۇنغاندەك ئۆزىنى زادىلا كۆرسەتمىدى.
    ئارىدىن بىر ئاي ئۆتتى، شامال چىقىۋاتقان بىر كۈن ئىدى. شاكىر كوچىدا تۇيۇقسىز ھېلىقى قىزنى ئۇچراتتى. ئۇ ھاياجاندىن كۆزلىرىگە ئىشەنمەي قالدى. دەل شۇ چاغدا قىزنىڭ كۆڭلىكىنىڭ ئېتىكىنى شامال ئۇچۇرتۇپ، ئۇنىڭ ئاپئاق پاچاقلىرى كۆرۈنۈپ قالدى. قىز ئېڭىشىپ كۆڭلىكىنىڭ ئېتىكىنى قوللىرى بىلەن ئىتتىك تۇتۇۋالدى، بىراق بوينىدىكى شارپا شامالدا ئۇچۇپ، بىر دەرەخنىڭ شېخىغا ئىلىنىپ قالدى. قىز نېمە قىلىشىنى بىلمەي تۇرغاندا، شاكىر پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، قىزنىڭ يېنىغا كەلدى-دە:
    - ياردەم قىلايمۇ؟- دېدى.
    قىز شاكىرغا قاراپ سەل-پەل كۈلۈمسىرەپ:
    - قاراڭ بۇ شامالنى، خۇددى مەن بىلەن ئويناشقاندەك...- دېدى كۆزلىرىنى ئۇنىڭدىن ئېلىپ قېچىپ.
    شاكىر چەبدەسلىك بىلەن بىر سەكرەپلا شارپىنى ئېلىپ، قىزغا تەڭلىدى.
    - رەھمەت سىزگە،- دېدى قىز شارپىنى ئېلىۋېتىپ.
    - ئىسمىم شاكىر، تونۇشۇپ قالايلى،- دەپ قىزغا قولىنى تەڭلىدى-دە،- ئىسمىڭىزنى بىلىۋالسام بولارمۇ؟- شاكىر بۇ گەپنىڭ ئېغىزىدىن قانداق چىقىپ كەتكەنلىكىنى تۇيمايلا قالدى. چىرايى ھۆپپىدە قىزىرىپ كەتتى.
    - ئىسمىم رامىلە،- دېدى قىز تاتلىق بىر كۈلۈپ،- سىز ئاكامنىڭ ساۋاقدىشى، دوختۇرخانىدا ئىشلەيسىزغۇ دەيمەن.
    - شۇنداق.
    شاكىر قىزغا تىكىلىپ تۇرۇپ قالدى، قىزنىڭ ئوتلۇق قارىشى شاكىرنىڭ يۈرىكىنى جىغىلدىتىپ، يۈرەك تارىنى تىترىتىۋەتتى. قىزنىڭ چاقماق كىرپىكلىرى يىگىتكە ئوت ئۇچقۇنلىرىنى چاچراتتى. لەۋلىرىدىكى كۈلكە قىزىل گۈلنىڭ پۇرىقىنى تاراتتى، ئىككى مەڭزىدىكى زىناقلىرى، كىشىنى سۆيۈشكە تەشنا قىلىدىغان خۇش تەبەسسۇم...
    شاكىر نېمىلەرنى ئويلىدى، قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتى، بىلمىدى، قىز كۆز ئالدىدىن غايىب بولغان، ئۆزى تېخىچە تۇرغان جايىدا تۇراتتى. ئارىدىن بىرنەچچە ئاي ئۆتتى. شاكىر دائىم ئۇ قىز بىلەن كۆرۈشۈشنى ئىزدەيتتى.
    شاكىر بىر دوستىنىڭ تويىدا يىگىت قولدىشى بولغاندا، رامىلەنىڭ قىز قولدىشى بولغانلىقى ئۇنى خۇشاللىقتىن مەست قىلىۋەتتى، ئۇ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئويلاپ ئىچ-ئىچىدىن خۇش بولۇپ كەتتى. دېگەندەك، توي كۈنى ئۇلار بىللە بولدى، بىللە تاماق يېيىشتى، بىللە ئۇسسۇلغا چۈشتى، قىز-يىگىتنى ئۆيىگە كۆچۈرۈپ كىرگەندىمۇ بىللە بولدى، كەچتە شاكىر رامىلەنى ئۆيىگىچە ئەكېلىپ قويۇپ قايتىپ كەتتى. ئۇ ئالدىراپ ئېغىز ئاچمىدى، چۈنكى قىزنىڭ كۆڭلىنى ئوۋلاپ، ئۆزىگە مايىل قىلغاندىن كېيىن تەكلىپ قويۇشنى كۆڭلىگە پۈكتى.
    بىر كۈنى شاكىر رامىلەگە تېلېفون بېرىپ، ئۇنى كونسېرت كۆرۈشكە تەكلىپ قىلدى، ئۇ كۈنى رامىلە بەك چىرايلىق ياسىنىپ چىققان بولۇپ، شاكىرنىڭ يېنىدا كېتىۋاتقان بۇ قىزدىن ھەممە ئادەم دېگۈدەك كۆزىنى ئۈزەلمەي قالدى.
    ئويۇندىن قايتقاندا رامىلەنىڭمۇ ئۆزىگە زوق بىلەن قارىغانلىقىنى، گەپ قىلغاندا قىزىرىپ كەتكەنلىكىنى، قىسقىسى، ئۆزىگە مايىل ئىكەنلىكىنى يۈرىكى تۇيدى. ئۇلار ئايرىلىش ئالدىدا:
    - ئەگەر خالىسىڭىز رامىلە، ئۇچرىشىپ تۇرساق،- دېدى.
    - ماقۇل.
    قىز شاكىرغا لەپپىدە قاراپ بولۇپ، ئىزا تارتىپ يەنە يەرگە باقتى.
    ئۇلار ئارىلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا توي قىلىۋېلىپ، بىر-بىرىگە كۆيۈمچان، بەختىيار بىر جۈپلەردىن بولۇپ قالدى. ئىككىسى ئوخشاشلا ئىشق ئوتىنىڭ ئەركە بالىسى، مۇھەببەت بۆشۈكىنىڭ بەختلىك ئاشىق-مەشۇقلىرى ئىدى. شاكىر قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن رامىلەنى سۆيەتتى. رامىلەنىڭ قاراشلىرى، كۈن نۇرىدەك چېھرى، خەندان ئۇرۇپ سايرىغان بۇلبۇلنىڭ ئۈنىدەك ئاۋازى، تاتلىق كۈلكىسى ئۇنىڭغا ئالەمچە خۇشاللىق، بەخت بەخش ئېتەتتى...
    ئۇلار خۇشلۇق، مۇھەببەت بەختى بىلەن ئاجايىپ بىر گۈزەل دۇنيادا سۆيگۈ چېچەكلىرى ئېچىلغاندەك شادلىناتتى.
    ئۇلار ئۆز قولى بىلەن قۇرغان چەكسىز مۇھەببەتلىك زېمىندا مۇھەببەتنىڭ مېۋىسى، ھاياتلىقنىڭ تەسۋىرلىگۈسىز شادلىقى ۋە مەنىسى بولغان پەرزەنتلىرىنىڭ دۇنياغا كۆز ئاچقانلىقىدىن چەكسىز پەخىرلىنەتتى، ھۇزۇر ھېس قىلاتتى. ئۇلار ئەقىدە ۋە ھاياتقا بولغان چەكسىز ئىشەنچسى بىلەن ئاشۇ نۇرانە يۇلتۇزلىرىنى پەرۋىش ئەتمەكتە ئىدى. قوشكېزەك ئوغلى، ئايدەك چىرايلىق بىر قىزى بارلىقىدىن بېشى ئاسمانغا يەتكۈدەك شادلىناتتى ھەم مەغرۇرلىناتتى.
    ئارىدىن ئون بەش باھار، ياز، كۈز، قىش ئېقىن سۇدەك تېز ئۆتۈپ كەتتى. ھاياتنىڭ مۇھەببەتكە تولغان ئاجايىپ خۇشاللىق چاغلىرى بولغىنىدەك، سىرلىق ھەم رەھىمسىز چاغلىرى، بوران-چاپقۇنلىرى بارلىقىنى ئۇلار ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. كۈتۈلمىگەن بىر قىسمەتلىك تەقدىر-قوشكېزەك ئوغۇللىرىنىڭ ئون ئىككى ياشقا كىرگەن يىلى ئاق قان كېسىلى بىلەن ئاغرىپ قېلىشى، بۇ ياش ئاتا-اتىنىڭ يۈرىكىنى پارە-پارە قىلىۋەتتى.
    ئىككى ئوغۇل ئۇلارنى ئېغىر قايغۇغا مۇپتىلا قىلىپ، ئۇلارنىڭ باغرىدىن مەڭگۈلۈككە ئايرىلدى. بىچارە رامىلە جۇدالىق دەردىدە نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قېتىپ قالدى. ئۇ يىغلىمايتتى، گەپ قىلمايتتى، گېلىدىن غىزا تۇرماق سۇ چاغلىق نەرسىمۇ ئۆتمەيتتى، دۇنيانىڭ بارلىق خۇشاللىقلىرى پەرزەنتلىرى بىلەن قارا يەر قوينىغا دەپنە قىلىنغاندەك، ئۆزىنى يوقىتىپ قويدى. باشقىلار گەپ قىلسا خۇددى روھى چىقىپ كەتكەندەك قاراپلا تۇراتتى. ئۇنىڭ ھالىغا چىدىمىغان شاكىر ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق تەسەللى بېرىپ باقتى.
    ئارىدىن بىرنەچچە ئاي ئۆتكەن بولسىمۇ رامىلە ئۆزىنى ئوڭشىۋالالماي، ھەسرەت چېكىپ يۈرۈۋەرگەچكە، چاچلىرى چۈشۈپ، چىرايى تاتىرىپ، باشقىچىلا بىر ئايالغا ئايلىنىپ قالدى. ئۇ دوست-بۇرادەرلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ نەسىھەتلىرىنى، يېلىنىپ قىلغان تەربىيىلىرىنى ئاڭلىمىدى، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن پەرزەنتلىرىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىشلىرى؛ قۇلىقىدىن ئۇلارنىڭ چۈچۈك تىلدا قىلغان سۆزلىرى زادىلا نېرى كەتمىدى، ئۆينىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىن بالىلىرىنىڭ ئاۋازى ئاڭلانغاندەك، كۈلگەندەك، ئۇنى چاقىرغاندەك بولاتتى. تەڭرى پەرزەنتلەرنىڭ ئوت-پىراقىنى ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈرىكىگە سالىدىكەنۇ، ۋاقتى كەلسە ئۇلارنى ئېلىپ كېتىپ، ئاتا-ئانىنىڭ يۈرىكىنى چەكسىز قىيناپ، يۈرىكىنى مورلىۋېتىدىكەن، بۇ نېمە تەقدىر ئۆزى؟...
    رامىلەنىڭ بۇ قەدەر ئازابلىنىشىغا، ئۆزىنى تاشلىۋېتىشىگە زادىلا چىدىيالمىغان شاكىر:
    - رامىلە، سىزدىن ئۆتۈنۈپ قالاي، ئۆزىڭىزنى تۇتۇۋېلىڭ، پەرزەنتلەر بىزنىڭ ئىككى قانىتىمىز، ھاياتىمىزنىڭ مەنىسى، بەختىمىزنىڭ مېلودىيىسى، يۈرىكىمىزنىڭ پارىسى ئىدى. ئەگەر ئۇلار چوڭ بولۇپ، قاتارغا قېتىلغان بولسا بېشىم ئاسمانغا يېتەتتى، ئۇلارنىڭ ۋاپاتى ھاياتىمىزنىڭ گۈلىنى، بەختىمىزنىڭ چېچىكىنى توزىتىۋەتتى، مەنمۇ سىزگە ئوخشاش ئازابلىنىپ كېتىۋاتىمەن، لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن بالىلىرىمىز تىرىلىپ كەلمەيدىكەن. قانداقلىكى بولسۇن، ئالتۇندەك بىر قىزىمىز بار، بۇنىڭغىمۇ شۈكۈر، سىز ھاياتىمنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتكەن، ماڭا سىز، ئائىلە كېرەك، سىز بۇنداق ئازابلىنىپ، ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ يۈرسىڭىز مەن قانداق قىلىمەن؟ سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭ، سىزدىن ئۆتۈنەي، ئۆزىڭىزنى بۇنداق تاشلىۋەتمەڭ، جېنىم رامىلە...
    شاكىر ئايالىنى باغرىغا بېسىپ ئۇزۇنغىچە ياش تۆكتى...
    بىراق، رامىلە كۆزىنى بىر نۇقتىغا تىكىپ، قونچاقتەك ھېسسىياتسىز، جانسىز ئولتۇراتتى. بۈگۈن رامىلەنىڭ كۆرۈنۈشى شاكىرنىڭ كۆزىگە نەق شۇ ۋاقتىدىكىدەك كۆرۈنۈپ كەتتى.
    - بىچارە،- دەۋەتتى شاكىر ئىختىيارسىزلا.
    - نېمە دېدىڭىز؟- دەپ سورىدى رامىلە ئىتتىك شاكىرغا قاراپ.
    - رامىلە، كېلىڭ يېنىمدا ئولتۇرۇڭە.
    شاكىرنىڭ ئاۋازى تىترەپ كەتتى.
    رامىلە ئورۇندۇقنى يېقىنراق سۈرۈپ، ئېرىنىڭ قېشىغا كېلىپ ئولتۇرۇپ، چىرايىغا تىكىلدى، ئىچىدە «مېنىڭ بىلەن سۆزلەشكۈسى بار ئىكەن-دە، بىراق كېسىلى توغرىسىدا سۆزلىمىسە بولاتتىغۇ» دەپ ئويلىدى.
    - رامىلە، مەن دوختۇرخانىدا ياتقان ئۈچ ئايدىن بېرى، سىز بىرەر كۈنمۇ ئۆيگە قايتىپ، ئارامخۇدا ئۇخلاپ باقمىدىڭىز، بەك چارچاپ كەتكەنسىز-ھە؟
    - ياقەي،- دېدى رامىلە شاكىرغا كۈلۈمسىرەپ قاراپ، سىز ئۆمرىڭىزدە مۇنداق تەكىي تۇتۇپ يېتىپ باقمىغانىدىڭىز، بۇ قېتىم تۇيۇقسىز ئاغرىپ قېلىپ، مېنى بەك قورقۇتۇۋەتتىڭىز. مەن ئۆيدە ياتساممۇ بەرىبىر سىزدىن غەم قىلىپ ئۇخلىيالمايمەن، بىز دېگەن قەدىناس ئەر-خوتۇن تۇرساق، مەن ھەرقانچە جاپا تارتساممۇ سىزنى ساقايتىۋالسام دەيمەن...
    رامىلە سۆزدىن توختاپ قالدى. چۈنكى، شاكىرنىڭ كۆزى يۇمۇلۇپ قالغانىدى. رامىلە شاكىرغا قاراپ ئولتۇرۇپ ئىختىيارسىز خىيالغا بەنت بولدى.
    *   *
    شاكىرنىڭ ئاغرىپ قېلىشى رامىلەگە ئىككىنچى قېتىملىق چوڭ زەربە بولدى، ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىقىپ بىر يىلدىن كېيىن شاكىر بىلەن تونۇشۇپ توي قىلدى. رامىلە ئۆزىنى تولىمۇ بەختىيار سانايتتى، شاكىر كۆيسە كۆيگۈچىلىكى، سۆيسە سۆيگۈچىلىكى بار بىر ئەر ئىدى. قوشكېزەك پەرزەنتلىرىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۆزىنى تاشلىۋەتكەن رامىلە خۇددى ھازىرقىدەك ناخۇش، ئويچان، دىلى ئازابلىق بولۇپ قالغانىدى. ئەمما، بىر قېتىملىق دوكلات بېرىش يىغىنىدا بىر ئاددىي ئانىنىڭ يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئىككى پەرزەنتى بىلەن يولدىشىدىن ئايرىلىپ قالغان چاغدىكى تۇيغۇسى ۋە بۇ ئىشتىن كېيىن قەيسىرانە ئىرادىسى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلدى، تەسىرلىك نۇتۇقلار ئۇنى ھاياجانلاندۇرۇپ، ياشاشقا بولغان ئىشەنچسىنى قايتا چىڭىتتى.
    ئىككى سائەتتەك داۋاملاشقان دوكلات بېرىش يىغىنى رامىلەنى باشقىچىلا قىلىپ قويدى. ئۆزىنىڭ ئۈچ مېھرىبانىدىن ئايرىلغان دېھقان ئايالنىڭ جەسۇرانە روھى، ھاياتقا بولغان ئىشەنچسى ئۇنى قاتتىق تەسىرلەندۈرۈۋەتتى، ئۇ كېچىچە بۇرۇنقى ئىشلارنى ئويلاپ، ھايات ياشاش ئۈچۈن، بەختلىك تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىش ئىرادىسىگە كەلدى.
    ئەتىسى تاڭ سەھەردە چېچىنى تاراۋېتىپ ئەينەككە قارىغان رامىلە ئۆزىنىڭ شۇ قەدەر ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ لەۋلىرىنى چىشلىدى، بۇرۇنقى رامىلە قېنى؟... ئۇ قەددىنى رۇسلاش قارارىغا كەلدى.
    20 يىللىق خىزمەت تەجرىبىلىرى، خىزمەت خاتىرىلىرى، تەجرىبە ئېتىزىدىكى، لابوراتورىيىدىكى سىناق نەتىجىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۈچ يىل كېچە-كۈندۈز تەتقىق قىلىش ئارقىلىق «تۇپراقشۇناسلىق»، «شورلۇق تۇپراقنى ئۆزگەرتىش» تېما قىلىنغان چوڭ ھەجىملىك ئىككى توم كىتاب يېزىپ، نەشر قىلدۇردى.
    بۇ كىتابنىڭ ئېلان قىلىنىشى يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرى، ئالىملىرى، پەن-تېخنىكا خادىملىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى ھەم يۇقىرى شۆھرەت قازاندى.
    ھايات رامىلەگە كۈلۈپ باقتى، ئۇنىڭ ئىككىلا كىتابى «دۆلەت دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. ئۆزى مەملىكەتلىك «ئەمگەك نەمۇنىچىسى» بولدى.
    - رامىلە، رامىلە، سىز قېنى...
    شاكىر خۇددى جۆيلۈگەندەك سۆزلىدى.
    - نېمە بولدىڭىز؟ مانا مەن يېنىڭىزدا بار،- دېدى رامىلە ئېرىنىڭ قولىنى سىلاپ تۇرۇپ.
    - توۋا دەيمەن، كۆزۈم يۇمۇلۇپلا سىزنى چۈشەپ قالدىم دېسە...
    - قانداق چۈشەپ قاپسىز، ئېيتىپ بېرىڭە؟
    - سىزگە گۈل تۇتالمىغان ۋاقتتىدىكى ئىشچۇ؟ شۇنى...
    ئۇنىڭ ئۈنى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى. قارىغاندا، شاكىر بىردەم خىيال قىلىپ، بىر مۈگدەپ، بىر دەم ئېسىنى يوقاتقان بولسا كېرەك، شۇڭا رامىلەنىڭ سۆزى جاۋابسىز قالدى. توغرا، شاكىر ئۇنى بىر قېتىم قاتتىق رەنجىتىپ قويغانىدى، ئۇ مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى يىغىنىدىن قايتقان كۈنى ئىدى. ئايرودرومدا ئۇلار داغدۇغىلىق كۈتۈۋېلىندى، ھەممە كىشىنىڭ دېگۈدەك ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئالدىغا چىققان، ئەمما رامىلەنى كۈتۈۋالغىلى ھېچكىم چىقمىغانىدى. ئۇ ئەتراپقا سەپسېلىپ قارىۋەتكەندىن كېيىن ئىدارىنىڭ ماشىنىسى بىلەن ئۆيىگە كەلدى.
    چامادان بىلەن بىر دەستە گۈلنى كۆتۈرۈپ كىرگەن رامىلەنى كۆرگەن شاكىر مىدىرلاپمۇ قويماستىن:
    - شەرەپ دېگەن شەرەپ، بىراق ئايال كىشى دېگەن ھامان ئايال كىشى. سىزنىڭ شەرەپ قۇچتۇم، ئەمگەك مېدالىغا ئېرىشتىم دەپ ئۆزىڭىزنى بىلمەي قېلىشىڭىزنى ياقتۇرمايمەن،- دېدى.
    رامىلەنىڭ قولىدىكى گۈل بىلەن چامادان يەرگە چۈشۈپ كەتتى، رامىلە زادى نېمىنى خاتا قىلغانلىقىنى، ئېرىنىڭ نېمىشقا ئۇنداق دېگەنلىكىنى ئويلاپ يېتەلمىدى. ئۇ بىرنەچچە دەقىقە ئەس-ھوشىنى يوقىتىپ تۇرۇپ قالدى. نېمە دېيىشنى، نېمە قىلىشنى بىلمەي تۇرغاندا ئاپىسى سىرتتىن كىرگىنىچە:
    - تاتلىق قىزىم، جان قىزىم، كۆز نۇرۇم، قايتىپ كەلدىڭمۇ، ئالتۇن بېشىڭدىن ئۆرگىلەي، كۈمۈش بويۇڭدىن ئۆرگىلەي، جېنىم قىزىم...- دەپ ھاياجان بىلەن سۆزلەپ تۇرۇپ، رامىلەنى باغرىغا باستى.
    ئۆيىگە خۇشال كىرىپ دىلى ئازار يېگەن رامىلەنىڭ خاپىلىقى خۇشاللىققا، دەردى بەختكە ئايلانغاندەك ئانىسىنى چىڭ قۇچاقلاپ، ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ تاشلىدى. ئۇنىڭ رەنجىشلىرى كۆز ياشلىرى بىلەن سىرتقا چىقىپ كەتتى.
    - ئاپا، جېنىم ئاپا!- ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قىزى گۈلمىرە يۈگۈرگىنىچە كىرىپ رامىلەنى چىڭ قۇچاقلىدى.
    - سەن نەقەدەر بەختلىك، نەقەدەر تەلەيلىك-ھە، سېنىڭ ئىش-ئىزلىرىڭ يېزىلغان گېزىتنى دوستلىرىم بىلەن ئوقۇدۇق، سەن ئۈچۈن بەك پەخىرلەندىم. قارىغىنا، بويۇم بىر غېرىچ ئۆسۈپ قالغاندەك بولۇپ كەتتىم...
    رامىلە قىزىغا زوقمەنلىك بىلەن قارىدى. قىزىمۇ خۇددى ئۆزىگە ئوخشاش چىرايلىق چوڭ بولۇۋاتاتتى.
    ھەممەيلەن چۈشلۈك غىزانى بىللە يېدى، شاكىر سەل خىجىل بولغاندەك ئانچە كۆپ سۆزلىمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئۆيدىكى بۇلۇتلار ۋاقتىنچە تارقاپ كەتتى، بىراق بۇ ئىش رامىلەنى خېلى ئۇزۇنغىچە ئويغا سالدى. ئارىدىن ھەپتە ئۆتكەندە، شاكىر بىر دەستە گۈل كۆتۈرۈپ كىردى-دە:
    - رامىلە، مېنى كەچۈرۈڭ، بىلمىدىم، نېمىشقا شۇنداق قىلدىمكىن، كېچىكىپ تۇتقان گۈلۈمنى قوبۇل قىلىڭ،- دېدى.
    رامىلە گۈلنى قولىغا ئېلىپ، كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ گۈلنى پۇرىدى-دە:
    - سىلەر ئەرلەرزە، نېمە دېسەم بولار، مەن ھېچقاچان شەرەپ قۇچتۇم دەپ ئۆزۈمنى چوڭ تۇتقان ئەمەس، ئۇنداق ئويلاردىمۇ بولغان ئەمەس ئىدىم. بىراق، سىز...
    - بولدى، مەن كەچۈرۈم سورىدىمغۇ؟
    - كەچۈرۈم قوبۇل قىلىندى،- رامىلە چاقچاق بىلەن كۈلگەندىن كېيىن،- ھوي ئەسكى - دەپ شاكىرغا ئەركىلىدى.
    *   *
    ئاشۇ كۈن شاكىرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ھەم ئۇلارنىڭ توي قىلغان خاتىرە كۈنى ئىدى. ئۇ كۈن شاكىر نۆۋەتچى بولۇپ ئىشلەيدىغان كۈنگە توغرا كەلگەچكە، رامىلە بۇ كۈننى شاكىر بىلەن دوختۇرخانىدا ئۆتكۈزۈشنى ئويلاپ پولۇغا تۇتۇش قىلدى. پولۇغا گۆش، بىھى، ئىككى تال كۆك لازىنىڭ ئىچىگە قىيما سېلىپ بېسىپ ئاشنى چىرايلىق تاماق قاچىسىغا ئۇسۇپ، بىر دەستە گۈلنى كۆتۈرۈپ دوختۇرخانىغا كەلدى.
    كەچ سائەت ئوندىن ئاشقان چاغ بولغاچقا، كارىدور تىپتىنچ ئىدى. ئۇ شاكىرنىڭ ئىشخانىسىغا كىردى. ئىشخانىدا چىراغ يورۇق، شاكىرنىڭ پەلتوسى ئېسىقلىق، بىراق ئۆزى كۆرۈنمەيتتى. ئۇ ئاش بىلەن گۈلنى ئۈستەلگە قويۇپ، پەلتو بىلەن رومىلىنى كىيىم ئاسقۇچقا ئېسىپ قويۇپ بىردەم ساقلاپ ئولتۇردى. بىراق، شاكىر كىرمىدى. ئۇ ئاستا چىقىپ ياتاقلارغا قارىدى، كېسەللەر ئۇيقۇغا كەتكەن بولۇپ، چىراغلار ئۆچۈرۈلگەنىدى، چەتتىكى يالغۇز كىشىلىك بىر ياتاقنىڭ چىرىغى يېنىق تۇراتتى. ئۇ ئاستا بېرىپ، ياتاقنىڭ قىيا ئوچۇق ئىشىكى ئالدىغا كەلدى.
    كېسەل كارىۋىتىدا ياش، چىرايلىق بىر ئايال ياتاتتى، ئۇنىڭ چوڭ-چوڭ بۈدۈر قىلىنغان چاچلىرى يېرىم ئوچۇق كۆكسىگە چۈشۈپ تۇراتتى. كۆزلىرى قارا، قاشلىرى ئەگىم، يۈزى سوزۇنچاق بۇ ئايال شاكىرنىڭ بوينىغا گىرە سېلىپ، بېشىنى ياستۇقتىن ئاران كۆتۈرۈپ تۇراتتى، شاكىرمۇ ئۇنىڭغا بوينىنى ئېگىپ بېرىۋاتقاندەك تۇراتتى، ئۇ ئايال شاكىرنىڭ يۈزىگە يۈزىنى ياقتى.
    بىچارە رامىلە لاغ-لاغ تىترەپ كەتتى، بىردىنلا پۇتىدا ماغدۇر قالمىغاندەك لاسسىدە بولۇپ قالدى. شۇ تاپتا ئىشىكنى ئېچىپ كىرىپ ئۇ ئىككىسىنى تىللاپ، رەسۋاسىنى چىقىرىشنى ئويلاپ، يەنە تۇرۇپ قالدى.
    ئۇ داپشاق «مېنىڭدە گۇناھ يوق، ئېرىڭ ماڭا چاپلىشىۋالدى، چىدا» دېسە قانداق قىلغۇلۇق؟
    رامىلەنىڭ كاللىسى قالايمىقان خىيال بىلەن قېتىپ كەتتى. مۇشۇ بىرنەچچە دەقىقىدە كۆرگەن ئىش خۇددى قاباھەتلىك چۈشتەك بىلىندى، بىراق بۇ چۈش ئەمەس ئىدى. ئۇ ئىختىيارسىز كۆزىنى ئېچىپ ئۇلارغا قارىدى. ھېلىقى ئايال بەخت پەيزىدىن مەستخۇش بولغاندەك كۆزلىرىنى يۇمۇۋالغانىدى. بىرئازدىن كېيىن بىردىنلا كۆزىنى يوغان ئېچىپ، خۇددى رامىلەنى كۆرگەندەك جىددىيلەشتى، ئاندىن ئوق تەگكەن كېيىكتەك سىلكىنىپ، شاكىردىن ئاجراپ ياستۇققا ئۆزىنى تاشلىدى.
    رامىلەنىڭ تاقىتى-تاق بولدى-دە، ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپلا لېفتقا چىقتى-دە، دوختۇرخانىدىن خۇددى بىرسى قوغلاپ كېلىۋاتقاندەك ئىتتىك يۈگۈرۈپ چىقىپ كەتتى. قار لەپىلدەپ يېغىۋاتاتتى، شىۋىرغانلىق قار ئۇنىڭ يۈزلىرىگە ئۇرۇلاتتى، ئۇنىڭ توختىماي ئېقىۋاتقان كۆز ياشلىرى مەڭزىدە مۇز بولۇپ قېتىپ قالدى. ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتۈۋاتقان كىرا ماشىنىلىرى ئۇنىڭغا قاراپ سىگنال بېرەتتى، بىراق ئۇنىڭ تاكسىغا چىققۇسى، ئۆيىگە قايتقۇسىمۇ يوق ئىدى. ئۇنىڭ يىراق بىر يەرگە كەتكۈسى، بۇ رەزىل دۇنيادىن، ۋاپاسىز ئىنسانلار ئارىسىدىن غايىب بولغۇسى كېلەتتى. شۇ تاپتا ئۇ قار ئاستىغا كىرىپ كېتىشنى ياكى ماشىنىنىڭ ئاستىغا ئۆزىنى تاشلاشنى ئويلاپ قالدى. دەل شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ يېنىدىن قىزى گۈلمىرەگە ئوخشاش بىر قىز ئۆتۈپ كەتتى. ئۇنداق قىلسام... بىچارە قىزىم قانداق قىلىدۇ؟ مەن ئۇنىڭدىن، ئۇ مېنىڭدىن ئايرىلالمايمىز. سېنى يالغۇز قويمايمەن، قوزام...
    قار ياغماقتا. شىۋىرغان ھۇۋلىماقتا، ئۇنىڭ چاچ، كىرپىكلىرىنى قىرو باغلاپ، مۇز قېتىپ كەتتى، قوللىرى قورايدەك قېتىپ يۇمۇلماي قالدى، ئۇ بىردىنلا ھالسىزلىنىپ يىقىلدى، ئۇنىڭ يېنىدا كىرا ماشىنىسى توختاپ، بىر يىگىت چۈشتى-دە:
    - ھەدە، نېمە بولدىڭىز؟ سىرتقا يالاڭ چىقىپسىز، يۈرۈڭ ئۆيىڭىزگە ئاپىرىپ قوياي،- دەپ ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزدى، ئاندىن ماشىنىسىغا ئاۋايلاپ چىقاردى.
    رامىلە ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغاندەك ئولتۇرۇۋەردى.
    - ھەدە، قارىغاندا بىرەر كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچراپسىز، بەلكى ئۆيدە بالىڭىز سىزنى كۈتۈپ، سىزدىن ئەنسىرەپ ئولتۇرغاندۇ، ماڭا ئۆيىڭىزنىڭ ئادرېسىنى ئېيتىپ بېرىڭ، ماقۇل دەڭ.
    يىگىتنىڭ سەمىمىي نەسىھىتى ئۇنىڭ مۇزلىغان يۈرىكىنى ئېرىتتىمۇ ياكى قىزىنى كۆرۈشكە ئالدىرىدىمۇ، ئاخىر ئادرېسىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ بىناغا كىرىپ كارىدوردا بىر دەم تۇردى، ئاچقۇچنىڭ بار-يوقلۇقى ئېسىدە يوق، ئۇ پوپايكىنىڭ يانچۇقىنى تۇتتى. خۇداغا شۈكۈر، ئاچقۇچ بار ئىكەن، ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيىگە كىردى-دە، قىزىنىڭ ھۇجرىسىنى ئاچتى، قىزى چىراغنى ئۆچۈرمەيلا ئۇخلاپ قالغانىدى. ئۇنىڭ بۇلۇق، ئۇزۇن چاچلىرى ياستۇققا يېيىلغان، ئاغزى سەل-پەل ئوچۇق، چىرايى شۇنداق نۇرانە، خۇددى ئۆزىنىڭ ياش ۋاقتىدىكىدەك شۇنداق گۈزەل...
    ئاھ ياشلىق، گۈزەللىك، نەقەدەر ياخشى دەۋرلەر-ھە؟ ساڭا ھەممە كىشىنىڭ ھەۋىسى كېلىدۇ، ساڭا قايرىلىپ قارىغۇسى، سېنى تالاشقۇسى، سېنىڭ بىلەن بىللە ياشىغۇسى كېلىدۇ. «ياش ئىدۇق، گۈل ئىدۇق، قوللاردا بېزەك» بۇ نەقەدەر ياخشى يېزىلغان مىسرالار-ھە!
    مېنىڭ بەختىم، ماڭا مەنسۇپ گۈزەل دۇنيا، شېرىن سۆيگۈ، قەلبىمدە يانغان ئىشق ئوتى، كۆيۈۋاتقان يۈرىكىم بار ئەمەسمىدى. مەن سېنى سۆيگەن، ساڭا كۆيگەن، يۈرىكىمدىكى مۇھەببەت قەسرىدە ئەڭ گۈزەل ئارزۇ بىلەن سۆيۈشنىڭ ۋىسالىغا چۆمگەنىدىم. بىراق، سېنى بىلمەپتىمەن، سەن بىر ساختىپەز، رەڭۋاز ئادەممىدىڭ؟ سەن ھازىر ماڭا ناتونۇش ئادەمدەك كۆرۈندۈڭ، سەن مېنىڭ مۇھەببىتىمنىڭ رەڭگىنى ئۆڭدۈرۈپ، قەلبىم بېغىدىكى مۇھەببەت گۈللىرىنى چەيلەپ، باغلىرىنى غازاڭ قىلدىڭ، نېمىشقا؟ زادى نېمىشقا؟ ئاھ، قېنى، مۇھەببەت بېغىدىكى بەرق ئۇرۇپ ئېچىلغان گۈللىرىم؟ قېنى، قىزىلگۈل شېخىدا تاڭ ئاتقۇچە سايرىغان بۇلبۇل، بۇلبۇل ناۋاسى؟ قېنى، مېنىڭ مۇھەببىتىم؟ بۇرۇنقى شاكىر ئۆلدىمۇ ياكى ئۆزگىرىپ كەتتىمۇ؟...
    تۇيۇقسىز جىرىڭلىغان تېلېفون ئاۋازى رامىلەنى چۆچۈتۈۋەتتى، ئارقا-ئارقىدىن جىرىڭلىغان ئاۋاز ئۇنى ئېسىگە كەلتۈردى بولغاي، ئۇ غەزەپ-ئاچچىقى بىلەن بىرلا تارتىپ تېلېفون سىمىنى ئۈزۈپ يەرگە تاشلىۋەتتى-دە، دېرىزىدىن سىرتقا تىكىلدى. توختىماي يېغىۋاتقان قار، شىۋىرغاندا قار ئۇچقۇنلىرى دېرىزىگە ئۇرۇلاتتى، ئۇ ئېغىر ئۇھ تارتتى. ئۆزىمۇ قاتتىق چارچىغانلىقتىن ئەسنەك تۇتتى، يۈرىكىنى ئازابلىغان دەرد-ئەلەممۇ بارا-بارا پەسەيدى. دىۋانغا ئۆزىنى تاشلاپ ياتقان بولسىمۇ تاڭ ئاتقۇچە كىرپىك قاقمىدى...
    تاڭ ئاتتى. ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ «قىزىم بۈگۈن كەچ كېلىمەن» دەپ باغاقچە يېزىپ قالدۇرۇپ، ئۆيىدىن چىقىپ كەتتى. دېگەندەك، ئۇ كۈنى ئۆيىگە ناھايىتى كەچ كەلدى.
    - كەچ قالدىڭىزغۇ؟ توڭۇپ كەتكەنسىز-ھە؟ - دېدى شاكىر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ پەلتونى سېلىشىغا ياردەملەشكەچ.
    رامىلە ئېرىگە لەپپىدە قارىدى، ئۇنىڭ قارىشىدا «قايسى يۈزىڭىز بىلەن گەپ قىلىۋاتىسىز» دېگەن ئىپادە بار ئىدى.
    ئۇ قولىنى يۇيۇپ داستىخانغا كەلدى. بىر پارچە گۆشناننى ئاغزىغا سالغان بولسىمۇ ناھايىتى تەستە چاينىدى، چۈنكى ئىچىدىن ئۆرلەپ چىقىۋاتقان پىغانلىق يىغا بوغۇزىغا كەپلىشىپ قالغاندەك ئازابلىنىپ كېتىۋاتاتتى. شاكىر ئۇنىڭ پىيالىسىگە چاي قۇيۇپ بەرگەندىن كېيىن:
    - ئاخشام مېنى ساقلىماي كېتىپ قاپسىز، ئۆيگە تېلېفون ئۇرسام ھېچكىم ئالمىدى، ماڭا ئېلىپ بارغان سوۋغىتىڭىز ئۈچۈن رەھمەت،- دېدى كۈلۈمسىرەپ.
    رامىلە شاكىرغا نەپرەت بىلەن قارىدى-دە، كۆزلىرىگە قاپسىلىپ كېلىۋاتقان يېشىنى ئۇنىڭغا كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن لەۋلىرىنى چىڭ چىشلىدى.
    - شۇنچە قاتتىق سوغۇقتا پەلتونىمۇ كىيمەي كېتىپسىز، ئاغرىپ قالسىڭىز قانداق بولىدۇ؟
    - ئاغرىپ قالماق تۇرماق، ئۆلگەن بولسام بەك ياخشى بولاتتىغۇ دەيمەن، - رامىلە ئېرىنىڭ ئاغزىدىن گەپنى تارتىۋېلىپ، گەپتە چېقىۋالدى.
    شاكىر ئەمدى رامىلەنىڭ چىرايىغا قاراپ ئىشنىڭ تېگىگە يەتتى بولغاي،  ئۆزىنى تۇتۇۋالدى. بىر تال تاماكا تۇتاشتۇرۇپ چېكىۋاتقان شاكىرنىڭ قوللىرى سەل-پەل تىترەپ كەتتى، ئۇ ناھايىتى ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن رامىلەگە يېلىنغاندەك:
    - مەن چۈشەندۈرەي، گېپىمنى ئاڭلاپ بېقىڭ، - دېدى.
    - ئەڭ ياخشىسى ھېچ نەرسە دېمەڭ،- رامىلە شۇنداق دەپلا ئۆزىنى تۇتالماي بۇقۇلداپ يىغلاپ كەتتى، ئۇنىڭ يىغىسى يۈرەكنى تىترىتىۋەتكۈدەك، كىشىنىڭ باغرىنى ئېزىۋەتكۈدەك ئازابلىق ئىدى. شاكىر ئۇنى بەزلىمەكچى بولۇپ غولىغا قولىنى تەگكۈزۈشىگە، رامىلە چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ ھۇجرىغا كىرىپ كەتتى...
    ئۆينى سوغۇق ئېقىم قاپلىغاندەك سۆرۈن بولۇپ كەتتى. خۇشال كەيپىيات، خۇشخۇي كۈلۈمسىرەشلەر بۇ ئۆيدىن غايىب بولدى، رامىلە شاكىرغا گەپ قىلغىلى ئۇنىمىدى.
    ئۇ نۇرغۇن سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەيتتى، شاكىر زادى كىمگە تەئەللۇق، مېنىڭ مۇھەببىتىم، غۇرۇرۇم دەپسەندە بولدىمۇ؟ مەن زادى ئۆز غۇرۇرۇم بىلەن ياشامدىم ياكى مۇھەببىتى چەيلەنگەن، خورلانغان، بىر بىچارە بولۇپ ياشامدىمەن؟!... ياشاش نېمانچە تەستۇ؟ جاھاندا مەندىنمۇ بىچارە، مەندىنمۇ بەكرەك خورلانغان ئادەم بارمىدۇ؟ مەن ھاياتلىقتىن نېمىنى تاپتىم، نېمىنى يوقاتتىم، نېمىگە ئېرىشتىم؟ بەختسىز، خورلانغان ئاياللارنىڭ بېشىغا كەلگەن يامان تەقدىر نېمە ئۈچۈن مېنىڭ بېشىمغا كېلىدۇ؟...
    ئەينى چاغدا ئۇ مانا مۇشۇنداق خىياللار بىلەن ئازابلانغان، خورلۇق ھېس قىلغانىدى. مانا بۈگۈن كەچ كۈزدىكى يوپۇرماقتەك، ساناقلىق كۈنلىرىنى ئازاب بىلەن ئۆتكۈزۈۋاتقان شاكىرغا ئۇ گەپلەرنى دېيەلىسۇنمۇ؟ بىراق ئۇنىڭ «چۈشەندۈرەي» دېگەن سۆزىنى نېمىشقا ئاڭلىمىغان بولغىيدى، شۇ ۋاقىتتا سەۋر قىلىپ، ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان بولسا بەلكى بۇ تۈگۈن بۇ ۋاقىتقىچە ئىچىدە ساقلانماس ئىدى، سوراپ باقسام قانداق بولار؟ بولدى، سورىمايلا قوياي.
    *   *
    شاكىر كۆزىنى ئېچىپ، رامىلەگە:
    - ئازراق چاي ئىچەي، - دېدى.
    رامىلە دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، پىيالىگە چاي قۇيۇپ ئۇنىڭغا بەردى، شاكىر چاينىمۇ خېلى تەستە ئىچكەندەك قىلاتتى، ئۇ پىيالىنى بېرىۋېتىپ:
    - رامىلە، بىر گەپ قىلاي، ماقۇل دەمسىز؟- دېدى.
    - ھە، نېمە دېسىڭىز ماقۇل دەيمەن.
    - راست - ھە، - شاكىر قايتىلاپ سورىدى.
    - ئەزبىرايى، ئېيتىڭە نېمە گېپىڭىز بار؟
    رامىلە شاكىرغا قارىدى، ئۇنىڭ قەددى-قامىتى، پىشقان ئەرلەردەك سالاپىتى، مۇھەببەت بىلەن قارايدىغان بىر جۈپ نۇرلۇق كۆزى، ئاھ تەڭرىم، ئۇنى مەندىن تارتىۋالمىغىن، سەندىن تىلەي... ئۇ ھازىر ھەرقانداق بەدەل تۆلەشكە، بارلىقىنى ئاتاشقا تەييار تۇرسا، ئۇنىڭ گېپىگە ماقۇل دېمەمتىكىن؟...
    - رامىلە، سىزگە ھېلىقى كۈندىكى ئىشنى دەپ بېرەي، - شاكىرنىڭ ئاۋازى ئىنتايىن سىلىق ئىدى،- مەن ئۆمرۈمدە سىزگە ھېچقاچان ئالا كۆڭۈللۈك قىلغان ئەمەس. ھېلىقى بىچارە ئايال ماشىنا ھادىسىسىگە يولۇققان، ئۇنىڭ ئېرى نەق مەيداندا قازا قىلىپ، ئۆزى ساق قالغان بولسىمۇ، بەلنىڭ تۆۋەن تەرىپىدە سېزىم يوق. ئۇ توختىماي «شاكىر، شاكىر، سىز نەدە» دەپ چاقىردى. قارىغاندا، ئۇ بىچارىنىڭ ئېرىنىڭ ئىسمىمۇ شاكىر بولسا كېرەك. مەن دىجورنى بولغاچقا، ئۇنى تەكشۈرەي دەپ ياتاققا كىرىپ، كارىۋاتنىڭ بېشىغا كېلىشىمگە ئۇ بوينۇمغا گىرە سېلىپ تۇرۇۋالدى. مېنىڭ ئۇ ئايالغا بەك ئىچىم ئاغرىپ كەتتى، چۈنكى ئۇ بۇ دۇنيادا قانچىلىك ياشايدۇ، بۇنىڭغا بىر نېمە دېمەك تەس ئىدى. مەن ئۇنىڭ رايىغا بېقىۋىدىم، ئۇ شۇنچىلىك خۇشال بولۇپ كەتتىكى، ئۇ كۆرۈنۈشنى سىزگە تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن، بۇ مۇشۇ گۈزەل دۇنيا بىلەن، ھايات بىلەن خوشلىشىۋاتقان بىر ئىنساننىڭ ئاخىرقى شادلىقى، ئەڭ ئاخىرقى كۈلكىسى ئىدى. بىر دەمدىن كېيىنلا ئۇ يارىلانغان كېيىكتەك ئۆزىنى تاشلاپلا جان ئۈزدى. ئۇنىڭ ئىككى كۆزى ئوچۇق، بىراق چېھرىدە كۈلكە، بۇ دۇنيادىن رازىمەنلىك بىلەن كەتكەندەك ياتاتتى. ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغلايدىغان، ئۇنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇرىدىغان ئادىمى يوق ئىدى. مەن ئۇنىڭ كۆزلىرىنى قولۇم بىلەن يېپىپ قويدۇم. مەن كېچىچە ئۇنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇم، بۇ سۆزلىرىم راست، رامىلە. ئەگەر مەن بىر دوختۇر بولماي، باشقا بىر ئەركەك بولغان بولساممۇ، ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان بىر ئىنسان ئۈچۈن چوقۇم شۇنداق قىلاتتىم، دەپ ئويلايمەن.
    مەن سىزگە يۈرەك سۆزۈمنى ئېيتتىم. ئەمدى دوختۇرلۇق ھاياتىمدىن ئالغان تەسىراتىمنى ئېيتىپ بېرەي. بىز دوختۇرلار تولا چاغلاردا كېسەلنى كۆرىمىز، ئالدىمىزدىكى ئازابلىنىۋاتقان ئىنساننى كۆرمەيمىز، ئەگەر دوختۇرلار ئىنسانلارغا چەكسىز مېھرىمىز بىلەن مۇئامىلە قىلساق، ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىنى چۈشەنسەك نەقەدەر ياخشى بولاتتى-ھە؟ بىز نېمىگىدۇر ئالدىرايمىز، بىراق كېسەلنىڭ ئۈزۈك دىلىغا ئاراملىق، شادلىق بېرەلمەيمىز. ئۇلارنىڭ ئىچكى نىدالىرىنى ئاڭلىيالمايمىز. دورا، ئوكۇل بىلەن كېسەلنى داۋالىغان بىلەن ئۇلارنىڭ قەلب يارىسىنى، يۈرىكىنى داۋالىيالمايمىز، مەن ئاخىر مۇشۇ ھەقىقەتنى چۈشىنىپ يەتتىم. بۇنى بۇرۇن ئويلاپ باقماپتىكەنمەن، ئۇ كۈنى مېنىڭ ئۇنى كۆتۈرۈپ تۇرۇشۇم ئۇنىڭ ئاخىرقى شادلىقى ئىدى. قانداقتۇر ئۇنىڭغا ئاز-تولا شادلىق بېغىشلىيالىدىم، دەپ ئويلايمەن.
    - بىراق، سىز ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ قالالمىدىڭىز؟
    - شۇنداق، بىز ئىنسانلار ھېلىمۇ نۇرغۇن ئىشلارغا ئاجىزلىق قىلىمىز، قولۇمدىن كەلسە ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان بولسام، مۆجىزە بولاتتى. ئۇ راستتىنلا پەرىزاتتەك چىرايلىق، شۇنداق گۈزەل ئىدى، بىراق ھازىر ئۇ يوق، بىز تېخى ھايات، ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتى ئۆلۈم ئالدىدا تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىغاندەك بىر خىيال مېنى بەنت قىلىۋالدى. ماڭا ئىشىنىڭ، مېنىڭ يامان ئەرلەردىن ئەمەس ئىكەنلىكىمنى سىزمۇ بىلىسىز، ماقۇلمۇ؟
    - كەچۈرۈڭ،- دېدى رامىلە،- مەن ئىشىك تۈۋىدە نەق سىز ئېيتقان كۆرۈنۈشنى كۆردۈم. مەن ئۇنىڭدىن سىزنى قىزغاندىم، ھېچكىمگە سىزنىڭ بىر تال چېچىڭىز، ھەتتا تىرنىقىڭىزنىمۇ بۆلۈپ بەرگۈم يوق ئىدى. مۇھەببەتنى بىرسىگە بۆلۈپ بەرگىلى، قەرز بەرگىلى، سېتىۋالغىلى بولمايدىكەن. بۇ سىزنى ھەددىدىن ئارتۇق ياخشى كۆرۈشۈمدىن بولغان، ياخشى كۆرۈش قانچىلىك چوڭقۇر بولسا، ئازابمۇ شۇنداق تېرەن بولىدىكەن، بىراق مەن سىزگە ئىشەنگەن، ھازىرمۇ ئىشىنىمەن. سىز مېنى ياخشى كۆرىسىز، شۇنداقمۇ؟
    شاكىرنىڭ چېھرىدە شادلىق نۇرلىرى چاقنىدى.
    - رەھمەت، رامىلە، مېنى چۈشەنگىنىڭىزگە رەھمەت، مېنى كەچۈرەمسىز؟
    رامىلە شاكىرغا رازىمەنلىك بىلەن قاراپ «ھەئە» دېگەندەك بېشىنى لىڭشىتتى-دە:
    - شاكىر، ھەممىمىز چۈشىنىشكە موھتاج، مەن سىزنى ئۆزۈمدىنمۇ بەكرەك چۈشىنىمەن، سىزنىڭ غۇرۇرىڭىز بار، مەرد ئادەم. قەلبىڭىز ساپ، مەن شۇ خىسلەتلىرىڭىزدىن پەخىرلىنىمەن،- دېدى.
    ئىشىك ئېچىلىپ ياتاققا رامىلەنىڭ خىزمەتداشلىرى كىرىپ كەلدى.
    - خېلى ياخشى بولۇپ قالدىڭىزمۇ شاكىر دوختۇر؟- دېدى ئۇلار ھال-ئەھۋال سورىغاچ بىر دەستە گۈلنى ئۇنىڭغا ئۇزىتىپ.
    - خۇداغا شۈكۈر،- دېدى شاكىر گۈلدەستىنى ئېلىۋېتىپ،- مېنى كۆپ يوقلىدىڭلار، سىلەرگە كۆپتىن-كۆپ رەھمەت.
    - رامىلە خانىم، سىزنى بۈگۈن 1-ماي ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەپ كەلدۇق. سىزگە شان-شەرەپلەر بولسۇن،- دەپ يەنە بىر دەستە گۈلنى ئېھتىرام بىلەن سۇندى ئۇلار.
    رامىلەنىڭ خۇشاللىقتىن كۆزلىرىگە ياش كەلدى، لەۋلىرى تىترىدى، چۈنكى بۇ بىرىنچى قېتىملىقى ئەمەس، ئىدارە رەھبەرلىرى، شىركەتتىكى خىزمەتداشلىرى شاكىرنى كۆپ قېتىم يوقلىغان ھەم ھەر جەھەتتىن كۆڭۈل بۆلگەنىدى.
    - رەھمەت،- دەپ گۈلدەستىنى ئېلىپ دېرىزە تەكچىسىگە قويدى ئۇ.
    ئۇلار رامىلەنىڭ يەنە ئەمگەك نەمۇنىچىسى بولغانلىقىنى، پات يېقىندا يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ يەنە خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇشقا كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئېيتىپ قۇتلۇقلىدى. ئاندىن شاكىر ئەپەندىگە سالامەتلىك، رامىلەگە ياخشى تىلەكلەرنى تىلەپ خۇشلىشىپ چىقىپ كەتتى.
    شاكىرنىڭ ئايالىغا بەكمۇ مەستلىكى كەلدى، بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشىغا يۈرىكى ئېچىشقاندەك بولۇپ، بۇرنىنى بېسىپ قويدى-دە:
    - رامىلە، يەنە بىر قېتىم كېچىكىپ سۇنۇلغان گۈلدەستىنى قوبۇل قىلىڭ، سىزنى يېڭى ئېرىشكەن شەرەپ ئۈچۈن تەبرىكلەيمەن،- دېدى ئاجايىپ بىر ھېسسىيات بىلەن گۈلدەستىنى ئۇنىڭغا سۇنۇپ.
    رامىلە خۇددى قانات كېرىپ ئۇچۇۋاتقان قۇشتەك يېنىك قەدەم بىلەن كېلىپ، ئۇنىڭ قولىدىن گۈلدەستىنى ئالدى-دە، ئۆزىنى تۇتالماي ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلاپ تاشلىدى. شاكىر گۈل بىلەن قوشۇپ، رامىلەنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى، رامىلەنىڭ كۆز ياشلىرى شاكىرنىڭ يۈزىدىن سىرغىپ، بويۇنلىرىنى نەمدىدى، ئۇلار ئۈن-تىنسىز بىر-بىرىنىڭ يۈرەك سوقۇشىنى، ئىچكى نىدالىرىنى تىڭشىدى...
    ئاھ ھايات، مۇھەببەت ئىنساننىڭ شادلىقىنى پەلەككە يەتكۈزۈپ، ئىنسان روھىيىتىگە سىڭىپ كېتىدۇ، بۇنداق پاك مۇھەببەت يۈرەكتىكى ئورناپ كەتكەن دەردلەرنى، داغلارنى پاك-پاكىز يۇيۇۋېتىشقا قادىر، دۇنيادا مۇھەببەتتىن ئارتۇق، مۇھەببەتتىن قىممەتلىك، مۇھەببەتتىن پاك يەنە قانداق ھېسسىيات باردۇ-ھە؟
    شاكىر رامىلەنىڭ يۈزىنى ئۆزىگە قارىتىپ، ياشقا تولغان كۆزلىرىگە سۆيدى. رامىلە كۆزىنى چىڭ يۇمۇپ، خۇددى ياشلىقتىكى تۇنجى سۆيۈشنىڭ لەززىتىنى تېتىغاندەك بەختىيارلىق تۇيغۇسىغا چۆمدى...
    رامىلە بېشىنى كۆتۈرۈپ شاكىرغا قارىدى. شاكىرمۇ ئىنتايىن خۇشال كۆرۈنەتتى. رامىلە خۇددى ھېكايە ئېيتقاندەك سۆزلىدى:
    - مەن كۆپ ئويلىدىم، دۇنيادا مۇكەممەل بەختمۇ، مەڭگۈلۈك ئامەتمۇ يوق ئىكەن، بەخت دېگەن قەلەندەرنىڭ ئاغزىدا بار، پادىشاھنىڭ خەزىنىسىدە يوق گۆھەرگە ئوخشاش ئىنتايىن قىممەتلىك نەرسە ئىكەن. بىز ئاياللار كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىمەن دېسەك، تۇرمۇشتا بەختسىز بولۇپ قالىدىكەنمىز. مەن بىلىدىغان بىر دوكتور خانىم بار ئىدى، ئۇ بېيجىڭدىكى داڭلىق بىر ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرۈپ، خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن توي قىلىپ ئىككى پەرزەنتلىك بولغان ھەم بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلىگەنىدى. ئۇ داۋاملىق چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇپ، ئۆز كەسپى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغانىدى، بىراق تۇرمۇشتا...
    رامىلە سۆزىدىن توختاپ قالدى.
    - ئېيتىڭە، ئۇ خانىمغا زادى نېمە بولدى؟
    - ئۇ شۇنداق زور خۇشاللىق ۋە ئاجايىپ چوڭ شەرەپ بىلەن ۋەتىنىگە قايتقانىدى، بىراق ئۇنىڭ ئېرى ئۆيىدە بالا باقىدىغان ياش قىز بىلەن توي قىلىپ باشقا ئۆيگە كۆچۈپ كېتىپتۇ، بىچارىگە بۇ ئىش قاتتىق ئەلەم بولدى. ئۇ ھاياتىدا قانچىلىغان نىمجانلارغا جان ئاتا قىلغان، قانچىلىغان كېسەللەرگە قايتا تۇرمۇش خۇشاللىقى بەرگەن، قانچىلىغان كېسەللەرگە روھىي ئوزۇق ۋە تەسەللى بېرىپ بەختكە ئېرىشتۈرگەن. بىراق، ئۇ غەيرەتلىك ئىكەن، ئىككى بالىسىنى چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقىرىپ، ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ھېلىھەم جاپالىق ئىشلەۋاتىدۇ، ئەگەر ئۇنىڭ ئېرى، بالىلىرى يېنىدا بولۇپ، بۇرۇنقىدەك تۇرمۇش كەچۈرگەن بولسا-ھە...
    - بىراق،- دېدى شاكىر،- تۇرمۇش دېگەن مۇرەككەپ، ئادەمگە يالغۇزلا خىزمەت، شەرەپ بولۇشلا كۇپايە قىلمايدۇ، كۆپ ھالدا ئائىلىنى مۇھەببەت ياشنىتىدۇ، بولۇپمۇ ئەرلەر ئۈچۈن شۇنداق، ئايال دېگەن ئۆينىڭ گۈلى، ئۆينىڭ چىرىغى، چىراغسىز ئۆي نەقەدەر كۆڭۈلسىز. سىلەر-ئاياللار بولمىساڭلار ئۆيدە بوران ئۇچۇپ، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز خۇشاللىق بىلەن ئۆتمەيدۇ. مېنىڭچە، ھېلىقى ئەر بىر ئايالنىڭ مۇھەببىتىگە، كۆيۈنۈشىگە موھتاج بولۇپ كەتكەن، ئايالىنى ياخشى كۆرمەيدۇ ئەمەس، بەلكى ئايالنىڭ ئورنىنى ھېچكىم باسالمايدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. ئەمما، ئۇ ئۆز كۆڭلىنى خۇش قىلىش، بىر كۈن بولسىمۇ ئۆزىگە خۇشاللىق تېپىش ئۈچۈن شۇنداق قىلغانغۇ دەپ ئويلايمەن،- دېدى.
    رامىلە شاكىرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ ئويلىنىپ قالدى، ئىنسان گاھى ۋاقىتلاردا بىرنى دەپ يەنە بىرنى ئۇنتۇيدىكەن، بىر ئىشتا شەرەپ قۇچسا، بىردە ھەسرەت چېكىدىكەن، بۇ ئائىلە تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشى، مۇھەببەتنىڭ چېكىنىشى بولسا كېرەك. توغرا، بىز ئاياللار ھېسسىياتچان بولغاچقا، بىر ئىشقا بېرىلىپ كېتىپ، يەنە بىر تەرەپنى ئۇنتۇپ قالىدىكەنمىز، دەسلەپتە تۇرمۇشقا ئوتتەك مۇھەببەت بىلەن بېرىلىپ، بالىلىق بولغاندىن كېيىن بارلىق مېھرىمىزنى بالىلارغا بېرىپ، ئېرىمىزنى ئۇنتۇپ قالىدىكەنمىز، ئۇلارنىڭ نېمە ئويلايدىغانلىقىنى، نېمىگە موھتاج ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىدىكەنمىز. توغرا، مەندىمۇ شۇنداق ۋاقىتلار بولغانغۇ؟
    - رامىلە، نېمە بولدى، گەپ قىلمايسىزغۇ،- دېدى شاكىر رامىلەنىڭ ئۈن - تىنسىز ئولتۇرغىنىدىن ئىچى پۇشۇپ.
    - سۆزىڭىزنى ئويلاپ باقسام توغرا ئىكەن، شۈكۈر، مەن تېخى ئۇ ھالغا چۈشۈپ قالمىدىم،- دېدى رامىلە چاقچاق قىلىپ،- ئەگەر سىزمۇ مېنى كۈنلىرىڭىز لابوراتورىيە بىلەن ئېتىزلىقتا ئۆتىدىكەن، دەپ ئاجرىشىپ كەتكەن بولسىڭىز قانداق قىلاتتىم-ھە؟- دېدى رامىلە خۇشخۇيلۇق بىلەن.
    شاكىر رامىلەنىڭ بۇ سۆزىدىن بەك خۇش بولۇپ كەتتى-دە:
    - مېنىڭ بەك تەلىيىم بار ئىكەن جۇمۇ،- دېدى.
    - ئىككىمىزنىڭ دەڭ، مەن سىزدىنمۇ بەك تەلەيلىك، بىر ئىشقا بەك ئېچىنىمەن، ئائىلىمىزدىكى بەختسىزلىك- ئىككى پەرزەنتىمنىڭ ۋاپاتى مېنى جۇدالىق دەشتىگە تاشلىۋەتتى. شۇ ۋەجدىن ئۆزۈمنى بىراقلا تاشلىۋەتتىم، گۈزەللىك، سالاپەت، خۇشاللىق مەندىن يىراقلاپ كەتتى. ئەنە شۇ چاغلاردا سىز مۇھەببەتكە، كۆيۈنۈشكە موھتاج ئىدىڭىز، بىراق مەن سىزنى تېگىشلىك مۇھەببەت ۋە ئائىلە شادلىقىدىن مەھرۇم قىلدىم، كېيىن بۇنىڭ ئۈچۈن ئازابلاندىم. مەنمۇ ئۆز نۆۋىتىدە سىزدىن كەچۈرۈم سورىۋالاي، مېنى كەچۈرەمسىز؟
    رامىلەنىڭ ھەسرەتلىك ياشلىرى مەڭزىدىن ئېقىپ چىرايلىق ئېڭەكلىرىگە چۈشتى.
    شاكىر رامىلەگە قاراپ يۈرىكى ئېچىشىپ كەتتى. قېنى ئۇ قىز؟ قېنى ئۇنىڭ سەرۋى قامەتلىك دىلبىرى؟ قېنى ۋاپادار، گۈل يۈزلۈك يارى؟ ئاھ، رەھىمسىز ھايات، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن گۈزەللىكلەرنى ئېلىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ خرۇستالدەك ساپ، تازا قەلبىنى، يۈرىكىدىكى لىپمۇ لىق  مۇھەببىتىنى تېخىمۇ ئۇلغايتقان، ھاياتقا، مۇھەببەتكە بولغان ئوتتەك زوقىنى ئېلىپ كېتەلمىگەنىدى.
    - رامىلە، مېنىڭ قەدىرلىكىم،- دېدى شاكىر ھاياجان بىلەن،- مەن ھېچقاچان ئۇنداق ئويلىمىغان، سىزدىن رەنجىمىگەنىدىم، سىزدىن، سىزنىڭ سالامەتلىكىڭىزدىن ئەنسىرىگەنىدىم. پەقەت سىزنىڭ ھەسرەتلىك يىغىڭىزغا چىدىمىغان ھەم سىزنىڭ ئۆزىڭىزنى يوقىتىپ قويۇشىڭىزدىن ئەنسىرىگەنىدىم. ھېلىمۇ ياخشى سىز غەيرەتكە كېلىپ، قەددىڭىزنى رۇسلاپ، پۈتۈن زېھنىڭىز بىلەن ئۆز خىزمىتىڭىزگە بېرىلدىڭىز.
    - شۇنداق، مەن ئىلگىرى خىزمەت داۋامىدا دوقالغا ئۇچرىسام يىغلىغانىدىم، ئەمدى سىزگە ياخشى قارىيالمىدىم، سىزنى كۈتەلمىدىم، دەپ يىغلاۋاتىمەن... راستىنى ئېيتسام...
    - رامىلە، بۇنداق دېمەڭ، مەن سىزدىن بەك ئەنسىرەۋاتىمەن.
    - مەندىن؟! مەندىن نېمىشقا ئەنسىرەيسىز؟
    - سىزگە كۆپ جاپا سالدىم، بۇ جاپالىرىم ئاز كەلگەندەك دوختۇرخانىدا يېتىپ ئائىلىنى قەرزگە بوغۇپ قويدۇم. كۆز نۇرۇم، بىر تال قىزىمىز ئىككىڭلار قىيىنچىلىقتا قالىدىغان بولدۇڭلار، ئۇنىڭدىن كۆرە مەن...
    رامىلە ئىتتىك شاكىرنىڭ ئاغزىنى توسۇۋالدى، كۆزلىرىدىن ياش قۇيۇلدى، لەۋلىرىنى چىشلىدى، پۈتۈن بەدىنى غال-غال تىترەپ كەتتى، ئۇ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ:
    - ماۋۇ ئەخمەقنىڭ گېپىنى كۆرمەمدىغان،- دېدى، خۇددى ياش ۋاقتىكىدەك چاقچاق ئارىلاش ئەركىلەپ تۇرۇپ،- دۇنيادا ھاياتنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھەممىدىن بەك ئوبدان چۈشىنىسىز، سىز دائىم «جان بازارغا كىرمەيدۇ، ئۇنى بويىڭىز بىلەن تەڭ ئالتۇنغىمۇ سېتىۋالغىلى بولمايدۇ» دەيتتىڭىزغۇ، سىزنىڭ بىر كۈن ياشىغىنىڭىز، مېنىڭ بىر كۈنلۈك بەختىم، سىز بولمىسىڭىز مېنىڭ بۇ دۇنيادا ياشىغىنىمنىڭ نېمە مەززىسى بولسۇن؟ سىز بىلەن توي قىلىپ دۇنيادا ئەڭ بەختلىك بولدۇم دەپ ئويلايمەن... بۇ بەختنى سىزنىڭ مۇھەببىتىڭىز، مەردلىكىڭىز، ئەركەكلىكىڭىز، سۆيگۈڭىز بەردى...
    شۇنداق، بۇ بىر جۈپ ئەر-خوتۇن بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈپ ياشىدى ھەم ھەر ئىككىسى ئۆز كەسپىدە زور ئۇتۇق قازاندى. شاكىرنىڭ ئىناۋىتى ناھايىتى يۇقىرى، كۆپ قېتىم مۇكاپاتلانغان، ئىلمىي دوكلاتلىرى زور شۆھرەت قازانغان، مىڭلىغان كېسەللەرنىڭ رەھمەت خەتلىرى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقاندا، رامىلە نېمىشقا ئۇنىڭدىن پەخىرلەنمىسۇن، نېمىشقا ئېرىنىڭ ئىشلىرىدىن، كەسپىدىن ھۇزۇرلانمىسۇن؟
    شاكىر رامىلەنىڭ سۆزلىرىگە ئىچ-ئىچىدىن سۆيۈنۈپ كەتتى.
    - رەھمەت، رامىلە، مېنى دەپلا قىلغان بارلىق ئىشلىرىڭىز ئۈچۈن، مېھرىبانلىقىڭىز ئۈچۈن مىڭ رەھمەت، ئاشۇ قەرز...
    - بولدى شاكىر، قەرزنىڭ گېپىنى قىلماڭ. جان تەندە بولسا قەرزنىمۇ تۆلەيمىز ھەم ياشايمىز.
    - بۇ ئۇنداق ئاددىي ئەمەس. سىز...
    - گېپىمگە قۇلاق سېلىڭ، شاكىر، مېنى بىر ئورۇن يۇقىرى مائاش بىلەن، يېشىل ئوزۇقلۇق يېتىشتۈرۈش مەركىزىگە ئىشلەشكە تەكلىپ قىلدى. بىز يېزىغا بېرىپ ئۆي تۇتىمىز، ئانا تەبىئەت بىزنى ئۆزىنىڭ كەۋسەردەك سۈيى، ئاجايىپ ساپ ھاۋاسى، مول نازۇ نېمەتلىرى بىلەن باقىدۇ، بەلكى مەنمۇ بىرنەچچە ئون مو يەر ئېلىپ، پۇلغا يارىغۇدەك زىرائەت تېرارمەن، ئىككىمىز ئاشۇ كەڭ ئانا تۇپراقتا بىر ئۆمۈر خۇشال-خۇرام ياشارمىز.
    شاكىر رامىلەنىڭ سۆزىگە مەستلىكى كېلىپ كۈلۈپ كەتتى-دە:
    - بەلكىم ماڭا بىر ئېغىز ئۆينى دوختۇرخانا قىلىپ بېرەرسىز تېخى،- دېدى.
    - ۋاي ئېسىم قۇرۇسۇن، ئۇ بار گەپقۇ، يېزىدا ئاپتاپقا قاقلىنىپ، ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىپ ياشايمىز. ئېتىزلار يېشىل، قىرلار يېشىل، باغلار يېشىل، سۇلار شارقىراپ ئېقىپ تۇرغان، باياشاتلىق، نېمىدېگەن ھۇزۇر-ھە؟ گەپلىرىم توغرىمۇ؟ سىز ھېچنەرسىدىن غەم قىلماڭ، مەن ئىلگىرى سىزنى ياخشى كۈتەلمىگىنىمگە ئېچىنىمەن. راستىنى ئېيتسام...
    - رامىلە، يۈرىكىمنى ئەزمەڭ. بۇ سۆزلەر سىزگە لايىق ئەمەس، سىز مېنى شۇنچىلىك ياخشى كۆردىڭىز، بىراق مەن سىزگە ھېچنەرسە قىلىپ بېرەلمىدىم... ئادەم دېگەن ئاجايىپ بولىدىكەن، ياشلىقىدا مۇھەببەتنى سۆيىدىكەن، سالامەتلىكتىن ئايرىلغاندا ئاشۇ دەۋرلەرنى ئەسلەيدىكەن، نۇرغۇن غەمگە مۇپتىلا بولىدىكەن... ئارزۇلار، ئارمانلار، پۇشايمانلار بىلەن بۇ دۇنيادىن كېتىدىكەن... دۇنيادا سالامەتلىكتىن زور بايلىق يوق ئىكەن. نۇرغۇن ئارزۇلىرىم، ئۈمىدلىرىم، قىلىدىغان ئىشلىرىم بار ئىدى، بىراق...
    رامىلە شاكىرنىڭ بۇنداق ئازابلىق سۆزلىرىگە چىدىيالماي يىغلىغان پېتى شاكىرنىڭ قولىغا بېشىنى قويۇپ، ئۈن-تىنسىز ياش تۆكتى...
    دەل شۇ چاغدا ياتاققا مەسئۇل دوختۇر كىرىپ قالدى. رامىلە جىمجىت ياتاتتى.
    - ئۇ ئۇخلاپ قالدى،- دېدى شاكىر دوختۇرغا قاراپ.
    - ھالسىزلىنىپ كەتكەن بولسا كېرەك، بۈگۈن ئەتىگەن سىزگە يەنە قان بەرگەن،- دېدى دوختۇر رامىلەگە ئىچ ئاغرىتقاندەك قاراپ.
    - نېمە، نېمە دېدىڭىز؟!
    - بۇ، ئايالىڭىزنىڭ سىزگە ئۈچىنچى قېتىم قان بېرىشى.
    نېمىشقا ئۇنىڭدىن قان ئالىسىلەر؟- دېدى شاكىر جىددىيلىشىپ.
    - سىزنىڭ قان تىپىڭىز مۇرەككەپ، مۇۋاپىق قان تېپىش تەس.
    سېسترالار رامىلەنى ھارۋىغا سېلىپ جىددىي قۇتقۇزۇش ئۆيىگە ئېلىپ ماڭدى-دە:
    - خاتىرجەم بولۇڭ، ئۇنىڭغا ھېچ ئىش بولمايدۇ،- دېدى.
    شاكىرنىڭ كۆزىگە قاراڭغۇلۇق تىقىلىپ، بېشى پىرقىراپ كەتتى، ئۇ:
    - رامىلە، رامىلە،- دېگىنىچە ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپ قالدى.

    تەھرىرلىگۈچى: ئەكبەر سالىھ

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.