سۇدىكى بېشارەت(ئادىل تۇنىياز)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-07-27 18:19:09

سۇدىكى بېشارەتئادىل تۇنىيازبىز كارىۋاتتاياتاققا مىسىررىدە كىرگىنى سۇبىزگە زەن سېلىپ قارىماقتا ئۇ.جۈمەك ئوچۇق قالغان دالان ئۆيدەنىل دەرياسى تاشقىنلايدۇ شاد.سۇ ئىلاھى چىقتى ئۈستىگەبولدۇق قۇلل...

    سۇدىكى بېشارەت
    ئادىل تۇنىياز


    بىز كارىۋاتتا
    ياتاققا مىسىررىدە كىرگىنى سۇ
    بىزگە زەن سېلىپ قارىماقتا ئۇ.

    جۈمەك ئوچۇق قالغان دالان ئۆيدە
    نىل دەرياسى تاشقىنلايدۇ شاد.

    سۇ ئىلاھى چىقتى ئۈستىگە
    بولدۇق قۇللار ئەقىلدىن ئازاد.

    ھاياجانلىق ھەمدە ھۆل ھايات،
    قويۇۋەتسەك يوشۇرۇن ئاڭنى
    قىلار توپان دۇنيانى بەربات.

        يېڭىلا خىزمەتكە چىققان چاغلىرىم ئىدى. ئىدارىدىكى تۆت بويتاق بىر ياتاقتا ياتاتتۇق. بىر كۈنى يۇرتتىن بىرسىمىزنىڭ مېھمىنى كەلدى. شۇ كۈنى كەچتە ياتاقتىكى لىڭشىپ قالغان بىردىنبىر شىرە ئۈستىگە گۈلە - قاقلار توشتى. بازاردىن توخۇ، بېلىقلار كەلتۈرۈلدى. دۇتار چېلىندى. ناخشىلار ئېيتىلدى، كۆڭۈللۈك پاراڭ ۋە ناخشا - سازلار بىلەن ھەممىمىزنىڭ كەيپى چاغ ئىدى. ئەنە شۇنداق پاكىز ھاياجان بىلەن مەستخۇشلۇق ئىچىدە ئولتۇرسام ئۇشتۇمتۇت كۆزۈمگە بىرنەرسە كۆرۈندى. بۇ نەرسە سۇ تۇرۇبىسى بار دالان ئۆيدىن بىز باراۋەت قىلىۋاتقان ياتاققا كىرىپ كېلىۋاتاتتى. ئۇ يېپىقلىق ئىشىكنىڭ بوسۇغىسىدىن كىرىپ ئاغىنىلەرنىڭ  پۇتلىرى ئاستىدىن ماڭا يېقىنلاپ قالغانىدى. بۇ چاقىرمىغان مېھماننى بىرىنچى بولۇپ مەن كۆردۈم. گويا مۆجىزە كۆرگەندەك ھەيرانلىقتىن تەپەككۇرۇم توختاپ قالدى، ھەتتا بىرنەچچە دەقىقىگىچە ئىسمى ئېسىمگە كەلمەي قالدى. شۇ ئارىدا ئۇنىڭ سۈزۈك تىلى سېمونتتىن غىلدىرلاپ كارىۋات ئاستىغا سوزۇلدى...
       بىز ئالمان - تالمان  ئېسىمىزگە كېلىپ نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلدۇق. ئەسلىدە ئۈلپەتلەردىن بىرسى سۇخانىغا چىقىپ قولىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن جۈمەكنى ئەتمەي قايتىپ كىرگەنىكەن. شارقىراپ چۈشۈۋاتقان سۇ ئولاققا توشۇپ، ئولاقتىن يەرگە يالاپ چۈشۈپتۇ. ئاندىن تاشقىرىقى ئۆيدىن بىزنىڭ ھۇجرىغا ئېقىپ كىرىشكە باشلاپتۇ.
       بۇ ماڭا ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ يەكۈنىدەك، قەدىمدىن ھازىرغىچە ئۆز ئىچىگە ئالغان روھىي بېشارەتتەك تۇيۇلدى. سۇنىڭ شەرھىسى ھاياتلىقنىڭ شەرھىسى، ئېھتىمال «سۇدىكى بېشارەت» ناملىق بۇ قىسقا شېئىرىم شېئىر ئارقىلىق ئېچىلغان ھاياتلىقنىڭ بىر تىلسىمىدۇر.

    1. سۇنىڭ تۇيغۇدىكى مەنىسى

    ئادەم يىلتىزى يوق تۇغۇلىدۇ، زېمىن يۈزىدە قاڭقىپ يۈرىدۇ، يىقىلىدۇ، ئاندىن يىقىلغان يەردە يوق بولۇپ كېتىدۇ.
    كۆكتىن تامدۇق، يەردىن ئۈندۇق، بىر كۈنلەردە غەيىپنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز. بۇ ئادەملىك قىسمىتى. ئىنسان ئۆلىدۇ، ئىنسانىيەت ئۆلمەيدۇ، ئورتاق تۇيغۇ ئادەملەر ئارىسىدا ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىدۇ. بىز بۇ ئورتاق تۇيغۇنى دىنىي ئەھكاملاردىن، داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تۈرلۈك سىرلىق قاراش، ئۆرپ - ئادەت، قائىدە - مۇراسىملاردىن ۋە بارچىنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالغۇچى ھاياجانغا باي شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدىن ھېس قىلىپ تۇرىمىز.
       تۇيغۇ  شېئىرنىڭ ئىچكى تىلى، شائىر ئۇنىڭغا قۇلاق سالغۇچى، ئۆزىگە مەنسۇپ بولمىغان، غايىبتىن كەلگەن تۇيغۇنى ئۆز تىلى ئارقىلىق خاتىرىلىگۈچى. نورمال كىشىلەر ئۈچۈن ئەقلىي ئۆلچەم تۇرمۇشنىڭ بىردىنبىر قېلىپى، يەنى كۆز بىلەن كۆرگەن، قۇلاق بىلەن ئاڭلىغان نەرسىلەرلا ھەقىقەت. كۆزسىز «كۆرگۈچى»نىڭ بارلىقىدىن ھەتتا بەزىدە «كۆزى» بارنىڭمۇ كۆرەلىشىدىن شۈبھىلىنىدۇ. شائىر ئۈچۈن بارلىق بىردۇر، ھەممىنىڭ جېنى بار، كۆزى بار، ئۆزىگە ئوخشاش بىلىپ، سېزىپ تۇرىدۇ.
    بىز كارىۋاتتا
    ياتاققا مىسىررىدە كىرگىنى سۇ
    بىزگە زەن سېلىپ قارىماقتا ئۇ.
       ھازىرقى ئىنسانلار ئەقىللىق، بىراق ئىنسانلار ھازىر مەدەنىيەتنىڭ ئەما دەۋرىدە تۇرماقتا. تۇغانلارنى سېلىپ كەلكۈندىن مۇداپىئە قىلالىغىنى ئۈچۈن ئېرىق - ئۆستەڭ ۋە تۇرۇبىلارنى ياساپ قارىماققا سۇنى خالىغان يەرگە باشلىيالىغىنى ئۈچۈن ئىنسانلار مەدەنىيەتلىك. ئىنسانلار سۇنى جېنى يوق، ئىگىسى يوق دەپ ئويلاپ قالدى، ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈن ئەتراپى سۇ بىلەن قاپلانغان، ھەرقاچان چۆكۈپ كېتىدىغان ئالىقانچىلىك قۇرۇقلۇقتا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قالاي دەپ قالدى. سۇ مۆجىزە، بىراق بىز مۆجىزىنى كۆرەلمەيۋاتىمىز. قەلبىمىز ئەما، بىزگە ھېچنەرسە مۇقەددەس بىلىنمىدى. بىز ئۆيلىرىمىزدە خالىغان چاغدا شارقىرىتىپ ئىشلىتىدىغان سۇنى، ھاياتىمىز ياكى ماماتىمىزنى بەلگىلىگۈچى بىر تىنىق ھاۋانى، شۇنداقلا ياراتقان ۋە يارىتىلغان ھېچنەرسىنى ئۇلۇغ بىلمىدۇق. بىراق ئالەمنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى ئىچىدە ھەرۋاقىت كۆزىتىلگۈچىدەك تۇيغۇدا ياشايدىغان شائىر غەيىپنىڭلا ئەمەس، ھەر نەرسىنىڭ ئۆزىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ھەمدۇسانا ئېيتىدۇ، ھاياتقا تەنتەنە قىلىدۇ.
       بۇ قەلبى ئويغاق شائىرلار  ۋە ئېتىقادلىق   ئادەتلىرى مەۋجۇت بولغان قەدىمىي مىللەتكە ئورتاق تۇيغۇ.
       بىز دېڭىزدىن يىراق جايدا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق بولغان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ چۆل ئىقلىمىدا ياشايمىز. تەكلىماكان بويلىرىدىكى بوستانلاردا، تۇرپان، جۇڭغار ئويمانلىقىدىكى كارىز ۋە ئېرىق - ئۆستەڭلەردە شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۇ بىز ئۈچۈن ھاياتلىق. چۈنكى ئۇ قاقاس تۇپراققا جان بېرىدۇ. ئۆلۈك زېمىننى كۆكەرتىدۇ. زامان بىلەن زامان ئوتتۇرىسىدا ھاياتلىقتەك مەڭگۈ ئېقىپ تۇرىدۇ. ئەجدادلار بىلەن ئەۋلادلار ئوتتۇرىسىدا ئۈزۈلۈپ قالماي ئۆلمەس تۇيغۇدەك داۋاملىشىدۇ.
    ئېھتىمال، 5 - 6 ياش چاغلىرىم بولسا كېرەك، ئەمدىلا ئۆمىلەشكە باشلىغان ئىنىم بىلەن ھويلىدىكى باراڭ ئاستىدا ئويناۋاتاتتۇق. تال  باراڭغا يېڭىدىن سۇ باشلىغان بولۇپ، تال تۈۋىدىكى ئورەكلەر سۇغا تولغانىدى. ئۇكام ئۆمىلەپ ماڭغان پېتى سۇ توشقان چوڭقۇر ئورەككە چۈشۈپ كەتتى. مەن چوڭلارنى باشلاپ  كەلگۈچە ئاللىقاچان ھوشىدىن كەتكەنىدى. ئۆينى يىغا - زارە قاپلىدى. قولۇم - قوشنىلار كىرىشكە باشلىدى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا يۈزلىرى قېرىلىقتىن قاتلىشىپ، چاچلىرى ئاقىرىپ كەتكەن بىر مومايمۇ بار ئىدى. ھەممەيلەن ئۇنى بۈۋىم دەپ ئاتايتتى. بۈۋىم نەپەستىن توختاپ جىمجىت ياتقان ئۇكامغا بىر قاراپلا ئانامنى ۋە  بىز بەش ئوغۇلنى قېرى سۆگەتتىن چىۋىق كېسىپ كېلىپ ئورەكتىكى سۇنى ئۇرۇشقا بۇيرۇدى، ئۆزى بولسا قىزىتىلغان كېپەكنىڭ ئۈستىگە يۆگەكنى سېلىپ ئۇكامنى دۈم ياتقۇزۇپ بىرنېمىلەرنى قىلىشقا باشلىدى. بىز بۈۋىمنىڭ ئېيتقىنى بويىچە ھەربىرىمىز بىردىن چىۋىق كېسىپ كېلىپ، «ئۇكامنىڭ جېنىنى قايتۇرۇپ بەر، ئۇكامنىڭ جېنىنى قايتۇرۇپ بەر» دەپ سۇنى ساۋاشقا باشلىدۇق. بىرئازدىن كېيىن ئۇكام چوڭ ئادەمدەك خارتتىدە بىر  تىنىپ ئاغزى - بۇرنىدىن بۇلدۇقلاپ سۇ يېنىشقا باشلىدى ۋە ئاستا - ئاستا ھوشىغا كەلدى. ئەسلىدە سۇ ئۇكامنىڭ جېنىنى ئېلىپ كەتكەنىكەن، ئانامنىڭ ۋە بەش ئوغۇلنىڭ قولىمىز ھارغىچە چىۋىق بىلەن ساۋاشلىرىمىزغا بەرداشلىق بېرەلمەي، جېنىنى قايتۇرۇپ بېرىپتىمىش.
       تېخى 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە خەلقىمىز ئارىسىدا ئېرىق - ئۆستەڭ يار ئېلىپ كەتكەن ياكى تۇغاننى سۇ تېشىپ كېتىپ ئەتكىلى بولمىغان چاغدا «توختى» ئاتلىق كىشىنى تۇغ بېشىغا بېسىپ سۇ توختىتىدىغانلىقى مەلۇم. ئېنىقكى، بۇ يەردە سۇمۇ ئادەمنىڭ تىلىنى بىلىدۇ دەپ قارالغان، بۇ خىل خۇراپىي  قاراش بويىچە سۇ «توختى» ئاتلىق ئادەم ئىسمىنىڭ مەنىسى «توختاش» ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۇنىڭ ئۆزىگە تاشلانغانلىقىنى كۆرۈپ توختايدۇ...
       دېمەك، ئاتا - بوۋىلىرىمىزنىڭ ئورتاق تۇيغۇسىدا سۇنىڭ جېنى بار، ھېس - تۇيغۇسى بار، قۇلىقى ۋە كۆزى بار. ئۇنىڭ شىلدىرلاپ ئېقىشى ئالەم بىلەن رىتىمداش، ئۇنىڭ ئۆزگىرىشلىرى ئىنسانىيەت تەقدىرى بىلەن بىر تۇتاش، ئىچى يورۇغان ئىنسان بۇنى تۇيىدۇ، ئىچى يورۇغان شائىرنىڭ شېئىرىدا سۇنىڭ رىتىمىغا ئايلانغان ھاياتلىق رىتىمى بار. ھاياتلىق رىتىمى  ئىنسان تۇيغۇسىدا.
       يامغۇر ياغقان كۈنلىرى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىدىكى ئىنسانلارنىڭ تۇيغۇسىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ، كۆپىنچە ئادەم ئۆزىدە نامەلۇم بىر ئۈمىدسىزلىكنى ھېس قىلىدۇ، غېرىبلىققا ياكى ئەسلىمىگە چۆكىدۇ، بۇ يامغۇرنىڭ ئىنسانىيەت ئۆتمۈشىنى  سۇ بىلەن يۈز بەرگەن زور ھالاكەتنى تۇيغۇدا ئەسلەتكەنلىكى، سۇنى بويسۇندۇردۇق دەپ ئويلىغان ئىنساننىڭ يەر شارىنى لەيلىتىپ تۇرغان سۇ ئالدىدا، ئۇشتۇمتۇت بېسىپ كېلىدىغان كەلكۈنلەر ئالدىدا ئاجىز ئىكەنلىكىنىڭ يوشۇرۇن ۋەھىمىسى. چۈنكى تۇيغۇ رېئاللىقتىن ھالقىغان نەرسە، ئورتاق تۇيغۇ ئوخشىمىغان دەۋرلەردىكى ئىنسانلارنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدا داۋاملىشىپ كەلگەن ئۈزۈلمەس ئېقىن. بىز زامان ۋە ماكاندىن ھالقىغان ئىنسانىيەتنىڭ مەڭگۈلۈك ئېقىنىدا بارلىق كىشىلەرگە ئورتاق مۇنداق بىر زور تۇيغۇنى ھەر ۋاقىت ھېس قىلىمىز: يەر يۈزىدىكى ئادەم بالىلىرىنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا ھامان جىنسىي ھالاكەت سىزىقى سىزىلغان، ئۇنىڭدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكۈچى مەيلى مۇسۇلمان، خرىستىئان، بۇددا، بىدئەت ياكى دىنسىز بولسۇن ئۆزىنىڭ توغرا قىلمىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، يوشۇرۇن ئېڭىدا چوڭقۇر گۇناھكارلىق تۇيغۇسىغا پاتقان بولىدۇ. بىز تۇيغۇنىڭ بۇ سىرلىق چوڭقۇرلىرىدا سۇنىڭ ماھىيەتلىك مەنىسىگە چۆكىمىز. جىنسىي  باشباشتاقلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان توپان بالاسىنى ھېس قىلىمىز.

    2. سۇنىڭ ئەسلى مەنىسى

    پايانسىز ئالەمدە سۇ يوق، سۇ پەقەت كىچىككىنە يەر شارىدا.
    بىز ئۈچۈن پايانسىز تۇيۇلىدىغان يەر شارى سۇ. قۇرۇقلۇق ئۇنىڭ كىچىككىنە قىسمىدا.
     سۇ زېمىننى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، سۇ بار چاغدا زېمىن تېخى يوق ئىدى.
    زېمىن ئادەمنى كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، زېمىن بار چاغدا ئادەم تېخى يوق ئىدى.
       سۇ ئۈستىدىكى زېمىنغا سېلىنغان تۇنجى مۇقەددەس ئۆيدە ئادەم ئاشۇ مۆجىزىلەرنىڭ ئىگىسىگە سىغىنىپ دۇئا - تىلاۋەت قىلغان.
       زېمىننىڭ ئاستىن قەۋىتى  سۇ، ھاياتلىقنىڭ ئاستىن قەۋىتى جىنسىيەت. زېمىننىڭ ئۈستۈن قەۋىتى  مۇقەددەس ئۆي.
       مۇقەددەس ئۆي بۇزۇلغاندا ئىنسان قۇپقۇرۇق زېمىن ئۈستىدە پاناھسىز قالىدۇ.
        دۇنيا سۇ بىلەن باشلانغان، سۇ بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. سۇ  بۇلغانغان تەننى پاكلايدۇ. غۇسىل تاھارەت ۋە يۇيۇنۇش مۇراسىملىرى ئارقىلىق سۇ پاك بولغان كۈننى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ساقلايدۇ.
    جۈمەك ئوچۇق قالغان دالان ئۆيدە
    نىل دەرياسى تاشقىنلايدۇ شاد.
       نىل دەرياسىنىڭ تاشقىن سۈيىدىن سۇ جۈمىكىگىچە بولغان جەريان ھازىرقى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى. دەريا - دېڭىز بويلىرىدىكى قەدىمكى مەدەنىيەتلىك ئەللەر، شەھەرلەر، ئىبادەتخانىلار سۇ بىلەن بولغان.
       ئىلاھىي مۇناسىۋەت، مۇراسىم تۈسىنى ئالغان جىنسىي پائالىيەت، كەلكۈن، باشلىنىش ۋە ئاخىرلىشىش... مانا بۇلار قەدىمكى مەدەنىيەتنىڭ سۇغا يېزىلغان تارىخى.
    سۇ ئىلاھى چىقتى ئۈستىگە
    بولدۇق قۇللار ئەقىلدىن ئازاد.
       سۇ  ھاياتلىقنىڭ بېسىلىپ تۇرغان قەۋىتى. سۇ  ئىنساننىڭ جىنسىيەت قاتلىمى. كىچىك بالا سۇ ئويناشقا ئامراق، چۈنكى ئۇنى قىزىقتۇرۇۋاتقىنى، يېتەكلەۋاتقىنى ئاڭسىزلىق، ئۇنى ئۆلۈمدىن ئاگاھلاندۇرغۇچى يۇقىرى ئاڭ ئۇنىڭ ئۆزىدە يوق. چۈنكى ئۇنىڭ ھاياتلىق تەجرىبىسى كەمچىل.
       سۇنى ئىنسان باشقۇرۇۋاتىدۇ، ئىنسان ھەممىگە قادىر دەپ قارالغان ۋاقىتتا ئىنسان ئۆزىدىن باشقا ھېچنېمە يوق بوشلۇقتىكى باشپاناھسىز سەرسانغا ئايلىنىدۇ. ھەممىدە ئۆزىگە تايىنىدۇ، ۋەھىيگە، ئەنئەنىگە، ئورتاق تۇيغۇغا ئەمەس ئەقىلگىلا ئەگىشىدۇ. ئەقىلنىڭ قۇلىغا ئايلىنىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئەقىلنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلۇش ئېڭى توپلىنىپ ئۇشتۇمتۇت پارتلاپ چىقىش بىلەن ئەقىلنىڭ قارشى قۇتۇپىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۈزلۈكسىز بېسىم بىلەن جۈمەككە قاپسىلىپ تۇرغان سۇ بىر يولىلا قويۇۋېتىلىپ نىل دەرياسىنىڭ تاشقىنىغا ئايلىنىدۇ، ھاياتلىق توپانغا ئايلىنىدۇ. دېمەك، بارلىق ئەقلىي تىرىشچانلىق ئىنساننى چەكلەش، چەكلەشنىڭ ئاقىۋىتى قويۇۋېتىش، قويۇۋېتىشنىڭ ئاقىۋىتى ھالاكەت...

    3. سۇنىڭ مەدەنىيەت مەنىسى

       قەدىمكى مەدەنىيەتلەر سۇ بويلىرىدا يارىتىلغان. ئىنسانىيەتنىڭ سۇ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى مەدەنىيەت مۇناسىۋىتىدۇر. ئىنسانىيەت تەرەققىياتىدا سۇ  مەدەنىيەتنى كۆرسەتكۈچى تېرمومېتىر. بۇ تېرمومېتىردا بىز ئىنسانىيەتنىڭ سۇ بىلەن بولغان ئىلاھىي، ياۋايى، رېئالنى مۇناسىۋەتلىرىنى كۆرىمىز.
       ئىلاھىي مۇناسىۋەت مەدەنىيەتنىڭ ئىلاھىي خاراكتېرىنى، يەنى دىنىي مەدەنىيەتنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ مەدەنىيەتتە بارلىق ياراتقۇچى ياكى ياراتقۇچىنىڭ مۆجىزىسى دەپ ئۇلۇغلىنىدۇ. بارلىق ئىلاھىي قىممەتكە ئىگە بولىدۇ. بارچە نەرسىگە ئوخشاش سۇنىڭمۇ ئىلاھىي بار دەپ ياكى سۇ ئىلاھتەك مۇئامىلە قىلىنىدۇ. سۇنىڭ ئىلاھىي قىممىتىنى ئۇلۇغلىماسلىق ياكى سۇغا بىھۆرمەتلىك قىلىش گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. بۇ چوڭقۇر قاتلاملىق يۈكسەك ئۆلچەملىك مەدەنىيەتتۇر. ئىنسان بىلەن كائىنات ۋە ھەر بىر شەيئى ئىلاھىي بىرلىك ئىچىدە تۇرىدىغان روھىي مەدەنىيەتتۇر.
       ئىنسانلار سۇ بىلەن ئالاقە قىلىش جەريانىدا بارا - بارا سۇدىكى ئىلاھىيلىقتىن ياۋايىلىققا ئۆتتى. سۇدىن ئۆزلىرىنىڭكىگە ئوخشاپ قالىدىغان ياۋايى كۈچنى بايقىدى. ئۇنى ئاستا - ئاستا بويسۇندۇرغىلى، ئۆزگەرتكىلى ھەتتا قۇل قىلغىلى بولىدۇ دەپ ئويلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىنسان ئالەمنىڭ  ئىرادىسىدىن ئۆزىنىڭ ئەقلىنى ئۈستۈن بىلدى. دۇنيانىڭ ئەسلى ھالىتىگە، تەبىئەتنىڭ سىرلىق تەرتىپىگە، «ياۋايىلارچە» ئۆزگەرتىش كىرگۈزمەكچى بولدى.  دۇنيانىڭ ئىلاھىي قۇرۇلمىسى ئالدىدا ئەقىل  ئىنسانىي ياۋايىلىق. بىز بۇ ياۋايىلىقنىڭ نەتىجىسىنى  يەر شارىنى نەچچە قېتىم ھالاك قىلىشقا يېتىدىغان ئاتوم بومبىلىرىنى كۆرۈۋاتىمىز.
       بىز بۇ ياۋايىلىقنىڭ نەتىجىسىنى  ئادەم ۋە باشقا جانلىقلارنىڭ روھى ۋە ئەزالىرى ئۆزگەرتىلىۋاتقانلىقىنى، ھەتتا كىلون ئادەملىرىنى كۆرۈۋاتىمىز...
       ھازىرقى دۇنيادا روھىي مەدەنىيەت بىلەن بۇ خىل «ياۋايى مەدەنىيەت» ئىنسانىيەتنىڭ ھايات - ماماتىنى بەلگىلەش ئالدىدا تۇرماقتا. كىشىلەر تۇرمۇشتا بارغانسېرى ياۋايى مەدەنىيەتكە ئەگىشىپ ماڭماقتا. غايىب  تۇيغۇدىن ئايرىلىپ رېئاللىشىپ كەتمەكتە. كائىنات بىرلىكىدىن ئايرىلىپ تەنھالىققا يۈزلەنمەكتە. مۇقەددەس قىممەتتىن ئايرىلىپ قەدىرسىزلىكنى ھېس قىلماقتا. ئوخشىمىغان دىنلاردىكى مۇقەددەس سۇ  تۇرمۇشتا ئىقتىسادىي قىممەتتىن باشقا قىممىتى بولمىغان رېئال سۇغا ئايلىنىپ قالدى...
    ئۇنىڭ بىلەن بار بولدۇق، ئۇنىڭ بىلەن ياشىدۇق، ئۇنى بىلمىدۇق.
    ئۇ كۆرۈندى، ئۇ ھەرىكەت قىلدى، ئۇنىڭ قەدرىنى قىلمىدۇق.
    ئۇ كەلدى، ئۇ يوق قىلدى، ئۇ غايىب  بولدى.
    سۇ  مەن ئۇنىڭدىن ئاجايىپ مەنىلەرنى بىلدىم.
    سۇ  مەن سۇ ئارقىلىق بارچىغا ئىچكىرىلەپ كىردىم.

    4. سۇنىڭ زامان مەنىسى

    ھاياجانلىق ھەمدە ھۆل ھايات
    قويۇۋەتسەك يوشۇرۇن ئاڭنى
    قىلار توپان دۇنيانى بەربات.

        قاغجىرىغان تۇپراققا كۆكتىن تامغان سۇ بىلەن جان كىردى. ھۆل بىلەن قۇرۇقنىڭ ھاياجانلىق بىرلىشىشلىرىدە دۇنياغا كەلدۇق. سۇ  بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى ھاياتلىق. روھنىڭ رىتىمى بىلەن تىل ئوتتۇرىسىدىكى ماسلىقنى ئىزدەۋاتقان شائىرلار قەدىمدىن بېرى سۇنى ۋاقىتقا، ئىنسان ئۆمرىگە ئوخشىتىپ كەلدى. ئەمەلىيەتتىمۇ سۇنىڭ ئوخشىمىغان ھالەتلىرى ئوخشىمىغان «پەسىللەردىن» ۋاقىتنىڭ ئۆتۈۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. سۇ بىلەن زامان سىرلىق باغلانغان.
       مۇز  ئۆتكەن زامان، سۇ  ھازىرقى زامان، ھور، يەنى يۇقىرى ھارارەت كەلگۈسى زامان. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى  سۇنىڭ ھەرىكەت ھالىتىدۇر. يەنى قەدىمكى زاماندا ھەممە نەرسە  قاتتىق، دىنىي ئەھكام، ئەخلاق، پەرمانلاردىن  تارتىپ تۇرمۇشتىكى ئەڭ ئۇششاق ئادەت - يوسۇنلارغىچە بۇزغىلى بولمايدىغان قاتتىقلىق، يەنى مۇزنىڭ ھالىتى مەۋجۇت. بارلىق قاتتىق نەرسىلەر ئېرىۋاتقان، يۇمشاۋاتقان، ئەر - ئاياللار ئارىسىدىكى چېگرالار قوشۇلۇپ، ئادەملەر ئۆزىنى تۇتالماي سۇغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقان دەۋر  ھازىرقى زاماندۇر. كەلگۈسى زامان  شىددەتلىك ئۇرۇلۇپ - سوقۇلۇپ، يۇقىرى ئېنېرگىيىدىن بارلىق يوقلۇققا ئايلىنىدىغان ھۆرسىمان دەۋردۇر.
       يەر شارىنىڭ ئۆتمۈش خاتىرىسى، قەدىمكى زامان مەدەنىيىتىنىڭ سىرى  ئىككى قۇتۇپتىكى مۇز ئاستىدا. يەر شارىدىكى مەدەنىيەت ئۆزگىرىشى، زامان مەخپىيىتى  ئىككى قۇتۇپ مۇزلۇقىنىڭ ئېرىپ ئېچىلىشى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. جىنسىي مەخپىيەتنىڭ يوق بولۇشى  ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقى.
       نۇرغۇن شەھەرلەر يوق بولدى، نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ۋاقتى توشۇپ مەدەنىيىتى كۆمۈلدى. بىزگە  تارىخنىڭ ئىزلىرى قالغان مۆجىزىلىرى جەم بولغان. تەكلىماكان قۇملۇقى ۋە تۇرپان ئويمانلىقلىرى نەچچە مىليون يىللار ئىلگىرى سۇ، يەنى دېڭىز ئىكەنلىكى مەلۇم. بۇ ئۆتكەن زامان. قەدىمكى زامان مەدەنىيەت ئوچاقلىرىنىڭ بىرى بولغان، ھېلى ھەم ئوتلۇق باغرىدا ئىنسانلار ھاياتى داۋاملىشىۋاتقان  تۇرپان  يەر شارىنىڭ تەكتى سۇ يۈزىدىن، يەنى دېڭىز يۈزىدىن نەچچە يۈز مېتىر چوڭقۇرلۇقتا. بۇ ھازىرقى زامان، ئۇنىڭدىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىشقا بولىدۇكى، ئىنسانىيەت ھاياتى مۆجىزە، دېڭىز ئاستىدا تۇرۇپ ھۆل بولمىغان، قەدىمكى ھاياتلىق تەجرىبىلىرى ۋە يوقلۇق ئېڭى ئارقىلىق ھالاك بولۇشتىن ساقلانغان مىللەتلەر ھەقىقىي مەدەنىيەتلىك مىللەتلەردۇر. كەلگۈسى ئىنسانلار روھى چاقىرىقلارنى ئۇنتۇپ ئۆزىنى چەكلىمىسىز قويۇۋەتكەن كۈنى دۇنيانىڭ ھالاكەت كۈنىدۇر![abduhelil تەستىقلىدى . 2010-7-27 21:36:28]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.