چىلە پۇرىقى(ھىكايە)-ئېزىز ئەيسا كۆكتۇغ

يوللىغۇچى : koktugh يوللىغان ۋاقىت : 2012-03-17 17:27:19

چىلە پۇرىقىئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ(ھېكايە)كەچتە قىرائەتخانامغا كىرىپ كىتاپ كۈرۈپ ئولتۇراتتىم، بىردىنلا تىلفۇنۇم سايرىدى ۋە مەركىزى شەھەردىكى قايسى بىر ئاخبارات نەشىريات باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئىشلە...



    چىلە پۇرىقى

    ئەزىز ئەيسا كۆكتۇغ

    (ھېكايە)



     كەچتە قىرائەتخانامغا كىرىپ كىتاپ كۈرۈپ ئولتۇراتتىم، بىردىنلا تىلفۇنۇم سايرىدى ۋە مەركىزى شەھەردىكى قايسى بىر ئاخبارات نەشىريات باشقۇرۇش ئىدارىسىدا ئىشلەيدىغان نەۋرە ئىنىم مەتياقۇپ قىزغىن سالام سائەتتىن كېيىن ئۈزىنىڭ بۇ شەھەرگە بۈگۈن چۈشتىن كىيىنلا خىزمەت ئۈچۈن يىتىپ كەلگەنلىگىنى، مۇشۇ ۋاقىتتىكى كەچلىك ئارامدىن پايدىلىپ ھازىرلا مىنى يوقلاپ كىلىدىغانلىغىنى بىلدۈرۈپ تىلفۇننى قۇيۇۋەتتى. شۇئان ئىسىمگە كىلىپ بىردىنلا بۇرنۇمغا سېسىق چىلە پۇرىقى پۇراپ سەل بىئارام بۇلۇشقا باشلىدىم. چۈنكى بۇ نەۋرە ئىنىمنى مەن ئوبدان چۈشىنەتتىم. نەۋرە ئىنىم بىلەن مەن گەرچە يىراق ئۇرۇق تۇغقان بولساقمۇ خۇددى قوغۇن پىلىكى بىلەن شۇمبۇيىدەك ئەسلىدىن كىلىشەلمەيتتۇق. بۇلۇپمۇ نەۋرە ئىنىم مەتياقۇپنىڭ مىنى ئۇچرىتىپلا قالسا ئاتايىن ئۈزىنى رەھبەر باشقۇرغۇچى كۆرسىتىشكە تىرىشىپ ؛

    -ئاكا قانداق ئەھۋالىڭىز، يەنە بىرنەرسىلەرنى يېزىۋاتامسىز. ھە…مەن سىزگە ئالاھىدە شۇنى ئەسكەرتىپ قۇياي، ئەمدى يەنە قالايمىقان بىرنەرسىلەرنى يېزىپ يۈرمەڭ بۇلامدۇ؟ بۇلۇپمۇ يەنە قاراڭغۇ تەرەپلەرنى يازىمەن دەپ ئېغىزىڭىزغا كەلگەنچە بىرنەرسىلەنى يېزىپ يۈرمەڭ. مۇمكىن بولسا پارتىيىنى ئىسلاھاتنى باياشاتلىقنى، ياخشى ئىش-پائالىيەتلەرنى، بۇلۇپمۇ رەئىسلەرنى رەھبەرلەرنى ماختاپ يېزىڭ. مۇشۇنداق قىلسىڭىز ھەريىلى تۈرلۈك مۇكاپاتلارنى ئېلىپ بىرىشكە مانا مەن ھۆددە قىلىمەن. بۇگېپىم راس جۇمۇ ؟! يەنە مەن دىگەندەك قىلسىڭىز، ھەر ئاتاقلىق يازغۇچى شائىرلار ھەۋەس قىلىپ ئالالمايۋاتقان، دۆلەت دەرىجىلىك "بىرىنچى"ياكى "ئالاھىدە" دەرىجىلىك يازغۇچى شائىر دىگەندەك ئۆنىۋانمۇ ئېلىپ بىرىمەن. . . دەپ پات پات ئاتايىن مەخسۇس ئەسكەرتىپ تۇرىدىغان بۇ ئىنىم كەلسە يەنە ماڭا كۈڭۈل بۈلۈپ ئۇنى يازماڭ، بۇنى يازماڭ دەپ تەنبىھ بىرىرىدىغانلىغى ئېنىق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇققانلار ئىچىدە گەرچە تۇققاندارچىلىقتىن كىچىشىپ يۈز ئۆرۇشۇپ كەتمىسەكمۇ ئەمما ئىككىمىزنىڭ ئاسىتىرتتىن ئېقىمىز كىلىشمەيدىغانلىغىنى ھەممە تۇققانلار بىلەتتى. بۇ كۈڭۈلسىزلىككە ئۇ نەۋرە ئىنىمنىڭ ئۆيلىنىدىغان چاغدىكى مۇنداق بىر ئىشى سەۋەپچى بولغاندى. نەۋرە ئىنىم شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىگە ئۇرۇنلۇشۇپ، بىر يىل بۇلا بولماي تۇققانلار ئىچىدىكى بىر مېھماندارچىلىقتا، پات يېقىندا توي قىلىدىغانلىغىنى ئۇشتۇمتۇت جاكارلىدى. ئۇرۇق تۇققانلارنىڭ تۇيى خەيىرلىك ئىش بولغاچقا بىزمۇ كۆڭلىمىزدە بۇ توي ئىشنىڭ خەيىرلىك بۇلىشىنى تىلەشتۇق. بىراق مۇشۇ خەۋەر تارقىلپ ئۇزۇنغا قالماي تۇنۇش - بىلىشلەر ئۇرۇق-تۇققانلارئاغزىدىن نەۋرە ئىنىم مەتياقۇپ توي قىلىدىغان قىز توغرۇلۇق ھەرخىل-ھەرياڭزا ئەپقاچتى گەپ تارقىلىشقا باشلىدى. باشتا پىتنە-پاساتقا چىقىرىپ ئەپقاچتى گەپلەرگە بەك پەرۋا قىلىپ كەتمىدىم. ئەمما بارا-بارا يېقىنلارنىڭ ؛-«نەۋرە ئىنىڭ مەتياقۇپ ئەقلىدىن ئادىشىپ قالمىغاندۇ؟ نەۋرە ئىنىڭ توي قىلىدىغان ئۇ قىز بىلەن مۇئاۋىن ۋالىXX. نىڭ نورمال بولمىغان ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتى شەھەردىكى ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئاشكارە مەخپىيەت تۇرسا، يەنە. . . ھەي. . بولدى سەن غۇرۇڭ كۈچلۈك ئۈزۈڭ پاكىز ئادەم بولغاچقا بىز سىنى ئويلىدۇق جۇمۇ ؟بىزنى ھەرگىز قۇرۇق گەپ تېپىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ قالما، بۇدىگەن ئەرخەقنىڭ يۈزى، شان شەرەپ -نۇمۇس مەىسىلىسى» دىگەن كەسكىن ئاگاھلاندۇرىشىغا دۇچ كەلدىم. ئاخىر بۇ ئىشقا مەن ئارىلاشمىسام بولمايدىغانلىغىنى ھېس قىلىپ، بىر كۈنى ئىنىم مەتياقۇپنى ئۈيۈمگە چاقىرىتتىم. مەن گەپنى ئەگىتىپ ئېغىزىمدىن ئۇ ئۆيلىنىدىغان قىزنىڭ ئىسمى چىقىپ بولغىچە ئۇ تۇغما مەمەدانلىق تالانتى بىلەن كەسكىن تەلەپپۇزدا قۇلىنى «بولدى گەپ قىلماڭ» دىگەن ئىشارىدە كۇتۇرۇپ سۆزلەپلا كەتتى ؛-

    -ھە. . بىلدىم، بىلدىم… سىز دىمەكچى «سەن توي قىلىدىغان ئۇ قىز بىلەن توي قىلما، ئۇ قىزنىڭ مۇئاۋىن ۋالى بىلەن ھېلىقىدەك مۇناسىۋىتى بار. . . دىمەكچىمۇ؟ بىلىمەن سىز شۇنى دىمەكچى، سىز دىمىسىڭىزمۇ مەن بۇ مەسىلە ھەققىدە بۇرۇنلا چوڭقۇر ئويلۇنۇپ قارار چىقىرىپ بولغان. راس ئۇ قىز بىلەن مۇئاۋىن ۋالىنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى. ئۇ قىزنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارى ياخشى، ھەم ئۈزىمۇ يېزىقىمۇ بەك چىرايلىق بۇلۇپمۇ دۆلەت تىلىنى شۇنداق ئۆلچەملىك يازىدۇ ھەم سۆزلەيدۇ. شۇڭا مۇئاۋىن ۋالى گەرچە ئۇ قىز ۋالى مەھكىمىسىدە ئىشلىمىسمۇ ئۇ قىزنى ئىشتىن سىرىتقى كاتىۋى قىلىۋالغان. مۇئاۋىن ۋالىنىڭ بارلىق دوكلات خۇلاسە، پىلانلىرىنىڭ تىزىسلىرى شۇ قىزنىڭ قۇلىدىن چىقىدۇ. دىمەك ئەھۋال شۇ؟؟ سىز ئويلاپ بېقىڭ مەن ئۆيلىنىدىغان قىز ۋالى بىلەن يېقىن بولسا نىمە بۇلۇپتۇ؟؟ تېخى بۇ ياخشى ئەھۋال ئەمەسمۇ؟ ئەتە ئۆگۈن ۋالى بىلەن بېرىش-كىلىش قىلىدىغان يول ئۆزلىگىدىنلا ھەل بولدى دېگەن گەپ. بۇنداق ياخشى مۇناسىۋەت پۇرسىتىگە كىم ھەۋەس قىلمايدۇ ؟ سىز شۇنى ئويلاپ بېقىڭ ؛-ئۇدىگەن ۋالى، يېنىغا كىمنى ئەكىلىمەن دىسە ئەكىلىدۇ. كىمنى كەتتۈرىۋېتىمەن دىسە كەتتۈرىۋېتىدۇ. شۇنىڭلىق بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ مۇناسىۋىتىنى يامانغا تارتىپ چۈشەنسەك قانداق بۇلىدۇ ؟؟»

       مەن، مىنىڭ نەۋرە ئىنىمنىڭ بىر ئەركەكنىڭ ئېغىزىدىن يۇقارقىدەك گەپ چىقىدۇ دەپ زادى ئويلىماپتىكەنمەن. شۇئان ئەسلىدىنلا دائىم گۆشلۈك يۈز كۆزلىرى تەرلەپلا تۇرىدىغان نەۋرە ئىنىمنىڭ بەدىنىدىن گۈپۈلدەپ كىلىۋاتقان چارۋا ئېغىلىدىن چىقىدىغان سېسىق بىر پۇراققا ئوخشايدىغان چىلە پۇرىقىنىڭ كىلىۋاتقانلىغىنى ھېس قىلىپ سەسكىنىپ كەتتىم شۇنداقتىمۇ مەن بۇخىل ئەھۋالنى ئەقلىمگە سىغدۇرالماي يەنە ئوبدانراق تەكرارئويلۇنۇپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلدىم. ئەمما نەۋرە ئىنىم مىنىڭ سۆزلىرىمىنى ئازراق بولسىمۇ ئاڭلاشتا يوق يېڭى ئەسىردە ئىدىيەمنى تىزراق ئازات قىلىشىمنىڭ، نەزەر دائىرەمنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشۈمنىڭ لازىملىغىنى تاپىلاپ پىشىنى قېقىپ ئۈيۈمدىن چىقىپ كەتتى.

     ئىسىت!!ئۇرۇق- تۇغقۇنۇم- دەپ ئېغىز ئۇپرىتىپ مۇشۇنداق ئادەمگە گەپ قىلغىنىمغا بەك پۇشايمان قىلدىم. نەۋرە ئىنىم ئۇزۇن قالماي كاتتا توي قىلدى. بۇ تويغا خۇددى ئۈستى-بېشىغامەينەت گەندە-سۈيدۈك يۈقۈپ قالغان ئادەمدەك قورۇنۇپ قىسىلىپ تۇرۇپ قاتناشتىم. ئەقلىمنى تېخىمۇ ھەيران قىلغىنى شۇكى گەرچە بىزنىڭ ھىچقانداق ئۇرۇق تۇققىنىمىز شەھەر ۋە ۋىلايەتتە يۇقۇرى دەرىجىلىك رەھبەر بولمىسۇ بۇ تويغا شەھەر، ۋە ۋىلايەتتىكى مۇھىم رەھبەرلەر قەدەم تەشرىپ قىلغان ئىدى. ۋە يەنە توي كۈچۈرگەن پىكاپلارنىڭ كۆپلىگى سەرخىل-ئىسىلىغىدىن ئادەمنىڭ تىلى لال بۇلاتتى. شۇنداق قىلىپ ئىنىم توي قىلىپ بىريىلغا قالماي ئۈزى ئىشلەۋاتقان ئىدارىدە بۈلۈم باشلىغى، يەنە بىريىل ئۆتكەندىن كىيىن مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقلىغىغا ئۆستۈرۈلدى. نەۋرە ئىنىم ئۆستۇرۇلۇپ ئۇزۇنغا قالماي ھېلىقى مۇئاۋىن ۋالى XX. ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ قايسى بىر نازارىتىگە ئۈسۈپ، يۆتكۈلۈپ كەتتى.  يەنە ئۇزۇنغا قالماي ئىنىم ئەر-خۇتۇنمۇ ئۈرۈمچىىگە ئاپتۇماتىك ئۆستۈرۈلۈپ يۆتكۈلۈپ كەتتى. نەۋرە ئىنىم مەتياقۇپنىڭ نەزىرىدە ئىشلار ئىنىم ئەينى ۋاقىتتا ماڭا دىگەندىنمۇ ئارقىمۇ ئارقا تىزلىكتە «ياخشى» تەرىپىگە تارتقان ئىدى.  مەن نەۋرە ئىنىمنىڭ «ئىدىيىسى» نىڭ بۇ دەرىجىدە ھەم چۇڭقۇر، ھەم تىز «ئازات» بۇلۇپ كەتكەنلىگىنى ھېلىھەممۇ ئەقلىمگە زادىلا سىغدۇرالماي يۇرۇيمەن. شۇڭا ئىنىم ئىسىمگە كەلسىلا دەرھاللا بۇرنۇمغا چىلە پۇرايدۇ؟ مانا مۇشۇ ئىنىم بۈگۈن ھازىرلا مىنى يوقلاپ كەلمەكچى بولغان ئىدى.

    ئىشىكنىڭ يىنىك چىكىلىشى مىنى يۇقارقى قاڭسۇق كۈڭۈلسىز خىيالدىن ئويغاتتى. ئايالىم ئىشىكنى ئاچقان ئىدى دەل شۇ نەۋرە ئىنىمنىڭ خۇددى ئايالنىڭ ئاۋازىدەك ئىنچىكەھەم تەككەببۇرانە ئاۋازى. دەل ئۇئىنىم ھەققىدىكى خىيالنىڭ غەيۋىتىنى سۇرۇپ ئولتۇرسام ئۈزى كىلىپ قالغىنىنى كۆرمەمدىغان؟ «ئەسكى ئادەم گەپ ئۈستىگە» دىگەن مۇشۇمىكىنە؟ مەن چاندۇرماستىن ئۇنى مېھمانخانىگە باشلىدىم. بىز قىسقىچە ئامانلىق سورىشىپ بولغىچە ئايالىممۇ داستۇرخان راسلاپ تاتلىق تۈرۈم مېۋە چېۋە كەلتۇرۇپ ئۈلگۈردى.  ئۇ بىرتال سۇت پىرەنىكنى ئاغزىغا سالغاچ ئالمان تالمان يەنە مەندىن كونا ئەندىشىسى ھەققىدىكى سۇئالنى سوراشقا باشلىدى؛-

    -قانداق، ئاكا يەنە يېزىۋاتامسىز.

    -شۇنداق كۆپ بولمىسىمۇ ئانچە مۇنچە.

    -مەن ئۈرۈمچىدىكى بىرقىسىم ئۇزۇن قۇلاق زىيالىلاردىن ئاڭلىشىمچە سىز «قۇچقاچ يېغىلىغى» دىگەن رومانىڭىزنى يېزىپ تاماملاپ نەشىرياتقا سۇندى دەپ ئاڭلىدىمغۇ ؟

     دەل مەن ئويلىغان ئىش يۈزبەردى. مەن بۇ ئەسرىمگە چۇقۇم نەۋرى ئىنىم مەتياقۇپ ھامان بىر كۈنى يوق يەردىن تۈك چىقىرىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، ئىشلار ئويلىغىنىمدەك بولدى. ئامالسىز چۈشەندۇرۇشكە باشلىدىم.

    -شۇنداقراق، نەشىر قىلىنغاندا كۈرەرمىز قالغىنىنى.

    -شۇنداق قىلىپ بىر يېغىلىق، ياكى قوزغىلاڭ ھەققىدە بىرنەرسە يازدىم دەڭ!!! –ئۇ تاماكىدىن بىر تۇتاشتۇرىۋېلىپ پۇتىنى تۈزۈكلەتتىن ئالماشتۇرۇپ ئولتۇرۇپ كەسكىىن تەلەپپۇزدا سۈزىنى داۋاملاشتۇردى.

    -ماڭا قاراڭ ئاكا ھازىر رايۇنىمىزدا مۇقىملىق ھەممىدىن مۇھىم ئۇرۇنغا قۇيۇلىۋاتسا سىز يەنە خۇدددى پۇقرالارنى قۇتىراتقاندەك قىلىپ «قوزغىلاڭ»، «يېغىلىق» ھەققىدە بىرنەرسىلەرنى يېزىپ يۈرسىڭىز بۇ ئەمدى قانداق بولغىنى ؟؟

    -ئىنىم ئۇ دىگەن تارىختا ھەقىقى يۈزبەرگەن ۋەقەلىك تۇرسا. بەرىبىر ھازىرقى دەۋىربىلەن ئازراقمۇ ئالاقىسى بولمىغان تارىختە.

    -بولمايدۇ، تارىخ بولسىمۇ بولمايدۇ! نۆۋەتتىكى مۇقىملىققا زىيان يىتىدىغان ھەرقانداق نەرسىنى يازسىڭىز بولمايدۇ. مەن يەنە  «قېچىرنىڭ تەرجىمىھالى» دىگەن ھىكايىڭىزنى ئۇقۇدۇم. قارىسام ئۈرۈمچىدە مۇشۇ ئەسەر ھەققىدە زىيالىلار ئارىسىدا چوڭ غۇل-غۇلا بۇلۇپ كىتىپتۇ؟ بىرقىسىم ئوت قۇيرۇق، تۇزكۆر قىتىغۇر زىيالىلار سىزنىڭ ئۇ ئەسىرىڭىزنى «بەك ياخشى چىقىپتۇ، بەك ئۇتۇقلۇق چىققان ھەجۋى ئەسەركەن» دەپ ماختىشىپلا كىتىپتۇ. مەن دەرھال بىزنىڭ ئىشخانىدىكى مۇتەخەسسىلەرگە ئۇئەسەرنى ئۇقۇتۇپ مەخسۇس تەتقىق قىلغۇزسام، تىغ ئۇچىنى بىرقىسىم رەھبەرلەرگە، چىرىكلىككە قارىتىپتۇ دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەسەرنى باسقان ژورنالنى دەرھال نەشىردىن توختۇتۇپ ئاپتۇرغا خىزمەتتىن قالدۇرۇش چارىسى كۈرۈڭلار دەپ تەستىق سېلىپ بۇلۇپ، ئاپتۇرى كىمكەن؟ دەپ سورىسام، دەل سىزنىڭ ئىسمىڭىزنى چىقارمامدىغان؟ ئۇنداق ئويلاپ، بۇنداق ئويلاپ نىمىلا دىگەن بىلەن سىز مىنىڭ تاغام تۇققۇنۇم ئەمەسمۇ؟ شۇنىڭ بىلەن تەستىقىنى ئاستا تارتمىغا سېلىۋەتتىم. سىزمۇ مۇشۇ كۈنلەردە ياشانغانچە گەپكە كىرمەس بۇلۇپ كەتتىڭىز. مەن دىدىمغۇ سىزگە نىمىشقا مۇشۇ ياخشى دەۋىرنى، باي بۇلۇشنى رەھبەرنى مەدھىيلەپ يازمايسىز؟ دەپ.

    مەن سىلىق ئاساستا ئۈزۈمنى يەنە ئاقلىماقچى بولدۇم ؛

    -ئۇكام، بولدى تارىخ ئىلمىنىغۇ دىمەيلا قۇيايلى، خەلىق ئىچىدىكى بەزى ناچار ئىللەتلەرنى تەنقىتلەش، قامچىلاش شۇ ئارقىلىق كىشىلەر ئىچىدىكى مەنىۋى مەدەنىيەت سۈپىتىنى يۇقۇرى كۈتەرگىلى، جەمىيەت تەرەققىياتىنى ئالغا سۇرۇپ ياخشىلىغىلى بۇلىدۇ ئەمەىسمۇ؟ بۇ ئەمىلىيەتتە تۆھبە ئەمسمۇ؟

    -ياق!ياق! بۇ تۆھبە ئەمەس ! قۇتراتقۇلۇق ! قالايمىقانچىلىق زىدىيەت پەيدا قىلىش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. سىز يەنە سىياسى ئۈگۈنۈشنى ياخشى قىلىپ ئىدىيىڭىزنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ئاساستا ئازات قىلسىڭىز بولغۇدەك؟ نىمىشقا دىسىڭىز، رەھبەرنى تەڭقىتلىگەنلىك، يىغىپ ئېيتقاندا ھۈكىمىتىمىزنى تەڭقىتلىگەنلىك. ھۈكۈمەتنى تەڭقىتلىگەنلىك كىچىك ئىشمۇ ؟ئويلاپ بېقىڭ بۇرۇن مۇشۇنداق ئەسەرلەر بەك كۆپ يېزىلىپ ئېلان قىلىنىپ كەتتى، مەسىلەن؛- «ئىز»، «بالدۇر ئويغانغان ئادەم» دەمدۇ يەنە «ئانا يۇرت» دەمدۇ، ئىشقىلىپ خەلقنى قۇترىتىدىغان، قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىدىغان ئەسەرلەر. شۇنداق ئەخلەت ئەسەرلەرنىڭ ناچارتەسىرىدە توقسىنىنچى يىللار ئەتراپىدا بىر مەزگىل ئىدىيىۋى جەھەتتە تەتۈر شامال كۈتىرىلمىدىمۇ؟ سىز ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟ ئۇئەسەرلەرنىڭ خەلىققە دولەتكە زادى نىمە پايدىسى؟ تىنىچ خەلقنى قۇتراتقاننىڭ زادى نىمى ئەھمىيىتى بار؟ شۇ ئەسەرلەر مانا ھازىر يېزىلىدىغان بولسا ھەرگىز كىتاپ بۇلۇپ بېسىلمايدۇ. ئېلان قىلىنمايدۇ.  شەخسەن ئۈزەم بىر قوللۇق تەستىق سېلىپ ئۇنداق ساغلام بولمىغان ئەسەرلەرنى ھەرگىز باستۇرمايتتىم. مانا ھازىر مىنىڭ باشچىلىغىمدىكى جاپالىق خىزمىتىمىزنىڭ نەتىنجىسىدە ئەھۋال خېلى ياخشى، ئەمما ئاكا سىز زادى گەپ ئاڭلىماي كىتىپ بارىسىز. سىزگە قانداق چۈشەندۈرسەم ئاڭلىق چۈشۈنىسىز -ھە ؟؟ 

         نەۋرە ئىنىم تارىختىن مىسال ئېلىپ سۆزلەشكە باشلىدى:- سىز گە تارىختىكى پۇلاتتەك مۇنداق بىر مىسالنى سۆزلەپ بىرەي ؛ خەن سۇلالىسى دەۋرىدە پادىشا خەن ۋۇدى نىمىشقا ئىلىم ئەھلىلىرىنى تىرىك كۈمۈپ كىتاپ نامىلەرنى كۆيدۈرگەن؟ بىلەمسىز؟؟ خەن دەۋرىدە ئاتالمىش ئۆلىمالار كىم ئېغىزىغا نىمە كەلسە شۇنى يېزىپ، پۇقرالارنىڭ ئىدىيىسىنى قالايمىقانلاشتۇرغان، پادىشاھلىقتا مۇقىمسىزلىق كەلتۇرۇپ چىقارغان. ئەگەر پادىشاخەنۋۇدى شۇنداق قالايمىقانچىلىققا قارىتا دەرھال تەدبىر قوللىنىپ خورىگى ئۆسكەن ئىلىمكار زىيالىلارنى موللىلارنى تىرىك كۈمۈپ ئەخلەت كىتاپلارنى دەرھال كۆيدۈرۈپ ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرمىگەن بولسا پادىشاھلىق غۇلاپ چۈشۈش خەۋپىگە دۇچ كىلەتتى بىلەمسىز ؟؟

    بارغانچە بۇرمۇلۇنۇپ چۈشەنگەن سەپسەتىسىنى ئەزۋەيلىگىلى تۇرغان نەۋرە ئىنىمنىڭ يۇقارقى قاراشلىرىغا تۈزۈتۈش بەردىم،  گىپىنى  بۈلۈپ تۇرۇپ:
      - ماڭا قاراڭ ئۇكام ئۇدىگەن فىۋىداللىق دەۋرىدىكى پادىشاھلىق زامان، ھازىر سىزگىمۇ ئايان يىگىرمە بىرىنچى ئەسىر، دەۋر ئوخشىمايدۇ. ئۇنى دىمىگەندىمۇ خەن دەۋرىدە ئۆلىمالار، پۇقرالار- پادىشا ۋە ئەمەلدارلارنى ئەيشى ئىشرەتكە بىرىلدى، چىرىكلەشتى، دۆلەت، پۇقرا بىلەن كارى بولمىدى. . دەپ تەنقىت قىلغان.

    -ياق! ياق!

    نەۋرە ئىنىم يەنە كەسكىن رەت قىلدى ئۈزىنىڭ چۈشەنچىسىنى چايناپ سۈزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:

    -پادىشاھلىق زامان بولسا نىمە بۇلۇپتۇ ؟؟ ھەممىدىن مۇھىمى دۆلەتنىڭ بىرلىگى، جەمىيەتنىڭ مۇقىملىغى، ئىناقلىغى مۇھىمغۇ؟ يەنە ئەمەلدارلار چىرىكلەشتى، ئەيشى ئشرەتكە بىرىلدى دەپ خالىغاننى يېزىپ، رەھبەرلەرنى كۆزگە ئىلمىسا بۇلامدۇ ؟ يەنە كىلىپ ھازىر دۆلىتىمىزدە ئىخدىسات تەرەققى قىلىپ، ھەممە ئادەم بېيىدى ھەم بېيىشقا ئىنتىلمەكتە. ئەمەلدارلار پۇقرالار بىلەن بىرگە ئازراق راھەت پاراغەت سۈرسە نىمە بۇلۇپتۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا ئەمەلدارلارنىڭ ئات مىنىشى خىزمەت ئېھتىياجى ئۈچۈنغۇ ؟

    نەۋرە ئىنىمنىڭ يەنە نىمىلەرنى دىگەنلىگى بارا-بارا قۇلىغىمغا كىرمىدى.  ئەندىشىلىك خىيال بۇلۇتلىرىم ھەريان چېچىلىپ، كەيپىمنى بۇزماقتا ئىدى.

    نەۋرە ئىنىم ۋەز-نەسىھەتلىرىنىڭ ئاخىرىدا مىنىڭ بەك دىققەت قىلىشىمنىڭ لازىملىغىنى ناۋادا كۈتۈلمىگەن ناچار ئاقىۋەت كىلىپ چىقسا ئۈزىنىڭمۇ چارىسىز ئىكەنلىگىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ۋەز-نەسىھەتلىرى تۈگەتتى. مەنمۇ شەكلەن بولسىمۇ تۇغقاندارچىلىق يۈزىسىدىن ماقۇللۇق بىلدۇرۇپ ئۇنى چىرايلىق ئۇزۇتۇپ قويدۇم ۋە قىرائەتخانامغا كىرىپ كەيپىم ئۇچۇپ تاماكامنى بۇلۇق چىكىپ خىيال دېڭىزىغا غەرىق بۇلۇپ كىتىپتىمەن. بىردىنلا ئالتە ياشلىق نەۋرە قىزىم تۇمارىس چىرايلىق قۇشۇمىلىرىنى تۈرگىنىچە قىرائەتخانامغا كىرىپ مىنى ئەيىپلىگىلى تۈردى:

    -دادا سىز يەنە تاماكا چىكىپسىزغۇ؟ چەكمەيمەن دىگەن ئىدىڭىزغۇ؟ كىسىلىڭىز يەنە ئېغىرلىشىپ كەتسە قانداق قىلىمىز ؟

    -ماقۇل، تاتلىق قىزىم ماقۇل، مانا چەكمەي بۇلامدۇ؟

    مەن نەۋرە قىزىمنىڭ سەمىمى تەڭقىدىدىن ھەم خىجىللىق، ھەم قايىللىق بىلەن قۇلۇمدىكى تاماكىنى دەرھاللا ئۈچۈردۇم ۋە دەرھاللا شۇنداق پىكىر خىيالىمدىن كەچتى «توغرا ! ئەدىپلەرنىڭ، زىيالىلارنىڭ رەھبەرلەرنى ئەمەلدارلارنى چىرىكلەشمەڭ پۇقرالارنى ئۇنتۇپ قالماڭ». . دىگەندەك تەنقىتلىرىمۇ خۇددى قىزىمنىڭ يۇقارقى ماڭا پايدىلىق تەنقىتىگە ئوخشاش، ئۆزلىرى ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى دۆلەت، جەمىيەت ئۈچۈن زۈرۈر بولغان قېرىنداشلارچە تەنقىت، شۇنداقلا سەمىمى مەسئۇلىيىەتچانلىق ئەمەسمۇ؟ بىراق. . . مەن يەنە ئەندىشە قىلماقتىمەن... نىمىشقىدۇ؟

    ئالاھىدە ئىزاھات:بۇ ئەسەردىكى ۋەقەلىك، شەخىس پۈتۈنلەي تۇقۇلما

    (ئاپتۇر ئاقسۇ شەھەر 5- ئوتتۇرا مەكتەپتە)

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر ئېزىز ئەيسا كۆكتۇغ