قورقۇنۇچلۇق بىنا (ۋەھىمىلىك ھېكايە) ئابۇزەر تۇرسۇن

يوللىغۇچى : spruce يوللىغان ۋاقىت : 2011-12-29 12:24:27

قورقۇنچلۇق بىنا ( ۋەھىمىلىك ھېكايە )ئابۇزەر تۇرسۇنئاپتوردىن : جىن – ئالۋاستىلار، ئەرۋاھلار تەسۋىرلەنگەن قورقۇنچلۇق، ۋەھىمىلىك ھېكايىلەر غەرب ئەدەبىياتىدا بەلگىلىك سالماقنى ئىگەللەيدۇ . ...



     

                                    قورقۇنچلۇق بىنا 

                 

    ( ۋەھىمىلىك  ھېكايە )    
    ئابۇزەر  تۇرسۇن

     

     

    ئاپتوردىن : جىن – ئالۋاستىلار، ئەرۋاھلار تەسۋىرلەنگەن قورقۇنچلۇق، ۋەھىمىلىك ھېكايىلەر غەرب ئەدەبىياتىدا بەلگىلىك سالماقنى ئىگەللەيدۇ . بۇ خىل تۈر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يوق دىيەرلىك . مەن سىناق نۇسخىسدا بۇ ھېكايەمنى يېزىپ باقتىم .

     

        ئۇلار بۇ بىنانى سېتىۋالغىنىدىن شۇنداق خوشال بولۇشتى . بىنا شەھەرنىڭ غەربىدىكى قەۋرىستانلىقنىڭ ئورنىغا  سېلىنغان ئىدى .ئاۋۋال قەۋرە ئىگىلىرىگە ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ قەۋرىستانلىقتىكى جەسەتلەر شەھەرنىڭ باشقا بىر يېرىگە كۆچۈرۈلدى . ئاندىن بۇ بىنا سېلىندى . بۇ چىرايلىق سېلىنغان بىنانى ھەممىلا كىشىنىڭ سېتىۋالغۇسى كېلىپ تۇراتتى .چۈنكى بىنانىڭ ئورنى ياخشى بولۇپ بۇ شەھەرنىڭ ئەڭ يېشىللاشقان يەرلىرى ھىساپلىناتتى ، بىنادىن ئانچە يىراق بولمىغان جايلاردا مىۋىلىك باغلار ، شىپاڭلار ، ھەر خىل سەيلىگاھلار بار ئىدى . شاۋقۇن- سۈرەنلىك شەھەر مەركىزىدىن يىراق بۇ جايغا جەمئى ئون يۈرۈش بىنا سېلىندى .نۇرغۇن كىشلەر بۇ جايدىن بىنا ئېلىشقا قىزىقىۋاتاتتى .

       ئۇلار بۇ ئون يۈرۈش بىنانىڭ ئوتتۇرىسغا جايلاشقان بىنادىن ئۆي سېتىۋالدى .ئۇلار مۇشۇ بىنا بويىچە ئەڭ ئاۋۋال ئۆيىنى بېزىگەن كىشى بولۇپ قالدى . بىر يېرىم ئايلىق بېزەش ئىشى ئاياقلاشتى .ئۇلار ئارىدىن ئۈچ ئاي ئۆتۈپ ئۆيىگە كۆچۈپ كىردى .

    ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئايالى خوشال ھالدا تۈنجى كۈنىنى تەبرىكلىدى . ئۇلار بىنا ئۆينىڭ ئىچىدە ئۇيان – بۇيان ماڭاتتى .باشقا ئىشىكلەرگە قاراپ باقتى . ئەمما تېخى ھېچكىم كۆچۈپ كەلمىگەن ئىدى . ئۈچ ئىشىكلىك 40 كىشىلىك بۇ بىنادا ئۇلاردىن باشقا ھېچكىم يوق ئىدى .

     كەچ كىردى ، گۇگۇم چۈشتى . نويابىر ئېيىدىكى قاراڭغۇلۇق جاھاننى تېزلا قاپلىدى .

    ئۇنىڭ ئايالى ئۈچ ياشلىق ئوغلىنى ئۇخلىتىپ بولۇپ ئاستاغىنە ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى ۋە :

    - مەن قورقىۋاتىمەن . بىز پۈتۈن بىنا بويىچە يالغۇزلا كۆچۈپ كىرىپتۇق ،- دىدى .

    - نىمىدىن قورقىسەن ؟ دىدى ئېرى ئۇنىڭ يەلكىسىدىن قۇچاقلاپ .

    ئون يۈرۈش بىنا ئىچىدە پەقەت بۇ بىنالا ئالاھىدىرەك سېلىنغان بولۇپ خۇددى ئىدارە ئورگانلارنىڭ ئىشخانە بىناسىدەك سىرتتىكى بىر ئىشىكتىن ھەممە قەۋەت ۋە ئۆيلەرگە چىققىلى بولاتتى .باھاسىمۇ باشقا بىنالاردىن تۆۋەنرەك ئىدى .

      كەچ سائەت ئون بىر بولدى . ئۇلار ئورۇنغا كىرىپ ياتتى . ئۇزۇن ئۆتمەي ئەر – ئايال ئىككىسى ئۇيقۇغا كەتتى .

    كېچە سائەت بىر يېرىم بولغان چاغدا ئايالى ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كەتتى .

    - تۇرۇڭ ئورنىڭىزدىن ! -دىدى ئۇ ئالاقزادىلىك بىلەن .

    - نىمە بولدى؟ - ئەر ئۇيقۇچان كۆزلىرى بىلەن ئايالغا تىكىلدى .

    - ئوغلىمىز يوق ؟

    - يوق گەپنى قىلمىغىنە ؟ ، ئايال ئەرنىڭ قولىدىن تۇتۇپ ياندىكى ئوغلىنىڭ ھوجرىسىغا كىردى . ئۇلارنىڭ ئۈچ ياشلىق ئوغلى بالىغا ئاجرىتىلغان ھوجرا ئۆيىدە تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى .

    - ماۋۇ ، ساراڭ خوتۇن ، ئادەمنى چۆچۈتۈپ ، ئەنە بالا بىر تاتلىق ئۇخلاۋېتىپتىغۇ ؟

    - خۇداغا شۈكرى دىدى ئايالى ئوڭ قولى بىلەن مەيدىسىنى  تۇتۇپ . ئۇنىڭ ھاسىرىشى تېخى پەسكويغا چۈشمىگەندەك قىلاتتى .

    - مەن بايا بىر قورقۇنچلۇق چۈش كۆردۈم .

    - قانداق چۈش ؟ سورىدى ئېرى . ئەمدى ئۇنىڭ ئۇيقۇسى تامامەن ئېچىلىپ كەتتى .

    - مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئوغلىمىز ياتقان ئۆيگە كىرسەم ئۇ يوق ئىكەن ، مەن ئوغلۇمنى ئىزلەپ ئۆينىڭ

    ھەممە بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىغا قاراپتىمەن ، ئەمما يەنىلا ئۇنى تاپالماپتىمەن . ئىشىك قىيا ئوچۇقلۇق ئىكەن .ئاخىرى زالغا چىقىپتىمەن . تۇيۇقسىزئۈستۈمىزدىكى قەۋەتتە بىر توپ ئەر – ئاياللارنىڭ قاقاھلاپ كۈلۈشۈپ يۈرگىنىنى ئاڭلاپ قاپتىمەن .مەن ئاستا پەلەمپەيدىن چىقىپ ئۇ ئۆينى تېپىپتىمەن ، قارىسام بۇ ئۆي دەل بىزنىڭ ئۆينىڭ ئۈستىدە ئىكەن ، ئىشىكى قىيا ئوچۇق ئىكەن، ئۆينىڭ مېھمانخانە ئۆيىدە چوڭ يۇمىلاق شىرە قويۇقلۇق ئىكەن .شىرەنى چۆرىدەپ بىرمۇنچە ئەر – ئاياللار ئولتۇرۇشۇپتۇ . شىرە ئۈستىدە ھەر خىل قورۇمىلار ، ئاق ۋە قىزىل ھاراقلار ، مېۋە- چىۋىلەر تىزىقلىق ئىكەن . مەن ئوغلۇمنى ئىزلەپتىمەن ۋە ئۇنىڭ ئسىمىنى توۋلاپتىمەن ، مەن ئۇشتۇمتۇت ئوغلۇمنىڭ ئاشۇلار ئارىسىدا ئىكەنلىكىنى كۆرۈپتىمەن ،ئۇ غېمىدا يوق ئويناۋاتاتتى . ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىغا تورتتىن بىر پارچە كېسىپ تەخسىسىگە سېلىپ قويغان ئىدى . ئۇ پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن ئاشۇ تورت پارچىسىنى يەۋاتقان بولۇپ ئاغزى بۇرنى تورتنىڭ قايمىقىغا بويالغان ھالەتتە ئىدى . ئۇ ماڭا لەپ قىلىپ قاراپ قويدى،يۇ ئەمما بېشىنى كۆتۈرمەي يەنە قايتىدىن ئاشۇ تورت پارچىسىنى يېيىشكە باشلىدى . مەن ئۇنىڭ قېشىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ قولىدىن تارتتىمدە يۇلۇپ ئېلىپ ماڭدىم . ئۇ مەندىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىپ شىرەنى پىقىراپ ئايلىنىشقا باشلىدى . مەن ئوغلۇمنى قوغلاۋاتىمەن ، ئەمما ئۇ تۇتۇق بەرمەيدۇ ، ئۇ بىركىشىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتىۋالدى . بۇ دەل قايسى يىلى بىز كۆرگەن قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرىغان ئادەم ئىدى .

    - ئېسىڭىزدىمۇ ؟ ئۇ ئېرىنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قارىدى .

    - قايسى ۋەقەنى دەيسەن ؟

    - قايسى بىر يىلى بىزنىڭ قىزغىن مۇھەببەتلىشىۋاتقان مەزگىلىمىزدە تاغقا چاڭغا تېيلىغىلى چىقىپ كەچ

    قالدۇق . بىز ماشىنىدا ئۇچقاندەك كېتىپ باراتتۇق . شېھىت دۆڭ دىگەن يەردىكى ئايلانمىدا ئالدىمىزدا كېتىپ بارغان ئىككى ماشىنا سوقۇلۇپ كەتتى . سىز ئارانلا تورمۇز قىلىپ ماشىنىنى چەتكە توختاتتىڭىز ، سانتانا ماركىلىق ماشىنا بىلەن قىزىل بايراق ماركىلىق ماشىنا ئۇرۇلۇپتىكەن . قىزىل بايراق ماركىلىق ماشىنىنىڭ ئالدى پۈتۈنلەي چۇۋۇلۇپ كەتكەن ئىدى .

    - ئېسىڭىزدىمۇ ؟ ئۇ يەنە ئېرىنىڭ كۆزىگە سىنچىلاپ قارىدى .

    - ھەئە ئېسىمدە ، ئېرى ئۇيقۇچان كۆزىنى ئايالىغا تىكتى .

    - ئەشۇ چاغدا  سىز ماشىنىدىن چۈشمەكچى بولغان ئىدىڭىز . مەن ئۇنىمىدىم . مېنى بىللە چۈشۈشكە

    دەۋەت قىلغانتىڭىز « مەن قاندىن قورقىمەن ، بولدى ماشىنىدىلا ئولتۇراي » دىدىم.ئەمما يەنىلا قورقۇنچۇمنى يېڭىپ سىزگە ئەگىشىپ چۈشتۈم . كۆز ئالدىمدىكى مەنزىرە ئاجايىپ دەھشەتلىك قورقۇنچلۇق ئىدى . قىزىل بايراق ماركىلىق ماشىنىدا بىرلا كىشى بولۇپ ئۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىلا جېنىدىن ئايرىلغاندەك قىلاتتى . ئەمما سانتانا ماركىلىق پىكاپتا ئۈچ كىشى بولۇپ شوپۇر ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى كىشى نەق مەيداندا ئۆلگەن، ئارقا ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان كىشى پۇتى سۇنغانلىقتىن قان ئىچىدە قىمىر قىلالماي يېتىپتىكەن . ئۇ توختىماي ئىڭرايتتى . مەن بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ چىدىيالماي ماشىنا ئىچىگە كىرىپ كەتتىم .  بىر ھازادىن كېيىن سىز ئۇ پىكاپتىن بىر سومكىنى ئالدىڭىز ، ۋە قايتىپ ماشىنىڭىزغا كىردىڭىز  ئاندىن سومكىنى ماشىنىنىڭ ئالدىدىكى ئورۇندۇقنىڭ ئاستىغا تىقىپ قويدى .

    مەن نىمە ئۇ دەپ سورىۋېدىم ، سىز مۇنداق دىدىڭىز « ئاۋۇ ماشىنىنىڭ ئارقىسىدىكى كىشى شەھەردىكى  XXئىدارىدە ئىشلەيدىكەن . بۇ سومكىدىكى  تاپشۇرۇپ بېرىدىغان مۇھىم ھۆججەت ۋە تالونلار ئىكەن ، ئۇ ئۆلىدىغاندەك قىلىدۇ ، ئۇ :« مەن ئۆلۈپ كېتىدىغان ئوخشايمەن . مۇشۇنى مەن ئىشلەۋاتقان ئىدارىگە ئاپىرىپ بېرىڭ دىدى » .

    ئەمما ماشىنىمىز قوزغىلاي دىگەندە مەن ئۇ كىشىنىڭ قانغا بويالغان چىرايىنى بىز ئولتۇرغان ماشىنىنىڭ ئەينىكىگە يېقىپ قاتتىق ئاۋازدا ۋاقىرىغانلىقىنى كۆردۈم . شۇ كېچە ناھايىتى قاتتىق شىۋىرغانلىق بوران چىقىپ ھۇشقۇيتىپ تۇراتتى. ماڭا ھېچنىمە ئاڭلانمىدى . ئۇنىڭ شۇ كېچىدىكى چىرايى تولىمۇ قورقۇنۇچلۇق ئىدى .ئۇ قانغا بويالغان قولىنى ماشىنا ئەينىكىگە سۈركەپ يىقىلىپ چۈشتى . سىز ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتىڭىز ۋە قولىڭىزنى ئۇنىڭ بۇرنىغا يېقىن ئەكەلدىڭىز،دە « ئۇنىڭ تىنىقى توختاپتۇ، ئۆلۈپ قاپتۇ» دىدىڭىز . سىز ماشىنا ئىشىكىنى ياپتىڭىزدە ، ماڭايلى دەپ ناھايىتى تېز ماشىنىنى ئوت ئالدۇرۇپ قوزغىلىپ كەتتىڭىز .

    شۇ كۈنى مەن سىزگە ئاچچىقلىدىم  ۋە «نىمىشقا ساقچىغا تېلىفون قىلىپ ئەھۋالنى مەلۈم قىلمايمىز» دەپ سورىدىم ئەمما سىز« ئۆزىمىزگە ئىش تاپمايلى بىكار ساقچىلار بىزنىمۇ ئاۋارە قىلىپ قويۇپ بەرمەيدۇ دىدىڭىز» .

    چۈشۈمدە دەل ئەشۇ ماشىنا ئەينىكىنى ئۇرۇپ ۋاقىرىغان كىشى ئالدىمدا دىۋەيلەپ تۇرىۋالدى . ئۇ ئوغلىمىزنى ئارقىسىغا ئۆتكۈزىۋېلىپ ماڭا ئاشۇ كېچىدىكىدەك قانغا بويالغان چىرايى بىلەن دەھشەتلىك كۆزلىرىنى تىكىپ قاراپ تۇردى . مەن قىمىر قىلالمىدىم . ۋاقىرىسام ئاۋازىم چىقمايدۇ . ئۇ كىشى ۋە يەنە بىر ئۇزۇن قارا چاچلىرى بار ئايال « بىز بىلەن يۈر ، سەن بىزگە ئەگەشكىن !» دەپ ئىككى قولۇمنى چىڭ تارتتى .

    مەن قورققىنىمدىن قانچە ۋاقىرىساممۇ ئاۋازىم چىقمىغۇدەك ، ۋاقىراپتىمەن ، تىپىرلاپتىمەن . ئاخىرى ئويغىنىپ كەتتىم .ئويغانسام چىلىق- چىلىق تەرلەپ كېتىپتىمەن .

    ئۇنىڭ ئېرى ئايالىنىڭ بۇ ئۇزۇن ھېكايىسىنى گەپمۇ قىلماي تىڭشىدى ۋە ئۇنىڭغا تىكىلىپ :

    - ھېكايەڭ تۈگىگەن بولسا ئۇخلايلى خوتۇن ،- دىدى .

    ئايالى ياتتى ، ئۇ چىراقنى ئۆچۈرۈشتىن بۇرۇن سائەتنىڭ نەچچە ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولۇپ قول بېغىشىدىكى سائەتكە قارىدى ، يۇ تۇيۇقسىز چىقىرىۋەتتى .

    - ۋاي ، ئانامەي ، - ئۇنىڭ ئىككى قولىنىڭ بېغىشى قىپ قىزىل بولۇپ ئۈچ بارماقنىڭ ئىزى چىقىپ قالغان ئىدى .

    مانا ئەمدى ئەرنىڭ قورقۇنچتىن تېنى شۈركىنىپ كەتتى .

    • نىمە ئىش بۇ خوتۇن ، سەن چۈشۈڭدە ئىككى كىشى قولۇمدىن تارتتى دەۋاتاتتىڭ ...

    ئايال قورققىنىدىن يىغلاشقا باشلىدى . ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئاشخانا ئۆيگە كىرىدى ۋە قايناقسۇنى ئىستاكانغا قۇيۇپ كارۋىتى بېشىغا كەلدى . ئۇ ئىختىيارسىز يەنە ئورنىدىن قوپۇپ ئوغلى ياتقان ئۆيگە قارىدى .

    ئوغلى ئورنىدا يوق ئىدى .

    ئايالى چىررىدە چىقىرىۋەتتى ۋە ئېرىنىڭ قولىدىن تارتىپ ئوغلىنىڭ ھوجرىسىغا كىردى .

    ئۇلار شۇ چاغدىلا بايا خوتۇنى ھېكايىسىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقاندا ئۆينىڭ ئىشىكىنىڭ قىيا ئېچىلىپ قالغانلىقىنى پەرەز قىلدى . سوغۇق  شامال ئۆي ئىچىنى ئاللىقاچان مۇزلىتىۋەتكەن ئىدى .

    ئۇلار ھەر ئىككىلىسى كىيىملىرىنى ئالدىراش ئىچىدە كىيدى ۋە زالغا چىقتى . ئۇلارنىڭ ئۆيى ئۈچىنچى قەۋەتتە پۈتۈن بىنانىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى . ئۇلار ئوتتۇرىدىكى ئىشىكتىن كىرىپ ئوڭ تەرەپتىكى پەلەمپەيدىن ئۆيىگە چىقاتتى . ئايال شۇ تاپتا بايىقى چۈشىگە تېخىمۇ ئىشىنىشكە باشلىدى .

    - بىز بايا مېنىڭ چۈشۈمگە كىرگەن ئۈستۈمىزدىكى ئۆيگە كىرىپ باقايلى .

    – نىمىشقا ، سەن چۈشۈڭگە ئىشىنىۋاتامسەن ؟

    - ھەئە ، كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرىدۇ ئاشۇ ئۆيدە ئادەملەر ئولتۇرغاندەك ، بىر ئولتۇرۇش بولغاندەك تۇيۇلىۋاتىدۇ .

    ئۇلار بىنانىڭ ئوڭ بۈرجىكىدىكى پەلەمپەيدىن ئاستا تۆتىنچى قەۋەتكە چىقتى . ئۇلار شىپىلداپ مېڭىپ دەل ئۆزلىرىنىڭ ئۆيىنىڭ ئۈستىدىكى ئۆيگە كەلدى . ئۇ ئۆينىڭ ئىشىكى قىيا ئوچۇق ئىدى .

    « بۇ ئۆينىڭ ئىشىكى قانداق ئېچىلىپ قالدى ؟ » ئەجابا ، مەسئۇل خادىملار بۇ ئۆينى تاقاشنى ئۇنتۇپ قالدىمۇ ؟

    ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى قورقۇنچتىن قاتتىق دۈپۈلدەۋاتاتتى . ئۇلار بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئاستا ئىلگىرىلەپ ئۇ ئۆينىڭ  مېھمانخانىسىغا كىردى .

    «ئاھ ، خۇدا ، مېنىڭ چۈشۈم ! » ئايال شۇ زامات ھوشىدىن كەتتى .ئۇ دەرھال ئايالىنى يۆلىۋالدى  .مېھمانخانە ئۆيدە ساغۇچ يېنىپ تۇرغان چىراق بۇ ئۆيگە گۇڭگا تۈس كىرگۈزگەن ئىدى . ئوتتۇرىدا چوڭ يۇمىلاق شىرە تۇراتتى.شىرە ئۈستىدە ھەر خىل بوتۇلكىلار بولۇپ بەزى بوتۇلكىلاردا يېرىمى ئېشىپ قالغان ھاراقلار تۇراتتى . ھەر خىل قورۇمىلار ، يوغان تورتنىڭ ئاستىدىكى قەغەز تەخسىسى ، ئاشقان تورت پارچىلىرى كىچىك – كىچىك قەغەز تەخسىلەردە، تورت بىلەن قوشۇپ بېرىلگەن سولياۋ ۋېلكا – پىچاقلار بىلەن بىللە تۇراتتى . ئەر ئادەتتە شۇنچە يۈرەكلىك بولسىمۇ قورقۇنچتىن پۇتلىرى دىر – دىر تىترەپ كەتتى .

     ئۇ ئايالىنى يۆلەپ دەرھال ئارقىغا ياندى ، يۇ يەنە كەينىگە بۇرۇلۇپ قاراپ قويدى . ئەمدى بۇ ئۆيدە ھېچنىمە كۆرۈنمەيتتى . ئۆي ئىچىدىن ناھايىتى سوغۇق ھاۋا ئۇرۇلۇپ تۇراتتى .ئۇ قاتتىق ئەجەپلەندى .

     ئۇ ئاستا ئايالىنى يۆلەپ ئۆيىگە چۈشمەكچى بولۇپ بىرىنچى پەلەمپەيدىن ئەمدىلا چۈشىۋېدى . ناھايىتى جاراڭلىق كۈلكە ئاۋازى ئاڭلاندى . ئۇ ئاۋاز ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا ئاڭلانغاندەك قىلدى . ئۇ ئىتتىك بۇرۇلدى ئەمما يەنىلا تىمتاس زال كۆزگە تاشلىناتتى .

    ئۇنىڭ ئايالى چۆچۈپ ھوشىغا كەلدى .

    • بالام ، بالام قېنى دادىسى ؟ تاپتىڭىزمۇ ؟ مەن نىمە بولدۇم ؟ ئۇ ئەسەبىيلەشكەندەك توختىماي سوئال سورايتتى .

    ئۇنىڭ ئېرى ئۇنچىقمىدى . بايىقى جاراڭلىق كۈلكە ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى . بۇ قېتىم تېخىمۇ ئوچۇق ئاڭلاندى .

    ئايال قورقۇنچتىن تىترەپ تۇراتتى ئۇنىڭ ئاغزى گەپكە كەلمەي :

    • يۈ... رۈ....ڭە ، بى... بىز ئۈ..ستۈنكى قە...قە ۋەتكە چىقايلى ،- دىدى .
    • ماقۇل .

    ئۇلار ئاستا پەلەمپەيدىن ياماشتى . ھەر ئىككىسنىڭ قەدەملىرى شۇنچىلىك جانسىز ئىدى .ئۇلار ئاستا – ئاستا پەلەمپەيدىن يامىشىپ بەشىنچى قەۋەتكە چىقتى . بەشىنچى قەۋەتتىكى ئۆيلەرنىڭ ئىشكلىرىمۇ شۇنداق يېڭى بولۇپ ھەممىسىلا ئېتىكلىك ئىدى . باشقا قەۋەتلەرگە ئوخشاش تېخى ھېچكىم ئولتۇراقلاشمىغان ئىدى .

    بايىقى جاراڭلىق كۈلكە ئاۋازى يەنە ئاڭلاندى . بۇ قېتىم ئاۋالقى ئىككى قېتىملىقىدىنمۇ كۈچلۈك ۋە جاراڭلىق ئاڭلاندى .

    بىنانىڭ بەشىنچى قەۋىتىنىڭ ئىككى بۇلۇڭىدا ئۆگزىگە چىقىدىغان تامغا قېقىلغان پولات چىۋىقتىن ياسالغان شۇتا بار ئىدى .

    ئەر ئۆگزىگە چىقىپ بېقىش خىيالىغا كەلدى .

    - يۈرە بىز ئۆگزىگە چىقىپ باقايلى .ئۇلار تامغا ئورنىتىلغان پولات چىۋىقلارنى بىر – بىرلەپ دەسسەپ ئاخىرى ئۆگزىگە چىقتى . نويابىرنىڭ ئاچچىق سوغۇق شامىلى يۈزلەرگە تىكەن سانچىلغاندەك ئۇرۇلاتتى .ئەر ئايالىنىڭ قولىنى تارتىپ چىقارغاندىن كېيىن ئىككىسى تەڭلا بىنانىڭ شىمالى بۈرجىكىگە قارىدى . ئۇ بۈرجەك يوپ – يورۇق بولۇپ كەتكەن بولۇپ چوڭ سايىۋەن تارتىلغان ، ئۇششاق رەڭدار چىراقلار لاپىلداپ يېنىپ تۇراتتى . ئۇ يەردە زىياپەت بولىۋاتقاندەك قىلاتتى ، تۆت – بەش جوزا كىشى يەپ ئىچىشىۋاتاتتى .

    ئۇ ئىككىسى ئۆز كۆزلىرىگە ئىشەنمەي ئوڭى ياكى چۈشى ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي بىر- بىرسىنىڭ مەڭىزلىرىنى چىمدىشىپ باقتى . ئۇلارنىڭ مەڭىزلىرى خېلى ئاغرىدى . توغرا بۇ رىئاللىق ،ھەرگىزمۇ چۈش ئەمەس ! ئۇلار بىر بېسىپ ئىككى بېسىپ ئاشۇ زىياپەت ئۆتكۈزىۋاتقان كىشىلەر توپىغا كەلدى .

    - ئوغلۇم ، مېنىڭ ئوغلۇم ! - ئايال ئوغلىنى كۆرۈپ ئۆزىنى كىشىلەر توپىغا ئاتتى . ئورۇق ، ئەمما ئېگىز كەلگەن بىرى بالىنى ئېگىز كۆتىرىۋالدى . ئۇ بالىنى ئىككى قولىدا كۆتىرىپ بېشىدىن ئېگىز قىلىۋالدى . ئايال ئۇ كىشىگە ئېسىلماقچى بولدى . ئەمما ئۇنىڭ ئالدىنى بىر نەچچە كىشىلەر توسىۋالدى ۋە ئۇنىڭ قوللىرىدىن چىڭ تۇتىۋالدى . ئايال يۇلقۇناتتى ، ئۆزىنى تاشلايتتى . ئەمما ئۇلار ئۇنى قويىۋېتىدىغاندەك قىلمايتتى .

    ئەر ئالدىغا بىر قەدەم تاشلىۋىدى ، بايىقى كىشى ئەرنىڭ مەيدىسىدىن ئىتتىرىپ توختىتىپ قويدى .

    - ھەي ، رەھىمسىز خۇمپەر  ، مېنى تونۇدىڭمۇ ؟

    - ئاشۇ كىشى دەل ئۆزى شۇ ، مېنىڭ چۈشۈمگە كىرگەن كىشى شۇ ؟ ئايال ئېرىگە قاراپ ۋاقىرايتتى .  

    ئەرنىڭ پۇت – قوللىرى تىترەپ ، چۈشىنىكسىز بىر گەپلەرنى دەپ دۇدۇقلايتتى . ئۇ بۇ كىشىنى ئەمدى رەسمى تونۇغان ئىدى . ئەنە ئەشۇ كېچىدىكى قانغا بويالغان يۈزى ، سۇنغان پۇتى شۇ پېتى ، ئەمما راۋرۇس مېڭىۋاتىدۇ ، كۆزلىرى ئورنىدا ئىككى قاپقاراڭغۇ ئورەك . پۈتۈن چىرايى مورىدىن تولغىنىپ چىققان ئىستەك كۆپكۈك قورقۇنچلۇق .

    • مە...مەن سى...سىز ...نى تو..تو نۇدۇم ، - ئەر تىترەپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردى .
    • ئېسىڭگە كەلگەن بولسام ياخشى . ئاشۇ كېچە مەن ماشىنا ۋەقەسىدە ئېغىر يارىلانغان ئىدىم .

     يۈز مىڭ يۈەن پۇل بار سومكامنى سەن ماشىنا ئىچىدىن ئېلىۋالدىڭ . ئاۋال ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتىڭ مېنىڭ يانلىرىمنى سىلاشتۇرۇپ قول تېلىفونىمنى ئېلىۋالدىڭ .  سەن مېنى ئۆلدى دەپ ئويلاپ قالغان ئىدىڭ . ئەمما مەن سېنىڭ قولۇڭنى تۇتىۋالدىم ۋە ساڭا ئۆتۈنۈش ئىچىدە يېلىندىم.مېنىڭ سىڭلىم دوختۇرخانىدا جىددى ئوپىراتسىيە قىلىنماقچى ، بىز نەق پۇل تاپشۇرمىساق ئۇنىڭ ئوپىراتسىيەسىنى ئىشلىمەيدىكەن .ئۇنىڭ داۋالىنىشىغا يۈز مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل كېتىدىكەن . مەن شەھەرگە 200 كېلومېتىر كېلىدىغان ناھىيەدىكى تاغامدىن پۇل قەرز ئېلىپ كېتىپ بارىمەن . مۇشۇ پۇلنى خاپا بولماي « تەرەققىيات » دوختۇرخانىسدىكى ئۈچىنچى قەۋەتتىكى 15 – نومۇرلۇق ئۆيدىكى 3- كارۋاتتىكى Xئايالنى ئىزدەڭ . بۇ پۇلنى ئېلىپ شۇ يەرگە بارسىڭىز بىزنىڭ ئۇرۇق – تۇققانلىرىمىز بار ، ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بېرىڭ دىدىم . ئەمما سەن قولۇمدىن سومكىنى يۇلۇپ ئېلىپ « ماقۇل خاتىرجەم بولۇڭ ! » دىدىڭ . مەن سېنىڭ ھېيلىگەرلىككە تولغان ، ئويناپ تۇرغان  كۆزلىرىڭدىن گۇمانلىنىپ ،ماشىناڭنى قوزغىتاي دىگەندە ماشىنىدىن مىڭ بىر تەستە چىقىپ ئۆمىلەپ ، قانغا بويالغان پۇتۇمنى سۆرەپ سېنىڭ ماشىناڭ قېشىغا باردىم ۋە ماشىناڭنىڭ ئەينىكىگە قولۇم بىلەن ئۇردۇم . ئەمما سەن تەستە ئاچتىڭ ، ئۇڭغىچە مەن ھالىمدىن كەتتىم .سىلەر ئەر – ئايال ئىككىڭلار دۇنيادىكى ئەڭ باغرى تاش ، رەھىمسىز مەخلۇقلار ئىكەنسىلەر ،سىلەر شۇنچە زور ۋەقەگە شاھىد بولۇپ تۇرۇپ ساقچى ياكى قۇتقۇزۇش ماشىنىسى چاقىرمىدىڭلار . مەن شۇ يەردە قان كۆپ چىقىپ كەتكەچكە ھوشۇمدىن كېتىپ يىقىلىپتىمەن .كېيىن ساقچىلار كەپتۇ ، قۇتقۇزۇش ماشىنسىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىلىپ ئەتىسى سەھەردە ئۆلۈپ كەتتىم . شۇ كېچە  مەن دوختۇرخانا كارۋىتىدا ياتتىم ، ئەتراپىمدا  ئۇرۇق – تۇققانلىرىم پايپېتەك بولۇپ يۈرۈپتۇ . سېنى سۈرۈشتۈردۈم . ھېچكىم پۇلنى سىڭلىم ياتقان دوختۇرخانىغا ئېلىپ كەلمەپتۇ . مەن ئىنسان چىدىغۇسىز ئاغرىق ئازابى ئىچىدە سىڭلىمنىلا ئويلىدىم . بەخىتسىز سىڭلىم ماڭا ياخشى قارىغان ، مېنىڭ ئاش – تامىقىمنى ئەتكەن ئىدى . ئانام بالدۇر تۈگەپ كەتكەچكە ئۇ دادام ئىككىمىزگە ئانامنىڭ ئورنىدا قارىغان ئىدى .ئۇ دادامنىڭ ئاخىرقى ئۆمرىگىچە شۇنداق ياخشى قارىغان ئىدى . مەن ئۆزۈمنىڭ بالدۇر بۇ ئالەم بىلەن خوشلىشىدىغانلىقىمغا ئىشىنەتتىم . ئەمما دۇنيادىكى بىردىنبىر بىر قورساق قېرىندىشىم ، ئاشۇ ئاجىزەنىڭ ساقىيىپ كېتىشىنى خۇدادىن شۇنداق تىلەيتتىم. ساڭا ئىنساپ تىلەيتتىم . پۇلنى چاققانراق ئېلىپ كېلىپ بېرىشىڭنى تىلەيتتىم . ئەپسۇس ...سەن مەلئۇن ئۇ پۇلنى يۈتۈپ كەتتىڭ ...

    • ئىپلاس ، مەلئۇن ،- ئۇنىڭ ئايالى بايىقى كىشىلەر توپىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىپ ئېرىنىڭ يۈزىگە بىرنى

    تۈكۈردى .- سەن ئىپلاس ماڭا شۇ كۈنى كېچىسى ئۇ سومكىدىكى مۇھىم ھۆججەت تالونلار ئىكەن دىدىڭ ۋە مېنى ئۆز  ئۆيۈمگە ئاپىرىپ قويۇپ كەتتىڭ . ئەتىسى بىز كۆرۈشكەندە سورىسام « ئۇنىڭ بىر خىزمەتدىشىگە تاپشۇرۇپ بەردىم » دىدىڭ . ئەسلى ئەھۋال مۇنداقكەندە ،  دىگىنە ئۇ پۇلنى نىمىگە ئىشلەتتىڭ ؟

    • بۇ توي قىلىشقا ئاز قالغان مەزگىللىرىمىز ، مەن قىمار ئويناپ قەرز بولۇپ قالغان خوتۇن ، ئەينى چاغدا

    بۇنى ساڭا ئېيتالمىغان . چۈنكى سەن قىمارۋازلارغا شۇنچىلىك ئۆچ ئىدىڭ . مېنىڭ سەن بىلەن توي قىلىشىمغا ئاتا – ئاناڭ قەتئى قارشى ئىدى . شۇڭا بۇ ئەيىۋىمنى سەندىن ئىزچىل يوشۇرۇپ كەلگەن . ئاشۇ پۇل بىلەن قەرزلىرىمنى پاكىز تۆلىۋەتتىم ،- ئۇ ئايالىغا ئەيمىنىپراق قاراپ قويدى .

    ئۇنىڭ ئايالى مانا ئەمدىلا ئىنتايىن سۆيىدىغان ئېرىنىڭ قىمار ئوينايدىغان ئادىتى بارلىقىنى بىلدى . ئۇلار توي قىلىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئېرى قىمار ئوينايتتى . تويدىن كېيىنمۇ ئوينىدى ئەمما ئۇ ئايالىغا سەزدۈرمىگەن ئىدى .

    بايىقى كىشى گەپ – سۆز قىلماي بالىنى ئېگىز كۆتىرىپ بىنانىڭ ئۆگزىسىنىڭ چېتىگە ماڭدى . ئايالنى كىشىلەر تېخىمۇ چىڭ تۇتىۋالغان ئىدى .

    - خۇدا ، ھەققى ئۆتۈنۈپ قالاي ، ئوغلۇمدا گۇناھ يوق ئۇنى قويىۋېتىڭلار ، - چىقىراپ نالە قىلاتتى ئايالى يۇلقۇنۇپ تۇرۇپ .

    - ئوغلۇمنى نەگە ئېلىپ بارىسەن ؟ قويىۋەت ئۇنى ،- ئەرنىڭ ئاۋازى نالە قىلغاندەك ئېچىنىشلىق چىقىپ كەتتى .

    - جانغا جان، قانغا قان دىگەن گەپ بار ،- دىدى بايىقى ئورۇق كىشىنىڭ يېنىدىكى قارا چاچلىق ئايال  ،- سېنىڭ كاساپىتىڭدىن مەن پۇل يوق داۋالىنالمىدىم ، ئەتىسى مەنمۇ ئاكامنىڭ كەينىدىنلا بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشتىم .

    ئايال سۆزىنى تۈگەتمەيلا بالىنى  بايىقى ئەرنىڭ قولىدىن يۇلۇپ ئېلىپ بىنانىڭ ئۆگزىسىدىن تۆۋەنگە ساڭگىلىتىپ تۇردى  . بالا قورقىنىدىن يىغلاۋاتاتتى ئەر بالىنىڭ ئارقىسىدىن ئوقتەك ئېتىلىپ باردى ، ئايال بالىدىن قولىنى ئاجرىتىشى بىلەن ئۇ بالىنى تۇتىۋالماقچى بولدى ، ئۇنىڭ قولى بالىنىڭ پۇتىغا ئۇرۇلغاندەك بولدى ، ئۇ ئوغلىنىڭ پۇتىدىن تۇتىۋالدىم دەپ ئويلىغان ئىدى ، ئەمما ئۆزىنى كونتىرول قىلالماي ئۇمۇ بالىنىڭ ئارقسىدىنلا تۆۋەنگە چۈشۈپ كەتتى .

    ئۇنىڭ ئايالى ئەسەبىيلەرچە يىغلايتتى ، چېچىنى يۇلاتتى ، يۈزىنى مورلايتتى .ئەتراپىدا بايىقى ئىككىسىنىڭ تۇققانلىرى قاقاھلاپ كۈلۈشەتتى .قارا چاچلىق ئايالنىڭ جاراڭلىق كۈلكە ئاۋازى جىمجىت كېچە ئاسىمىنىنى يىرتىپ يىراق يىراقلارغا تارىلاتتى .

    ئايال بۇ دەھشەتتىن ئېسىدىن كېتىپ يىقىلدى .

    تاڭ ئاتتى . سۇبھى بۇ بىنا ئۆگزىسىنى يورۇتتى .

      ئەتىسى سائەت سەككىزدە ساقچى ماشىنىسى ئاشۇ بىنانىڭ شىمالى تېمىدا توختىدى . بىر نەچچە ساقچى بور بىلەن ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا دائىرە قىلىپ سىزىپ قويدى .

    يەردە كېلىشكەن بىر ئەر قان ئىچىدە ياتاتتى . ئۇنىڭ ئەتراپىدا خېلى كەڭ دائىرىدە قان يېيىلىپ ئېقىپ ئۇيۇپ قالغان ئىدى . قانۇن دوختۇرى بۇ ئەرنىڭ ئىچى باغرىنىڭ يېرىلىپ كەتكەنلىكىنى بايقىدى . ئەتراپقا كىشىلەر ئولىشىپ كەتكەن ئىدى . ساقچىلار بۇ ئەرنىڭ سالاھىيىتىنى تېزلا ئېنىقلىدى ۋە ئۇنى ئۆزىنى ئۆگزىدىن تاشلىۋالغان بولۇشى مۆمكىن دەپ پەرەز قىلدى .

    ساقچىلار ئۆگزىگە چىقتى . ئۆگزىدە بىر ئايال ناخشا ئېيتىپ دەلدەڭشىپ مېڭىپ  يۈرەتتى .ئۇنىڭ چاچلىرى چۇۋۇلۇپ،كۆينەكلىرى يىرتىلغان، يۈزلىرى مورلانغان بولۇپ ئۇنىڭ بارماقلىرىنىڭ ئۇچىدا قانلار قېتىپ ئۇيۇپ قالغان ئىدى ، شۇ تاپتىكى تۇرقى ئالۋاستىدەكلا ئىدى. ئۇ ساقچىلارنى كۆرۈپ ھېجايغىنىچە ئۇلارنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە « ئوغلۇم ، مانا مېنىڭ ئوغلۇم ، قاراڭلار ئۇنىڭ ئوماقلىقىغا  » دەپ ساقچىلارغا قولىدا كۆتىرىۋالغان موم قەغەزنى كۆرسەتتى .ئۇ بىنا ئۆگزىسىدە تاشلىنىپ قالغان موم قەغەزلەرنى ئوراپ قۇچاقلاپ كۆتىرىۋالغان ئىدى ، ئۇ قولىدىكى موم قەغەزنى بالام دەپ ئويلاپ قالدىمۇ قانداق ئۇنى ئاۋايلاپ كۆتىرەتتى . خۇددى بوۋاق بالىنى ئېمىتكەندەك بىر ئىشلارنى قىلاتتى .

    ئايال ساراڭ بولۇپ قالغان ئىدى .

    ئىككى ساقچى بۇ ئايالنىڭ قولتۇقىدىن يۆلىدى .ئايال بىردەم كۈلەتتى ، بىردەم يىغلايتتى . ئۇ بىردەم بېگىز بارمىقىنى لېۋىگە ئەكىلىپ « ئۈش ، بالام ئويغىنىپ كەتمىسۇن » دەيتتى.

    ساقچىلار ئايالنىڭ چاپانلىرىنى كىيگۈزۈپ ئۆگزىدىن بىنا ئىچىگە چۈشتى . ئايالنى ئۆيىگە ئېلىپ كىردى .

    ساقچىلار ئۆينى تەكشۈرۈپ ، ھەممە نەرسىنىڭ جاي – جايىدا ئىكەنلىكىنى ، ئۇلارنىڭ ئوغلىنىڭ ئۆز ھوجرىسىدا تاتلىق ئۇخلاۋاتقانلىقىنى بايقىدى . بالا ئۆز جايىدا شۇنداق تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى . ئۇ خۇددى چۈشىدە تاتلىق يىمەكلىك يىگەندەك تۇرۇپ – تۇرۇپ تامشىپ قوياتتى .

      بۇ ۋەقە شەھەر ئىچىدە تاراپ كىشىلەرنىڭ ھەر خىل گۇمانى پەرەزلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . بەزىلەر ئۇ ئايال ئېرىنى بىنادىن ئىتتىرىۋەتكەن دىيىشەتتى ، يەنە بەزىلەر بۇلار نىمە ئۈچۈن كېچىدە بۇ بىنا ئۆگزىسىگە چىققاندۇ ؟ دەپ ئويلىشاتتى . ئىشقىلىپ بۇ ۋەقە توغرىلىق خىلمۇ- خىل گەپ – سۆزلەر تارقىلىپ يۈردى . ئەمما ھېچكىم ھەقىقى ئەھۋالنى بىلمەيتتى .

        كېيىنچە ئۇ بىنادىكى ئۆيلەرنى ھېچكىم سېتىۋالمىدى .قالغان بىنالاردىن ئۆي سېتىۋالغان بەزى خۇراپىيراق كىشىلەر ئۆيلەرنى قايتۇرۇپ باشقا جايدىن ئۆي ئېلىشقا تۇتۇش قىلدى. كىشىلەر بۇ بىنا ئەسلى قەۋرىستانلىق ئورنىغا سېلىنغانلىقتىن،مۇشۇنداق ۋەقە چىققان . چوقۇم ئەرۋاھلار بۇلارنى جىم ياتقۇزمىغان دەپ پاراڭ قىلىشاتتى .شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ بۇ بىنالارغا بولغان قىزىقىشى ئاستا - ئاستا يوقالدى .

     

     

                             غۇلجىدا يېزىلدى .                     2008.10.8

     

             (تارىم ژورنىلى 2010 – يىلى 5- سانىدا ئېلان قىلىنغان )

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.