ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ( ئېتوت سىنارىيىسى)

يوللىغۇچى : تۈمەن يوللىغان ۋاقىت : 2007-04-05 18:37:00

ئىتوت:‏ ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ ئاپتورى: قاھار نىياز قاتناشقۇچىلار: ساۋۇتجان، ھوشۇرخان، بازار باشقۇرۇش كادىرى، ناتۇنۇش مېھمان ۋاقتى: كەچقۇرۇن.‏ ‏ سەھنىدە ساۋۇتجاننىڭ ئۆيى، ھوشۇرخان ساجى يې...

    ئىتوت:‏ ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ
    ئاپتورى: قاھار نىياز

    قاتناشقۇچىلار: ساۋۇتجان، ھوشۇرخان، بازار باشقۇرۇش كادىرى، ناتۇنۇش مېھمان
    ۋاقتى: كەچقۇرۇن.‏ ‏
      سەھنىدە ساۋۇتجاننىڭ ئۆيى، ھوشۇرخان ساجى يېنىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ، مانتىغا قىيما ‏قىلىۋاتقاندا، ئېرى ساۋۇتجان سومكا كۆتۈرگىنىچە كىرىپ كېلىدۇ. ئۇ مۇتەئەسسىپ، پىخسىق بىر ‏ئادەم. ھوشۇرخان ئېرىنى كۆرۈپ سەل- پەل ئورنىدىن تۇرىدۇ.‏
        ھوشۇرخان: كەللىما؟ ساۋۇتجان: (جاۋاپ بەرمەي) كۈپ- كۈندۈزدە چىراقنى يېقىپ قويۇپسەنغۇ؟‏ توك پۇلىنى قېينى ئاپام مەن تۆلەپ بېرەي دېگەنمىتىيا؟ ھوشۇرخان: سىرتتا ھاۋا بەك تۇتۇلۇپ كېتىپتۇ، ئۆيگە يورۇق چۈشمەي ئىچىم بەك سىقىلىپ كەتى، ‏شۇڭا....‏ ساۋۇتجان: ئەمدى مەن سېنىڭ ئىچىڭ سىقىلىپ كەتكەنگىمۇ پۇل تۆلەيمەنمۇ؟ بۇ گەپچە سەن ئەتە قوپۇپ سىرتتا شامال چىقىپتىكەن، شۇڭا قورسىقىم ئاغرىۋاتىدۇ، دېسەڭ بولامدۇ؟ ‏قانداق قاملاشمىغان گەپ بۇ؟ ھوشۇرخان: خاپا بولمىسىلا دادىسى، مەن ئۆچۈرۋېتەي.‏ ئۇ قوپۇپ چىراقنى ئۆچۈرۋېتىدۇ.‏
        ساۋۇتجان: قانداق بىر كالۋا ئىجاد قىپتىكىن مۇشۇ توك چىراق دىگەن نەرسىنى. كىچىك ۋاقتىمىزدا ‏كونا پاختىدىن پىلىك ئىشىپ، كىرسىنگە چىلاپ قويساق بىر ئوبدان يورۇيىتتى. بەش موچەنلىك ‏كىرسىن بىر ئاي يېتەتتى. مانا ئەمدى ماۋۇ دەنشى، بىڭشاڭ دىگەن نېمىلىنىڭ ھەممىسى پۇل دەپلا ‏ئاغزىنى ئېچىپ تۇرغان، ھەر ئايدا توك پۇلىغا 20-30 كوي تۆلەيدىغان گەپ. ھە، راست، كۆينەك ‏دەپ غەلۋە قىلىۋاتاتتىڭ، ساڭا كۆينەكلىك ئېلىپ كەلدىم.‏
         ھوشۇرخان: (خۇشال بولۇپ) ۋاي راستما؟ قېنى ئالسىلا كۆرۈپ باقاي!‏ ساۋۇتجان سومكىسىنى ئېچىپ، ئىچىدىن ئۇزۇن بىر قىزىل لوزۇنكىنى چىقىرىدۇ. ھوشۇرخان لوزۇنكىنى ‏ئېلىپ ئاچىدۇ. لوزۇنكىغا "ۋەكىللەرنى قىزغىن قارشى ئالىمىز" دېگەن خەت يېزىلغان، ھوشۇرخان ‏بۇنى كۆرۈپ لاسسىدە سولىشىدۇ، ۋە لوزۇنكىنى ساجىغا قويۇپ قويىدۇ. ‏
         ھوشۇرخان: كۆينەكلىك ئېلىپ بەرسىلە دېسەم مۇشۇنى ئەكەللىما؟ بۇ بىر لوزۇنكىكەنغۇ؟ ساۋۇتجان: ھېي، بۇنىڭدا ئىچ كۆينەكلىك تىكىپ كىيسەڭ تازا ئوبدان بولىدۇ. باياتىن دۇكاننى تاقاپ ‏ماڭاي دەپ تۇرسام ياندىكى ئىدارىنىڭ دەرۋازىۋىنى بۇنى يىغىشتۇرىۋېتىپتىكەن، نېمە قىلىسىز ‏دېسەم، تاشلىۋېتىمەن دەيدۇ. قارىسام بىر ئوبدان رەخكەن. ماڭا بېرىڭلا دەپلا ئېپ كەلدىم.‏
        ھوشۇرخان: (دومسىيىپ) بۇنىڭ ئۈستىدە خەت تۇرسا قانداق كۆينەك تىكىپ كىيگىلى بولىدۇ؟ بازاردىن ‏چىرايلىقراق رەخت ئەكىلىپ بېرەمىكىن دېسەم...‏        ساۋۇتجان: ئىچ كۆينەك دىگەننى ئىچىگە كىيىدىغان تۇرساڭ، خەت بارمۇ يوقمۇ كىم كۆرىدۇ؟ بىر ‏ئوبدان ئەكىلىپ بەرسەم كۈرۈك توخۇدەك كوت- كوت- كوت كوتۇلدايدا ماۋۇ خوتۇن، ھە راست، ھەر ‏ئېھتىمالغا قارشى كۆينەك تىككۈزگەندە ماۋۇ "قارشى ئالىمىز" دىگەن خەت ئالدىڭغا يا كەينىڭگە ‏ئۇدۇل بولۇپ قالمىسۇن جۇمۇ، يان تەرىپىڭگە توغرىلاپ تىككۈز. خەق خاتا چۈشۈنۈپ قالمىسۇن ‏يەنە.‏ ‏  ھوشۇرخان خاپا ھالدا رەختنى يىغىشتۇرىدۇ.‏
        ساۋۇتجان: ھە نەق گەپكە كېلەيلى، قانداق مانتا ئېتىۋاتىسەن؟ ھوشۇرخان: قانداق مانتا بولاتتى، يەيدىغان مانتا.‏ ساۋۇتجان: ماۋۇ يوغانباش خوتۇننى، پېتىر مانتىمۇ، بولدۇرغان مانتىمۇ دەپ سوراۋاتىمەن؟‏
         ھوشۇرخان: سىلى مېنى قاچان پېتىر مانتا ئەت دەپ باققان؟ بولدۇرغان مانتا.‏ ساۋۇتجان: ھە بوپتۇ، پېتىر مانتىغا گۆش جىق كېتىدۇ، گۆشنى جىق يىسەڭ تېخىمۇ سەمىرىپ كېتىسەن، ‏ھېي، ماۋۇ يەرگە بىر مۇنچە بەسەينىڭ قۇلاقلىرىنى تاشلىۋېتىپسەنغۇ؟ ئېڭىشىپ،تېرىپ ئالىدۇ.‏
         ھوشۇرخان: سېسسىپ كەتكەنلىرىنى تاشلىۋەتتىم شۇ.‏ ساۋۇتجان ؛ مانا ماۋۇنىڭ يىگۈدەك يەرلىرى باركەنغۇ؟ ماڭە قايچىنى ئەچىق.‏ ھوشۇرخان: نېمە قىلىلا؟ ساۋۇتجان: نېمە قىلاتتىم، سېسىغىنىنى كېسىۋېتىمەن.‏ ھوشۇرخان قايچا ئېلىپ چىقىدۇ. ھوشۇر بەسەينىڭ سېسىق يەرلىرىنى كېسىشكە باشلايدۇ.‏
        ساۋۇتجان: مانا قارا، مانداق يەرلىرىنى كېسىۋەتسەك قالغىنىنى يىگىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ؟ مۇشۇ ‏قۇلاقلىرىدىن كەم دىگەندە ئىككى مانتا چىقىدۇ، خېمىرىڭنى ئەچىقە كۆرۈپ باقاي.‏ خوتۇن داسنى كۆتۈرۈپ چىقىدۇ، ئەر خېمىرنى مالتىلايدۇ.‏
        ساۋۇتجان: خېمىرىڭ قىيماڭدىن سەل جىقكەن، مۇشۇ پېتى مانتا تۈگسەڭ ئىككى مومىلىق خېمىر ‏ئېشىپ قالغۇدەك، بەسەيدىن يەنە بىر قۇلاق توغرا، كەممۇ ئەمەس ئارتۇقمۇ ئەمەس دەل 21 تال ‏مانتا چىقسۇن. بەشنى سەن يەيسەن، سەككىزنى مەن. ئون ئۈچ بولدىما؟ يەتتىنى مېھمان يەيدۇ، ‏يىگىرمە. بىرىسى زاپاس قالىدۇ. تەساددىپىي مېھمان تويماي قالسا جالاپ بېرىمىز.‏
         ھوشۇرخان: مېھمان يەيدۇ؟ ئۆيگە مېھمان كېلەمدا؟ ساۋۇتجان: ھەئە.‏ ھوشۇرخان: ۋۇي، بۈگۈن كۈن نەدىن چىقتى؟ سىلى ئەزەلدىن بۇ ئۆيگە مېھمان چقىرمايىتتىلىغۇ؟
        ساۋۇتجان: مېھماننى كۈتەلىسەڭ چاقىرمامدۇ؟ سەن مېھمان كۈتۈشنى بىلمەيسەن، شۇڭا چاقىرمايمەن.‏
        ھوشۇرخان: تولا تۆھمەت قىلمىسىلا ئادەمگە. قۇشناچىمىزنىڭ ئېشىنى ئوخشاتقان موللامنىڭ ئوت- ‏يېشى دەپتىكەن، ماڭا پۇلنى جىق- جىق بەرسىلىۋاغۇ، قانداق مېھمانلىرى بولسا گۈلدەك كۈتۈۋېتىمەن.‏ ساۋۇتجان: تولا پو ئاتمىغىنا، مېھمان دېگەنۋاغۇ نەچچە خىل تۈرگە بۆلۈنىدۇ، شۇنىڭغا قاراپ ‏كۈتىدىغان نىمە، مەسىلەن، قارا ھە، ئەزىز مېھمان، ئادەتتىكى مېھمان، چاقىرغان مېھمان، ئۆزى ‏كەلگەن مېمان، نېپىز مېھمان، قېلىن مېھمان، ئاچ مېھمان، توق مېمان... ساناپ كەلسەك جىق، سەن ‏شۇلارنىڭ ئەمەل- دەرىجىسىگە، خۇي- پەيلىگە، مۇھىمى ساڭا ئېپ كېلىدىغان پايدا- زىيانغا قاراپ ‏كۈتىسەن. مانتا- پولو ئېتىدىغان مېھمان بار، سۇيقاش ئېتىدىغان مھمان بار، چاي بىلەن گەپكە ‏زورلاپ يولغا سالىدىغان مېھمان بار، چېيىغا ناۋات سالىدىغان مېھمان بار، ناۋات سالمايدىغان ‏مېھمان بار، تۇز يۆتكەپ كەتكۈزىۋېتىدىغان مېھمان بار...‏
        ھوشۇرخان: بۇ نېمە دېگەنلىرى؟ كىم ئۇ؟ ساۋۇتجان: ئېزىز مېھمان، لېكىن ئامال يوق كۈتىدىغان مېھمان.‏
        ساۋۇتجان: بازار باشقۇرۇشتىكى ئەخمەتجان. ئۇ دائىم دۇكىنىمىزغا كېلىپ ساختا مال باركەن دەپ ‏چاتاق تېپېپ كېتىپ بارىدۇ.‏ نەچچە ۋاقىتتىن بىلمەپتىمەن، ئۇ ئالدىمىزدىكى بىنادا ئولتۇرىدىكەن ئەمەسمۇ. مېھمان قىلاي دېسەم ‏ئۇنىمايدىغىنى ئېنىق. شۇنىڭ بىلەن بىر ھەپتىدىن بېرى سىزگە مەسلىھەت سالىدىغان مۇھىم ئىش بار ‏ئىدى، ئۆيۈمگە بىر كىرىپ كەتسىڭىز ئۇكام دەپ كەينىگە كىرىپلاۋالدىم. بۈگۈن ئاخىرى ئۆيگە ‏كىرىشكە ئۇناتتىم.‏
        ھوشۇرخان: دۇكانغا ساختا مال سالمىسىلىغۇ مۇشۇنداق دەككە- دۈككىدە يۈرمەيىتتىلە، مۇشۇنداق ‏قىلىپمۇ بىر بېيىپ تىقىلىپ كەتمىدۇق. بوپتۇ ئەمدى، لېكىن مېنىڭچە رېستۇراندىلا مېھمان قىلسىلا ‏ئوبدان بولاتتى. ھازىر ھەممە ئادەم مۇشۇنداق قىلىدىغان بوپ كەتتى.‏
        ساۋۇتجان: ماۋۇ گۆش باش خوتۇننىڭ گېپىنى، بايا مەن نېمە دەۋاتىمەن، ئۇ مېھمان قىلاي دېگەننى ‏ئاڭلىسا ھېچ يەرگە بارمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە رېستۇراننىڭ تاماقلىرى زەھەردىن قىممەت. ئۇ يەردە ‏بىر قېتىم خەجلىگەن پۇلغا ھۆپپىدە بىر قوينىڭ گۆشى كېلىدۇ، شۇ گۆشنى ئۆيدە ئىككى ئاي يەيمىز، ‏شۇڭا مەن ئاشۇ بوشاڭ، كوشاڭ دېگەن يەرگە ئەزەلدىن كىرمەيمەن.‏
         ھوشۇرخان: توختاپ تۇرسىلا، مەن ماۋۇ مانتىلىنى ئەپچىقىۋېتىپ چىقاي، ھېلى مېھمان كەلسە ‏ئالدىراپ قالىمەن.‏ ‏  ھوشۇرخان داس، قاسقانلىرىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ كېتىپ، چىقىدۇ.‏ ھوشۇرخان: مېھمان كەلسە ئوتنى ياقساملا بىردەمدە پىشىدۇ.
        ‏ ساۋۇتجان: ھە بوپتۇ، ماڭا قارا، ئەسكەرنى ئون يىل بېقىش بىر قېتىم جەڭگە سېلىش ئۈچۈن، سېنى ‏مەن نەچچە ۋاقىتتىن نېمىشقا بېقىۋاتىمەن؟ مۇشۇنداق چاغدا خەقنىڭ ئالدىدا مېنىڭ يۈزۈمنى يورۇق ‏قىلسۇن دەپ، ھېلىقى توغقانلار ئەكەلگەن قىزا باردۇ؟‏ ھوشۇرخان: ئىككى ئاينىڭ ئالدىدىكى قېزىنى دەملا؟ يەپ ساپ مايلىرى قاپتىكەن، سەل نىخسىپ ‏قالغاندەك تۇرىدۇ.‏
        ساۋۇتجان: نىخسىپ قالسا تۇزغا تازا مىلەپ، ئۈستىگە پىياز توغراپ ئىلەشتۈرۈپ ئەپچىقىسەن، ‏چانمايدۇ.‏ ئاۋۇ بىڭشاڭدىكى ئۆپكە ھېسىپچۇ؟‏
        ھوشۇرخان: ئۇنىڭغىمۇ بىر ھەپتە بوپ قالدى، ئەپچىقىپ تاشلىۋېتەي دېسەم يا ئۇنىمايلا.
       ‏ ساۋۇتجان: مۇشۇنداق دېتى يوق خوتۇن ئەمەسمۇ سەن، مەن بۇنى شۇ مېھمان كېلىدۇ دەپ ‏ساقلاۋاتقان نىمە. لازا ئاچچىقسۇنى تازا ئاچچىق تەڭشەپ، ئۆپكە ھېسىپنىڭ ئۈستىگە قويۇپلا ‏ئەچىقىسەن، ئەجەپ ئوخشاپتۇ دەپ يەۋېرىدۇ. قېنى بۈگۈن ھۆنىرىڭنى بىر كۆرىمەنغۇ.‏
        ھوشۇرخان: ھېچنىمە ئېپ بەرمەي ھۆنىرىڭنى كۆرىمەن دەيدىكەنلا، بىرەر نەرسىنى بولسىمۇ بازاردىن ‏يېڭىدىن ئەكىرسەك بولمامدۇ؟ ‏  دەل شۇ چاغدا ئىشىك چېكىلىدۇ. ئىشىك چەككىنى ئۆي ئىگىلىرى بىلەن ناتۇنۇش چاقىرىلمىغان ‏مېھمان، لېكىن ھوشۇرخان بۇنى ھېلىقى ئەزىز مېھمان شۇ دەپ ئويلاپ قالىدۇ. ساۋۇتجان بېرىپ ‏ئىشىكنى ئاچىدۇ. ئۆيگە بىر ئەر كىرىدۇ.‏ ئەر: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!‏
       ساۋۇتجان: ۋائەلەيكۇم ئەسسالام.‏
       ھوشۇرخان: (ئىنتايىن قىزغىن) ۋاي كەلسىلە مېھمان، قېنى تۇقۇرى ئۆتسىلە.‏ ‏  مېھمان كېلىپ ساپادا ئولتۇرىدۇ ۋە دۇئاغا قول كۆتۈرىدۇ.‏ مېھمان؛ تېنچ- ئامان ئولتۇرۇشلا؟‏
       ساۋۇتجان: خۇداغا شۈكرى، بۇ كىمدۇ، ھىچ تونۇيالمايمىنا؟
        ھوشۇرخان: (چاي قۇيغاچ) ما ئادەم مېھمان كېلىدۇ دەپ بالدۇر دەپ قويماي، ئەدەمنى تەمتىرىتىپ، ‏قېنى چاي ئالسىلا.‏ مېھمان؛ رەھمەت، 3- بىنا 4- قەۋەتتىكى ئۆي مۇشۇ شۇغۇ-ھە؟ ساۋۇتجان: ھەئە، مۇشۇ شۇ.‏
       مېھمان: خېلى كەڭتاشا ئۆيكەن، قۇرۇلمىسىمۇ بولىدىكەن، نەچچە پىڭپاڭ؟
       ساۋۇتجان: سەكسەن سەككىز.‏ مېھمان: بولىدىكەن، بولىدىكەن.‏ ‏  ئۇنىڭغىچە ھوشۇرخان ئاشخانىغا كىرىپ كېتىپ، قىزا، ئۆپكە – ھېسىپلارنى ئېلىپ چىقىدۇ. ‏ساۋۇتجان بۇنى كۆرۈپ تىتىلداپ تۇرالماي قالىدۇ.‏
        ھوشۇر: (ئۆزىگە) ئەستا، نېمىش قىپ يۈرۈيدىغاندۇ ماۋۇ خوتۇن،
        ھوشۇرخان: قېنى ماۋۇ ئۆپكە- ھېسىپتىن، قىزىدىن تېتىپ باقسىلا، ۋۇي، چايلىرىغا ناۋات ‏سالماپتىمەنغۇ، قېنى ئالسىلا.‏
        مېھمان: ماقۇل رەھمەت، (قېزىنى يېيىشكە باشلايدۇ)‏ ‏  ھوشۇرخان گەپ قىلغاچ مېھماننىڭ پىيالىسىگە يوغان بىر تال ناۋاتنى سېلىۋېتىدۇ. ساۋۇتجان بۇنى ‏كۆرۈپ ئاغزىنى تۇتۇپ قالىدۇ ۋە خوتۇنىنى دىقمىرلاپ بىر چەتكە تارتىدۇ.‏
       ساۋۇتجان: بۇ ئەمەس.‏
       ھوشۇرخان: نىمە ئەمەس؟ قىزا بىلەن ئۆپكە- ھېسىپ شۇ. تولا ماڭا ئىش ئۆگەتمىسىلە، مېھمان ‏كۈتەلمەيسەن دەيدۇ تېخى، قانداق كۈتىدىكەنمەن بۈگۈن بىر كۆرۈپ باقسۇن. (مېھمانغا) ماۋۇ ‏ئادەمنى بازاردىن بىر نەرسە ئېلىپ كېلەرمىكىن دېسەم قۇرۇقلا كەپتۇ. (ئېرىگە) بولمىسا ھازىر بولسىمۇ ‏دىككىدە چىقىپ توخۇدىن بىرنى ئەكىرەملىيا؟ گاژ- گۇژلا داپەنجى قىلاي.

     ‏ ساۋۇتجان: ھە... بۇ... بۇ كەمگىچە توخۇلار قونداققا چىقىپ ئۇخلاپ بولدىمىكىن خوتۇن، بولدى ‏ئۇلارنى ئويغاتمايلى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مېھماننىڭ چىرايىدىن توخۇ گۆشى بىلەن خۇشى يوقلۇقى ‏بىلىنىپلا تۇرىدۇ، شۇنداققۇ مېھمان- ھە!؟

      مېھمان: ھە... بۇ... ھە...ھە... شۇنداق...شۇنداق.‏ ھوشۇرخان: ئەمىسە ماۋۇ بار نەرسىلەردىن بولسىمۇئالسىلا، بولمىسا مەن تەخسىلىرىگە ئېلىپ قوياي.‏ ‏  مېھماننىڭ تەخسىسىگە تاماق ئېلىپ قويىدۇ.‏

      مېھمان: بولدى رەھمەت، ئۆزەم ئالاي.‏ ‏  مېھمان قىزا ئۆپكىلەرنى مالاچلىتىپ توختىماي يېيىشكە باشلايدۇ. ساۋۇتجان ئاچچىقىدا ساراڭ بولاي ‏دەپ قالىدۇ.‏  

      ھوشۇرخان: ھوشۇرقارى مانتا پىشىپ قالدى، قاسقاننى ئاچايمۇ؟ ساۋۇتجان: ئاغزىڭنى يۇم، بەدبەغ!‏ ‏  ئايال نېمە بولغاننى بىلمەي نېرى قاچىدۇ. ساۋۇتجان چىرايىغا مەجبۇرىي كۈلكە يۈگۈرىتىپ، ‏مېھماننىڭ ئالدىغا كېلىدۇ.‏

      ساۋۇتجان: ھى... ھى... ئاستىراق يىسىلە، قىزا گاللىرىدا تۇرۇپ قالمىسۇن، سىلى... سىلى... مەن... ‏مەن سىلىنى تونۇيالمىدىمغۇ؟

      مېھمان: (نەرسە چاينىغاچ) سىلى مېنى تونۇمايلا، مەن مۇشۇ قورونىڭ ئالدىغا چاپلاپ قويغان 3- ‏بىنانىڭ 4- قەۋەت 1- ئۆينى ساتىمىز دېگەن ئېلاننى كۆرۈپ، مۇشۇ ئۆينى ئالايمىكىن دەپ كېلىشىم،

     ‏ ساۋۇتجان: ھە... مانداق ئىشمىتى، سىلى خاتا كىرىپ قاپلا، سېتىلىدىغان ئۆي بۇ ئەمەس، ماۋۇ ‏ئۇدۇلىمىزدىكى ئۆي.‏

    مېھمان: ۋۇي،ۋۇي شۇنداقمۇ؟ مەن تېخى مۇشۇ ئۆيمىكىن دەپتىمەن. ئەستا ئۇقۇشماسلىق بوپتۇ- دە! ‏مەن چىقاي، ئامىن!‏ ‏  مېھمان ئورنىدىن تۇرىدۇ.‏

      ساۋۇتجان: شۇنداق ئۇقۇشماسلىق بولدى، ناھايىتى چوڭ ئۇقۇشماسلىق چىقاملا؟ ماقۇل ئەمىسە يۈزىنى ‏قېلىن مېھمان...‏ مېھمان: نېمە دىدىلە؟

      ساۋۇتجان: ياق،ياق ھېچنىمە دىمىدىم. ماقۇل خوش ئەمىسە.‏ ‏

        ساۋۇتجان مېھماننى ئۇزۇتۇپ بولۇپ، كەينىگە تېزلىكتە ئۆرۈلۈپ بېرىپ، پىيالىدىكى ناۋاتنى ‏سۈزۈۋالىدۇ. ناۋات ئېرىپ يېرىمى قالغان.

     ‏ ساۋۇتجان: ئېسىت ناۋات، ئېسىت ناۋات، ئېرىپ يېرىمىڭ قاپتۇ ئەمەسمۇ. ھوشۇرخان!‏ ‏  ھوشۇرخان يۈگرەپ كېلىپ يەرگە قاراپ تۇرىدۇ.‏ ساۋۇتجان: ماۋۇ ئۇدۇل قوشناڭ بىلەن نىمە مۇناسىۋىتىڭ بار؟

       ھوشۇرخان: توۋا خۇدايىم، ئۇ ئادەم بىلەن مېنىڭ نېمە مۇناسىۋىتىم بولماقچى.‏ 

      ساۋۇتجان ؛ ئەمىسە نىمىشقا ئۇنىڭ ئۆيىگە كەلگەن مېھمانغا شۇنچىۋالا قىلىپ كېتىسەن؟ تېخى ‏لايىقلىرىدا بولمىسىمۇ ئالسىلا دەپ قىزا بىلەن ئۆپكە ھېسىپنى تەخسىسىگە ئېلىپ قويىۋاتىسىنا؟ مەن ‏بولمىسام چايناپ ئاغزىغا سېلىپ قويامتىڭ؟

      ھوشۇرخان: مەن تېخى سىلى چاقىرغان ھېلىقى مېھمان شۇمىكىن دەپتىمەن.‏

      ھوشۇر: ھېي، مېڭىسىنى قاغا چوقۇۋالغان ساراڭ! مەن ئەمەس دېدىمغۇ! مېنىڭ قاش- قاپىقىمغا قاراپ ‏ئىش تۇتمامسەن!؟ نەدىكى ئاتام كۆرمىگەن ئادەمگە بار نەرسەڭنى يىگۈزۈپ بولدۇڭ، ئەمدى ‏ئەخمەتجان كىرسە قانداق قىلىمىز؟ گەپ قىلە~!‏ ‏  ساۋۇتجان خوتۇنىنى تىللىغاچ باشلىرىغا، بۇرۇنلىرىغا نوقۇيدۇ، قۇلاقلىرىنى سوزىدۇ، ھوشۇرخان ‏مىشىلداپ يىغلاپ كېتىدۇ.‏

      ساۋۇتجان: گەپ قىلمايسەنغۇ؟ توۋا قىلامسەن، خېتىڭنى ئالامسەم؟

      ھوشۇرخان: ئاغزىلىرىنى ئۈشۈتمىسىلە دادىسى، مېنىڭ ئاجراشقىم يوق، ھۈ... ھۈ...‏

      ساۋۇتجان: خەپ، مۇشۇ قىلغانلىرىڭغا ئەتىلا خېتىڭنى بەرمىسەم.‏ ‏  شۇ چاغدا ئىشىك چېكىلىدۇ. ساۋۇتجان بېرىپ ئىشىكنى ئاچىدۇ.    ئەخمەت كىرىپ كېلىدۇ، ‏ساۋۇتجان جىددىيلىشىپ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتىدۇ.‏

        ئەخمەت: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ساۋۇتجانكا، تېنچ- ئامان تۇرلىمۇ؟‏ ساۋۇتجان: 

      ۋائەلەيكۇم ئەسسالام، قېنى كەلسىلە، يۇقۇرى ئۆتىسلە، ھوشۇرخان! مېھمان كەلدى، چاي ‏قويۇڭلا!‏ ‏  ئەخمەت كېلىپ ساپاغا كېلىپ ئولتۇرىدۇ. ھوشۇرخان كۆزىدىكى ياشنى سۈرتىدۇ، لېكىن سالام ‏قىلماي، قاپىقىنىمۇ ئاچماي، چاي قويۇپ ئەخمەتنىڭ ئالدىغا دوققىدە قويۇپ قويىدۇ. ساۋۇتجان ‏ئەخمەتنى چايغا تەكلىپ قىلىپ قويۇپ، خوتۇنىغا پىچىرلايدۇ.‏

      ساۋۇتجان: تېز بول، چايغا ناۋات سال.‏

      ھوشۇرخان: سالمايمەن تازا.‏

      ساۋۇتجان: ئەمىسە ناۋات نەدە؟ ئۆزەم سالاي.‏ ھوشۇرخان: تاڭ، نەدىكىن.‏ ‏  ئەخمەت بۇ گەپنى ئاڭلاپ قالىدۇ.‏

      ئەخمەت: بولدى ھېچقىسى يوق، مەن ناۋات يىمەيمەن.‏

      ساۋۇتجان: ئەمىسە چاي بولسىۇ ئىچكەچ تۇرسىلا، ھى... ھى... ‏ ‏  ئەخمەت چاي ئوتلايدۇ، ساۋۇتجان خوتۇنىنى يەنە دىقمىرلايدۇ.‏

       ساۋۇتجان: ئەمىسە ئاۋۇ قىزا بىلەن ئۆپكە- ھېسىپنىڭ قالىنىنى بولسىمۇ...‏

      ھوشۇرخان: ئۇ نەرسىلەرنىڭ يىگۈدەك يېرىنى يەپ بوپتۇ، قالغىنىنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتتىم.‏

      ساۋۇتجان: ئەمدى قانداق قىلىمىز؟

      ھوشۇرخان: ئەتە خېتىمنى بېرىدىغان بوللىغۇ، قانداق قىلسىل مېنىڭ نېمە كارىم...‏

      ساۋۇتجان: ئەستەغپۇرۇللا، نېمە دەيدىغاندۇ ماۋۇ خوتۇن... ھېي، مېنىڭ يۈزۈمنى تۆكەي دەمسەن؟!‏

      ئەخمەت: ساۋۇتجانكا، نېمە دېيىشىۋاتىسىلە؟ مايەگە كېلىپ ئولتۇرماملا؟ ‏  ساۋۇتجان مېھماننى ئېسىگە ئېلىپ دەرھال يۈگرەپ كېلىدۇ.‏

      ساۋۇتجان: ھى... ھى... ماۋۇ خوتۇن پاخلان گۆشى سالايمۇ ياكى داپەنجى قىلايمۇ دەپ كەچكىچە ‏سوراۋېرىدۇ... مەن كەچ بولغاندىكىن مانتىلا ئەت شۇ ياخشى بولىدۇ دېدىم. ھى... ھى...‏

      ئەخمەت: بولدى ئاۋارە بولمىسىلا، مېنىڭ قورسىقىم توق، كىرمەي دېسەم سىلى مۇھىم ئىش ئىدى ‏دىدىلە، قولۇم- قوشنىكەنمىز، مېنى كۆزگە ئىلمىدى دەپ قالمىسۇن دەپلا كىرىشىم، قېنى دىسىلە، نېمە ‏ئىشتى؟

       ساۋۇتجان: كىرگەنلىرى بەلەن بوپتۇ، بولىسا راستىنلا يامانلاپ قالاتتىم، ئاۋال تائام، ئاندىن كالام ‏دەپتىكەن، ئاۋال بىر تاماق يەيلى، ئاندىن كېيىن دېيىشسەكمۇ ئۈلگۈرىمىز. ھوشۇرخان، تاماق ‏پىشقان بولسا ئەپچىقىڭلا.‏

      ئەخمەت: ۋۇي، ئىس پۇراۋاتىدۇ، بىرەر نەرسە كۆيدىمۇ نېمە؟

       ساۋۇتجان: (بۇرنىنى تارتىپ بېقىپ) ۋۇي، مانتا كۆيگەن ئوخشىمامدۇ؟ ھوشۇرخان!‏

      ھوشۇرخان: نېمە؟

      ساۋۇتجان: ئىس پۇراپ كەتتى، قازاننىڭ سۈيى تۈگىگەن ئوخشايدۇ، تېز قاسقاننى ئېچىڭلا!‏

      ھوشۇرخان: ئاچمايمەن، ئۆزلىرى ئاچسىلا.‏

      ساۋۇتجان: ئەستەغپۇرۇللا، ماۋۇ خوتۇننى، جېنىم خوتۇن، مېنىڭ يۈزۈمنى تۆكمەي تېز مانتىنى ‏ئەپچىقىڭلا!‏

      ھوشۇرخان: ئەپچىقمايمەن تازا، بايام ئەپ چىقاي دىسەم تىللاپ كەتتىلىغۇ، مېنى سىناپ باققىلى ‏شۇنداق دەۋەتىدۇ ھەقاچان بۇ ئوغرى.‏

      ساۋۇتجان: ۋاي ئۇنداق ئەمەس، راست دەۋاتىمەن، ئەستا...‏

      ھوشۇرخان: قانداق قىلسىلا قىلسىلا، مېنىڭ كارىم يوق.‏ ‏  ھوشۇرخان ياتاق ئۆيگە كىرىپ كېتىدۇ.‏

      ئەخمەت؛ قانداق خەق بۇ، نېمە ئىش قىلىپ يۈرۈيدۇ، ھاي ساۋۇتجانكا، مەن كىرىپ يەڭگىمىزنىڭ ‏ئاچچىقى كېلىپ قالدى بولغاي، مەن چىقاي.‏

      ساۋۇتجان: (جىددىيلىشىپ) ۋاي ياق، ماڭا ئەكىلەۋاتىدۇ، بۇ خوتۇننىڭ مۇشۇنداق ئوماق قىلىقلىرى ‏بار، ئولتۇرسىلا.‏

      ئەخمەت: بەك كۆيۈك پۇراپ كەتتى، ھېلى ماۋۇ ئۆيگە ئوت كەتمىسۇن جۇمۇسىلا، ئۆھۆ... ئۆھۆ...‏

      ساۋۇتجان: مەن ئاشخانىغا كىرىپ چىقاي، جىندەك ئولتۇرۇپ تۇرسىلا ھە!‏ ‏  ئۆھۆ... ئۆھۆ... (چىقىپ كېتىدۇ)‏

      ئەخمەت: ئەسلىدە بۇ ئۆيگە كىرمىسەممۇ بوپتىكەن، قارىغاندا مۇھىم گېپى باردەكمۇ قىلمايدۇ، ئەڭ ‏ياخشىسى ۋاقتىدا چىقاي.‏ شۇ چاغدا ئاشخانا تەرەپتىن تاراڭ- تۇرۇڭ قىلغان ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ، ئەسلىدە قازان قىزىپ يېرىلىپ ‏كەتكەن، ئەخمەت چۆچۈپ ئورنىدىن تۇرىدۇ.‏

      ئەخمەت: ۋاي نىمىش بولدى؟‏

       ساۋۇتجان: ھە شۇ ... مانتا پىشىپ يېرىلىپ كەتتى، چوڭ ئىش يوق.‏

      ئەخمەت: بولدى خوش، مەن چىقاي.‏ ‏  ئەخمەت ماڭىدۇ،

       ساۋۇتجان ئاشخانىدىن يۈگرەپ چىقىدۇ، ئۇنىڭ يۈزىگە قارا- قۇرۇم سۇۋىشىپ ‏كەتكەن، قولىدا كۆيۈپ قاپقارا بولۇپ كەتكەن بىر تال مانتا.‏

      ساۋۇتجان: ۋاي توختىسىلا، سىلىنى دەپ مانتا ئەتكەن، قازان قىزىپ يېرىلىپ كەتتى، لېكىن ‏خاتىرجەم بولسىلا 21 تال مانتىنىڭ ھەممىسى ساق سالامەت.‏

      ئەخمەت: نېمە دەيدىغاندۇ ماۋۇ ئادەم، بولدى رەھمەت خوش.‏

      ساۋۇتجان: ۋاي ماۋۇ خوشاڭدىن بىر تال يەپ كەتسىلە، ئۈستىنى پىچاق بىلەن قىرىۋەتسەملا ‏بولاتتى...‏

      ئەخمەت: بولدى، بولدى قىلسىلا، تازا ئوبدان مېھمان بولدۇم، كېيىن كۆرشەيلى خوش.‏ ‏  ئەخمەت ئۇنىڭ توسقىنىغا قارىماي چىقىپ كېتىدۇ. ساۋۇتجان بىردە ئىشىككە، بىردە قولىدىكى ‏كۆيگەن مانتىغا قارىغىنىچە تۇرۇپ قالىدۇ، ئاندىن بىردىنلا خوتۇنى ئېسىگە كېلىپ توۋلايدۇ.‏

      ساۋۇتجان: ھوشۇرخان! ھاي ھوشۇرخان! ۋوي، ماۋۇ ماۋۇ خوتۇن ئاپىسىنىكىگە يامانلاپ كەتتىمۇ ‏نېمە... ھاي ھوشۇرخان!‏ ‏  ئۇ توۋلىغىنىچە سەھنىدىن چىقىپ كېتىدۇ.‏ ‏(تۈگىدى)‏

    [admin تەستىقلىدى . 2010-2-12 17:22:50]
ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر يوق