مەشھۇرلارنى سېسىتايلى(فېليەتون)

يوللىغۇچى : noshirwan يوللىغان ۋاقىت : 2012-02-04 10:25:32

ئۇلارنى كۆرمىسەكمۇ، بىلمىسەكمۇ، تىللاپ تۇرايلى، شۇنىڭ بىلەن كۆڭلىمىزنى خۇش ئېتەيلى، ئۆزىمىزگە تەسەللى بېرىپ، ‹‹دانىشمەن››بولايلى. يايلاقتا بۆرە ھۇۋلاپ تۇرمىسىمۇ، قوي پاڭقۇش بولمايدۇ، قوتۇر بېسىپ كەتمەيدۇ. بۆرىدەك ھۇۋلاپ تۇرغانلارنى شىددەت بىلەن قارغايلى

    مەشھۇرلارنى سېسىتايلى

    (فېليەتون)
     

    -يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ «ئۇ كەلمەسكە كەتتى» ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىنكى خاتىرە

     

    بىزدە مەشھۇرلار نېمانچە كۆپ؟

    ئۇلارنى كۆرمىسەكمۇ، بىلمىسەكمۇ، تىللاپ تۇرايلى، شۇنىڭ بىلەن كۆڭلىمىزنى خۇش ئېتەيلى، ئۆزىمىزگە تەسەللى بېرىپ، ‹‹دانىشمەن››بولايلى.

    يايلاقتا بۆرە ھۇۋلاپ تۇرمىسىمۇ، قوي پاڭقۇش بولمايدۇ، قوتۇر بېسىپ كەتمەيدۇ. بۆرىدەك ھۇۋلاپ تۇرغانلارنى شىددەت بىلەن قارغايلى، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن پىتنە-پاسات تېرىيلى، بولسا قاغاپ ئۆلتۈرىۋېتەيلى.

    بىر مۇنچە نەرسىنى ئىچىگە سولاپ ئۇلۇغ بولىۋىلىپ، ھۆپۈپكە ئوخشاش ئىچىدە سېسىتىۋىتىدىغان ئېتى ئۇلۇغ، سۇپۇرىسى قۇرۇقلارنى، قارىماققا ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدىغان، ئەمەلىيەتتە جىگدىچىلىك مېۋىسى يوق قاپاق تېرەكتەك كارغا يارىماسلارنى ماختايلى، بېشىمىزغا ئېلىپ كۆتۈرەيلى. كىمكى سورۇنلارنى بېشىغا كىيىپ،خەقنىڭ بېشىنى ئايلاندۇرۇپ قۇرۇق لاپ ئۇرسا، بىر تۇخۇم تۇغۇپ قويۇپ ئالەمنى بېشىغا كىيسە، ئۆزىنى ماختاپ، ئۆزىنى ئۇلۇغلاپ، ئۆزىدىن باشقىنى ئاساسسىز ئىنكار قىلىپ سېسىتسا، خەلققە قۇرۇق پىتنىدىن باشقا تۈزۈك نەپ بەرمىسە، شۇنداقلارنى ئۇلۇغلايلى.

    مەشھۇرلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىشنى، مەشھۇرلارنى تىللاپ سېسىتىشنى،قۇرۇق گەپ قىلىپ ھاراق ئىچىپ،سۇرۇن قوغلىشىپ قاتار چاي ئويناپ، كۈننى ھارام ئۆتكۈزۈپ ئۆلۈپ تۈگەشنى ئۆگىنەيلى، مەشھۇرلارنى تىللاپ-قارغاپ، يوقىرى-تۆۋەن قاتراپ مەشھۇرلارنى چېقىشنى، پىتنە قىلىشنى تازا ئۆزلەشتۈرۈپ، ‹‹كەسپىي پىتنىچى››لەردىن بۇلۇپ يېتىشىپ چىقايلى. ئۆز ئارا گەپلەشسەكمۇ، سالاملاشساقمۇ ھالال نىيەت بىلەن ئەمەس، بەلكى مەشھۇرلار ھەققىدە بىرەر غەيۋەت ئۇچۇرىغا ئىگە بۇلۇش مەقسىتىدە گەپلىشەيلى، سالاملىشايلى. مەشھۇرلارنى تىللاش،سېتىش، قەدىر-قىممىتىنى يەرگە ئۇرۇش، خورلاش، ھاقارەتلەش ئارقىلىق تۇغۇلغانغا، ئۇيغۇر بۇلۇپ يارىلىپ قالغانغا داد دېگۈزۈپ ئۆلتۈرەيلى.

    مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدىكى ھەر ساھە ئەربابلىرى،چوڭ-كىچىكلەر شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بارساڭلار ئېلىپ باردىغان دۇئايى سالام، سوۋغاتلار ئىچىدە مەشھۇرلار ھەققىدە غەيۋەت بىلەن پىتنە چوقۇم كەم قالمىغاي. بۇ پىتنە-پاساتلار ئاندىن ھەر قايسى ۋىلايەت،شەھەر،ناھىيىلەردە ياڭيۇ كۆپەيگەندەك بىر-بىرىنى تۇغۇپ، كەڭ تارقالغاي. ھازىرغۇ تور بىزگە نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى كەلتۈردى. مۇنبەر، كيۇ كيۇ توپى دېگەنلەردىنمۇ تولۇق پايدىلىنايلى. پىتنە-پاساتلارنى دەرھال تۈركۈملەپ كۆپەيتىپ تارقىتايلى.
    مەشھۇرلارنى تىرىك تۇرغۇزۇپ غاجاپ، قۇرۇق ئىسكىلىت قىلىپ، ئاندىن دەپنە قىلايلى. ئۇلارنىڭ ئادەمگە خاس نۇقسانلىرىنىمۇ كەچۈرىۋەتمەيلى. بىكار تەلەپ ھارەمزادىلەر، گەپنىڭ چىرايلىقىنى، ئىشنىڭ ئەسكىسىنى قىلىدىغان خۇمسىلار، كېچىسى ئورا كولاپ،كۈندۈزى ئەلخۇمار بولۇۋالىدىغان مۇناپىقلار، بىر ئىشنى ياخشى قىلىپ، يۈز ئىشنى يامان قىلىدىغان نائەھلىلەر قىلغۇلۇقنى قىلىۋەرسۇن، كەمچىلىكىنى تۆھپىسى نەچچە ھەسسە بېسىپ چۈشىدىغان مەشھۇرلارنى يەتتە ياشتىن يەتمىش تاشقۇچە ھەممىمىز قارغايلى.

    تىرىك چېغىدا سېسىتىپ،ئۆلگەندىن كېيىن قەبرىسىگە ئېسىلىپ سېغىنىپ، ئۇلارنى يادلاپ يىغلايلى. لەنەت تاشلىرىمىزنى شەيتانلارغا ئەمەس، مەشھۇرلارغا ياغدۇرايلى.

    (ئابلاجان تۇردى)

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.
خەتكۈچلەر مەشھۇر سېسىتايلى