باقىنىڭ كۈنلىرى(ئەركىنجان ئەمەت)

يوللىغۇچى : Enqa يوللىغان ۋاقىت : 2010-06-07 11:52:01

باقىنىڭ كۈنلىرى(ھېكايە)[ئەركىنجان ئەمەت] 1 بەزىدە ئۆزۈممۇ تازا ئاڭقىرالماي بۇرۇن بولۇپ ئۆتكەن بىرەر ئىشنىڭ تەكرارلىنىۋاتقانلىقىنى سېزىمەن، لېكىن قاچان، چۈشۈمدىمۇ، كىچىك ۋاقتىمدىمۇ ياكى راست بى...

     

    باقىنىڭ كۈنلىرى
    (ھېكايە)
    [ئەركىنجان ئەمەت]

     

    1

         بەزىدە ئۆزۈممۇ تازا ئاڭقىرالماي بۇرۇن بولۇپ ئۆتكەن بىرەر ئىشنىڭ تەكرارلىنىۋاتقانلىقىنى سېزىمەن، لېكىن قاچان، چۈشۈمدىمۇ، كىچىك ۋاقتىمدىمۇ ياكى راست بىر ئورۇندا شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىگە ئانچە جەزم قىلالمايمەن. تۇيغۇمدا شۇنداق بىر ئىشنىڭ بولۇپ ئۆتكەنلىكىگە نېمە ئۈچۈندۇر ئىشىنىمەن. بىراق قاچانلاردا كۆرگەنلىكىمنى ياكى شۇ ئىشتا بولغانلىقىمنى پەقەت ئويلاپ تاپالمايمەن.
       شۇ تاپتا چۈمپەردىلىك ئىككى ئايال بېشىنى بىر يەرگە قىلىپ لەڭپۇڭ يەۋاتاتتى. ئۇلارنىڭ چىرايىنى مەن كۆرەلمەيتتىم. بۇ بىر كىچىك لەڭپۇڭخانا ئىدى. بۇلۇڭدىكى بىر ئورۇندۇققا قويۇلغان ئۈنئالغۇدىن جاز مۇزىكىسى ياڭراۋاتاتتى. ئارىدىن بىرى ئۆرۈلۈپ چۈمپەردىسىنى ئېچىپ ماڭا كۈلۈمسىرەپ قويدى ۋە ئۇلار دەرھال باشلىرىنى بىر يەرگە قىلىۋالدى. شۇ چاغدا چوكىغا قىسىپ ئاغزىمغا ئاپىراي دەپ تۇرغان لەڭپۇڭ يەرگە چۈشۈپ كەتتى. مەن ئۇلارنى تونۇمايتتىم، بىراق پەقەت شۇنچىلىك بىر ئىش كىنونىڭ شىپپىدە ئۆتۈپ كېتىدىغان بىر كۆرۈنۈشىدەك ئۆتۈپ كەتتى. شۇنداق بىر ئىش بۇ يەردە تەكرارلىنىۋاتاتتى. لېكىن ئۇ قاچان، قەيەردە سادىر بولغان؟ شۇنچە ئويلىساممۇ ئەسكە ئالالمىدىم. جاز مۇزىكىسى ياڭراۋاتاتتى. مۇزىكىدىن كۇلالچىنىڭ تۆمۈر ئەسۋاب بىلەن دەز كەتكەن كوزىنى ئۇرۇۋاتقاندەك جىز-جىز قىلغان مېڭىنى زىڭىلدىتىدىغان ئاۋاز كېلەتتى. بىر چىۋىن كېلىپ لەڭپۇڭغا قونۇۋالدى. ئارقىدىن بىر پۇتىنى تارتسا بىر پۇتى پېتىپ قېلىپ ئاۋارە بولدى، ئۇنىڭغا-بۇنىڭغا قاراپ ئويلىنىپ ئولتۇرۇپ كەتتىم.
    بۇ يەكشەنبە كۈنى بولۇپ، چۈش بولۇشقا خېلى ۋاقىت بار ئىدى. مەن نىشانسىز ئايلىنىپ يۈردۈم. چىۋىن ئاخىر لەڭپۇڭ ئىچىدىن چىقالمىدى. ئۇ شۇنچە تىرىشىپ باقتى. ئۇنىڭ گىژىلدىغان نالىسى ئۆينى بىر ئالدى. سىرتتا قۇرغاق شامال چىقىۋاتاتتى. ھەر نەپەسلەنگەندە ئىككى لېۋىمنى قورۇپ، نەپەس چىقارغاندا بوشايتتى. كوچىدا چىرايلىق كىيىنىۋالغان قىزلار ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. بىرى مۈرىسى بىلەن سوقۇپ ئۆتۈپ كەتتى. مەن ئارقامغا بۇرۇلۇپ قاراپ باقمىدىم، يېنىمدىن ئۆتكەندىمۇ قاراپ باقماپتىمەن. كۆڭلۈمدە قانداقراق ئادەمدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم. مۈرىسىنىڭ يۇمشاق تەگكىنىگە قارىغاندا چىرايلىق بىر قىز بولسا كېرەك، كىم بىلسۇن، يازدىمۇ قېلىن كىيىنىپ يۈرىدىغان دىۋانە خوتۇنمۇ تېخى، يۈزلىرىنى قورۇق بېسىپ كەتكەندۇر... خۇددى... ئۆمۈچۈك تورىدەك... ئۆمۈچۈكنى «دۆدە» دەپمۇ ئاتايدۇ. كىچىك چېغىمىزدا چىشىمىزنى سانىۋالىدۇ، دەپ ئۇنىڭدىن قورقۇپ ئاغزىمىزنى چىڭ يۇمۇۋالىدىغان. ئېسىمدە، سىنىپنىڭ بۇلۇڭىدا بىر يوغان ئۆمۈچۈك بولىدىغان. مەن دەرسكە قارىماي ئۇنىڭ توردا خۇددى ئەركىنلىك ئىلاھىنىڭ تاجىسىدەك ھەيۋەت تۇرقىغا قاراپ ئولتۇراتتىم. مەن ئۇنىڭ دائىم شۇ يەردە چىۋىن تۇتۇپ يېيىشىگە قاراپ تۇراتتىم. بىر كۈنى يوغان بىر پارقىراق چىۋىن تورغا چۈشۈپ قالدى. ئۇنىڭ گىژىلدىغان ئاۋازى سىنىپنى بىر ئالدى. ئىككىسى قاتتىق ئېلىشتى. مېنىڭ دەرسكە دىققەت قىلماي بۇلۇڭغا قاراپ تۇرغىنىمنى ماتېماتىكا سۆزلەۋاتقان مۇئەللىم كۆرۈپ قالدى. چىۋىن ناھايىتى سەت ئاۋاز چىقىرىپ قۇم چاينىغاندەك چىشنى قېرىشتۇراتتى. مۇئەللىم بىر ئالىيىپ بۇلۇڭدىكى ئۇزۇن سۈپۈرگە بىلەن ئۆمۈچۈكنى، تورى ۋە چىۋىن بىلەن قوشۇپلا سۈپۈرۈپ چۈشۈرۈۋەتتى. ئۆمۈچۈك تامغا قاراپ قېچىۋىدى، يوغان ئاياغ كېلىپ ماچچىدە ئېزىۋەتتى...
    ئىختىيارسىز ئايىغىمغا قارىدىم. كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى. نېمە ئويلىساممۇ ئاخىر شۇنداق كۆڭۈلسىز چۈشىدۇ. بۇنىڭ قانداق ئىش ئىكەنلىكىنى كىم بىلسۇن. بىر دوقمۇشتا توختاپ مۇزدوغ ئىچتىم. كۆڭلۈم ئېچىلمىدى. بېشىم ئېغىرلىشىپ كەتتى. خۇددى باش سۆڭىكىمگە قۇم قۇيۇپ قويغاندەك.
       ساقال ئالدۇرۇش مەن ئۈچۈن ئەڭ ئاۋارە بىر ئىش ئىدى. ئۆزۈم ئالسام ئۇ يەر-بۇ يېرىمنى كېسىۋالاتتىم. ساتىراشخانىدا بولسا چىۋىننىڭ گىژىلدىغان ئاۋازىنى جىمجىت ئاڭلاپ ئولتۇرۇش، سېسىق پۇراق، يەنە ئۇستۇرىنىڭ كىتىرلىغان ئاۋازى مېنى زېرىكتۈرەتتى. ئاندىن ساتىراشنىڭ ئېڭەكنى موتاپ ئۇۋۇلاشلىرى... بۇ ساتىراشخانىغا بۇرۇن كىرىپ باقمىغانىدىم. ساقلاپ ئولتۇرغانلار بىرنەچچە ئادەم بولۇپ، ساتىراش بىر ئىكەن. ساتىراشقا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. ئۇنىڭ قاشلىرى تىك، بۇرنى پاناق ھەم قارا ئىدى. ئۇنىڭ تۇرقى كىشىنى ئەندىشىگە سالاتتى. ئۇ ھازىرلا ساقىلىنى ئالدۇرۇۋاتقان كىشىنى بوغۇزلىۋېتىدىغاندەك تۇراتتى. ئۇ ئادەممۇ ھەم ئۆلۈمنى كۈتۈپ تۇرغاندەك كۆزىنى يۇمۇپ ياتاتتى. مەن ساقال ئالدۇرۇشتىن يالتىيىپ چىقىپ كەتتىم.
    مەن نېمىدېگەن ئۇنتۇغاق. «ھەي، باقى» دېگەن ئاۋازنى ئاڭلاپلا ھەممىنى ئېسىمگە ئالدىم. ھازىر خۇددى چۈشۈمدىن ئويغانغاندەكلا ئەتىگەندىن بۇيانقى بىر خىل كۈتۈش تۇيغۇسىنىڭ سەۋەبىنى بىلدىم. بۈگۈن تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى، ئۇنى مەن چۈشتە ناخشا-ئۇسسۇل كۆرۈشكە تەكلىپ قىلغان. ئۇ كۈلۈپ تۇراتتى. ئۇ چىرايلىق ياسىنىۋالغانىدى. مۇشۇنداق كۈندىمۇ مەندە ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىغا كۈلۈۋاتقاندۇر بەلكىم، ئويۇننىڭ باشلىنىشىغا خېلى ۋاقىت بولغاچقا ئۇنى تاماققا زورلىدىم. بىز يېقىنلا يەردىكى بىر ئاشخانىغا كىردۇق. مەن نېمە تەييار بولسا شۇنى ئېلىپ كېلىشنى بۇيرۇدۇم. تاماق كەلگەندىن كېيىن، مەن ئۇنىڭدىن نېمە يەيدىغانلىقىنى سورىمىغانلىقىمنى ئەسكە ئالدىم. ئۇنىڭ ئىسمى ئاپئاق ئىدى. ئاڭلىسام كىچىكىدە ئەركىلىتىپ قويۇپ، كېيىن ئىسىم بولۇپ ئۆزلىشىپ قاپتۇ. بۇنى ئۆزى دەپ بەرگەن.
    تىياتىرخانا بالدۇرلا ئادەمگە توشۇپ بولۇپتۇ. تەستە ئۆز ئورنىمىزنى تېپىپ ئولتۇردۇق. سەھنىدە قېنىق گىرىم قىلىۋالغان ئېلانچى كۆرۈنۈپ بىرنېمىلەرنى دەپ كىرىپ كەتتى. ئاندىن ئېزىلەڭگۈ مۇقام ئاۋازى ئاڭلاندى. كەمچەت تۇماقنى قىڭغىر كىيىۋالغان قىز لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشتى. ماڭا ئۇ ھازىرلا تۇماقنى تاشلاپ دېسكوغا چۈشۈپ كېتىدىغاندەك تۇيۇلدى. ئاپئاق قولۇمنى نوقۇپ «نېمىشقا گەپ قىلمايسىز؟» دېدى. مەن بىردەم تېڭىرقاپ قالدىم. ئۆزۈمنىڭ خىيالى بىلەن بولۇپ كېتىپتىمەن، «كاناينىڭ ئاۋازى بەك قاتتىق ئىكەن» دەپ قويدۇم. مەن ئۇنىڭ چىرايىغا بىرىنچى قېتىم كۆرۈۋاتقاندەك قاراپ كەتتىم. ئۇ چىرايلىق، چاققانلا كۆرۈنەتتى. خۇددى سەل قوپاللىق قىلىپ قويسىلا توزۇپ كېتىدىغان گۈلدەك ئاجىز تۇيۇلۇپ، گېپىممۇ يۈتۈپ كەتتى. ئۇمۇ باشقا گەپ قىلمىدى. سەھنىگە باشقا بىر قىز چىقىپ بىرنەچچە قېتىم تەزىم قىلدى. كىشىلەر چۇقان سېلىپ ئالقىش ياڭراتتى. ئۇنىڭ ئاۋازى شۇنداق چىڭ، بىر كانايمۇ دەل بىزنىڭ ئۇدۇلىمىزدا ئىكەن. زال ئىسسىپ ھاۋاسىمۇ بۇزۇلۇپ كەتتى. ناخشىچى ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ چىرقىراپ ناخشا ئېيتقاندا، مېنى قارا تەر بېسىپ كەتتى. ئاۋازى سەل پەسەيگەندە سەل ئارام ئالغاندەك بولۇپ قالدىم. يەنە بىر كۆتۈرۈلگەندە يەنە شۇنداق قارا تەر قاپلاپ كەتتى. ئۇنىڭ ساغرىسىنى ئانچە-مۇنچە ئىغاڭلىتىپ قويۇشى تېخىمۇ قۇلاشمىدى. قىز يەنە قولۇمغا نوقۇپ قويدى. مەن ئۇنىڭغا قارىدىم. شۇ تاپتا مېنىڭ بىردەممۇ ئولتۇرغۇم يوق ئىدى. مەن ئۇنىڭغا يېقىن كېلىپ:
    −بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ئىكەن،−دېدىم. ئۇ:
    −بۈگۈن چېسلاغا نەچچە؟−دەپ سورىدى.
    −يىگىرمە،−دېدىم.
    ئۇ بىرنەرسىنى ئويلىغاندەك بىردەم تۇرۇپ كەتتى. ئارقىدىن بىردىنلا چىرايى ئېچىلىپ، «ئاھ، بىلەمسىز، بۈگۈن يەنە كىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى؟» دېدى.
    −سىزنىڭمۇ؟−دەپ سورىدىم.
    −ياق، مېنىڭچە بولغاندا ھەرگىزمۇ بۇ كۈنى تۇغۇلۇشنى خالىمايتتىم،−دېدى ئۇ.
    مەن ئۇنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى ئۇقالمىدىم.
    −بۈگۈن 20-ئاپرېل، شۇنداقمۇ؟ بۇ يەنە بىر ئادەمنىڭ−ئاتاقلىق ئادەمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، ئۇ كىم، بىلەمسىز؟−دېدى ئۇ. مەن مۈرەمنى قىسىپ بىلمەيدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم. ئۇ چىرايىمغا سەپسېلىپ راست دەۋاتقانلىقىمغا جەزم قىلغاندىن كېيىن،−ئۇنداقتا ئەڭ ياخشىسى بىلمەيلا قويۇڭ، بولۇپمۇ سىزنىڭ بۇرۇتىڭىز،−دەپ قويدى. تۇرقىدىن خېلى ئەستايىدىللىق چىقىپ تۇراتتى. پاراڭ شۇنچىلىك بولدى. ئۇمۇ بىرئاز خاتىرجەم بولغاندەك تۇراتتى.
    سەھنىگە بىر ئەر ناخشىچى چىقتى. ئۇ كاستۇم-شىم كىيىۋالغان بولۇپ، قاتۇرۇپ قويغاندەك تۇراتتى. ئۇنىڭ ئىككى قولى ئوشۇقچە نەرسىدەك جايلىشىدىغان يەر تاپالماي ئاۋارە ئىدى. ئۇنىڭ تۇرقى خۇددى ئۇ ناخشا ئېيتمىسا باشقىلارنىڭ ياشىمىقى تەستەك تۇيغۇ بېرەتتى. زالنىڭ ئىسسىقى، بەتبۇي تەر پۇرىقى، ناخشىنىڭ يېقىمسىز ئاۋازى، پۇرقىراپ چىقىۋاتقان تاماكا ئىسلىرى تەسىرىدىن شۇنداق بىئارام بولۇۋاتاتتىم. ئۇمۇ زوقلىنىش سەۋىيىسى ئىنتايىن تۆۋەن تاماشىبىنلارغا قوشۇلۇپ قىزىقىپ كۆرۈۋاتاتتى. مۇنداق بولىۋەرسە ئۇنىڭدىنمۇ بىزار بولۇشۇم چوقۇم ئىدى. بۇ ناخشىلارنىڭ مەن كىچىكىمدىن ئاڭلاپ كەلگەن ناخشىلاردىن ھېچ پەرقى يوق ئىدى. ماڭا خۇددى قاپىيە ئېھتىياجىدىن توقۇلغاندەك، بۇ ناخشىلارنى يازغانلارمۇ پەسىللىك قۇشلار ئىدى. مەن ئاخىر بولالماي، «چىقىپ كېتەيلى» دېدىم. ئۇ ماڭا بىردەم قاراپ تۇردى، چىرايىدىن ھەيرانلىق چىقىپ تۇراتتى. ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ ئالدىمغا چۈشۈپ ماڭدى. بىز كىشىلەرنىڭ پۇتلىرىغا پۇتلىشىپ يۈرۈپ تەستە تالاغا چىقىۋالدۇق. بىردىنلا تالاغا چىققاچقا قۇياش نۇرى كۆزۈمنى ئاچۇرمىدى. تەرلەرمۇ ئەمدى قۇرۇيدىغاندەك تۇراتتى. خۇددى بىر دۆۋە ئادەمنىڭ تېگىدىن ئۆمىلەپ چىققاندەك بىردىنلا يەڭگىللەپ قالدىم. بىز پىيادىلەر يولىنى بويلاپ ئاستا ماڭدۇق. ئېھتىمال ئۇ «قىزلارنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشنى بىلمەيدىغان بىرنېمىكەن» دەۋاتقاندۇر. مۇنداق كېتىۋېرىدىغان بولسام، ئۇ بىرەر ئىشنى باھانە قىلىپ كېتىپ قالاتتى-دە، ئاندىن ئۆزۈم يالغۇز ئايلىنىشقا توغرا كېلەتتى. تۇيۇقسىز بىرى پېشىمنى تارتىپ توختاتتى. ئۆرۈلۈپ قارىسام بىر قەلەندەر مەككارلىق بىلەن ھىجىيىپ تۇراتتى. چۆچۈپ كەتكەنلىكىمدىن ئۇنى سىلكىۋەتتىم. ئۇ ۋارقىراپ-جارقىراپ ئۇششۇقلۇق قىلىشقا باشلىدى. مەن يانچۇقۇمدىن پۇل ئېلىپ بەردىم. ئۇ پۇلنى مەن ئىختىيارلىقىم بىلەن بەرمەي، بەلكى ئۆزى بۇلاپ ئالغاندەك قولۇمدىن ئېلىپلا قاچتى. ئاپئاق ماڭا قاراپ، «ھەي باقى، نەچچە پۇل بەردىڭ؟ سەن نېمانچە مەرد؟» دەپ مەسخىرە قىلىشقا باشلىدى.
    −نەچچە پۇل بەرگەنلىكىمگە دىققەت قىلماپتىمەن،−دېدىم مەن. مەن شۇ چاغدا ئۇنىڭدىن بالدۇرراق قۇتۇلۇشنى ئويلىغانىدىم.
    −نەچچە پۇل بەردىم؟−ئۇ دەپ بەرمىدى. مەنمۇ كوچىلاپ سورىمىدىم. شۇ تاپ، پەقەت پىكىر قىلىۋاتقان كاللاملا بوي ئېگىزلىكىمدىكى بوشلۇقتا لەيلەپ تۇرغاندەك، بەدىنىممۇ كۆنۈپ كەتكەن بىر ئادەت يۈزىسىدىن ھەرىكەت قىلىۋاتقاندەك ئىدى. بىز دۇغ ئىچتۇق. ئۇ مېنىڭ ئاچكۆزلۈك بىلەن ئىچىۋاتقىنىمنى كۆرۈپ:
    −قايسى چۆلدە ئۇسسۇز قالغانتىڭىز؟−دېدى.
    بىز بىر ئاشخانىغا كىردۇق. بۇ ئاشخانا خىلۋەتتىرەك بولغاچقا جىمجىت ئىدى. ئۇ ماڭا قاراپ گەپ قىلىشىمنى كۈتۈپ تۇراتتى. مەن بىرەر گەپ قىلىشىم كېرەك دەپ ئويلايتتىم. ئۇنىڭغا كۆڭۈل ئىزھار قىلاي دېسەم، يېقىندا توي قىلغۇم يوق ئىدى. مۇھەببەت تەلىپى قويۇش بۇ يەردە توي قىلىش تەلىپىنى قويۇش بىلەن باراۋەر ئىدى. لېكىن مېنىڭ كېيىنمۇ توي قىلغۇم يوقتەك ئىدى. ئۇ ماڭا بىردەم قاراپ تۇردى. مەن تامدىكى چىۋىنلەر رەسۋا قىلىۋەتكەن داڭلىق چولپانلارنىڭ رەسىمىگە قاراپ ئولتۇردۇم. مەن چىۋىننىڭ مۇنداق يوغان چىچىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. بىر ئايالنىڭ ئېڭىكىگە شۇنداق ياراشتۇرۇپ مەڭ ياساپ قويۇپتۇ. قىز:
    −مەن بىر گەپ قىلىپ بېرەي،−دەپ دىققىتىمنى ئۆزىگە تارتتى. مەن ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ماڭا قانداق قارايدىغانلىقىنى بىلمەيتتىم. ئۇ،−بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر مېنى ياتلىق قىلىمىز دېيىشىۋاتىدۇ، ئەلۋەتتە ئەلچى كەلگەندىن كېيىن، شۇنداق دەيدۇ-دە... سىزنىڭچە قانداق قىلسام بولار؟−دېدى.
    مەن ئۇنىڭ نېمە مەقسەتتە مۇنداق دەيدىغانلىقىنى بىلدىم. ئۇنىڭغا ئېنىق بىرەر گەپ قىلىشىم كېرەك ئىدى.
    −ناۋادا مۇۋاپىق كۆرسىڭىز بولمىدىمۇ؟−دېدىم. ئۇنىڭغا قانچىلىك دەرىجىدە ئامراق ئىكەنلىكىمنى بىلمەيتتىم. كېتىپ قالغاندا بىلىنەرمۇ؟ ئۇ ھەيران قېلىۋاتقاندەك، سۆزۈمنىڭ راست-يالغانلىقىغا ھۆكۈم قىلالمايۋاتقاندەك بىر ھازا قاراپ تۇرۇپ كەتتى. بىردەمدىن كېيىن:
    −ئەلۋەتتە نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئۆزۈممۇ بىلىمەن،−دېدى ئۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ سەل  يەڭگىللەپ قالغاندەك بولدۇم. بىراق ئەمدى ئۇنىڭ بىلەن يەنە نېمە توغرۇلۇق پاراڭلىشىش كېرەك. ئۇنىڭغا بىر قىزىق گەپ قىلاي دېدىم، لېكىن ھېچقانداق يۇمۇرلۇق گەپ تاپالمىدىم. ھەر يىلى بىرلا ۋاقىتتا بىرەرى بىلەن تونۇشۇپ قالاتتىم. بۇ ۋاقىت ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن مەنمۇ ئۇرۇنۇپ كەتمەيتتىم. ئۇرۇنساممۇ ھېچقانداق نەتىجە چىقمايتتى. بۇ خۇددى ھايۋانلارنىڭ كۈيلەش باسقۇچىغا ئوخشايتتى ھەم كۆرۈنمەس بىر تەقدىر كونترول قىلىۋاتقاندەك ھېس قىلاتتىم. ئۆزۈممۇ بۇ دەۋر دەۋرىيلىكتىن قۇتۇلالمايدىغاندەك، ئۆز ئىختىيارىم بىلەن تاللىيالمايدىغاندەك ھېس قىلاتتىم. ھازىرقى قىز بىردەمدىن كېيىن كېتىپ قالاتتى. ئارىدا ھېچقانداق تارتىشىدىغان ئىشلار يوق ئىدى. ئېسىمدە، ئۆتكەندە بىر ئايال بالىسىنى «ھەي، تۇتۇرۇقسىز بالا» دەپ چاقىرىپ قالدى. قارىسام بۇرۇن مەن ئارىلاشقان بىر قىز ئىكەن. ھازىر بالىسى يوغانلا بولۇپ قاپتۇ. ئۇ مېنى شۇنداق ئاتاۋاتقاندەك بىلىنىپ كەتكەنىدى.
    ئەمدى ئۇ ماڭا بىر سوئال بەلگىسى قويۇپ قوياتتى ھەم مېنىڭ نېمىشقا ئېنىق گەپ قىلمايدىغانلىقىمنى ئۇقالماي كېتەتتى. مەن نېمىدەپ چۈشەندۈرۈشۈم كېرەك؟ تاماق كۆڭۈلسىزلا يېيىلدى. ئايرىلىدىغان چاغدا ئۇ: «مەن سىزگە تېلېفون ئۇرىمەن» دېدى. بۇ ماڭا «مەن سىزنى ئۇنتۇپ قالمايمەن» دېگەندەك بىلىندى. ئۇ بىردەمدىلا كىشىلەر ئارىسىدا يوقاپ كەتتى.

    2

        بەك كەچ ئۇخلىغانلىقىم ئۈچۈن ئەتىگەندە تەستە قوپۇپ ئارقا-ئارقىدىن بىرنەچچە تال تاماكا چەكتىم. ئاندىن بىر چىنە سوغۇق سۇ ئىچتىم. توك سائىتىنىڭ غوڭۇلدىغان ئاۋازى، ماشىنىلارنىڭ گۈركىرىگەن ئاۋازى، كىشىلەرنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرى توختىماي ئاڭلىنىپ تۇراتتى. مېنىڭ دۈشەنبە بىلەن پەقەت خوشۇم يوق ئىدى. بۇ بىر ھەپتىدىكى باشقا كۈنلەرمۇ مۇشۇ كۈندىكىدەك زېرىكەرلىك ئۆتىدىغاندەك، شۇ بىر كۈندىكى كەيپىياتىم باشقا كۈنلەردىكى كەيپىياتىمنى بەلگىلەيدىغاندەك تۇيۇلاتتى. شۇڭا بۇ كۈنى ئۆزۈمنى تۇتۇۋالاتتىم. ئارتۇقچە ئىش-ھەرىكەتلەردە بولمايتتىم.  كۈنلىرىم ئۇ ئايدىن-بۇ ئايغا مائاش كۈتۈپ بىر خىل ئۆتەتتى. خىزمەتمۇ ئالدىراش ئەمەس ياكى بەزىدە يوق ئىدى. يولدا كېلىۋاتقىچە بىر قىز يېقىملىق كۈلۈپ سالام قىلىپ ئۆتۈپ كەتتى. مېنى ئۇ قىز تونۇيدىغاندەك ئەمەس ئىدى. شۇنچىلىك ئىشقىمۇ كۆڭلۈم ئېچىلىپ كەتتى. زېرىكىشلىك مېخانىك تۇرمۇشتا مېڭەم ھەددىدىن زىيادە سەزگۈرلىشىپ كەتكەنىدى. بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرىمگە ئىشەنچسىز تۇيغۇمنى يېتەكچى قىلىۋالغاندەك تۇراتتىم.
    ئىشخانا باشلىقى تازىلىق قىلغىلى تۇرۇپتۇ. ئۇ ئالدىدا غىڭ قىلماي تازىلىق قىلاتتى. كېيىن «ئەمگەك بىلەن خۇشى يوق» دەپ مېنى ئەيىبلەيتتى. مەن كىرىپلا سۈپۈرگىنى ئۇنىڭ قولىدىن ئالاي دېسەم، ئۇ «بىر ئىشنى قىلغاندىكىن ئاخىرغىچە قىلىش كېرەك»دېدى. ئۇ ئىشخانىدا بىر ئولتۇرۇۋالسا ھېچ يەرگە چىقىپ قويمايتتى. گېزىت كۆرسە گېزىتنىڭ بېشىدىكى «xx گېزىتى» دېگەن يەردىن ئاخىرىدىكى ھاۋا رايى مەلۇماتىنىڭ چېكىتلىرىگىچە كۆرۈپ چىقامدىكىن دەيمەن. بەزىدە توختاپ مېنى چاقىرىپ: «قارا، ماۋۇ يەرگە مۇنداق دەپتۇ. ئۇقتۇڭمۇ؟ قارا، يەنە بىر ئوقۇپ بېرەي»دەپ قايتا ئوقۇپ بېرەتتى ھەم شۇ بىرنەچچە ئېغىز سۆز مېنىڭ تەقدىرىمنى بەلگىلەيدىغاندەك، بەلكى مەن بۇنى تولۇق تونۇپ يېتەلمەيۋاتقاندەك ناھايىتى قوپال ياسالغان كۆزەينىكى ئۈستىدىن ماڭا شۈبھى بىلەن قارايتتى. مەن ئامالسىز دىققەت قىلغان قىياپەتكە كىرىۋالاتتىم. ئۇ گېزىتنى ئوقۇپ بولۇپلا ئالىقاندەك يوغانلىقتا موخۇركا قەغىزى يۆگەشكە باشلايتتى. مۆلچەرىمچە گېزىتنى شۇ كۈنىلا چېكىپ بولاتتى. بۇنىڭدا گېزىت مەزمۇنلىرى تېخىمۇ ياخشى ھەزىم بولىدىغاندەك تۇيۇلاتتى.
    خەت-چەك تارقاتقۇچى بىر ئاتكىرىتكا ئېلىپ كىردى. مەن ھەيران قالدىم. ماڭا مۇنداق نەرسىلەر كېلىپ باقمايتتى. ئۇنىڭدىن كەلدىمۇ يا؟ «ھەي باقى» دېگەن ئاۋاز ئاڭلانغاندەك بولدى. ئۇ بۇ بىنادىكى باشقا بىر ئورگاندا ئىشلەيتتى. مەكتەپ پۈتتۈرۈپ بىرىگە ئەگىشىپ بۇ يەرگە كەپتۇ. مەن كەلسەم ئۇلار بىر بالىلىق بولغانىكەن. كېيىن ئۇلار ئاجرىشىپ كەتتى. ئەمدى ئۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ قېشىغا يۆتكىلىپ كېتەتتى. يېقىندا خىزمەتتىن يۆتكىلىشكە ئورۇن تېپىش ئۈچۈن كەتكەنىدى. قارىغاندا شۇ يازغان ئوخشايدۇ. ئۇ ئادەتتە شۇنداق پۇزۇر كىيىنىپ يۈرەتتى. يۈرۈش-تۇرۇشىمۇ سالاپەتلىك ئىدى. سىرتتا سىمىلداپ يامغۇر يېغىۋاتاتتى.
    ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، ئۆيگە بارغۇم كەلمەي بىر ئاشپۇزۇلدا تاماق يېدىم. ئاندىن كوچا ئايلاندىم. مېڭىپ سەل ھارغاندا بوتكىدىلا ئازراق ھاراق ئىچىۋالدىم. گۇگۇم چۈشۈشكە باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا كوچىلار تېخىمۇ ئاۋات بولۇپ كېتەتتى. ئۆزۈممۇ ئەكسىچە خېلى روھلىنىپ قالدىم. نېمىشقىدۇر ھەر كۈنى ئىشتىن چۈشۈپ بارلىق پائالىيەتلەردىن توختىغاندا ئۆزۈمنى كۆرگەندەك، سەككىز سائەت خىزمەت قىلغان ئادەم باشقا بىرىدەك ئويلاپ قالاتتىم. پەقەت ھارغىن بەدىنىمدىلا بەلگىسى بولاتتى. شۇ ۋاقىتلاردا ئۆزۈمدە نېمىشقا بۇنداق ئۆزلۈك تۇيغۇسى بولمايدۇ؟ ناۋادا مۇشۇنداق ياشاۋېرىپ نەگە بارىدىغانلىقىم توغرۇلۇق ئويلانسام تېخىمۇ بېشىم قاتاتتى. بەزىدە خىزمەتنى تاشلاپ باشقا يەرلەرگە كەتكۈم ياكى تەۋەككۈلچىلىك قىلىپ باققۇم كېلەتتى. ئويلىرىمنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، رىتىمىمدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايتتى. يەنە ئوخشاشلا ياشاپ كېلىۋاتاتتىم. بەزىدە بۇرۇنقى تۇرمۇشۇم تەكرارلىنىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلاتتىم.
    قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىغاندا يوللار بىرئاز تىنجىدى. شەھەر سىرتىدىن ئەزان ئاۋازى ئاڭلانغاندىن كېيىن، قايتىپ كېتىشنى ئويلىدىم.

    3

    بۇ كۈنى ئىشخانا بەك ئىسسىق، مۈگدەپلا ئولتۇردۇم. شامالدۇرغۇچنىڭ باشنى ئايلاندۇرىدىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئۇدۇلدا ئولتۇرىدىغان مۇدىر ماڭا گېزىتتىن بىرنېمىلەرنى ئوقۇپ بېرىۋاتاتتى. لېكىن مەن ئۇيقۇسىراپ كەتكەنلىكىمدىن كۆزلىرىمنى تۈزۈك ئاچالمايۋاتاتتىم. ئۇ ئوقۇپ بولۇپ ماڭا قارىدى. مەندە ھېچقانداق ئىپادە يوقلۇقىنى كۆرۈپ چېچىلىپ كەتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بىزدەك بالىلار ئۇلاردەك جاپالىق تۇرمۇشنى، ئۆتمۈشنى كۆرمەپتۇق. شۇڭا ھەممە ئىشتىن خەۋەرسىز بىخۇد يۈرىدىكەنمىز. بۇ ئۇنىڭ ئاي بېشىدا دەيدىغان گېپى. ئاي ئاخىرىدا تۇرمۇشىدىن زارلىنىدۇ. ئۆزىچە ئۆزىنى ئاقسۆڭەك ئەۋلادى قىلىپ كۆرسىتىدۇ. بەزىدە بىزار بولۇپ پېنسىيىگە چىقىپ تىجارەت قىلغۇسى كېلىپ كېتىدۇ. ئۆزىنىڭ ئىككى ئىنىسىنىڭ بايلىقىنى ماڭا ئېزىپ چۈشەندۈرىدۇ. بۇنداق چاغدا ئوغلىنى ئۆيلەشكە پۇل سوراپ بارسا ئىنىلىرىنىڭ بەرمىگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئىشقىلىپ مەن مۈگدەپ ئولتۇرۇۋەردىم. كېيىن ئۇ چېچىلىپ چىقىپ كەتتى. مەن ئەمدى بىردەم ئۇخلىۋالساممۇ بولاتتى. تېخى ئەمدى ئۇخلىغانىدىم، بىرى مۈرەمدىن تۇتۇپ قورۇدى. مەن بېشىمنى ئەمدىلا كۆتۈرۈشۈم بىلەن كۆزۈمنى ئېتىۋالدى. ئارقىدىن مەززىلىك ئەتىر پۇرىقى نەپسىمگە ئۇرۇلدى. ئۇيقۇم تولۇق ئېچىلىپ كەتمىگەچكە دەماللىققا ئاڭقىرالمىدىم. تېخىمۇ يېقىن كەلگەندە تونۇدۇم. يۈرىكىم ئىختىيارسىز ئىللىققىنا سوقۇپ كەتتى. دىل قايتىپ كەپتۇ. ئۇ كۆزۈمنى قويۇۋەتكەندە دېرىزىدىن كىرگەن كۈن نۇرى كۆزۈمنى ئاچۇرمىدى. ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەي دېسەممۇ يالغاندىن ھىجىيىۋاتقاندەك بىلىندى. ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشتىم. ئۇنى سېغىنىپ كەتكەندەك ئىدىم. ئىشقىلىپ بىر نەرسەم كەمدەك تۇراتتى. ئۇنى قۇچاقلىماقچى بولدۇم. ئۇ بۇنى بىلىپ ئىتتىك ئارقىسىغا ئۆرۈلدى ۋە بىر قىزچاقنى يېتىلەپ كىردى، «بۇ مېنىڭ كىچىك سىڭلىم بولىدۇ» دېدى. ئۇنىڭ ئالدىمغا مېڭىپ كەلگەن ۋاقتىدىكى قىياپىتى ئەركىن-ئازادە ئىدى. مەن بىر كۆرۈپلا ئۇنىڭ ئاجايىپ يېقىشلىق قىز ئىكەنلىكىنى بىلدىم. بۇ چىرايلىق قىزچاق ماڭا ئۇنى بۇرۇن كۆرگەندەك ھەم بىر مەزگىل ئايرىلىپ كېتىپ يەنە بىر كۆرۈشكەندەك تۇيغۇ بەردى. ئۇ ئاچىسىدەك تولغان بولمىسىمۇ، بەك ئوماق، جەزىبىلىك كۆرۈنەتتى. ئۇ ماڭا تىكىلىپ قاراپ كەتتى. مەن تېخىچە ئۇيقۇدىن تازا ئويغىنالمىغاندەك تۇراتتىم. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن مېنىمۇ سېغىنغانلىقىنى سېزىۋالدىم. كۆزلىرىدىن بىر خىل مەنە چىقىپ تۇراتتى. ئاخشام ئۇيقۇم قېچىپ ئۇخلىماي دېگۈدەك تاماكا چېكىپ چىققانىدىم. ئەمدى نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن بىرنەچچە كېچىنى ئويلاپ ياتمىغان بولغىيدىم دەپ قالدىم. ئۇنىڭدىن تارقىغان مەززىلىك ئەتىر پۇرىقى قايسى بىر ئەتىگەنلىكىدىكى ئۈنئالغۇدىن ياڭراۋاتقان يېنىك مۇزىكىنى تىڭشاپ ھۇرۇنلۇق بىلەن شۇ پۇراق ئىچىدە ياتقان ۋاقتىمنى ئېسىمگە كەلتۈردى. ئۇ كۈنى شۇ يېقىملىق پۇراق مېنى ئەللەيلەۋاتقاندەك زادىلا ئۇيقۇمنى ئاچالمىغانىدىم. ئۇنىڭ قېشىدا كىچىك بالىسى يوق تۇراتتى. مەن ئىما قىلىپ، «ئۇ قېنى» دېدىم. ئۇ «بالام ئۆيدە. ئاتا-ئانامنىڭ قېشىدا قالدى» دەپ چۈشەندۈردى. ئارقىدىن «ھېلىقى ئىشمۇ پۈتۈپ قالدى. ئۇقتۇرۇش قەغىزى كەلسىلا يولغا چىقىمەن» دەپ قوشۇپ قويدى. ئۇ كېتىدىغان يەر ماڭا ناھايىتى يىراق بىلىنەتتى. مەن تېخىچە ئۇنىڭدىن قاچان كەلگەنلىكىنى سورىمىغانىدىم. ئازراق ئارىسالدى بولۇپ سورىدىم. ئۇ: «ئەتىگەن كەلدۇق. ئۆينى بىر قاتار يىغىشتۇرۇپ، كىيىم-كېچەكلەرنى ئالماشتۇرۇپ ئەمدى بىكار بولۇشىمىز» دېدى. سىڭلىسى شۇ تاپ ئاچىسىغا يۆلىنىپ ماڭا قاراپ تۇراتتى، «سىز بەك ئاكامغا ئوخشايدىكەنسىز» دېدى ئۇ. مەن ئۇنىڭغا كۈلۈپ قويدۇم. ئۆزۈمگە ھىجىيىپ قويغاندەك بىلىنىپ كەتتى. دىل: «ئۇنىڭ ئىسمى ياشار، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەردى» دېدى. كېتەر چاغدا مېنى كەچلىىك تاماققا تەكلىپ قىلىپ قويدى. سىڭلىسى ياشار «چوقۇم كېلىڭ» دەپ جېكىلىدى. مەن ئۇلارنىڭ قەدەم تاۋۇشى يۈتكۈچە مەڭدەپ تۇردۇم. ئىشخانا ئىچىدە ئۇنىڭ يېقىملىق پۇرىقى لەيلەپ تۇرغاندەك تۇيۇلاتتى.
    ئىشتىن چۈشۈپ بىرەر سائەتتىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باردىم. ئىشىكنى چېكىشىمگە سىڭلىسى ياشار چىقىپ كەلدى. ئۇ خۇشال ھالدا ئۆيگە باشلىدى. ئۆي بەك سالقىن بىلىنەتتى. دىل ئاشخانا ئۆيدىن چىقىپ، “ۋاقتىدا كەلدىڭىز، ھازىرلا تاماق تەييار بولىدۇ« دېدى ۋە ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ بۇنچىلا خۇشاللىقىدىن بىرئاز خىجىل بولۇپ قالدىم. ئۇلارنىڭ مۇنچىلا قىزغىن كۈتۈشىگە ئەرزىگۈدەك نېمە ئالاھىدىلىكىم بارلىقىنى ھېچ ئۇقالمىدىم. دىل ماڭا كۆپ قېتىم تاماق ئېتىپ بەرگەنىدى. يەنە باشقا ئىشلارمۇ بار. ئەمما مەن ئۇنىڭغا ھېچنەرسە قىلىپ بەرمىگەنىدىم. ياشار ماڭا بىردەمدىلا ئامراق بولۇپ كەتتى. ئۈنئالغۇدىن يېقىملىق مۇزىكا ياڭراپ تۇراتتى. ئاشخانا ئۆيدىن مەززىلىك قورۇما پۇرىقى كېلەتتى. ياشار كرىسلودا ماڭا يېقىن ئولتۇرۇپ بىرنېمىلەرنى سورايتتى. ئاغزىمغا تاماكىنى قىستۇرۇشۇمغا ئۆزى تۇتاشتۇرۇپ قويدى. ئۇ ھەر بىر ھەرىكىتىمگە سەپسالاتتى. مەن ئارىمىزدىكى ئىشلار توغرۇلۇق ياشارنىڭ قانچىلىك خەۋىرى بارلىقىنى بىلمەيتتىم. ئۇ«ھالقا چىقىرالامسىز؟ ئاكام بىر شوراپ نۇرغۇن ھالقا چىقىرالايدۇ» دەيتتى. ھالقا چىقىرىپ بەردىم. دەسلەپ ساناپ ئوينىدى، كېيىن ئۇ ماڭا ئۇدۇل بولۇۋېلىپ ئاغزىمدىن چىققان ھالقىلارنى بىر-بىردىن بۇزدى. قولىنى بارا-بارا ئاغزىمنىڭ ئۇدۇلىغا ئەپكەلدى. ئۇنىڭ قولىنى چىشلىۋالدىم. ئۇ ۋارقىراپ كەتتى. ئەسلى ۋارقىرىغۇدەك قاتتىق چىشلىمىگەنىدىم. ئاغرىتىۋەتتىڭىز دېگەندەك دومسىيىپ قويدى. ئۇ كۆزۈمگە بەك ئىسسىق كۆرۈنەتتى.
    تاماقمۇ پىشتى. ئۇ لەڭمەن ئېتىپتۇ. باشقا تاماقتىن لەڭمەننى بەكرەك ئوخشىتىپ ئېتەتتى. ئېسىمدە، بىر قېتىم دۆۋە بىر تەخسە لەڭمەن ئېلىپ كىرسە ئىككى تارتىپلا يەپ بولدۇم. ئۇ ئاشخانىغا كىرىپ ئاچچىقسۇ ئېلىپ چىقىپ قۇرۇق تەخسىنى كۆرۈپ تۆكۈۋەتكەن ئوخشايدۇ دەپ يەرنى ئىزدەشتۈرگەنىدى. شىرەنىڭ ئۈستىگە تاماق كەلدى. تاماق يېگەچ دىل ماڭا مەنىلىك قارايتتى. تۇرقىدىن «سىڭلىمنى ئېلىپ كەلمىسەم بوپتىكەن» دېمەكچى بولغاندەك تۇراتتى. ئىلگىرى بىز دائىم تاماقنى سوۋۇتۇپ قوياتتۇق. مەن: «بۈگۈن تاماقنى قىزىقىدا يەيدىغان بولدۇم» دېدىم. دىل نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىمنى بىلىپ كۈلۈپ كەتتى. تاماق يېيىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ يۆتكىلىپ بارىدىغان ئورۇننىڭ ئەۋزەللىكىنى بىردەم سۆزلىدى، «سىزنىمۇ يۆتكەپ قويۇش قولۇمدىن كېلىدۇ. بىز بىلەن كېتەمسىز» دەپ سورىدى. ئۇ بۇنى چاقچاق ئارىلاش دېدى. مەن بۇنى توي قىلىش تەلىپىگە يېقىنراق مەنىدە چۈشەندىم. ئۇ ھەقىقەتەن كېلىشكەن ئايال ئىدى. مەن دائىم ئۇنىڭ ئېسىل سالاپىتىدىن زوقلىناتتىم. مەن بىردەم تۇرۇپ، «ماڭا ھەممە يەر ئوخشاشمىكىن دەيمەن» دېدىم.
    ئىشقىلىپ مەن ھەممە يەردە ئوخشاشلا زېرىكەتتىم. مېنىڭ ھازىر ئويلايدىغىنىم مۇشۇنداق ياشاپ قانچىلىك بەرداشلىق بېرىش ئىدى. مەن ئۇنى سېغىنغان، يالغۇز ئۇيقۇسىز قالغان چاغلىرىمدا ئۇنى يېنىمدا دەپ ئويلاپ كېتەتتىم. ئۇ ماڭا خۇددى بىرىنچى قېتىم قاراۋاتقاندەك قاراپ كەتتى. ئۇ بىرئاز جىلە بولۇۋاتاتتى. ئۇ «مەن بۇ يەردە كۆپ تۇرالمايمەن»دېدى. مەن ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى بىلدىم. مەن نېمىدەپ تەسەللى بېرىشنى بىلەلمىدىم. ئۇ كەتسىلا يەنە كۆرۈشۈش تەس بولاتتى. ئۇ يەر ماڭا شۇنداق يىراق بىلىنەتتى. بۇ يەردە ئۇ مۇنداق كېتىۋېرىشنى خالىمايتتى. لېكىن مەن «سىزنى ئىزدەپ بارىمەن» دېمىدىم.  يالغان سۆزلىگۈم يوق ئىدى. مەن پەقەت ئارقا-ئارقىدىن تاماكا چېكەتتىم. ئۇنىڭ ئەتە ئىشقا چىققۇسى يوقتەك تۇراتتى. سىڭلىسى كىرگەندە «مەن قايتاي» دەپ ئورنۇمدىن تۇردۇم. ياشار «ئاكا، ئەتە كېلەمسىز؟» دەپ سورىدى. مەن «ئەتە چوڭ ئانامنىڭ قېشىغا بېرىپ كېلەيمىكىن» دېدىم. دىل چوڭ ئانامنىڭ يالغۇز تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلەتتى. شۇڭا سىڭلىسىغا «ئۇ كېيىن كېلىدۇ. زورلىمايلى» دېدى.

    4

         سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرماي  ئۇنى ئويلىدىم. ئويلىغانسېرى سىڭلىسى ئىككىسىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىپ بىئارام بولۇپ كەتتىم. بۇ يەردە ئۇنىڭ پۇرىقى يوق ئىدى. بۇزۇق توك سائىتى بىر خىل زېرىكىشلىك غوڭۇلداۋاتاتتى. مەن ئەتىگەندە تاماق يەپ ئادەتلەنمىگەنىدىم.
    ۋاقىت توشقاندا ئىشقا باردىم. ئىشخانا مۇدىرى مېنىڭ خېلى بۇرۇن كەلگەنلىكىمدىن رازى بولغاندەك تۇراتتى. ئەتىگەندە بىرەر سائەت جىم ئولتۇرۇپ ئىشقا كىرىشىپ كېتەتتۇق. تاكى ئۇ ئېغىر، قوپال كۆزەينىكىنى شىرەگە تاراققىدە قويغاندا بۇ ئېغىر جىمجىتلىق بۇزۇلاتتى. ئاندىن يېڭى گېزىتلەرنى شاراقشىتىپ ئېچىپ كۆرۈشكە باشلايتتى. ئۇ ماڭا نەچچە ئون يىللاپ تانىدىن چۈشمىگەن دارۋازدەك كۆرۈنەتتى. ئۆتكەندە «مۇدىرلىقتىن قالدۇرۇۋېتىدىكەن» دېگەن گەپ تارقىلىپ ئاغرىپ يېتىپ قالغاندا يوقلاپ بارسام سارغىيىپ تۈگىشىپلا كېتىپتىكەن. ئۇ شۇ چاغدا ماڭا ئۇزۇن قاراپ «سەن كەلگۈسى ئىز باسار، ئۆزۈڭ ياخشى يىگىت، شۇغىنىسى ئۆيلىنىۋالساڭ ياخشى بولاتتى» دېگەنىدى. مەن ئۇنىڭ نېمىگە ئاساسەن شۇنداق دەيدىغانلىقىنى پەقەت ئۇقالمىدىم. كېيىن كېسەللىكتىن بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قالدىم. شۇ چاغدا ئۇ ماڭا ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك كۆرۈنگەنىدى. پىلىلداپ قالغان كۆزلىرىدىن داردىن چۈشۈپ كېتىۋاتقاندەك ئەنسىزلىك چىقىپ تۇراتتى.
    چۈشتىن كېيىن ئانچە ئىش بولمايتتى. چوڭ ئانامنىڭ قېشىغا بالدۇرراق باراي دېگەن ئويدا ئىدىم. بىرەر سائەتتىن كېيىن ئۇ كۆزەينىكىنى تاراققىدە قويدى. ئاندىن تاقىر بېشىنى بىردەم ھۇزۇرلىنىپ سىلىدى. مەن شۇندىلا خۇش بولاتتىم. ئۇ تارتمىسىدىن شاھماتنى ئېلىپ «كېلە ئۇكا، بىرەر پەدە تارتىشايلى» دېدى. ئۇ دامكا ئوينايتتى. ئۇتۇۋالسام ۋاقىت توشۇپ كەتسىمۇ قويۇۋەتمەي ئوينايتتى. چېچىلىپ ئۇششۇقلۇق قىلاتتى. بىرەر ئىشىم بولسا بىرەر مەيدان ئوتتۇرۇپ بېرەتتىم. بۈگۈنمۇ ئىككى مەيدان ئۇتتۇرۇپ بېرىپ ئاندىن رۇخسەت سورىدىم. بۇنداق چاغدا قانداق تەلىپىم بولسا قوشۇلاتتى.
    چوڭ ئانام خېلىلا قېرىپ قالغانىدى. ئۇ بەك تىرىشچان ئىدى. باشقىلارغا يۆلىنىۋالمايتتى. مەن ئىشىكنى ئاچقاندا ئىشىك غىچىلداپ كەتتى. بۇ ئاۋاز بىر خىل قەدىناس ئاڭلىناتتى. چوڭ ئانام بۇلۇڭدىكى ئوقۇردا ئولتۇرۇۋېلىپ كىچىك قوزىچاقنىڭ ئوت يېيىشىگە قاراپ ئولتۇرۇپتۇ. مەندىن ئۇزۇنغىچە تىنچ-ئامانلىق سورىدى، «كەلمىدىڭ» دەپ كايىدى. مەن «باراي دېسەم بارالمايدىكەنمەن» دېدىم. كېيىن «ئىسمىڭ نېمە ئىدى؟» دەپ سوراپ، مەن جاۋاب بەرگۈچە يەنە تېپىۋالدى. مەن ئۇنىڭ قاداق قولىنى تاتىلاپ قويدۇم. ئۇنىڭ قولى ھېلىلا ئوت ئالغاچقىمۇ كۆك تۇراتتى. ھويلىدىكى قېرى چىلان دەرىخى شۇ پېتى تۇرۇپتۇ. كىچىكىمدە دائىم ئۇنىڭدىن غۇلاپ كېتىپ چۈشەپ قالاتتىم. مېنى ئۆيگە باشلاپ ماڭغاندا قوزىچاق ئوقۇردىن چۈشۈپ بىزنىڭ ئالدىمىزدا دالان ئۆينىڭ سۇپىسىغا چىقىپ ماياقلاشقا باشلىدى.
    چوڭ ئانام «چۈشە مەرەز» دەپ ۋارقىرىدى. قوزىچاق ماياقلىغاچ پەسكە چۈشتى، «بۇ تايلاق ناماز ئوقۇۋاتسام جاينامازدا تۇرۇۋېلىپ نامىزىمنى ناماز قىلمايدۇ» دەپ ئۇنى قوغلاپ چىقاردى.
    مەن خىيال سۈرگەچ ئوڭدا ياتتىم.
    موماي «چۆپ ئېتىپ بېرىمەن» دەپ قويغان نەرسىسىنى تاپالماي ئاۋارە بولاتتى. مەن «موماي يالغۇز ياشىغىنىغا ئۇزۇن بولۇپ كەتتى. ئەجەبا زېرىكمەمدىغاندۇ؟ ناۋادا مەن ئاشۇنچىلىك ياشاپ مۇشۇ ھالدا قالسام چوقۇم چىدىيالماي قالغان بولاتتىم» دەپ ئويلاپ قورقۇپ قالدىم.
       تاماق بەك ئوخشاپتىكەن. ئۇ تاماقتىن كېيىن ئۇزۇن دۇئا قىلدى. قوزىچاق بىزگە قاراپ پەگادا تۇراتتى.
    مەن بالدۇرلا يېتىۋالدىم. بۇ ئۆينىڭ بۇرۇنقى قايناقلىقىنى، كىچىك ۋاقتىمىزنى ئەسلىدىم. ئۇ چاغدا بۇ ئۆي شۇنداق يوغان بىلىنەتتى. چىلان دەرىخى ئاجايىپ ئېگىز كۆرۈنەتتى. ھازىر ئەكسىچە ئىدى. چوڭ ئانام ئوقۇردا ئولتۇرۇۋېلىپ قوزىچاققا قولىدا ئوت بېرىۋاتاتتى. بىردەمدە ئۇخلاپ قاپتىمەن. چۈشۈمدە كىچىكىمدە كىرىشتىن قورقىدىغان تاشلاندۇق ئۆيگە كىرىپتىمەن. ئۇ يەردە بۇرۇنقىدىنمۇ كۆپ ئۆمۈچۈك تۇرغۇدەك. چىشىمنى سانىۋالمىسۇن دەپ ئاغزىمنى مەھكەم يۇمۇۋالدىم. ئويلىمىغان يەردىن قاشلىرىم، كىرپىكلىرىم تۆكۈلۈۋاتقۇدەك، ۋارقىراي دەپ ئاغزىمنى ئاچسام چىشلىرىممۇ تۆكۈلۈپ كەتكۈدەك. ئۆزۈمنىڭ تۇرقىنى قىياس قىلىشقا شۇنچە ئۇرۇنسام ئەسلىيەلمىگۈدەكمەن. ئۆمۈچۈككە ئوخشاپ قالغاندىمەنمۇ دەپ ئۆزۈمگە قارىسام، كۆزلىرىم تورلىشىپ ھېچنەرسە كۆرەلمىگۈدەكمەن. ئۆمۈچۈكلەرنى دەسسەپ يانچىۋېتەي دېسەم، غايىبتىن بىر ئاۋاز «ئۆلتۈرمە، دۆدە دېگەن دۆلەت» دېگۈدەك. ئاۋازىم چىقمايدۇ. سەھەردە بىرىنىڭ پىچىرلاپ بىرنەرسە ئوقۇۋاتقىنى ئاڭلانغاندەك قىلدى. كۆزۈمنى ئاچماي خېلى ياتتىم. چۈشۈمنىڭ ئۇنتۇلۇپ قالغان يەرلىرىنى ئويلاشقا تىرىشتىم. كېيىن كۆزۈمنى ئاچسام چوڭ ئانام بېشىمدا چىشسىز ئاغزىنى يوغان ئېچىپ مېنى يوداپ ئولتۇرۇپتۇ. قولىدا بىر تۇتام چاۋا تۇراتتى. قارىغاندا جۆيلىگەن ئوخشايمەن.

    5

       بۈگۈننىڭ يەكشەنبە ئىكەنلىكى ئېنىق ئېسىمدە. بۇنداق كۈنلەردە كۆپ ئۇخلاپ كېتەتتىم. بۈگۈن دىلنىڭ ئۆيىگە بېرىشىم كېرەك ئىدى، بولمىسا ئۇ سىرتقا چىقماي ئولتۇرۇپ قالاتتى. چۈشكە يېقىن دىلنىڭ ئۆيىنڭ ئىشىكىنى چەكتىم. ياشار چىقىپ كەلدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ كەتكەندەك بىلىندى. قولۇمنى چوڭلاردەك سىقىپ كۆرۈشتى. دىلنىڭ كۆزلىرى كۆپ ئۇخلىغاچقىمۇ خۇمارلىشىپ قالغاندەك تۇراتتى. تۇرقى تېخىمۇ ئېسىلزادە، لاتاپەتلىك كۆرۈنۈپ كەتتى. مەن ئۇنىڭدىن زوق ئالالايتتىم. قانداقلا بولمىسۇن ئۇلارنىڭ مېنى مۇنداق قارشى ئېلىشىدىن بىرئاز قىسىلىۋاتاتتىم. ئۇلار تاماق ئەتكەنىكەن، «ياخشى مېھمان تاماققا» دەپ دىل ئالدىمغا ئۈگرە ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئۈگرىنى بەلەن ئېتىپ بېرەتتى.
    بىز سىرتقا چىقتۇق. ئىسسىق بىرئاز يانغانىدى. كوچىلار ئادەملەر بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ. ياشار توختىماي گەپ سورايتتى. ئۆزى تۇرغان شەھەر بىلەن بۇ يەرنى سېلىشتۇراتتى. مەن ئۇلارغا چوڭ ئانامنىڭ پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشۈپ يەنە ھېچ ئىش بولمىغاندەك قوپۇپ ئىشىنى قىلىۋېرىدىغانلىقىنى دەپ بەردىم. ياشار يەنىچۇ، دەپ كۆزۈمگە كىرىۋالدى. ئامالسىز يالغاندىنمۇ قوشۇپ دەپ بەردىم. ئۇ تولا كۈلۈپ ئەتراپقا قاراشنىمۇ ئۇنتۇپ قالدى. بۈگۈن ئۆزۈممۇ ئېچىلىپ قالغاندەك تۇراتتىم. دىل ئاز گەپ قىلاتتى. ئۇنىڭ تۇرقى غەمكىن ئىدى. ئۇ: «باقى، تۈنۈگۈن دېگەن گەپنى ئويلاپ باقارسەن، مەن ساڭا راست دېدىم» دېدى. مەن ئويلاپ قالدىم. شۇنداق ئۇ كېتەتتى. ئەسلىدىمۇ مېنىڭ بۇ يەردە تارتىشقۇدەك بىرنەرسەم يوق ئىدى. ئۇ يەردە ياكى بۇ يەردە تۇرساممۇ بەرىبىر ئوخشاش ئىدى. ئەلۋەتتە، ئۇ مېنى ھېچنەرسىگە زورلىمايتتى. مېنىڭ ھازىر ئويلاۋاتقىنىم يەنە قانچىلىك مۇشۇنداق ياشاش ئىدى. مەقسەتتىن گەپ ئېچىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بەزىدە ئويلىسام ئۆزۈمنىڭ بىرەرمۇ ساق ئەزايىم يوقتەك، بىر كۈنى مەن تۇيۇقسىزلا ئۆلۈپ قالىدىغاندەك تۇيۇلاتتى. بۇمۇ ئانچە مۇھىم ئەمەس، مومايچىلىك ياشىسام قانچىلىك قىينىلىپ كېتىشىمنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى. ئۇنىڭغا ھېچقانداق سەۋەب كۆرسىتەلمەيتتىم. ياشار ئەركىلەپ خىيالىمنى بۇزۇۋەتتى. ئۇ ئاچىسىنى ئۇنتۇپلا قالدى. مەن ئۇنى يېشىغا قارىغاندا بالدۇر يېتىلگەندەك ھېس قىلدىم. ئۇنىڭ مۈرىلىرى تولغان، ۋايىغا يەتكەن قىزلاردەك تولۇق ئىدى. بىز سوغۇق ئىچىملىكلەر دۇكىنىغا كىردۇق. ئۆزۈممۇ ئىككى بوتۇلكا پىۋا بۇيرۇپ ئۇلارغا مارۇژنا بۇيرۇدۇم. بىر ئىستاكان قۇيۇپ قويمايلا ئىچىۋەتتىم. بىز يەنە باشقا پاراڭلارنى قىلدۇق. ئارىلىقتا ياشار ماڭا قاراپ: «ئاكا، قىزىرىپ كەتتىڭىز، مەن ئىچىۋېتەي» دەپ بىر ئىستاكان قۇيۇپ ئىچىۋەتتى. بىردەمدە قىزىرىپ كەتتى. شۇ تۇرقىدا ئۇ بەك ئوماقلىشىپ كەتكەنىدى. مەن قايتا بەرمىدىم. ئۇ نارازى بولۇپ دومسىيىپ ئولتۇراتتى.
    ئۇ يەردىن چىقىپ ئۆيگە قايتتۇق. ياشار ھارغىنىغا قارىماي «تانسا ئوينايمىز» دەپ تۇرۇۋالدى. ئۇنىڭ بىلەن بىر پەدە ئوينىدىم. دىل خېلى ھارغان بولسا كېرەك. كرىسلودا ئېزىلىپ ئولتۇراتتى. يەنە بىر مۇزىكا چىققاندا مەن تارتتىم. ئۇ كۈلۈپ كۆزلىرىدە بىر مەنىلەرنى بىلدۈرۈپ قوپتى. بىردەمدىن كېيىن دىل تاماققا تۇتۇش قىلغىلى ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى. ياشار «يەنە بىر مۇزىكىغا ئوينىۋېتەيلى» دەپ تۇرۇۋالدى. دىلنىڭ نېمىدەپ قېلىشىنى ئويلىسام بىرئاز بىئارام بولاتتىم. ياشارنىڭ قىزغىنلىقى مېنى جەلپ قىلىۋالدى. كۆزلىرىدە غۇبارسىز قىزغىن كۈلكە جىلۋە قىلاتتى. مەن ئەكسىچە بىئارام بولۇۋاتاتتىم. ئۇنىڭ ئامراقلىقىغا خۇشال بولساممۇ گاڭگىراپ قالدىم. كېيىن «تاماكا ئىسىدىن ھالقا چىقىرىپ بېرىڭ» دەپ خاپا قىلدى. ئۇنىڭ قىلىقلىرى بەك ئوماق ئىدى. پىۋا ئېزىشكە باشلىدى. مەن كرىسلوغا يۆلىنىپ كۆزۈمنى يېرىم يۇمۇۋالدىم. ئۇ بېشىنى مۈرەمگە قويۇۋالدى. چاچلىرى يۈزۈمنى غىدىقلىسىمۇ ئۇنىڭ ھالىتىگە تەسىر يەتمىسۇن دەپ چىداپ جىم ئولتۇردۇم. ئۇنىڭ چاچلىرىدىن بىر خىل پۇراق كېلەتتى. مەن بۇ پۇراقنى دىلنىڭ چېچىنىڭ پۇرىقى بىلەن سېلىشتۇردۇم. دىلنىڭ چېچىدىن ئەتىر ۋە چاچ سوپۇنىنىڭ پۇرىقى كېلەتتى. مۇنداق پۇراق ئادەمگە ھەۋەس بېغىشلايتتى. ياشارنىڭ چېچىدىن تەبىئىي بەدەن پۇرىقى كېلەتتى. بۇ خىل پۇراق كىشىنى تېخىمۇ ۋەسۋەسىگە سالاتتى. ئىككى قىزنىڭ ئۆيىدە ھېيىقماستىن مۇنداق يېتىشىم ئۆزۈمگىمۇ ئېشىپ كەتكەندەك بىلىندى. لېكىن مېنىڭ بۇ ھالەتنى بۇزغۇم يوق ئىدى. خىيالىمدا ئۆزۈم كىچىكلەپ شۇ قويۇق چاچلار ئارىسىدا ھۇزۇرلىنىپ ئېغىنايتتىم. قۇياش نۇرىدا چاچلار قىزىل، قوڭۇر، قارا ھەم سېرىق رەڭدە جۇلالىنىپ تاۋلىناتتى. كېيىن ئۈگدەپ قاپتىمەن. ئاشخانىدىكى ياشار بىلەن دىلنىڭ پاراڭلىرى قۇلىقىمغا كىرىپ تۇراتتى، لېكىن نېمە دېيىشىۋاتقانلىقى ئېسىمدە قالمايتتى. كۆزۈمنىمۇ ئاچالمايتتىم. ئۇيقۇلۇق خىيالىمدا مۇنداق بىر كۆرۈنۈشنىڭ قاچاندا روي بەرگەنلىكىنى ئەسلەۋاتاتتىم. بۇ يەردە بىر ئىش تەكرارلىنىۋاتاتتى. قورۇمىنىڭ پۇرىقى بۇرنۇمغا ئۇرۇلدى. قازاننىڭ بىر خىل قاينىغان ئاۋازى، قاچا-قۇچىلارنىڭ جاراڭ -جۇرۇڭلىرى، ئىشقىلىپ مېڭەم سەگەك ئىدى. بىر چاغدا بىر قەدەم تاۋۇشى يېقىنلاپ كەلدى. مەن پەرق قىلىشقا تىرىشتىم. ساپما ئاياغ ئاۋازىنى پەرق قىلىش سەل تەسكە چۈشتى. لېكىن قەدەمنىڭ ئېغىرلىقىغا قاراپ دىل دەپ ئويلىدىم، پۇراقچۇ؟ قورۇمىلار پۇرىقى بىلەن ئارىلىشپ كەتكەنىدى. ئۇ مېنى قۇچاقلىدى. مەن ئۇنىڭ قۇچىقىغا ئاغدۇرۇلۇپ كەتتىم.
    كېيىن ئۇخلاپ قاپتىمەن. ئويغانسام كرىسلودا يېنىچە يېتىپتىمەن. بېشىمدا ياستۇق. ئۇلار بىر-بىرىگە قاراپ ئۈن-تىنسىز ئولتۇراتتى، «غەپلەت بېسىپ ئۇيقۇغا كېتىپتىمەن...» دەپ قويدۇم. ئۇلار تەڭلا «ھېچقىسى يوق» دېيىشتى. بىر تال تاماكا چېكىۋالغاندىن كېيىن ئۇيقۇم بىر ئاز ئېچىلدى. تاماق كەلتۈرۈلدى. لېكىن ئارىدىن ھېچكىم چىش يېرىپ گەپ قىلمىدى. مېنىڭمۇ ئاغزىمغا زادى گەپ كەلمىدى. بىر چاغدا ياشار «مارۇژنا ئېلىپ كىرىمەن» دەپ چىقىپ كەتتى. دىل ئېغىر بىر ئۇھ تارتىپ قويدى. ئۇ ماڭا خۇددى «سىز بىر شەخسىيەتچى ئادەم» دېگەندەك بىلىنىپ كەتتى. مەن گەپ تاپالماي، «تېزلا كۆنۈپ قالىسەن» دېدىم. ئۇ دەرھال «ئەلۋەتتە» دېدى. چىقىپ كېتىۋاتقىنىدا ئارقىسىدىن بېرىپ چىڭ قۇچاقلاپ قويدۇم. ئۇ يۈزىنى يۈزۈمگە سۈرۈپ كەتتى...

    6

       ئۇلار كەتكىلى خېلى بولدى. مەن شۇ كۈندىن تارتىپ تاكى ئۇلار كەتكۈچە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بارمىدىم. نېمىشقىلىقىنى ئۆزۈممۇ ئۇقمايمەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇلارنى بەك سېغىنارمەنمۇ دەپ ئويلىغانىدىم. بىراق بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىزنىڭ ئاخىرى قانداق مۇناسىۋەت بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلەلمىدىم. بەزىدە بىر نەرسەم كەمدەك تىت-تىت بولۇپ قالاتتىم. ئويلىسام يەنە ئۇمۇ مۇھىم ئەمەستەك بىلىنەتتى. ھەممىدىن يامىنى ئۇيقۇمنىڭ ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى ئىدى. ئاندىن بېشىم بىر خىل ئاغرىيتتى. قاتتىقمۇ، بوشراقمۇ ئەمەس. ياتاق ئىسسىق ھەم دىمىق ئىدى، تالا تېخىمۇ. ئۇيقۇسىز كېچىلەردە بېشىمنىڭ ئاغرىقى بولمىسا زېرىكىپ قالىدىغاندەك ھېس قىلاتتىم. ئاغرىقىمنىڭ مېڭە نېرىپلىرىدىكى ھەرىكەتلىرىنى تىڭشاپ يېتىپ تالاي ۋاقىتنى ئۇقمايلا ئۆتكۈزۈۋېتەتتىم.
    كۈنلىرىم بىر خىل كېتىۋاتاتتى. ئىشخانىد امۇدىرنى بىرەر قېتىم ئەخمەق قىلىۋالسام كۆڭلۈم ئېچىلىپ قالاتتى. بىر كۈنى ئۇنى «سىز دارۋاز» دەپ ساپتىمەن. ئۇ بېشىنى شاققىدە كۆتۈرۈپ گېپىمنى نەچچە تەكرارلىدى. مەن خاپا بولارمىكىن دېسەم، ئەكسىچە دارۋاز توغرۇلۇق سۆزلەپ كەتتى. كېيىن ئاتا-بوۋىسىنى ھازىرقى بىر داڭدار دارۋازلار ئائىلىسىگە ئاپىرىپ چاتتى. مەن ئەمدى تېگىگە يەتتىم دەپ ئويلىدىم. ئۆزىمۇ دائىم يۈرەك زەئىپلىك كېسىلىنىڭ دورىسىنى ئىچىپ يۈرەتتى.
    قورققان بالا ئاخىر كەلدى. ئۇنىڭ يېشىنى پېنسىيە يېشىغا توغرا كەپتۇ دەپ يۇقىرىغا دوكلات يوللىشىپتۇ. ئۇ بىر بالىسىنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇۋېلىپ ئاندىن خىزمەتتىن چېكىنمەكچى ئىدى. ئۇنى ئورنىدىن ئايرىپ خەت-چەك تارقىتىدىغان خىزمەتكە قويدى. ئۇ كۈنى ئۇ قوشۇمىلىرىنى پۈرۈشتۈرۈپ بىر توپ ئورىگىنالنى ئالدىمغا تاشلىدى. كۆرۈپ باقمىسام قاتتىق خاپا بولغىدەك ئەلپازى بار ئىدى، ئامالسىز قارىدىم. بىر پارچە ئەرز ئىكەن.
    ئۇنىڭدا تۇغۇلغان يىلىدىن تارتىپ تاكى ھازىرغا كەلگۈچىلىك بولغان خىزمەت تارىخى بولۇپ، ئۆتكەن ھەرىكەتلەر، ئۆزىنىڭ تۇتقان يولى، تارتقان خورلۇقلىرى تەپسىلىي يېزىلغانىدى. «ئۇنىڭ ھېچقانداق قابىلىيىتى بولمىغان بىلەن ئەرز يېزىشقا خېلى ئېپى بار ئىكەن» دەپ ئويلاپ قالدىم. ئازراق يەل بېرىپ قويسام، مەغرۇرلىنىپ «چوقۇم ھەل قىلىمەن، ئاداققىچە ئېلىشقىنىم ئېلىشقان» دەپ ۋارقىراپ چىقىپ كەتتى. ئورىگىنال قىرىق ۋاراقتەك بار ئىدى. مەن ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن قاتتىق بوشاپ كەتتىم. كاللامغا نۇرغۇن خىياللار كېلىۋالدى. ئۇنىڭغا قاراپ ئەمدى بەزى ئويلىغانلىرىمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئىشتىن چۈشكىچە ئورنۇمدا ھېچ ئىش بىلەن شۇغۇللانماي جىم ئولتۇردۇم. چۈشتە تۈزۈك تاماق يېمىگەچكە قورسىقىم ئاچقاندەك قىلغانىدى. بىردەمدىن كېيىن جىمىپ كەتتى.
    يېرىم كېچىدە قورسىقىم قاتتىق ئاغرىپ ئويغىنىپ كەتتىم. قورسىقىم ھەم ئېچىپ، ھەم تولغاپ ئاغرىۋاتاتتى. بېشىممۇ قۇم قۇيۇپ قويغاندەك ئېغىر ئىدى. قارىسام يەرگە قۇسۇپ ساپتىمەن. ئاستا قوپۇپ سوغۇق سۇدىن بىر چىنە ئېلىپ ئىچتىم. سۇ ئۈچەيلىرىمدە سوغۇق يىلان ماڭغاندەك سېزىم پەيدا قىلدى. يېرىم ئۇيقۇلۇق ئورنۇمدا ئۇيان ئۆرۈلۈپ، بۇيان ئۆرۈلۈپ ئۇزۇنغىچە ئۇخلىيالمىدىم. ياتاق ئىسسىق ھەم دىمىق. تالا تېخىمۇ شۇنداق. كۈندۈزدىكى ئىشلارنى ئويلاشقا باشلىدىم. مۇدىر «دارۋاز» چېچىلىپ چىقىپ كەتتى. ماڭا ھازىر ئۇ ئۆلۈپ كېتىدىغاندەكلا تۇراتتى. بىر ئويلاپ راستلا ئۇنىڭغا تەزىيە يىغىنى ئاچقاندەك ھېس قىلدىم. لېكىن كاللام گاراڭ. ھېچقايسىسىنى جەزملەشتۈرەلمىدىم. ئىشتىن چۈشۈپ ياتاققا كېتىۋاتسام بىر بوتكىدىن چىققان مۇزىكا قۇلىقىمغا يېقىپ قالدى. كىرسەم باشقا ئادەم يوق ئىكەن. قورساقنىڭ ئاچلىقىغا قارىماي بىر رومكا ئىچىپ باقتىم. ئاجايىپ راھەتلەندۈرۈۋەتتى. ھە راست، بىر ساراڭ كىردى. ئۆزى قېرى، قېرىغاندا ساراڭ بولغان ئادەمنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن. ئۇنىڭ كىيىنىشىگە قارىغان ئادەمنىڭ كۆڭلى قاتتىق بىئارام بولۇپ كېتىدۇ. يوغان ساقال بىلەن كىچىك بالىنىڭ ھەربىيچە فورمىسىنى كىيىۋالغان، ئەينىكى يوق يوغان كۆزەينەك تاقىۋالغان. مەن ئۇنىڭغا: «تاغا، بىر رومكا ئىچىپ قويامسەن» دېسەم، «لائىلاھە...» دەپ ياقىسىنى تۇتۇپ ئىمان ئېيتقىلى تۇردى. ئارقىدىن ئالدىمدىكى رومكىنى بۇلاپ دېگۈدەك ئېلىپ گۈپپىدە كۆتۈرۈۋەتتى. ئاندىن پىرە ئويناپ سەكرەشكە باشلىدى. كۆڭلۈم بىردىنلا ئېچىلىپ قالدى. ھە راست، ئۇ بىرنەرسە دېگەندەك قىلغان، نېمىدېگەن بولغىيتتى. كاللام ئاغرىپ كەتتى. شۇ چاغ بەك خۇشال بولۇپ كەتكەنىدىم. ئۆمرۈمدە مۇنداق خۇشال بولۇپ باقمىغان بولغىيتتىم. ئۇ ئۈچ رومكا ئىچتى. تولا ئۇسسۇل ئويناپ ھېرىپ ئولتۇرۇپ قالدى. مەن ئۇنىڭدىن نېمە سورىدىم؟ راست، ئۇ گەپ قىلىپ بېرىۋاتاتتى. ھە راست، ئۇنىڭدىن نېمىشقا ساراڭ بولۇپ قالغانلىقىنى سورىدىم. ئۇ يىراق بىر يېزىلىق ئىكەن. ئۇ ئۆتكەن يىلى كېۋەز تېرىپتۇ. بوران چىقىپ سۇلياۋ يوپۇقنى ئېچىۋېتىپتۇ. مىڭ بالادا يەنە قايتا تېرىسا ئەمدى غوزىلىغاندا مۆلدۈر يېغىپ غوزىسىنى تۆكۈۋېتىپتۇ. ئامالسىز ۋەزىپە ئورۇنلىيالماپتۇ. ئەترەت قويلىرىنى پاختا تاپشۇرۇش ۋەزىپىسىگە تۇتۇپ چىقىپ كېتىپتۇ. ئۇ «ئەرز قىلىمەن» دەپ شەھەرگىچە كەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن شەھەر كۆڭلىگە يېقىپ كېتىپ ساراڭ بولۇۋاپتۇ. ئۇنىڭغا قارىسام گېپى راستتەك تۇراتتى. كېيىن ئۇ مەست بولۇپ قالدى، ئىشىك ئالدىغا چىقىپ يىقىلغان پېتى ئۇيقۇغا كەتتى. راست، ئۇ يەنە بىرنېمە دېگەندەك قىلغانىدى. نېمىدېگەن بولغىيتتى. قورساقلىرىم ئېچىپ كەتتى. كانايلىرىم قۇرۇپ كەتتى. پۈتۈن بەدىنىم قارا يەرگە چۆمۈپ كېتىپتۇ. يەيدىغان ھېچنەرسە يوق. مىڭ تەستە قوپۇپ يەنە بىر چىنە سۇ ئىچتىم. بايا ئىچكەن سۇ پۈتۈنلەي تەر بولۇپ چىقىپ كەتكەندەك تۇراتتى. مىڭ تەستە يەنە ئورنۇمغا كېلىپ ياتتىم. بىردەم ئۇخلىغاندەك بولۇپ يەنە ئويغىنىپ كەتتىم. ئەتراپقا قۇلاق سالدىم. توك سائىتىنىڭ سەت غۇڭۇلدىشىدىن باشقا ئاۋاز يوق ئىدى. سىرت راستتىنلا جىمجىت، ۋاقىت يېرىم كېچىدىن ئاشقانىدى. تەرلەپ كەتتىم. ياق، بەدىنىمدىن سۇ قۇيۇلۇۋاتىدۇ. يۈرىكىم ئېغىر سوقۇۋاتاتتى. ئەمدى ئورنۇمدىن تۇرالىغۇدەك ماغدۇر قالمىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. يۈرىكىمنىڭ ئېغىر سوقۇشى، مېڭەمنىڭ غوڭۇلدىشى، ئاشقازىنىمنىڭ ئاچچىق ئېچىشىشى. مەن بۇلارنى ئۇنتۇشۇم كېرەك. مېنى ئۈگدىتىپ داۋالاۋاتقاندەك خىيالىي تۇيغۇدا بولۇپ قالدىم. مەن بىر مەيداندا تۇراتتىم. ئەتراپىمدا كەپتەرلەر قىمىرلاپ يۈرەتتى. ماڭسام ئۇچۇپ كېتەتتى. ئارقامغا قارىسام يول يوق. ئالدىمدىمۇ يوق. ھەممە يەرنى كەپتەر قاپلاپ كېتىپتۇ. ئاسمانغا قارىسام، ناھايىتى ئېگىزدە بىر ئادەم خادىمۇ تۇتماي دارۋازلىق قىلىۋېتىپتۇ. قاراپ ھەۋەس قىلدىمغۇ دەيمەن، ئۇنىڭ مېڭىشى ھەقىقەتەن قىيىن ئىدى. شۇڭا شەرەپ تۇيغۇسىدا مېڭىپ كېتىۋاتاتتى. مەن خىيالدىن قۇتۇلاي دېدىم. كەڭ ئاسمانغا قارىدىم. ئاسماندا بۇلۇتلار يوق ئىدى. كۆڭلۈمدە ئاسماندا ھېچنەرسە يوق. ھېچنەرسە ئويلىمايمەن دەپ ئويلىدىم. ئاسمان سۈزۈك ھەم كۆك. چەت-چەتلىرىگە قارىسام ھېچنەرسە كۆرۈنمىدى. نېمىدېگەن راھەت. ياق، بىرنەرسە تۇرىدۇ. مەن ھېچنەرسە يوق دەپ شۇ يەرگە قارىغانىدىمغۇ؟ ھاۋادا بىرنەرسە لەيلەپ يۈرەتتى. مېنىڭچە، ئىشخانا مۇدىرى ئەمەس ھەم ئۇنداق بولۇشىنى خالىمايمەن. ئاپئاق يۇمران بۇلۇتمىدۇ؟ ئۇ بىردە يوغىنايتتى، بىردە كىچىكلەيتتى. ئەجەب ئىچىم سىقىلدى. نېمىشقا كۆرۈنمەيدىغاندۇ؟ ھە، بەك تونۇش چىراي، قىپيالىڭاچ. تولغان جەزبىلىك، ئادەمنىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدۇ. ئۇ ئاغزىنى ئېچىپ تۇرىدۇ. ھەي باقەم، سېنى... بىرنەرسە تاراققىدە قىلدى. مەن مۇدىرنىڭ كۆزەينىكى دەپ ئويلىدىم. ئۇ ئارقىدىن تاقىر بېشىنى ئۇزاق سىلىدى. مەن ئاسماننى يۈتتۈرۈپ قويدۇم. كېچە نېمىشقا تاڭ ئاتمايدىغاندۇ؟ مەن يەنىلا ئەمەلىي نەرسە ئويلاي. راست، ھېلىقى ساراڭ «نېمىشقا بالدۇرراق ساراڭ بولۇۋالمىغاندىمەن» دېگەنىدى. مەن ئۇنىڭدىن «ھەي تاغا، سەن ساراڭ ئەمەس، نېمىشقا ساراڭ بولۇۋالدىڭ؟» دەپ سورىدىمغۇ دەيمەن. ئۇ نېمە دېگەنىدى. راست، «شەھەرگە كېلىپ باقماپتىمەن. بىر كېلىپ كۆڭلۈم ئۆسۈپ كېتىپ ساراڭ بولۇۋالدىم» دېگەن. ئۆزىنى زاڭلىق قىلىپ قاقاقلاپ كۈلگەن. كۈلگەندە كۆزىدىن ياش چىقىپ كەتكەن. ياق، يىغلىدىغۇ دەيمەن. سۇ ئىچىشىم كېرەك ئىدى. لېكىن قوپقۇدەك ماغدۇرۇم يوق. بىرنەرسە ئويلىشىم كېرەك. راست، نېمە ئىش بۇ؟! مومامنىڭ جاينامىزىدا ياشار ۋىلىقلاپ كۈلۈپ تۇرۇۋالغۇدەك... ھەي، كاللام نېمە بولدى. باشقا بىرنەرسە ئويلاي. ئۇ مېنى سۆيەتتى. مەن ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋالغانىدىم. دىل كىرىپ قالارمۇ؟ «ئاكا، ماڭا خەت يازغىن، مېنى كۆرگىلى بارغىن». مەن ناھايىتى قىيىن ئەھۋالدا قالدىم. دىل چىرايلىق ئاغزىنى ئېچىپ تۇراتتى. بىر قوزىچاق تۈگۈلۈپ شۇنداق ئوماق ئۇخلاپ قاپتۇ. ئۇ نېمىدېگەن ساددا، ئوماق. نېمىدېگەن تولا تەردۇ. ھەي، خۇدا، مېنىڭ نامىزىمنى چۈشۈرەرمۇ؟ چۆچۈپ كەتتىم. بىرى داردىن يىقىلىپ چۈشتى. ھەي باقەم... مەن تام تەرەپكە سۈرۈلدۈم. لېكىن ھېچ مىدىرلىغاندەك قىلمىدىم. خۇددى يوغان ئۆمۈچۈك قاپسىۋالغاندەك. مۇستەھكەم تۈكلۈك پۇت قىسىۋالغاندەك. مەن سىقىلىپ كەتتىم. بۇرۇقتۇرما بولۇپ كەتتىم. ئەمدى بىر نەرسە ئويلىمىسام، ئۇخلىسام بولاتتى. چوڭ ئانام چىشسىز يوغان ئاغزىنى ئېچىپ يوداۋاتاتتى. شېرىن بىر ئۇيقۇ كېلىش ئالدىدا تۇرغاندەك تۇراتتى. ئۈگدىتىپ داۋالاۋاتقاندەك. چۈشۈمدە چوقۇم ھۆر-پەرىلەر بىلەن بىرگە بولىمەن. ئەمدى ھېچنەرسىنى ئەسلىيەلمىدىم. كاللامغا ئۇيقۇغا قانداق غەرق بولۇش توغرىسىدىكى پىكىردىن باشقا نەرسە كەلمىدى. ئۇيقۇ قەلب يارىسىنى تۈگىمەس ئەللەيلىرى بىلەن بەزلەيدىغان، قالايمىقان خىياللاردىن ئازاد قىلىدىغان مېھرىبان ئۇيقۇ. ئەمدى پەقەت كاللام مۇئەللەقتە ئۈزۈپ يۈرەتتى. دىمىقچىلىق، دارۋاز، ھەي باقەم، دېگەن ئاۋاز. بەدىنىم پۈتۈنلەي ئۇنتۇلدى. ئەمدى ئازابتىن قۇتۇلغاندەك تۇيغۇغا كەلدىم. قانداق تاتلىق، گۇگۇمدەك، كۈزدەك مېھرىبان. مەن ئۇخلىشىم كېرەك، بۇ شېرىن بىر ئۇيقۇ...
    

     

     

ئەسكەرتىش:
ئوكيان تورىدىكى بارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى ئوكيان تورىغا مەنسۈپ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشكە، قانۇنسىز نەشىر قىلىشقا، ھەرقانداق مېدىيا ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىشقا بولمايدۇ. خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ. قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقاتقان تور بىكەتلەر ئاشكارە ئېلان قىلىنىدۇ.